يېڭى قىزىق نۇقتا :
بالىلاردىكى ۋىتامىن
بالىڭىزنى بەك كۆپ يۇ
بوۋاقلارنىڭ تىرنىقى
بالىلار قىزىپ قالغان
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ساغلاملىق ئۆلچىمى
1. بوۋاق تۇغۇلۇپلا قىرقىراپ يىغلايدۇ، ئارقىدىن ئۆپكىسى ئارقىلىق نەپەسلىنىشكە باشلايدۇ. دەسلەپكى ئىككى ھەپتىلەردە مىنۇتىغا 40 تىن 50 قېتىمغىچە نەپەسلىنىدۇ.
2. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ تومۇر سوقۇشى مىنۇتىغا 120-140 قېتىمغىچە بولسا نورمال بولىدۇ.
3. بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقى 3-4 كىلوگىرامغىچە بولسا نورمال بولغان بولىدۇ. 2.5 كىلوگىرامدىن يېنىڭ بوۋاق نورمال يېتىلمىگەن بوۋاق دەپ قارىلىدۇ.
4. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ دەسلەپكى ئىككى كۈن ئچىدىكى چوڭ تەرىتى قارا يېشىل رەڭلىك، يېپىشقاق كېلىدۇ. ئانا سۈتىنىڭ بەدىنىگە سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ تەرىتنىڭ رەڭگى ئالتۇن رەك ياكى سۇس سېرىق رەڭگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ.
5. بوۋاق تۇغۇلۇپ 24 سائەت ئىچىدە كىچىك تەرەت قىلىشقا باشلايدۇ. ئەگەر 24 سائەت ئىچىدە كىچىك تەرەت قىلمىسا، ياكى بىرىنچى ھەپتىدىكى كۈندىلىك كىچىك تەرەت قېتىم سانى 30 قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە نورمالسىز ئەھۋال دەپ قارىلىدۇ.
6. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بەدەن تىمپىراتۇرىسى 37-37.5 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولسا نورمال بولىدۇ. ئەگەر بوۋاقنىڭ ئىسسىقلىق ساقلىشىغا دىققەت قىلىنمىسا بەدەن تىمپىراتۇرىسى تۆۋەنلەپ 36 سېلسىيە گىراسقا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن.
7. كۆپ ساندىكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ دەسلەپكى 2-3 كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتىكى تېرە رەڭگى سۇس سېرىق رەڭلىك كېلىدۇ. ئەگەر سېرىقلىق يوقالمىسا، ياكى سېرىقلىق رەڭگى قېنىقلاپ كەتسە، سېرىقلىق كېسىلىنىڭ ئالامىتى دەپ قارىلىدۇ.
8. بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭدا يىمەكلىك ئىزدەش، شوراش، تىلىنى چىقىرىش، يىغلاش ۋە قوچاقلاشقا ئوخشاش ئىنكاسلار بولىدۇ.
9. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى سۈرەتكە تارتقاندا، بوۋاقنىڭ كۆزى ئاپىرات نۇرىغا قارىتا ئىنكاستا بولىدۇ. تەخمىنەن 2-ئېيىدىن باشلاپ كۆز ئالدىدىكى نەرسىلەرگە ئەگىشىپ قارىيالايدۇ.
10. بوۋاق تۇغۇلۇپ 3-7 كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا ئاڭلاش سېزىمى بارغانسىرى كۈچىيىشكە باشلايدۇ. ئاۋازلارنى ئاڭلىغاندا كۆزلىرى چىمچىقلىتىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ.