يېڭى قىزىق نۇقتا :
كۈز پەسلىدە بالىلارد
بالىلاردىكى ۋىتامىن
بالىڭىزنى بەك كۆپ يۇ
بوۋاقلارنىڭ تىرنىقى
بالىلاردىكى ۋىتامىن A كەملىك كېسىلى بوۋاقلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئالتە ياشتىن ئاشقان بالىلاردا ئاز ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدا مۈڭگۈز پەردە يېنىدىكى كۆز ئالمىسى بىرىكتۈرگۈچى پەردىلەر قۇرغاقلىشىپ پۈرۈلىدۇ ھەمدە سوپۇن كۆپۈكىگە ئوخشاش ئاق داغنى كۆرگىلى بولىدۇ. كېسەل ئەھۋالى يەنىمۇ تەرەققىي قىلسا، مۈڭگۈز پەردە دۇغلىشىش، يۇمشاپ كېتىش ۋە يارا بولۇپ تېشىلىش سەۋەبىدىن كۆز قارىغۇ بولۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تېرە قۇرغاقلىشىدۇ، تىرناق نۇرسىز بولۇپ قالىدۇ ھەم ئاسان سۇنىدۇ، نەپەس يولى يۇقۇملىنىدۇ، سۈيدۈك قويۇق بولۇپ، بۆرەكتە نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ. بالىلاردا ۋىتامىن A نىڭ كەم بولۇپ قېلىشىغا ئۇلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت بۇلماق، مايسىز سۈت، شوۋىگۈرۈچ قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يەپ، قۇشۇمچە يېمەكلىك يېمىگەنلىكى ياكى ئاستا خاراكتېرلىك ھەزىم يوللىرى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلىقى، مەسلەن: ئۇزاق مەزگىل قورسىقى ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، ئۈچەي تۇبېركۇليوزى، ئۆت يولى توسۇلۇپ قېلىش، ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە قىزىل قاتارلىقلار سەۋەب بولىدۇ. ۋىتامىن A ئانا سۈتى، كالا سۈتى، جىگەر، تۇخۇم تۈرلىرىدە ئەڭ كۆپ بولىدۇ.