يېڭى قىزىق نۇقتا :
زېمىن تۇغقان ئەزىزلە
زېمىن تۇغقان ئەزىزلە
زېمىن تۇغقان ئەزىزلە
زېمىن تۇغقان ئەزىزلە
ئۇيغۇرنىڭ ماركوپولۇسى-راببان سائۇما
مۇھەممەد ھوشۇر
راببان سائۇما (1220-1294) يۈەن سۇلالىسىدا ئۆتكەن سەيياھ ۋە دىپلومات. ئۇ خانبالىق (بېيجىڭ) دا تۇغۇلغان. ئاتا –ئانىسى چىڭگىزخان دەۋرىدە غەربىي يۇرتتىن بۇ يەرگە كېلىپ ماكانلاشقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ،ھەممىسى دېگۈدەك سادىق نىستورىيان مۇرىتلىرىدىن ئىدى. سائۇما كىچىكىدىن باشلاپ خەنزۇتىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ناھايىتى پۇختا ئۆگەنگەن، شۇڭا نۇرغۇن ماتېرىياللاردا ئۇنى خەنزۇ دەپ ئاتىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
سائۇما 20 يېشىدا ئۆزىنىڭ باياشات تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىپ رەسمىي نىستورىيان راھىپىغا ئايلىنىپ ئۆڭكۈرنى ماكان تۇتىدۇ. ئۇ نەچچە ئون يىلنى مانا مۇشۇنداق ئۆتكۈزىدۇ ۋە توختىماي تەۋراتتىن تەبلىغ قىلىپ نۇرغۇن ئەگەشكۈچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ماركوس ئىسىملىك بىر ياش بار بولۇپ، 1276- يىلى سائۇما نىستورىيان دىنىنىڭ مۇقەددەس جايى بولغان ئېرۇسالىمنى تاۋاب قىلىش ئۈچۈن ماركوس بىلەن بىرگە غەربكە قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇلارغا خانبالىقتىكى باش ئېپىسكوپ تونۇشتۇرۇش يېزىپ بېرىدۇ. قۇبلايخانمۇ ئۆز قولى بىلەن يول خېتى كېسىپ بېرىدۇ. ئۇلار خوتەن، قەشقەر، تالاس،سىر دەرياسى ۋادىسى قاتارلىق جايلارنى كېسىپ ئۆتۈپ موڭغۇل ئىستېلاسىغا قارشى خۇراسانغا يېتىپ كېلىدۇ. ئاندىن ھازىرقى ئەزەربەيجانغا تەۋە ماراغىغا بارىدۇ. ماراغى قۇبلايخاننىڭ ئىنىسى ھىلاكۇ (1265-1217) قۇرغان خانلىقنىڭ پايتەختى بولۇپ، غەربىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى كونترول قىلاتتى. ئۇنىڭ ئايالى توققۇز خاتۇنمۇ بىر نىستۇرىيان مۇرىتى ئىدى.
ئۇلار داۋاملىق ئىلگىرىلەپ ئەرمىنىيەنىڭ ئانى دېگەن يېرىگە كەلگەندە ئېرۇسالىمنىڭ سۈرىيەلىكلەر (ياكىمىسىرلىقلار) تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغانلىقىنى ئۇقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ يەردىن باغداتقا كېلىپ نىستۇرىيان چېركاۋىنىڭ باش روھانىسى بىلەن كۆرۈشىدۇ. روھانىي ئۇلاردىن جۇڭگوغا قايتىپ ئۆزىنىڭ ئەلچىسى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە ماركوسنى جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ باش ئېپىسكوپلۇقىغا تەيىنلەيدۇ. ئۇلار بۇئىشقا تەرەددۇتلىنىۋاتقاندا باش روھانىي ئۆلۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چېركاۋنىڭ كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە سائۇمانىڭ دوستى ماركوس يېڭى روھانىي بولۇپ سايلىنىدۇ ۋە تارىختا Mar Yaballaha Ⅲئاتىلىدۇ.
ماركوس بىلەن سائۇما يەنە ئىلخانلىقنىڭ خانى ئاباغا تەرىپىدىن ماراغىغا تەكلىپ قىلىنىدۇ. 1282- يىلى ئاباغا ئۆلۈپ ئورنىغا ئوغلى ئارغۇن (1291-1258) تەخت ۋارىسى بولىدۇ. سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئۈستىدىن غەلبە قىلىپ پەلەستىننى كونترول قىلىش نىيىتىدە ئارغۇن ماركوسقا ياۋروپا خرىستىيانلىرى بىلەن بىرلىشىش تەلىپىنى ئېيتىدۇ. بۇنىڭغا جاۋابەن ماركوس ئۇستازى ۋە دوستى سائۇمانى ئەلچى سۈپىتىدە رىم پاپاسى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەۋەتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سائۇما ئەرمىنىيەگە بېرىپ بۇ يەردىن قارا دېڭىز ئارقىلىق ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى كونستانتىپول (بۈگۈنكى ئىستانبۇل) غا يېتىپ كېلىدۇ ۋە ئىمپېراتور(1332-1260) AndronicusPalaeologusⅡ بىلەن كۆرۈشىدۇ. ھاجىيە سوفىيەنى زىيارەت قىلىدۇ، ئاندىن كېمە بىلەن ئىتالىيەگە بارىدۇ. سىتسىلىيە ئارىلىدىن ئۆتكۈچە ئېتنا يانار تېغىنىڭ پارتلىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ.
سائۇما رىمغا يېتىپ كەلگەندە پوپ HonoriusⅣ تېخى يېقىندىلا قازا قىلغان بولۇپ، يېڭى پاپا سايلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. رىم دىندارلىرى ئۇنىڭ ئېتىقادىنى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن نىستورىيان دىنىنىڭ قائىدە–پىرىنسىپلىرى توغرىلىق توختىماي سورىشىدۇ. سائۇما ئايىغى چىقماس تالاش – تارتىشلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يېڭى پاپا سايلانغۇچە ۋاقتىنچە رىمدىن ئايرىلىدۇ. ئۇ شىمالغا قاراپ سەپەرقىلىپ تۇزكان (يەنى بۈگۈنكى توسكانى) گە كېلىدۇ، بۇ يەردىن يەنە جەنۋەگە بارىدۇ. ئاندىن فرانسىيەگە قاراپ يولغا چىقىدۇ ۋە پارىژغا كېلىپ فرانسىيە پادىشاھى(1314-1268) PhilipⅣ نىڭ ئوردىسىدا بىر ئاي تۇرىدۇ. ئاندىن ئۇ يەنە فرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى گاسكانىغا بېرىپ (بۇ جاي ئەينى ۋاقىتتا ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ قولىدا ئىدى) ئەنگلىيە پادىشاھى (1307-1239) Edwardسائۇمانى كۆرۈنۈشتە ناھايىتى زور قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ياردەم تەلىپىنى خۇددى ۋىزانتىيە ۋە فرانسىيە پادىشاھلىرىغا ئوخشاشلا جاۋابسىز قالدۇرىدۇ.
ئەگەر سائۇما ياۋروپاغا 150 يىل ياكى بىر ئەسىر بۇرۇن كەلگەن بولسا ياردەمگە ئېرىشىشى مۇمكىن ئىدى. بىراق بۇ ۋاقىت دەل ياۋروپالىقلار تەشكىللىگەن ئەھلى سەلىپ (1291-1095) نىڭ مۇسۇلمانلاردىن مۇقەددەس زېمىن ئېرۇسالىمنى قايتۇرۇۋېلىش ئۇرۇشى ئارقا – ئارقىدىن مەغلۇپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ قايتا جەڭ قىلغۇدەك قۇربىتى قالمىغان بىر دەۋرگە توغرا كەلگىنى ئۈچۈن، گەرچە ياۋروپالىقلار موڭغۇللار بىلەن بىرلىشىپ ئىسلامغا قارشى تۇرۇش ئىددىيەسىگە مايىل بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا چىرايلىق گەپلەر بىلەن سائۇمانى يولغا سالىدۇ.
ئەلۋەتتە، سائۇما ئۆز تىرىشچانلىقىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ يېڭى سايلانغان رىم پاپاسى NicholasⅣ ئىلخانلىقى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرۇش ئىددىيەسىگە بولغان قىزىقىشىنى ئىپادىلىگەندە قەۋەتلا خۇش بولۇپ كېتىدۇ. پاسخا بايرىمى ھارپىسىدا NicholasⅣ سائۇمانى بىللە غىزالىنىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. بۇ ئىشنىڭ ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى NicholasⅣ نىڭ تەكلىپى سەككىز ئەسىر داۋاملاشقان رىم كاتولىك دىنى بىلەن نىستورىيان دىنى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچ – ئاداۋەتنىڭ پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
ياردەمگە ئېرىشىدىغانلىقىنى خەۋەرقىلىش ئۈچۈن سائۇما يەنە شەرققە قاراپ يولغا چىقىدۇ ھەمدە بۇ خەۋەرنى ئارغۇنغا يەتكۈزىدۇ. سائۇما كېيىنكى ئۆمرىنى باغدادتا ئۆتكۈزىدۇ ۋە 1294- يىلى شۇ يەردە ۋاپات بولىدۇ. بەلكىم ئۇ «قۇبلايخاننىڭ راھىبلىرى» ناملىق ساياھەتنامىسىنى دەل مۇشۇ مەزگىللەردە يازغان بولۇشى مۇمكىن. 20- ئەسىردە مەزكۇر ئەسەرنىSir Wallis Budge دېگەن كىشى ئېنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلغان.
پاپا ياكى ياۋروپا پادىشاھلىرىنىڭ ھېچقايسىسى ھەربىي ياردەم بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما رىم نۇرغۇنلىغان دىن تارقاتقۇچىلارنى شەرققە ئەۋەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە (1328-1246) GiovanniDaMontecorvinoئەڭ داڭلىقتۇر. بەختكە قارشى جۇڭگو خرىستىيانلىرى موڭغۇل ئىستېلاسىدىن ھوقۇق تارتىۋالغان مىڭ سۇلالىسى ھاكىمىيىتىنىڭ باستۇرۇشى نەتىجىسىدە ئاستا – ئاستا يوقىلىشقا يۈزلىنىدۇ.
غەربىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى نىستورىيانلارمۇ تۆمۈرلەڭ (1405-1336) ھاكىمىيىتىنىڭ توسقۇنلۇقى بىلەن زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. تۆمۈرلەڭ چىڭگىزخاننىڭ تۇغقىنى بولۇپ، مۇسۇلمان ھەمدەخرىستىيانلارنىڭ ئەشەددىي رەقىبى ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ ياۋروپادىن بارغان بۇ دىن تارقاتقۇچىلار ئاشۇ بىر مەزگىل ئىچىدە شەرق ۋە غەرب مەدەنىيىتىدىكى مۇئەييەن كۆۋرۈك بولۇپ قالغان.
سائۇما جۇڭگو تارىخىدا تۇنجى بولۇپ غەربىي ياۋروپاغا سەپەر قىلغان بىردىنبىر سەيياھ. شۇڭا ئۇ «جۇڭگونىڭ ماركو پولوسى» دەپمۇ ئاتالغان. قىزىقارلىقى سائۇمانىڭ سەپەر لىنىيەسى ماركو پولونىڭ دەل ئەكسچە بولۇپ، ماركو پولونىڭ باشلىنىش نۇقتىسى دەل سائۇمانىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى بولۇپ قالغان.
«ئاسىيا كىندىكى»2007-يىلى 9-ئاۋغۇست سانىدىن