يېڭى قىزىق نۇقتا :
كىنو تارىخىدىكى ئون
خەلقئارا فىزىكا ئولى
ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ
پويىز ۋاگونىدىكى ئور
يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، مائارىپ نازارىتى، خەلق ئىشلىرى نازارىتى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇلىنى يولغا قويۇش چارىسى››نى ئېلان قىلىپ، ئائىلىسى نامرات نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇش خىراجىتى ۋە ياتاق خىراجىتى قاتارلىق چوڭ سوممىلىق چىقىم ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى. ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇل كەسپىنى يولغا قويۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتە قوللانغان مۇھىم تەدبىرى بولۇپ، بېجىرىش قولايلىق، رەسمىيەت ئاددىي ۋە مۇلازىمەت ئەتراپلىق بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرى بىلەن ئائىلىسى نامرات ئىستۇدېنتلارنى خۇشال قىلدى.
دۆلەت ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇلىغا دائىر سىياسەتلەر
دۆلەت ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغان، شىنجاڭ نوپۇسىدا بولغان ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرۇس، مەخسۇس كۇرۇس، ئاسپىرانت، دوكتۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلار تۇرۇشلۇق جايدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئىستۇدېنتلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى ياكى ھامىيسىگە بېرىلىدىغان، ئوقۇش مەزگىلىدە قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى تولۇقلاپ بېرىدىغان قەرز پۇلدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ قەرز پۇل ئائىلىسى نامرات ئىستۇدېنتلارنىڭ ئوقۇش پۇلى، ياتاق پۇلى ۋە ئاساسىي تۇرمۇش خىراجىتىنى چىقىم قىلىشقا ئىشلىتىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىچىدە پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن ياكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان، ئائىلىسىدە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقى بار شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ۋە ياكى قانۇنلۇق ھامىيلىرى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا دۆلەت ئوقۇش قەرز پۇلىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. دۆلەت ئوقۇش قەرز پۇلىغا ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولۇشى: بىرىنچىدىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كىملىكى ۋە شىنجاڭ نوپۇسىغا ئىگە بولۇشى؛ ئىككىنچىدىن، تولۇق ھەق تەلەپ ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى؛ ئۈچىنچىدىن، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بولغان بولۇشى؛ تۆتىنچىدىن، سەمىمىي لەۋزىدە تۇرىدىغان بولۇشى؛ بەشىنچىدىن، قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان قىلمىشى بولمىغان بولۇشى كېرەك. دۆلەت ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇلى ئالىدىغان ئىستۇدېنت ۋە ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە ياكى ئۇنىڭ قانۇنلۇق ھامىيسى قەرز پۇلنىڭ ئورتاق جاۋابكارى بولىدۇ. قەرز پۇل ئالغۇچىنى ئىككى تەبىئىي شەخس قەرز پۇل كېپىللىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
قەرز پۇل ئېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىستۇدېنتلار نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا قەرز پۇل ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىپ، دۆلەت ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇلىغا ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنى تولدۇرۇش بىلەن بىللە نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى مەھەللە، يېزا – بازارلىق خەلق ئىشلار تارماقلىرى بەرگەن ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئىسپاتى، يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇش قەغىزى، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى ۋە مەكتەپ بەرگەن دۆلەتنىڭ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇلىدىن تېخى بەھرىمەن بولمىغانلىق توغرىسىدىكى ئىسپاتى، مەكتەپ بەلگىلەپ بەرگەن ئوقۇش خىراجىتى ۋە ياتاق خىراجىتى ئۆلچىمى، ھېساب ئاچقان بانكا ۋە بانكا ئىسچوت نومۇرى ھەم مائارىپ تارماقلىرى بەرگەن ۋاكالىتەن قايتۇرۇش توغرىسىدىكى ئىسپاتى قاتارلىق ماتېرىياللارنى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا تاپشۇرىدۇ. ھەر يىلى 15 – ئىيۇلدىن 30 – سېنتەبىرگىچە بولغان ۋاقىت دۆلەت ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇلىنى تارقىتىش مەزگىلى بولۇپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قەرز پۇل ئالغۇچى تاپشۇرغان ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، قەرز پۇل بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلگەن ئىستۇدېنتلارغا دۆلەت ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇلى تارقىتىدۇ. مەكتەپ تەمىنلىگەن ھېساب ئىسمى، ھېساب نومۇرى ۋە قەرز پۇل ئالغۇچىلارنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن، قەرز پۇل مەكتەپ بېكىتكەن ھېساب نومۇرىغا يوللاپ بېرىلىدۇ ۋە قەرز پۇل يوللاش دوكۇمېنتىگە ‹‹دۆلەت ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇلى›› دېگەن خەت ئەسكەرتىلىدۇ.
دۆلەت ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇلىنى باشقۇرۇشقا دائىر سىياسەتلەر
شىنجاڭدىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھەر بىر ئوقۇش يىلىدا بېرىلىدىغان دۆلەت ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى 6000 يۈەن بولىدۇ. قەرز پۇلغا بىر قېتىم ئىلتىماس قىلىش، بىر قېتىمدا قەرز پۇل ئىلتىماسى تولدۇرۇش، ئوقۇش يىلىغا بۆلۈپ ھەر يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشتىن بۇرۇن قەرز پۇل ئالغۇچى ئوقۇش يىلى بويىچە قەرز پۇل ئېلىش دوكۇمېنتى تولدۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئەگەر قەرز پۇل ئالغۇچىلار ئوتتۇرا يولدا قەرز پۇل ئېلىشنى توختاتماقچى بولسا، قەرز پۇل ئالغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا بېرىپ قەرز پۇل بېرىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. قەرز پۇل بىلەن مەنپەئەتلەنگەن ئىستۇدېنتلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى بىر – ئىككى يىل ئىچىدە قەرز پۇل قايتۇرۇشنى باشلايدۇ. ئەڭ ئۇزاق قەرز پۇل ئېلىش قەرەلى قەرز پۇلدىن مەنپەئەتلىنىدىغان ئىستۇدېنت ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى ئالتە يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. مۇشۇ ئالتە يىل ئىچىدە قەرز پۇلنى ۋە ئۆسۈمىنى تولۇق قايتۇرۇپ بولۇشى كېرەك. قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى جۇڭگو خەلق بانكىسى بەلگىلىگەن ئوخشاش قەرەللىك قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى ئۆستۈرۈلمەيدۇ. قەرز پۇل ئالغان ئىستۇدېنت مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئالغان قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى %100 تولۇقلاپ بېرىدۇ. قەرز پۇل ئالغۇچى ئىستۇدېنت ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى قەرز پۇل ئۆسۈمىنى قەرز پۇل ئالغۇچى ئۆزى تۆلەيدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن ئىستۇدېنتلار قەرز پۇل ئالسا يۇقىرىدىكى تەرتىپ ۋە رەسمىيەتلەر بويىچە قەرز پۇل تارقىتىش رەسمىيىتى بېجىرىلىدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋە ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شەكىللەنگەن قەرز پۇل ئۆسۈمىنى قەرز پۇل ئالغۇچى ئۆزى تۆلەيدۇ. قەرز پۇل ئالغۇچىلار سەمىمىي، راستچىل بولۇپ لەۋزىدە تۇرۇشى كېرەك. قەرز پۇل ئېلىش ئىلتىماسى ۋە قەرز پۇل توختامىدا بېكىتىلگەن قەرز پۇل قايتۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە قەرز پۇلنى قايتۇرۇشى كېرەك. قەرز پۇلنىڭ دىرى ۋە ئۆسۈمىنى قېتىمغا بۆلۈپ قايتۇرسىمۇ ياكى ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشىلانسا مۇددەتتىن بۇرۇن قايتۇرۇپ تۈگەتسىمۇ بولىدۇ. قەرز پۇل ئالغۇچىلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى ۋە قەرز پۇل توختامىغا خىلاپلىق قىلىش ئۇچۇرى مەملىكەت بويىچە تورلاشتۇرۇلغان خەلق بانكىسىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىناۋەت ئۇچۇرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا كىرگۈزۈلىدۇ. قەرز پۇل ئالغۇچىلار قەرز پۇل قايتۇرۇش توختامىغا خىلاپلىق قىلسا ئالاقىدار قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. قەرز پۇل ئالغۇچىلارنىڭ قەرز پۇل قايتۇرمىغانلىققا دائىر ناچار ئىناۋەت ئۇچۇرى شەخسىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە خىزمەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئويلىمىغان ئاۋارىچىلىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.