يېڭى قىزىق نۇقتا :
بالىلاردىكى بۇغۇز ئى
كۈز پەسلىدە بالىلارد
بالىلاردىكى ۋىتامىن
بالىڭىزنى بەك كۆپ يۇ
بوغۇز ئىششىقى دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. بولۇپمۇ بالىلارنىڭ بوغۇزى ئاسانلا ئىششىپ قالىدۇ. شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا بالىلار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ كاندىدات مۇدىر ۋىراچى جاڭ جىخۇڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
ــ بوغۇز ئىششىقى ھەقىقەتەن بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، بىراق بۇنىڭلىق بىلەن بۇ خىل كېسەللىككە سەل قاراشقا بولمايدۇ. بوغۇز ئىششىقى ئالدى بىلەن يۇقۇملۇق ۋە يۇقۇمسىز، دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ئادەتتە ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان، ئاغرىپ، قىزىتىدىغان، ئاق قان دانچىسى بەك ئۆرلەپ كەتمىگەن، بوغۇزنىڭ بىر تەرىپى بەكرەك ئىششىپ قالىدىغىنى يۇقۇملۇق بوغۇز ئىششىقى بولۇپ، بالىدا يۇقىرىقىدەك ئەھۋللار كۆرۈلگەن بولسا، چوقۇم ماسكا تاقىشى كېرەك. چۈنكى يۇقۇملۇق بوغۇز ئىششىقى نەپەس يولى ئارقىلىقلا تارقىلىدۇ. ئەگەر بالىدا قىزىش، ئاغرىش، زۇكام بولغاندەك ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ بىر تەرىپى ئىششىپ، قاندىكى ئاق قان دانىچىسى ئۆرلەپ كەتكەن بولسا، كۆپ ھاللاردا بۇ يۇقۇمسىز بوغۇز ئىششىقى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاتا-ئانىلارنىڭ تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، بوغۇز ئىششىقىنىڭمۇ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى كۆپ بولىدۇ. مېڭە ياللۇغى بوغۇز ئىششىقىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك ھەم كۆپ كۆرۈلىدىغان ئەگەشمە كېسەللىكى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ياش ئاتا-ئانىلار بالىلىرىدا بوغۇز ئىششىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەك.