مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2090 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئوگلان 1 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشىمۇ سىلەر دوسلار؟

  • زەپەر تۈنۈگۈن 22:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇلۇقسىزنىڭ بۇ ماۋسۇملۇق ئانا تىل جۇغىراپىيە دەرىس تەييارلىقى كامدەك قىلىدۇ .

  • ئارچا تۈنۈگۈن 22:05 [ئىنكاس(1)] [...]

    كۆزيېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شېرىن بولىدۇ،غەم -قايغۇدىن كىيىن ئېيتقان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ.

  • siginix1212 تۈنۈگۈن 17:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەر تىللاسىنى پۇل تۆلەپ ئىلىش ئىقتىدارىنى ئىچىۋەتكەن بولساڭلار

  • 1چىچەك تۈنۈگۈن 17:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەركەت ئۆلچىمى كىمدە بار؟يوللاپ قويساڭلار.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 22:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇلۇقسىز ئوتتۇرنىڭ 1- ماۋسۇملۇق جۇغىراپىيە دەرىس تەييارلىقىنى يوللىغۇچىلارغا تىللا مۇكاپات بىرلىدۇ 10

  • ئارچا تۈنۈگۈن 22:08 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىڭىرقاشتىن يۈلىنىپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ،يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىپ كۆتىرەڭگۈ بولىدۇ

  • ئارچا تۈنۈگۈن 22:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆزيېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شېرىن بولىدۇ،غەم -قايغۇدىن كىيىن ئېيتقان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ.

  • 1چىچەك تۈنۈگۈن 17:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشقىلارنى بەختسىز قىلساڭ ،ئۆزۇڭمۇ بەخىتكە ئېرشەلمەيسەن .

  • زەپەر تۈنۈگۈن 12:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچىلار تەييارغا ھەييار بۇلىدىغان ناچار ئادەتنى تۈگۈتەيلى

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:02 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، تىرىشماسلىق ئەيىپ!

  • ئامان تۈنۈگۈن 01:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللىغاندا تېما ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ يوللايلى!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 22:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇلۇقسىز ئوتتۇرنىڭ 1- ماۋسۇملۇق جۇغىراپىيە دەرىس تەييارلىقىنى يوللىغۇچىلارغا تىللا مۇكاپات بىرلىدۇ 10

  • ئارچا تۈنۈگۈن 22:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆزيېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شېرىن بولىدۇ،غەم -قايغۇدىن كىيىن ئېيتقان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ.

  • 1چىچەك تۈنۈگۈن 17:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    دۇنيادىكى ئەڭ موھىم ئىش قەيەردە تۇرغانلىقىمىز ئەمەس،قەيەرگە قاراپ ماڭغانلىقىمىز.

  • 1چىچەك تۈنۈگۈن 17:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    بەخىت ئالتۇن – كۆمۈشكە تولغان ئۆيدە بولمايدۇ .

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان تۈنۈگۈن 02:01 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار تېما يوللاشتا ھەر ۋاقىت سىزگە يول كۆرسىتىدۇ، تارتىنماڭ!

  • ئامان تۈنۈگۈن 01:56 [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

كۆرۈش: 593|ئىنكاس: 14

ئەجىر ئۇنتۇلماس،ئىزلار كۆمۈلمەس

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

99

تېما

42

دوست

5431

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1376 سەر
تىللا
373 دانە
تۆھپە
887 سەر
شۆھرەت
907 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 23:34:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-9 19:26  

[1-110515123059.jpg

ئەجىر ئۇنتۇلماس،ئىزلار كۆمۈلمەس
(ئاپتۇنۇم رايۇن دەرجىلىك ئالاھىدە ئوقۇتقۇچى مۇھەممەت ئەخمىدى توغىرسىدا)
ياش كۆچەتنىڭ مىۋىسى تاتلىق بولىدۇ،- دېيىشىدۇ كىشىلەر. شۇنداق، بىزنىڭ ئىلىم- مەرىپەت بىغىمىزدىمۇ ئۆزىنىڭ ياش، يىڭىلىقىغا قارىماي، جاپالىق ئەجىر- مىھنىتى بىلەن ۋەتەننىڭ گۈل- غۇنچىلىرىنى پەپىلەپ يىتىشتۈرۈپ، ئەل ماختىغىدەك شىرىن مىۋىلەرنى بىرىۋاتقان، ئۆزىنى ئەۋلاتلارنىڭ بەخت- سائادىتى، ۋەتەننىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە بېغىشلاپ، مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈن-تۈنسىز ھالال تەر ئاققۇزىۋاتقان  تىرىشچان باغۋەنلىرىمىز ئاز ئەمەس. يەكەن ناھىيلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپ (سابىق يەكەن پېداگوگىكا مەكتىپى) نىڭ تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، كومپارتىيە ئەزاسى مۇھەممەت ئەخمىدى ئەنە شۇنداق ئۆزى دەرس بېرىۋاتقان  ئوقۇغۇچىلىرى، ئۆزىدىن چوڭ ياكى كىچىك خىزمەتداشلىرى، ئاتا-ئانىلار، دوستلىرى، ناھىيە تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئارىسىدا تېگىشلىك ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەر  بولۇپ كېلىۋاتقان  ،مائارىپتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار كەسىپكە چىن يۈرىكىدىن ئەقىدە-ئىخلاس بىلەن مۇئامىلە قىلىپ،ھايات مۇساپىلىرىدىن گۇل ئېچىلدۇرۇپ مېڭىۋا تقان  ئقتىدارلىق   باغۋەنلەرنىڭ بىرى.
1987 - يىلى7-ئايدا قەشقەرپېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن مۇھەممەت ئەخمىدى  سابىق يەكەن پېداگوگىكا  مەكتىپىگە تەقسىم قىلىنىپ، جەمئىيەتتىكى ئەڭ  قەدىرلىك كەسىپ - ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى.
يەكەن پېداگوگىكا  مەكتىپى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلىرى ئۈچۈن  ئوقۇتقۇچى تەربىيلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان يەكەن دەريا ۋادىسىدىكى تارىخى ئۇزۇن  مەرىپەت بۆشۈكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ،  بۇ مەكتەپنىڭ  ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى خىل، سەۋىيسىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى، ئوقۇتۇشتىكى تەلەپ قاتتىق ئىدى، تەجىربىلىك ئوقۇتقۇچىلارمۇ خىلى كۆپ ئىدى. مۇھەممەت ئەخمىدى  خىزمەتتە قاتتىق تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ۋە تۇلپارلار بەيگىسىدە ئۈزۈپ، بىر ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولۇش ئىستىكىدە خىزمەتكە كىرىشكەن كۈندىن تارتىپلا يۈكنىڭ ئېغىرىنى كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلدى. ئۆزىنى مائارىپقا ، كەلگۈسىنىڭ ياراملىق ئىز باسارلىرىنى تەربىيلەشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشقا ئاتىدى. ئۇ ياراملىق بىر مائارىپچى بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن  سىياسى- ئىدىيۋى جەھەتتىكى تەربىيلىنىشكە،كەسپى ساپاسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە  ئىزچىل ئەھمىيەت بىرىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا زور كۇچ سەرىپ قىلدى.
بۇ جەرياندا ظذ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پارتىينىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، كەسىپكە چۇڭقۇر ئىشتىياق باغلىدى. مەكتەپ تەشكىلنىڭ ھەر تۈرلۈك  ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، ھەرقانداق ۋەزىپە تاپشۇرۇلسا، ئۇنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئۇنى يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغىسى ۋە زور تىرىشچانلىق بىلەن ئورۇندىدى. ئۇ ، ئوقۇتۇش بىلەن ئادەم تەربىيلەشتىن ئىبارەت قوش يۈكنى زىممىسىگە ئېلىش پىرىنسىپىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئوقوغۇچىلارنى قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇتۇشتا ئەستايىدىل، ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ  ئەڭ نازۇك ھالقىلىردىمۇ  ناھايىتى تەلەپچان بولۇشتەك بىر ياخشى كەسپىي ئەخلاقنى يىتىلدۈردى.
ئۇ دەرىسخانا ئوقۇتىشى ۋە سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتىدىن پايدىلنىپ ئوقۇغۇچىلارغا، كىتابى بىلىم بىرىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، ئۆزى ئۆتكەن دەرىس مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ  ئوقۇغۇچىلارغا كومۇنىستىك ئەخلاق، ماتىريالىزىملىق دۇنيا قاراش، ۋەتەننى، ئەمگەكنى، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى سۆيۈش تەربىيسى ئىلىپ بىرىشنى ئوقۇتۇشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسىدا بولۇشقا تىگىشلىك بۇرچىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدىن چىقارمىدى. ئۇ ئوقۇتۇشتا مەكتەپتىكى پىشقەدەم، تەجىربىلىك، ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇلاردىن پېدا گوگىكا، پېسخولوگىيە، تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇش مىتودىكىسى بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگەندى ۋە ئۆگەنگەنلىرىنى ئوقۇتۇش مەزمۇنى،  ئوقۇتۇش ئوبىكىتلىرىنىڭ ئالاھېدىلىكىگە ئاساسەن ئوقۇتۇش ئەمەلىيتىگە يىتەكچى قىلدى. ئۇ ئوقۇتۇش جەريانىدا ئۆز كەسپىگە بولغان تەلەپنى كۇچايتىپ، ئۆگىنىش ۋە تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىلىم دائىرسىنى كىڭەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى كەڭ دائىردە ئەتراپلىق تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ رازى بولۇش نىسبىتى %100گە يەتتى. ئۇ ئوقۇتۇش ئەمەلىيتى جەريانىدا دەرىسلىك ئىسلاھاتىغا دادىل ماسلىشىپ، كۆپلەپ ماتىريال كۆرۈش، تەجىربە ئۆگىنىش، ئېزدىنىش ئارقىلىق  دەرسخانا ئوقۇتىشىدا ئۆزلۈكسىز يىڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بەردى.
ئۇ ھەر بىر سەئەتلىك دەرسنىڭ ئالاھېدىلىكى بويىچە ئەتراپلىق دەرس لاھېيسى تۈزۈپ، دەرس ئۆتۈش شەكلىنى ئىزچىل يىڭىلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويوپ،  بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قېزىقىشىنى قوزغاش مەقسىتىگە يەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسنى چۈشۈنىش، مەزمۇننى شۇ سائەتنىڭ ئۆزىدىلا تولۇق  ئۆزلەشتۈرۈش مەقسىدىگە يەتتى.  مۇھەممەت ئەخمىدى  ئوقوغۇچىلارنىڭ ئەقلىي قابىليىتىنى ئاشۇرۇش، ئەتراپلىق، پۇختا بىلىم ئېلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تەنە  بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز ئىزدەندى، كىچە- كۈندۈز باش قاتۇردى. ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش ئۈچۈن پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى كۆپلەپ ئاڭلاپ،  كەمتەرلىك بىلەن ئۈگۈنۈش ئاساسىدا تېخىمۇ  ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللاندى. دەرسنى جانسىز، قاتمال ئۆتۈشتىن ھەر دائىم ساقلاندى. يېڭىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى قوللۇنۇپ دەرسنى ئەتراپلىق، پۇختا تەييارلاپ، ئوقوغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش شەكلى بىلەن يىتەكلەپ، سورالغان سۇئاللارغا ۋاقىت، ئورۇن تاللىماي ۋاقتىدا، قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بىرىپ، ئوقوغۇچىلارنى تولۇق  رازى قىلدى.
مۇھەممەت ئەخمىدىنىڭ تىرىششى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى،  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ياخشى باھالىرى، ئۆز مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ھەم ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار  ئارىسىدىكى ئۇ توغۇرلۇق ياخشى ئىنكاسلار،  ئوقۇتۇش گۇرۇپىلىرىدا ئىلىپ بىرىلغان تۈرلۈك مۇھاكىمىلەردىكى تىرەن ئەتراپلىق، ئورۇنلۇق پىكىرلىرى مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتماي قالمىدى.  رەھبەرلىك ئۇنىڭغا دىققىتىنى ئاغدۇردى.  ئۇنى تىخىمۇ چىنىقتۇرسا، يىتەكلىسە تەلەپنى كۇچەيىتسە، ئۇنىڭدىن چوقۇم نەتىجە چىقىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى دەرس ئۆزلەشتۈرمەك بىر قەدەر قىيىن دەپ قارىلىپ كىلىۋاتقان سىنىپلارغا دەرس بىرىشكە، باشقۇرۇش، تەشكىللەش تەسرەك بولغان سىنىپلارغا سىنىپ مۇدىرى بولۇشقا بەلگۈلىدى. ئۇ بۇ جەھەتتىمۇ ئۆز تىرىشچانلىقى ۋە ئىزدىنىش روھى بويىچە يول ئىچىپ ئىلگىرلەپ،  ئۇ سىنىپلارنىڭمۇ تەشكىللەش، دەرىس ئۆزلەشتۈرۈش، سالمىقىنى ئۆستۈرۈپ مەكتەپ تەشكىلىنىڭ ئۆمىدىنى ئاقلىدى. ئۇ دەرس مەزمۇنى ۋە سىنىپ يىغىنلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوقوغۇچىلارغا ئادەم بولۇشنىڭ  يوللىرىنى ئۈگۈتۈپ، پارتىينى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزىمنى، ئىلىم- پەننى، ئەمگەك ۋە ئەمگەكچىلەرنى قىزغىن سۆيۈش،  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەش توغرىسىدا تەربىيە بىرىشنى ئىزچىل چىڭ تۇتتى.  بۇ ئارقىلىق سىنىپتىكى ئارقىدە قالغان، ئۆگىنىش، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئوقوغۇچىلارغا ياردەم بىرىپ، يىتەكلەپ ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ھەم گۈزەللىك  جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يىتەكلىشى، سەمىمىي ياردىمى ئاستىدا ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەن، ئەخلاقى ناچار دەپ قارالغان ئوقوغۇچىلار  ئۆزگىرىپ، ياخشىلار قاتارىغا ئۆتتى.  ئۇ شۇنىڭ بىلەن ئارقا- ئارقىدىن تۆت قارار سىنىپ باشقۇرۇپ، رەھبەرلىكنىڭ ئىشەنجىسىگە ئىرىشتى. ئۇ باشقۇرغان سىنىپ ھەريىلى ئۆگىنىش ۋە ئىجتىمائى پائالىيەتلەردە مەكتەپ بويىچە «ئىلغار سىنىپ كوللىكتىپى»،  «مەنىۋى مەدەنىيەت بەرپا قىلىشتىكى ئىلغار كوللىكتىپ»،‹‹ئىككىنچى دەرسخانا پائالىيىتىدىكى ئىلغار سىنىپ››،  ئۆزى بولسا «ئىلغار سىنىپ مۇدىرى » ،‹‹تەلىم –تەربىيە خىزمىتىدىكى ئىلغار شەىس››بولۇپ باھالىنىپ  يىلمۇ –يىل مۇكاپاتلاندى.
مۇۋاپىقىيەت ۋە شان شەرەپ ھامان ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپ، مۇھەممەت ئەخمىدىنىڭ تىرىشچانلىقى، ئىزدىنىشى مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرشىگە ئىرىشتى. رەھبەرلىك ئۇنى 1999- يىلى تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپىسىنىڭ مەسئۇللىقىغا بەلگۈلىدى. ئۆز زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ يەنىمۇ ئىغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلغان مۇھەممەت ئەخمىدى ئۆزىگە بولغان تەلەپنى يەنىمۇ كۇچايتىپ، كەسپى خىزمەتلەر بىلەن ئوقۇتۇش گۇرۇپا خىزمەتلىرىنى ياخشى ماسلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ياخشى ئىتىپاقلاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، دەرىس تەييارلىق، ساپا مائارىپى، يىڭى دەرىس ئىسلاھاتى،يېڭىچە ئوقۇتۇش ئەندىزىسى  ھەققىدە تەتقىقات ئىلىپ بىرىشقا، تەتقىقات خاراكتىرلىك دەرىس ئۆتۈشكە، مۇسابىقىلىق دەرس ئۆتۇشكە،  دەرس ئىسلاھاتى لاھىيسى ئاساسىدا تەتقىقات ئىلىپ بىرىشقا يىتەكلەپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشتى..جۇڭگۇ ۋە چەتئەل يازغۇچى- شائىرلىرى،  تەتقىقاتچىلىرى، ئالىملىرى، بۇيۇك كەشپىياتچىلىرى ، دەرسلىككە ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن يازغۇچى -شائىرلاردىن بولۇپ جەمئې 67كىشىنىڭ رەسىمىنى چوڭايتىپ، تەرجىمەھالى،ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنى قوشۇپ جازىلاشتۇرۇپ ئىشخانىغا يېپىشتۇرۇش ئارقىلىق  دەرس ۋاختىدا ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسەتمە قىلىشقا ياخشى شارائىت ھازىرلىدى.
قىسقىغىنا بىرقانچە يىل ئىچىدە بۇ ئوقۇتۇش گۇرۇپىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار يازغان 32پارچە تەتقىقات ماقالىسى ۋە ئۆزى باشقۇرغان ‹‹ئىجادىيەت كۇرژىكى››دىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ 150پارچىغا يېقىن ئەدەبى ئەسىرى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى ھەرقايسىى گېزىت، ژورناللاردا ئارقا- ئارقىدىن ئىلان قىلنىپ، مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.            ئۇ ئوقۇتۇشتا دەرىس تەستىقلاش، دەرس ئاڭلاش، ئىمتىھان ئىلىش خۇلاسىلاش، جەھەتتىكى ئەنئەنىۋى رامكىنى بۇزۇپ تاشلاپ، پۈتۈن مەكتەپ ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ئۈچۈن باشلامچى بولۇپ كەلدى. بولۇپمۇ ئۇ ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ماقالىسى يىزىش، ئەدەبى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، جەھەتتە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، مەكتەپنىڭ دەرسلىك ماتىريالى كەمچىل شارائىتتا «بالىلار ئەدەبىياتىدىن سۇئال- جاۋاپ»(150بەت)ناملىق كىتاپنى تۈزۈپ بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. ئۇنىڭ يەنە ئوتتۇرا دەرجىلىك پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن «ھۆسنىخەت ئوقۇتۇش يىتەكچىسى»(2002-يىلى5-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىدىن)، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن «ئەدەبىيات يىتەكچىسى»(8قىسىم، 2000-يىلى 5-ئايدا قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتىدىن)، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇيغۇر تىلى دەرىسلىكىدىكى «كۆنۈكمە ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىك  جاۋاپلىرى»(2002-يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشىرياتىدىن) قاتارلىق كىتاپلىرىى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
ئۇندىن باشقا  «مەرىپەت غۇنچىلىرى» ژۇرنىلى، «خوتەن  پىداگوگىكا ئالى تىخنىكۇمى ئىلمى ژۇرنىلى»، ‹‹قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمى ژورنىلى››، ‹‹شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇىنۋېرىىستىتى ئىلمى ژورنىلى››، ‹‹شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى››قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئۆزى يازغان «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىملا ۋە تىنىش بەلگىلىرى ھەققىدىكى سەۋىيسىنى ئۆستۇرۇشكە ئەھمىيەت بىرىش لازىم»، «ئاغزاكى سىناق ئىلىشنىڭ بەزى بىر ئۇسۇللىرى توغرىسىدا»، «ئۆردەك، كەپتەر، چۆجە-خوراز چۆچىكىنى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ھەققىدە»، ‹‹ئوقۇتۇش گۇرۇپپا مەسئۇللىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك قابىلىيەتلەر››، ‹‹سىنىپ مۇدىرلىرى ئوقۇغۇچىلارنى چۈشۈنىشتە قانداق ساپا ھازىرلىنىشى كېرەك؟››،‹‹ئوقۇتقۇچىلار بىزار بولىدىغان مەكتەپ مۇدىرلىرى››،‹‹ئىلمى مۇدىرلار قانداق ئىقتىدار يېتىلدۈرىشى كېرەك››،   قاتارلىق 25پارچىدىن ئارتۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات  ماقالىسى ئىلان قىلىنىپ جەمئىيەتتە ۋە كەسىپداشلىرى ئارىسىدا ياخشى تەسىر قوزغىدى. . مۇھەممەت ئەھمىدى  مەرىپەت بىغىدىكى ياش، ئىشچان باغۋەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تىرىشچان، ياش ئىجادكار. ئۇ 1990-يىلىدىن باشلاپ قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ ئەزاسى. ئۇ بوش ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ شېئىرىيەت  ئىجادىيىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللاندى.  ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى نوپۇزلۇق گېزىت- ژورناللاردا  750 پارچىدىن ئارتۇق  شېئىرى  ئېلان قىلىنغاندىن باشقا، «جانان بىلەن ئىيىتقان ناخشىلار»( قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتىدىن، 1990-يىلى) ، «سۆيۈۋالاي مەڭزىڭگە قۇياش»( قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتىدىن2001-يىلى)، «تەنھا تىنىقلار» (شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشىرياتىدىن2002-يىلى) قاتارلىق ئۈچ پارچە شېئىرلار توپلىمىى نەشىر قىلىنىپ، جەمئىيەتتىكى ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس  قوزغىدى.
ساپ ۋە سەمىمى نىيەت بىلەن قىلىنغان مىھنەت ھامان مىۋە بەرمەي قالمايدۇ. مۇھەممەت ئەخمىدىنىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئالدىدىكى مەجبۇرىتىنى تونۇشى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە تۇرغۇزۇلغان ھەقىقى ئەقىدىسى، ئۇنى مەكتەپ تەرىپىدىن 18 قىتىم، تۈرلۈك شان شەرەپلەرگە نائىل قىلغاندىن سىرىت يەنە يەكەن ناھېيلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن 15 قىتىم «ئىلغار ئىجادىيەت خادىمى» ، «مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلىشىدىكى ئىلغار شەخس»،‹‹تۆھپىكار ئىجادىيەتچى››‹‹يېڭى دەۋىر ئىجادىيىتىدىكى تۆھپىكار شەخس›› قاتارلىق شان شەرەپلەرگە ئىرىشتۈردى. ئۇيەنە  خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى، يۈكسەك كەسىپچانلىقى ۋە تىرىشچانلىق روھى، ئەمەلىي قول سېلىپ ئىشلەشتەك شىجائىتى ئارقىلىق تەشكىل ۋە ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا سازاۋەر بولۇپ كەلدى. 1995- يىلى 12- ئايدا لىكتۇرلۇق ئىلمى ئۇنۋانىغا ،2005.يىلى ئالى لېكتورلۇق ئىنۋانغا ئىرىشتى. 4.200- يىلى «ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى» بولۇپ مۇكاپاتلىنىپ ئۇنىڭ ئىلغار  ئىش-ئىزلىرى «شىنجاڭ مائارىپى»  ژورنىلى، «شىنجاڭ ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقاتى» ژورنىلى،‹‹مائارىپ ۋە كەسىپ›› ژورنىلى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››،‹‹ئاسىيا كىندىكى گېزىتى››، ‹‹قەشقەر گېزىتى››،›  قاتارلىق مەتبۇئات  ئورۇنلىرىدا مەخسۇس  سۈرەتلىك قىلىپ تونۇشتۇرۇلدى.  2008- يىلى مەكتەپنىڭ كۆرسۈتىشى،  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىردەك  قوشۇلىشى،  يۇقۇرى دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ، شۇنداقلا  مۇتىخەسىسلەرنىڭ ئەستايىدىل  باھالاپ بىكىتىشى ئارقىلىق ئۇ يەنە «ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك ئالاھېدە ئوقۇتقۇچى » دىگەن كاتتا شەرەپكە ئىرىشتى. لىكىن بۇنداق شان-شەرەپكە ئىرىشىش،ھەم  ئۇنىڭ قانداق قولغا كەلگەنلىكىنى پەقەت شۇ شەرەپكە ئىرىشكۈچىنىڭ ئۆزىلا بىلىدۇ. مۇھەممەت ئەخمىدىنىڭ شان شەرىپى ۋە مۇۋاپىقىيتىدىن پەخىرلىنىدىغان ، سۆيۈنىدىغان كەسىپداشلىرى ، دوستلىرى كۆپ بولسىمۇ ئۇنىڭ شۇ شەرەپكە ئىرىشىش يولىدا قانچە ، قانچە تۈنلەرنى كىرپىك قاقماي تاڭغا ئۇلىغانلىقىنى ، قانچە قىتىملاپ، تۈرلۈك چاي ۋە سورۇنلارغا بارالماي دوستلىرىنى ، ئۇرۇق تۇققانلىرىنى رەنجىتىپ قويغانلىقىنى بىر ئۆزىلا بىلىدۇ خالاس
مۇھەممەت ئەخمىدىنىڭ ئىش- پائالىيەتلىرى ئۇنىڭ  يۇقارقىدەك بىر قاتار نەتىجىلىرىگە ئاساسەن،2007-2008-2009-يىللىرى، ئايرىم-ئايرىم ھالدا‹‹جۇمھۇرىيەت تۈۋرىكى››، ‹‹جۇڭگودىكى مۇنەۋۋر مۇتخەسىسلەر››، ‹‹جۇڭگودىكى ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلار››ناملىق قامۇسلارغا كىرگۈزۈلىدى.
ئۆزىنىڭ ئەجىر مىۋىسىنى كۆرگەندە سۆيۈنمەيدىغان كىشى بولمىسا كىرەك. مۇھەممەت ئەخمىدى  ئۆزىنىڭ 26يىللىق خىزمەت نەتىجىلىرىنى ، ئىرىشكەن شەرەپلىرىنى ھەربىر ئەسلىگەندە ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنىڭ تىخى يىتەرلىك ئەمەسلىكىدىن خىجىللىق ھېس قىلىپ ،     بۇنىڭدىن كىيىن ئەۋلات تەربىيلەشتىن  ئىبارەت بۇ شەرەپلىك ھەم جاپالىق خىزمەت ئۈچۈن،      ‹‹بارلىقىمنى بىغىشلاپ خەلق قەلبىدىكى ھەقىقى باغۋەن بولۇش ئۈچۈن تىخىمۇ تىرىشىپ ئىشلىشىم  لازىم››  دىگەن ئالى غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزدەنمەكتە.بىز ئۇنىڭ تىنىگە  ساغلاملىق، تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك، خۇشالىق،ئىجادىيىتىگە  تېخىمۇ كۆپ مۇۋاپىقىيەت ۋە بۇندىن كىيىنكى ھايات مۇساپىسىگە خۇشپۇراق ،توزىماس گۇل-چېچەكلەر تىلەيمىز.
ۋاقىت-ئەڭ چوڭ يېڭلىغۇچى.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

574

تېما

31

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7211 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7894 سەر
شۆھرەت
5863 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-15 23:58:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق تۆھپىكارلارنى جەمىيتىمزگە تۇنۇشتۇرۇش ھەممىمىزنىڭ ئۆراتاق مەسئۇلىيتى
ئۇقۇتقۇچىلار تەييارغا ھەييار بۇلىدىغان ناچار ئادەتنى تۈگۈتەيلى

0

تېما

0

دوست

55

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

قىزغىنلىق
12 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
11 سەر
شۆھرەت
11 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 00:35:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىيارىمىزدا بۇنداق تۆھپىكار ئۇستازلىرىمىز كۆپ ئەمەس ، ئۇستازىمىز مۇھەممەت ئەخمىدى ھەقىقەتەن  مەدىلەشكە ئەرزىدۇ ،مۇشۇنداق تۆھپىكارلىرىمىزنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇش ياخشى ئىش بوپتۇ ،ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر .

295

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6844 سەر
تىللا
1787 دانە
تۆھپە
10888 سەر
شۆھرەت
5863 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 01:52:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تۆھپىكار باغۋەننىڭ ماڭغان ئىزلىرىغا گۈللەر ئۇنسۇن .
ئەزىز ئەپەندىمنىڭ مىللى مائارىپىمىزدىكى  ھارماس تۇلپارلارنى بىزگە تونۇشتۇرغان ئاشۇ قوللىرىغا بەركەتلەر تولسۇن . رەھمەت .
ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

6

تېما

0

دوست

449

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
91 سەر
تىللا
44 دانە
تۆھپە
88 سەر
شۆھرەت
84 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 03:46:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ زىممىمىزدىكى يۈكنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.بارلىق تورداشلارغا رەخمەت .ئاللا ھەممىزگە سالامەتلىك ئاتا قىلغاي.
مەن دوستلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئامانلىقىنى تىلەيمەن!

6

تېما

0

دوست

449

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
91 سەر
تىللا
44 دانە
تۆھپە
88 سەر
شۆھرەت
84 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 03:50:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئو قۇغۇچۇم ئەزىز  ئەخمەتكە  كوپ رەخنەت.    ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرى  نۇسرەتلىك بولغاي.
مەن دوستلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئامانلىقىنى تىلەيمەن!

99

تېما

42

دوست

5431

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1376 سەر
تىللا
373 دانە
تۆھپە
887 سەر
شۆھرەت
907 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 22:31:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەت ئەخمىدى مۇئەللىمنىڭ بۇندىن كىينكى ئىشلىرىغا بەرىكەت ۋە ئامەت تىلەيمەن.
ۋاقىت-ئەڭ چوڭ يېڭلىغۇچى.

640

تېما

135

دوست

12 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

adminنامىنى بايقاشقا ئۆزگەرتتى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9207 سەر
تىللا
93510 دانە
تۆھپە
5808 سەر
شۆھرەت
6310 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-6 11:34:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەت ئەخمىدى مۇئەللىمنىڭ رەسىمىنى ئېچىلماس بولۇپ قاپتۇ، رەسىم بولسا قوشۇپ قويسىڭىز بولغىدەك. باش بەتتە كۆرۈنمەيۋاتىدۇ.
ماتىرىيال يوللىغاندا بايقاش تامغىسىنى بېسىشقا، بەيدۇ تور دېسكىسىغا يوللاشقا ئەھمىيەت بىرەيلى!

7

تېما

29

دوست

2861

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

بايقاش

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
583 سەر
تىللا
15 دانە
تۆھپە
619 سەر
شۆھرەت
676 سەر

مائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 20:41:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىيارىمىزدا بۇنداق تۆھپىكار ئۇستازلىرىمىز كۆپ ئەمەس ، ئۇستازىمىز مۇھەممەت ئەخمىدى ھەقىقەتەن  مەدىلەشكە ئەرزىدۇ ،مۇشۇنداق تۆھپىكارلىرىمىزنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇش ياخشى ئىش بوپتۇ ،ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر
مەتتۇردى مەتتۇرسۇن

20

تېما

4

دوست

623

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
149 سەر
تىللا
34 دانە
تۆھپە
105 سەر
شۆھرەت
128 سەر

مائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 22:09:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەت ئەخمىدى مۇئەللىمنىڭ بۇنۇڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىغا مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن
ئادەت خارەكتىرنى بەلگىلەيدۇ‹‹‹‹
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-12 02:30, Processed in 0.460644 second(s), 40 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش