كۆرۈش: 50877|ئىنكاس: 78

بايقاشتىن ماتېرىيالنى مۇنداق ئىزدەيمىز

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بايقاشتىن ماتېرىيالنى مۇنداق ئىزدەيمىز

بىز بايقاش توپىدا ھەرخىل ماتېرىياللار توغرىسىدا ياردەم ئۇچۇرلىرىنى دائىم كۆرۈپ تورىمىز. ئۇلارغا ماتېرىيال بار سەھىپىنى دەپ بەرسىڭىزمۇ يەنە تاپالمىغانلىق توغرىسىدا ئۇچۇر يوللاپ تېمىنىڭ ئۆزىنى تىپىپ ئادىرسىنى ئىۋەتىپ بەرمىگىچە ئۇلارنىڭ ئۇچۇرىدىن قۇتۇلالمايمىز. نىمىشقا بار يەرنى كۆرسىتىپ بەرسەكمۇ تاپالمايمىز؟ چۈنكى بىزنىڭ ئىزدەش ئۇسۇلىمىزدا مەسىلە بار. مەسىلىلەر تۈۋەندىكىچە:
1. ئىزدىمەكچى بولغان ماتېرىيالنىڭ نامىنى ئۇيغۇرتىلى ئىملا قائىدىسى بۇيىچە يازمايمىز.
2. ئىزدىمەكچى بولغان ماتېرىيالنىڭ تولۇق نامىنى يېزىپ ئىزدەيمىز. بۇنداق بولغاندا توغرا ئىزدەپ تېپىش نىسبىتى تۈۋەن بۇلىدۇ. قانچە كۆپ خەت يازساق  ئىملا خاتالىقى ۋە باشقا خاتالىقلار كۆپ يۈز بېرىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بار ماتېرىيالنى تاپالماي قايتىمىز.
ھەل قىلىش ئۇسۇلى:

1. ئىزدەش رامكىسىدىن ئىزدەش:
ئىزدىمەكچى بولغان ماتىرىيالغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇھىم ئاچقۇچلۇق سۆز بۇلىدۇ. ئاچقۇچلۇق سۆز  قانچە ئاددى ھەم قىسقا بولسا ئىزدەپ تېپىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بۇلىدۇ. ئەگەر ئاچقۇچلۇق سۆز ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بۇلۇپ قالسا ئارىسىغا بوشلۇق بىرىپ ئىزدىسەك بولىدۇ.
مەسىلەن: بىز «باشلانغۇچ 1-يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ماتېماتىكا دەرس تەييارلىقى» نى ئىزدىمەكچى بولساق، بىز ئىزدەش رامكىسىغا ھەممىسىنى كىرگۈزۈشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەتلا ئىچىدىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى ئېلىپ يەنى: «باشلانغۇچ 1-يىللىق ماتېماتىكا» ياكى «1-يىللىق ماتېماتىكا»دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدىسەك ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىمىز، ھەم كۆپ ھەم ئەتىراپلىق ئىزدەش ئېلىپ بارالايمىز.

未标题-1.jpg


2. سەھپىلەرگە كىرىپ ئىزدەش:
بىز تورداشلارنىڭ ماتىرىيال يوللىشى، ئىزدىشىگە قولاي بولسۇن ئۈچۈن ھەرقايسى كىچك تۈرلەر بۇيىچە سەھىپە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ يەردىن ئىزدىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.
ئىزدەش ئۇسۇلى:
سىز بايقاشنىڭ مۇنبەر قىسمىغا كىرىپ، تېما تىزىملىكىنىڭ ئاستى تەرەپكە قارىسىڭىز. تۈۋەندىكىچە سەھىپە رامكىلىرى بار. بىز «باشلانغۇچ 1-يىللىق 1-ماۋسۇملۇق ماتېماتىكا دەرس تەييارلىقى» نى ئىزدەپ باقايلى.


ئالدى بىلەن «دەرس تەييارلىقى» دىگەن چوڭ سەھىپىنى تاپىمىز، ئۇندىن كىيىن «1-ماۋسۇم»نى چىكىمىز.


ئۇندىن كىيىن «باشلانغۇچ  1-يىللىق» دىگەن كىچىك سەھىپىنى چىكىمىز.


سىز ئىزدىمەكچى بولغا ماتىرىيال دەل مۇشۇ يەردىكى تىزىملىكتە كۆرىنىدۇ.


ئەگەر بۇ بەتتە بولمىسا «كىيىنكى» دىگەن كونۇپكىنى بېسىپ كىينكى بەتتىن ئىزدىسىڭىز بۇلىدۇ.




baykax - بايقاش ئەسكەرتمىسى

ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش:

بايقاشتىكى ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنىڭىز شۇ ماتېرىيالنىڭ سىزنىڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. سىزنىڭ پەقەت پايدىلىنىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ. تور بىتىمىز تەمىنلىگەن ھەرقانداق بىر ماتىريالنى تور بىتىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ،ھەرقانداق بىر توربەت،بىلوگ،ياكى ھەقسىز تور دىسكىسى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدلىنىپ شەخىسلەرنىڭ ئۆزئالدىغا تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئەھۋال بايقالسا مۇناسىپ قانۇنى جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىڭىزگە ئالىسىز. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2013-8-4 16:09:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئۇسۇل بوپتۇ.رەھمەت سسسللەرگە
ۋاقتى: 2013-6-6 18:41:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىر ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلىپسىز.

باھا سۆز

ھەقىقەتەن ياخشى ئۇسۇلكەن ،مەن بىلىۋالدىم  ۋاقتى: 2013-11-30 19:51
مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى  ۋاقتى: 2013-10-5 20:31
ۋاقتى: 2013-3-29 19:22:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىمىگەنلار ئۈچۈن ياخشىبىلىم بوپتۇ بۇ  
ۋاقتى: 2013-3-29 19:25:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بايقاش تورىغا يېڭىدىن قوشۇلغان ئەزالار ئۈچۈن ياخشى ماتېرىيال ئىكەن.رەھمەت!
ۋاقتى: 2013-3-29 21:31:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايقاشتا بىلمىگەنلەر ئۈچۈن تۇلىمۇ ياخشى بۇپتۇ . رەخمەت سىزگە
ۋاقتى: 2013-3-29 22:06:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھەقىقەتەنمۇ يېقىندىن بۇيان تېمىنى تاپالمىدىم دەپ  ئۇچۇر قىلىدىغانلار كۆپىيىپ قالغان ئىدى . ئۇلارغا ئادرىسىنى ئەۋەرتىپ بەرسىڭىز ئادەمنى ئەخمەق قىلغاندەك تىللايىم يېتىشمىدى داۋاتقان ،  قاتتىقراق گەپ قىلاي دىسىڭىز تېخى .  بۇ ياخشى تېما بولۇپتۇ. بۇندىن كېيىن ئاشۇ ئىزدىگەن تېمىسىنى تاپالمىغانلارغا ئادرىسىنى ئەۋەرتىپ بەرسەك بولغىدەك . ئۇلار تەييارغا ھەييار بولۇپلا يۇرمىسۇن .

باھا سۆز

مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى  ۋاقتى: 2013-10-5 20:32
ۋاقتى: 2013-3-29 22:11:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدەش يولىنى بىلالمىغان دوستلىرىمىز ئۈچۈن ياخشى تېما بوپتۇ بۇ !

باھا سۆز

مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى  ۋاقتى: 2013-10-5 20:32
ۋاقتى: 2013-4-6 22:17:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى ئەتراپلىق بۇلۇپتۇ .جۇمۇ

باھا سۆز

مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى  ۋاقتى: 2013-10-5 20:30
  ۋاقتى: 2013-9-15 02:22
ۋاقتى: 2013-4-8 20:07:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدەش يولىنى بىلالمىغان دوستلىرىمىز ئۈچۈن ياخشى تېما بوپتۇ بۇ !

باھا سۆز

مىللى مائارىپنى گۈللەندۈرۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ۋە مەجبۇريىتى  ۋاقتى: 2013-10-5 20:31
ۋاقتى: 2013-5-15 20:48:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماتىرىيال ئىزدەشنىڭ تەرتىپ قائىدىلىرىنى بىلىۋالدىم.مەن دائىم ماتىرىيالنىڭ تۇلۇق نامىنى كىرگۈزۈپ،ئىزدەش ئۈنىمىگە تۇلۇق ئېرىشەلمەيۋاتقان ئىكەنمەن،
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ

ئىنكاس يوللاش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولىمەن

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


تېز ئىنكاسچوققىغا قايتىشسەھىپىگە قايتىش