ئاسىيا ھۇجۇمچى قوراللار دەۋرى
ئاسىيا ھۇجۇمچى قوراللار دەۋرى
فېلكىس.K

ھۆكۈمرانلىق قىلىش كۈچىنىڭ ئايلىنىشى
جۇڭگونىڭ ھەربىي كۈچى خەلقئارانىڭ تېخىمۇ كۆپ دىققىتىنى تارتىۋاتقان چاغدا،ھىندىستاننىڭمۇ ھەربىي كۈچىمۇ تېزلىكتە تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى.ھىندىستان ئۆزىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاللىقاچان باشلىۋەتتى.ھىندىستاننىڭ مۇنداق قاتتىق ئىستىكى ئاۋىياماتكا ۋە يادرو يېقىلغۇلۇق سۇ ئاستى ھۇجۇمچى پاراخوتى جەھەتتىكى ئېھتىياجىدائېنىق ئەكىس ئەتتى.
ياپونىيەنىڭ دائىملىق كۈچىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ90-يىللىرىدىن باشلاپ چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى.بىراق،ياپونىيە دېڭىز قوغدىنىش ئارمىيىسى پاراخوت سانى جەھەتتە مەلۇم سەۋىيەنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ،تەرتىپلىك ھالدا كونىسىنىڭ ئورنىغا يېڭىسىنى ئالماشتۇرۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى.كورىيەمۇ ھەربىي كۈچىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا سالماقلىق قەدەم بىلەن كېتىۋاتىدۇ،چەتئەلدىن كۆپ مىقداردا ھۇجۇمچى ئايروپىلان ۋە جەڭ پاراخوتلىرىنى سېتىۋالماقتا ھەمدە ئامال بار ياپونىيەنىڭ ھەربىي ئىشلار تەرەقىياتىغا يېتىشىۋالماقچى بولىۋاتىدۇ.
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرمۇ ھەربىي ئىشلارغا زور مەبلەغ سېلىۋاتىدۇ،بىراق ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭلا ھاۋا،دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئامىيىسىنى بىللە ۋاقىتتا زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قۇربى يېتىدۇ،مەسىلەن سېنگاپور.مالايسىيا پەقەت دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسى كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈردى.دۆلەت ئىچىدىكى داۋالغۇش ۋە ھەربىي خامچوتتىكى چەكلىمە بىر قىسىم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەقىياتىنى ئارقىغا چېكىندۈرىۋەتتى.مەسىلەن ھىندۇنوزىيە،تايلاند،ۋېيتنام ۋە فىلپىن قاتارلىقلار.
ئاسىيانىڭ ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرىدىكى قوراللار دەۋرى
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ90-يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە،قوراللارنىڭ تەرقىياتىدا بارغانسېرى ھۇجۇم قىلىش ئقتىدارىغا ئەھمىيەت بېرىلىدىغان بولدى.بۇ قوراللار يىراق مۇساپىلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى،سۇ ئاستى كېمىسى ۋە تىراكتورىيىلىك باشقۇرىلىدىغان بومبا سېستىمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.يىراق مۇساپىلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى كۆپ خىل ئىشىلتىلىش ئىقدارىنى ھازىرلىغاچقا ،كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن.دېڭىز ھاۋا بوشلىقىنى كونترول قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە،سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە ئاسان ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغان پاراخوتلارغا سېلىشتۇرغاندا،ھۇجۇمچى ئايروپىلانلار تەننەرخى تۆۋەن ئەمما جەڭدىكى مەۋجۇتلۇق كۈچى نىسبەتەن كۈچلۈك قورال دەپ قارىلىدۇ.تېخنىكىنىڭ تەرەقىي قىلىشىغا ئەگىشىپ،بىر قىسىم دۆلەتلەر تىراكتورىيىلىك باشقۇرىلىدىغان بومبىلارنى ئاسانلىقچە مۇداپىئە كۆرگىلى بولمايدىغان ئىشەنچىلىك قورال ھەمدە بارغانسېرى ئەرزانلايدىغان بۇ قورال سېستىمىسىنى كەڭ كۆلەمدە ئورۇنلاشتۇرغىلى بولىدۇ دەپ قاراشقا باشلىدى.
ھۇجۇمچى ئايروپىلان
كۆپ قىسىم ئاسىيا دۆلەتلىرى ھۇجۇمچى ئايروپىلان ھەمدە بوشلۇقتا ماي قاچىلاش ئايروپىلانى سېتىۋېلىپ ،ھۇجۇمچى ئايروپىلانلارنىڭ جەڭ قىلىش دائىرسىنى كېڭەيتتى.جۇڭگو ھاۋا ئارمىيسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپلا زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى باشلىدى،روسىيەدىن76دانەSU-27كۈرەشچى ئايروپىلانىنى سېتىۋالدى ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئالغاندىن كېيىن يەنە120دانە歼-11كۈرەشچى ئايروپىلانى(SU-27نىڭ جۇڭگو تەقلىد قىلىپ ياسىغىنى)ئىشلەپ چىقاردى.جۇڭگو يەنە100دانەروسىيەدە ئىشلەنگەنSU-30كۈرەشچى ئايروپىلانى سېتىۋالدى، كەلگۈسىدىكى ئاۋىياماتكىسىغا سەپلەش ئۈچۈن روسىيە بىلەنSU-33كۈرەشچى ئايروپىلانىنى سېتىۋېلىش ئۈستىدە مەسلىھەتلەشمەكتە.دۆلەت ئىچىدىكى كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى تەتقىق قىلىش جەھەتتە،جۇڭگو لاھىيلىگەن歼-10(تارمار قىلغۇچى مەنىسىدە)كۈرەشچى ئايروپىلانى ئىشلەپچىقىرىپ،100گە يېقىن ئايروپىلاننى ئازادلىق ئارمىيە ھاۋا ئارمىيىسىگە تاپشۇرۇپ بەردى.يۇقىرىقى تۈرلەردىن باشقا،روسىيە جۇڭگو بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ،جۇڭگوغا8دانەIL-78ناملىق بوشلۇقتا ماي قاچىلاش ئايروپىلانى ئېكىسپورت قىلدى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە،ھىندىستاننىڭ ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ زامانىۋىلىشىشىدىمۇ تېخىمۇ ئىلگىرلاۋاتقان ئىزنالار كۆرۈنۈشكە باشلىدى.ھىندىستان ھاۋا ئارمىيىسى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ90-يىللىرىدىن باشلاپ48دانەSU-30كۈرەشچى ئايروپىلانىغا ئىگە بولدى ھەمدە 2007-يىلى يەنە 40دانىنى زاكاس قىلدى。بۇنىڭدىن سىرت،ھىندىستان ئاۋىئاتسىيە سانائىتى روسىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىگە ئېرىشتى،ھەريىلى10نى ياساش سۈرئىتى بىلەن،يېڭىلانغانSU-30كۈرەشچى ئايروپىلانىدىن 140ئىشلەپ چىقاردى.باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن،مەسىلەن ھىندونىزىيە،مالايسىيا ۋە ۋېيتناملارمۇ ئاز سانداSU-27ۋەSU-30كۈرەشچى ئايروپىلاننى سېتىۋېلىپ ئالدىنقى سەپ ھۇجۇمچى ئايروپىلانى قىلدى.
سىنگاپور ۋە كورىيە يېڭىلانغان تىپتىكىF-15كۈرەشچى ئايروپىلانىنى سېتىۋالدى.كورىيە ئاللىقاچان40دانەF-15كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدى.سىنگاپور20دانەF-15كۈرەشچى ئايروپىلانىنى سېتىۋېلىپF-35كۈرەشچى ئايروپىلانىنى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇنقى ئۆتكۈنچى كۈچ قىلماقچى بولىۋاتىدۇ.
ئۇزۇندىن بېرى،ياپونىيەF-15كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئۆز ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئاساسلىق كۈچى قىلىپ كەلدى،نۆۋەتتە يەنە150دانەF-15كۈرەشچى ئايروپىلانى ياپونىيە ھاۋا ئارمىيىسى قوغدىنىش ئەترىتىدە ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.ئەمما،ياپونىيە ھاۋا ئارمىيە قوغدىنىش ئەترىتىنىڭ70دانەF-4كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ ئورنىغائامېرىكىنىڭF-22كۈرەشچى ئايروپىلانى،فىرانسىيەنىڭ"ئۆتكۈنچى شامال"(Rafale)كۈرەشچى ئايروپىلانى ۋە ياۋروپانىڭ"ئۇراگان بورىنى"كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئالماشتۇرماقچى بولىۋاتىدۇ.يەنە بىللە ۋاقىتتا،ياپونىيە داۋاملىق ئۆز دۆلتىدا ئىشلەپچىقىرىغان F-2تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانىنى سېتىۋالماقچى ۋە تېزلىكتە 4دانەKC-767تىپلىق بوشلۇقتا ماي قاچىلاش ئايروپىلانىنى ئورۇنلاشتۇرماقچى.
سۇ ئاستى پاراخوتى
كۆپ قىسىم ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە رايونلىرى سۇئاستى پاراخوتىغا ئىگە بولۇشقا شۇنداق تەشنا بولماقتا.ئۆتكەن15يىل ماباينىدە،جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسى روسىيەدىن12"Kilo"تىپلىق سۇئاستى پاراخوتى سېتىۋالدى ،ئۆزى ياسىغان"宋"تىپلىق سۇ ئاستى پاراخوتىمۇ13كە يەتتى.بۇنىڭدىن سىرت يەنە12"明"تىپلىق سۇ ئاستى پاراخوتى بار،بۇلار ئازادلىق ئارمىيە دېڭىز قىسىمىنىڭ دېزىل يېقۇلغۇلۇق سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈردى.يەنە،جۇڭگو يېقىندا بىرىنچى"元"تىپلىق دېزىل يېقىلغۇلۇق سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئورۇنلاشتۇردى،بۇ تىپتىكى سۇئاستى پاراخوتى ھاۋانىڭ ھاۋانىڭ ئىلگىرلىتىشى كېرەك قىلمايدىغان(AIP)سېستىمىسى ئورنىتىلغان دەپ قارىلىدۇ.بۇ سېستىما دېزىل يېقىلغۇلۇق سۇ ئاستى پاراخوتى سۇ ئاستىدا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى نەچچە كۈندىن ھەتتا نەچچە ھەپتىگىچە ئۇزارتالايدۇ.تېخىمۇ تەھدىد كۈچىگە ئىگە بولغىنى جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى"商"يادرو يېقىلغۇلۇق ھۇجۇمچى سۇ ئاستى پاراخوتى.بۇ تىپتىكى سۇئاستى پاراخوتى ئېھتىمال ئازادلىق ئارمىيە دېڭىز قىسىمىنىڭ ھازىر بار بولغان"汉"تىپلىق يادرو يېقىلغۇلۇق ھۇجۇمچى سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئورنىنى ئېلىشى مۇمكىن.ھازىر خەينەندە قۇرىلىۋاتقان يېڭى دېڭىز ئارمىيە بازىسى بۇ يېڭى تىپتىكى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ ئۇۋىسى بولۇپ قالىدۇ. بۇ يېڭى تىپتىكى سۇئاستى پاراخوتلىرى جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسىگە تېخىمۇ ياخشى ئۇرۇش قىلىش ئەۋزەللىكى بېغىشلىدى.
مالاككا بوغۇزىنىڭ قارشىسىدىكى،ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىمۇ قورال-ياراغ سېستىمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ نۆۋەتتە كۆپلىگەن مۆلچەر قىلىنىۋاتقان ئاۋىياماتكىسى،قوغلىغۇچى پاراخوتى،مۇھاپىزەت پاراخوتى،يېنىك تىپتىكى مۇھاپىزەت پاراخوتى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرى بار.بۇ تۈرلەرنىڭ ئىچىدە فىرانسىيە لاھىيلىگەن6"سىياھ بېلىق"ناملىق دېزىل يېقىلغۇلۇق سۇ ئاستى پاراخوتىمۇ بار،بۇ سۇ ئاستى پاراخوتىغاAIPسېستىمىسى ئورنىتىلغان.ئەمما،بۇ سۇ ئاستى پاراخوتلىرى پۈتمەي تۇرۇپلا،ھىندىستان تەرەپ يەنە 6دانەيېڭى تىپتىكى"سىياھ بېلىق"ناملىق سۇئاستى پاراخوتىنى زاكاس قىلىش تەكلىپىنى سۇندى.نۆۋەتتە،ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان سۇ ئاستى پاراخوتلىرى10دانە"Kilo"ناملىق دېزىل يېقىلغۇلۇق سۇئاستى پاراخوتى ۋە 4دانە 209تىپلىق دېزىل يېقىلغۇلۇق سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ھىندىستان تەرەپ يەنە روسىيەدىن بىر دانە"شۇكا"(Щука-Б)ناملىق يادرو يېقىلغۇلۇق ھۇجۇمچى سۇئاستى پاراخوتىنى ئىجارىگە ئالدى ھەمدە يەنە بىرنى ئىجارىگە ئېلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە،ھىندىستان داۋاملىق دۆلتىدە ئىشلەنگەن يادرو يېقىلغۇلۇق ھۇجۇمچى سۇئاستى پاراخوتى تۈرلىرىنى تەرقىي قىلدۇرىۋاتىدۇ.دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تەرەقىياتىغا ماسلىشىش ئۈچۈن،ھنىدىستان يەنە كارۋاردا چوڭ تىپتىكى بىر دېڭىز ئارمىيە بازىسى قۇردى،بۇ بازا2005-يىلى ئىشىلتىلىشكە كىرىشتۈرۈلدى.Vishakhapatnamشەھىرىنىڭ جەنۇبىدا،ھىندىستان يەنە بىر دېڭىز ئارمىيە بازىسىنى قۇرماقتا.
بۇ مەزگىلدە،باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىمۇ دىققىتىنى دېزىل يېقىلغۇلۇق سۇئاستى پاراخوتىنىڭAIPتېخنىكىسىنى تەرەقىي قىلدۇرۇشقا قاراتتى.كورىيە بىرىنچى بولۇپAIPدائىمىي ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك سۇئاستى پاراخوتىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئاسىيا دۆلەتى،بۇ سۇئاستى پاراخوتKSS-2دەرىجىسىدە بولۇپ،گېرمانىيە ئىشلەپچىقارغان214تىپلىق سۇ ئاستى پارخوتىنىڭ لاھىيىسىنى ئاساس قىلغان.تېخىمۇ ئىلغار بولغان ئۆزى لاھىيلىگەنKSS-3تىپتىكى سۇئاستى پاراخوتىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىلگىرى،كورىيە KSS-2تىپلىق سۇئاستى پاراخوتىدىن ئەڭ ئاز دېگەندە3نى ياساشنى پىلانلىغان.كورىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ھازىر بار بولغان سۇئاستى پاراخوتى9دانە"장보고"(زاڭبوگوۋ)تىپلىق دائىمىي ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك سۇئاستى پاراخوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.كورىيەگە ئوخشىمايدىغان يېرى،ياپونيە بىلەن سىنگاپور شېۋىتسارىيەنىڭ AIPسېستىمىسىنى تاللىدى.ياپونىيە دېڭىز ئارمىيسى2001-يىلىلا"ئاساشىئو"دەرىجىلىك سۇ ئاستى پاراخوتىغا شېۋىتسارىيەنىڭ"سىتېرلىڭ"(Stirling)ناملىقAIPسېستىمىسىنى ئورنىتىپ تۇنجى قېتىم سىناق قىلغان ئىدى.ھازىر ياپونىيە AIPسېستىمىسى لاھىيىسى ئاساسىدايېڭى"ياۋۇز"ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتى سېتىۋالدى.تۇنجى "ياۋۇز"ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتى 2009-يىلى ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىگە سەپلەندى،ھازىر ياپونيە دېڭىز قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ سۇئاستى پاراخوتى كۈچى 16دانەجەڭ قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك دائىمىي ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك سۇ ئاستى پاراخوتلىرىدىن تەركىب تاپقان.سىنگاپور تېخىمۇ بىۋاستەيول تاللىدى.ئۆتكەن ئەسىرنىڭ90-يىللىرى،سىنگاپور شېۋىتسارىيەدىن 4دانە"خىرىس قىلغۇچى"ناملىق سۇئاستى پاراخوتى سېتىۋالدى،2005-يىلى يەنە 2دائىمىي ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك سۇئاستى پاراخوتى سېتىۋالدى،ئەمما بۇ ئىككى سۇئاستى پاراخوتى"Stirling"ناملىق AIPسېستىمىسىغا ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرىلىدۇ.
گەرچە سېلىنما ئامىلىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ،مالايسىيا ۋە ھىندونىزىيە سۇئاستى پاراخوتىغا ئۆزىگە تۇشلۇق تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.مالايسىيا 2"سىياھ بېلىق"ناملىق سۇئاستى پاراخوتى زاكاس قىلدى ھەمدە بۇ ئىككى سۇئاستى پاراخوتىغا AIPسېستىمىسىنى ئورناتتى.بىراق،ھىندونىزىيە نىسبەتەن كونا بولغان206تىپلىق سۇئاستى پاراخوتىنى ئورۇنلاشتۇردى،گەرچە كۆپ قېتىم يېڭى تىپتىكى سۇئاستى پاراخوتىنى سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ،مەبلەغنىڭ كەمچىللىكىدىن مۇرادىغا يېتەلمىدى.تەيۋەن ئارمىيىسى ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ"قېرىپ قالغان"سۇئاستى پاراخوتلىرىنىڭ ئورنىغا زامانىۋىلاشقان دائىمىي ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچلۈك سۇئاستى پاراخوتىنى ئالماشتۇرۇشقا ئامالسىز قېلىۋاتىدۇ،بۇنىڭدا جۇڭگونىڭ بېسىم قىلىشىدىن سىرت،يەنە ئامېرىكا كېمىسازلىق زاۋۇتلىرى قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان تەننەرخدە سۇئاستى پاراخوتى ياساشقا ئامالسىز قېلىشى سەۋەب بولىۋاتىدۇ.
تىراكتورىيىلىك باشقۇرىلىدىغان بومبا
گەرچە يادرو قوراللىرى تۈرلىرى خەلقئارانىڭ نازارىتى ئاستىدا بولسىمۇ ،چاۋشىيەن يەنىلا تىراكتورىيىلىك باشقۇرىلىدىغان بومبىنى توشۇغۇچى قورال قىلىش تۈرىنى تەرەققىي قىلدۇرىۋاتىدۇ.چاۋشىيەن تەرەپنىڭ جاكارلىشىچە،"ئەمگەك"-2تىپلىق ئوتتۇرا مۇساپىلىق تىراكتورىيىلىك باشقۇرىلىدىغان بومبىسى ياپونىيە چېگرىسىدىكى ھەرقانداق نىشانغا زەربە بېرەلەيدىكەن.ھەمدە چاۋشىيەن يەنە مۇساپىسى تېخىمۇ يىراق بولغان"Pekdosan"-2تىپلىق باشقۇرىلىدىغان بومبىنى تەرەقىي قىلدۇرىۋاتىدۇ(يېقىندا قويۇپ بەرمەكچى بولغىنى موشۇ بومبا).خەۋەرلەرگە قارىغاندا،بۇ باشقۇرىلىدىغان بومبىنىڭ يېتەلەيدىغان ئارىلىقى ئامېرىكىنىڭ ئالىياسكا شىتاتى ۋە گۇئام(Guam)ئارىلى دائىرسىغىچە ئىكەن.يەنە بىر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك باشقۇرىلىدىغان بومبا تېخنىكىسىغا ئىگە دۆلەت جۇڭگو.جۇڭگو ئاللىقاچان بىر تۈركۈم ھەرخىل مۇساپىدىكى باشقۇرىلىدىغان بومبىلارنى ئىشلەپ چىقاردى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدى.بۇنىڭ ئىچىدە دىققەتنى ئەڭ قوزغايدىغىنى،يېڭى"شەرق شامىلى"-31 تىپلىق باشقۇرىلىدىغان بومبا ۋە يوشۇرۇنۇش ئىقتىدارىغا ئىگە"شىددەتلىك دولقۇن"-2تىپلىق باشقۇرىلىدىغان بومبىدۇر.بۇ ئىككى خىل بومبا جۇڭگونىڭ يادرو تەھدىد كۈچىنىڭ بىرقىسىمى بولۇپ قالدى،باشقا تىپتىكى تىراكتورىيىلىك باشقۇرىلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئوق بېشىنى توشالايدىغان لاھىيىسى پۈتۈپ بولدى.بۇ باشقۇرىلىدىغان بومبىلار500دانىدىن يۇقىرى"شەرق شامىلى"-11 تىپلىق ۋە 300دانىدىن يۇقىرى"شەرق شامىلى"-15تىپلىق قاتتىق يېقىلغۇلۇق تىراكتورىيىلىك باشقۇرىلىدىغان بومبىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.جەنۇبىي ئاسىيادا،ھىندىستان"يالقۇن"يۈرۈشلۈك تىراكتورىيىلىق باشقۇرىلىدىغان بومبىلىرىنى تەرەقىي قىلدۇرۇشتا پۈتۈن كۈچىنى سەرپ قىلدى.ئەمما ھىندىستاننىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبا تەرەقىياتى ئۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى،2009-يىلى1-ئايدا يېڭى تىپتىكى"BrahMos"بىراھموس ناملىق ئاۋاز تېزلىكىدىن يۇقىرى باشقۇرىلىدىغان بومبىسىنى قويۇپ بېرىش مەغلوبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.
ئامېرىكىنىڭ"تەڭپۇڭلۇق ھەركىتى"
ئامېرىكا چوقۇم ھۇجۇمچى خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ ئاسىيادا كېڭىيىپ كېتىشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك.بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۇجۇمچى قوراللارنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى تىرىشىپ تۆۋەنلىتىشى كېرەك.شۇڭا،ئامېرىكا گۇئام ئارىلى ۋە دىيېگو گارسىيا(Diego Garcia )دىكى ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى مۇستەھكەملەپ،تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىنمۇ بۇ ئىككى ھەربىي بازىنىڭ يەنىلا ئىشقا سالغىلى بولىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.نۆۋەتتە،گۇئام ئارىلى ۋە دىيېگو گارسىيا ھەربىي بازىسى نىشانغا تېگىش دەرىجىسى يۇقىرى باشقۇرىلىدىغان بومبىلارنىڭ ھۇجىمىغا ئاسانلا ئۇچرايدۇ ھەمدە كۆرۈنمەس چارلىغۇچى باشقۇرىلىدىغان بومبىلارغا يولۇققاندا بەكمۇ ئاجىز.يەنە بىرگە،ئامېرىكا سىنگاپور (Changi)ھەربىي بازىسىنىڭ ئىشىلتىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك ھەمدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى باشقا ھەربىي بازىلارنىڭ پايدىنىلىنىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
ھازىرقى شەكىللەنگەن سۇئاستى پاراخوتىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن،ئامېرىكا سۇئاستى پاراخوتىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى قايتا قۇرۇشقا باشلىدى.سوغاق مۇناسىۋەتلەر ئۇرىشىدىن كېيىن،ئامېرىكىنىڭ سۇئاستى پاراخوتىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى بىرئىزدا توختاپ قالغان ئىدى.2004-يىلى،ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيسى مەخسۇس سۇئاستى پاراخوتى تەھدىتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سانتىياگودا يېڭى بىر سۇئاستى پاراخوتىغا قارشى ئۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش مەركىزى قۇردى.ئەمما ئوچۇق دېڭىزغا ئوخشىمايدىغىنى(سوغاق مۇناسىۋەتلەر ئۇرىشىدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بۇنىڭغا ئالاھىدە تەييارلىقى بار ئىدى)،ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى دۇچ كەلگەن خىرىس دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن رايوندىكى دېزىل يېقىلغۇلۇق سۇئاستى پاراخوتىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش بولۇپ قالدى.بۇ دېزىل يېقىلغۇلۇق سۇئاستى پاراخوتلىرى دولقۇن كاشىلا قىلغۇچنىڭ ياردىمى ئاستىدا،يوشۇرۇن ھالدا ئۇرۇش قىلىش ھەركىتىنى ئېلىپ بارىدۇ.
(بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە منىستېرلىكىنىڭ ئاخبارات خادىمى،ئامېرىكا دېپلوماتىيە سىياسىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى)
مەنبە:"دۇنيا گېزىتى"دىن تەرجىمە قىلىندى.
(تەھرىر : admin)
«ئاسىيا ھۇجۇمچى قوراللار دەۋرى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشلىق ۋە مېۋە، كۆكتاتلارنى ساقلاشتىكى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلللىرى
- تاجىك مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئابىدە
- تارىخىي چىنلىقمۇ، توقۇلمىمۇ؟
- ئۇيغۇرلاردا قۇش پەيلىرىنىڭ تارىخ ۋە مەد
- «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدىن قەدىمكى ئەجدادلى
- ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئوسما، يىلىم قويۇش ئا
- ئۇيغۇر ئۆرۈپ ئادەتلىرىدىكى 62 خىل تەربىي
- ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
- ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ كىيمى
- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارن
- 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئوتتۇرا ئ
- سوۋىت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى جېڭىدىك
- پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق
- قاغىلىق جامەسىنىڭ بىنا قىلىنىشى توغرىس
- بابۇر قانداق كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان؟
- جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر خرىستىيان ئۇيۇشم
- قەشقەر ئەسكىسار قەلئەسى ۋە قەشقەر يېڭى
- تاجىك مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئابىدە
- تارىخىي چىنلىقمۇ، توقۇلمىمۇ؟
- ئۇيغۇرلاردا قۇش پەيلىرىنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيە
- «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدىن قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز
- ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئوسما، يىلىم قويۇش ئادىتى
- ئۇيغۇر ئۆرۈپ ئادەتلىرىدىكى 62 خىل تەربىيە
- ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
- ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ كىيمى
- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مە
- 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا
- سوۋىت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى جېڭىدىكى 22 ئۇ
- پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇي
- 5-ئاينىڭ 5-كۈنى «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىم
- تارىختا ئەڭ كۆپ زېمىن ئىگىلىگەن مەشھۇر ئىمپې
- ئۇيغۇرلاردا لۇغەتچىلىك-لۇغەتچىلىك تارىخىمىز
- ئاق تاغلىق غوجىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ھايا
- ئۇيغۇرلارنىڭ سالاملىشىش، كۆرۈشۈش ۋە ھال– ئە
- خوتەن قەغەزچىلىكى ۋە ئۇنىڭ باش – ئاخىرى
- «مۇقام» ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
- ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكل
- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مە
- ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ھەققىدە مۇپ
- بارىن ۋەقەسىدىن ھەقىقىي خاتىرە
- ئامېرىكا ئاتوم بومبىسى ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپ
- «ش ت تارىخى» غا رەددىيە
- 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا
- چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرى قانداق ھۆكۈمرانلىق ق
- قەشقەر ئەسكىسار قەلئەسى ۋە قەشقەر يېڭى شەھەر
- ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كىشى ئىسىملىرى ۋە نۆۋەتتىكى
- ماۋجۇشى بىلەن شىنجاڭ مەسلىسى ئۈستىدە سۆزلىشى