ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە زېمىن تۇغقان ئەزىزلە

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > شەخىس > تولۇق مەزمۇنى

كىشىلىك ھەققىدە

ۋاقىت : 2013-02-28 20:30 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئەخلەت | تەھرىر : يانتاق | كۆرۇلىشى : قېتىم
كىشىلىك ھەققىدە
يۈسۈپ خاس ھاجىپ
(ئەركيار تەۋسىيسى)

    كىشى قەدىرلىك ئەمەس،بەلكى كىشىلىك بىلەن قەدىرلىكتۇر.
    ئەي ئېسىل كىشى،كىشىلىكنى تاشلىما،كىشىگە دائىم كىشىلىك قىلىپ تۇر،ساڭا كىمنىڭ ئەمگىكى سىڭگەن بولسا،كېيىن سەن بۇنىڭغا كۆپرەك جاۋاب قايتۇر.
    كىشىنىڭ ئەمگىكىنى بىلمىگەن كىشى بەئەينى كالىغا ئوخشايدۇ،كالا ئاتىلىپ قالما،يۈر،كىشىلىك قىل.ئادەملەرگە كىشىلىك قىلىش بىلەن ئادەم بولغىن.
    كىشىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئادەمگە كىشى دەپ نام بېرىلگەن،كىشىلەر كىشىلىك بىلەن نامىنى يۈكسەلدۈرگەن.
قارا،ئېسىل كىشىلەر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ،بىرى بەگ،بىرى دانا،بۇلار ئىنسانلارنىڭ باشلامچىسىدۇر.بىرى،قولىغا قىلىچ ئېلىپ،خەلقنى ئىدارە قىلىدۇ.يەنە بىرى،قەلەم ئېلىپ ياشاش يولىنى كۆرسىتىدۇ.

    كىشىلەردىن يامانلىما،ئۇششاق سۆزلىمە،توغرا سۆزلىگىن،بار سۆزنى يوشۇرما.
    كىشى كۆڭلىگە ياخشى نىيەت پۈتسە،دۇنيادا ھەممە كىشى تىلىگىنىدەك بولىدۇ.ياخشى نىيەت قىلغان كىشىگە ياخشىلىق كېلىدۇ،ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىسىمۇ ساۋابلىق كېلىدۇ.
    كىشىگە مال-دۇنيا كېرەك ئەمەس،ياخشى خۇي-پېئىل كېرەك.شۇنداق كىشى زۆرۈر بولغاندا،ياخشى نەرسىلەرگە ئېرىشەلەيدۇ.
    دۇنيادا ئادەم قىس ئەمەس،بەلكى كىشىلىك قىستۇر.ئىنسانلار ئاز ئەمەس،بەلكى توغرىلىق ئازدۇر.
 
 
 
 
 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار