يېڭى قىزىق نۇقتا :
زېمىن تۇغقان ئەزىزلە
زېمىن تۇغقان ئەزىزلە
زېمىن تۇغقان ئەزىزلە
زېمىن تۇغقان ئەزىزلە
ئەلمىساقتىن بېرى دىيارىمىزدا جەمىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، خەلق ئارىسىدا ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىپ ، قەلب تۆرىدە يادلىنىپ كەلگەن ئالىملار ، تۆھپىكارلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىققان . نەزەرىيىۋى فىزىكا ساھەسى ماتېماتىكىلىق تىل ئارقىلىق ئالىي ئۆلچەمگە يېتىشنى تەلەپ قىلىدىغان ، ئېنىقلىق ، ئىنچىكىلىك ۋە لوگىكا جەھەتتىكى مۇكەممەللىك بىلەن ماددىي دۇنيا قانۇنىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ، مەلۇم نوقۇل نۇقتىنى تەجرىبە ئارقىلىق كۆزىتىدىغان ئىلىم بولۇپ ، ھەر بىر ئىلىم ئىگىسىدىن زور تىرىشچانلىقنى تەلەپ قىلىدۇ . بۇ ساھەگە قەدەم قويغان ۋە ئىلمىي مەسىلىنى ھەل قىلىمەن دەپ بەل باغلىغان ھەر بىر كىشىدە خۇددى ئامېرىكىلىق مەشھۇر شائىر ، مودېرنىزم شېئىرىيىتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى تېئېس ئېللىئوت ئېيتقاندەك : " ھۆددىسىدىن چىقىش قىيىن بىر ئىشنى قىلىشتا ، ئادەمدە كۆيۈپ تۈگەيدىغان شامدەك ھېسسىيات بولۇشى كېرەك " . مەدىنە تۆت يىللىق دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدا كۆپ ئىزدىنىپ ئاخىرى 1999 - يىلى 11 - ئايدا "" چېگرالىق سىنھ-گوردون مودېلى ۋە ئۇنىڭ ئۇلترا سىممېترىك كېڭەيتىلىشى "" ماۋزۇلۇق ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېسسىرتاتسىيىسىنى يېزىپ تۈگەتتى . نەزەرىيىۋى يۈكسەكلىكى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان بۇ دوكتورلۇق ماقالىسىنى يېزىش جەريانىدا مەدىنە پەۋقۇلاددە تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى . مەدىنە ئابلىكىم 1999 - يىلى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى دوكتورلۇق دېسسىرتاتسىيىسىنى ياقىلاپ ، ئىككى سائەت داۋاملاشقان دوكتورلۇق دېسسىرتاتسىيىسىنى ياقىلاش داۋامىدا ئەنگلىيىدىكى نەزەرىيىۋى فىزىكا ساھەسىدىكى مەشھۇر ئالىملاردىن تەشكىل تاپقان باھالاش ھەيەت ئەزالىرىنىڭ سورىغان ھەر بىر سوئالىغا ئېنگىلىز تىلىدا قايىل قىلارلىق جاۋاب بەردى . ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىگە باھالاش ھەيىتىدىكىلەر بىردەك يۇقىرى باھا بەردى . ئەنە شۇ مىنۇتلاردىن باشلاپ مەدىنە ئۇيغۇر خەلقىمىز ئىچىدىن چىققان ، ئاساسىي زەررىچىلەر ئىلمى بويىچە تۇنجى دوكتورلۇق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى بولدى . مەدىنەنىڭ دېسسىرتاتسىيە باھالاش پىكرىگە مۇنداق دەپ يېزىلغان ئىدى : " چېگراسىز بوشلۇق جەھەتتىن ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان سىنھ-گوردون مودېلىنى بۇ ساھەدىكى ئىلمىي تەتقىقاتچى ئالىملار تولۇق تەتقىق قىلىپ بولغان ئىدى ، لېكىن مودېلنىڭ بوشلۇق جەھەتتىن شەرت قويۇلغان چېگرالىق ھالىتىنى تېخى مۇكەممەل تەتقىق قىلىپ باقمىغانىدى . مەدىنە كزىنىڭ دېسسىرتاتسىيىسىدە چېگرالىق سىنھ-گوردون زەررىچىلىرى ئېنېرگىيىسىنىڭ ئۇرۇلغاندىن كېيىنكى قايتىش مىقدارىنى ھېسابلاپلا قالماستىن ، بۇ مودېلىنى ئۇلترا سىممېترىك ئەھۋالغا كېڭەيتىپ تەتقىق قىلدى . بۇ خىزمەتنىڭ ئىلمىي نەتىجىسى تۆۋەندىكى ئىككى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ : بىرىنچى ، مۇتەخەسسىسلەر بۇرۇن ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلەردىكى چېچىلىش مىقدارىدىكى خاتالىقىنى بايقاپ ، ئۆزىنىڭ يېڭىچە كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزدى . ئىككىنچى ، ئۇلترا سىممېترىك شارائىتتا بوزۇن زەررىچىلىرىدىن باشقا يەنە فېرمىئون زەررىچىلىرىنىڭ قانۇنىيىتىنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك ، فېرمىئوننىڭ ئىككى نۇقتىلىق گىرىن فۇنكسىيىسىنىڭ چېگرالىق شەكلىنى مەدىنە ئۆزىنىڭ ئىلمى تەتقىقاتىدا تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى . بوزۇن ۋە فېرمىئوننىڭ چېچىلىش مىقدارىنى ھېسابلاش گەرچە تېخنىكا جەھەتتىن قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان خىزمەت بولسىمۇ ، مەدىنە ئۇنى ھېسابلاپ چىقتى . بۇ مۇشۇ ساھەدىكى قالتىس بىر چوڭ ئىلگىرىلەش بولۇپ ، ئىككى ئۆلچەملىك كۋانىت مەيدان نەزەرىيىسىگە ئۆزىنىڭ يېڭى كۆز قارىشى بىلەن تۆھپە قوشتى . مۇشۇ ئىلمىي نەتىجە ئۈچۈن دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىشكە قوشۇلىمىز " . |