يېڭى قىزىق نۇقتا :
تارىختىكى سىرلىق غاي
1900-يىلىدىن بۇيان دۇن
دوۋنىڭ كوچىسى
سان پېتىر ئىبادەتخان
ئاسىيادىكى دۆلەت-ئۆزبېكىستان ھەققىدە
مۇستەقىللىق كۈنى: 1-سېنتەبىر (1991-يىلى)
دۆلەت ئەربابلىرى: زۇڭتۇڭ ئىسلام كەرىموۋ، 1991-يىلى 12-ئايدا سايلانغان، 2000-يىلى 1-ئايدا قايتا سايلانغان، 2007-يىلى 12-ئايدا 3-قېتىم زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان.
جۇغراپىيەلىك شارائىتى: ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى، غەربىي شىمالىدا ئارال دېڭىزى بار، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، ئافغانىستانلار بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 447 مىڭ 400 كىۋادرات كىلومېتىر. زېمىنىنىڭ شەرقى ئېگىز، غەربى پەس بولۇپ، تۈزلەڭلىك، پەس جايلار ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %80ىنى ئىگىلەيدۇ، كۆپ قىسمى غەربىي شىمالدىكى قىزىلقۇم قۇملۇقىغا جايلاشقان. شەرقى ۋە جەنۇبىي قىسمى تەڭرىتاغ سىستېمىسى ۋە گىسسار ئالاي تاغ سىستېمىسىنىڭ غەربى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، ئىچكى قىسمىدا داڭلىق پەرغانە ئويمانلىقى ۋە زەرەفشان ئويمانلىقى بار. دۆلەت چېگراسى ئىچىدە تەبىئىي بايلىق ئىنتايىن مول بولغان مۇنبەت قىيپاش ئويمانلىقلار بار. ئاساسلىق دەريالىرىدىن ئامۇ دەرياسى، سىر دەرياسى ۋە زەرەفشان دەرياسى بار. ئىقلىمى ئېغىر قۇرغاق قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە.
مەمۇرىي رايونلارغا بۆلۈنۈشى: مەملىكەت بىر ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت(قاراقالپاقىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى)، بىر بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر(تاشكەنت) ۋە 12 ئوبلاستقا بۆلۈنىدۇ. ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ، 26 مىليوندىن كۆپرەك نوپۇسى بار، ئۆزبېكىستاندا 130نەچچە مىللەت بار بولۇپ، ئۆزبېكلەر %78.8نى، رۇسلار %4.4نى، تاجىكلار %4.9نى، قازاقلار %3.9نى، تاتارلار %1.1نى، قاراقالپاقلار %2.2نى، قىرغىزلار %1نى، چاۋشيەنلەر %0.7نى ئىگىلەيدۇ. باشقا مىللەتلەردىن يەنە ئۇكرائىن، تۈركمەن ۋە بېلارۇس قاتارلىقلار بار. ھۆكۈمەت تىلى ئۆزبېك تىلى(ئالتاي تىلى سىستېمىسىنىڭ تۈرك تىلى تارمىقىغا تەۋە) بولۇپ، رۇس تىلى ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ. ئاساسلىق دىنى ئىسلام دىنى بولۇپ، سۈننىي مەزھىپىگە تەۋە، ئۇنىڭدىن قالسا، پراۋۇسلاۋىيە دىنى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ
قىسقىچە تارىخى: ئۆزبېكىستان ئۇزاق تارىخقا ئىگە دۆلەت. مىلادى 9-ئەسىردىن 11-ئەسىرگىچە ئۆزبېك مىللىتى شەكىللەنگەن. 14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، تېمۈرىيلەر خانىدانلىقى غايەت زور ئىمپېرىيەنى قۇرۇپ، سەمەرقەند(ھازىر ئۆزبېكىستاندىكى 2-چوڭ شەھەر)نى پايتەخت قىلغان. 1917-يىلىدىكى رۇسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كىيىن، ئۆزبېكىستاندا سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان، 1924-يىلى 10-ئايدا ئۆزبېك سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇلغان. 1991-يىلى 31-ئاۋغۇست، ئۆزبېكىستان مۇستەقىللىق جاكارلىغان، شۇ يىلى 21-ئۆكتەبىر، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل دۆلەت سالاھىيىتىدە م د ب غا ئەزا بولغان.