ۋاقىت : 2011-04-20 17:10 | مەنبەسى : | ەمىنلىگۇچى : شوتا | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم
مېنىڭ خوشاللىقىم
(ھېكايە)
مەكتەپتىن قايتىدىغان ۋاقىت بولدى، مەن ئۆيگە قايتىشقا ، توغرىراقىنى ئېيتقاندا بۆگۈن ئېرىشكەن «مەكتەپ بويىچە ئۈلگىلىك ئوقۇغۇچى» دېگەن نامنى ۋە شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى بالدۇرراق ئاپام – داداملارغا كۆرسۈتۈشكە ئالدىرىماقتا ئىدىم. ئاتا – ئانامنىڭ قانچىلىك خوش بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقاتتىم، ھەر قېتىم مەن ۋە ئۇكام توغرىسىدا بىرەر ياخشى گەپ بولسىلا ئاپام ئۆزىنى باسالماي پىشانىمىزگە سۆيىپ كېتەتتى ، دادام بولسا بىزگە چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ ھېچ ئىش بولمىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، تاماكىسىنى ئورايتى ۋە قايسىدۇر بىر نەتىجە قازانغان مەشھۇر شەخىس توغرىسىدا ھېكايە باشلايتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ بىزنىڭ مەغرۇرلىنىپ كەتمىسۇن دېگىنىمىكىن ، ياكى تېخىمۇ چوڭ شان شەرەپلەردىن شەپە بېرىپ قويغىنىمىكىن ... مۇشۇنداق شىرىن خىياللار بىلەن ئۆيگىمۇ يېتىپ كەپتىمەن. چىھرىمدىكى شادلىق نۇرلىرىنى دادامنى دوراپ يوشۇرۇشقا ئۇرۇندۇم. ئەمما تازا قاملاشتۇرالماي غىڭشىپ ناخشىمۇ ئېيتىپ قويدۇم...
ئۆيگە كىردىم، كۆزلىرىم مېنىڭ خوشاللىقىمغا جور بولىدىغان ئاتا – ئانامنى ئىزدەيتى، ئەمما ئىش ئۇنداق بولمىدى. ئۇلارنىڭ ئەلپازى بەك يامان، مېنىڭ خوشاللىقىمنى ئاڭلاش ئەمەس، بىر ئىشتىن خاپا بولۇپ ھېلى يېرىلىپ كېتىدىغان كامىردەك ئوسال ھالدا سۆرۈن تەلەت بىلەن ئولتۇرىشاتتى. مەن نېمە دېيىشىمنى ، گەپنى نەدىن باشلىشىمنىمۇ بىلەلمىدىم، گەپلىرىم قۇلاشماي، خوشاللىقىمنى ئىپادىلەشنىمۇ قاملاشتۇرالمايۋاتاتتىم. ئاخىرى شەرەپ گۇۋانامەمنى ئۈستەل ئۈستىگە، ئۇلار ئاسانلا كۆرەلەيدىغان يەرگە قويۇپ قويۇش ئۇسۇلىنى تاللىدىم. ئەمما ئۇلار ئۇنى كۆرگەن بولسىمۇ چىرايىدا ھېچ خوشاللىق ئىپادىسىنى تاپالمىدىم...
زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەيۋاتىمەن. ھەر كۈنى بىزنىڭ ئىشىكتىن كىرىپ كېلىشىمىزنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىدىغان، چېھرىدىكى پەخىرلىنىش سېزىملىرى ۋە خوشاللىق ئىزنالىرى ئائىلىمىزگە ھارارەت بولۇپ بالقىيدىغان بەخىت مىلودىيىلىرىگە زادى نېمە بولدىكىنە؟!
ئىشىك قاتتىق ئۇرۇلدى. ئاتا – ئانامنىڭ چىرايىدا مەن بىلەلمەيدىغان بىر خىل ساراسىم ئىپادىلەندى. دادام ئاخىر ئېغىز ئېچىپ، - ھەي يالقۇن ئىشىكنى ئاچە ، دەپ ۋاقىرىدى. يۈگۈرۈپ بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم. ئىشىك ئالدىدا ئاغزى بۇرنى قانىغان چىرايى ۋە ئۈستى بېشى مەلەق توپىغا مىلەنگەن ئىنىم تۇراتتى. نېمە بولدۇڭ كامىل؟ ۋاقىرىدىم مەن. ئۇنى ئىككىي ياندىن جىنايەتچىنى يالاپ ماڭغان ساقچىلاردەك قولىنى كەينىگە قايرىپ مەھكەم تۇتىۋالغان ئىككى ئادەم ماڭا : - تولا ۋالاقشىماي داداڭنى چاقىرە دەپ ھۆمەيدى. دادام : زادى نېمە ئىش بولدى، بايا تېلفوندا تازا ئاڭقىرالمىدىم ، دېدى ئۇلارغا بىر خىل بىچارىلىك ۋە يېلىنىش تەلەپپۇزىدا، ئۇلار ماۋۇ چوپچوڭ قوتىزىڭ بىزنىڭ توققۇز ياشلىق باللىرىمىزنى ئۆلتىرەي دەپتۇ، ھازىر باللىرىمىز جىددىي قۇتقۇزىلىۋاتىدۇ. قېنى ئاخىرىدا بالىلارغا بىر ئىش بولۇپ باقسۇن، سېنىڭ بالاڭنىڭ تىرىك قالغىنىنى، دەپ ۋاقىرىدى دادامغا. شۇ ئەسنادا بىرىگە تېلفون كېلىپ ، سىرتقا چىقتى ۋە بىر ئازدىن كېيىن يەنە بىرىنى چاقىرىپ ھېچنىمىمۇ دېمەي كېتىپ قېلىشتى. ئۇكامنىڭ ئۈستى بېشىنى قېقىشتۇردۇم، ئاپام ئۈستەلگە تاماقلىرىمىزنى تەق قىلىپ قويۇپتۇ، لېكىن ھېچ قايسىمىزنىڭ تاماققا رايى يوق، ئىنىم بۇرۇندىن شۇنداق كەم سۆز ، مەيلى ياخشى ئىش قىلسۇن ياكى شوخلىق قىلىپ ئىش تېرىسۇن، ياكى تەقدىرلەنسۇن ھېچقايسىسىنى ئۆيگە كېلىپ دېمەيدۇ، ئۇنىڭدىن سىر ئېلىش ، پېتىر توقاچتىن قىل ئېلىش دىگەن گەپ، ئالدۇق دېگەندىمۇ سىرنىڭ قىللىرى ئۈزۈلۈپ – ئۈزۈلۈپ چىقىدۇ. ئۇ بىزگە بۇ ئىككى بالىنى ئۇرمىغانلىقىنى ئېيتتى، باشقا گەپ قىلمىدى. دادام بولسا بىرەر يامان ئىشنىڭ يۈز بېرىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، كەينى – كەينىدىن تاماكا چەكتى. ئاپام توختىماي ئۇھ تارتتى. مەن بۇ ئەھۋالدا خوشال بولالايتىممۇ.
ئىشىك يېنىك چېكىلدى. دادام جىددىلەشتى، ماڭا ئىشىكنى ئېچىشنى بۇيرىمىدى، ئەمما ماڭا قاراپلا قويدى. مەن يۈگۈرۈپ بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىم، ئاپامنىڭ كۆز چاناقلىرى چوڭۇيۇپ، ئىشىكتىن قانداق شۈم خەۋەرنىڭ ئۆمىلەپ كىرىدىغانلىقىنى پەملەپ، ئېسەنكىرەپ ئىشىككە قارىدى. قىزىق، ئەھۋال ئۇنداق بولمىدى. ئىشىكتىن ئاۋال بىر دەستە گۈل ، ئاندىن بىر نەچچە سېۋەت مېۋە – چىۋە دېگەندەك نەرسىلەر كىردى. ئاندىن بايىقى ئىككى ئادەم ۋە باشقا بىرنەچچە ئەر – ئاياللار خوشال كىرىپ كېلىشتى. بايىقى ئىككى «ساقچى» بىر خىل خىجىللىق ئىچىدە بېشىنى تۆۋەن سېلىشتى. ئەھۋالنى ئۇقتۇق. ئەسلىي ئىنىم مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە ماڭغاندا ئارىلىقتىكى ئادەم شالاڭ كونا مەھەللىدىن ئۆتىۋېتىپ، ئەسكى تام تۈۋىدە ئويناۋاتقان ئىككى بالىنىڭ توساتتىن تامنى ئۆرۈيمەن دەپ ئۆزى تەرەپكە ئۆرىۋالغانلىقىنى، ئۇلارنى مىڭ تەسلىكتە ھالى خاراپ كونا تام تېگىدىن چىقىرىپ ، كۆتۈرۈپ ، سۆرەپ دېگۈدەك دوختۇر تەرەپكە ئېلىپ ماڭغاندا بايىقى ئىككى دادا بايقاپ قېلىپ خاتا چۈشەنگەنلىكىنى ، ئىنىمنى قاتتىق ئۇرىۋەتكەنلىكىنى ، چۈشەنچە بېرىشكە پۇرسەتمۇ بەرمىگەنلىكىنى ... ئاخىرىدا ئۇ ئىككى كىچىك بالىنىڭ بىرى ھوشىغا كېلىپ ئەھۋالنى ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى... ئۇقتۇق. ئىنىم ئاشۇنداق، دائىم شۇنداق ئىشلارغا يولۇقۇپ تۇرىدۇ. ئەمما ئائىلىمىز بەك كېچىكىپ خەۋەر تاپىدۇ. ئۇنىڭ خوشاللىقىمۇ ، ئىپادىلىشىمۇ دادامغا ئوخشاش.
بىز مېھمانلار بىلەن داستىخانغا جەم بولدۇق. قولۇمغا شەرەپ گۇۋانامەمنى ئالدىم، دادام، ئاپام، ئىنىم ئۇنى كۆردى، مېھمانلارمۇ كۆردى. ئاپام پىشانەمگە سۆيۈپ قويدى. دادام بىر مەشھۇر شەخىسنىڭ ھېكايىسىنى باشلىدى. ئىنىم بىلىنەر – بىلىنمەس چىرايىنى ئۆزگەرتىپ قويدى. مەن خوشال بولۇشقا باشلىدىم...
موڭغۇلكۈرە ناھىيىلىك ئاقىللارمەكتىۋى تولۇقسىز ئوتتۇرا 2-يىللىق 2-سىنىپ : يالقۇن ياسىن .
()