مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2062 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • دىلكەش ئۈلۈشكۈن 09:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا موبارەك بولسۇن~

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ياخشى بولماق مىڭ يىلچىلىك،يامان بولماق بىر دھمچىلىك.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مقۋىلىك دەرەخنىڭ بېشى تۆۋەن،بىلىملىك ئادەمنىڭ يۇزى تۆۋەن.

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 00:18 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمە قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بېلەن ئورتاقلىشىڭ ...جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

  • زەپەر 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ،ھورۇنندىن ئۇھ چىقىدۇ.

  • 1چىچەك 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دىلىڭدا نېمە بولسا تىلىڭدا شۇ.

كۆرۈش: 64|ئىنكاس: 3

ماتىماتىكىنى بىلمەيدىعان قىزلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

99

تېما

42

دوست

5431

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1376 سەر
تىللا
373 دانە
تۆھپە
887 سەر
شۆھرەت
907 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 23:08:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەرنى چىكىپ كۆرىۋاتقان ئوغۇللار: ماتېماتىكىسى ياخشى ئەمەس قىزلارنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماڭلار، سەۋەبىنى ھازىر چۈشەندۈرۈپ قويىمەن.

قىزلار ئادەتتە كۆپىنچە تەبىئىي پەنلەرگە قارىغاندا ئىجتىمائىي پەنلەرگە ئۇستىراق بولىدۇ، شۇڭا ماتېماتكا دېگەندەك تەبىئىي پەنلەردە ھامان نەتىجىسى ئوغۇللاردىن تۆۋەن تۇرۇشى، ھەتتا ياخشى ئۆگىنەلمەسلىكى تەبىئىي ئەھۋال. بىراق ماتېماتكىنى ياخشى بىلمەسلىك، ھەرگىزمۇ بۇ قىزلارنىڭ لاياقەتسىز ئىكەنلىگىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئىشەنمەمسىز؟ ئوقۇڭە ئەمسە:

1. ماتېماتكىسى ياخشى ئەمەس قىزلارنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ، كۆپ قىسىم تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇتقۇچىلىرى ھەمىشە ماتېماتكىنى ياخشى بىلمەيدىغان قىز ئوقۇغۇچىلارنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ، بۇ قىزلار ھەر قېتىم ئىمتىھان تۈگىگەندىن كېيىن قارا بوران كەبىي يوپۇرۇلۇپ كەلگەن ھەرخىل كەمسىتىش ۋە ھاقارەتلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ، بۇ خىلدىكى ئەھۋال داۋاملىق تەكرارلىنىپ تۇرغاندىن كېيىن، بۇ قىزلاردا ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان پىسخىكىلىك ساپا پەيدا بولىدۇ ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ھەرگىزمۇ باش ئەگمەيدىغان بولىدۇ.

2. ماتېماتكىسى ياخشى ئەمەس قىزلار ئاساسەن دېگۈدەك كۈلگۈنچەك بولىدۇ، چۈنكى ماتېماتكا يوق تۇرمۇشتا كۆڭۈلسىزلىكمۇ بولمايدۇ، ھەر بىر تولۇق ئوتتۇرا ماتېماتكىسىنىڭ ئازابىنى باشتىن كەچۈرگەن قىزچاقنىڭ ھەممىسى قاناتسىز پەرىشتىلەر ئەمەسمۇ؟ ھېسابنى جىق ئىشلىۋەتسە تەبىئىيلا كۈلۈمسىرەشنى ئۇنتۇپ قالىدىغان گەپ، چىراي ئىپادىسىمۇ بارغانسىرى قېتىشىپ، كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىش چىقىدۇ.

3. ماتېماتكىسى ياخشى ئەمەس قىزلار ئاساسەن دېگۈدەك بىر ئاز ساددا ۋە رومانتىك كېلىدۇ، بىر ئىشلار ياكى ئادەملەرنى مۇنتىزىم فورمىلاغا چۈشۈرۈپ ئانالىز قىلمايدۇ، بىر ئاز ھېسسىياتچان ۋە زېرەك بولىدۇ. گەرچە ھېسابلاشقا ئانچە ماھىر بولمىسىمۇ، ئەمما كۆڭۈل قويۇپ مۇھەببەتلىشىدۇ، بىر ئىشلارغا ئىنچىكە ھەمدە جەلپكار بولىدۇ.

4. ماتېماتكىسى ياخشى ئەمەس قىزلار ئاساسەن دېگۈدەك بىر ئاز يۇمۇرىستىك كېلىدۇ، تۇرمۇشى لەززەتكە تولغان ھەمدە ھېسىيات جەھەتتىمۇ بىر قەدەر مول بولغان بولىدۇ. ھەر كۈنى نەچچە ۋاراق ماتېماتكىلىق سوئاللارغا قاراپ كىمنىڭمۇ چاقچاق قىلىشقا رايى بارسۇن دەيسىز؟ شۇڭا باش چۆكۈرۈپ ھېساب ئىشلەۋاتقان قىزلار ئاللىقاچان تۇرمۇشنىڭ لەززىتىدىن مەھرۇم بولغان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا پەقەت فورمۇلا ۋە گرافىكلا بار.

5. ماتېماتكىسى ياخشى ئەمەس قىزلار ئاساسەن دېگۈدەك مىننەتسىز بەدەل تۆلەشنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۈگۈن تۆلىگەن بەدەلنىڭ ئەتە ئۆزىگە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىنى ھېسابلاپ يۈرمەيدۇ، بىرسىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ياخشىچاق بولمايدۇ، شۇڭا بۇ خىلدىكى قىزلار ھېسسىيات جەھەتتە بىر ئاز تۇراقلىق بولىدۇ.

6. ماتېماتكىسى ياخشى ئەمەس قىزلار ھەممىسى ئاساسەن كۆڭلى تۈز، ئەمەلىيەتچىل، گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرمايدىغان بولىدۇ. كۆپچىلىككە مەلۇم بولغىنىدەك، ماتېماتكىلىق ھېسابلار ھەمىشە ئاجايىپ مۇرەككەپ ۋە كاللىنى قايدۇرىدىغان بولىدۇ. بۇنداق سانلار ۋە گرافىكلار بىلەن تولا ئېتىشقان ئادەممۇ تولا كاللا ئوينىتىدىغان، ئەمەلىيەتچىل ئەمەس، ئابرويپەرەس بولۇپ قالىدۇ، ئىشەنمىسىڭىز ماتېماتكا ئوقۇتقۇچىڭىزنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىگىنى ئەسلەپ بېقىڭ.

7. ماتېماتكىسى ياخشى ئەمەس قىزلار ھەممىسى دېگۈدەك تەسەۋۋۇر كۈچىگە تويۇنغان بولىدۇ. ماتېماتكا دېگەن ئادەمنىڭ تەسەۋۋۇرىنى بوغىدىغان نەرسە، چۈنكى جاۋاپ بىردىنبىر، مەڭگۈ مۇقىم بولىدۇ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ تەسەۋۋۇرى ۋە تالانتىغا تايىنىپ يېڭىلىق يارىتالمايسىز، بۇ تالانتلىقلارنى ۋەيران قىلغانلىق بولماي نېمە؟! شۇڭا ماتېماتكىنى ئۇقمايدىغانلار ھەمىشە كۈچلۈك تەسەۋۋۇر كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.

8. ماتېماتكىسى ياخشى ئەمەس قىزلار سانلارغا نىسبەتەن ئۇنچە سەزگۈر ئەمەس، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىگە نىسبەتەن ئۇنچە بەك ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ، شۇنداقلا بىر تىيىننى ئارتۇق خەجلىۋەتكىنى ئۈچۈن ھەرگىزمۇ كۆڭلىدە ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ!!!

9. ماتېماتكا ئەتراپلىق ۋە ئىنچىگە بولغان تەپەككۇرغا، قاتتىق كۈچلۈك تەپەككۇر جەريانىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئازغىنە خاتالىقنىمۇ سىغدۇرالمايدۇ، بۇ جەھەتتە ماھىر بولمىغان قىزچاقلار ھەممىسى ئاقكۆڭۈل، غەرەزسىز، تەكەللۇپسىز، ئوبدان كېلىشكىلى بولىدىغان قىزچاقلاردۇر، بۇنداق قىزلار باشقىلارنى ئوڭدا قويۇشنى ئۇقمايدۇ، پەقەت ئىزچىل سىزگە كۆيۈنىدۇ.

10. ماتېماتكىسى ياخشى ئەمەس قىزلار ئاساسەن بىر ئاز چىرايلىق بولىدۇ، ھەر كۈنى توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان قالايمىقان فۇنكسىيەلەرگە، ھېلى كۋادراد، ھېلى تىك تۆتبۇلۇڭ، ھېلى كۇنۇس، ھېلى سىنۇس… دېگەنلەرگە قاراپ ئولتۇرۇپ چىرايىمۇ تارتىپ كېتىدىغان ئىشلارنى يوق دېگىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ كۈچلۈك تېخنىكىلىق ئاساسى بار. ھەر كۈنى ئەينەككە قاراپ تۇرۇپ ئۆزىگە مەن بەك چىرايلىق دېيىشنىڭ بارا-بارا كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كىشىنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىشى ۋە بۇنىڭ كۈچلۈك پىسخىلىك رولى بارلىقى ئاللىقاچان ئىسپاتلانغان، ئەكسىچە كۈندە غەلىتە گرافىكلارغا قاراپ ئولتۇرىدىغان قىزچاقلارنىڭ كاللىسىدا ئويلايدىغىنى ئاشۇ گرافىكلارنى ئەل قىلىش، ئۇلارنى ئەل قىلىش ئۈچۈن ئاۋال ئۇلار بىلەن ئوخشاش تۈرگە ئايلىنىشىڭىز، ئۇلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك، شۇڭا…

11. ماتېماتكىسى ياخشى قىزلار ئاساسەن ھەممىسى دېگۈدەك كەلگۈسىدە ياخشى ئانا بولالايدۇ، چۈنكى ئۇلار ماتېماتكىنىڭ ئازاۋىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ، شۇڭا ھەرگىزمۇ پەرزەنتلەرنى ماتېماتكا ئۆگىنىشكە مەجبۇرلايدىغان ئىشنى قىلمايدۇ، شۇڭا ئائىلىنىڭ كەيپىياتىمۇ بىر قەدەر قايناق ۋە ئاۋات بولۇپ، نىكاھ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولىدۇ.

قانداقكەن؟ ئەڭ ياخشىسى ئويلىنىپ بېقىڭ ھە...



مەنبە(نۇر تورى)

ۋاقىت-ئەڭ چوڭ يېڭلىغۇچى.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

75

تېما

32

دوست

9608

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2238 سەر
تىللا
391 دانە
تۆھپە
1799 سەر
شۆھرەت
1683 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-2 14:19:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشكەن .ئەمسە ماتىماتكىسى ياخشى قىزلارچۇ ؟
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !

18

تېما

49

دوست

6262

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1204 سەر
تىللا
354 دانە
تۆھپە
1236 سەر
شۆھرەت
1463 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-3 01:21:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماتېماتىكىسى ياخشى ئەمەس قىزلارغۇ شۇنداقكەن، ياخشىلىرىچۇ؟... مېڭەم قېتىپلا قالدى دېسە بۇنى ئوقۇپ. ئەڭ ياخشىسى قانداق بولۇشتىن قەتئىي نەزەر ماتېماتىكىسى ياخشى قىزلار ياخشى جۇمۇڭلا؟
نادىر تېنىڭىزغا رەھمەت ئۇستاز.
مەن بىلەن دوست بولۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن قۇلۇم كۆكسۈم

19

تېما

1

دوست

2996

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
205 سەر
تىللا
79 دانە
تۆھپە
2308 سەر
شۆھرەت
140 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 13:10:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكلا قىزىق تىما ئىكەن بۇ ...مەنمۇ بىر ماتىماتكا ئۇقۇتقۇچىسى ئويلاپ قالدىم راسلا شۇنداق بۇلىدىغان ئىش بولسا مىنىڭ ماتىماتكىسى ياخشى بىر قانچە ئۇقۇغۇچۇمنىڭ ھالى نىمە بۇلۇپ كىتەر...........ھەي....
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 01:25, Processed in 0.450911 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش