بالىلارغا بايراملىق
بۈگۈن ئىيۇن-قۇتلۇق كۈن،
 سەبىيلەرگە شادلىق كۈن.
 تال چىۋىقتىن  ئات مىنىپ-
 تەڭ چېپىشار،ئاتلىق كۈن!
 .
 بۈگۈن بايرام-قۇتلۇق كۈن،
 مېھرى ئاتەش-ئوتلۇق كۈن،
 سەبىيلەرگە ئۇنتۇلماس،
 ھەسەلدىنمۇ تاتلىق كۈن!
 .
 بۈگۈن بايرام-قۇتلۇق كۈن،
 دۇنيا كۈلەر-نۇرلۇق كۈن!
 قاراڭ زوقتا ئەتراپقا-
 زەپ چىرايلىق-ئۇزلۇق كۈن!
 .
 سەبىي كۈلسە-ئەل كۈلەر،
 ئاسمان كۈلەر-يەر كۈلەر.
 كۈلكىسىگە  ئۇلارنىڭ،
 چوڭلارمۇ جۆر-پەر كۈلەر!
 .
 
 ئاپىرىڭچۇ بايرامغا؟
 
 .
 ئانا،ئانا،جان ئانا،
 مېھرى ئاتەش-خان ئانا،
 بۈگۈن مېنىڭ بايرىمىم،
 ئاپىرىڭچۇ بايرامغا؟
 .
 بايرام نېمە،بىلمەيمەن،
 سىزنى خاپا قىلمايمەن،
 ئاپىرىڭچۇ بايرامغا،
 مەن ئاكامغا دىمەيمەن.
 .
 قونچىقىممۇ بارسۇنچۇ،
 بايرىمىمنى كۆرسۈنچۇ،
 تېپىپ ئۇمۇ دوست-ئاداش،
 خوشال ئويناپ كۈلسۈنچۇ؟
 
 .
 ئاپا،سەندىن سورايمەن؟.
 
 ئاپا ،سەندىن سورايمەن:
 سەنمۇ بايرام قىلغانمۇ،
 قونچاق ئويناپ مېنىڭدەك،
 كىچىك ئانا بولغانمۇ؟
 .
 ئاپا، سەندىن سورايمەن:
 ئوينىغانمۇ بەشتاشنى.
 ياكى مۆكۈپ دالدىدا،
 چەيلىگەنمۇ ئوتياشنى؟
 .
 ئاپا،سەندىن سورايمەن:
 تىنىم تاپماي ئىشلەيسەن.
 بېرىپ  ماڭا قاتلىما،
 قۇرۇق ناننى چىشلەيسەن؟
 .
 ئاپا، سەندىن سورايمەن:
 قاچانمۇ چوڭ بولىمەن.
 ياردەملىشىپ ئىشىڭغا،
 ساڭا ھەمدەم بولىمەن؟
 .
 جان دادا!
 .
 دادا،دادا، قەن دادا،
 مېنىڭ ئۈلگەم سەن دادا،
 بارچە جاپا ساڭا خاس،
 ئاڭا ھەممە تەن، دادا!
 .
 دادا-دادا، جان دادا،
 ئۆينىڭ شاھى-خان دادا،
 تۈگىمەمدۇ ئىشلىرىڭ،
 ئەمەسقۇ سەن كان،دادا!
 .
 دادا-دادا، ئۇز دادا،
 ماڭغان يولۇڭ تۈز دادا،
 مېھنەت سۆيۈپ ياشىدىڭ،
 ئەمدى يورۇق يۈز،دادا!
 .
 ياز كۆركى.
 
 يازنىڭ كۆركى-يىل كۆركى،
 ھاياتلىقنىڭ بىل كۆركى.
 روھىي ئوزۇق ئالىدۇ،
 ھىكمىتىدىن دىل كۆركى!
 .
 يازنىڭ كۆركى- بەلەندۇر،
 ئەتراپ گۈلزار-چىمەندۇر،
 سەبىيلەرگە تەبىئەت،
 بىر پايانداز-گىلەمدۇر!
 .
 ئەجەپ كۆركەم چۈنچىلەر،
 ئاقسا جۇشقۇن ئۈنچىلەر،
 ئاق بېلىقتەك تولغىنىپ،
 سۇ چۆمۈلەر غۇنچىلار!
 .
 ياز-راھىتى دۇنيانىڭ،
 بېغى،بۇلبۇلگويانىڭ،
 نېئمىتى كۆپ ئىنسانغا،
 تاراتقان نۇر-زىيانىڭ!
  
()
«بالىلارغا بايراملىق»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر  | 
	||||||||
| 
		 | 
		
		 | 
	   
		 | 
		
		 | 
		
		 | 
		
		 | 
		
		 | 
		
		 | 
		
		 | 
	
كىيىنكى ئەسەر:يوق
- . بالىلارغا بايراملىق
 - . مەكتەپ
 - . ئۇماق بالىلار
 - . ۋەتەنگە مەدھىيە
 - . بالىلارنى تەربىيىلەشتە تۆۋەندىكى نۇقتى
 - . ئوغلۇم - ئابدۇللا ئابدۇرىھىم
 - . ئوينايدىغان تالا بارمۇ
 - . مېنىڭ خوشاللىقىم
 - . نورۇز چېچەكلىرى
 - . بالا بولماق تەس
 - . قايغۇلۇق خەۋەر: ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس
 - . پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇت ۋەتىنى(نا
 - . ئېلىپبە ناخشىسى
 - . بالامغا
 - . ئوينايدىغان بالا بارمۇ ؟
 - . يۇلتۇزلارغا سۆز
 
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
 - 
					
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
 

