ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : خوتەن ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئۇيغۇر بالىلار ئەنئە دۈم –دۈم ئويۇنى ئەنئەنىۋى بالىلار ئو

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > تەۋەرۈك ئويۇن > تولۇق مەزمۇنى

خوتەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى

ۋاقىت : 2015-03-14 15:51 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

خوتەن  ئۇيغۇر  ئۆسمۈرلىرىنىڭ  ئەنئەنىۋى  ئويۇنلىرى

مۇھەممەتجان ئىسمائىل (پۇناقى)

خوتەن  ئۇيغۇر  ئۆسمۈرلىرىنىڭ  ئەنئەنىۋى  ئويۇنلىرى

خوتەن ئۇيغۇرلىرى قەدىمدىن تارتىپ ئۆز تۇرمۇشىنى مول مەزمۇنلۇق، ھەر خىل شەكىلدىكى ئويۇن پائالىيەتلىرى بىلەن بېيىتىپ كەلگەن. بۇ ئويۇنلار ئىچىدە ئۆسمۈر بالىلارغا ماس كېلىدىغان ئويۇنلار خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. خوتەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى بالىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىش، ئۇلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، بەدىنىنى ساغلاملاشتۇرۇش، ئەقىل - پاراسىتىنى ئۇرغۇتۇش، باتۇرلۇقىنى يېتىلدۈرۈش، ئۆز ئارا دوستلۇقىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە. تۆۋەندە بۇ خىل ئويۇنلارنىڭ بىر قىسىم تۈرلىرى ۋە ئويناش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن:
  1.«ئۇچتى» ئويۇنى. بۇ، بالىلارنىڭ زېھنىي ئىقتىدارى ۋە ئەقىل - پاراسىتىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر خىل ئويۇن تۈرى بولۇپ، بۇنى بىر سىنىپ ياكى بىر مەھەللىدىكى نەچچە ئون بالا بىر يەرگە جەم بولغاندىن كېيىن قاتار ئولتۇرۇپ ئوينايدۇ. ئويۇندا سىنىپ مۇدىرى ياكى شۇ مەھەللىدىكى چوڭراق بىرەرسى بالىلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇلارنى «ئۇچتى - ئۇچتى، كەپتەر ئۇچتى»، «ئۇچتى - ئۇچتى، دەپتەر ئۇچتى» دېگەندەك ھەر خىل ئۇچار قۇش، ئادەم ۋە نەرسىلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ، ئۆزىگە ئەگىشىپ توۋلاشقا يېتەكلەيدۇ. ناۋادا بالىلار يېتەكچى ئېيتقان «كەپتەر ئۇچتى» دېگەن سۆزگە ئەگىشىپ «ئۇچتى» دەپ توۋلىسا، ئەقىللىق ھېسابلانغان بولىدۇ، ئەگەر قايسى بىر بالا دېگەن سۆزگە ئەگىشىپ «ئۇچتى» دەپ توۋلىمىسا يېڭىلگەن بولىدۇ - دە، كۆپچىلىككە ئۆزى خالاپ بىرەر ماھارەت كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى رازى قىلىدۇ.
  2. سار ئويۇنى. بۇ، توخۇ، ئۆردەك دېگەندەك ئاجىز قۇشلارنىڭ ئۆز بالىلىرىنى سارغا ئوخشاش گۆشخور قۇشلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاپ قېلىش ھەرىكىتىنى ئىپادىلەيدىغان ئويۇن بولۇپ، ئۇنىڭدا يەتتە - سەككىز بالا بىر - بىرىنىڭ بەلبېغىنى ياكى كىيىمىنىڭ پىشىنى تۇتۇپ قاتار تىزىلىدۇ. سەپنىڭ ئالدىدىكى بىر بالا ئۇلارنىڭ ئانىسى، توپقا قېتىلمىغان بىر بالا گۆشخور قۇش - سار بولىدۇ، ئۈچىنچى بىر بالا ئويۇنغا رېپىرلىق قىلىدۇ. رېپىرلىق قىلغۇچى ئويۇن باشلىنىشتىن بۇرۇن بىر قېتىملىق ھۇجۇم ۋە قوغدىنىش ۋاقتىنى ساناق ساناش ياكى مىنۇت ئارقىلىق بەلگىلەپ، ئويۇننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلايدۇ. بۇ چاغدا سار چۆجىلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ، ئانا قۇش بولسا بالىلىرىنى قوغداش ھەرىكىتىنى ئىپادىلەيدۇ، چۆجىلەرمۇ سارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەپنى بۇزمىغان ھالدا تىركىشىدۇ. ناۋادا سار بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە چۆجىلەردىن بىرەرسىنى ئوۋلىيالىسا غەلىبە قازانغان، ئانا قۇش يېڭىلگەن بولىدۇ. ناۋادا سار ئوۋغا ئېرىشەلمىسە، ئانا قۇش غەلىبە قازانغا بولىدۇ - دە، يېڭىلگەن تەرەپ كۆپچىلىككە ماھارەت كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
  3. چامغۇر يۇلۇش ئويۇنى. بۇ، بالىلارنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتىنى سىناش مەقسەت قىلىنغان ئويۇن بولۇپ، بىر بالا كۆكتاتچى دېھقان بولىدۇ، يەتتە - سەككىز بالا ئۇ تېرىغان چامغۇر بولۇپ، بىر - بىرىنىڭ بېلىنى چىڭ تۇتقان ھالدا قاتار تىزىلىپ ئولتۇرىدۇ، يەنە بىر بالا ھاجەتمەن بولۇپ، دېھقاندىن چامغۇر بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. دېھقان بولسا ساناق سان ياكى مەلۇم ۋاقىت بەلگىلەپ، ئۇنىڭغا «كۈچۈڭ يەتسە قانچىلىك يۇلالىساڭ شۇنچىلىك ئېلىپ كەت» دەپ ئىجازەت بېرىدۇ. بۇ چاغدا ھاجەتمەن بالا چامغۇر بولۇپ ئولتۇرغان بالىلارنىڭ ئاخىرقىسىدىن باشلاپ يۇلۇش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارىدۇ. ناۋادا ئۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە بالىلاردىن بىرەرسىنى ياكى بىر نەچچىسىنى ئاجرىتالىسا غەلىبە قازانغان بولىدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ قالسا، يېڭىلگەن بولۇپ، كۆپچىلىك رازى بولغۇدەك باشقا ماھارەت كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
  4. توكۇر بىلەن ئەما ئويۇنى. بۇ، ئاجىز، مېيىپ بالىلارنىڭ بىرەر ئىش - ھەرىكەتنى ئورۇنلاشقا نىسبەتەن غەيرەت - شىجائىتى ۋە چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ئويۇن بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر بالا قولىنىڭ بېغىشىدىن بىر پۇتىنىڭ پاقالچىكىگە باغلىنىپ توكۇر قىياپەتكە، يەنە بىر بالىنىڭ كۆزى قارا رەخت بىلەن تېڭىلىپ ئەما قىياپەتكە كەلتۈرۈلىدۇ - دە، ئۇلارنىڭ ماھارەت كۆرسىتىشى ئۈچۈن نەچچە ئون بالا بىرلىكتە چەمبەر شەكىلدە مەيدان ھاسىل قىلىپ ئۇلارنى ئوتتۇرىغا ئالىدۇ. بۇ چاغدا توكۇر قىياپەتكە كەلتۈرۈلگەن بالا پۇشتەك چېلىپ ئەما بالىنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چىللايدۇ، ئەما قىياپەتتىكى بالا بولسا پۇشتەك ئاۋازىنى ئاڭلاپ غۇلىچىنى كېرىپ توكۇر بالىنى تۇتۇشقا ئالدىرايدۇ. توكۇر بالا بولسا تۇتۇق بەرمەسلىككە تىرىشىدۇ. بۇ ئويۇندىمۇ باشقا ئويۇنلارغا ئوخشاش مەلۇم ۋاقىت چەكلىمىسى بولۇپ، ئەگەر شۇ ۋاقىت ئىچىدە ئەما بالا توكۇر بالىنى تۇتۇۋالالىسا غەلىبە قىلغان بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل بۇ ئويۇندا ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىدۇ، يەنى بىرىنچى قېتىم ئەما بولغان بالا ئىككىنچى قېتىم توكۇر بولىدۇ، ئىككىنچى قېتىم توكۇر بولغان بالا ئۈچىنچى قېتىم ئەما بولىدۇ. ناۋادا ئۈچ قېتىملىق ئويۇندا قايسى تەرەپ تۇتۇۋېلىنىپ ياكى تۇتۇق بەرمەي ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق يەڭسە، شۇ غەلىبە قىلغان بولىدۇ. يېڭىلگۈچى كۆپچىلىككە ئۆزى خالىغان ئۇسۇلدا ماھارەت كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
  5. پوتا تاشلاش ئويۇنى. بۇ ئۆسمۈر بالىلارنىڭ سەزگۈرلىكى ۋە چاققانلىقىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئويۇن تۈرى بولۇپ، بۇنىڭغا نەچچە ئون، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بالا قاتنىشىپ، قاتار ئولتۇرۇپ چەمبەر شەكىللىك سورۇن ھازىرلايدۇ. بىر بالا پوتا تاشلىغۇچى بولۇپ، بالىلارغا قېتىلماي، قولىغا پۇتىنى ئېلىپ ئويۇن بېشىنىڭ بۇيرۇقىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئويۇن بېشى «ئويۇن باشلاندى» دېگەندىن كېيىن، ئۇ بالىلار چەمبىرىكىنىڭ ئارقىسىدىن ئايلىنىپ مېڭىپ، مەلۇم بىر بالىنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە ئۇنىڭ ئارقىسىغا ئېھتىيات بىلەن پوتا تاشلاپ قويۇپ ئايلىنىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. پوتا تاشلاش باشلانغان چاغدا ئويۇن قائىدىسى بويىچە ئولتۇرغان بالىلارنىڭ ئارقىسىغا قارىشىغا، بىر - بىرسىگە بىشارەت بېرىشىگە بولمايدۇ. ھەر بىر بالا ئارقىسىغا پوتا تاشلانغانلىقىنى ئۆزىنىڭ سەزگۈسىگە تايىنىپ بىلىۋالسا، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ پوتىنى قولىغا ئېلىپ، پوتا تاشلىغۇچىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، ئۇنى پوتا بىلەن ئورالىسا ئۇتقان، ئۇنداق قىلالمىسا ئوتتۇرغان بولىدۇ. ئەگەر پوتىنىڭ ئارقىسىغا تاشلانغانلىقىنى سېزەلمەي ئولتۇرسا، پوتا تاشلىغۇچى چەمبەرنى ئايلىنىپ كېلىپ، پوتىنى قولىغا ئالىدۇ -دە، ھېلىقى بالىنى پوتا بىلەن ئۇرۇپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭ ئورنىدا ئولتۇرىدۇ. كېيىنكى نۆۋەتتە تاياق يېگەن بالا يېڭىلگەن ھېسابتا پوتا تاشلىغۇچى بولۇپ ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ ئويۇندا ۋاقىت چەكلىمىسى يوق، ئۇنى قانچىلىك ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشتۇرۇش ئويۇن ئوينىغۇچىلارنىڭ رايىغا باغلىق.
  6. ئاق تېرەك - كۆك تېرەك ئويۇنى. بۇ، ئۆسمۈر بالىلار ئىنتايىن ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان بىر خىل ئويۇن تۈرى بولۇپ، ئاساسەن ياز ۋە كۈز كۈنلىرى مەھەللە بالىلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئوينايدۇ. بۇ ئويۇنغا قاتنىشىدىغانلار ئالدى بىلەن بوي تۇرقى ۋە ياش قورامى تەڭلىشىدىغان ئىككى نەپەر ئويۇن بېشىنى سايلاپ چىقىدۇ. ئۇلار ئۆزئارا چەندەك تۇتۇش ياكى تېپىشماق تېپىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئويۇن نۆۋىتىنى تالىشىدۇ. نۆۋەت بېكىتىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئويۇننى بالدۇر باشلاش نۆۋىتىنى ئالغۇچى ئالدى بىلەن بىر ئادەم تاللايدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر ئويۇن بېشى بىر ئادەم تاللايدۇ، شۇ تەرتىپ بويىچە ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار ئىككى گۇرۇپپا بولۇپ ئايرىلىدۇ. ئىككى گۇرۇپپا ئەزالىرى ئۆزئارا 20، 30 مېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ، قولنى قولغا ئۆتكۈزۈپ گىرەلىشىپ، بىر - بىرىگە روبىرو قارىشىپ ئىككى سەپ بولۇپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: ئويۇننى ئاۋۋال «كۆك تېرەك» گۇرۇپپىسى باشلاش ھوقۇقىغا ئېرىشتى، دەپ قارىساق، ئالدى بىلەن ئۇلار ناخشا توۋلايدۇ.
  كۆك تېرەك گۇرۇپپىسى:
  ئاق تېرەك - ئاق تېرەك،
  بىزدىن سىزگە كىم كېرەك؟
  ئاق تېرەك گۇرۇپپىسى:
  كۆك تېرەك - كۆك تېرەك،
  بىزگە باتۇر يىگىت كېرەك!
  يەنە گۈزەل قىز كېرەك!
  كۆك تېرەك گۇرۇپپىسى:
  باتۇر يىگىت كىم ئۆزى؟
  گۈزەل قىزچاق كىم ئۆزى؟
  ئاق تېرەك گۇرۇپپىسى ئۆزىگە ئەرزىگەن ئوغۇل - قىزنىڭ ئىسمىنى نەزمە قىلىپ ئوقۇيدۇ:
  بىزگە قاۋۇلجان كېرەك!
  يەنە ئايشەمگۈل كېرەك!
  كۆك تېرەك گۇرۇپپىسى:
  قېنى چاغلاڭ مادارنى،
  بۇزۇۋېتىمىز قاتارنى.
  ئاق تېرەك گۇرۇپپىسى:
  ئۇنداق بالدۇر پو ئاتماڭ،
  قۇرۇق پاراڭ - گەپ ساتماڭ!
  .......
  يۇقىرىقىدەك قوشاق - نەزمىلەردىن كېيىن، «كۆك تېرەك» گۇرۇپپىسىدىن بىر بالا چىقىپ يۈگۈرگەن پېتى «ئاق تېرەك» گۇرۇپپىسىغا يېقىنلىشىدۇ. بۇ چاغدا «ئاق تېرەك» گۇرۇپپىسىدىكىلەر قولىنى بىر - بىرسىگە مەھكەم گىرەلەشتۈرۈپ، قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىنىدۇ. «كۆك تېرەك» گۇرۇپپىسىنىڭ ئادىمى تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن «ئاق تېرەك» گۇرۇپپىسىنىڭ سېپىنى پارچىلاپ، ئۆزىگە كېرەكلىك بالىنى تارتىپ كېتىشكە تىرىشىدۇ. بۇ باسقۇچ كۈچ - قۇۋۋەتكە تايىنىپ ئېلىشىش باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر «كۆك تېرەك» گۇرۇپپىسىنىڭ ئادىمى «ئاق تېرەك» گۇرۇپپىسىنىڭ سېپىنى پارچىلاپ، ئۆزىگە كېرەكلىك ئادەمنى ئېلىپ ئۆز سېپىگە ئېلىپ كېتەلىسە ئۇتقان بولىدۇ، ناۋادا سەپنى پارچىلىيالمىسا، قارشى تەرەپكە ئەسىرگە چۈشكەن بولىدۇ - دە، شۇ گۇرۇپپىدا قالىدۇ ھەم ئۇتتۇرىۋەتكەن بولىدۇ. بۇ ئويۇندا غەلىبە قىلغۇچى مۇداپىئەدە تۇرىدۇ، مەغلۇب بولغۇچى ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. ئويۇن مۇشۇ تەرتىپ بويىچە داۋاملىشىپ تاكى قارشى تەرەپنىڭ ئادىمى قالمىغاندا ئاخىرلىشىدۇ.
  7. گاگا - چۇك ئويۇنى. بۇ، ئۆسمۈر بالىلار ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ھەمدە تەنھەرىكەت تۈسىگە ئىگە بىر خىل ئويۇن تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر قەدەر كەڭ مەيدان ھەم دىئامېتىرى ئۈچ سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 60~70 سانتىمېتىر كېلىدىغان گاگا، توملۇقى بارماقچىلىك، ئۇزۇنلۇقى 20 سانتىمېتىر كېلىدىغان چۇك كېتىدۇ.
  بۇ ئويۇننى ئىككى ئادەم ئويناشقىمۇ، بىر قانچە ئادەم ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ ئويناشقىمۇ بولىدۇ. ئويۇن باشلىنىش ئالدىدا بىر كىشى ئۆرۈكنىڭ ئۇرۇقچىسىغا ئوخشاش بىرەر نەرسىنى مۇشتۇمىغا يوشۇرۇپ، ئىككى گۇرۇپپىنىڭ ئويۇن بېشىدىن «جۈپمۇ - تاق» دەپ سورايدۇ. مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئويۇننى قايسى گۇرۇپپىنىڭ بالدۇر باشلىشى بەلگىلىنىدۇ. ئويۇن باشلاش نۆۋىتىنى ئالغان گۇرۇپپا ئەزالىرى «چۇك كاتىكى» ئەتراپىدا تۇرۇپ، نۆۋەتلىشىپ چۇك ئۇرىدۇ. ئۇرۇلغان چۇك گاگا بىلەن چۇك كاتىكىدىن يۇقىرىغا ئېلىپ چىقىرىلىپ قانچە يىراققا ئۇرۇلسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ. چۇك ئۇرۇلغاندىن كېيىن، قارشى تەرەپتىن بىر كىشى چۇكنى كاتەك بويلىتىپ قويۇلغان گاگاغا قارىتىپ ئاتىدۇ. ئېتىلغان چۇك گاگاغا تەگسە ياكى كاتەكتىن ھېسابلىغاندا گاگا يەتكۈدەك جايغا چۈشسە ئويناش نۆۋىتى قارشى تەرەپكە ئۆتىدۇ، ئەگەر چۇك چۈشكەن جاي كاتەككە يىراق بولسا، چۇكنى ئۇرغان كىشى چۇكنى گاگا بىلەن يۇقىرىغا ئۆرلىتىپ يىراققا ئۇرىدۇ. بۇ، «چاقلاش» دېيىلىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە چاقلاش ئۈچ قېتىم داۋاملىشىدۇ. چۇك ئۇرغۇچى چۇكنى ئۈچ قېتىم چاقلاپ بولغاندىن كېيىن، چۇكنى ئاخىرقى قېتىم چۈشكەن جايدىن ئېلىپ، كاتەككە قاراپ ئۇدۇل مېڭىپ قەدەم سانايدۇ. قەدەم سانىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى ئوينىغۇچى ئېرىشكەن نومۇر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قەدەم سانى بەلگىلەنگەن چەككە يەتسە «ياڭزا» چىقىرىپ ئويناش ئۆتكىلىگە ئۆتۈلىدۇ. «ياڭزا» چىقىرىپ ئويناش «ئوڭ ياڭزا، سول ياڭزا، پەغەز، كالتە - كۈسەي، قۇشقۇن» دېگەنگە ئوخشاش ئۇسۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئايرىم - ئايرىم قەدەم ساناق چېكى بولىدۇ. نۆۋىتى كەلگەن كىشى چۇكنى بىر خىل «ياڭزا» بىلەن ئۇرغاندىن كېيىن، قارشى تەرەپ ئۇنى گاگاغا قارىتىپ ئاتىدۇ. ئەگەر چۇك گاگاغا تەگسە ياكى گاگا يەتكۈدەك جايغا چۈشسە، ئۇرغۇچى تەرەپتىن نۆۋەت كېتىدۇ. ناۋادا ئېتىلغان چۇك گاگادىن يىراققا چۈشسە، چۇكنى ئۇرغۇچى كىشى ئۇنى ئۈچ قېتىم چاقلاپ، قەدەم ساناق ئارقىلىق ئوينىغان شۇ «ياڭزا»نىڭ قەدەم ساناق چېكىنى ئورۇنلىسا، ئىككىنچى بىر خىل «ياڭزا»نى ئويناشقا ئۆتىدۇ.
  ئويۇن شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىدۇ، ئەگەر قايسى بىر تەرەپ ئويناش بەلگىلەنگەن بارلىق ئۆتكەللەردىن بالدۇر ئۆتەلىسە، شۇ تەرەپ ئۇتقان بولىدۇ. ئۇتتۇرغۇچى تەرەپ بولسا ئۇتىۋالغۇچى تەرەپنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. جازا مۇنداق ئورۇنلىنىدۇ: ئۇتقان تەرەپتىن بىر كىشى چۇكنى يىراققا قارىتىپ قاتتىق ئۇرىدۇ. چۇك مەلۇم بىر جايغا چۈشكەندىن كېيىن، ئۇتتۇرغۇچى تەرەپتىن بىر كىشى چۇك چۈشكەن جايغا قاراپ «ۋاللىي - ۋاللىي» دەپ ئۈزمەي توۋلاپ مېڭىپ، چۇكنى قولىغا ئالغاندىن كېيىنمۇ يەنە ئاۋۋالقىدەكلا ئۈزمەي «ۋاللىي - ۋاللىي» دەپ توۋلاپ قايتىپ كېلىدۇ.
  خوتەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۇزاق زامانلار مابەينىدە يۇقىرىقىدەك بىر نەچچە خىل ئەنئەنىۋى ئويۇنلارنى ئويناپ كەلگەندىن باشقا، يەنە ئىلەڭگۈچ ئويۇنى، مۆكۈ - مۆكۈلەڭ ئويۇنى، بىيچە ئويۇنى، تەپكۈچ ئويۇنى، لىڭگىرتاق ئويۇنى، غىچىرتاق ئويۇنى قاتارلىق ئويۇنلارنىمۇ ئويناپ كەلگەن. گەرچە ھازىر جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى دەۋرگە ماس كېلىدىغان بالىلار ئويۇنلىرىنىڭ تۈرلىرى كۆپەيگەن بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئويناپ كۆڭۈل ئاچقان، مەنىۋى تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرغان بۇ خىل ئەنئەنىۋى، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئويۇنلارنى قېزىش، رەتلەش، يېزىپ نەشىر قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋر بالىلىرىغا بىلدۈرۈش خېلى زور ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارايمەن.
ئالدىنقىسى:ئۇيغۇر بالىلار ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى ھەققىدە | كېيىنكىسى: تۈگەپ قاپتۇ
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار