ئۇستازلارنىڭ كاتتا يىغىلىشى
تۇنجى قېتىملىق «بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى
بۈگۈنكى توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان ئۇچۇر دەۋرىدە، دۇنيادىكى كۈچلۈك مەدەنىيەتلەرنىڭ يەرشارىلىشىشى تۈپەيلى، رايۇنىمىزغىمۇ ھەرخىل ئائىلە مەدەنىيەت قاراشلىرى سىڭىپ كىرىپ، كىشىلىرىمىزنىڭ ئائىلە مەدەنىيەت قارىشىغا ھەرخىل تەسىرلەرنى كۆرسەتمەكتە. شۇ سەۋەبتىن، بىر قىسىم كىشىلەر قايسى خىل شەكىلدە ئائىلە قۇرۇش، ئائىلىنى قاياققا يېتەكلەش، ئەۋلادلارنى قايسى ئۇسۇلدا تەربىيەلەش ۋە ئائىلىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى قانداق تىكلەش ۋە رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش مەسىلىلىرىدە گاڭگىراپ قالماقتا. مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئائىلە ئەزالىرىغا بىر ئائىلىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە رولىنى ئىلمىي تونۇتۇپ، توغرا بولغان پەرزەنت، نىكاھ، ئەر-ئاياللىق، كېلىن-كۈيئوغۇللۇق، قىيىنئانا-قىيىنئاتىلىق قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ، ئەۋلادلار سۈپەتلىك ئائىلە قۇرالايدىغان، ئائىلە باشلىقلىرى ئائىلە ئەزالىرىنى ئىلمىي يېتەكلەپ ۋە تەربىيەلەپ ماڭالايدىغان ۋە ئائىلىۋىي مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايدىغان جەمئىيەت مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن خەلقئارىسىدىكى ئالىملار، تۆھپىكار ئۇستازلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە جامائەت ئەربابلىرىنى «ئائىلە» دىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا چوڭقۇر ئىزدىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ ۋە ئۇلارنىڭ شۇ تېما توغرىسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى جامائەتچىلىككە ئېلان قىلىش ۋە يەتكۈزۈشكە تەشكىللەپ ئائىلە مەدەنىيىتى توغرۇلۇق تۇنجى قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى. __________________________________________________________________________________ 1. تەشكىللەشكە قاتناشقانلار: باش مەسلىھەتچى: ئابدۇقادىر جالالىددىن (شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى) مەسلىھەتچىلەر: يالقۇن روزى (مائارىپ نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى، ئوبزورچى)، گۈلباھار ناسىر (شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى)، ئۆمەرجان رەھىم (مالايسىيا مالتىمىدىيە ئۇنىۋېرستېتى مەدەنى مائارىپ كەسپىنىڭ دوكتۇرى)، ئابدۇمىجىت مۇھەممەد (شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى)، ئاينۇر دۇلقۇن (ئەدەبىيات پەنلىرى ماگىستىرى، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى) پىلانلىغۇچى ۋە تەشكىللىگۈچى: ئابلاجان ئەزىز (شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى) تەييارلىق خىزمىتىگە قاتناشقانلار:ئۆمەرجان رەھىم، ئابدۇمىجىت مۇھەممەد، ئاينۇر دۇلقۇن، زەيتۈنە، بىلال ياقۇپ، (شىنجاڭ گېزىتى) رەھىمجان ناسىر (غۇلجا شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەب) 2. ماقالە ئوقۇشقا قاتنىشىدىغانلار: 1. ئارسلان ئابدۇللا (پروفېسسور، تىلشۇناس، دوكتور يېتەكچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى) 2. مۇختار مەخسۇت(شائىر، تەرجىمان، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرى) 3. ئازات سۇلتان(پروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىىنىڭ رەئىسى) 4. شەمشىدىن ھاجى (پروفېسسور، جوڭگۇ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى،جوڭگۇ ئىسلام دىنى ئىنىستىتۇتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، «جوڭگۇ مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلى ئۇيغۇرچە نەشرىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، جوڭگۇ دىنى ئىشلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جوڭگۇ ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات ئورنىنىڭ دائىمى ئەزاسى، دۆلەتلىك دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئالىي ئۈنۋان باھالاپ بېكىتىش كومتېتىنىڭ باھالىغۇچىسى) 5. مۇھەممەد سالىھ (توھپىكار ئالىم، پروفېسسور، شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى، «قۇرئان كەرىم» ۋە «سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى» غا ئوخشاش مەشھۇر كىتابلارنىڭ تەرجىمانى) 6. لىتىپ توختى (مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر يېتەكچىسى، جوڭگۇ ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى) 7. ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭپروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى، يازغۇچى، چاغاتاي تىلى تۆھپىكار تەتقىقاتچىسى) 8. ئابدۇقادىر جالالىددىن (شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى، ماگىستىر ئاسپرانتلار يېتەكچىسى) 9. بۇغدا ئابدۇللا (شىنجاڭ ئۇنىۋىرستېىتىنىڭ پروفېسسورى، ئەدەبىياتشۇناس، شائىر) 10. غەيرەتجان ئوسمان (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر يېتەكچىسى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى) 11.مىجىت لېتىپ(شىنجاڭ سودا ئادۋۇكاتلىق ئىش ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى) 12. ئابدۇبەسىر شۈكىرى (شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى، تونۇلغان ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، ماگىستىر ئاسپرانتلار يېتەكچىسى) 13. ئىقبال تۇرسۇن (شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى، تونۇلغان ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، ماگىستىر ئاسپرانتلار يېتەكچىسى) 14.ئابدۇكەرىم راخمان(شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر يېتەكچىسى) 15.غازى ئەمەت (جۇڭگو رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ۋە سابىق مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى ۋە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك پروفېسسورى 16. ئىمىن ئەخمىدى (ئەدەبى تەرجىمان، ئاتاقلىق شائىر، جامائەت ئەربابى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ سابىق مۇدىرى) 17.يالقۇن روزى(مائارىپ نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى، كۆزگە كۆرۈنگەن ئوبزورچى ۋە مائارىپشۇناس) 18. چىمەنگۈل ھاجىم (ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتىبىنىڭ سابىق مۇدىرى، مىھرىبان ئانىلار جەمئىيىتىنىڭ توھپىكار ئەزاسى) 19. ھەنىپە ئابدۇللا (شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلى رېداكسېسنىڭ سابىق باشلىقى ۋە باش مۇھەررىرى) 20. ئاسىيە ئابلېكىم (شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى پىسخولوگىيە ئوقۇتقۇچىسى، دۆلەتلەك 2-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار ۋە بالىلار تەرەققىيات مەركىزىنىڭ تەكلىپلىك پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتى پىسخىك مەسلىھەتچىلەرنى تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مەسئولى) 21. ئابدۇۋېلى مۇقىيت (غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى) 22.ئانار مۇھەممەد (شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستېتوتىنىڭ پىنسىيونىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئائىلە تەربىيەسى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى) 23.پەرىدە ئەمىن (بۇلاق ژۇرنىلىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتىنىڭ پىنسىيونىرى) 24.نەزىرە مۇھەممەد سالىھ(يازغۇچى، «شەرىق يۇلتۇزلىرىنى ئىزدەپ» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى 25. ئادىل تۇنىياز (شائىر، يازغۇچى، «چۈمبەلدىكى كۆز»، « دېڭىزدىكى كوچا»،« پەيغەمبەر دىيارىدىكى كېچىلەر» قاتارلىق كىتابلارنىڭ ئاپتۇرى) 26. ئايشەم ئەخمەت (شىنجاڭ ساقچى -ئۇفىتسېرلار مەكتىبنىڭ دوتسېنتى، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىكا مەسلىھەتچىسى، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى سىرداشلار كۇلۇبى پروگرامىسىنىڭ تەكلىپلىك مەسلىھەتچىسى، جوڭگۇ پىسخىك-سەھىيە ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى) 27. ئۆمەرجان رەھىم (مالايسىيا مالتىمىدىيە ئۇنىۋېرستېتى مەدەنى مائارىپ كەسپىنىڭ دوكتۇرى)
3. ئاڭلاشقا قاتنىشىدىغانلار: بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان مەشھۇر شەخسلەردىن باشقا يەنە خالىغان كىشىلەر تىزىملىتىپ قاتناشسا بولىدۇ. تىزىملىتىش ھەققى: 1200 يۈەن، ئوقۇغۇچىلار ۋە كوللېكتىپ تىزىملاتقانلارغا ئېتىبار قىلىندۇ. قۇشۇمچە ھەقسىز مۇلازىمەتلەر:ئاڭلاشقا قاتناشقانلارغا ماقالە ئوقۇشقا قاتناشقان ئالىملار، مۇتەخەسسىسلەر، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان مەشھۇر زاتلار بىلەن بىرگە چۈشلۈك تاماق ۋە چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىنلىك چاي ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. ھەقسىز سوۋغاتلار: ھەربىر قاتناشقۇچىغا بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان لېكسىيەلەر توپلىمى (جەمى ئالتە دىسكا) بىر يۈرۈش، بۇ قېتىمقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىننىڭ مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىندىغان ماقالىلەر توپلىمى (جەمى 8-10 دىسكا ۋە بىر كىتاب) بىر يۈرۈش ۋە سۈرەتلەر توپلىمى بىر يۈرۈش سوۋغا قىلىندۇ. ئۆتكۈزۈش ۋاقتى: 2013-يىلى 5-ئاينىڭ 11- ۋە 12-كۈنلىرى (شەنبە ۋە يەكشەنبە 8 سائەتتىن) ئورنى: شىنخۇا كىتابخانىسى چوڭ يىغىن زالى (ئۈرۈمچى، يەنئەن يولى، شىنخۇا كىتابخانىسى بىناسى 12-قەۋەت) تەشكىللىگۈچى ئورۇن: شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى ھەمكارلاشقان ئورۇنلار: ھەمكارلاشقۇچىلار بولسا قارشى ئېلىندۇ ئالاقەلىشىش تېلېفون نومۇرلىرى: 13999980408، 0991-2872007 توربېكەت ئادرېسى: www.bilkuch.com |