ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت > تولۇق مەزمۇنى

ئائىلە مەدەنىيىتى ــ بالىلارنىڭ پەزىلىتى

ۋاقىت : 2013-04-02 11:12 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
تەلەي +1
ئائىلە مەدەنىيىتى ــ بالىلارنىڭ پەزىلىتى

ئائىلە مەدەنىيىتى ــ بالىلارنىڭ پەزىلىتى
ۋارىسجان ئەھمەد
 
  ھەرقانداق ئائىلىنىڭ ئائىلىۋى ئەخلاقى شۇ ئائىلىنىڭ ئائىلىۋى مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئائىلە مەدەنىيىتى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىش-ھەرىكەت، يۈرۈش-تۇرۇش، گەپ-سۆز، ئائىلىۋى تۇرمۇشى جەھەتتە شەكىللەنگەن ۋە بالىلارغا تەسىر ھەم يېتەكلەش رولىنى ئوينايدىغان ئائىلىۋى تەرتىپتىن ئىبارەت بولۇپ، ئاڭلىق شەكىللەنگەن ئائىلە مەدەنىيىتى بولغاندىلا، بالىلار گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەتكە ئىگە بولالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن كەلگۈسىدە جەمئىيەتتىكى ئوبرازى، ئىناۋىتىنى نامايەن قىلالايدۇ. ياخشى بولغان ئائىلە مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشتا، تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر.

  مېھرىبانلىق

   مېھىر-مۇھەببەت ئائىلە ئىناقلىقىنىڭ جان تومۇرى. ئائىلىۋى مېھىر-مۇھەببەت بولغاندىلا، ئائىلە ئەزالىرى ئارىسىدا كۆيۈنۈش، مەدەت، قوللاش بولىدۇ. ئائىلىدە مېھرىبانلىق بولغاندىلا ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا مېھىر-مۇھەببەت كۈچىيىپلا قالماستىن، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئائىلىگە بولغان مېھرىبانلىقى ئۇلغىيىدۇ. ئائىلىدە مېھرىبانلىق بولغاندىلا، ياخشى بولغان ئائىلە ئەخلاقى بارلىققا كېلىدۇ. بالىلارنىڭ ياخشى ئوبرازى، مەدەنىيىتى، پەزىلىتى ئائىلىۋى مېھرىبانلىق ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ.

  بىلىم قۇرۇلمىسى

   ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى، ئائىلە بالىلارنىڭ تۇنجى مەكتىپى. ئاتا-ئانىنىڭ بەلگىلىك ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت ساپاسى بولغاندىلا، ئائىلىدىكى تۈرلۈك ئىشلارنى ئىلمىي بىر تەرەپ قىلغىلى ھەم بالىلارنىڭ ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىگە توغرا يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانا بولغۇچى مۇئەييەن بىلىم ئىقتىدارنى ھازىرلىشى كېرەك.

 
  تازىلىق ئادىتى

   ئائىلىدە ياخشى تازىلىق ئادىتى يېتىلىشى كېرەك. ئاتا-ئانا ئالدى بىلەن ئۆزلىرى باشلامچى بولۇش ئارقىلىق ياخشى بولغان تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرسە، ئائىلىسىگە ئازادىلىك ۋە باشقىچە ئىللىق تۇيغۇ بېرىپلا قالماستىن، مۇھىمى، بالىلارغا ئائىلىۋى مۇھىتنى قوغداش، كىيىم-كېچەكلىرىنى رەتلىك قويۇش، قۇربى يەتكەن ئىشلارنى ئۆزلىرى قىلىش، شەخس ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتنى قوغداش جەھەتتە تەربىيە بېرىش مەقسىتىگىمۇ يېتەلەيدۇ.

  سۆز-ھەرىكەت

   ئاتا-ئانىنىڭ سۆز-ھەرىكىتى بالىلارغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاتا-ئانا بولغۇچى مەيلى بالىلار ياكى باشقىلار بىلەن سۆزلەشكەندە بولسۇن، چوقۇم ئىلمىي، مەدەنىي، يېقىملىق، ئاز ھەم ساز سۆزلىشى؛ قوپال، لاۋزا، تېتىقسىز گەپ-سۆزلەرنى قەتئىي ئېغىزغا ئالماسلىقى كېرەك. بالىلار ياخشى گەپنىمۇ ھەم ناچار گەپنىمۇ ئائىلىدىن، ئاتا-ئانىدىن ئۆگىنىدۇ. ئاتا-ئانىنىڭ گەپ-سۆزى يېقىملىق، پاساھەتلىك بولسا بالىلارنىڭ تىلىمۇ گۈزەل ھەم ئىلمىي بولىدۇ.

  ئوزۇقلىنىش

   ئائىلىگە نىسبەتەن، ئۆي تامىقى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئۆز ئارا ماسلىشىشى، مېھرىبانلىقىنى كۈچەيتىش، ئائىلىگە بولغان مېھرىنى ئاشۇرۇش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپ ئىش قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم روللارنى ئۆتەيدۇ. ئاتا-ئانىلار چوقۇم ئائىلىدە كۈندە بىر ۋاق بولسىمۇ ئۆي تامىقى بىلەن ئوزۇقلىنىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق بالىلارغا ئائىلە مېھرىنى ھېس قىلدۇرۇشى، ئۆز-ئارا كۆيۈنۈشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئانا بولغۇچى قىزلارنى ئۆي ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرۇش، تاماققا ياردەملەشتۈرۈش، كىر-قاتلارنى يۇيۇشقا سېلىش ئارقىلىق قىزنى قىزلارغا خاس تەربىيەلەش؛ ئوغۇللارنى ئوغۇللارغا خاس بولغان ئائىلىۋى مۇھىتى بىلەن تەربىيەلەش كېرەك.

 كىيىنىش

  ئەر-ئاياللار كەسپى، جىنسى، يېشىنى نەزەرگە ئېلىپ، مۇۋاپىق كىيىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق بالىلارغا بالىلاردەك كىيىنىش ئادىتىنىڭ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ كىيىنىشى كەسپى، يېشىغا قىلچە ماس كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن بالىلىرىمۇ ئۆزىنىڭ ئىنتىلگىنى بويىچە غەلىتە كىيىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس. ئاتا-ئانا كىيىنىشتە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ھەم ئەخلاققا ماس بولغان كىيىنىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ كىيىنىشىگە ئېتىبار بېرىشى، پەرزەنتلىرىنىڭ نامۇۋاپىق كىيىنىش ئۇسۇللىرىنى ۋاقتىدا چەكلىشى كېرەك.

  ئۆي بېزەش

   ئائىلە-ئىنسانلارنىڭ پاناھگاھى، مېھىر-مۇھەببەت ماكانى، بالىلارنىڭ جەننىتى. ئائىلە ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئۆز-ئارا ماسلىشىشى، ياردىمى، قوللىشى ئارقىلىق بالىلاردىن ئىبارەت كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرى، ئاتا-ئانىنىڭ يىلتىزى ۋە ئۈمىد نۇرىنى تەربىيەلەش، تاۋلاش بۆشۈكىدۇر. ئائىلىدە ياخشى ئەخلاقىي پەزىلەت يېتىلدۈرۈلمىگەن بالىلار جەمئىيەتتىمۇ ياخشى ئوبراز تىكلىيەلىشى ناتايىن. شۇنداق ئىكەن، ئائىلىۋى تۇرمۇشنىڭ ئېھتىياجى ھەم تەلىپى بويىچە ئۆي ئىچىنى رەتلەش، ئۆي بېزەش، ئۆي جاھازىلىرى، ئۆي سايمانلىرىنى تولۇقلاش ئارقىلىق ئازادە، ئىللىق ئۆي مۇھىتىنى يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەر-خوتۇنلار پىكىر بىرلىكى ئاساسىدا، ئائىلىۋى مۇھىتنى قوغداش ۋە ئاسراشنى ئۆزلىرىنىڭ بۇرچ ھەم مەسئۇلىيىتى دەپلا قارىماستىن، بالىلاردىمۇ بۇ خىل مەجبۇرىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس سېلىشى كېرەك.

  ئائىلە ئىقتىسادى

  ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ بىرلىككە كېلىشى شۇ ئائىلىنىڭ ئىناق-ئىجىل بولۇشى بىلەن زىچ ھەم مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئەر-خوتۇنلار ئائىلە ئىقتىسادىنى پىكىر بىرلىكى بولغان، چۈشىنىش ئاساسىدىكى ئىشىنىش ئارقىلىق ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، تېجەشلىك ھەم تەرتىپلىك باشقۇرغاندىلا ئائىلە ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. ئائىلە ئىقتىسادىنى تەرتىپلىك، جايىدا باشقۇرۇش ئارقىلىق بالىلارغا تېجەشلىك، ئىقتىسادچىل بولۇش ھەققىدە يېتەرلىك تەربىيە بەرگەندىلا بالىلاردىمۇ توغرا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى يېتىلدۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ