مىخلاڭساقلاڭيېڭى 2000 تېماتەۋسىيە تور كۆرگۈچىلەر:FirefoxChrome
baykax

baykax

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2072 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ئامان 1 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تېما يوللاشتا قىينىلىۋاتقان بولسىڭىز بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىدىن ياردەم سوراڭ!

  • ئامان 5 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • ئامان 8 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى كەلگەن دوستلار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • چىركىن يېرىم سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ماتىرىيال يوللىماقچى ئىدىم

  • شىرنە تۈنۈگۈن 20:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بايقاش.......

  • نۇردۇن تۈنۈگۈن 11:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    سالام،دوسلار بايرىمىڭىلارگە بۇبارەك بولسۇن!بايراملىق تىللا سوۋغا قىلمامسىلە؟

  • ئامان 5 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 8 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپ نۇمۇرى: 110384522.

  • ئامان 11 مىنۇت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى ئەزالار بايقاش ئوقۇتقۇچىلار QQ توپىغا قوشۇلۇڭلار، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىلەر.

  • pari تۈنۈگۈن 21:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    جاپاكەش باغۋەنلەر بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!!

  • 阿吉米德 تۈنۈگۈن 19:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاراڭلاردا ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولسا تونۇشۇپ قاساق بوپتىكەن قېرىنداشلا.......

  • خانىدان تۈنۈگۈن 14:32 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  • زەپەر تۈنۈگۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

كۆرۈش: 263|ئىنكاس: 11

ئۇيغۇر دوپپا تارىخى ھەققىدە فىلىملەر (4 قىسىم)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

640

تېما

134

دوست

12 تۈمەن

جۇغلانما

ئاتامان

adminنامىنى بايقاشقا ئۆزگەرتتى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9202 سەر
تىللا
93509 دانە
تۆھپە
5803 سەر
شۆھرەت
6305 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 14:15:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور ئارلاۋېتىپ «دوپپا بايرىمى» ھەققىدىكى بۇ فىلىملارنى ئۇچۇرتىپ قالدىم. ھەمىمىز بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىشىمىز زۆرۈر دەپ قاراپ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم.

1-قىسىم:



2-قىسىم:



3-قىسىم:


4-قىسىم:
ماتىرىيال يوللىغاندا بايقاش تامغىسىنى بېسىشقا، بەيدۇ تور دېسكىسىغا يوللاشقا ئەھمىيەت بىرەيلى!
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

111

تېما

18

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەستىقسىز ئەزا

قىزغىنلىق
2278 سەر
تىللا
774 دانە
تۆھپە
2475 سەر
شۆھرەت
2112 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش قىزىقچىسىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 14:33:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم رەھمەت سىزگە
كىم دەيدۇ ‹‹ ياۋرۇپالىق مەدەني››؟      
نە ئەدەپ بار،نە ھايا، قىپيالىڭاچ بەدەنى           
گەر مەدەنىيەت ، ئىچىش بولسا بەدەننى،
ئىيتىڭلارچۇ ،ھايۋانلار بىزدىن بەكرەك مەدەني.

111

تېما

18

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەستىقسىز ئەزا

قىزغىنلىق
2278 سەر
تىللا
774 دانە
تۆھپە
2475 سەر
شۆھرەت
2112 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش قىزىقچىسىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 14:46:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىم دەيدۇ ‹‹ ياۋرۇپالىق مەدەني››؟      
نە ئەدەپ بار،نە ھايا، قىپيالىڭاچ بەدەنى           
گەر مەدەنىيەت ، ئىچىش بولسا بەدەننى،
ئىيتىڭلارچۇ ،ھايۋانلار بىزدىن بەكرەك مەدەني.

25

تېما

10

دوست

6645

جۇغلانما

ئاق سۈڭەك ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1018 سەر
تىللا
474 دانە
تۆھپە
2283 سەر
شۆھرەت
1046 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 14:52:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۇنى«دوپپا مەدىنيەت بايرىمى »ئىكەن، بۇ بايرامنى قەدىرلەيلى،دوپپا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنۋى باش كىيمى.

111

تېما

18

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەستىقسىز ئەزا

قىزغىنلىق
2278 سەر
تىللا
774 دانە
تۆھپە
2475 سەر
شۆھرەت
2112 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش قىزىقچىسىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 15:52:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوپپىنىڭ ئىجاد قىلىنىشىدىن تارتىپ، دوپپىنى قانداق تىكىش، نەقىشلەرنى قانداق قوندۇرۇش، دوپپىنى قانداق كىيىشكىچە ئۆزگىچە بىر گۈزەل مىللىي سەنئەت.
بۇ سەنئەتتە ئۇيغۇرلارغىلا خاس بىر قەدىمىي ئەقىل-پاراسەت پارلاپ تۇرىدۇ.
دوپپىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىسمى، مەنىسى ھەم كىيىش قائىدىسى بار. بىر مەزگىل يىتتۈرۈپ قويغان دوپپىمىزنى ئەمدى تاپقىنىمىزدا، نۇرغۇن كىشىلىرىمىزدە دوپپا كىيىشكە نىسبەتەن خاتا ئۇقۇم پەيدا بولدى. بولۇپمۇ زىيالىيلىرىمىزدا بۇ ئەھۋال كۆرۈنەرلىك، قانداقتۇر دوپپىنىڭ ئىككى قىرىنى ئىككى چېكىگە توغرا كەلتۈرۈپ كىيسە دېھقان چىراي بولۇپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىشىپ، دوپپىنىڭ بىر قىرىنى قاڭشىرىغا ئۇدۇللاپ كىيدى ۋە ئۇنى زىيالىي دوپپىسى دەۋالدى. بىراق بۇنداق كىيىلگەن دوپپا ئۇدۇلدىن، ياندىن، ئارقىدىن كۆرسىمۇ ئوخشاش نىسبەتتە كۆرۈنگەچكە، دوپپا ياپىلاق كۆرۈنۈپ، ئۆز ئوبرازىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ھېس قىلالمىدى. دوپپا كىيىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى: ئالدى تەرەپتىن قارىغاندا بىر بەت تولۇق، ئىككى يان بەتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى كۆرۈنۈشى كېرەك، ئىگىز بۇرۇنغا قارشى تۈز سىزىق بېرىلسە توغرا بولىدۇ. دوپپىنى شۇنداق كىيگەندە ئۇيغۇر ئوبرازىدىكى ئالاھىدىلىكنى ئېنىق، روشەن كۆرگىلى بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئۇقۇمغا گۇمانىڭىز بولسا قەشقەر بادام دوپپىسىنى كۆزىتىڭ، بۇ دوپپىنىڭ بىر قىرىغا پۆپۈك چىقىرىلغان بولۇپ، بۇ پۆپۈكنى چېكىگە كەلتۈرۈپ كىيىش بېكىتىلگەن.
كىم دەيدۇ ‹‹ ياۋرۇپالىق مەدەني››؟      
نە ئەدەپ بار،نە ھايا، قىپيالىڭاچ بەدەنى           
گەر مەدەنىيەت ، ئىچىش بولسا بەدەننى،
ئىيتىڭلارچۇ ،ھايۋانلار بىزدىن بەكرەك مەدەني.

111

تېما

18

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەستىقسىز ئەزا

قىزغىنلىق
2278 سەر
تىللا
774 دانە
تۆھپە
2475 سەر
شۆھرەت
2112 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش قىزىقچىسىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 15:52:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا مەدەنىيتى
دوپپا — ئۇيغۇرلارنىڭ گۈلتاجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر كىيىم –كىچەك مەدەنىيىتىدە ئەزەلدىن مۇھىم تۇرۇندا تۇرۇپ كەلگەن. لېكىن بۇگۈنكى كۈندە دوپپا –ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىر چىراغلىرى ياكى بولمىسا سەھنىدىلا كىيىدىغان باشقا چاغلاردا تاشلاپ قويىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.
دوپپا — ئۇيغۇرلارنىڭ گۈلتاجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدە ئەزەلدىن مۇھىم تۇرۇندا تۇرۇپ كەلگەن. بۇنداق بولۇشىدا مۇنداق ئاساس بار: ئۇيغۇرلار تارىختا ئەڭ كۆپ دىنغا ئېتىقاد قىلغان بولسىمۇ، شامانىزىم، يەنى ئىپتىدائىي قۇياش ئېتىقادچىلىقنىڭ مەھسۇلى بولغان دوپپىدىن تا ھازىرغىچە ئايرىلىپ باقمىغان، بەلكى ئۇنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق مۇراسىمى، چوڭ –كىچىك پائالىيەتلىرى دوپپىسىز بولمىغان. باتۇر، ئەمگەكچان، گۈزەللىككە تەلپۈنىدىغان ئۇيغۇر قىز –ئاياللىرى دوپپىنىڭ نۇسخىسىنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ، گۈل– نەقىشلىرىنى بارغانسېرى گۈزەللەشتۈرۈپ ۋە ئۇنى بازارغا يۈزلەندۈرۈپ، بۇ جەھەتتە مىسلىسىز تۆھپىلەرنى قوشقان. بۈگۈنكى كۈندىكى بادام دوپپا، چىمەن دوپپا، مارجان دوپپا قاتارلىقلار دەل شۇلارنىڭ مەھسۇلى. شۇنداق بولغاچقا، بىز دوپپىنى بېشىمىزدا كۆتۈرىمىز ۋە ئۇنى يېقىن ئادىمىمىزگە سوۋغا قىلىمىز. چۈنكى، دوپپا– بىزنىڭ كۆڭلىمىز.


شۇنداق، بىز دوپپىمىزدىن سۆيىنىمىز، دوپپا كىيگەنلەرنى ئۆز كۆرىمىز، ھەر خىل ھېيت-بايرام، توي- تۆكۈن، نەزىر-چىراغ، ھەتتا ھەر بىر كۈنىمىزنى دوپپا كىيىپ ئۆتكۈزىمىز.
بۇلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى، دوپپىنىڭ قەلبىمىزدىكى ئورنىنى باشقا ھەر قانداق باش كىيىم بېسىپ چۈشەلمەيدۇ. مانا بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ياراتقان ھەم بېيىتقان دوپپا مەدەنىيىتى. ئەمما بىزنى ئويلاندۇرىدىغىنى دوپپىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىتى. تۆۋەندە بۇ ھەقتە راست بولغان مۇنداق مىسالنى سۆزلەپ ئۆتەيلى:
يېقىندا مەلۇم بىرەيلەن دوپپا كىيىپ ئىشقا بېرىپتۇ، خىزمەتداشلىرىنىڭ ھەممىسى: بۇ كىشىنىڭ دوپپا كىيىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆيدە بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ يېقىن –تۇققانلىرىڭىزنىڭ بىرەرسى قازا قىلدىمۇ؟ دەپ سوراپ كەچكىچە ئارام بەرمەپتۇ. كوچىدا ئۇچرىغان تونۇش –بىلىشلىرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان سۇئاللار بىلەن ئۇنى خېلىلا خاپا قىپتۇ. بۇ ئەھۋال ئەلۋەتتە بىزنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ.
دوپپا –ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيىمى تۇرسا، بۈگۈنكى كۈندە نەزىر – چىراغدىلا، يا بولمىسا سەھنىدىلا كىيىدىغان، باشقا چاغلاردا تاشلاپ قويىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتمامدۇ؟!
دېمىسىمۇ ھازىر دوپپىنى ياراشتۇرۇپ كىيگەن قىز- يىگىتلەر ناھايىتى ئاز. بۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىغا زادى كىم سەۋەپچى!؟ ئەلۋەتتە، ئۆزىمىز ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئالا –بۇلىماچ نىداسىدا بارغانسېرى تورلىشىپ قېلىۋاتقان كۆزىمىز سەۋەپچى.
بىز دورامچىلىق بىلەن نېمە مودا بولسا شۇنى قوغلاشتۇق. بىر چىرايلىق دوپپىمىزنى كونىلىق، زاماننىڭ ئارقىسىدا قالغانلىق، دەپ ھېساپلىدۇق. دوپپا —ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ گۈلتاجىسى، كۆركى ۋە بۆكى. شۇڭا بىز دوپپىدىن ئىبارەت ئۆز مەدەنىيەت – مىراسلىرىمىزنى قوغدايلى ۋە قەدىرلەيلى!
كىم دەيدۇ ‹‹ ياۋرۇپالىق مەدەني››؟      
نە ئەدەپ بار،نە ھايا، قىپيالىڭاچ بەدەنى           
گەر مەدەنىيەت ، ئىچىش بولسا بەدەننى،
ئىيتىڭلارچۇ ،ھايۋانلار بىزدىن بەكرەك مەدەني.

111

تېما

18

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەستىقسىز ئەزا

قىزغىنلىق
2278 سەر
تىللا
774 دانە
تۆھپە
2475 سەر
شۆھرەت
2112 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش قىزىقچىسىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 15:59:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tursunjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-29 08:15  

«ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»ھەققىدە ئۇچۇرلار  


2009-يىلى 5-ماي كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ‹‹ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى››ئىلتىماس قىلىش سۆھبەت يېغىنى ئۆتكۇزۇلگەن بولۇپ،سۆھبەتكە ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى تەشەببۇس قىلغۇچى ،ئۇيغۇر مەدەنىيەت-فولكلور تەتقىقاتچىلىرى (تەتقىقاتچى ھەم جامائەت ئەربابى –ئىمىن تۇرسۇن، ژۇرنالست ۋە ئۇيغۇر ئېدىئولوگىيە تەتقىقاتچىسى ئسلامجان شرىپ بەشكىرەمى ،دوكتۇر يىتەكچىسى ۋە ئۇيغۇرشۇناس ئالىم ئابدۇبەسر شۇكۇرى ،پابلىست يازغۇچى ۋە ئەدەبىيات پىراففىسورى ئابدۇقادىر جالالىدىن-  ،دوكتۇر ،دوتسنېت ھەسەنجان ئابلىز،ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى،قۇتادغۇ بىلىك شۇناس ئالىم يار مۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق قاتارلىقلار )، ،سابىق فۇرقان شىركىتى دىرىكتورى (مۇھەممەد ئەمىن)،دەرمان شىركىتى دىرىكتور (ئابلاجان )ۋە ئىزچىلار شركىتى ۋەكىللىرى ،بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ۋە‹‹ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيتى›› پىدائىيلىرى قاتنىشىپ، دوپپا مەدەنىيتى بايرىمىنى ئۆتكۇزۈشنىڭ مىللى ھاياتىمىزدىكى ئەھمىيتى ۋە ئۇنى ئۆتكۇزۇش ئۇسۇلى ، تەشۋىقات چارىلىرى ھەققىدە قىزغىن سۆھبەتلەشكەن ئىدى .ئاپتونوم رايونلۇق غەيرى ماددى مەدەنيەت مىراسلىرىنى قوغداش تەتقىقات ئشىخانىسى ۋە شنجاڭ ئۇنىۋىرسېتىتى فىلولوگىيە ئىنۇستىتۇتىدىكى مۇناسۋەتلىك رەھبەر ۋە تەتقىقاتچىلار يوليورۇق بەرگەن ئىدى ۋە مەزكۇر پائالىيەت جۇڭگو مەركىزى خەلق رادىئو ئستانسسنىڭ جۇڭگوغا نەزەر پىروگىراممىسى ۋە شۇ چاغدىكى كۆپ قىسم ئۇيغۇرچە يىتەكچى تور بېكەتلەر ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسغا تارقىلىپ،ئۇيغۇر تاشقى كىملىكى ۋە مىللى مەدەنىيەتنىڭ ئۈزۈلمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئۇشبۇ ئۇچۇردىن كۆپچىلىككە ئۈمىد ئىلىپ كەلگەنىدى.  

ئەپسۇس،‹‹ ئەل ئارسىدىكى ئىجتىمائى بايرام››تەسس قىلىش لايىھىسى ئاخىرقى باسقۇچقا كىرىپ ،رەسمى ھۆكۈمەت قارارىغا كىلىش ئالدىدا، 2009-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسى بىلەن پائالىيەت ۋاقتىنچە توختاپ قالدى. ~تور ئۈزۈلگەن بولسمۇ ،ئەمما شنجاڭ تىلىۋىزىيە ئستانسسنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى باشتىن-ئاخىر ‹‹دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى››نى ئۆز پىروگىراممىلىرىدىكى مىللى ئەنئەنىگە بولغان يىقىنلىق ۋە ئۆزلىرى دوپپا كىيش بىلەن ،‹‹دوپپا مەدەنىيتى›› ھەققىدە مەخسۇس پىروگىرامما ئشلەش بىلەن قوللىدى.

ئومۇملۇق نەزەردە تۇتۇلۇپ،2010-يىلى دوپپا بايرىمى ئالدىدا ،دوپپا بايرىمى ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە ئايرىم پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇلمىدى. دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى تەشۋىقات خىزمەتچىلىرى ۋە 2009-يىلىدىكى پائالىيەتتىن زەرەتلەنگەن ‹‹خالىس ئۇيغۇر مەدەنىيەت پىدائىيلىرى›› تۈرتكىسدە  ئايرىم كارخانا،شەخس،مەكتەپ سۈپىتىدە تارقاق ئەمما كۆپلىگەن ئورۇنلار دوپپا مەدەنىيە بايرىمىنى تەبرىكلەشتى. ئۇيغۇر مەدەنىيەت پىدائىيلىرى گەرچە سانى ئاز بولسىمۇ،ساپ نىيتى ۋە ئىرادسى بىلەن ئىغىزچە تەشۋىقات،تور ماتېريالى يوللاپ بىرىش،قىسقا ئۇچۇر يوللاش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن دوپپا بايرىمىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچىدى.ھەتتا باھاردىن باشلاپ سىنتەبىرگىچە قانداق سورۇن بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، بىشدىن تاشقى مىللى كىملىكىنى چۇشۇرمىگەن ،چەتئەل كۆرگەن،مىللىيەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان پىشقەدەم ۋە ياش دوسىتلىرىمىزمۇ بولدى. بىيجىڭدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەشتى.(بىيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستىتى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرى كوللىكتېۋى)،ئانا يۇرتىمىزدا تور ئۈزۈلگەن چاغلاردا ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بىردىنبىر خۇشاللىق ۋە ئۈمىد يىلىنجىسى –ئۆزلىرىنىڭ مىللى كىملىكىنى تەشۋىق قىلىدىغان بىردىنبىر ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايرىمى-دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى بولغانلىقىنى دوستلار ھاياجان ئىچىدە تىلغا ئىلىشتى،ئەسلەشتى. شنجاڭ مالىيە ئېقتسات ئۇنىۋېرسىتىتى سىنىپ كوللىكتىۋلىرى تەبرىكلەشتى.شنجاڭ قەشقەر توققۇزاق ناھىيە ئاۋات ئوتتۇرا مەكتىۋى پۈتۈن مەكتەپ كوللىكتىۋى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ھەممىسى دوپپا كىيشپ ،دوپپا بايرىمىنى ئەڭ مەنىلىك ھالدا تەبرىكلەشتى.ئۈرۈمچى گۈلقەقە ئارامگاھى بارلىق ئشچى-خىزمەتچىلىرى ،ئۈرۈمچى ئەزھەر تېخنىكا مەكتىۋى،ئۈرۈمچى ئنتىلىش تىخنىكا مەكتىۋى مەسئۇللىرى دوپپا بايرىمىنى ئۆزلۈكىدىن تەبرىكلەشتى.غۇلجا شەھىرىدە مەرىپەتپەرۋەر ئىلغار ياشلار دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى ئۇيغۇر مەدەنىيتى ھەققىدە ئويلىنىش،مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ۋە كۈچلەندۈرۈش ھەققىدە مۇھاكىمە ئىلىپ بىرىش بىلەن تەبرىكلىدى.ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دوپپا كىيشىپ تەبرىكلەشتى ۋە ئۆزلۇكىدىن پائالىيەت ئۇيۇشتۇردى.يەنە نۇرغۇن ياشلىرىمىز،يىراقلاردىكى تۇغقانلىرىمىز،مۇساپىر-مۇھاجىر ۋەتەنداشلىرىمىز،بىز ئسمىنى تىلغا ئىلىپ بولالمايدىغان تور بېكەت ساھبلىرى ئاددى بولسىمۇ ئۆز تور بىكەتلىرىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە دوپپا بايرىمى ھەققىدە سۈرەتلىك تەشۋىقات ئىلانى ئشلەپ ئۆز مەدەنى تەۋەلىكىنى تەرغىپ قىلدى.شۇنى ھىس قىلدۇقكى، دەۋىرداشلىرىمىز ئۆز مەدەنىيەت كىملىكىنى تونۇش ۋە قوغداش زۆرۈرىيتىنى بارغانسرى ھىس قىلماقتا.  

2011-يىلى دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى ئوخشاشلا شەخس،كارخانا،ئورۇن ساھەلەر بويىچە ئەل ئارا ئىجتىمائى ۋە ئىختىيارى بايرام شەكلىدە ئۆتكۇزۇلىدۇ.ھەممە كىشى ئۆز ئىختىيارى بويىچە ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە ياتىدىغان،مىللى كىملىكىنى ،مىللى قىممەت قارشىنى ئىپادە قىلىدىغان خاسلىقلار بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.ئۇيغۇر ئەقىلدارلىرى داۋاملىق بۇ كۈننى ‹‹ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش كۈنى-يەنى ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى›› قىلىشقا قانۇنى كاپالەت ئىلىش ئۈچۈن تىرىشسا ،كەڭ جەمئىيەت ئۇنىڭ ئىجتىمائى ئاساسىنى ھازىرلاش ئۈچۈن تىرشش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
كىم دەيدۇ ‹‹ ياۋرۇپالىق مەدەني››؟      
نە ئەدەپ بار،نە ھايا، قىپيالىڭاچ بەدەنى           
گەر مەدەنىيەت ، ئىچىش بولسا بەدەننى،
ئىيتىڭلارچۇ ،ھايۋانلار بىزدىن بەكرەك مەدەني.

293

تېما

106

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
6765 سەر
تىللا
1727 دانە
تۆھپە
10811 سەر
شۆھرەت
5784 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 17:51:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈلزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-29 18:02  

دوپپا توغرىسىدا نۇرغۇن بىلىمگە  ئېرىشتىم رەھمەت سىزگە .
يۇرتۇمدىمۇ دوپپىنى شۇنداق ئەتىۋارلايدۇ ھەم بېشىدىن ئالماي كىيىدۇ .  يۇرتۇمنىڭ دوپپىسنىڭ داڭقى ھەر قايسى رايونلارغا تارقالغان بولۇپ يىراق يېقىندىن كەلگەنلەر يۇرتۇمنىڭ دوپپىسىنى  ئىزدەپ سوراپ يۇرۇپ ئېلىپ كېتىدۇ .
قاراڭ بۇ ئوماقلارنىڭ دوپپىلىرى يارىشىپتۇ .


ئادەم ئەتكەنگە تەزىم ئەت .

574

تېما

30

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7207 سەر
تىللا
2942 دانە
تۆھپە
7889 سەر
شۆھرەت
5849 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 23:38:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىما يوللاپسىز .
ئۇقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر بايقاش مۇنبىرى تۇلۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-9-11 02:01, Processed in 0.520520 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش