1-دەرس. شىنجاڭ تولۇقسىز سىنىپلىرىدا ئوقۇش-مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم قوشنىمىزنىڭ ئۆتكەن يىلى شىنجاڭ تولۇقسىز سىنىپىغا ئۆتكەن قىزى ئادىلە بۇ يىل يازلىق تەتىل قىلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى، ئۇنىڭ سۈتتەك ئاقىرىپ بوي تارتىپ كېلىشكەن قامىتىگە قاراپ مېىنىڭ شۇنچىۋىلا مەسىتلكىم كەلدى. قىزىقىش ئىلكىدە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتىم. ئۇ ئۆز مەكتىپىدىن سۆيۈنگەن ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ: -بىز ئىمتىھاندىن ئۆتكەندىن كېيىن، مائارىپ ئىدارىسىدىن مەخسۇس ئادەم ئاجرىتپ، بىزنى ئۆز پەرزەنتىدەك ئاسىراپ، مەكتەپكە يەتكۈزۈپ قويدى، مەكتەپتىكىلەر بىزنى دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ شۇنچىلىك سەمىمىي ھەم قىزغىن قىياپەتتە كۈتىۋالدى. مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن بىزگە ھەقسىز ياتاق، تاماق ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى، يەنە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، كېيىم قاتارلىق لازىمەتلىكلەرنى ھەر پەسىلدە ھەقسىز تارقىتىپ بەردى. ياتاق، سىنىپ، كۈتۈپخانا، ئاشخانا قاتارلىق ئاممىۋىي سورۇنلار شۇنچىلىك پاكىز ھەم ئازادە، تامىقىمىزمۇ شۇنچىلىك مول ھەم كۆپ خىل. بىز مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئازراق تارتىنىشقان ئىدۇق، بولۇپمۇ سىنىپىزدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇ تىلىدا پاراڭلىشىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى خەنزۇ تىلىدا سۆزلەيدىغان بولغاچقا، تىل مەسلىسىدە بەكرەك قىينالغان ئىدۇق، لېكىن، بۇ مەسلىنى تېزلا ھەل قىلىپ كەتتۇق. مەن ھازىر خەنزۇ تىلىدا بىمالال سۆلىيەلەيدىغان، يازالايدىغان، ئوقۇيالايدىغان ھەم ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتتىم. ئوقۇتۇش شارائىتى ياخشى جايدا ئوقۇغاننىڭ ھەقىقەتەن پايدىسى بار ئىكەن. ھە راسىت، بىزنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلىرىمىزچۇ تېخى! ھەر سەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى تۈرلۈك كوللېكتپ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلرىنى تەشكىللەيمىز. ھەممىمىز ئۆزىمىز قىزىققان تۈرلەرگە قاتنىشىمىز. ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىمىز ناھايىتى كۆيۈمچان، بىزگە خۇددى ئۆز ئاتا-ئانىمىزدەك مۇئامىلە قىلىپ، بىزگە ئۆز ئائىلىمىزنىڭ ئىللىق مېھرىنى ئاتا قىلىدۇ. ئۆتكەن يىلى قۇربان ھېيىت مەزگىلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئادىتى بويىچە قۇربان ھېيىت ئۆتكەزدۇق. بىزگە قوي ئۆلتۈرۈپ قۇربانلىق قىلىپ بەردى. داستىخانلىرىمىزمۇ شۇنچىلىك مول، بىز ئۆز-ئار پەتىلىشىپ قۇربان ھېيىتىنى شۇنچىلىك خۇشال-خۇرام ئۆتكۈدۇق. دەل قۇربان ھېيىتنىڭ 2-كۈنى ناھىيىمىزنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى بىزلەردىن ھال سورىغىلى چىقىپتۇ، ھەي بۇ كۈنلەردە دادام رەھمەتلىك بولغان بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى- ھە !... ئۇ دەل شۇ يەرگە كەلگەندە دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى، ئىككى تامچە ياش مەڭزىدىن سىرغىپ چۈشتى. ئۇنىڭغا قاراپ مەن ئىختىيارسىز ئويلىنىپ قالدىم، مېنىڭ ئوقۇش شارائىتىم شۇنچىلىك ياخشى، ھۆكۈمەت كىتاب-ماتېرىياللىرىمىنى ھەقسىز بېرىۋاتىدۇ، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىممۇ شۇنچىلىك كۆيۈنۈپ دەرس ئۆتىۋاتىدۇ. مەن نېمە ئۈچۈن ئادىلە بارغان مەكتەپكە كىرەلمەيمەن؟ مەنمۇ تىرىشاي، يەنە ئىككى يىل ۋاقىت بارغۇ! ۋاقىتنى چىڭ تۇتساملا غەلبە مېنى باغاشلاپ كۈتۈۋالىدۇ. مۇھاكىمە ۋە مەشق 1. سىلەر بۇ دەرسنى ئوقۇغاندىن كېيىن نېمىنى چۈشەندىڭلار؟ 2. سىلەردە بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ئوقۇش ئىستىكى قوزغالدى؟ سىزدىمۇ شىنجاڭ تولۇقسىز سىنپلىرىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىرىشىپ بېقىش ئىرادىسى تىكلەندىمۇ؟ ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇڭلار. 1. ساغلام بەدەن: ئادەم ئۈچۈن سالامەتلىك ھەرقانداق بىر نەرسىدىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بەدەندە ئاغرىق يوق، كېسەللەردىن خالى بولالىسا كىشىنىڭ كېيىنكى ئارزۇ-ئارمانلىرى ئاندىن ئىلگىرى باسىدۇ. شۇڭا ئىلگىرىكىلەرنىڭ «تەن ساقلىق زور بايلىق»دېگەن سۆزى توغرا ئېيتىلغان. بىر كىشى ھەرقانچە ئەركە، كۈچلۈك ھەم جەڭگىۋار بولسىمۇ، تەن ساقسىزلىق، ئېغىر كېسەل ئۇنىڭ ھەرقانداق ئارزۇ-ئارمانلىرىنى بىراقلا بىتچىت قىلىپ تاشلايدۇ. دېمەك، بەدەننىڭ ساغلاملىقى ھەممە ئىشنىڭ كاپالىتى. ئۇ خۇددى بىر سەھنىگە ئوخشايدۇ. ناۋادا بۇ سەھنە مۇقىم بولمىسا قانداقمۇ ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلىغىلى بولسۇن؟ شۇڭا ناۋادا سىز سەللىمازا ساق بولسىڭىز ئۆزىڭىزنى كېسەللەردىن يىراق تۇتۇشقا ياكى بەدەن سالامەتلىكىنىڭ داۋاملىق ناچارلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىڭ . 2. ئەخلاقلىق بولۇش: ئەخلاق ئادەم ھەركىتىنى ئاڭلىق-ئاڭسىز رەۋىشتە تىزگىنلەپ تۇرىدىغان، كىشىلەر تەبئىي رىئايە قىلىدىغان بىرەسمى جەمئىيەت قانۇنى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ھەربىر ھەركىتىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى يول ماڭغۇچىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئۆلچەيدىغان، شۇنداقلا كىشى قىلىۋاتقان ھەر بىر ھەركىتىنى، پائالىيىتىنى تەپتىش قىلىپ باھالاپ تۇرىدىغان تارازىدىن ئىبارەت. ناۋادا كىشىدە ئەخلاق بولمىسا ئۆز يولىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى، ئىنسانپەرۋەرلىككە لايىق ياكى ئەمەسلىكىنى ئاڭقىرالمايدۇ-دە، بىلىپ-بىلمەي جىنايى قىلمىش سادىر قىلىپ قويىدۇ، ھەتتا ئىنسانىيەتكە بالايى-قازا باشلاپ كېلىدۇ. شۇڭا ھەر كىم ئۆزىدە يۈكسەك ئەخلاق مىزانلىرىنى يېتىلدۈرۈشى، قىلىۋاتقان ھەركەتلىرىنىڭ ئەل رايىغا ئۇيغۇن بولۇشىغا دىققەت قىلىشى، ئەڭ مۇھىمى ئىنسانىي ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلماسلىقى كېرەك. 3. ئىلغار ئىدىيىلىك بولۇش: ئىلغار ئىدىيە دېمەك شەيئىلەرنىڭ ياخشى تەرىپىنى بايقايدىغان بولۇش، قىيىنچىلىق، مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ تېخىمۇ توغرا ۋە ئۈنۈملۈك، ئىجابى ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىش دېگەنلىكتىن ئىبارەت. ئىلغار كۆزقاراش، تەپەككۈر، ئىلغار ئىدىيە ھەر زامان كىشىنى يېڭىلىققا ئىنتىلدۈرۈپ تۇرىدۇ. خۇراپىيلىق، بىكىنمىچىلىك، كونسىرۋاتىپلىق، كونىچىلىق ئېڭىغا ۋە ئەنئەنىۋىيلىككە قورقماي جەڭ ئېلان قىلىشقا ئىلھام بېرىدۇ. ئىلغار ئىدىيە خۇددى بازغانغا ئوخشاش قالاقلىق كىشەن-زەنجىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ، يېڭىلىققا داغدام يول ئاچىدۇ. 4. سۇنماس ئىرادىلىك بولۇش: سۇنماس ئىرادىدىن ئىبارەت بۇ كۈچ سىزنى قىلماقچى بولغان خىزمەتنى ھارماي-تالماي تاماملاشقا ھەر ۋاقت يار-يۆلەكتە بولىدۇ. ناۋادا بىز مەلۇم بىر مەقسەتكە يەتمەكچى بولساق مۇستەھكەم ئىرادە كەم بولسا بولمايدۇ. مەن ئىزدىنىش داۋامىدا مەلۇم بىر قىيىنچىلىققا يولۇقۇپ قالسام توختاپ قىلىشىم كېرەكمۇ ياكى داۋاملاشتۇرۇشۇم كېرەكمۇ؟ داۋاملاشتۇرماقچى بولسام قىيىنچىلىق كۆپ، مۈشكۈل، باش قاتۇرىدۇ. نۇمۇسچانلىق، تارتىنچاقلىق، ھورۇنلۇق يولۇمنى ئېتىپ قويامدۇ؟ مۇشۇنداق ئەھۋالدا مەن «ياق، مۇنداقلا بوشاشسام بولامدۇ؟» دېگەن سۇئالنى قويالامدىم-يوق ؟ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كېتەلەمدىم؟ مانا بۇ سۇنماس-ئىگىلمەس ئىرادىنىڭ كۈچىدىن كېلىدۇ. سۇنماس ئىرادە بەئەينى سەھنىنىڭ پولاتتىن ياسالغان مۇستەھكەم تۆت پۇتى بولۇپ، سىز بۇ مۇستەھكەم سەھنىدە بىمالال نۇمۇر ئورۇنلىيالايسىز. سىزنى ھورۇنلۇق، ئىزلەڭگۈلۈك، بوشاڭلىق، ئادەت خاراكتېرلىك ئۇيۇن-تاماشا قىزغىنلىقى قاپلىۋالغان ۋاقىتتا سۇنماس ئىرادە ھەمراھ بولسۇن. سىز بۇ ئاتقا مىنىپ قىيىنچىلىقنىڭ بىپايان چۆل-جەزىرىلىرىدىن بىمالال ئۆتۈپ كېتىسىز. ھەممىمىزنىڭ جىسمىدا بۇ تۆت پىرىنسىپنىڭ يېتىلىپ چىقىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرەيلى. پەرزەنتلەر ۋۇجۇدىدا كەلگۈسىدە بۇ نەرسىلەر بولسۇن. مۇھاكىمە ۋە مەشق 1. ئادەم بولۇشنىڭ تۆت پىرىنسىپىى قايسىلار؟ 2. ئەخلاق دېگەن نېمە؟ 3. ئىلغار ئىدىيە دېگەن نېمە؟ 3-دەرس.ئۇيغۇرلاردا مەشرەپ ئويۇنلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشرەپ پائالىيەتلىرى كۆپ خىل مەزمۇنلارنى ئۆزىدە گەۋدىلەندۈرگەن ئۇنۋېرسال سەنئەت ئادىتى بولۇپ، ئۇنىڭدا ناخشا-ئۇسسۇلدىن تاشقىرى، مەشرەپكە «جان كىرگۈزىدىغان» خىلمۇ خىل خەلق ئويۇنلىرى بولىدۇ. بۇ خىل ئويۇنلار شەرتلىك ھالدا مەشرەپ پائالىيەتلىرىدىلا ئوينالغاچقا، ئۇلار«مەشرەپ ئويۇنلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. مەشرەپ ئويۇنلىرى ئاساسەن ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنىدۇ: بىرى، مەشرەپنىڭ بەلگىلىك باسقۇچىدا ئوينىلىدىغان مەشرەپ مەزمۇنى دائىرىسىدىكى ئەنئەنىۋىي ئويۇنلار. ھەر قانداق مەشرەپلەر (بولۇپمۇ دولان مەشرەپلىرى) دە بىر نەچچە دۆرە نەغمە-ئۇسسۇلچىلارنىڭ ھېرىپ-چارچاشلىرىغا ئارام بېرىش يۈزىسىدىن ھەم مەشرەپنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ جانلارندۇرۇش ئۈچۈن «يىگىتبېشى» تەرىپىدىن «دەررە ئويۇنى»، «پوتا ئويۇنى»، «چاي تۇتۇش ئويۇنى»، «بېيىت-قوشاق ئېيتىش» قاتارلىق ئويۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ ئويۇنلارنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدىسى بولۇپ، مەشرەپ ئەھلىدىن بىرى باشلاپ بېرىدۇ. ئونىڭدىن كېيىن باشلىغۇچى كىمنى خالىسا شۇ كىشى مەيدانغا چۈشۈپ ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئالايلۇق، «چاي تۇتۇش ئويۇنى» دا A كىشى بىر پىيالە سىنچاينى ئوڭ قولىغا ئېلىپ ناھايىتى چەبدەسلىك بىلەن ئۈچ يۈز ئاتمىش گرادۇس ئايلاندۇرۇپ (پىيالىدىكى چايدىن بېرەر تېمىممۇ تۆكۈلمەسلىكى شەرت) چىققاندىن كېيىن، بىرەر كۆپلېت بېيىت بىلەن قولىدىكى چاينى كۆڭلى خالىغان B كىشىگە تۇتىدۇ. ئۇ كىشى تازىم بىلەن پىيالىنى قوبۇل قىلىپ، مەيدانغا چۈشىدۇ ھەمدە A كىشى بېجىرگەن تەرتىپ بويىچە پىيالىنى پىرقىرىتپ بولۇپ، بېيىت بىلەن ئۈچىنچى بىر كىشىگە سۇنىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئويۇن داۋاملىشىۋېرىدۇ. يىگىتبېشى ۋە مەشرەپ ئەھلى ئويۇنغا نازارەتچىلىك قىلىدۇ. ناۋادا كىمكى پىيالىنى پىرقىرىتىش جەريانىدا چاينى تۆكۈۋەتسە، يېڭىلگەن ھېسابلىنىپ «جازالىنىدۇ». بۇ «جازا» مەشرەپ ئەھلى تەلەپ قىلغان نەرسىنى ئورۇنداپ بېرىش ياكى ئۆزىنىڭ چامى يېتىشىچە بىرەر نومۇر (ناخشا ئېيتىپ بېرىش، بىرەر ھايۋاننى دوراپ بېرىش، باشقىلارنى تەبئىي كۈلدۈرەلەيدىغان بىرەر قىزىقچىلىق قىلىپ بېرىش ئويۇنلىرى قاتارلىقلار) نى ئورۇنداپ بېرىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. شۇڭا، مەشرەپكە قاتناشقانلار «قۇرۇق قول» كەلمەستىن، مۇشۇنداق ئېھتىماللىقلارغا ئىدىيىۋىي ھازىرلىق كۆرۈپ قويىدۇ. ئونىڭدىن باشقا، دولان مەشرەپلىرىدە دراما خاراكتېرىنى ئالغان ھەر خىل كۈلكىلىك ئويۇنلارمۇ ئوينىلىدۇ. مەسىلەن: ئوغرىلىقنى ئەيىبلەيدىغان «ساندۇق ئوغرىسى» ئويۇنى، سودا كارۋانلىرىنى دورايدىغان «تۆگە ئويۇنى»، مۈلكىي ئەمەلدارلارنى ھەجۋىي قىلىدىغان «ئامبار ئويۇنى»، ئەخلاقسىزلارنى مەسخىرە قىلىدىغان «بوۋا»، «شىر»، «ئىككى مۈشۈكنىڭ بەز تالىشىشى» قاتارلىق كومېدىيىلىك ئېپىزوتلارمۇ ئوينىلىدۇ. مەشرەپ ئويۇنلىرىنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمى «جازا ئويۇنلىرى» دىن ئىبارەت. مەشرەپ گەرچە ئىختىيارىي ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاممىۋىي پائالىيەت بولسىمۇ، قەدىمدىن باشلاپ ئۇنىڭ بىر يۈرۈش ئەنئەنىۋىي قائىدە-نىزاملىرى بولغان. بۇ قائىدە-نىزاملار مەشرەپنىڭ نورمال ۋە تەرتىپلىك بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان «مەشرەپ ئاساسىي قانۇنى» بولۇپ، تەتىپىنى بۇزغانلار، «يىگىتبېشى» نىڭ ھۆكۈمىگە بويسۇنمىغانلار ۋە ئاياللارغا ئەدەبسىزلىك قىلغانلار «جازاغا تارتىلغان»، بۇ جازا مەشرەپ ئەھلىنى ھەم كۈلكىگە سالىدىغان، ھەم قاتتىق ئىبرەتكە ئىگە قىلىدىغان «سامسا يىقىش»، «ئىككى خوتۇن ئېلىپ بېرىش»، «جۇۋازغا قېتىش»، «ئۆپكە قۇيۇش»، «نونەك تۈگۈش»، «باش چۈشۈرۈش» دەپ ئاتىلىدىغان جازا خاراكتېرلىك ھەجۋىي ئويۇنلاردىن ئىبارەت. بۇ جازا مەشرەپنىڭ قائىدە-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلغانلار سېزىلسە، پاششاپ (مەشرەپنىڭ تەرتىپ-ئىنتىزامىغا مەسئۇل بولغۇچى) نەق مەيداندا «يىگىتبېشى» غا دوكلات قىلغاندىن كېيىن، يىگىتبېشى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدۇ. ئەگەر قىلمىشى ئېغىر بولسا مەشرەپتىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. مەشرەپ جازاسىغا ئۈچرىغانلار جامائەت تەرىپىدىن ئەيىبلىنىدىغان بولغاچقا، ھەممە كىشى مەشرەپنىڭ ئەنئەنىۋىي قائىدە-نىزاملىرىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىدۇ. مانا بۇ، ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبى. دېمەك، ئۇيغۇر مەشرەپلىرى ھەم مىللىي سەنئىتىمىزنى راۋاجلاندۇرىدىغان، ھەم خەلقىمىزنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرىدىغان، ھەم ئەدەب-ئەخلاق ئۆگىتىدىغان ئۇنېۋىرسال مەكتەپتۇر. مۇھاكىمە ۋە مەشق 1. مەشرەپ ئويۇنلىرى قايسى ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈنىدۇ؟ 2. مەشرەپ مەزمۇنى دائىرىسىدىكى ئەنئەنىۋىي ئويۇنلارنىڭ ئوينىلىش جەريانى قانداق بولىدۇ؟ 3. ئۇيغۇر مەشرەپلىرىدىكى جازا خاراكتېرلىك ھەجۋىي ئويۇنلارنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟ 4-دەرس.ئۇيغۇرلاردىكى چاي خۇمارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدە چاي ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىز ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قايسى بىر رايونغا بارايلى، چاي ئالاھىدە ئىچىملىك بولۇپ، ئۇلار ھەر قانداق تاماقنىڭ ئالدى-كەينىدە دەملەنگەن بىرەر پىيالە چاي ئىچىشكە ئادەتلەنگەن. بولۇپمۇ، ياشانغانلار چاينى بىر خىل شىپالىق دورا دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار دوست-يارەنلىرىنى ئۆيىگە چاقىرىپ، چاي ئىچكەچ ئۆزئارا مۇڭدىشىشنى بىر خىل ھوزۇرلىنىش ھېس قىلىدۇ. ئادەتتە، كوچا-كويلاردا بىرەر يېقىن تونۇشلىرى يولۇقۇپ قالسا، سالام-سائەتلەشكەندىن كېيىن «ئۆيگە مەرھەمەت، بىر پىيالە چاي ئىچكەچ ئۆتسىلە»دەپ تەكەللۇپ قىلىش ئومۇملاشقان قائىدە-يوسۇنلارنىڭ بىرى. سىز قەشقەر، خوتەن شەھەرلىرىنى ئايلانسىڭىز، دوقمۇش-دوقمۇشتا مەخسۇس چايخانىلارنى ئۈچرىتىسىز. بۇ چايخانىلارنىڭ كەڭ ۋە ئازادە ئورنىتىلغان ئوچاق بېشىدا ھەمىشە دېگۈدەك يىگىرمە-ئوتتۇز چەينەك تىزىلغان بولۇپ، چايخانىدىن خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. چايخۇمار ئۇيغۇرلار ئۈچ-تۆت بۇرادەرلىرى بىلەن بىر تەرەپتىن چاي ئىچكەچ ئۆزئارا پاراڭلىشىدۇ، چاقچاقلىشىدۇ ياكى چايخانا سازەندىلىرىنىڭ يېقىملىق نەغمىسىدىن ھوزۇر ئالىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر چايخانىلىرىنىڭ كۆپچىلىكىدە دۇتار، راۋاب تەييارلانغان بولۇپ، ئۇنى بەزىدە شۇ چايخانىنىڭ ئىشتىن سىرتقى مۇزىكانتلىرى خېرىدارلارغا چېلىپ بېرىدۇ. بەزىدە چاي ئىچىشكە كىرگەن خېرىدارلار (چايخۇمار) ئارىسىدىكى مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى چالىدۇ. مەيلى چايخانىنىڭ چېيى بولسۇن ياكى ئۆيدە دەملەپ ئىچىدىغان چاي بولسۇن، ئۇ ئادەتتىكى چاي بولماستىن، بەلكى ئۇ مىجەز تەڭشەش رولىنى ئوينايدىغان دورا چېيىدىن ئىبارەت. بۇ خىل «دورا چېيى» غا ئىشلىتىدىغان چاي ئاساسەن قارا چاي بولۇپ، بۇنىڭغا بەزى ئۆسۈملۈك دورىلىرى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. ئۆسۈملۈك دورىلىرىنى ئۇندەك سوقۇپ، قارا چاينى قايناق سۇدا دەملەپ، بىردەم ئۆتكەندىن كېيىن، ئۈستىگە سوقۇلغان ئۆسۈملۈك دورىسىنى سېلىپ چەينەك ئوتنىڭ تەپتىدە ۋىللىدە بىر ئۆرلىگەندىن كېيىن، پىيالىگە ئاز-ئازدىن قۇيۇپ ئىچىلىدۇ. بۇ خىل دورا چاينىڭ كۆپىنچىسى بەدەننىڭ ئىسسىقلىق كالورىيىسى (مىقدارى) نى ئاشۇرىدىغان، ئىشتىھانى ئاچىدىغان، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان، نېرۋىنى سازلاشتۇرىدىغان دورىلاردىن ئىبارەت. مەسىلەن: قارىمۇچ، زەنجىۋىل، قوۋزاقدارچىن، لاچىندانە، قەلەمپۇر، پىلپىل، زىرە، چىلان، ئالىقات، چۈچۈكبۇيا، توشقانزەدىكى، زەپەر، پىلە... قاتارلىقلار، بۇ دورىلار پەسىلنىڭ ئىسسىق-سوغۇق، ھۆل-قۇرۇق بولۇشىغا قاراپ تەڭشەپ ئىشلىتىلىدۇ. بەزىلىرىنى ئايرىم (يەككە)، بەزىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىدۇ. ھەربىر كىشىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، يېشىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، يېگەن تامىقىنىڭ ئوخشاشماسلىقى، مىزاج پەرقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن، ئىشلىتىلىدىغان چاي دورىلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن: كاۋاپ، پولۇ، پېتىر مانتا تۈرىدىكى ئىسسىقلىق تاماقلار يېيىلسە، ھەزىم قىلىشقا ياردىمى بولىدىغان تەبىئىتى سوغۇققا مايىل دورىلار ئارىلاشتۇرۇلغان چاي ئىچىلىدۇ. ئەگەر تەبىئىتى سوغۇققا مايىل سۇيۇقئاش قاتارلىق تاماقلار يېيىلسە، ئىسسىقلىق مىقدارىنى ئاشۇرىدىغان دورىلار ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. مۇشۇ خىل ئەنئەنىۋىي چاي ئىچىش ئادىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۆز-ئۆزىنى داۋالايدۇ. پەسىل ئۆزگىرىشلەرگە ماسلىشىپ مىجەزنى تەڭشەيدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرلار بىرەر كۈن تاماق يېمىسە رازىكى، ئەمما ئالاھىدە دەملەنگەن مۇشۇ خىل چايدىن بىرەر پىيالە ئىچمىسە كۆڭلى ئۇنىمايدۇ. مۇھاكىمە ۋە مەشق 1. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدە چاينىڭ قانداق مۇھىم ئورنى بارلىقىنى بىلىۋالدىڭلار؟ 2. قارىمۇچ، زەنجىۋىل، قوۋزاقدارچىن، لاچىندانە، قەلەمپۇر، پىلپىل، زىرە، چىلان، ئالىقات، چۈچۈكبۇيا، توشقانزەدىكى، زەپەر، پىلە... قاتارلىق چايلارنىڭ قانداق رولى بار؟ 3. بىزنىڭ چايخانىلىرىمىزنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشى دېيىشكە بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىڭلار. 5-دەرس. مىلادىيە كالېندارىدىكى ئاي ناملىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى 1-ئاي-يانۋار: قەدىمكى رىم تەڭرىلىرىدىن«يانۇس» (Januarius) نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. رىملىقلار يانۇسنى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئىپتىداسى ۋە خەيرلىك ئاقىۋىتىنىڭ سىيماسى دەپ ھېسابلىغان. يىل يېڭىلانغاندا، رىملىقلار يانۇسنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تەڭگىنى بىر-بىرىگە سوۋغا قىلىشىپ، ئامانلىق تىلەشكەن. 2-ئاي-فېۋرال: قەدىمكى رىملىقلار بۇ ئاينى «فېبرۇئار» (Februarius) دەپ ئاتىغان. رىملىقلار ھەر يىلى مەزكۇر ئاينىڭ 15-كۈنى «فېبرۇئار» دەپ ئاتالغان كاتتا دىنىي مەرىكە ئۆتكۈزگەن. شۇنىڭ بىلەن «فېبرۇئار» دېگەن سۆز 2-ئايغا نام بولۇپ قالغان. 3-ئاي-مارت: قەدىمكى رىملىقلار بۇ ئاينى «مارس» (Martius) دەپ ئاتىغان. قەدىمكى رىملىقلار ئەتىياز باشلانغاندا، يەر يۈزىگە باھار كېلىپ، ھاياتلىق جانلانغانلىق مۇناسىۋىتى ىبلەن مارس تەڭرىگە ئاتاپ نەزىر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن «مارس» دېگەن سۆز 3-ئايغا نام بولۇپ قالغان. 4-ئاي-ئاپرېل: لاتىن تىلىدا «ئاپرىلىس» (Aprilis) دەپ ئاتالغان. بۇ نام «ئېچىش، ئېچىلىش» دېگەن پېئىلدىن ياسالغان. بۇ سۆز تەبىئەتتە ھەممە نەرسە روناق تېپىشقا باشلىغان ۋە ياشارغانلىق مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. 5-ئاي-ماي: قەدىمكى رىملىقلار مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى «مايا» (Maia) تەڭرىگە ئاتاپ نەزىر قىلغان.بۇ تۇغۇش-ئۆسۈشنى ئىلىكدايدىغان ئايال تەڭرى بولۇپ، رىملىقلارنىڭ 5-ئاي تەڭرىسى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن 5-ئاي «ماي» (Maia) دەپ ئاتالغان. 6-ئاي-ئىيۇن: لاتىنچە «يۇنىئۇس» (Junius) دېيىلىپ، توي-نىكاھ ۋە تۇغۇتنى ئىلىكدايدىغان ئايال تەڭرى يۇنو (Juno) نىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. يەر يۈزىدىكى جانلىقلار مەزكۇر ئايدا يېتىلىدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن. 7-ئاي-ئىيۇل: بۇ ئاينىڭ «يۇلىئۇس» (Julius) دەپ ئاتىلىشى قەدىمكى رىمدىكى ئاتاقلىق سىياسىيون يۇلىئۇس قەيسەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بۇ ئادەم مەزكۇر ئايدا تۇغۇلغانىكەن، رىملىقلار بۇ كىشىنى خاتىرلەش ئۈچۈن 7-ئاينىڭ نامىنى ئۆزگەرتىپ يۇلىئۇس ئېيى دەپ ئاتىغان. 8- ئاي-ئاۋغۇست: قەيسەرنىڭ ۋارىسى ئاۋگۇستۇسنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئاۋگۇستۇس (augustus) دەپ ئاتالغان ھەم 30 كۈنلۈك ئاي 31 كۈنلۈك قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 9-،10-،11-،12--ئايلار دەرىجە سانلارنىڭ لاتىنچە ناملىرى بىلەن ئاتالغان. كونا رىم كالېندارىدا 7-،8-،9-،10-ئايلارنىڭ ناملىرى «7-»، «8-»، «9-»، «10-» دىن ئىبارەت دەرىجە سانلارنىڭ لاتىنچە ناملىرى بولغان«Septimus»، «Octavus»، «Nonus»، «Decimus»لار بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئىپادىلەنگەن. مىلادىيەدىن 700 يىل ئىلگىرى رىملىقلار كالېندارنى ئىسلاھ قىلىپ، بىر يىلنى 12 ئايغا ئۆزگەرتكەن. ئۇلار كونا كالېنداردىكى 1-ئاي-مارس ئېيىنىڭ ئالدىغا يانۇس ۋە فېبرۇئار ئايلىرىنى قوشقان. شۇنىڭ بىلەن ئايلارنىڭ نامى تەرتىپ بويىچە كەينىگە سۈرۈلگەن. شۇ سەۋەنتىن 7-،،8-،9-،10- ئايلارنىڭ ناملىرى 9-، 10-، 11-، 12- ئايلارنىڭ ناملىرى قىلىنغان. ھازىرقى ئايلارنىڭ ناملىرى ئەنە شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان. مۇھاكىمە ۋە مەشق 1. ھەرقايسى ئايلارنىڭ نامىنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقىنى بىلىۋېلىڭلار. 2. تۆۋەندە 12ئاينىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى بېرىلدى، ئۇنى ئەستە ساقلىۋاڭلار: ئۇيغۇرلار قەدىمدە بىر يىلنى 12 ئاي ھېسابلاپ ئۇلارغا يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ نامىنى بەرگەن ئىكەن، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1-ئاي قوزا، 2- ئاي سەۋر (ئۇد)، 3-ئاي قوشكېزەك (جەۋزا)، 4-ئاي سەرەتان، 5-ئاي ئەسەد، 6-ئاي سۇمبۇلە ، 7-ئاي مىزان ، 8-ئاي ئەقرەب ، 9- قەۋس ئېيى، 10-ئاي ئوغلاق ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلغاندىن كېيىن ئىسلام ھىجىرىيە كالىندارىنى قوبۇل قىلغان ۋە ئاي ناملىرىنى ھىجىرىيە ئاي ناملىرى بىلەن ئاتاپ كەلگەن. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: 1-ئاي مۇھەررەم، 2-ئاي سەپەر، 3-ئاي رەببىيەل ئەۋۋەل، 4-ئاي رەببىيەل ئاخىر ، 5-ئاي جامادىيەل ئەۋۋەل، 6-ئاي جامادىيەل ئاخىر، 7-ئاي رەجەپ، 8-ئاي شەئىبان، 9-ئاي رامىزان، 10-ئاي شەۋۋال، 11-ئاي زۇلقەددە، 12-ئاي زۇلھەججە 6-دەرس.رەڭ ۋە ئۇنىڭ رولى رەڭلەرنىڭ كەيپىياتقا كۆرسىتىدىغان تەسرى كىشىلەرنىڭ جىسمانىيىتى ۋە روھىيىتىگە تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدىغان تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن: كۆك رەڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالغان كېسەل كىشىنىڭ قىزىتمىسىنى ياندۇرۇپ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرىدۇ. كانادانىڭ بىر مەكتىپى سېرىق رەڭنى ئاق رەڭنىڭ ئورنىغا، كۆك رەڭنى قوڭۇر رەڭنىڭ ئورنىغا، چوغلانما چىراقنى پارقىراق لامپىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرغان، نەتىجىدە، ئۈگىنىش نەتىجىسى ناچار بولغان بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان نومۇرى بىراقلا ئېشىپ كەتكەن، سەۋەپسىز دەرستىن قېلىش ئەھۋاللىرىمۇ زور دەرىجىدە ئازايغان. يۇقىرى شاۋقۇنلۇق سورۇنلارنىڭ تورۇس ۋە تاملىرى مۇۋاپىق ھالدا يېشىل، ھاۋارەك ياكى كۆك بويالسا، ماشىنا سايمانلىرىغىمۇ مۇناسىپ رەڭ بېرىلسە، شاۋقۇن ئېلىپ كېلىدىغان زىيانلىق تەسىرىنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. سېخ ئىچى مۇۋاپىق ماسلاشقان رەڭدە بېزەلسە ئىشلەپچقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇشقا ياردىمى بولىدۇ. چەتئەللەردىكى دوختۇرلار رەڭدىن پايدىلىنىپ كېسەل داۋالاشقا كىرىشكەن، قىزىل نۇر بىلەن چېچەك، سكارلاتىنا، قىزىل قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالىغان؛ كۆك بىنەپشە رەڭلىك نۇر بىلەن نېرۋا ئاغرىقىنى داۋالىغان. سېرىق رەڭ كۈندۈزى ھەممىدىن بەك ئېنىق كۆرىنىدۇ، بىنەپشە رەڭنى تەسلىكتە كۆرگىلى بولىدۇ. يېشىل، كۆك، قىزىل رەڭلەر كىچىدە بىر قەدەر ئوچۇق كۆرىنىدۇ. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭلەر بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنى رەڭگا-رەڭ قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ھازىر ئۆينى ھەرخىل رەڭلەردە بېزەپ، ئۆزخاراكتېرىنى نامايان قىلىش ياشلار ئارىسىدا مودا بولۇپ قالدى. ئەمما رەڭلەرئوخشىمىغان دەرىجىدە پسىخىكىلىق غىدىقلاشنى پەيدا قىلىپ سالامەتلىككە تەسىركۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا، رەڭ تاللاشتا ئۇنىڭ سالامەتلىككە كەلتۇرىدىغان تەسىرىگەئەھىمىيەت بىرىش ئىنتايىن مۇھىم. يېشىلرەڭ: ئۇنىڭ نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، كۆزگەچۈشكەن بېسىمنى ئازايتىش، كۆزنىڭ ھارغىنلىقىنى تۈگىتىش، مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكەتئىقىتدارىنى ياخشىلاش رولى بار. يېتەرسىزلىكى: ئۇزاق ۋاقىت يېشىل رەڭلىكمۇھىتتا تۇرسا، ئادەمدە جىمجىتلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭئاجرىلىپ چىقىشىغا تەسىر يەتكۇزۇپ، ئىشتىھاسى تۇتۇلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. كۆك رەڭ: كۆك رەڭنىڭ نېرۋىنىتېنچلاندۇرۇش رولى بار. كۆك رەڭلىك چىراغ نۇرىنىڭ ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالاشقا پايدىسى بار بۇلۇپ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىشى رولى بار. يىتەرسىزلىكى: نېرۋىسىئاجىزلار، خامۇشلۇقكېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار كۆك رەڭ بىلەن ئۇچراشماسلىقى كېرەك، ئۇنداقبولمايدىكەن كېسەللىك ھالىتى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. سېرىقرەڭ: ئۇنىڭ ساغلام كىشىلەرنىڭكەيپىياتىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشتىھانى ئېچىشى رولى بار. يىتەرسىزلىكى: ئۇ كەيپىياتىسۇس، ئۈمىدسىزئادەملەرنىڭ ناچار كەيپىياتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋىتىدۇ. ئاق رەڭ: بۇ رەڭنىڭ ئاسان ئاچچىقلىنىدىغانكىشىلەرنىڭ كەيپىياتى تەڭشەش رولى بار، قان بېسىمنىڭ نۇرماللىقىنى ساقلاشقا پايدىسىبار. يىتەرسىزلىكى: غېرىبلىق، خامۇشلۇق كېسىلىگەگىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ئاق رەڭلىك مۇھىتتا ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇش پايدىسىز. ھالرەڭ : بۆرەك ئۈستى بېزى ھورمۇنىنىئاجىرىتىپ چىقىرىشنى ئاستىلىتىپ، كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرىدۇ، غېرىبلىق، روھىخامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ داۋاملىق ھالرەڭ بىلەنئۇچرۇرۇشۇپ تۇرۇشپايدىلىق . قىزىل رەڭ: ئادەم قىزىل رەڭگە كۆپ قارىساكۆرۇش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىپلا قالماستىن بېشى قېيىپ، كۆزى تورلىشىشئالامەتلىرىنىپەيدا قىلىدۇ. يۈرەك كېسىلى بىمارلار ئۇمۇمەن، قىزىل رەڭ بىلەنئۇچراشماسلىقى كېرەك. قارا رەڭ: بۇ رەڭنىڭ كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش، ئاسان ھاياجانلىنىدىغان، تىت-تىت بولىدىغان، ئۇيقۇسى قاچىدىغانكىشىلەرنىڭ خاتىرجەملىكىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇش رولى بار. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، بىر قىسىم كېسەللىكلەر ئادەم بەدىنىدىكى رەڭلەرنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى ياكى مەلۇم خىل رەڭنىڭ كەملىكىدىن كېلىپ چىقىدىكەن، ھەر خىل رەڭ ئېلىكتىر ماگىنىت دولقۇنىنى ھاسىل قىلىدىكەن، بۇ ماگىنىت دولقۇنى سېزىم نېرۋىلىرىنى چوڭ مېڭىگە يەتكۈزۈپ، بەز ئاجرىتىش ھورمونلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەمنىڭ پىسخىكىسى ۋە مۇسكۇلىغا تەسىر كۆرسىتىپ، داۋالاش رولىنى ئوينايدىكەن. قىزىل رەڭ: قانغا، يالقۇنغا، ھاياتقا ۋە مۇھەببەتكە سىمۋول قىلىنىدۇ. فىزىئولوگىىيلىك رولىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ قان ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش، نەپەس ئېلىشنى تېزلىتىش ھەم مەيۈسلۈكنى يوقىتىش رولىدىن باشقا يەنە، ئادەم بەدىنىكىدى قان ئايلىنىش ۋە نېرۋا سېستىمىسىدىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. يېشىل رەڭ: ئۈمىدكە سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، ئادەمگە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېرىدۇ. بۇ خىل رەڭ كۆزگە چۈشىدىغان بېسىمىنى ئازايتىش، ھارغىنلىقنى تۈگىتىش، كەيپىياتنى تىنىچلاندۇرۇش ،يۈرەككە چۈشىدىغان بېسىمنى يېنىكلىتىش، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئۆتەيدۇ. سۆسۈن رەڭ: مۇلايىم، يول قويۇش ۋە چوڭقۇر ئويلىنىش، تەمكىن بولۇشقا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، چوڭ مېڭە كېسەللىكى ۋە كەيپىياتى قالايمىقانلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا پايدىلىق . سېرىق رەڭ: كىشىنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغان رەڭ بولۇپ، ئۇ ىلىم ۋە نۇرغا سىمۋول قىلىنغان. بۇ خىل رەڭ ئادەمنىڭ نېرۋا سېستىمىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپ چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ، ئادەمنى روھلۇق قىلىدۇ، تەپەككۇرنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ. ئاپلېسىن رەڭ: يېڭى ئىدىيە ۋە ياشلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئادەمنى جۇشقۇن، قىزغىن كۆرسىتىدۇ ھەم ئادەمنىڭ تەپەككۈرىنى قوزغاپ، كەيپىياتىنى تەڭشەيدۇ شۇنداقلا ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ. كۆك رەڭ: تنىچ، كەسكىن، ئىلىمىي، خۇشاللىق، گۈزەللىك، ئىناقلىق ۋە مەمنۇن بولۇشقا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، مۇسكۇللارنى بوشىتىش، نېرۋىلارنى تىنىچلاندۇرۇش ۋە قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش رولى بار. پىسخولىگىيە ئالىملىرىنىڭ يېقىنقى تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۇرغۇنلىغان رەڭلەرنىڭ ئىپادىلەش رولى ئادەم پىسخكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. ھەر قانداق بىر خىل رەڭنىڭ ئۆزىگە خاس سمۋوللىقى بار بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر نىڭ، مەسىلەن : ياش، جىنسى، كەسپىي ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزى تۇرۇۋاتقان مۇھىتتىكى مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئارقا كۆرۈنشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، بىر خىل رەڭنىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان تەسىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . قىزىل رەڭ: قان، پېتىۋاتقان قۇياش، ئوت يالقۇن، قىزغىنلىق، خەتەر قىزغۇچ سېرىق: كەچكى شەپەق، كۈز يوپۇرمىقى، رەھىمدىللىك، ئاكتىپلىق سېرىق: سېرىق ئالتۇن، دىققەت، يورۇقلۇق يېشىل: يېشىللىق، بىخەتەر، تېنچلىق، غايە، ئۈمىد كۆك : دېڭىز ئوكيان، كۆك ئاسمان، سۈكۈت، مەيۈسلۈك، ئىدراك بىنەپشە رەڭ: ئالىيجاناپلىق، سىرلىقلىق، گۈزەللىك ئاق رەڭ : پاكلىق ، ئاددىي ساددىلىق ، مۇقەددەس قارا رەڭ: كېچە، ئۆلۈم، ياۋۇزلۇق، سۈرلۈك يۇقارقى بۇ رەڭلەر بىلەن پىسخكىنىڭ باغلىنىشلىقىغا دائىر ئىبارىلەر، لاھىيىلىگۈچىلەر ئۈچۈن زور بايقاش، قانداق رەڭلەرنى تاللاش ئارقىلىق قانداق مەنىنى ئىپادىلەش، بىر لاھىيەنىڭ سېھرىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى. بۇنىڭدىن باشقا بۇ لاھىيەنىڭ ئوبېكتى قايسى نىشان ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن ئاساسىي رەڭ توغرۇلۇق ئويلىنىش، رەڭلەرنىڭ ئوبېكىتقا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. رەڭلەرنى بېكىتىش لاھىيەنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئەمما بۇ لاھىيىگە نىسبەتەن يەنە ئويلىشىدىغان نۇرغۇن ئامىللار بولىدۇ، مەسىلەن: دەۋر ئېقىمىنىڭ تەلىپى ۋە بەزى ئالاھىدە شارائىتلار قاتارلىقلار مۇھاكىمە ۋە مەشق 1. رەڭنىڭ سالامەتلىك بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ 2. ھەرخىل رەڭلەر قانداق سىمۋوللۇق مەنىلەرگە ئىگە؟ 7-دەرس. ئۆزىنى سۆزلىتىش ئەنگلىيەدە مۇنداق بىر رىۋايەت بار ئىكەن: بىر كۈنى بىر كەمبەغەل ئاتلىق سىرتقا چىقىپتۇ. چۈش بولغاندا ئۇسساپ تاماقلىرى قۇرۇپ، قورسىقى ئېچىپتۇ، ئۇ ئېتىنى بىر دەرەخكە باغلاپ قويۇپ، ئۆزى ئولتۇرۇپ غىزالىنىشقا باشلاپتۇ. بۇ چاغدا بىر باي كېلىپ ئۇمۇ ئېتىنى شۇ دەرەخكە باغلاپتۇ. -ئېتىڭىزنى ئۇ دەرەخكە باغلىماڭ، مېنىڭ ئېتىم كۆنمىگەن شاشراق ئات، ئېتىڭىزنى تېپىپ ئۆلتۈرۈپ قويمىسۇن،-دەپتۇ ھېلىقى كەمبەغەل ئادەم. -ئېتىمنى قەيەرگە باغلىغۇم كەلسە شۇ يەرگە باغلايمەن،-دەپتۇ ھېلىقى باي. شۇنداق قىلىپ ئۇمۇ ئېتىنى ئاشۇ دەرەخكە باغلاپتۇ-دە، ئولتۇرۇپ غىزالانغىلى تۇرۇپتۇ. ئارىدىن ئۇزق ئۆتمەي ئۇلار ئاتلارنىڭ قورقۇنۇشلۇق كىشەنلىرىنى ئاڭلاپتۇ ۋە ئىككى ئاتنىڭ تېپىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاتلىرىغا قاراپ يۈگۈرۈشۈپتۇ، بىراق ئۈلگۈرەلمەپتۇ، قارىسا ھېلىقى باينىڭ ئېتى ئۆلۈپ بولغانىكەن. -ئېتىڭنىڭ قىلغان ئىشىنى كۆردۈڭمۇ، ئەمدى ماڭا بىر ئات بېرىشىڭ كېرەك،-دەپتۇ باي ھېلىقى كەمبەغەلنى سوتقا سۆرەپ. -ئېتىڭ راستتىن ئۇنىڭ ئېتىنى تېپىپ ئۆلتۈرۈپ قويدىمۇ؟-سوراپتۇ سوتچى كەمبەغەلدىن. كەمبەغەل جاۋاب بەرمەپتۇ. سوتچى يەنە كەمبەغەلدىن بىرمۇنچە نەرسىلەرنى سوراپتىكەن، كەمبەغەل لام-جىم دېمەي تۇرۇۋاپتۇ. ئەمدى ئۇنىڭغا نېمە ئامال، ئۇ گەپ قىلالمايدىغان گاچا بېرنىمىكەن،-دەپتۇ سوتچى ئىلاج قىلالماي. -مەن باياتىن ئۇنى كۆرگىنىمدە ئۇ ماڭا گەپ قىلغان ئىدى،- دەپتۇ ھېلىقى باي ھەيران بولغان ھالدا. -راسىتتىن گەپ قىلغانمۇ ؟ ئۇ نېمە دېگەن؟ -ئەلۋەتتە راسىت، ئۇ، ئېتىم باغلانغان دەرەخكە ئېتىڭىزنى باغلىماڭ، مېنىڭ ئېتىم تېخى كۆندۈرۈلمىگەن شاش ئات، ئۇ يەرگە باغلايدىغان بولىسڭىز ئېتىڭىزنى تېپىپ ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ، دېگەن. -ماۋۇ گەپنى قاراڭ!-دەپتۇ سوتچى،-مۇشۇ بويىچە بولغاندا، سىزنىڭ دەۋا قىلىشىڭىز يولسىزلىق بوپتۇ، چۈنكى ئىشتىن بۇرۇن ئۇ سىزنى ئاگاھلاندۇرغان ئىكەن، ئەمدى ئۇنىڭ سىزگە ئات تۆلەپ بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ چاغدا سوتچى كەمبەغەلگە بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن سورىغان سوئاللارغا جاۋاپ بەرمىگەنلىكىنى سورىغان ئىكەن، كەمبەغەل مۇنداق دەپتۇ: -مەن سىزنىڭ بايلارنىڭ گېپىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىندىغانلىقىڭىزنى، كەمبەغەلنىڭ بىر ئېغىز گېپىگىمۇ ئىشەنمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم. بۇ بىر سەۋەب. يەنە بىر سەۋەب، ئىشنىڭ جەريانىنى ئۇ ئۆزى سۆزلىسىۇن دەپ جىم تۇرۋالدىم. مانا قاراڭ، كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەق ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشمىدىمۇ؟! مۇھاكىمە ۋە مەشق 1. تېكىستنى ئۆز تىلىڭلارغا ئايلاندۇرۇپ بايان قىلىپ بېقىڭلار. 2. كەمبەغەل نېمە ئۈچۈن سوتچىنىڭ ئالدىدا«گاچا» بولۇۋالىدۇ؟ ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى قانداق ئۈنۈم بەردى؟ 3. ئەگەركەمبەغەل سوتچىنىڭ ئالدىدا«گاچا» بولۇۋالماي، بايغا ئالدىن بەرگەن ئەسكەرتمىلىرىنى پاكىت قىلىپ كۆرسەتكەن بولسا قانداق نەتىجە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن؟ بۇ ھەقتە ئويلاپ بېقىڭلار. 8-دەرس.ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان مەھبۇس قەدىمكى يۇناننىڭ بىر شاھى بىر توپ مەھبۇسنى ئۆلتۈرمەكچى بوپتۇ. ئۇ چاغدا مەھبۇسلارنىڭ ئۆلتۈرۈشنىڭ مۇنداق ئىككى خىل ئۇسۇلى بار ئىكەن: بىر خىلى، باش ئېلىش (يەنى كاللا كېسىش)، يەنە بىر خىلى، دارغا ئېسىش. تۇرۇپ بۇ شاھنىڭ كاللىسىغا غەلىتە بىر خىيال كەپتۇ: «بۇ مەھبۇسلارغا بىر چاقچاق قىلىپ كۆرەي. توغرا، قانداق ئۆلۈشنى ئۇلار ئۆزلىرى تاللىسۇن، قېنى ئۇلار نېمە دەيدىكىن. بۇ چوقۇم تازا قىزىق ئىش بولىدىغان بولدى». شاھنىڭ خىيالى مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، جاللاتلىرى ئارقىلىق مەھبۇسلارغا جاكارلاپتۇ: -شاھ ئالىيلىرىدىن پەرمان-قانداق ئۆلۈشنى ئۆزەڭلار تاللايسىلەر، بىر ئېغىزدىن خالىغان گېپىڭلارنى قىلىسىلەر، قىلغان گېپىڭلار راسىت بولسا دارغا ئېسىلسىلەر، قىلغان گېپىڭلار يالغان بولسا كاللاڭلار ئېلىنىدۇ. بۇ راستىنلار غەلىتە پەرمان ئىدى. نېمە ئامال، مەھبۇسلارنىڭ جېنى شاھنىڭ قولىدا بەرىبىر ئۆلىدۇ، شۇڭا مەھبۇسلار كۆپ ئويلاپ ئولتۇرماي، بىر ئېغىزدىن ئاغزىغا كەلگەن گەپنى قىلىپ قويۇپتۇ. نەتىجىدە، مەھبۇسلارنىڭ بىرمۇنچىسى راست گەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن دارغا ئېسىلىپتۇ، يەنە بىر مۇنچىسى يالغان گەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن كاللىسىدىن ئايرىلىپتۇ. ياكى قىلغان گېپىنىڭ راست-يالغانلىقىنى دەرھال ئايرىغىلى بولمىغانلىقتىن، يالغان گەپ قىلدى دەپ قارىلىپ، كاللىسى كېسىلىپتۇ، ياكى بولمىسا ئاغزىدىن گەپ چىقىرالمىسا، راسىت گەپ قىلدى دەپ قارىلىپ دارغا ئېسىلىپتۇ. بۇلارنىڭ بىر-بىرلەپ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شاھنىڭ كۆڭلى يايراپ كېتىپتۇ. مەھبۇسلارنىڭ ئىچىدە بەك ئەقىللىق بىرسى بار ئىكەن. قانداق ئۆلۈشنى تاللاش نۆۋىتى ئۇنىڭغا كەلگەندە، ئۇ ئەپچىللىك بىلەن شاھقا بىردىنلا : -سىلەر كاللامنى ئالماقچىسىلەر،-دەپتۇ. ئۇنىڭدىن بۇ گېپىنى ئاڭلىغان شاھ قىيىن ئەھۋالدا قاپتۇ. راستىنلا ئۇنىڭ كاللىسىنى ئالىدىغان بولسا، ئۇنىڭ قىلغان گېپى راست گەپ بولۇپ چىقىدۇ-دە، راست گەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى دارغا ئېسىش كېرەك بولىدۇ؛ ئەگەردە دارغا ئاسىدىغان بولسا، ئۇنىڭ «كاللامنى ئالماقچىسىلەر»دېگەن گېپى يالغان گەپ بولۇپ چىقىدۇ-دە، يالغان گەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن كاللىسىنى ئېلىش لازىم بولىدۇ، دېمەك ئۇنىڭ گېپىنى راسىت دېگىلىمۇ، يالغان دېگىلىمۇ بولمىغاچقا، ئۇنى دارغا ئاسقىلىمۇ، كاللىسىنى ئالغىلىمۇ بولمايدۇ. ئامالسىز قالغان شاھ جاللاتلىرىغا: -بولدى ئۇنى قويۇپ بېرىڭلار، كۈنىنى ئالسۇن،-دەپتۇ قولىنى شىلتىپ. شاھنىڭ ھېلىقى غەلىتە پەرمانى دەرھال بىكار قىلىنىپتۇ-دە، ئىش شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىپتۇ. مۇھاكىمە ۋە مەشق 1. تېكىستنى ئۆز تىلىڭلارغا ئايلاندۇرۇپ بايان قىلىپ بېقىڭلار. 2. پادىشاھنىڭ مەھبۇسلارغا «قانداق ئۆلۈش ھوقۇقى»نى بېرىشىنى ئۇلارغا بۇخىل«ھوقۇق»نى بەرمىگەنگە قارىغاندا ئادىللىق دېيىشكە بولامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟ 3. ھايات قالغان مەھبۇس قانداق ئەقىل ئىشلەتتى؟ سىلەر بۇنىڭدىن قانداق تەسىراتقا كەلدىڭلار؟ 9-دەرس. نۇتۇق قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا نۇتۇق ئادەتتە يازما نۇتۇق، ئاغزاكى نۇتۇق دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، كىشىلەر نىڭ نۇتۇق قابىلىيىتى بىر-بىرىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، بەزىلەرنىڭ ئاغزاكى نۇتۇق قابىلىيىتى ياخشى بولسا، يەنە بەزىلەرنىڭ يازما نۇتۇق قابىلىيىتى ياخشى بولىدۇ، بەزىلەردە ھەر ئىككىلا قابىلىيەت ھازىرلانغان بولىدۇ. گۈزەل سەنئەت ئىلمى ئۆزىنىڭ ئوبرازچانلىقى ۋە گۈزەللىكى بىلەن باشقىلارغا گۈزەللىك ئاتا قىلغاندەك، مۇزىكا ئۆزىنىڭ ئاھاڭدارلىقى بىلەن باشقىلارغا زوق بېرەلىگەندەك، نۇتۇقمۇ ئىنتوناتسىيە، ھېسسيات بىلەن باشقىلارغا گۈزەللىك تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ، شۇڭا ئۇمۇ بىر سەنئەت ھېسابلىنىدۇ. نۇتۇقتا ماھارەت بولمىسا بولمايدۇ، ئاغزاكى نۇتۇق باشقىلارنىڭ ئاڭلىشى ئۈچۈن سۆزلىنىدۇ، سۆزلىگۈچىنىڭ ئاڭلىغۇچىغا نىسبەتە قانداق تەسىر بېرىشى مۇنداق ئىككى نۇقتىدا گەۋدىلىنىدۇ: ئۇنىڭ بىرى، نۇتۇق ئەخلاقى، يەنە بىرى، ئاممىباب تىل. نۇتۇقتا ئاڭلىغۇچىلارغا ھۆرمەت تۇيغۇسى بىلەن سۆزلىشىمىزلازىم. ئوقۇغۇچىلار گۈزەل تىل ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، چوقۇم ئاغزاكى نۇتۇققا دىققەت قىلىشىمىز لازىم. نۇتۇق ئورۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ، ئادەم كۆپ جايلاردا يۇقىرى ئاۋازدا، ئادەم ئاز جايلاردا تۆۋەن ئاۋازدا سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا بۇ نۇقتىنى ئەستىن چىقارماسلىقىمىز لازىم. تىلنىڭ ئاممىبابلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز زۆرۈر. ئوقۇغۇچىلار نۇتۇق قابىلىيىتىمىزنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك: 1. نۇتۇق سۆزلىگەندە تەرتىپلىك، سىستېمىلىق بايان قىلىشقا، نۇتۇقنىڭ باش-ئاخىرىنى ماسلاشتۇرۇشقا، ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان قائىدە-پاكىتلارنىڭ ئېنىق، چۈشىنىشلىك بولۇشىغا، تاغدىن-باغدىن بايان قىلماي، تەرتىپلىك بايان قىلىشقا، تەييارلىق پۇختا بولۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك. 2. نۇتۇق چوقۇم جەلپ قىلارلىق، ھېسسىيات كۈچلۈك بولۇش كېرەك، ھېسسىيات نۇتۇقنىڭ جېنى، نۇتۇقتىكى سۆز-جۈملىلەر ھېسسىياتلىق، يېقىملىق، جانلىق بولسا، باشقىلارغا تەسىرلىك ئاڭلىنىدۇ، شۇڭا ھېسسياتقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. 3. نۇتۇق سۆزلىگەندە ۋاقىتقا ئېتىبار بېرىش كېرەك. نۇتۇق سۆزلىگەندە ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە ئاڭلىغۇچىلار زېرىكىپ قالىدۇ، شۇڭا ۋاقىتنى توغرا مۆلچەرلەپ، نۇتۇقنىڭ ئىخچام، مەزمۇنلۇق بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ھازىرقى زامان ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپىدە ئوقۇتقۇچى ئاز سۆزلەش، ئوقۇغۇچى كۆپ سۆزلەش تەكىتلەنمەكتە. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلار كىچىكىمىزدىن باشلاپ نۇتۇق قابىلىيىتىمىزنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، كەلگۈسىدە تىل ۋە قەلەمدە كۈچلۈك بولۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى بىر قانچە ئۇسۇللارنى قوللىنىشىمىز كېرەك: 1. كۆپ كىتاب ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ تىل بايلىقىمىزنى ئاشۇرۇپ، نۇتۇق قابىلىيىتىمىزنى ئۆستۈرۈشكە پۇختا ئاساس سېلىشىمىز لازىم. 2 . ھەر خىل نۇتۇق سۆزلەش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، جۈرئەتلىك بولۇش روھىمىزنى يېتىلدۈرۈشىمىز لازىم. 3. ھەرقايسى دەرسلەردە دەرس مەزمۇنىنى سۆزلەشكە، سوئاللارغا توغرا، راۋان، ئېنىق، چۈشىنىشلىك جاۋاب بېرىشكە، كۆپرەك سوئال سوراشقا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ، نۇتۇق قابىلىيىتىمىزنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز لازىم. مۇھاكىمە ۋە مەشق 1. نۇتۇق قانچىگە بۆلىنىدۇ؟ قايسىلار؟ 2. ئوقۇغۇچىلار نۇتۇق قابىلىيىتىمىزنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك؟ 2008-يىلى يازلىق تەتىلدە ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچى يازلىق لاگېر پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئېلىمىزنىڭ شامېن شەھرىگە كەپتۇ. پائالىيەت باشلانغاندا ئۆمەك باشلىقى ئۇلارغا «ساياھەت قىلىدىغان جاينى ئۆزۈڭلار تللاڭلار» دەپتۇ. بۇچاغدا چەت ئەللىك بالىلار خەرىتىگە قاراپ بىردەمدىلا ئۆزلىرى خالىغان ساياھەت نۇقتىلىرىنى تاللاپتۇ. بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان جۇڭگولۇق بالىلار نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي يېتەكچىسىنىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇرۇپتۇ... بالىلىرىمىزدا بۇنداق ئەھۋالنىڭ كۆرۈلۈشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى، ئۇلار مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئادەتلەنگەن. تاللاش ئاددىي ئىش ئەمەس. مۇتەپەككۇرلار «بىر ئادەم قانداق يولنى تاللىسا، شۇنداق ئادەم بولىدۇ.» (ئايمۇسىڭ)، «تۇرمۇشتىكى قىيىن ئىش تاللاشتۇر.» (مور)، «تەرەققىي قىلىش، ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك پىرىنسىپى ئادەمنىڭ تاللىشىدا.» (ئېرون) دەپ قارىغان. بۇنىڭ سەۋەبى ئادەمنىڭ ھايات يولى كەسىپ تاللاش، بازار تاللاش، مال تاللاش، خىزمەت تاللاش، لايىق تاللاش قاتارلىق سانسىزلىغان تاللاشلاردىن تەركىب تاپىدۇ ھەم تاللاش نەتىجىسىگە قاراپ ھايات يولى بەلگىلىنىدۇ. ھالبۇكى، بىر كىچىك ساياھەت نۇقتىسىنى مۇستەقىل تاللىيالمىغان بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى تاللاشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغانلىقىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولارمۇ؟ بىزگە مەلۇم، 1000 ئادەمنىڭ ھايات يولى 1000 خىل بولىدۇ .ھەتتا، بىر ئادەمنىڭ ھايات يولىمۇ ئۆزگىرىشچان بولىدۇ. ئامېرىكىلىق شائىر ئا. كىرانيىننىڭ: «تۇرمۇش تۈپتۈز كارىدور ئەمەس، بىخەتەر، راۋان ماڭدۇرىدىغان. ئۇ ئاجايىپ سىرلىق بىر سوقماق، چىقىش يولىغا مەجبۇرلايدىغان. چىقىش يولى تېپىلار ھامان، ئارزۇيۇڭدەك بولماس ئېھتىمال، شۇندىمۇ بېرەر يورۇق جاھان.» دېگىنىدەك، ھەر قانداق ئائىلە، مەكتەپ، خىزمەت مۇھىتلىرىدا خېيىم-خەتەرگە يولۇقماي، ئازماي، ئازادە ياشاش ئىمكانىيىتىگە بىمالال ئىگە بولۇش تەس. تەبىئىي ئاپەتلەر، بىنورمال رىقابەتلىشىش، دۈشمەنلىشىش ھەم ھەر خىل قاتناش ۋەقەلىرى تۈپەيلىدىن كىمنىڭ كەلگۈسىدە قانداق كۈنگە قالىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئالدىن بىلەلمەيدۇ. شۇڭا، كىشىلىك ھاياتتىكى ھەر بىر ۋاقىت بىر چوڭ سىناق. ھاياتلىقتىكى ھەر قەدەمدە ئوڭۇشسىزلىق ۋە تۇيۇق يوللارغا دۇچ كەلگەندە، ئاجىزلار ئۈمىدسىزلىنىپ بەل قويۇۋېتىدۇ. قەيسەر، ئىرادىلىك كىشىلەر ئارقا-ئارقىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىمۇ، بەرداشلىق بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئەقلى، جاسارىتى ۋە تەپەككۇرىغا تايىنىپ، ياخشىراق ھايات يولىنى تاللاپ، گۈزەل ئىستىقبالىنى يارىتىدۇ. پەيلاسوپلار كىشىلىك ھايات يولىنى بەش چوڭ باسقۇچقا بۆلگەن: بىرىنچى باسقۇچ ئىنسانلارنىڭ دۇنياغا كېلىش باسقۇچى بولۇپ، ھەر قانداق ئادەم ئۇنى ئۆزى تاللىيالمايدۇ، ئىككىنچى باسقۇچ ئۆسۈپ يېتىلىش، بىلىم ئېلىش باسقۇچى بولۇپ، كېيىنكى ھايات يولى ئۈچۈن ئاساس سېلىنىدۇ؛ ئۈچىنچى باسقۇچ كەسپ تاللاپ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا قاتنىشىش باسقۇچى بولۇپ، قېتىرقىنىپ ئىشلەپ، جەمئىيەتكە مۇناسىپ تۆھپە قوشۇش داۋامىدا ئۆز تەقدىرىنى يارىتىدۇ؛ تۆتىنچى باسقۇچ تۇرمۇش قۇرۇپ، پەرزەنتلىك بولۇپ، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ جاپا، راھەتلىرىنىڭ تەمىنى تېتىش باسقۇچىدۇر؛ بەشىنچى باسقۇچ پېنسىيەگە چىقىپ، خىزمەت يۈكىدىن ئازاد بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىنى ئۆتكۈزۈش باسقۇچىدۇر. مەيلى بۇ باسقۇچلارنىڭ قايسىسىدابولسۇن، ئوڭۇشلۇق ھايات يولىنى تاللاشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق بولغانلىقتىن، گېرمانىيەلىك مۇتەپەككۇر بۇراي: «تەقدىر تەلەي بولماستىن، بەلكى بىر خىل تاللاشتۇر. بىز تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈتۈپ تۇرماستىن، تىرىشچانلىقىمىزغا تايىنىپ ئۇنى يارىتىشىمىز زۆرۈر.» دېگەن. «ئادەمنىڭ ھاياتى بىر قېتىملىق سەپەرگە ئوخشايدۇ، ئوخشاشمىغان كىشىلىك ھايات باسقۇچلىرىدا ھەركىمنىڭ ئوخشاشمىغان مەنىۋىي ئېھتىياجى بولىدۇ.» (توماس). بۇنداق ئېھتىياجلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھەر بىر شەخس دائىم ھەر خىل شەيئىلەرنى تاللاشقا مەجبۇر بولىدۇ. ھالبۇكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئېنىق نىشان (غايە) نى تاللاش بىلەن ئۈمىدۋار، تىرىشچان، قەيسەربولۇشتىن ئىبارەت ئاكتىپ روھىي ھالەتنى تاللاش ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئادەمنىڭ روھىي ھالىتى قانچىكى ئاكتىپ بولسا، ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكىتىمۇ شۇنچە ئاكتىپ بولىدۇ-دە، تاللانغان نىشانغا شۇنچە تېز يېقىنلىشىدۇ. دېمەك، تۇرمۇشقا نىسبەتەن روھىي ھالەت ۋە پوزىتسىيە پۈتكۈل ھايات مۇساپىسىنىڭ قانداق بولۇشىغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا بەل باغلاپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلا بولساق، پايدىسىز مۇھىت ۋە ئوڭۇشسىزلىقلار ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ. ئېنىقراق ئېيتقاندا، كىشىلىك ھايات يولىنى تاللاش شەخسلەرنىڭ ئۆزىنى يېڭى ھاياتقا ئىگە قىلىش جەريانىدۇر. ئادەم ئۆز تەقدىرىنى ئالدىن بىلەلمىسىمۇ، لېكىن ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ھەر بىر كۈنلۈك ئىش–ھەرىكىتىنى باشقۇرالايدۇ. مۇشۇنداق پىلانلىق باشقۇرۇلغان ۋاقىتنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىنى يارىتىدۇ. شۇڭا، ھەر بىر شەخسنى ئۆز ھاياتىنىڭ پىلانلىغۇچىسى ۋە ئىجرا قىلغۇچىسى دېسەك خاتالاشمايمىز. مۇھاكىمە ۋە مەشق 1. «كىشىلىك ھاياتتىكى ھەر بىر ۋاقىت بىر چوڭ سىناق.» دېگەننى قانداق چۈشەندىڭىز؟ 2. پەيلاسوپلار كىشىلىك ھايات يولىنى قايسى باسقۇچلارغا بۆلگەن؟ سىز قايسى باسقۇچتا ئىكەنسىز؟ 3. «ئادەمنىڭ ھاياتى بىر قېتىملىق سەپەرگە ئوخشايدۇ، ئوخشاشمىغان كىشىلىك ھايات باسقۇچلىرىدا ھەركىمنىڭ ئوخشاشمىغان مەنىۋىيي ئېھتىياجى بولىدۇ.» دېگەننى چۈشەندۈرۈپ بېقىڭ. 4. كىشىلىك ھاياتتا نېمە ئۈچۈن تاللاشقا دۇچ كېلىمىز؟ سىزنىڭچە تاللاش بىرخىل پۇرسەتمۇ ياكى خىرىسمۇ؟ تەھىرلىگۇچى:admin
|