ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : خوتەن ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئۇيغۇر بالىلار ئەنئە دۈم –دۈم ئويۇنى ئەنئەنىۋى بالىلار ئو

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > تەۋەرۈك ئويۇن > تولۇق مەزمۇنى

‹‹دۇتتار ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى

ۋاقىت : 2012-01-23 23:32 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

‹‹دۇتتار ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى

 

  دۇتار ياساپ چېلىپ ئويناش ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىجادچانلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇش جەريانىدا كەشىپ قىلغان ئۆزگىچە ئويۇن. بۇ ئويۇننى ئوغۇللار كۈز پەسلىدە ئوينايدۇ.

      ‹‹دۇتار ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن، قەدەم باسقۇچ، ئېرىشىلىدىغان نەتىجىلەرگە قاراپ ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ.

‹‹دۇتتار ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى

   1 . دۇتار ياساش: بالىلار پىشقان قوناقنىڭ ئىنچىكە، تۈز، سىلىق شاخلىرىنىڭ بوغۇملىرىنى ‹‹پەدە›› قىلىپ، قوۋزىقىنى پىچاقتا بويىغا تىلىپ ‹‹تار›› چىقىرىپ، تار ئاستىدىن چوكا توملۇقىدىكى ئىككى تال ياغاچنى توغرىسىغا ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق دۇتار ياسايدۇ. بۇ خىل دۇتارنىڭ باش، دەستە، تار، قۇلاق، پەدە قىسىملىرىمۇ قوناق شېخىدىن ئويىلىدۇ. بالىلار دۇتارنىڭ ئومۇمىي شەكلىنى كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ‹‹باش›› قىسمىنى ھەرخىل رەڭلەر بىلەن ئالا بالداق شەكىلدە بويىسا، تارنى چىڭىتىش ۋە بوشىتىشقا ئىشلىتىلدىغان قۇلاققا قوناقنىڭ بېشىدىن چىقىدىغان تەبىئىي ‹‹ساقال››دا پۆپۈك ياساپ ئېسىپ قويىدۇ.

      2 . دۇتار چېلىش: بالىلار دۇتار چېلىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆز تەسەۋۋۇرى ۋە ئىقتىدارىغا ئاساسەن ‹‹دۇتار›› ياسايدۇ، ئاندىن بىر يەرگە توپلىشىپ ئىككىدىن، ئۈچتىن ياكى بىر نەچچىسى بىر گۇرۇپپا بولۇپ دۇتار چېلىشىپ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشىدۇ. دۇتار چېلىش بىلەن تەڭلا ناخشا باشلايدۇ. بالىلار دۇتار چالغاندا چوڭلار ئادەتتە چالىدىغان رەسمىي دۇتارنىڭ چېلىنىش قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشقا تىرىشىدۇ، سازەندىلەرنى دوراپ ئۆزىگە لايىق ھۈنەر كۆرسىتىدۇ.

‹‹دۇتتار ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى

 بالىلار ‹‹دۇتار ياساش ۋە چېلىش›› ئويۇنى ئارقىلىق دۇتار ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ، چالغۇلارنى ياساش، پەرقلەندۈرۈش ۋە چېلىشتەك چوڭ ئىشقا ئۇل سالىدۇ. ناخشا ــ ئۇسسۇلنى كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم قىلمايدىغان ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ ھەقىقىي ۋارىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىجادچانلىق روھىنى ئۇرغۇتىدۇ.

      مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيارنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ‹‹ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى››دىن ئېلىندى.

ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار