ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > شەخىس > تولۇق مەزمۇنى

مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن

ۋاقىت : 2013-08-08 20:20 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن

مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن

 ما يۈننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

ما يۈن 1964-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى جېجياڭنىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئوقۇش تارىخى تولۇق كۇرۇس، ئوقۇغان مەكتىپى خاڭجۇ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى، كەسپى ئىنگلىزتىلى، باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانغا ئىگە.

ما يۈن 1988-يىلى خاڭجۇ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى يەنى ھازىرقى خاڭجۇ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېنگىلىز تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن خاڭجۇ ئېلېكتر تېخنىكا ئۇنۋېرسىتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قېلىنغان. 1995-يىلى ئۇ ئامېرىكىغا چىقىپ تۇنجى قېتىم ئېنتېر تورى بىلەن ئۇچراشقان. دۆلەتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن جۇڭگو شىركەت بېتىنى قۇرۇپ چىققان. 1997- يىلى ئۇ جۇڭگو تاشقى سودا-ئىقتىسادى مىنىستىرلىكىگە كىرگەن. ئۇ ھۆكۈمەت توربىكىتىگە مەسئۇل بولغان ۋە جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىش بازىرىنى ئاچقان. ئۇ 1988-يىلدىن 1995-يىلىغىچە خاڭجۇ ئېلېكتر-تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىدا خەلقئارا سودا دەرىسىنى ئۆتىدىغان لىكتۇر بولغان، 1992-يىلى تۇنجى بولۇپ خەيبو تەرجىمە تەھرىراتىنى قۇرۇپ چىققان. 1995-يىلىدىن 1997-يىلغىچە جۇڭگودا تۇنجى بولۇپ ئالاقە تورى سودا كەسپى ئۇچۇلرىنى ئېلان قىلىدىغان تور بېكەت جۇڭگو تور بېتىنى قۇرۇپ چىققان. 1997-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە چەتئەل سودا-ئىقتىسادى مىنىستىرلىكى جۇڭگو خەلىقئارا ئېلېكترونۇق سودا مەركىزىگە كىرگەن.

1999-يىلى ئۇ رەسمىي ھالدا خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، ئەلى بابا تور بېكىتىنى قۇرۇپ چىققان ھەمدە ئېلېكتىرۇنلۇق سودىنى ئاچقان بولۇپمۇ B2B كەسپىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. ھازىر ئەلى بابا بولسا پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ B2B تور بىكەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

ما يۈننىڭ مۇۋەپپەقىيەت ھەققىدە ئېيتقانلىرى

*مەن ھەرقاچان خىزمەتچىلىرىمنى بىرىنچى، ئابونتلارنى ئىككىنچى دەپ قارايمەن. ئەگەر خىزمەتچىلەر بولمىغان بولسا بۇ تور بىكىتى بولمىغان بولاتتى. پەقەت خىزمەتچىلەرنىڭ كۆڭلى شاتلىققا تولغانلىقى ئۈچۈن بىزنىڭ نۇرغۇن ئابونتلىرىمىز بۇ شادلىقتىن تەڭ بەھرىمان بولالايدۇ.

 

مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن

*بۈگۈن تولىمۇ شەپقەتسىز، ئەتىمۇ ھەم شۇنداق، لىكىن ئۆگۈن چوقۇم گۈزەل بولىدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر پەقەت تولىمۇ شەپقەتسىز بۈگۈندىن ھالقىپ تېخىمۇ شەپقەتىسىز ئەتىدىكى كەچقۇرۇندا ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ، پەقەت شەپقەتسىز ئەتىگە بەرداشلىق بېرىپ ئۆتكۈزەلىگەن قەھرىمانلارلا كېيىنكى كۈنلەردىكى قۇياشنى كۆرەلەيدۇ.

*ئەگەر سىز 10 توشقان كۆرسىڭىز، قايسنى تۇتالىشىڭىز مۇمكىن؟ بەزىلەر بىردەم ئۇنى بىردەم بۇنى قوغلاپ ئاخىرىدا ھەممىدىن قۇرۇق قىلىشى مۇمكىن. CEOنىڭ ۋەزىپىسى ھەرگىزمۇ پۇرسەت ئىزدەش بولماستىن بەلكى پۇرسەت ئالدىدا ئىرادىسىنى چىڭ تۇتۇش. پۇرسەت ھەقىقەتەن كۆپ، ئەمما بىرنىلا تۇتقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، مەن پەقەت بىرلا توشقاننى تۇتالايمەن. ئەگەر كۆپ تۇتۇپ قويسام ھەممىسى قېچىپ كەتمەمدۇ؟

*مەن بىزنىڭ پۇل تېپىش ئەندىزىمىزدىن گۇمانلانمايمەن، ئامازۇن بولسا دۇنيادىكى ئېقىن مىقدارى ئەڭ چوڭ دەريا ، 8848 مىتىرلىق تاغ بولسا دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز تاغ، ئەلى بابا بولسا دۇنيادىكى بايلىقى ئەڭ مول غەزىنە، ئەڭ قالتىس شىركەت. بىز باشقىلارنىڭ بەرگەن قىنىغا تايىنىپ ياشىساق، ئۇنداقتا ئۇزۇن دەۋر سۈرەلمەيمىز، بۇنىڭدا ئەڭ ھالقىلىق نەرسە نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ ئۆزى قان ياساش.

*بىز داۋاملىق بازارنى بىزنىڭ ماي قاچىلاش پونكىتىمىز دەپ قارايمىز، ئەمما ماي قاچىلاش پونكىتىغا يېتىپ بارماي تۇرۇپلا توختاپ قالىمىز ياكى ماڭالمايمىز. مېنىڭچە، يولغا چىققان ئىكەنمىز ماي پونكىتىغا چوقۇم يىتىپ بىرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كىرەك، ھەرگىز يىرىم يولدا توختاپ قىلىشقا بولمايدۇ.

* يالاڭ ئاياغ كىشى ھەرگىزمۇ ئاياغ كەيگەنلەردىن قورقۇپ قالمايدۇ.

* ھەرگىزمۇ باشقىلار بىلەن تەلىيىڭىزنى سېلىشتۇرۇپ يۈرمەڭ، مەن ئەزەلدىن ئۆزەمنى باشقىلاردىن تەلەيلىك دەپ ئويلاپ باقمىغان، ئەڭ قىيىن چاغلاردا باشقىلار بەرداشلىق بىرەلمىگەندە مەن پەقەت بىر ياكى ئىككى سىكونت ئۇزۇن بەرداشلىق بەردىم خالاس.

* ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت ۋاز كېچىش، ئەڭ چوڭ دۈشمەن ئۆزىمىز، ئەڭ چوڭ رىقابەتچى ۋاقىت.

ما يۈن نېمە ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان؟

كىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى تاسادىپىيلىقتىن بولمايدۇ، مايۈن ئۆزىنىڭ نەتىجىسى ئارقىلىق كىشىلەرگە تىرىشچانلىق ۋە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىققا ئىنتىلىشنىڭ كىشىگە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەت بوشلۇقى ھازىرلاپ بىرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن

ما يۈن باشلانغۇچتا يەتتە يىل ئوقۇغان، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئۈچ قېتىم قاتناشقان، ئەڭ ئاخىرىدا مەخسۇس كۇرسقا ئۆتۈپ ئارقىدىن پۈتۈن كۇرسقا يۆتكەلگەن. ئۇ بۇرۇن نۇرغۇن قېتىم خىزمەت ئىزدەپ مەغلۇپ بولغان، ئالىي مەكتەپكە بىرىنچى قېتىم ئىمتىھان بەرگەندە 18نومۇر پەرقى بىلەن ئۆتەلمىگەن، شۇ ۋاقىتتا ئۇ خاڭجۇ شەھىرىدە ئون نەچچە يەرگە بىرىپ خىزمەت ئىزدىگەن، لېكىن بىرمۇ ئورۇن ئۇنى قوبۇل قىلمىغان، ئارقىدىن ئۇ ئامالسىزلىقتىن ئىككى ئاي ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىت ھەيدەپ پۇل تاپقان، شۇڭلاشقا مايۈن ئەزەلدىن ئۆزىنى تۇغما ئەقىللىك دەپ ئويلىمايدۇ، ئەمما ئۇ ئىشەنچ ۋە تىرىشچانلىقنىڭ ئۆزىگە پۇرسەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن.

ھەقىقىي كارخانىچى ما يۈن

ما يۈن ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى-جىسمىغا لايىق تالانت ئىگىسى ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ھەقىقىي چوڭ كارخانىچى. IT ساھەسىدە مايۈن دېگەن بۇ ئىسىم كىشىلەرگە ناتونۇش ئەمەس. ئۇ ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش ئىجرائىي ئەمەلدارى. ئۇ فۇربېس ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان تۇنجى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق سودىگىرى. ئۇ يەنە كەلگۈسى سودا ساھەسىدىكى رەھبەر دېگەن شەرەپلىك نامغا نائىل بولغان.

بۇلاردىن باشقا ئۇ يەنە رۇئەن يىن گۇرۇھىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئەتلىكىگە، جۇڭگو ياخۇنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئىدارىسىنىڭ رەئىسلىكىگە، APECنىڭ سودا-سانائەتتىن مەسلىھەت بېرىش ئەزالىقىغا، خاڭجۇ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئالى بابا سودا ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرلىقىغا، خورايى قېرىنداشلار ئاخبارات گۇرۇھىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئەتلىكىگە تەيىنلەنگەن. ئۇ يەنە پىروفىسسۇر، رەسسام ۋە دوكتۇر دېگەندەك ئاتاقلارغىمۇ ئىگە.

 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار