ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تارىخى بىلىملەر > تولۇق مەزمۇنى

ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشلىق ۋە مېۋە، كۆكتاتلارنى ساقلاشتىكى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلللىرى

ۋاقىت : 2013-06-28 22:33 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشلىق ۋە مېۋە، كۆكتاتلارنى ساقلاشتىكى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلللىرى

▲ گەمىدە  ساقلاش.
  ئۆينىڭ ئاستى ياكى ھويلىنىڭ  مۇۋاپىق يېرىگە گەمە كولاپ، ئۇنىڭ تۆت تەرىپىنى مۇھتەھكەم قىلىپ،  ئۈستى پۇختا يېيىلىپ ياسىلىدۇ. ئاندىن ھەر خىل كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى تۈرى بويىچە گەمە ئىچىگە رەتلىك تىزىپ ساقلىسا بولىدۇ. بۇ خىل گەمىلەرنىڭ تېمپېراتۇراسى نىسبەتەن تۇراقلىق، يازدا سالقىن، قىشتا   ئىللىق، شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ھەر خىل كۆكتات، مېۋە -چېۋىلەرنى يۇقىرى ۋە تۆۋەن تېمپېراتۇرا زىيىنىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىيالايدۇ. بولۇپمۇ، قوغۇن، تاۋۇز ساقلىغاندا، ئارىسىغا قوغۇن، تاۋۇز پېلەكلىرى ۋە يوپۇرماقلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇش، گەمە ئاستىغا مۇۋاپىق قۇم يېيىتىش ئارقىلىق قىشتىن بىخەتەر ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ.
▲ياغاچ كات ساقدۇقتا ساقلاش.
ئۇيغۇرلار ئادەتتە دائىملىق ئىستېمال قىلىدىغان بۇغداي، گۈرۈچ، قوناق، ئارپا قاتارلىق ئاشلىق تۈرىدىكى دانلىق زىرائەتلەرنى قازناق ئۆيدە ئۆرۈك، تېرەك، سۆگەت ياغىچىدىن ياسالغان چوڭ كات  ساندۇققا قاچىلاپ ساقلاشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، بۇ ئۇسۇل خەلق ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان. ياڭاق ياغىچى ۋە ئۈجمە ياغىچىدىن ياسالغانلىرى چىداملىق، سۆگەت ياغىچىدىن ياسالغانلىرىغا ھاشاراتلار زىيان سالمايدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئاشلىقنى چاشقان، مېتە    قاتارلىق   زىيانداشلاردىن   ساقلاش  ھەمدە  پاختىلىشىپ، بۇزۇلۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كات ساندۇق ئىچىگە ياڭاق، سۆگەت يوپۇرمىقى سېلىپ قويۇلىدۇ.
▲قۇرۇتۇپ ساقلاش.
 بىر قىسىم  دورىلىق قىممەتكە  ئىگە  كۆكتات   ۋە   مېۋىلەرنى   قۇرۇتۇپ  ساقلاش ئۇسۇلىمۇ ئۇيغۇرلاردا كەڭ  ئومۇملاشقان. قۇرۇتۇپ ساقلاش ئۇسۇلى ئاساسەن قوغۇن قاتارلىقلارنى تىلىپ ئاسماققا ئېسىپ، شامالدىتىپ  قۇرۇتۇش، ئۆرۈك، شاپتۇل، ئەينۇلا، قارىئۆرۈك  قاتارلىق مېۋىلەرنى بورا ئۈستىگە  بىۋاستە  يېيىتىپ  ئاپتاپقا  سېلىپ  قورۇتۇش، ئۇرۇقچىسىنى ئېلىۋېتىپ ئېتىنى قورۇتۇش قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. بۇنداق قۇرۇتۇلغان مېۋىلەر قارىماققا كۆركەم بولۇپلا قالماي، يەنە ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ.
▲ كۆمۈپ  ساقلاش.
  ئۇيغۇرلار  بىر  قىسىم  كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى  ساقلاشتا،كۆمۈپ ساقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. بولۇپمۇ، سەۋزە، چامغۇر، تۇرۇپ، بەرەڭگە قاتارلىق كۆكتاتلارنى ۋە  ئامۇت، نەشپۈت، بېھى قاتارلىق مېۋىلەرنى كۈزدە  ھويلىنىڭ مۇۋاپىق يېرىگە مۇۋاپىق كەڭلىكتە، بىر مېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئۆرەك كولاپ، كۆمۈپ ساقلايدۇ. ساقلىنىدىغان مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتنىڭ سۇ تەركىبى ئازىيىپ كەتمەسلىكى، سۈپىتىنىڭ ئۆزگۈرۈپ  قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۆرەكنى چوقۇم قۇمساڭغۇ يەردىن يىراقراق  كولاشقا  ئالاھىدە  دىققەت  قىلىدۇ.
▲ چىلاپ ساقلاش.
بۇ ئاساسلىقى شوخلا، مۇچ قاتارلىق كۆكتاتلارنى تۇزغا چىلاپ، ساپال كۇپ ياكى كوزىدا ساقلاشنى  كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا، ساپال كۇپ ياكى كوزىغا مۇۋاپىق  مىقداردا  تۇزلۇق  سۇ قۇيۇپ، مۇچ قاتارلىقلارنى يېرىپ، ئۇرۇقنى تولۇق ئېلىۋەتكەندىن كېيىن كۈپكە سېلىپ، ئاندىن كۈپ ئېغىزىنى ھىم ئېتىپ، بىر ئاي تۇرغۇزغاندىن كېيىن، ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. 
▲ قورۇپ ساقلاش.
 ئۇيغۇرلار يەنە ئاز بىر قىسىم مېۋە، كۆكتاتلارنى قورۇپ ساقلاش ئۇسۇلىنى قولللىنىدۇ. مەسىلەن،گازىرنى  قۇمغا ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ ساقلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ.  پۇرچاق ۋە يەر ياڭىقىنى ياغدا قورۇپ ساقلايدۇ.
▲ مۇراببا  ياساپ  ساقلاش.
  ئۇيغۇرلار  ئادەتتە  ئالما، بېھى،  ئامۇت، نەشپۈت  قاتارلىق مېۋىلەرنى ئاقلىۋېتىپ ئۇششاق توغراپ  قاينىتىپ، مۇۋاپىق مىقداردا ھەسەل ياكى شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ، ئېغىزى  ھېم  ئېتىلگەن كوزا ياكى شېشىگە  قاچىلاپ، ھەر خىل تەملىك ھەم ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان شەربەت ۋە مۇراببارلارنى تەييارلايدۇ. بۇمۇ  كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى ساقلاشتىكى بىر خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ھېساپلىنىدۇ. شەربەت ۋە مۇراببا تەييارلىنىدىغان مېۋىلەرنىڭ سورتى ۋە سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇشىغا، شېكەر نىسبىتىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا، قاچىلانغان شېشە، كوزىلار  ئېغىزىنىڭ ھىم بولۇشىغا، سۇ ئارىلىشىپ قالماسلىقىغا قاتتىق دىققەت قىلىنىدۇ.
▲ مۇزلىتىپ ساقلاش.
 بۇ خىل ئۇسۇلمۇ بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، ئادەتتە پالەك قاتارلىق ئىسسىققا چىدامسىز، سوغۇققا  چىداملىق كۆكتاتلار مۇزلىتىپ ساقلىنىدۇ. بولۇپمۇ، توي- تۆكۈن، نەزىر-چىراغلار تومۇز ئىسسىق مەزگىلگە تورا كېلىپ قالغاندا، قەلەمچە قىلىپ تەييارلانغان سەۋزە قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ ئىسسىقتا بۇزۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئەتراپىغا مۇز پارچىلىرىنى دۆۋىلەپ ساقلاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ
▲ تالقان قىلىپ ساقلاش.
  ئۇيغۇرلار سوقۇپ تالقان قىلىپ ساقلاش ئۇسۇلىدىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدۇ. يەنە ئېتى يۇمشاق بولغان  پىننە، قارىمۇچ،يۇمغاقسۈت، مۇچ قاتارلىق كۆكتاتلارنى ۋە جىگدە قاتارلىق مېۋىلەرنى مەخسۇس ھاۋانچىدا  سوقۇپ، تالقان قىلىپ، ساپال كوزىغا قاچىلاپ ياكى خالتىغا سېلىپ، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان، قۇرغاق، كۈنگەي جايلاردا ساقلايدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا چوقۇم ساقلاش مۇھىتىنىڭ قۇرغاق بولۇشى، يامغۇر، قار تۈپەيلى نەم تارتىپ قېلىشنىڭ  ئالدىنى  ئېلىشقا  ئالاھىدە  دىققەت  قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
▲ تاغار  ۋە  باداڭدا  ساقلاش.
  بۇ خىل  ئۇسۇل  ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ساقلاش ئۇسللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئادەتتە دانلىق زىرائەتلەرنى  باداڭ ۋە تاغار، خالتىلاردا ساقلاش كەڭ ئومۇملاشقان. بۇ خىل ئۇسۇلدا زىرائەت خامداندا ياكى ھويلىدا  ئاپتاپقا سېلىنىپ قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن، باداڭ ۋە پاختا رەخت، سەگەز، چېگە قاتارلىقلاردىن تەييارلانغان  ھەر خىل تاغارلارغا قاچىلىنىپ، قازناق ئۆيدە قۇرغاق مۇھىتتا ساقلىنىدۇ.
    ▲چاتقال  تاشلاش.
  ئۇيغۇرلار  ئادەتتە  بىر  قىسىم  كۆكتاتلارنى  ساقلاشتا  ئۈستىگە چاتقال تاشلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ. يەنى يېسىۋېلەك، پالەك، كۈدە، كەرەپشە قاتارلىق كۆكتاتلارنى ساقلاشتا مۇشۇ خىل ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ. ئاۋۋال كۆكتاتلارنىڭ يىلتىز قىسمىنى مۇۋاپىق قۇم ياكى توپىغا كۆمۈپ، ئەتراپىنى قۇم ياكى توپا بىلەن مۇۋاپىق  قاشالىۋەتكەندىن كېيىن، ئۈستىنى ھەر خىل يوپۇرماق، شاخ-شۇمبىلار بىلەن ھىم ئىتىپ ساقلايدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغان كۆكتاتلارنى توپىدا كۆمۈپ قويماسلىققا  ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدۇ .

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ