زەپەر723،ئادىلجان ھەسەن ۋە بارلىق تورداشلارغا!
يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندىن بىرى خىزمەت ۋە باشقا بىر قىسىم سەۋەپلەردىن قولىمىزدا بار بولغان، تورداشلارغا جىددى كىرەكلىك بىر قىسىم دەرس تەييارلىقى ۋە باشقا ماتىرياللارنى دەل ۋاقتىدا يوللاش ئىمكانىيتى بولمىدى،شۇنداقتىمۇ كەڭ تورداشلارنىڭ بىزنى قوللىشى ۋە ئىنكاسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كىلىۋاتىدۇ.نۇرغۇن كەم تىپىلىدىغان ماتىرياللارمۇ ئوتتۇرغا چىقىۋاتىدۇ، يەنە بىرقىسىم مەسىلىلەرمۇ كۆرلىۋاتىدۇ،شۇڭلاشقا يۇقارقى مەسىلىلەرگە ئاساسەن تۆۋەندىكى بىرقانچە مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئەسكەرتىش بىرىش لازىم بولغاچقا ئۇشبۇ تىما يىزىلدى. 1.زەپەر723،ئادىلجان ھەسەن قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ يوللاشنى ئويلىغان ماتىريالىنىڭ تىمىسىدىن قارىغاندا ئۇ ماتىرياللارنىڭ (دەرس تەييارلىقلىرىنىڭ)تولىمۇ مۇھىم ۋە ياخشى دەرس تەييارلىقى ئىكەنلىكى ئىنىق بولسىمۇ، لىكىن قوشۇمچە ھۆججەت بوشلۇققا يوللانمىغاچقا بارلىق تىما ئۆچۇرۇلدى. بۇ دوسلارنىڭ قولىدا بار ماتىرياللارنى قايتىدىن توغرا يوللىشىنى ياكى يوللىيالمىسا بىزگە ئىلخەت ئارقىلىق baxtax@vip.qq.com ئەۋەتىپ بىرىشنى سورايمەن. 2.قۇرۇق تىما يوللىغان ئەزالار بىردەك جازالىنىدۇ.بىرقىسىم ئەزالار تىمىسى بار، مەزمۇنى ياكى دەرس تەييارلىقى، قوشۇمچە ھۆججىتى يوق تىمىلارنى يوللاپ،نومۇر ئاۋۇتۇشنى مەخسەت قىلىۋاتىدۇ،بىز ھازىرغىچە بۇنداق ئەزالارغىمۇ يول قويدۇق،لىكىن بۇنىڭدىن كىيىن يەنە مۇشۇنداق تىما يوللىغان ئەزالارنىڭ بارلىق نومۇرى بىردەك يىغىۋىلىنىدۇ يەنى نومۇر تەڭگە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نۆل قىلىۋىتىلىدۇ.شۇڭلاشقا كەڭ ئەزالارنىڭ ئەزالار قوللانمىسىنى ئەستايىدىل كۆرۇپ چىقىشىنى، ئەگەر قوشۇمچە ھۆججەتنى مەزكۇر توربەت بوشلۇقىغا پەقەت يوللىيالمىسا،sina,qupan,51 قاتارلىق ھەقسىز توردىسكىلىرىغا يوللاپ ئادرىسىنى ئۇلانما قىلىشىنى، ئۇنىمۇ قىلالمىسا قۇرۇق تىما يوللىيالماي، بىۋاستە ماتىريالنى ئىلخەت شەكلىدە baxtax@vip.qq.com گە ماتىريال ۋە ئەزالىق نامىنى بىرگە ئەۋەتىپ بىرىشنى سورايمىز. 3.يامان نىيەتلىك ئىنكاس يوللىغان ئەزالارنىڭ يىغىندا نومۇرى ۋە تەڭگىسى يىغىۋىلىنىدۇ. بىرقىسىم ئەزالار نومۇر كۆپەيتىش مەخسىتىدە بىرقانچە تىمىغا ئوىشاش مەزمۇندىكى ئىنكاسنى چاپلاپ،يوللاۋاتىدۇ.بۇ يالغۇز توربەت مەزمۇنى ۋە سۇپىتىگە تەسىر يەتكۇزۇپلا قالماي يەنە تىما يوللىغۇچىنىڭ قىزغىنلىقىغىمۇ تەسىر يەتكۇزىدۇ،شۇڭلاشقا بۇگۇندىن باشلاپ مۇشۇنداق يامان نىيەتتە ئىنكاس يوللىغۇچىلارنىڭ بارلىق ئىنكاسى ئۆچۇرلىدۇ، ئىرىشكەن جۇغلانما نومۇرى بىردەك بىكار قىلىنىدۇ. ئاخىرىدا كەڭ دوسلارنىڭ بىزنى ھەرۋاقىت تىغىمۇ يىقىندىن قوللىشىنى ۋە دىققەت قىلىشىنى سەمىمىي ئۇمۇد قىلىمىز. ھۆرمەت بىلەن: بەشتاش بالىلار مائارىپ تورى 2011-يىل 9-ئاي 5-كۇنى تەھىرلىگۇچى:بەشتاش
|