ئەتىيازدا بوۋىقىڭىزنى ئاپتاپسىندۇرغاندا ... ئەتىياز كېلىشى بىلەن ئاتا – ئانىلار بوۋىقىنى ئاپتاپسىندۇرۇشقا ئالدىرايدۇ، بوۋاقلار ئاپتاپسىندۇرۇلسا، ئۇلارنىڭ كالتسىي تولۇقلىشىغا پايدىلىق. لېكىن نۇرغۇن بوۋاق ئاپتاپسىندۇرۇلۇپ ئۆيگە ئېلىپ كىرىلگەندىن كېيىن، بۇرنى قىچىشىدىغان، چۈشكۈرۈدىغان، كۆزى قىزىرىپ قالىدىغان، كۆزى، تېرىسى قىچىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ. نەنجىڭ شەھەرلىك ئانا – بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى تېرە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ما شياۋلىڭ مۇنداق دەپ ئەسكەرتتى: ئەتىيازدا تېرىنىڭ سېزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىش رېئاكسىيىسى كۆپ يۈز بېرىدۇ، ئەتىياز ئاپتىپى ياز ئاپتىپىدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا ئاتا – ئانىلار بوۋاقلىرىنى سىرتقا ئېلىپ چىققاندا بوۋاق تېرىسىنىڭ سېزىمچانلىقى ئېشىپ كېتىش رېئاكسىيىسى يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشى، ئاپتاپسىندۇرۇش ۋاقتىنىڭ يېرىم سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بوۋاقلار تېرىسىنىڭ زەخىملىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاپتاپسىندۇرۇش ۋاقتىنى يېرىم سائەتتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، بالىغا نەملەشتۈرگۈچى دورىسى سۈرتۈپ قويۇش، ئاندىن كۆپرەك ئۇسسۇلۇق بېرىش، مەخسۇس ئىشلىتىدىغان يۈز مېيى سۈرتۈپ قويۇش كېرەك. مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى 2009- 04- 20 سانى
|