ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : خوتەن ئۇيغۇر ئۆسمۈر ئۇيغۇر بالىلار ئەنئە دۈم –دۈم ئويۇنى ئەنئەنىۋى بالىلار ئو

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > تەۋەرۈك ئويۇن > تولۇق مەزمۇنى

‹‹ۋىژىلداق›› ئويۇنى

ۋاقىت : 2012-01-17 19:54 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

‹‹ۋىژىلداق›› ئويۇنى

‹‹ۋىژىلداق›› ئويۇنى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئارا كەڭ تارقالغان بولۇپ، بىر يىلنىڭ ھەرقايسى پەسىللىرىدە، ئاساسلىقى يېزا ــ قىشلاقلاردا كۆپرەك ئوينىلىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ بۇ ئويۇننىڭ يېزا بالىلىرى ئارىسىدا يەنە ‹‹غۇژ ــ غۇژ›› دېگەنگە ئوخشاش ناملىرىمۇ بار. بالىلار بۇ ئويۇننى ئۆز ئالدىغا ياكى بىر ــ بىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ ئوينايدۇ.

‹‹ۋىژىلداق›› ئويۇنى
 
    بالىلار ئالدى بىلەن توملۇقى ۋە ئۇزۇنلۇقى ئوتتۇرا بارماقچىلىك كېلىدىغان تاياقچىنى چىرايلىق ئاقلاپ، ئۇنىڭ دەل ئوتتۇرسىنى ئازراق بەلدەپ ئايلانما ئىزنا پەيدا قىلىدۇ، ئاندىن 80 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى شوينىنىڭ ئىككى ئۇچىنى چېتىپ ئوتتۇرسىغا بايىقى تاياقچىنى چىگىدۇ، ئاندىن شوينىنىڭ ئىككى چەتتىكى ھالقا قىسمىغا ئىككى باش بارمىقىنى ئۆتكۈزۈپ، سەل ــ پەل ئايلاندۇرۇپلا ئىككى تەرەپكە ئاستا ــ ئاستا تارتىدۇ، بۇ چاغدا تاياقچە ئوڭ ۋە تەتۈر ئايلىنىپ ‹‹ۋىژ ــ ۋىژ›› ئاۋاز چىقىرىدۇ. ئويۇن يۇقىرىقى تەرتىپتە داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. ئويۇن ئاخىرىدا بالىلارنىڭ ئويۇنچۇق تەييارلاش ماھارىتى، ئويۇن داۋامىدىكى قائىدىگە بويسۇنۇش ئەھۋالى، ياراتقان نەتىجىسى قاتارلىقلار ئۆزئارا باھالىنىدۇ.

      بۇ ئويۇن بالىلارنىڭ جاسارىتىنى ئاشۇرىدۇ، بىلەك ۋە كۆكرەكلىرىنى چېنىقتۇرىدۇ، جۈملىدىن ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرىدۈ، بالىلارنى روھلۇق، ئىرادىلىك، چىداملىق ئۆسۈپ ــ يېتىلىشكە يېتەكلەيدۇ.

      مۇھەممەت ئابلىز بۆرەيارنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ‹‹ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى››دىن ئېلىندى.
 

ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار