ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > شەخىس > تولۇق مەزمۇنى

بايانچور قاغان ۋە ئۇنىڭ تارىخى تۆھپىسى

ۋاقىت : 2014-07-28 22:42 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئالىپتىكىن | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم


بايانچور قاغان ۋە ئۇنىڭ تارىخى تۆھپىسى

      بايانچور قاغان – ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مىلادىيە 747 – 759 – يىللاردا تەخىتتە ئولتۇرغان مەشھۇر قاغانى بولۇپ، ئۇنىڭ تەخىتكە ۋارىسلىق قىلغاندىكى نامى قارا قاغاندۇر. ئۇ “ كونا تاڭنامە“دە ”بىلگە كۆل قاغان“ دەپ ئاتالغان. مىلادىيە 759 – يىلى ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تۆھپىسى ئۈچۈن ئورنىتىلغان ”قارا بالغاسۇن مەڭگۈ تېشى“دا ئۇ ”تەڭرىدە بولمىش ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان“دېيىلگەن. ”قارا بالغاسۇن مەڭگۈ تېشى“ ( يەنە بايانچور مەڭگۈ تېشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بايانچور قاغان تەخمىنەن مىلادىيە 713 – يىللار ئەتراپىدا تۇغۇلغان. 1
      ئۇ چاغلاردا بايانچور قاغان تەۋە بولغان ياغلاقار ئۇرۇقى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر خانلىقى مىلادىيە 680 – يىلىلاردىن باشلانغان قۇتلۇق قاغان ( ئېلتىرىش قاغان) ۋە تۇنيۇقۇق رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي تۈركلەرنىڭ دۆلەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ زەربىسىدە جەنۇب ۋە شىمالغا بۆلۈنۈپ، ياغلاقار ئۇرۇقى خېشى ۋادىسىغا كېلىپ، ئۆز كۈچىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى سۈكۈت ئىچىدە كۈتىۋاتقانىدى.
       مىلادىيە 727 – يىلى خېشى ۋادىسىدىكى ياغلاقارلار رەھبەرلىكىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدا يۈزبەرگەن زىددىيەت، ئۇيغۇرلارنى ئۆز تەقدىرىنى باشقىچە ھەل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، نەتىجىدە شۇ يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ سەردارى قوشۇ قاغان ئۆز قوۋملىرىنى باشلاپ، كېيىنكى تۈرك خانلىقىنىڭ قاغانى بىلگە قاغان ( 716 -734 – يىللار تەخىتتە ئولتۇرغان)نىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، خېشى ۋادىسىدىن موڭغۇلىيە ۋادىسىغا – كېيىنكى تۈرك خانلىقىغا قايتىپ كەلدى ھەم بىلگە قاغاننىڭ ھۆكمىرانلىقىنى قۇبۇل قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن تاكى 742 – يىلغىچە ئۇيغۇرلار كېيىنكى تۈرك خانلىقىنىڭ تەركىبىدە، تۈرك دېگەن ئورتاق نام ئاستىدا ئۆز كۈچىنى تەدرىجىي كۈچەيتىپ ئۇرۇق – قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىتىپاقنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، قايتىدىن مۇستەقىل سىياسىي كۈچ بولۇپ مەيدانغا چىقىشقا باشلىدى. بۇ ھەقتە كونا، يېڭى ”تاڭنامە“لەردىكى خاتىرىلەردىن باشقا ”قارا بالغاسۇن مەڭگۈ تېشى “ دا: “ تۈرك ئېلىگە 26 يېشىمدا ( مىلادىيە 739 – يىلى)…بەردى، بويلا ( ئۇ يەرلەردىن )قايتىپ كەلدى، توققۇز ئوغۇز خەلقىمنى تىرىپ، يىغىپ ئالدىم، ئاتام كۈل بىلگە قاغان…“2 دەپ خاتىرلەنگەن. بۇ مەزگىلدە كېيىنكى تۈرك خانلىقى بىر مەزگىلىك گۈللىنىشتىن كېيىن ئىچكى قىسىمدىكى مىللىي ۋە سىنىپى زىددىيەتلەر ئىنتايىن كەسكىنلەشكەن بىر دەۋرگە قەدەم قويدى، بولۇپمۇ مىلادىيە 731 – يىلى كېيىنكى تۈرك خانلىقىنىڭ مەشھۇر ھەربىي قۇماندانى ۋە دۆلەت ئەربابى كۆل تېگىننىڭ ۋاپاتى، مىلادىيە 734 – يىلى بىلگە قاغاننىڭ ئۆز بۇيرىقى ( ۋەزىرى) بۇيرۇق چۇر تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلىشى كېيىنكى تۈرك خانلىقىنىڭ شەۋكەتلىك تارىخىنىڭ ئاخىرلىشىش سىگنالى بولۇپ قالدى. نەتىجىدە، شۇنىڭدىن كېيىن 10 يىل ئىچىدە، كېيىنكى تۈرك خانلىقى ھۆكمىرانلار ئارىسىدىكى ھاكىمىيەت تالىشىش كۆرەشلىرى، قەبىلىلەر ئىچىدىكى زىددىيەت، بولۇپمۇ ياغلاقار رەھبەرلىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى جەريانىدا ھالاك بولدى. بىلادىيە 744 – يىلى كېينكى تۈرك خانلىقىنىڭ ئورنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ياغلاقار قەبىلىسى رەھبەرلىكىدىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى تىكلەندى.
       مانا مۇشۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى مۇستەھكەملەش، جۈملىدىن ئالدى بىلەن موڭغۇلىيە ۋادىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، يايلاق يىپەك يولىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، غەربى يۇرتىنى ئېچىش، تەڭىرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى خەلقلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە قۇشۇ قاغاننىڭ نەۋرىسى، قۇتلۇق كۆل بىلگە قاغان ( 744 – 747- يىللار تەخىتتە ئولتۇرغان)نىڭ ئوغلى بايانچور قاغاننىڭ تۆھپىسى ناھايىتى زور بولدى.
       بايانچور قاغاننىڭ تارىخى تۆھپىسى مىلادىيە 753 – يىلى ئورنىتىلغان “ تېرخىن مەڭگۈ تېشى“(يەنە “ تاريات مەڭگۈ تېشى“ دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، مىلادىيە 759 – يىلى ئورنىتىلغان ”قارا بالغاسۇن مەڭگۈ تېشى“ ( يەنە ”بايانچور مەڭگۈ تېشى“ دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋە كونا، يېڭى ”تاڭنامە“لەردە خاتىرلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە “ بايانچور مەڭگۈ تېشى“ بىلەن ”تېرخىن مەڭگۈ تېشى“دە بىرقەدەر ئېنىق ھەم تولۇقراق خاتىرلەنگەن. بىز بۇيەردە ئاساسلىقى مەڭگۈ تاشلاردىكى خاتىرىلەر ئاساسىدا، بايانچور قاغاننىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى مۇستەھكەملەش جەريانىدىكى تارىخىي تۆھپىسىنى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاپ كۆرسىتىپ ئۆتىمىز:
      1. بايانچور قاغانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىشىتىن ئىلگىرى، دادىسى قۇتلۇق كۆل بىلگە قاغان ( كۆل بويلا) بىلەن بىللە موڭغۇلىيە ۋادىسىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىدىكى جايلارغا يۈرۈش قىلىپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھۆكمىرانلىقىنى موڭغۇلىيە ۋادىسىدا تىكلەشتە ھەم خانلىقنىڭ ھۆكمىرانلىق دائىرىسىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تەڭرىتاغ ئېتەكلىرىگىچە كېڭەيتىشتە زور تۆھپە كۆرسەتكەن. مەسىلەن:“بايانچور قاغان مەڭگۈ تېشى“دا:
     (6) قوشۇن ئەۋەتتى. مېنى مىڭبېشى قلىپ ئەۋەتتى. ئالدى ( شەرق) تەرەپكە بېرىپ، كەيرەنىڭ شەرقىدىن يانغۇچى…
     (7) بويسۇندۇرۇپ، يەنە يۈرۈش قىلىدىم، كەيرە بېشىدا ۋە ئۈچ بەركۈ دېگەن ( يەردە) خان قوشۇنى بىلەن قوشۇلدۇم. ئۇ يەر…….
     (8) قوغلىدىم، قارا قۇمدىن ئۆتۈپ، كوگۈردە، كۆمۈر تاغدا، يار دەرياسىدا، ئۈچ تۇغلۇق تۈرك خەلقى…
     (9) ئۇزمىش تېگىن خان بولۇپتۇ، قوي يىلىدا ( مىلادىيە 743 – يىلى) يۈرۈش قىلدىم. ئىكىنچى قېتىمقى ئۇرۇشنى بىرىنچى ئاينىڭ ئالتىنچى( كۈنى) قىلدىم… ئۇزمىش تېگىننى…
    (10) تۇتتۇم. خاتۇننى ( خانىشنى) ئۇ يەردە قولغا چۈشۈردۈم. تۈرك خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يوقالدى، شۇنىڭدىن كېيىن توخۇ يىلىدا ( مىلادىيە 745 – يىلى) خەلق… تۇيۇپ…
    (11) ئۈچ قارلۇقلار كۆڭلىدە يامانلىق ئويلاپ قېچىپ كەتتى. غەربتىكى ئون ئوق خەلقىگە ( يەنى غەربى تۈركلەرگە) قوشۇلدى. تۇڭگۇز يىلىدا ( مىلادىيە 747 – يىلى) تارمار قىلدىم… تاي بىلىگە تۇتۇقنى
     (12) يابغۇ دەپ ئاتىدى، كېيىن ئاتام قاغان قازا تاپتى“3 دەپ خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بايانچورنىڭ مىڭبېشى بولۇپ تەيىنلىنىپ تۈركلەر ئۈستىگە يۈرۈش قىلغان ۋاقتى ”تېرخىن مەڭگۈ تېشى“ دا “ يىلان يىلى“ دەپ خاتىرىلەنگەن، بۇ مىلادىيە 741- يىلىگە توغرا كېلىدۇ. فىرانىسىيەلىك لويىس بازىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كۆگۈر، كۆمۈر، تاغ، يار دېگەن ئۈچ يەر قاراقۇمنىڭ ( شەرقىي جەنۇبى گوبى) جەنۇبىدا بولۇپ، كۆگۈر خەنزۇچە تارىخنامىلەردىكى داچىڭشەن تېغىغا توغرا كېلىدۇ. كۆمۈر تاغ خەنزۇچە تارىخنامىلەردىكى خېيشەن تېغىغا توغرا كېلىدۇ. يار دەرياسى بولسا لاڭشەن تېغى باغرىدىكى خۇاڭگې دەرياسىنىڭ شىمالىي تارمىقى بولۇپ، ئورۇن جەھەتتىن شىمالىي كەڭلىك41 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 107 نىڭ سەل شەرقىگە توغرا كېلىدۇ“4 “ ئۇزمىش قاغان“بولسا كېيىنكى تۈرك خانلىقىنىڭ 8 – قاغانى بولۇپ، مىلادىيە 742 – يىلى قاغانلىق تەخىتكە چىققان. 744 – يىلى بايانچور ۋە ئۇنىڭ دادىسى قۇتلۇق كۆل بىلگە تەرىپىدىن يوقتىلغان. قارلۇقلار بولسا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى تەشكىل قىلغۇچى توققۇز ئوغۇز( يەنى خەنزۇچە ماتېرىياللاردىكى تاشقى توققۇز ئۇيغۇر)لارنىڭ ئىچىدىكى بىر قەبىلە بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئىچىدىن يەنە بۇلاگ، چىگىل، تاشلىك قاتارلىق ئۈچ ئۇرۇققا بۆلۈنگەنلىكى ئۈچۈن ئۈچ قارلۇق دەپمۇ ئاتالغان. ئۇلار ئاساسەن ھازىرقى بوغدا تېغىنىڭ شىمالىدىكى جۇڭغار ۋادىسى ۋە ئالتاي تېغىنىڭ غەربىدىكى يەتتەسۇ ۋادىسى قاتارلىق جايلاردا ياشىغان، كېيىن ئوڭ، سول ئىككى تارماققا بۆلۈنۈپ، سول تارمىقى موڭغۇلىيە ۋادىسىدىن ئالتاي تېغىغىچە ماكانلىشىپ، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تەركىبىگە كىرىپ تەدرىجىي ئۆزلىرىنىڭ نامىنى ئۇنتۇشقا قاراپ ماڭغان. ئوڭ تارمىقى ئالتاي تېغىنىڭ غەربى، جۇڭغار ۋادىسى، يەتتەسۇ ۋادىسى قاتارلىق جايلاردا ماكانلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ نىسپىي بىرلىكىنى ساقلاپ كەلگەن. ”تايا بىلگە تۇتۇق“ توغرىسىدا مەڭگۈ تاشلاردىكى خاتىرىلەرنى كونا، يېڭى“تاڭنامە“لەردىكى خاتىرىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ قارىغاندا، ئۇ مىلادىيە 756 – يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن 4000مىڭ كىشلىك قوشۇن باشلاپ بېرىپ ئۆڭلۈڭ – سۆيگىن توپلىڭىنى باستۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئۇيغۇر قۇماندانى بولۇپ، ئەسلىدە بايانچور قاغاننىڭ چوڭ ئوغلى ئىدى، كېيىن ئورخۇن ۋادىسىغا كەلگەندىن كېيىن دادىسى بايانچورغا قارىشى چىققانلىقتىن ئۆلتۈرۈلگەن. بايانچورنىڭ ”ئاتام قاغان“ دەپ ئاتىغىنى، مىلادىيە 744 – يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان كۆل بويلا، يەنى قۇتلۇق كۆل بىلگە قاغان بولۇپ، ”بايانچور مەڭگۈ تېشى“دا ئۇنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتى “ توڭگۇز يىلى“ ( مىلادىيە 744 – يىلى) دېيىلگەن. تارىخنامىلەردە              مىلادىيە 747 – يىلى بايانچور دادىسىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىپ ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتىغان يىل دېيىلىدۇ.
        دېمەك، بايانچور قاغانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىلگىرى دادىسى قۇتلۇق كۆل بىلگە قاغان بىلەن بىللە شەرق ۋە غەربتىكى جايلارغا يۈرۈش قىلىپ، كېيىنكى تۈرك خانلىقى ۋە بىرقىسىم ئىسيانكار قەبىلىلەرنى يوقىتىپ، موڭغۇلىيە ۋادىسىدا ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھۆكمىرانلىقىنى مۇستەھكەملەشتە زور رول ئوينىغان.
       بايانچورنىڭ قاغانلىق تەختىگە چىقىشى توغرىسىدا ”تېرخىن مەڭگۈ تېشى“دا:
       (1) مەن، تەڭرىدىن بولغان ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان بىلەن تەڭرىدىن بولغان ئەل بىلگە قاتۇن، قاغان ۋە قاتۇن ئاتاقلىرىنى قۇبۇل قىلىپ، شۇ چاغدا ئۆتۈكەننىڭ غەربىي چېتىدە، تەز دەرياسىنىڭ بېشىدا بارگاھ ( تەخت ئۆيى) قۇرغۇزدۇم…
      (2) ئەجدىھا يىلى ئۆتۈكەن ئوتتۇرىسىدىكى سوڭۇز باشقان مۇقەددەس چوققىسىنىڭ غەربىي تەرىپىدە يايلىدىم، شۇ يەردە بارگاھ ( تەخىت ئۆيى) قۇرغۇزدۇم، سېپىل سوقتۇردۇم. مىڭ يىللىق، تۈمەن كۈنلۈك پۈتۈكۈمنى، تامغامنى شۇ يەردە
      (3) سىلىق تاشقا ئويدۇردۇم، يوغان تاشقا ئورناتقۇزدۇم، يۇقىرىدا كۆڭ تەڭرىنىڭ بۇيرىشى، تۆۋەندە قوڭۇر يەرنىڭ بېقىشى بىلەن ئېلىمنى قۇردۇم، تۈزۈملىرىمنى تىكلىدىم. ئالدىمدا كۈنچىقىشتىكى خەلقلەر، ئارقامدا ئاي چىقىشتىكى خەلقلەر
      (4)دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىكى خەلقلەر( ئۆزلىرىنىڭ) كۈچلىرىنى ماڭا بېرۇر…“5
      دەپ خاتىرىلەنگەن. دېمەك، بايانچور دادىسى قۇتلۇق كۆل بىلگە قاغان قازا قىلغاندىن كېيىن تاي بىلگە تۇتۇق قاتارلىقلارنىڭ ئىسيانىنى ئوڭۇشلۇق تىنچىتىپ، ئەجدادلىرىنىڭ ئادىتى ۋە ئەنئەنىسى بويىچە قاغانلىق تەختىگە چىققان، ئۆزىنى ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان دەپ، خانىشىنى ئەل بىلگە قاتۇن دەپ جاكارلىغان، ئۆزى ۋە خانىشى ئۈچۈن مەخسۇس ئوردا، قەسىرلەرنى سالدۇرغان. بايانچور قاغانلىق تەختىگە چىققان ۋاقىت موڭغۇلىيە ۋادىسى ئاساسەن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن دەۋر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئەجدادلىرىنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى تەرتىپكە سالغان.
       2. بايانچور قاغانلىق تەخىتكە چىققاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي يۇرت بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى جانلاندۇرۇش ۋە ئۆز تەسىر دائىرىسىنى شۇ جايلارغىچە كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئۆز زېھنىنى قاغانلىقنىڭ غەربىي زېمىنىنى كاپالەتلكە ئىگە قىلىش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا( جۈملىدىن يەتتە سۇ رايۇنى) ھەم تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى رايۇنلارنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشقا قاراتقان، بۇ كېيىنكى دەۋرلەردە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھۆكمىرانلىق مەركىزىنى تەدرىجىي غەربكە سىلجىتىشقا تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي ئاساس سېلىپ بەرگەن.
       بايانچور قاغاننىڭ غەربكە قىلغان يۈرۈشلىرى ھەققىدە “ بايانچور قاغان مەڭگۈ تېشى“دا:
       (19) …. ئىككى ئوغلۇمغا يابغۇ، شاد نامىنى بەردىم. ( ئۇلارنى) تاردۇش ( خاندانلىقىنىڭ غەربىي قىسمى)، تۆلەس يايلىقىنىڭ ( خاندانلىقنىڭ شەرقىي قىسمى) خەلقىگە ( باش) قىلدىم. شۇنداق قىلىپ، يولۋاس يىلى ( مىلادىيە 750 – يىلى) چىكلەرگە يۈرۈش قىلدىم. ئىككىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى كەم دەرياسىدا ( ئۇلارنى) تارمار قىلدىم.
       (20) …. شۇنداق قىلىپ، شۇ يىلى كۈزدە شەرققە يۈرۈش قىلدىم. تاتارلارنى سوراققا تارتتىم( جازالىدىم). توشقان يىلى ( مىلادىيە 751 – يىلى)
       (25) …. قارلۇق … كەم دەريا… ئېرتىش دەرياسىنىڭ ئارقار باشى( دېگەن يېرى)نى مۇز قاپلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئارقامىشنىڭ تۆۋەن يېنىدىن سال سېلىپ ئۆتتۈم. ئون بىرىنچى ئاينىڭ ئون سەككىزىدە( ئۇلارغا) ئۇچىرىدىم. بولچۇ دەرياسىدا ئۈچ قارلۇقنى
       (26) تارمار قىلدىم. ئۇ يەردىن قايتىپ كەلدىم. مېنىڭ مىڭ ئادىمىم چىك خەلقىنى سۈرۈپ كەلدى… تەز ( دەرياسى) بېشىدىكى پاسىلىم ئىچىدە يايلىدىم. ئۇ يەردە تەڭرىگە تاۋاپ قىلدىم. چىك خەلقىگە تۇتۇق ئەۋەتتىم، ئىشبارا ھەم تارقانلارنى ئەۋەتتىم…
 
       (40) … قارلۇق خەلقى… شۇنداق قىلىپ، سەككىزىنچى ئاينىڭ ئۈچىدە يۈرۈش قىلدىم… قارلۇقلارنىڭ تىرىكلىرىنىڭ ھەممىسى تۈركەشلەرگە كەلدى. قايتىپ كېلىپ
       (41) ئونىنچى ئاينىڭ ئىككىسى باردىم… زەربە بەردىم( قايتىپ كەلدىم)، شۇنىڭدىن تارتىپ، باسمىل ۋە قارلۇقلار يوقىتىلدى. قوي يىلى ( مىلادىيە 755 – يىلى)“6 دەپ خاتىرلەنگەن بولۇپ، بۇ يەردىكى “ كەم دەرياسى“ يېنسەي دەرياسىنى كۆرسىتىدۇ. “ چىكلار“ توۋالارنىڭ كىچىك بىر قەبىلىسى بولۇپ، يېنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى جايلاردا ياشىغان، “ تاتارلار“ سىبىرلارنىڭ مەڭگۈ تاشلاردىكى ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەينى دەۋردىكى جايلاشقان ئورنى ھەققىدە نۆۋەتتە تەتقىقاتچىلار “ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدەسىبىرلارنىڭ20 نەچچە قەبىلىسى بولۇپ خۇلۇنبېر كۆلىنىڭ ئەتراپلىرىغا، ئىرغۇنا دەرياسى ۋە ئامۇر ( خېلوڭجىياڭ) دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ قىرغاقلىرىدىكى جايلارغا، نېنجىياڭ دەرياسى ۋادىسىغا ۋە خۇلېنخې دەرياسىنىڭ قىرغاقلىرىدىكى جايلارغا تارقىلىپ ياشىغان“ دەيدۇ. “ بولچۇ“ بولسا يەتتەسۇ ۋادىسىدىكى بىر دەريانىڭ نامى، “ تۈركەش“لەر بولسا غەربىي تۈركلەرگە تەۋە بولۇپ، بەش تۇغلۇقلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇلار چۇ دەرياسى بىلەن ئىلى دەرياسى ئوتتۇرىسىدا ياشىغان. كېيىن كۈچىيىپ 7 – ئەسىرنىڭ ئاخىرى 8 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆز سەردارى ئۇگىل باشچىلىقىدا تۈركەش خانلىقىنى قۇرۇپ، باش ئوردىسىنى سۇياب شەھىرىدە، كىچىك ئوردىسىنى ئىلى دەرياسىنىڭ بويىدا تەسىس قىلغان. 8 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، قارلۇقلار يەتتەسۇدا يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتكەن.7 بۇ يەردە بايانچۇر قاغاننىڭ يەتتەسۇدىكى قارلۇقلارغا جازا يۈرۈش قىلىشى ۋە يەتتەسۇ ۋادىسىدىكى جايلارغا ئۆز ھۆكمىرانلىقىنى يۈرگۈزۈشى تەسۋىرلەنگەن. “ باسمىللار“ توغرىسىدا تۈركشۇناس بارتولد: ئۇلار تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن ئولتۇراق تۇرمۇشقا ئۆتكەنلەر بولۇپ، ئۇ چاغلاردا بەشبالىق ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا ياشايتتى، ئۇلارنىڭ ھۆكمىرانلىرى “ ئىدىقۇت“ دەپ ئاتىلاتتى، كېيىن “ ئىدىقۇت“ دېگەن نام باسمىللاردىن ئۇيغۇرلارغا مىراس بولۇپ قالغان دەيدۇ.
        دېمەك، يۇقىرىقىلاردىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى، بايانچۇر قاغان ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، كۆپ قېتىم يەتتەسۇ ۋادىسى، يېنسەي دەرياسى ۋادىسىغا ۋە ئالتاي تېغىنىڭ غەربىدىكى ئېرتىش دەرياسى ۋادىسى، ئىلى دەرياسى ۋادىسى ۋە بەشبالىق قاتارلىق جايلارغا ھەربىي يۈرۈش قىلىپ، غەربىي رايۇنلاردىكى تەسىرىنى كۈچەيتىكەن.
        3. بايانچۇر قاغان بولغاندىن كېيىن تاڭ سۇلالىسى بىلەن قۇدىلىشىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئىككى ئەل ئوتتۇرىسىدا چېگرا سودىسىنى يولغا قويۇپ، ئۆز – ئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى راۋاجلاندۇرغان. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرلىنىشچە، بايانچۇر قاغان ھۆكمىرانلىق قىلغان دەۋردە، تاڭ سۇلالىسىدە ئۆڭلۈك – سۆيگىن توپىلىڭى ( مىلادىيە 755 – يىلى) يۈز بېرىپ، توپلاڭچىلارنىڭ تاڭ سۇلالىسىنىڭ شەرقىي پايتەختى لوياڭ ۋە غەربىي پايتەختى چاڭئەننى ئىشغال قىلۋالغان. بۇ چاغدا تاڭ سۇلالىسى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىدىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلىپ، ئورخۇنغا ئەلچىلەر ئۆمىكى ئەۋەتكەندە، بايانچۇر قاغان تاڭ سۇلالىسىگە ھەربىي ياردەم بېرىشكە قوشۇلغان ھەم ئىككى خانلىق ئوتتۇرىسىدا “ ئاتقا يىپەك ئالماشتۇرۇش سودىسى يولغا قويۇلىدۇ، ھەربىر ئاتنىڭ نەرخى 40 توپ يىپەك شايى بولىدۇ“ دېگەن مەزمۇندا كېلىشىم تۈزۈلگەن. تاڭ سۇلالىسى يەنە ئۇيغۇر قاغانىغا ئۆز مەلىكىسىنى ياتلىق قىلىپ بېرىشكە ماقۇل بولغان. نەتىجىدە، مىلادىيە 757 – يىلى بايانچۇر قاغان ئوغلى يابغۇ ۋە چوڭ سانغۇن دىدې باشچىلىقىدا 4000مىڭ كىشلىك خىللانغان ئاتلىق قوشۇننى تاڭ سۇلالىسىگە ياردەمگە ئەۋەتكەن. كونا، يېڭى “ تاڭنامە“لەردىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا، يابغۇ باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئاتلىق قوشۇنى تاڭ سۇلالىسى چېگراسىغا كېلىپلا، فۇفېڭ ۋە شۇفاڭلاردا تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى بىلەن ئۇچىرىشىپ، 757 – يىلى چاڭئەننىڭ غەربىدىكى شىياڭجى بۇتخانسىنىڭ يېنىدا ۋە فېڭشۈي دەرياسىنىڭ شەرقىدە توپلاڭچىلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، 60 مىڭ توپلاڭچىنى ئۆلتۈرۈپ چاڭئەننى قايتۇرۋالغان. ئارقىدىنلا شىنديەن قەلئەسىدە توپلاڭچىلارغا يەنە بىر قېتىم ئەجەلىك زەربە بېرىپ، لوياڭنى قايتۇرۋالغان. ئۇيغۇر قوشۇنىنىڭ جەڭگىۋارلىقىدىن، زورتۆھپىسىدىن رازى بولغان تاڭ سۇلالىسى يابغۇ باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر چەۋەندازلىرىنى ئېسىل سوۋغىلار بىلەن تارتۇقلىغان. تاڭ سۇلالىسى يادىشاھى سۇزۇڭ بايانچۇر قاغانغا ئۆز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، مىلادىيە 758 – يىلى ئۆزىنىڭ كىچىك قىزىغا “ نىڭگو مەلىكە“ ( يەنى دۆلەتنى ئەمىن تاپتۇرغۇچى مەلىكە) دەپ نام بېرىپ، بايانچۇر قاغانغا ياتلىق قىلىپ بەرگەن، يەنە ئۆزىنىڭ جىيەن قىزىنىمۇ بايانچۇر قاغاننىڭ ئىككىنچى ئوغلىغا ياتلىق قىلىپ بەرگەن، بۇ قېتىمقى قۇدىلىشىش ۋە ئۇنىڭ جەريانى ھەققىدە “ كونا تاڭنامە. ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە“، “ يېڭى تاڭنامە. ئۇيغۇلار ھەققىدە قىسسە“ دە خېلى ئېنىق مەلۇماتلار خاتىرىلەنگەن. “ بايانچۇر مەڭگۈ تېشى“ دا بۇ قېتىمقى قۇدىلىشىش ھەققىدە:
(43) … توخۇ يىلى ( 757 -يىلى)دا … بېرىپتۇ… يوقتىپتۇ، شۇنداق قىلىپ… كەلدى. ئىككى قىزىنى ( سوۋغا قىلىپ)
(44) بەردى… سۆزىڭىزنى يىرماي، دېدى. خاتا ئىش قىلماي دېدى… سوغداق ۋە تابغاچلارغا سېلىنگا دەرياسى بويىدا باي بالىقنى سالدۇردۇم“ دەپ خاتىرلەنگەن بولۇپ، بۇ كونا، يېڭى “ تاڭنامە“لەردىكى مەزمۇنلار بىلەن بىردەك.
        مانا بۇ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدا دەسلەپكى قەدەمدە رەسمىي قۇدىلىشىش مۇناسىۋىتىنىڭ تىكلىنىشى بولۇپ، بۇ خىل مۇناسىۋەتنى ئەلۋەتتە بايانچۇر قاغاننىڭ تارىخىي تۆھپىسىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن تاكى مىلادىيە 840 – يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئىچكى – تاشقى ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن يىمرىلگەنگە قەدەر ئىككى خانلىق ئوتتۇرىسىدا قۇدىلىق مۇناسىۋەت، ھەربىي ياردەم مۇناسىۋىتى، ئات – يىپەك سودىسى ئاساسەن ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن، بۇ تاڭ سۇلالىسى بىلەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرىشىنى تېزلەتكەن.
ئىزاھلار:
 
1 . “ بايانچۇر مەڭگۈ تېشى“نىڭ شىمالىي يۈزى 4- قۇرى، “ تېرخىن مەڭگۈ تېشى“ نىڭ شەرقىي يۈزى 20 – قۇرى
 
2. “ بايانچۇر مەڭگۈ تېشى“نىڭ شىمالىي يۈزى 4-، 5-قۇرلىرى.
3. “ بايانچۇر مەڭگۈ تېشى“نىڭ شىمالىي يۈزى 6 – 12 قۇرلىرى.
4. گىڭ شىمىن: “ قەدىمكى تۈركچە ئابىدىلەر ھەققىدە تەتقىقات“ 217 – بەتتە كەلتۈرۈلگەن نەقىل، مەركىزىي مىللەتلەر نەشىرىياتى 2005 – يىلى خەنزۇچە نەشىرى.
5. “ تېرخىن مەڭگۈ تېشىى“نىڭ غەربىي يۈزى 1 – 4 قۇرلىرى.
6. س.گ. كىلياشتورنىي:“ قەدىمكى تۈرك – رۇنىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر“ 283 – بەت، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى.
7. ۋ.ۋ.بارتولد:“ يەتتەسۇ تارىخىي ئوچېرىكلىرى“ 25 – بەت، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى.
يىپەك يولى ۋە ئۇيغۇرلار“ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار