يېڭى قىزىق نۇقتا :
زېمىن تۇغقان ئەزىزلە
زېمىن تۇغقان ئەزىزلە
زېمىن تۇغقان ئەزىزلە
زېمىن تۇغقان ئەزىزلە
دۇنيادىكى كىشى ئىسمى بىلەن ئاتالغان مەيدانلار
ۋاشىنگتون مەيدانى: ئامېرىكا نيۇيورك شەھىرىدىكى گىرېنىۋىچ كەنتى بىلەن شەرقىي كەنتىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. بۇ مەيدانغا 1789-يىلى ئامېرىكىنىڭ تۇنجى پىرېزىدېنتى ۋاشىنگتوننى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسمى قويۇلغان. مەيداننىڭ غەربىي تەرىپىدىكى گىرېنىۋىچ كەنتى مەيدان ياسالغاندىن كېيىن يازغۇچى - سەنئەتكارلارنىڭ ماكانى بولۇپ قالغان.
▲ بولىۋار مەيدانى: ۋېنېزۇئېلانىڭ كاراكاس كوناشەھەر رايونىغا جايلاشقان. تارىختا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «قورال - ياراغ مەيدانى»، «بازار مەيدانى» ۋە «ئاساسىي قانۇن مەيدانى» دەپ ئاتالغان. 1833-يىلى جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرىنى ئازاد قىلغۇچى بولىۋار تۇغۇلغانلىقنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى بۇ مەيدانغا «بولىۋار مەيدانى» دەپ نام بەرگەن. 1874-يىلى ۋېنېزۇئېلا خەلقى بۇ مىللىي قەھرىماننى ياد ئېتىش ئۈچۈن، مەيداننىڭ مەركىزىگە بولىۋارنىڭ ئاتقا مىنگەن ھەيكىلىنى ئورناتقان. مەيداننىڭ تۆت ئەتراپىدا شەھەرلىك ھۆكۈمەت، فېدېراتسىيە رايونى ھۆكۈمىتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە چېركاۋ بار.
▲ رېيمونېسېس مەيدانى: بۇ قەدىمكى مىسىر فىرئەۋىنى رېيمونېسېسⅡنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان مەيدان بولۇپ، قاھىرە شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. مەيداننىڭ مەركىزىدە رېيمونېسېسنىڭ تاش ھەيكىلى بار. بۇ ھەيكەل ئەتىرگۈللۈك گىرانت تاش بىلەن ياسالغان.
▲مۇرىللو مەيدانى: بۇ مەيدان بولىۋىيە پايتەختى لاپاس شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. مەيدان مەركىزىدە بولىۋىيە مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ پېشۋاسى مۇرىللونىڭ مىس ھەيكىلى بار. مەيداننى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى، ھۆكۈمەت سارىيى، پارلامېنت سارىيى ۋە كاتولىك دىنى چېركاۋى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ئوراپ تۇرىدۇ.
▲ تىتو مەيدانى: كىرودىيەنىڭ زاگرىب شەھىرى مەركىزىگە جايلاشقان. بۇ مەيدان كىرودىيە خەلقىنىڭ گېرمانىيە فاشىسىزم تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان، ئەينى چاغدىكى پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ قوماندانى، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى يۇگوسلاۋىيەنىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى تىتونى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان.
▲كىم ئېرسىن مەيدانى: چاۋشيەن پايتەختى پىيوڭياڭنىڭ مەركىزىي مەيدانى، چاۋشيەن خەلقىنىڭ ئۇلۇغ داھىيسى كىم ئېرسىننى خاتىرىلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. مەيداندا كىم ئېرسىننىڭ غايەت زور مىس ھەيكىلى بار.
▲ پۇشكىن مەيدانى: رۇسىيە پايتەختى موسكۋا شەھىرىنىڭ گوركىي چوڭ كوچىسىغا جايلاشقان. 1937-يىلى رۇسىيەنىڭ ئۇلۇغ شائىرى، »رۇسىيە ئەدەبىياتىنىڭ ئاتىسى« دەپ ئاتالغان پۇشكىن ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بۇ مەيداننىڭ نامىنى پۇشكىن مەيدانى دەپ ئۆزگەرتكەن.
▲دېگولل مەيدانى: فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھەر مەركىزىدىكى ئاساسلىق مەيداندىن بىرى. 1944-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنى پارىژ ئازاد بولغاندىن كېيىن، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى دېگوللنىڭ فىرانسىيە دۆلىتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ مەيداننىڭ نامىنى «دېگولل مەيدانى» دەپ ئۆزگەرتكەن.