ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ماھىرى مەتنىياز قاسىمنىڭ ئىش-ئىزلىرى
« مەن مەسئۇل بولغان ۋە دەرس بىرىۋاتقان سىنىپنىڭ تىل-ئەدەبىيات نەتىنجىسىنى ۋىلايەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغۇزىمەن، بۇ جەرياندا تاغدەك قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسەممۇ قايتمايمەن.» مانا بۇ ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ماھىرى بۇلۇپ باھالانغان، دەرس بەرگەن سىنىپنىڭ ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى نەتىنجىسى ۋىلايەت بۇيىچە ئۇدا سەككىز يىل بىرىنچى بۇلۇپ كېلىۋاتقان ياش، تەلەپچان ئوقۇتقۇچى مەتنىياز قاسىمنىڭ ئىنتىلگەن نىشانىى. مەتنىياز قاسىم 1972-يىلى2-ئاينىڭ 11-كۈنى كېرىيە ناھىيەسىدە تىجارەتچى ئا ئىلىدە تۇغۇلغان. 1991-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ تولۇق كۇرۇس بويىچە تىل- ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلىنىغان. 1996-يىلى ئالى مەكتەپنى تاماملاپ،شۇ يىلى ئانا يۇرتى كېرىيە ناھىيە توغرىغاز يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان.ئۇ ئوقۇتۇش خىزمىتىگە كىرىشىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا،تىرىشچانلىقى ۋە كەسىپچانلىقى بىلەن مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. 1999-يىلى تەكلىپ بىلەن كېرىيە ناھىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكەلگەن.ئۇ ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنىنى ياش ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشكە سەرپ قىلىپ،مائارىپ سېستىمىسىدىكى ھارماس تۇلپاردەك ھەر ۋاقىت ھەممىنىڭ ئالدىدا چېپىپ،خىزمەتداشلىرى ۋە كەسىپداشلىرىغا ئۈلگە بۇلۇپ،ھەممىنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشكەن.«ئەجىرنىڭ تىگى ئالتۇن» دىگەندەك ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىرى بىكارغا كەتمىگەن.2005-يىلى كېرىيە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ۋىلايەت بۇيىچە ئارقىدا قېلىشتەك قالپاقنى چۆرۈپ تاشلاپ،ۋىلايەت بۇيىچە بىرىنچى بولغان.ئۇ دەرس بەرگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ شۇ يىللىق تىل-ئەدەبىيات نەتىنجىسىمۇ ۋىلايەت بۇيىچە بىرىنچى بولغان. شۇنىڭدىن بۇيان،ئۇ دەرىس بەرگەن سىنىپلارنىڭ ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى تىل-ئەدەبىيات نەتىنجىسى ئۇدا بىرىنچىلىكنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئۇ 2007-يىلى 4-ئايدا ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 2- قېتىملىق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ «ئوقۇتۇش ماھىرلىرى»نى تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ،ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە«ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ماھىرى»دىگەن شەرەپلىك نامغا ئىرىشكەن. ئۇ يەتتە قېتىم« ئىلغار سىنىپ مۇدۇرى»، سەككىز قېتىم«مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى»،بەش قېتىم« ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئىلغار شەخىس»،ناھىيە بويىچە «ئىلغار مائارىپچى»،«يۇلتۇز دەرىجىلىك سىنىپ مۇدۇرى»،«مائارىپ ساھەسىدىكى ئون مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى»دىگەن شەرەپلىك ناملارغا ئىرىشكەن.2011-ۋە2012-يىلى ئۇدا ئىككى يىل ئۇ مەسئۇل بولغان سىنپتىكى ئوقۇغۇچىلار پۈتۈن سىنىپ كوللىكتىپى بويىچە نوقتىلىق ئالى مەكتەپلەرگە ئۆتۈپ،بۇ تۆھپىكار باغۋەننىڭ نامى ئاتا-ئانىلارنىڭ قەلبىگە ئورناپ كەتكەن.بۇ كەسىپچان ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ كەسپىدە بەلگىلىك نەتىنجە يارىتىپلا قالماستىن،يەنە ئىلمى تەتقىقات ۋە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللۇنۇپ،«ئىلمى سىنىپ باشقۇرۇشتىكى 21 تۈرلۈك تەدبىر»قاتارلىك ماقالىلىرىنى ۋىلايەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك ژورناللاردا ئىلان قىلىپ،كەڭ مائارىپچىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئىرىشكەن.
بايقاش مائارىپ تورى ئىشخانىسى 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى
|