ماۋجۇشى بىلەن شىنجاڭ مەسلىسى ئۈستىدە سۆزلىشىش
ماۋجۇشى بىلەن شىنجاڭ مەسلىسى ئۈستىدە سۆزلىشىش
(جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمسى)
بىرىنچى:مىللىي ئاپتۇنۇمىيە مەسلىسى توغىرسىدا. مىنىڭچە ئەڭ ياخشىسى ئالدى بىلەن مىللىي ئاپتۇنۇمىيگە تەييارلىق كۈرۈش ھەيئىتىنى تەسىس قىلىش كىرەك،تەييارلىق خىزمىتىگە كېتىدىغان ۋاقىت ۋە شەرىت-شارائىت ھازىرلانغاندا ئاندىن ئاپتۇنۇمىينى يولغا قۇيۇش مەسلىسىنى،ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلنغاندىن كىيىنكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت كېڭىشىپ مەركىزى خەلىق ھۆكۈمىتىگەئىلتىماس قىلغاندىن كىيىن تەكشۈرۈپ بىكىتىش كېرەك.ماۋجۇشى شۇنداق قىلىشقا بۇلدىغانلىقىنى بىلدۈردى،پىرىنسىپ جەھەتتە ھەممە ئىشنى ئورتاق پېروگىراممىدىكى مىللىي سىياسەت بۇيىنچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم دىدى.
ئىككىنچى،ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىش مەسلىسى توغىرىسدا مەن ،تاۋسيۆ،بۇرھان ۋە ئىلى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ يېڭى ئىسملىكنى ئوتتۇرغا قويسا،مەركەز تەكشۈرۈپ بېكىتىپ ئېلان قىلسا دىگەن تەكلىپنى بەردىم.ماۋجۇشى بۇ ئىشنى مۇئاۋىن باش قوماندان پېڭ دېخۇەي بىلەن سىز شىنجاڭغا بېرىپ مۇزاكىرلەشكەندىن كىيىن ئاندىن ئىسملىكنى ئوتتۇرغا قۇيۇڭلار ،ھازىر ئالدىراشنىڭ ھاجىتى يوق دىدى. يەنە شىنجاڭدا ھەربىي -مەمۇرىي كومتېت تەسىس قىلىپ ھەربىي-مەمۇرىي ئىشلارنى ئومۇمىي باشقتۇرۇش لازىم دىدى.مەن بۇنىڭ زۈرۈيىتى يوقمىكىن دىدىم. ئۆلكە رەئىسلىك ۋەزىپىسى توغىرسىدا ماۋجۇشى،جۇئېنلەي زۇڭلى مەن بىلەن بىر قانچە قېتىم سۆزلىشىپ ،يەنىلا بۇرھاننى قۇيۇش كېرەكلىكىنى ئېيتقاندا مەن بۇنىڭ ناھايىتى ياخشى،ناھايىتى مۇۋاپىق بولغانلىقىنى ئېيىتتىم.
ئۈچىنچى،قىسىملارنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈش مەسلىسى توغىرسىدا. مەن شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئوفېتسىر-جەڭچىلەر كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىشلەپ كېلۋاتقاچقا كۆپ قىسمى ئۆز يۇرىتلىرىنى سېغىنماقتا،شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۇلارغا ئازىراقتىن خىراجەت بەرسەك يۇرتىغا قايتىپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانسا دەپ تەكلىپ بەرگەن ئىدىم،ماۋجۇشى بۇنىڭغا قوشۇلمىدى،كۈلۈپ تۇرۇپ ئەڭ ياخشىسى ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنى ئەپكەلدۈرۈپ بەرسە ياكى ئاياللارنى كېلىشكە سەپەرۋەر قىلسا،ئۇلاردا شىنجاڭدا ئۆيلىك-ئوچاقلىق بۇلۇپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ مەڭگۈ يىلتىز تارتىپ قالسا بولاتتى دىدى.
تۆتىنچى،مالىيىە مەسلىسى توغىرسىدا. مەن شىنجاڭ ئۆلكىلىكسىنىڭ مالىيە،ھەربىلەرنىڭ ئاشلىق-مائاشى،كىيىم-كېچەك،خىراجەت جەھەتتىكى قىيىنچىلىقنى بايان قىلىپ،خەلىق ئىنقىلاۋى ھەربىي ئىشلار كومتېتى،مەمۇرى ئىشلار كېڭىشى بىلەن دەرھال ئۇ تەرەپكە ئادەم ئەۋەتىپ ئەمىلي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ ئايرىم-ئايرىم بىر تەرەپ قىلسا دىگەن تەكلىپنى بېرىۋىدىم،ماۋجۇشى بۇ ئىشنى مۇئاۋىن قوماندان پېڭ دېخۇەي بىلەن مىنىڭ بىر تەرەپ قىلشىمغا بۇيرىدى.
بەشىنچى،ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش مەسلىسى توغىرسىدا .مەن مەركەز قۇرۇلۇشقا يىتەكچىلىك قىلىش ئۆمىكنى شىنجاڭغا ئەۋەتىپ ،كۆپرەك ئىقتىسالىق خادىم ۋە خىراجەت بىلەن تەمىنلىسە،غەربىي شىمال مەدەنىي گۈللەندۈرۈش جەمئىيتىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش-قالماسلىقنى ئويلىشىپ كۆرسەك دەپ تەكلىپ بەرگەن ئىدىم. ماۋجۇشى بۇ توغىرسىدا ئېنىق-كونكىرىت يوليۇرۇق بەرمىدى. بۇ كىيىنرەك بىر قارارغا كىلەيلى دىگەنلىكتۇر.
ئالتىنچى،سۆۋېت بىلەن بولغان شەرىتنامە مەسلىسى توغىرسىدا.مەن ئالدى بىلەن :جوڭگو-سۆۋېتنىڭ شىنجاڭدىكى سودا-ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلشىمى ئۈستىدە داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈش كېرەكمۇ -يوق؟جوگو بىلەن سۆۋېتنىڭ ھاۋا قاتناش شەرتنامىسىگە ھاۋا لىنيسنى لەنجۇ ياكى شىئەن ۋە ياكى بېيجىڭغىچە ئۇزارتىش توغىرسىدا تۈزۈتۈش كىرگۈزۈشكە بۇلامدۇ-يوق؟ ياكى ئۇ كەلگۈسىدىكى جوڭگو-سۆۋېت يېڭى شەرتنامسىگە كىرگۈز لەمدۇ؟دەپ سورىغان ئىدىم. ماۋجۇشى،ئۇ ئېھتىمال پۈتكۈل جوڭگو-سۆۋېت شەرتنامىسىگە كىرگۈزۈلشى مۇمكىن،ھازىرچە ئۇ توغىرسىدا قارار چىقىرىشقا بولمايدۇ دەپ جاۋاپ بەردى.
ئۇندىن باشقا مەن شىنجاڭ مەسلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش جەرياننى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن،ئۆز-ئۆزەمنى تەكشۈرۈپ ئۆتتۈم،شۇنىڭ بىلەن بىللە نۆۋەتتىكى بىر قانچە مەسلە ئۈستىدە ئۆز پىكىرىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ، «شىنجاڭدىكى ئاساسلىق مەسلە»دىگەن يازما دوكىلاتنى يېزىپ چىقىپ ماۋجۇشىغا يوللاپ بەردىم.دوكىلاتتا «شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيە،تارىخى ۋە سىياسىي جەھەتتىكى تەرەققىيىات جەريانى»،« ئىلى ۋەقەسى ۋە تىنىچلىق كىلشىمى» ، «ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنشى ۋە ئىلى تەرەپنىڭ چىكىنشى» « شىنجاڭ مەسلىسى توغىرسىدا ئۆز-ئۆزەمنى تەكشۈرۈشۈم»، «بىر قانچە مەسلە ۋە پىكىر» دىگەن بىر قانچە تىما ئۈستىدە ئۆز پىكىرىمنى يىغىنچاقلاپ بايان قىلغان ئىدىم. «بىر قانچە مەسلە ۋە پىكىر»دىگەن بۇ قىسمىنىڭ كۈچۈرمىسى مۇنداق:
جوڭگو كومپارتىيسىنىڭ رەھبەرلىكىدە يېڭى ھاكىميەت قۇرۇلغان ۋە جوڭگپ خەلىق سىياسىي كېڭشىنىڭ ئورتاق پىرۇگىراممىسدا مىللىي سىياسەت ۋە دېپلوماتتىيە سىياسىتى بەلگىلەنگەندىن كىيىن شىنجاڭدىكى بۇرۇنقى مەسىلىرىدىكى بارلىق ئاساسلىق نىگىزلىك زىدىيەتلەر تۈگىتىلدى،باشقا ئىشلاردىمۇ ئەلۋەتتە كۆپ مەسلە قالمىدى، لكىن نۆۋەتتە بىر مۇنچە رىئال ياكى لاۋازىمەت خارەكتىرلىك مەسىللەر بار ، بۇنى مەركىزى خەلىق ھۆكۈمىتىنىڭ يوليۇرقى بۇيىنچە ھەل قىلىشقا توغرا كىلىدۇ،ئۇ توغىرسىدا ئۆزەمنىڭ يۈزەكى پىكىرىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلمەن:
1) مىللىي ئاپتۇنۇمىيە مەسلىسى. شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ، ئۇلار پۈتۈن ئۆلكەنوپۇسىنىڭ %70 نى ئىگىلگەن بۇلۇپ تەخمىنەن 3مىليۇن چىقىدۇ. قازاقلار %10 نى ئىگلىگەن بۇلۇپ تەخمىنەن 400مىڭ چىقىدۇ،قەيسەر كىلىدۇ، ئۇلار ھازىرغىچە كۆچۈپ يۈرۈپ چارۋىچىلىق قىلىدۇ. خەنزۇلار بىلەن خۇيزۇلار قوشۇلۇپ %10 نى ئىگلىگەن بۇلۇپ 410مىڭ چىقىدۇ. ئۇلاردىن دېھقانچىلىق،سودىگەرلىك قىلدىانلار،ھۆكۈمەت ئىشىنى قىلدىغانلار ئەڭ كۆپ قىسمىنى ئىگلەيدۇ. قالغانلىرى مانجۇ،موڭغۇل،شىبە،سۇلۇن،تاتار ،تاجىك،قىرغىز،ئۆزبىكلەر بۇلۇپ %10نى ئىگلەيدۇ. بۇرۇن ئىلىدىكى رادىكاللار ۋە چوڭ تۈركىزىمچى كونسىرۋاتىپلار ئاپتۇنۇمىينى تەشەبنۇس قىلغان ھەمدە شنجاڭ ئۆلكىسىنى «شەرقىي تۈركىستان»،« چىنى تۈركىستان» ياكى «تۈركلەرنىڭ جايى» دەپ ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. ئىككى گورۇھنىڭ مەيدانى ۋە ئىديسى بىر-بىرىگە ئوخشىمىسمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ ئاپتۇنۇمىينى تەشەببۇس قىلىش ۋە شىنجاڭ ئۆلىسى دىگەن نامغا بولغان يىرگىنىش كەيپىياتىدا ھىچقانداق پەرىق يوق. مەن بۇرۇن ئۇلارغا ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا :مىنىڭ يولغا قۇيۇۋاتقىنىم __سەنمىنجۇيى ئاساسىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يار-يۆلەك بۇلۇش سىياسىتى،سىلەر كەلگۈسىدە ئۆز-ئۆزەڭلارنى ئدارە قىلىپلا قالماي ،شەرىت-شارائىت ھازرلانغاندا يەنى بىر قانچە 10يىل ياكى بىر قانچە 100يىلدىن كىيىن مۇستەققىل بولساڭلارمۇ بۇلىدۇ»دىگەن ئىدىم. ھازىر مەركىزى ھاكىميەت ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. شىنجاڭمۇ ئازاد بولدى، لېكىن بۇندىن كيىن شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى ئاساسلىق مەسلە يەنىلا مىللىي ئاپتۇنۇمىينى مەسلىسى بۇلۇپ ھىساپلىندۇ،پىرىنسىپ جەھەتتىن بىزنىڭ ئورتاق پىرۇگىراممىزدىكى مىللىي سىياسەتكە ئاساسەن شەكسىز ھالدا ئۇلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇشىغا يول قۇيۇشى كېرەك ئىدى (ۋاھالەنكى بۇ قېتىم ئىلى تەرەپنىڭ ۋەكىلى ئاپتۇنۇمە مەسلىسىنى ئوتتۇرغا قويمىدى)،لىكىن شىنجاڭ ئۆلكىسىدە مىللەتلەرنىڭ كۆپ ۋە ئەھۋالنىڭ مۇرەككەپلىكىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ،ئۇنىڭغا خېلى ئۇزاق ۋاقىت تەييارلىق كۆرۈش لازىمدەك تۇرىدۇ. ئەگەت ئۇلار ئاپتۇنۇمىينى تەلەپ قىلدىغان بولسا ،ئەڭ ياخشىسى ئۆلىكىلىك ھۆكۈمەت ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەندىن كيىن ئالدى بىلەن مىللىي ئاپتۇنۇمىيگە تەييارلىق كۈرۈش ھەيئىتى تەسىس قىلىپ ئۇنىڭغا ھەرمىللەت ۋەكىللىرىنى قاتناشتۇرۇش كېرەك. قانچىلىك ۋاقىت كېتىدىغانلىقى ۋە قانداق شارائىت ھازىرلانغاندا ئاندىن ئاپتۇنۇمىينى يولغا قۇيۇشقا بۇلىدىغانلىقى ياخشىسى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەندىن كىيىنكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئالدىرماي مەسلىھەتلىشىپ مەركەزنىڭ قارار چىقىرىشىغا يوللاش لازىم.
2) ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش مەسلىسى. بۇرۇنقى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت گەرچە مىللىي بىرلەشمە ھۆكۈمەت بولغان بولسىمۇ لېكىن ئىچىكى قىسىمىغا بىر مۇنچە كونسېرۋاتىپلار كىرۋالغان ئىدى. بۇقېتىم ئازاد بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسمى كېتىپ قالدى،قالغانلىرىنى شاللىۋېتىش لازىم،لېكىن ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش ۋاقتىدائەزالارنىڭ ئىسىملىكى ،نامزاتى قاتارلىق ئىشلاردا ئالدى بىلەن ئىلىنىڭ ۋەكىلى ۋە تاۋسىيۆ ،بۇرھانلارنىڭ پىكىرىنى ئېلىش كېرەكمۇ-يوق، بۇنى مەركىزى خەلىق ھۆكۈمىتى ئەھۋالغا قاراپ تەستىقلىسا،ئەلۋەتتە مەركىزى خەلىق ھۆكۈمىتىمىۇ ئادەم قاتناشتۇرۇشى كېرەك.
3)قىسىملارنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈم مەسلىسى. ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى بۇيىل 3-ئاينىڭ ئالدىدا ئەسلىددە ئىككى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن دىۋىزىيە بۇلۇپ ،ھەر بىر دېۋىزيىدە ئۈچىتىن بېرگادا،ھەربىر بېرگادىدىدا ئىككىدىن پىيادە ئەسكەرلەر پولىكى ۋە بىر ئاتلىق ئەسكەرلەر پولىكى بار ئىدى. بىر تەرتىپكە سېلىنغان ئاتلىق ئەسكەرلەر دېۋىيسىدە ئىككىدىن بېرگادا بۇلۇپ دېۋىزىيگە بىۋاستە قاراشلىق قىسىملار بىلەن قوشۇلۇپ جەمئىي 5پولىك بار ئىدى.ئۇندىن باشقا يەنە ئىككى ئاتلىق ئەسكەرلەر بېرگادىسى بۇلۇپ،ھەربىر بېرگادىدىدا ئىككىدىن پولىك بار ئىدى. يەنە 4 ئاتلىق مۇستەققىل ئاتلىق ئەسكەرلەر پولىكى ( موڭغۇل،قازاق،خۇيزۇ،خەنزۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەمدەتوپچىلار ،قۇرۇلۇش،ھەربىي لازىمەتلىكلەر ،ئالاقىلىشىش قاتارلىق قىسىملاردىن بىر قانچىسى بار ئىدى. لېكىن ھەر قايسى قىسىملاردا ئادەم تۇلۇق ئەمەس ئىدى. ئىلى ئۈچ ۋىلايەت مىللىي قسىملىرىدائەسلىدىكى بەلگىلمە بۇيىنچە 6پولىك بار ئىدى،لېكىن ھازىر ھەققىي سانى ئېنىق ئەمەس. شىنجاڭ ئازاد بولغاندىن كيىن ئۆزگەرتىپ تۈزۈش خىزمىتى ئىشلىنۋاتىدۇ. قارىشىمچە،ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭ قىسىملىرىغا: (ئا) ئەسلىدە يەرلىك مىللەتلەردىن تەشكىللەنگەنلىرى يەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى قىسىملىرى قىلىپ ئۆگەرتىلسە . (ب) قالغان ئىچكىرىدىن يۆتكەپ كىلنگەنلىرى خەلىق ئازادلىق ئارمىيسى قىلىپ ئۆزگەرتىلسە، ئۆزگەرتىپ تۈزۈش ئۇسسۇلىدا ،قىسىملارنىڭ سانىغا قاراپ ئىدىيە ۋە تېخنىكا جەھەتتە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلسا ،بۇنىمۇ تاۋسىيۆ مۇئاۋىن باش قوماندان پېڭ دېخۇەينىڭ يوليۇرقىغا بىنائەت مەسلىھەتلشىپ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلسا .( س) ئوفېتسىر-جەڭچىلەر ئارسىدا چىگرىدا ئۇزۇن يىل ئىشلىگەنلەر ئۆز يۇرتىنى سېغىنۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كەيپىياتى ىاتىرجەم ئەمەس، ئەگەر ئۇلارنىڭ يۇرتى ئازاد بولغان بولسا ئۆزلۈكىدىن قايتىش خىراجىتى ،يەر بۈلۈپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ئىشلەپچقىرىش بىلەن شۇغۇللنشىغاشارائىت ھازىرلاپ بەرسەك. ( د )ئۆزگەرتىپ تۈزۈلگەندىن كيىنكى قىسىملارغا مەركەز ياردەم بەرسە ئۇلار سۇ ئىشلىرى، بوز يەر ئېچىش بىلەن شۇغۇللىنىپ ئىشلەپچىقىرىشنى يۈكسەلدۈرۈپ ھەربى ئاشلىق يۆتكەش قىيىنچلىقىنى يەڭگىللەتسە. ( ئى) چېگرا رايۇندىكى قىسىملارنىڭ ۋاقىت ئۇزراش بىلەن يۇرتىنى سېغىنىش كەيپىياتى تۇغۇلۇپ جەڭگىۋارلىق روھىغا تەسىر يىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇندىن كىيىن نۆۋەت بىلەن ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش ئۇسسۇلى بەلگىلەنسە. ئۈچ ۋىلايەت مىللىي قىسىملىرىغا نىسبەتەن پىرىنسىپ يەنىلا ئازادلىق ئارمىينىڭ تۈزۈمى بۇيىچە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلسا ياكى يەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك قىسىملىرى قىلىپ ئۆزگەرتلسە بۇنىڭدا ئىلى ۋەكىللىرىنىڭ پىكىرىنى ئېلىش لازىم.
4) مالىيە (ھەربىي ئاشلىق،كىيىم-كېچەك راسخوتى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ) مەسلىسى. بۇ نۆۋەتتەھەل قىلشقا تىگىشلىك بۇلۇۋاتقان مەسلە بۇلۇپ ھىساپلىندۇ. شىنجاڭ بىر نامرات ئۆلكە،چىڭ سۇلالىسى دەۋىردىن باشلاپلا ئىچكىرىدىكى 18ئۆلكە بۇ جايغا ياردەم بېرىپ كەلگەن ئىدى. بۇرۇن ئۆز ئالدىغا پۇل تارقىتىش (ئۆلكە پۇلىنى تارقىتىش)تۈزۈمىگەتاينىپ ئۆزىنى قامداپ كەلگەن. ھازىر يولغا قۇيۇلۋاتقان مالىيدە خۇددى ئىككى پۇتى بىر ئۈتۈككە تىقىلىپ قېلۋاتقاندەك ئەھۋال يۈز بەرمەكتە . قىسىملارنىڭ ئاشلىق-مائاش،كىيىم-كېچەك،خىراجەت قاتارلىقلارنى ئەزەلدىنلا پۈتۈنلەي مەركىزى ھۆكۈمەت بېرىپ كەلگەچكە ئۆلىكىلىك ھۆكۈمەت بىلەن يەرلىك ئۇنى ئۈسىتىگە ئالمىغان. يېقىندا دوكىلات قىلشىچە،7-ئايدىن باشلاپ ئايلىق مائاش تارقىتىلماپتۇ. چېگرىدا بالدۇر قىش چۈشىدۇ. شۇڭا قىشلىق كىيم-كېچەكلەرنىمۇ بالدۇرراق تارىتىپ بېرىش كېرەك. ھەربىي ئاشلىق جەھەتتە ھەر يىلى مەركىزى ھۆكۈمەت شىنجاڭ ،گەنسۇغا پۇل ئاجىرتىپ بېرەتتى،ھازىر كۈنلۈك يىغىم تۈگەپ قالدى ، شۇڭا بۇنىڭغا بالدۇرراق تۇتۇش قىلىش لازىم . بۇ مەسىللەرنى ھەققىي تۈردە ھەل قىلىش ئۈچۈن خەلىق ئىنقىلاۋى ھەربىي ئىشلار كومتېتى بىلەن مەمۇرىي ئىشلار كېڭشى ئادەم ئەۋەتىپ نەق مەيدانغا ئادەم ئەۋەتىپ نەق مەيداندا ئەمىلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ ئۆز جايىدا ئايرىم-ئايرىم بىر تەرەپ قىلسا بۇلارمۇ قانداق؟
5) ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش مەسلىسى. شىنجاڭ ئارقىدا قالغان بىر ئۆلكە ،كەڭ خەلىق ئاممىسىغا جىددى ھەل قىلىپ بېرىشكە تىگىشلىك بۇلۇۋاتقىنى تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مەسلىسى بۇلۇپ ھىساپلىندۇ. شىنجاڭدا گەرچە بايلىقلار كۆپ بولسىمۇ لىكىن ماددى ئەشيالار تولىمۇ قىس. مەسلەن:كەڭرى يەرلىرى بولسىمۇ سۇ ۋە قاتناش ئىشلىرى كەمچىل،قوي يۇڭى مول بولسىمۇ (خېلى كۆپ مىقتاردا پاختا چىقىدۇ)تۇقۇمچىلىق ئىشلىرى يوق دېيەرلىك،چارىچىلقى تەرەقىي تاپقان بولسىۇ كۆن-خۇرۇم سانائىتى يىتەرسىز......ئۆلىكىنىڭ ئۆزىدىن چىقىدىغان ئاشلىق(بۇلۇپمۇ شىمالىي شىنجاڭدا)يىتشمەيدۇ،يىنىك-ئېغىر سانائەت ئاساسى يوق،كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى پۈتۈنلەي دىگۈدەك سۆۋېتلەر ئىتتىپاقى ۋە ئىچكىرى تەمىنلەيدۇ. مال باھاسى تۇلىمۇ ئۈستۈن،خەلىق تۇرمۇشى جاپالىق،بۇلارنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئەمەس.ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى قانداق قىلىپ ئېلىپ بېرىپ خەلىق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ھەققەتەنمۇ نۆۋەتتىكى جىدىدى ئىش. لىكىن ئۆلكە ئىچىدە ئىقتىساسلىق خادىم،تېخنىكا،ئۈسكۈنە،خىراجەت قاتارلىقلارنى ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس،ھەتتا ئادەتتىكى ئىنىژنىرلاردىن بىرەسمۇ يوق دىيەرلىك، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى مەركەزنىڭ مەمۇرىي ئىشلار كېڭىشى قۇرۇلۇشقا يىتەكچىلىك قىلىش ئۆمىكىدىن بىرنى تەشكىللەپ كۆپلەپ مۇتەخەسىس ۋە خىراجەت ئاجىرتىپ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرسە، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەلۋەتتە مەملىكەت خارەكتىرلىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىشى كېرەك. لېكىن ھازىر شىنجاڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا ھەممىدىن مۇھىم بۇلۇۋاتقىنى_ سۇ ئىشلىرى،قاتناش(بۇلۇپمۇ تۆمۈر يول)، دېھقانچىلىق،چارۋىچىلىق، دورىگەرلىك،سەھىيە،خەلىق تۇرمۇشى سانائىتى،شەھەر مەمۇرىيتى قاتارلىقلاردۇر. بۇ يېتەكچىلىك قىلىش ئۆمىكىگە سۆۋېت مۇتەخەسىسىلىرى ۋەئنىژنىرلىرنى تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇشقىمۇ بۇلىدۇ،لېكىن يەنىلا پېشقەدەم ئاكا بولغۇچى خەنزۇ مۇتەخەسىس -ئىنىژنىرلەرنى ئاساس قىلىش لازىم.چۈنكى بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىشتە ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە . ( مەن بۇرۇن نەنجىڭ ھۆكۈمىتىگە تەكلىپ بەرگەنتىم، ئۇ قۇبۇل قىلنىپ بىر قىسىم مۇتەخەسىسلەر ۋە باشقۇرغۇچىلارمۇ ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئىدى،ئەپسۇسكى راسخۇت مۇناسىۋىتى بىلەن خىزمەتلەر باشلانمىدى. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭ ئۆلىكىسىدىكى خەلىقلەرگە قىلغان ۋەدىسىنى بەجا كەلتۈرمىگەنلىكى بۇلىدۇ. مەدەنىي-مائارىپ قۇرۇلۇشىمۇ ئەلۋەتتە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا ئوخشاشلا جىددى ئېھتىياجىلق ئىش. مائارىپ مەسلىنىسلا ئالدىغان بولساق ساۋاتسىزلارپۈتۈن ئۆلكە نوپۇسىنىڭ %85دىن كۆپرەكىنى ئىگلىشى مۇمكىن ،باشقا مەدەنى-مائارىپ ئەسلىھەلىرىمۇ ئىنتايىن كەمچىل. ئەلۋەتتە بۇ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەسئۇل بۇلىدىغان ئىش،مەركەز پەقەت يىتەكچىلىك قىلسا ھەمدە يادەملەشسە بۇلىدۇ.
بىز دەسلەپ شىنجاڭغا كەلگىنمىزدە ئۆلكىنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدنيەت ئىشلىرىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن دۆلەت بىلەن بىرلىشىپ باشقۇرۇلدىغان« غەربى شىمال خەلىق تۇرمۇشى سودا-سانائەت شىركىتى» ۋە ئىجىتمائىي كوللىكتىپ خارەكتىردىكى «غەربى شىمال مەدىنيەتنى گۈللەندۈرۈش جەمئىيتى»گە ئوخشاش تەشكىلاتلاردىن بەشىنى تەشكىللەپ ئايرىم-ئايرىم مەسئۇل بۇلۇپ شىنجاڭ ئۆلكىسى بىلەن ئىچكىرى ئوتتۇرسدا ماددى-ئەشيالارنى ئالماشتۇرۇش ۋە گېزىت-ژورناللارنى تەھرىرلەش-يەتكۈزۈپ بېرش قاتارلىق بەزى خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بولساقمۇ لېكىن راسخۇت،قاتناش،ئىقتىساسلىق خادىم ۋە ھەر خىل ئوبىكتىپ-سۇبىكتىپ شەرىت-شارائىتلارنىڭ چەكلىمسى تۈپەيلىدىن ئۈنۈمى كۆپ بولمىغانىتى. بۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق ئىشلەش، قايتىدىن ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش كېرەكمۇ-يوق، مەركەزنىڭ قارارىنى كۈتىمىز.
6) سۆۋېتلەر شەرىتنامىسى توغىرسىدا. شىنجاڭ سۆۋېت بىلەن ئىنتايىن يېقىن مۇناسىۋەتتە بۇلۇپ كەلگەن. تارىختا 1871-يىلى ( توڭجىنىڭ 10-يىلى) چارروسسىيە ئىلىدا 10 يىل ئەسكەر تۇرغۇزغان ھەمدە ئىلى شەرىتنامىسى تۈزگەن. جۇغراپىيلىك جەھەتتە سۆۋېت بىلەن شىنجاڭ چىگىرسى ئۇزۇنلۇقتا 3000كىلومىتىر كىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شنجاڭ ئۆلكىسى بىلەن ئىچكىرى ئوتتۇرسدىكى قاتناش بىۋاستە سۆۋېت چىگىرسى ئىچىگە بېرىشتەك قولايلىق ئەمەس. مىللەتلەر جەھەتتە شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى تۈركى تىل سېستىمىسىغا مەنسۇپ يەتتە مىللەت سۆۋېتتىمۇ بار،ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەشى رېسپوپلىكا قۇردى. ئقتىسادى جەھەتتەشىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى كۈندىلىك بۇيۇملار ۋە سانائەت بۇيۇملىرىنىڭ كۆپ قىسمى سۆۋېتتىن كەلتۈرۈلدۇ. مەدىنيەت جەھەتتە،ئۆلكىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەردە سۆۋېت مەدەنىيتىنىڭ تەسىرى بار،سۆۋېتنىڭ تەربىيسىنى ئالغانلار بىر قەدەر كۆپ. مانا بۇ ھەر خىل ئامىللار شىنجاڭ بىلەن سۆۋېت ئوتتۇرسىدا ئالاھىدە مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرگەن،شۇڭابىز شىنجاڭ مەسلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا بۇ نوقتىغا سەل قارىساق ئىنتايىن نامۇۋاپىق بۇلىدۇ. بۇرۇن جوڭگو بىلەن سۆۋېت ئوتتۇرسىدىكى شىنجاڭ ئۆلكىسىگە دائىر شەرىتنامىلەر ئىچىدە بىرىنچى جوڭگو-سۆۋېت ھاۋا قاتنىشى شەرىتنامىسى بۇلۇپ قاتناش لىنيىسى سۆۋېتنىڭ ئالمۇتىدىن ئۈرۈمچى-قۇمۇلغىچە تۇتىشاتتى. ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ۋاقتى توشۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئىككى تەرەپ كېڭىشىش ئارقىلىق بەش يىلغا ئۇزاتتۇق، ھازىر قاتناش لىنيىسىنى لەنجۇ ياكى شىئەنگە ياكى بىۋاستە بېيجىڭغا ئۇزارتىشقا بولامدۇ-يوى، مەركەز قارار قىلسا ،ئۇندىن باشقا يەنە بىر مۇھىم شەرىتنامە بار،يەنى جوڭگو بىلەن سۆۋېتنىڭ شىنجاڭدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلشىمى بۇلۇپ ئىككى تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى بۇيىل ئەتىيازدا ئۈرۈمچىدە كېلشىم ھاسىل قىلغان ئىدى. ئەپسۇسكى ئەڭ ئاخىردا گۇاڭجۇ ھۆكۈمىتى تۇيۇقسىزلا ئىمزا قۇيۇشقا ئۇنمىدى. بۇ ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى. لېكىن بۇندىن كىيىن جوڭگو بىلەن سۆۋېتنىڭ سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مەسلىسى ئۈستىدە مەركىزى خەلىق ھۆكۈمىتى ئومۇميۈزلۈك بىر پۈتۈن كېلشىم ھاسىل قىلماقچىمۇ ياكى جوڭگو بىلەن سۆۋېتنىڭ شىنجاڭدىكى قىسمەن ھەمكارلىق مەسلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىپ شەرتنامە تۈزەمدۇ؟ تەكشۈرۈپ بىكىتىلسە.
مەنبە: ئۈرۈمچى سۆھبىتىدىن شىنجاڭ تىنىچ ئازاد بولغانغا قەدەر ( جاڭ جىجۇڭ)ناملىق كىتاپ
شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 1987-يىل 5-ئايدىكى 1-نەشىرى ( 339-بەتتىن-351-بەتكىچە)
(تەھرىر : admin)
«ماۋجۇشى بىلەن شىنجاڭ مەسلىسى ئۈستىدە سۆزلىشىش»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: قەشقەر ئەسكىسار قەلئەسى ۋە قەشقەر يېڭى شەھەر قەلئەسى
- تاجىك مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئابىدە
- تارىخىي چىنلىقمۇ، توقۇلمىمۇ؟
- ئۇيغۇرلاردا قۇش پەيلىرىنىڭ تارىخ ۋە مەد
- «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدىن قەدىمكى ئەجدادلى
- ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئوسما، يىلىم قويۇش ئا
- ئۇيغۇر ئۆرۈپ ئادەتلىرىدىكى 62 خىل تەربىي
- ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
- ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ كىيمى
- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارن
- 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئوتتۇرا ئ
- سوۋىت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى جېڭىدىك
- پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق
- قاغىلىق جامەسىنىڭ بىنا قىلىنىشى توغرىس
- بابۇر قانداق كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان؟
- جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇر خرىستىيان ئۇيۇشم
- قەشقەر ئەسكىسار قەلئەسى ۋە قەشقەر يېڭى
- تاجىك مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئابىدە
- تارىخىي چىنلىقمۇ، توقۇلمىمۇ؟
- ئۇيغۇرلاردا قۇش پەيلىرىنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيە
- «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدىن قەدىمكى ئەجدادلىرىمىز
- ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئوسما، يىلىم قويۇش ئادىتى
- ئۇيغۇر ئۆرۈپ ئادەتلىرىدىكى 62 خىل تەربىيە
- ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى
- ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ كىيمى
- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مە
- 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا
- سوۋىت -گېرمان ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى جېڭىدىكى 22 ئۇ
- پەرغانە ۋادىسىدىكى يوقىلىپ كەتكەن خەلق -ئۇي
- 5-ئاينىڭ 5-كۈنى «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىم
- تارىختا ئەڭ كۆپ زېمىن ئىگىلىگەن مەشھۇر ئىمپې
- ئۇيغۇرلاردا لۇغەتچىلىك-لۇغەتچىلىك تارىخىمىز
- ئاق تاغلىق غوجىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ھايا
- ئۇيغۇرلارنىڭ سالاملىشىش، كۆرۈشۈش ۋە ھال– ئە
- خوتەن قەغەزچىلىكى ۋە ئۇنىڭ باش – ئاخىرى
- «مۇقام» ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
- ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكل
- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ مە
- ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ھەققىدە مۇپ
- بارىن ۋەقەسىدىن ھەقىقىي خاتىرە
- ئامېرىكا ئاتوم بومبىسى ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپ
- «ش ت تارىخى» غا رەددىيە
- 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا
- چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرى قانداق ھۆكۈمرانلىق ق
- قەشقەر ئەسكىسار قەلئەسى ۋە قەشقەر يېڭى شەھەر
- ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كىشى ئىسىملىرى ۋە نۆۋەتتىكى
- ماۋجۇشى بىلەن شىنجاڭ مەسلىسى ئۈستىدە سۆزلىشى