يەتتە ئايلىقتىن سەككىز ئايلىققىچە بولغان بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيتى
يەتتە ئايلىقتىن سەككىز ئايلىققىچە بولغان بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىدە قانداق ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ؟ يەتتە - سەككىز ئايلىق بولغان بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىدە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ. 1. تەخمىنەن يەتتە ئايلىق بولغاندا ئادەم تونۇشقا باشلايدۇ. تونۇش كىشىلەرنى كۆرگەندە كۈلىدۇ. ناتونۇش كىشىلەرنى كۆرگەندە تىكىلىپ قارايدۇ ياكى يىغلايدۇ. بۇ بالىلاردا ئادەم تونۇش قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشى باشلانغانلىقنىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلا بالىلارنىڭ ھېسسىياتىنىڭ يېتىلىشى نىسبەتەن تېز بولىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. يېتىرقايدىغان بالىلارغا نسىبەتەن ئىمكانقەدەر كۆپرەك سىرتلارغا ئاچىقىپ، كىچىك دوستلىرى بىلەن بىللە ئوينىتىش، ھايۋاناتلارنى كۆرسىتىش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا ئاستا - ئاستا يېتىرقىمايدىغان بولىدۇ. ئەگەر كۈن بويى ئۆيدە بولۇپ، سىرتقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىش ئاز بولسا، يېتىرقاش چەمبىرىكىدىن قۇتۇلمىقى ناھايىتى تەس. 2. بۇ ۋاقىتتا ئۆز - ئۆزىنى تونۇش تۇيغۇسى بىخلىنىشقا باشلايدۇ. قىزىقىش ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، ئەتراپتىكى نەرسىلەرنى كۆرسىلا ئالغۇسى، تۇتقۇسى كېلىدۇ، تۇتۇۋالغاندىن كېيىن باشقىلارنىڭ ئېلىپ كېتىشىگە بەرمەيدۇ. ئەگەر ئۇنمىغانغا ئۇنىماي ئېلىپ كەتسە، قاتتىق يىغلايدۇ. بۇ ئۇنىڭدا ئۆزىنى تونۇش تۇيغۇسى بىخلىنىشقا باشلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. 3. بۇ مەزگىلدە بوۋاقلار بېشىنى كۆتۈرەلەيدۇ، ئولتۇرالايدۇ، ئۆرۈلەلەيدۇ. يەنە قولىغا تايىنىپ ئۆرە تۇرالايدۇ. ئۆرە تۇرغاندا ئولتۇرغان ۋاقتىدىن بەكرەك نەرسىلەرنى كۆرەلىگەچكە، ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كېتىدۇ. 4. بۇ مەزگىلدە، بالىلار دوراش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاچقا، دوراشقا باشلايدۇ. ئاپىسى ئۇنىڭغا بىرەر نەرسىنى چېكىپ تۇرۇپ كۆرسەتسە، دەرھال ئوخشاش ھەرىكەت بىلەن دورايدۇ. بۇ ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ يېتىلىشىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. 5. بۇ مەزگىلدە بالىلاردا ئەستە تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى يېتىلگەن بولىدۇ. بىراق پەقەت ئاددىي ھەرىكەتلەرنى ئەستە تۇتالايدۇ. مەسىلەن: ئويۇنچۇقنى كارىۋاتتىن يەرگە ئېلىۋاتقاندا، ئىزدەپ تاپالايدۇ. بىراق، چوڭلار ئۇنىڭغا باشقا ئويۇنچۇقنى ئېلىپ بەرسە، دەرھال باياتىن يۈز بەرگەن ئىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.
|