خاس ئىسىم بىلەن ئومومى ئىسىمنىڭ پەرقى
1 . خاس ئىسىملار كۆپىنچە كىشى ئىسىملىرى ، يەر جاي ناملىرى ، ئىدارە - تەشكىلات ، گېزىت - ژۇرنال ، پەن - تېخنىكا ئاتالغۇلىرى ، ھايۋانلارنىڭ مەخسۇس ئىسىملىرى ، تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ناملىرى ، مىللەت ناملىرى ، تىل ناملىرى قاتارلىق مەنىلەرنى ئىپادىلەپ كېلىدۇ . ئومومى ئىسىملار بولسا ، بىر تۈردىكى نۇرغۇن يەككە شەيئىي ، ۋەقە - ھادىسە ۋە چۈشەنچىلەرنىڭ ئابىستراكتلەشرۈلگەن ئوقۇمىنى بىلدۈرىدۇ . مەسىلەن : ( 1 ) خەنزۇچە ، ئەختەم ، قومۇل گېزىتى ، قومۇل ،پىچان ، لېكسىكا ، جۇڭگو كومىنىستىك پارتىيىسى ... دىگەن ئىسىملار خاس ئىسىملاردۇر . (2 ) دەريا ، تاغ ، دۆلەت ، ئۇرۇش ، پارتىيە ، كىتاب ، مېھمانخانا ، ئورمان ، تاماق ... دىگەن ئىسىملار ئومومى ئىسىملاردۇر . 2 . خاس ئىسىملارنىڭ مەنىسى ئومومى ئىسىملارنىڭ مەنىسىگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ كونكىرت بولىدۇ . كۆچمە مەنىدە كەلمىگەچكە ، ئوبرازلىق كۈچى ئاجىزراق بولىدۇ . كۆپ مەنىلىكمۇ بولمىغاچقا ئاھاڭداش سۆزلەر گۈرپىسىنى ھاسىل قىلالمايدۇ . ئومومى ئسىم بولسا ، پۈتۈنلەي ئەكسىچە بولىدۇ . مەسىلەن : ( 1 ) « قومۇل قوغۇنى » - خاس ئىسىم بولۇپ ، پەقەت ئىنتايىن كونكىرېت مەنە ئىپادىلەپ كېلىپ ، باشقا شەيئىلەردىن روشەن پەرق شەكىللەندۈرگەن . (2 ) « مېۋە » - ئومومى ئىسىم بولۇپ ، « قومۇل قوغۇنى» غا سېلىشتۇرغاندا ئابىستراكت مەنە ئىپادىلەيدۇ ، « ئەمگەك مېۋىسىنى تېتىماق » دىگەن سۆز بىرىكمىسىدە «مېۋە » كۆچمە مەنىدە كېلىپ . ئىنتايىن ئوبرازلىق تۈس مەنە ئىپادىلەپ كەلگەن . 3 . ئومومى ئىسىملار ئىسىملارنىڭ سان ، شەخس ( تەۋەلىك ) ۋە كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىدۇ . خاس ئىسىملار بولسا ، ( ئايرىملىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ) ئىسىملارنىڭ سان . شەخس (تەۋەلىك ) قوشۇمچىلىرى بىلەن ئاساسەن تۈرلەنمەيدۇ .كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىدۇ . ئادەتتە ، خاس ئىسىملارغا كۆپلۈك قوشۇمچىلىرى ئۇلانمايدۇ .ئەگەر ئۇلانسا ، خاس ئىسىمنىڭ كۆپلىكىنى ئەمەس ، بەلكى شۇ ئىسىمغا مۇناسىۋەتلىك بولغان شەيئىلەرنى ۋە جايلارنى بىلدۈرىدۇ . مەسىلەن : (1 ) دۆلەت ( ئومومى ئىسىم )_ دۆلەتنى ، دۆلەتتىن ، دۆلىتىمىز ، دۆلەتلەر ، دۆلىتى ... (2 ) قومۇلنىڭ ئۈزۈمى ( خاس ئىسىم ) _ «قومۇلنىڭ ئۈزۈمىمىز » دىگىلى بولمايدۇ . (3 ) « قومۇل »( خاس ئىسىم ) _ قومۇللارغا باردۇق .بۇ يەردە قومۇلنىڭ كۆپلىكىنى ئەمەس ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى جايلارنى كۆرسىتىپ كەلگەن . (4 ) « قومۇل ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇر مەكتەپ» ( خاس ئىسىم ) _ «قومۇل ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇر مەكتەپلىرىڭلارنى كۆردۇق » دىگىلى بولمايدۇ . |