پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت پەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

ۋىتامىن D كەمچىل بولسا بالىنىڭ تىل قابىلىيىتىگە تە

يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-28 15:57 مەنبەسى: رادىئو تورى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ھامىلىدارلاردا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ۋىتامىن D كەمچىل بولسا بالا چوڭ بولغاندا تىل قابىلىيىتىدە مەسىلە كۆرۈلىدىكەن.
تەلەي +1

 

ۋىتامىن D كەمچىل بولسا بالىنىڭ تىل قابىلىيىتىگە تەسىر يېتىدىكەن

 

ئاۋسترالىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلىدارلاردا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ۋىتامىن D كەمچىل بولسا بالا چوڭ بولغاندا تىل قابىلىيىتىدە مەسىلە كۆرۈلىدىكەن.

ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا، ھامىلىدارلاردا ۋىتامىن D كەمچىل بولسا، بالىنىڭ سۆڭەك يېتىلىشى ئاستا بولۇش، زىققا كېسىلىگە ئوڭاي گىرىپتار بولۇش ياكى بەدىنىنىڭ يېتىلىشى ناچار بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەنىدى.

غەربىي ئاۋسترالىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئامېرىكا «بالىلار كېسەللىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار 20 يىل بۇرۇن 700دىن كۆپرەك ھامىلىدارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ۋىتامىن D مىقدارىنى تەكشۈرگەن. تەتقىقاتچىلار بەش يىلدىن ئون يىلغىچە ۋاقىتتىن كېيىن، بالىلارنىڭ ھەرىكەت، ھېسسىيات ۋە تىل قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ۋىتامىن D مىقدارى تۆۋەنرەك ئاياللارنىڭ بالىلىرى قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ۋىتامىن D مىقدارى يۇقىرىراق ئاياللارنىڭ بالىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا تىل قابىلىيىتى جەھەتتە ئوڭاي توسالغۇغا ئۇچرىغان. ھەر لىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە 72 - 154 نانومول ۋىتامىن D بار ئانىلار ۋىتامىن D مىقدارى يۇقىرىراق ئانىلار ھېسابلىنىدىكەن، ھەر لىتىر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە15-46 نانومول ۋىتامىن D بار ئانىلار ۋىتامىن D مىقدارى تۆۋەنرەك ئانىلار ھېسابلىنىدىكەن.

تەتقىقات يېتەكچىسى ئاندرېۋ ۋىتخوس: ھامىلىدارلاردا ۋىتامىن D كەمچىل بولسا، بالا مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ، بالىنىڭ تىل قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە توسالغۇ بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

تەھىرلىگۇچى:admin

adminنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[مەشھۇر شەخىسلەر] دوكتور - ئەنۋەر ھامۇت [ 2012-02-28 16:26:14 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ئاخبارات پەنلىرى دوكتورى - ئاسىمە نىياز [ 2012-02-28 16:23:22 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] دوكتور - زىبىبۇللا ئىسمايىل [ 2012-02-28 16:19:28 ]
[تارىخى بىلىملەر] پارتىيە قۇرۇلغاندىن بۇيانقى مەركىزىي كومىتېتنىڭ ب [ 2012-02-28 16:17:22 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] 917مىڭ ئوقۇغۇچى ئوزۇقلۇق ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بو [ 2012-02-28 16:15:30 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بوۋاقلارغا قېتىق ئىچكۈزمەسلىك كېرەك [ 2012-02-28 16:12:58 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بىر يېرىم ياشقا كىرگەن بالىلاردا «ئادىللىق» ئۇقۇم [ 2012-02-28 16:09:47 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] ئاتا-ئانامنى يەنە قانچە قېتىم كۆرەلەيمەن؟ [ 2012-02-28 16:06:32 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] مەمۇرلار 15 يىلدا بىر قېتىم تاسقىلىنىدىغان بولدى [ 2012-02-28 16:05:06 ]
[مائارىپ ۋە رىئاللىق] سىنگاپوردىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سەھر [ 2012-02-28 16:02:20 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر