تولۇقسىز 2 – يىللىق 2 – سىنىپ كوللېكتېۋىنىڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا – ئانىلار مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ كونكىرتنى پىلان لايھىسى مۇھاكىمە مەقسىدى 1- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كونكىرتنى ئەھۋالىنى يەنى مەزكۈر ساۋاقداشنىڭ تەلىم – تەربىيە ئىشلىرىغا بولغان ئوبىكتىپ تەسىرىنى تولۇق چۈشۈنىش، ئوقۇغۇچىنىڭ ۋەسىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كىرىم – چىقىم ئەھۋالى، تەلىم – تەربىيە سەۋيىسى، مەزكۈر ساۋاقداشنىڭ ئائىلىدىكى ئومۇمىي ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئىگىلەشنى مەقسەد قىلدۇق. 2- ئوقۇغۇچى، ئاتا – ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش، تەلىم – تەربىيە نىشانىنى ئىلمىي بېكىتىش ۋە ئىجابىي ماسلاشتۇرۇش. 3- قاتماللىقتىن قۇتۇلۇپ، ھەقىقىي ساپا مائارىپىغا يۈزلىنىش، ئوقۇتۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپىنى ئوقۇغۇچىلارغا ۋە ئاتا – ئانىلارغا يۈزلەندۈرۈشكە تىرىشىش ۋە ئەمەلىي كۈچ چىقىرىش. 4- ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيسى، بالىلارنى ئىلمىي ئوزۇقلاندۇرۇش، ئائىلىدىكى ئۆگىنىش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئۇسۇلى قاتارلىقلاردا قىينىلىشىغا ئەمەلىي ياردەمدە بولۇش، سىنىپنى ئاساس قىلغان «ئاتا – ئانىلار مەكتىۋى» دەرسلىكى تەسىس قىلىش. پۈتكەن ۋە پۈتۈش ئالدىدىكى تەييارلىق خىزمەتلىرى 1- بۇ سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىش ئۈچۈن ئىلگىركى يىغىنلاردا ساقلانغان ئەنئەنىنى ئۆزگەرتىشكە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئېنتېر تورىدىن ئىزدىنىپ كۆردۈق ۋە تۆۋەندىكىلەرگە ئېرىشتۇق. 1) ئەنگىلىيەنىڭ «ئاتا – ئانىلار سۆھبەت يىغىنى» نىڭ ئاساسىي ئىدىيىسىنى ئىگىلىدۇق. يەنى ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئىلھام بېرىش، نەتىجىسىنىڭ يوقۇرى – تۆۋەن بولۇشىنى ئەمەس ، ئۆزگىچە ئىقتىدارنىڭ بار – يوقلىقىنى، يېتىلدۈرۈشكە بولىدىغان ئىقتىدارىنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى ئاساس قىلىش، ھەر بىر ئاتا ئانا بىلەن تولۇق ئايرىم سۆھبەتلىشىشنى ئاساس قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋالى ۋە ئائىلىدىكى ئەھۋالىنى بىرلەشتۈرۈپ خۇلاسە چىقىرىش. 2) مەكتىۋىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان ھەر قېتىمقى «ئاتا – ئانىلار سۆھبەت يىغىنى» دا قېلىپلاشقان رەھبەرلەر مەكتەپنىڭ ئىشلىرىدىن خۇلاسە چىقىرش، ئەخلاق مودىرلىرى ئاتا – ئانىلارغا كۆپتىن – كۆپ سۆزلەشتەك ئاتا – ئانىلارنى جەلىپ قىلالمايدىغان سۆھبەت تېمىلىرىنىڭ مەزمۇنىنى مۇۋاپىق قىسقارتىپ، ئاتا – ئانىلارغا نەپ يەتكۈزەلەيدىغان ئىلمىي پەرزەنت تەربىيسى، ئىلمىي ئوزۇقلاندۇرۇش، ھازىرقى دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ تۈزۈمى ۋە ئوقۇشقا ياردەم بېرىش يۈزلىنىشى، خىزمەتكە ئورۇنلىشىشنىڭ يېڭى يوللىرى ھەمدە نۆۋەتتىكى قىزىق نوقتا بولغان بىخەتەلىك مەسىلىلىرى ھەققىدە ئىلمىي دوكىلات بېرىپ، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈشكە تىرىشىش يولىنى تۇتۇشقا تەييارلىق قىلدۇق. 2.ئاتا – ئانىلارنى سۆھبەتكە تولۇق قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىلمىي ۋە قايىل قىلارلىق تەكلىپنامە ھازىرلاپ ئاتا – ئانىلارغا ئېۋەتىلدى، ئۇندىن باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىدىن ئومۇمىي جەھەتتىن مەلۇمات بېرەلەيدىغان مەلۇمات جەدىۋىلى ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تولۇق نامايەن قىلالايدىغان مەلۇمات جەدىۋېلى ھازىرلاپ ئاتا – ئانىلارغا ئېۋەتىپ، ھەقىقىي سانلىق مەلۇمات ۋە ئىنچىكە ماتېرىيالغا ئېرىشتۇق. 3.سۆھبىتىمىزنىڭ تەسىرى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلارغا ئالاھىدە تەكلىپنامە ھازىرلىنىپ يوللاندى. 4.سۆھبەت جەريانىدا ئاتا – ئانىلارغا يەتكۈزىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ۋە سىنىپتىكى ئۆگىنىش، ئەخلاق، پىسخىك ھالەت ۋە قىزغىنلىقى قاتارلىقلار جەھەتتىن ئانالىز قىلىنغان «ئوقۇغۇچىلار ئانالىزى» كارتىسى تەييارلاندى. بۇ ھەر بىر ئاتا – ئانا بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئايرىم سۆھبەت ئاخىرلاشقاندا ئاتا – ئانىنىڭ قولىغا يەتكۈزىلىدۇ. 5. بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا لىكسىيىلىنىدىغان تېمىلار تۆۋەندىكىدەك تەييارلىنىدۇ. 1)ھازىرقى ئائىلە تەربىيسىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر 2)ئەمەلىي ئەھۋالىمىزغا ماسلاشتۇرۇلغان ئىلمىي ئائىلە تەربىيسى ھەققىدە قىسقىچە لىكسىيە 3)ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ھەققىدە 4)ئاتا – ئانا ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيتى 5)ئوقۇغۇچىلار تىلىدىن: ئاتا – ئانىلارغا كۆڭۈلدىكى سۆز 6)ئاتا – ئانىلار تىلىدىن: پەرزەنتلەرگە كۆڭۈلدىكى سۆز 6.ئاتا – ئانىلار بىلەن ئايرىم سۆھبەتلىشىش ۋە سۆھبەتنىڭ مۇھىم ماتېرىياللىرىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئايرىم سۆھبەت خاتىرىسى ھازىرلىنىدۇ. سۆھبەت جەريانىدا ئىگىلەشكە تىگىشلىك ئاساسى مەزمۇنلار تېمىسى تۆۋەندىكىچە: 1)پەرزەنتنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشتىكى مەقسىدىنى، ئىلمىي نىشانىنى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىنى كونكرتنى ئىگىلەش. 2)ئائىلىدە پەرزەنتكە مەخسۇس تەلىم – تەربىيە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇسۇللىرى ۋە يېتەكچىلىكلىرىدىن (ئائىلە يىغىنى ئېچىلامدۇ، قانچىلىك ۋاقىتتا بىر قېتىم ئېچىلىدۇ) ئەمەلىي مىسالغا ئېرىشىش. 3)پەرزەنتىدىن قايسى جەھەتلەردى رازى، يەنە قايسى جەھەتلەردە نارازى ياكى ئۈمىدسىز. 4)پەرزەنت تەربىيلەشتە ئىلمىي بولىشىغا كۆڭۈل بۆلەمدۇ، ئىلمىي تەلىم – تەربىيە ئۇسۇلىنى ئۆگەنگىسى بارمۇ. 5)پەرزەنتنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋالىنى دائىم ئىگىلەپ تۇرامدۇ، ياكى ئىگىلەپ تۇرۇشنى ئويلىسىمۇ ۋاقىت چىقىرالمامدۇ... 6)ئائىلدە پەرزەنتنىڭ ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرەلەيدىغان يېتەكچى بارمۇ، بولمىسا پەرزەنت قانداق ئۇسۇل بىلەن تاپشۇرۇق ۋە ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. 7)ئۇستازلارنىڭ قايسى تەرەپلىرىدىن رازى بولىۋاتىدۇ، قايسى تەرەپلىرىگە پىكىرى ۋە ئىنكاسى بار. 8)بۇ سىنىپقا دەرس بېرىدىغان قايسى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ باققان، سۆھبەت مەزمۇنىچۇ؟ 9)مەكتەپتە زۆرۈر بولغان ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنىڭ پۇلىنى تاپشۇرۇشتىن نارازىمۇ، تولۇق تاپشۇرامدۇ. سۆھبەت پائالىيتىنىڭ ئومۇمىي كۈن تەرتىۋى 1- چۈشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاتا – ئانا، ئوقۇتقۇچى سۆھبىتىنىڭ كۈن تەرتىپى
2- چۈشتىن كېيىنكى ئاتا-ئانا، ئۇستاز ۋە ئوقۇغۇچىلار سۆھبەت يىغىنىنىڭ كۈن تەرتىپى 1) سائەت 1 دىن 50 مىنۇتتا بارلىق قاتناشقۇچىلار يىغىن مەيدانىغا ھازىر بولۇپ بولىدۇ. 2) سائەت 2 دە يىغىن رەسمىي باشلىنىدۇ. يىغىن مەسئۇلى ئادىلجان ھەسەن يىغىن كۈن تەرتىۋىنى ئېلان قىلىدۇ، يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوقلىمىسىنى قىلىدۇ. 3) چۈشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت ئەھۋالىدىن ئومۇمىيلاشتۇرۇلغان خۇلاسە ئوتتۇرغا قويىلىدۇ. 4) ئاتا – ئانىلار ۋەكىلى پەرزەنتلەرگە «كۆڭۈلدىكى سۆز» ىنى قىلىدۇ. 5) ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى ئاتا-ئانىلارغا «كۆڭۈلدىكى سۆز» ىنى قىلىدۇ. 6) ئادىلجان ھەسەن «ئائىلە تەربىيسىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر» تېمىسىدا لىكسىيە سۆزلەيدۇ. 7) ئاتا – ئانىلار يۇقۇردىكى لىكسىيە ئاساسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشكە ۋە باشقا ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قاتناشتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. خاتىرە قالدۇرىلىدۇ. 8) ئابدۇنەيىم ئاۋۇت «ئەمەلىي ئەھۋالىمىزغا ماسلاشتۇرۇلغان ئىلمىي ئائىلە تەربىيسى ھەققىدە قىسقىچە لىكسىيە»، « ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ھەققىدە» تېمىلىرىدا لىكسىيە سۆزلەيدۇ. 9) ئادىلجان ھەسەن «ئاتا – ئانا ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيتى» تېمىسىدا مۇھىم سۆز قىلىدۇ. 10) ئاتا – ئانىلار ئوتتۇرغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ مۇھاكىمىگە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. 11)ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيسىگە ئائىت كونسىپىك تەييارلانغانلىقىنى، ئاتا – ئانىلارنىڭ لازىم بولسا كېلەر ھەپتىدە كېلىپ ئېلىۋېلىشى ئوتتۇرغا قويىلىدۇ. 12)ئاخىرىدا ئادىلجان ھەسەن سۆھبەت يىغىنىدىن ئومۇمىي خۇلاسە چىقىرىدۇ ۋە يىغىننىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئوقتۇرىدۇ. ئاتا – ئانىلارنىڭ كېلىپ سۆھبەتكە قاتنىشىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىدۇ ۋە باشقا مۇھىم ئىشلار ئۈستىدە ئايرىم سۆھبەتلىشىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|