ئەخلاق ۋە جەميەت پايدىلىنىش ماتىريالى تىلى ئۇيغۇرچە 1-ماۋسۇملۇق مۇھىم ماتىريال بۇلۇپ بۇ ماتىريالىنى ئىلگىرى روھلان تورىغا يۇللىغان ئىدىم .بۇتوردىكى دوستلارمۇ پايدىلىنىار دىگەن ئۈمۈتتە بۇيەرگە يوللاپ قويدۇم
سىيەك يېز اقاتياق باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق 1-سىنىپنىڭ ئەخلاق ۋە جەميەت دەرس جەۋھەرلىرى تۈزگۈچى : نۇرئېلى نەترۇزى سىيەك يېزاقاتياق باشلانغۇچ مەكتەپ 6-يىللىق 1-سىنىپنىڭ ئەخلاق ۋە جەميەت دەرس جەۋھەرلىرى 1. پەن تېخنىكىنىڭ قانداق رۇلى بار ؟ ج:جەميەتنىڭ ئالغا بېسىشى،ۋە تەرىقىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ تۇرمۇشىمىزنى ئۆزلۈكسىز ئۆزگەرتىش رۇلى بار. 2. تۇرمۇشىڭىزغا زور تەسىر كۆرسەتكەن پەن_تېخنىكا نەتىجىلىرى قايسىلار؟ ج:تېلفۇن،فوتو-ئاپپارات،ئۈنئالغۇ،،كىنو،ئېتىز پۇركۈپ سۇغىرىش،پويىز قاتارلىقلار مەسلەن: تېلفۇن بىزنىڭ ئارلىقىمىزنى يېقىنلاشتۇرۇپ ئالاقە ۋەسودا ئىشلىرىمىزنى ناھايىتى كۆپ قۇلايلىققا ئېلىپ كەلدى. 3. ئېلىكتىر چىرىقى كەشىپ قىلىنمىغان دەۋىردە ياشىغان بولسىڭىز قانداق بۇلاتتى ؟ ج:كىچىسى يۇرۇق ئولتۇرالمايتتىم،تېلىۋىزۇر كۆرەلمىگەن ،ھاھاننىڭ ئىشلىرىدىن بىخەۋەر قالغان بۇلاتتىم. 4. پەن تېخنىكىنى نىمە ئۈچۈن قوش بىسلىق شەمشەر دەيمىز؟ ج:پەن-تېخنىكا تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ زىيانلىق تەرپىمۇ بار.مەسلەن :كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئۇزاق ۋاقىت خىزمەت قىلغاندا ئادەمنىڭ كۈرۈش قۇۋىتى ۋە سالامەتلىكىگە زىيان يېتىدۇ.مىۋىلەردىكى دىخانچىلىق دۇرىسىمۇ زىيانلىق .شۇڭا شۇنداق دەيمىز. 5. كلونلاش دىگەن نىمە ؟ ج؛كلونلاش كۆچۈرۈش دىگەنلىكتۇر.كلون تېخنىكىسىدن پايدىلىنىپ جانلىقلار تېنىدىن بىر يەككە ھۇجەيرىنى ئېلىپ يىتىشتۇرۇش ئارقىلىق سىرتقى شەكلى ئانىلىق تەن بىلەن ئوخشىاش بولغان بالا تەننى يىتىشتۇرگىلى بۇلىدۇ. 6. كلونلاش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئادەمنى كلونلىغىلى بۇلامدۇ؟ ج:بۇلىدۇ.لېكىن بۇنداق قىلىش خاتا.بۇنىداق قىلساق ئادەملەرنىڭ تەبئى ئادەملىك خۇسۇسيىتىگە زىيان يەتكۈزىمىز. ئىلىم پەننى قەدىرلەپ خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز؟ ئىلىم –پەن بىلىملىرى بىلەن مېڭىنى قۇراللاندۇرۇپ،ئىلمىي نەزەر بىلەن ھۇكۈم قىلىش،شەيئىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە تۇنۇشنى ئۈگۈنۋالساق خۇراپاتلىققا تاقابىل تۇرالايمىز. نىمە ئۈچۈن بەزى كىشلەر پىتنە ئېغۋا تارقىتىپ ئاممىنى ئازدۇرسا بەزى كىشىلەر ئىشىنىپ قالىدۇ؟بۇنداق ققىلىشنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بۇلىدۇ؟ چۈنكى بۇكىشلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئېلىم –پەن بىلىملىرى بىلەن قۇراللاندۇرمىغان ،مەسىللەرگە ئىلمىي نەزەر بىلەن ھۇكۈم قىلىش،شەيئىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە تۇنۇشنى ئۈگۈنۋالمىغان بولغاچقا ئىشىنىپ قالىدۇ. ئاقىۋەتتە بولسا ئىشنىپ قالغان كىشى جسمانى ،روھى،ئىقتىسادى جەھەتتىن زىيان تارتىدۇ. ئەترپىڭىزدا قانداق مەدەنيەتسىز لىك ئامىىللىرى بار؟ كۆرگەنلا يەرگە تۈكۈرۈش،ھاجەتخاننىڭ سۈيىنى چۈشۈرۋەتمەسلىك،مېۋە شۇپۇكلىرىنى تاشلاش، كۆرگەنلا يەرگە سېغىز قالدۇقىنى تاشلاپ قۇيۇش،ۋە ئەخلات تاشلاشتەك مەدىنيەتسىزلىك ئامىللىرى بار. تۇرمۇشتىكى كىچىك مەدەنيەتسىز لىك ھادىسىلىرىنى نېمە ئۈچۈن تۈگۈتىمز؟ بىر پارچە قەغەز تاشلاش،بىر قېتىم تۈكۈرۈش ۋە بىر ئېغىز سەت گەپ قىلىش ئىتبار بېرىشكە ئەرزىمەيدىغان كىچىك ئىشتەك بىلىنسىمۇ،لېكىن بۇ كىچىك ئىشلاربىر ئادەم ،بىررايۇن،ھەتتا بىر دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت دەرىجىسىنى ئەكىس ئەتتۇرىدۇ.شۇڭا تۈگىتىشىمىز لازىم. نىمە ئۈچۈن تۇرمۇشتا بىر مېتىرلىق سىزىق بۇلۇشى كېرەك؟ ھەربىر كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس تۇمۇش بوشلۇقى بۇلىدۇ.ئۆزىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى باشقىلارنى بىلۋېلىشىنى ئۆزىنىڭ پائالىيىتىگە باشقىلارنى دەخلى قىلىشىنى خالىمايدۇ.1مېتىرلىق سىزىق قويغانلىق باشقىلارنىڭ شەخسى سىرىغا ھورمەت قىلغانلىقنى ئەكىس ئەتتۇرىدۇ.شۇڭا 1مېترلى سىزىق قۇيىمىز. جەميەتنىڭ مەدەنىيەتلىك كەيپىياتىنى شەكىللەندۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىمىز؟ ج: جەميەتنىڭ مەدەنىيەتلىك كەيپىياتىنى شەكىللەندۇرۇشتە ھەربىرىمىزنىڭ تىرشىشىغا توغرا كىلىدۇ،ئەگەر جەميەتتە ھەممە كىشى مەدەنيەتلىككە ئەھمىيەت بەرسە ئىجدىمائى مەدەنىيەت ئەۋىج ئېلىپ ئۇمۇمىي ئادەتكە ئايلانغان بۇلاتتى .ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيەتلىك ئوبرازىمىزنى يارتىپ مەدەنىي ئوسمۈرلەردىن بولساق ئۆزىمىزنى ئەڭ قارشى ئالىدىغان كىشىگە ئايلاندۇرۇپلا قالماي بەلكى يەنە ئىجدىمائى مەدەنىيەتلىك قۇرلۇشىغا قاتناشقان بۇلىمىز. سىز مەدەنىيەتلىك بۇلۇش ئۈچۈن قانداق قىلماقچى ؟ ئاممىۋى سورۇنلارغاكىرگەندە يارشىملىق كىيىم كىيىمەن،باشقىلارنىڭ مەنپەتىگە ئىتبار بېرىمەن.ھۇقۇقىغا ھورمەت قىلىمەن . ،ئاممىېى سۇرۇنلاردا ئۈنلۈك ئاۋادا گەپ قىلمايمەن .باشقىلارغا تېلفۇن بەرگەندە قائىدە يۇسۇنغا ئەھمىيەت بېرىمەن.ئۆز ھەركىتىمىنىڭ باشقىلارغابېرىدىغان تەسىرىگە دىققەت قىلىمەن. ئىستىراھەت تۇرمۇشنىڭ مەزمۇنى قايسى ؟ تېلۋىزۇركۆرۈش،توپ ئويناش،،ماگزىن ئارىلاش،كىتاپ ئۇقۇش ،رادىئو ئاڭلاش،پاراڭلىشىش،قارتا ئويناش،شاھمات ئويناش،،ناخشا ئويناش ۋە باشقىلار. ئستىراھەت تۇرمۇشىنىڭ قانداق رۇلى بار؟ ئىستىراھەت تۇرمۇشنىڭ قاندىقىنى تاللاش ئىستىراھەت تۇرمۇشىدىكى مۇھىم مەسلە.چۈنكى:ئۇ شەخسلەرنىڭ جسمانىي ۋە روھى ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرستىپلا قالماي جەميەتنىڭ مۇقۇملىقى ۋە مەدەنىيەتلىك كەيپىياتىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەھەللىدە قانداق يېڭى كەيپىياتلار مەيدانغا كەلدى؟ مەھەللىمىزدە مېھىر شەپقەت كۈتۈپخانىسى قۇرۇلدى،ھەرخىل ئەدەبي سەنئەت پائالىيەتلەرۋە خىلمۇ –خىل مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلدى. نىمە ئۈچۈن مودا مەدەنىيەتنى ساپلاشتۇرۇشىمىزلازىم؟ ساغلان بولمىغان بەزى نەرسىلەر ئۇيۇن جەرياندىدا قەلبىمىزنى چىرتىدۇ.شۇڭا بىز ساغلام بولغان بالىلار قۇشاقلىرىمىزۋە ئۇيۇنلىرىمىزنى ساغلام بولمىغان ئەخلەتلەر ئورنىغادەسسىتىشىمىز لازىم. تۇرمۇشىمىزدا قانداق تۇزاقلار بار؟ ھاراق تاماكا،سېرىق مەزمۇندىكى سىنئالغۇ فىلىملىرى،مەست قىلىدىغان،خۇمار قىلىدىغان دۇرا ،ئۇكۈل،قىمار ۋە ناچار مەزمۇندىكى ئۇيۇنلار زەھەر دىگەن نىمە؟قانداق زىيىنى بار؟ زەھە رئادەتتە ئەپيۇن،خېروئىن،مورفىن،نەشە،كىرستالزەھەر قاتارلىق ئادەمىنى خۇمار قىلىدىغان ناركوزدۇرىلىرىۋە روھىي دۇرىلارنى كۆرسىتىدۇ. زىيىنى :بۇ ئىنسانلار ئۈچۈن ئورتاق ئاپەت،بۇ پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئورتاق قارشى،زەھەر چىكىش زەھەر چەككۇچىگە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زىيان سېلىپلا قالماي ئائىلە ۋە جەميەتكىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ.ئادەمنى كۆپ خىل كېسەللىككە گىرپتار قىلىدۇ.روھى ھالىتى ۋە ئىرادىسىنى نابۇت قىلىدۇ. ئائىلىگە بولغان زىيىنى بولسا : پۈتۈن ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىنى قۇرۇتىدۇ ،ئائىلىنى خانىۋەيران قىلىدۇ. جەميەتكە بولغان زىيىنى :يۇقىرى سوممىلىق زەھەرگە خىراجەت تېپىش ئۈچۈن قانۇنسىز ۋاستىلەر بىلەن پۇل تاپىشقا مەجبۇر بۇلىدۇ،قانۇنسىز قىلىمشلار كۆپىيىدۇ. تاماكاچىكىشنىڭ قانداق زىيىنى بار؟ تاماكاچىكىش ئادەمنىڭ نىرۋا سېستىمىسى ،نەپەس سېتىمىسى،ۋە كۆپۈيىش سېستىمىسىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ،يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.،ئىممۇنىت كۈچىنى تۆۋەنلىتىدۇ.چاچ چۈشۈش،ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق زىيىنى بار.تاماكىنىڭ زىيىنى چوڭلارغا قارىغاندا كىچىكلەرگە چوڭراق بۇلىدۇ. ئەپيۇن ئۇرۇشى قاچان پارتىلىغان ؟ 1840-يىلى ئەنگىكىيە جۇڭگۇغا قارشى ئەپيۇن ئۇرشى قوزغىدى.جۇڭگۇ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بۇلۇپ ئىگلىك قۇقۇقىنى يۇقىتىپ ۋەتەنگە ھاقارەت كەلتۇرىدىغا نەنجىڭ شەرتنامسىنى ئىمزالىدى.شۇنىڭدىن كىيىن فىرانسىيە ،گىرمانىيە ئىتالىيە ،ياپۇنيە،روسيە قاتارلىق كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەر جۇڭگۇغا بېسىپ كىرىپ مىڭدىن ئارتۇق تەڭسزشەرتنامە ئىمزالاشقا مەجبۇرلىدى. ياپۇن باسقۇنچىلىرى جۇڭگۇغاقاچان ھۇجۇم قىلغان ؟ 1931-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۆزلىرى رېلىسنى پارتىلىېۋېتىپ بۇنى جۇڭگۇلۇقلار قىلدى دەپلا ھۇجۇم قىلدى.ۋە يېرىم يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە شەرقى شىمالسىدكى ئۈچ ئۆلكىنى ئىگلىۋالدى. نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا نىملەرنى بىلىسىز؟ 1937-يىلى 12-ئايدا ياپۇنيە ھۇكۈمىتى نەنجىڭنى بېسىۋالغاندىن كېيىن ئالتە ھەپتە ئىچىدە قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ 300مىڭدىن ئارتۇق ئارمىيە-خەلىقنىىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان . ئەپيۇن جۇڭگۇغا قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى ؟ ئەنگىليىلىكەر ئەپيۇن سودىسى ئارقىلىق جۇڭگۇنىڭ نۇرغۇن ئالتۇن كۈمۈشلىرىنى ئېلىپ كەتتى،3مىليۇنغا يېقىن كىشى ئەپيۇن چىكىپ روھى ۋە جىسمانى جەھەتتن پۈتۈنلەي كاردىن چىقىپ يارىماس ھالەتكە كىلىپ قالدى،ئائىللەر خانىۋەيران بۇلۇپ جەميەت قالايمىقان بۇلۇپ دۆلىتىمىز يېرىم مۇستەملىكە يېرىم فىئوداللىق دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى. لىن زىشۇي توغرىسدا نىملەرنى بىلىسىز؟لىن زىشۇي ۋەتەنپەرۋەر سىياسىيۇن ۋە ھەربى ئەمەلدار بۇلۇپ ئەپيۇننىڭ زىيىنىنى ئىنىق تۇنۇپ يەتكەن ۋە 1839-يىلى 3-ئايدا گۇڭجۇغا كىلىپ چەتئەللىكلەرنى ئەپيۇننى تاپشۇرۇشنى ئېيتقان ۋە 1839-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى خۇمىن دېڭىز ساھىلىدا چەتئەللىكلەردىن يىغۋالغان ئەپيۇنلارنى كۆيدۈرۈشكە 20نەچچە كۈن نازارەتچىلىك قىلغان ۋە قۇماندانلىق قىلغان ۋەتەنپەرۋەر كىشى. سەنيۈەنلىدىكى جەڭ توغرىسد نىمىلەرنى بىلىسز؟ 1841-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى ئەنگىليە ئەسكەرلىرى گۇڭجۇنىڭ سەنيۈنلىيدىگەن يېرىدە پاراكەندىچىلىك توغدۇرغان .5-ئاينىڭ 30-كۈنى سەبيۈلىدىكى كەڭ خەلق ئاممىسىدىن 25مىڭچە ئادەم ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ ئەنگىليە ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ئەنگىليە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ گۇڭجۇدىن قوغلاپ چىقارغان . خۇڭخەي دىڭىز ئۇرۇشى :1894-يىلى ياپۇنيە جۇڭگۇغا قارشى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىدى.بۇ تارىختا جياۋۇ ئۇرۇشى دەپ ئاتالدى..خۇڭخەي دېڭىز ئۇرۇشىدا دېڭ شىچاڭباشچىلىقىدىكى قەھرىمان سەركەردە –لەشكەرلەردىن 200دىن ئارتۇق ئادەم قۇربان بولدى. پىڭشىڭگۈندىكى زور غەلبە توغرىسىدا نىملەرنى بىلىسىز؟ ج:1937-يىل9-ئايدا ياپۇنيە ئارمىيىسى پىڭشىڭگۈن،يەنمېنگۈەن لىنيىسىگە ھۇجۇم قىلدى.8-ئارمىيە بۇ قېتىمقى جەڭدە ياپۇن ئارمىيىسىنىڭ 1000دىن ئارتۇق ئادىمىنى يۇقاتتى 100دىن ئارتۇق ئاپتۇمۇبىلىنى پاچاقلاپ تاشلاپ زور غەلبىنى قولغا كەلتۇردى. پىڭشىڭگۈندىكى زور غەلبە نىڭ ئەھمىيىتى:ياپۇن ئارمىيىسىنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇردى.ئارمىيە ۋە خەلىققە ئىلھام بولدى،8-ئارمىيەنىڭ شوھرىتىنى ئاشۇردى.جۇڭگۇ ئارمىيىسىنىڭ ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا قولغا كەلتۇرگەن تۈنجى غەلبىسى ئىدى. 100تۈەن ئۇرشى :1940-يىلى 8-ئايدا 8-ئارمىيىنىڭ قۇماندانلىق شىتابى 100دىن ئارتۇق تۇەننى سەپەرۋەر قىلىپ شىمالىي جۇڭگۇنىڭ 2000كىلومىتردىن كۆپرەك ئۇرۇش لىنىيىسىدە ياپۇن باسقۇنچىلىرىغاكەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىپ قاتناش لىنيىسىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. .مانا بۇ 100تۇەن ئۇرشىدۇر.بۇ ئۇرۇشقا پېڭ دېخۇي قۇماندانلىق قىلغان. ئەجنەبىچىلىك ھەركىتى:چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا زېڭ گوفەن،زوزوڭتاڭ،لى خۇڭجاڭ قاتارلىق كىشىلەر غەرپتىن ئۈگىنىشتىن ئىبارەت بىر مەيدان ئەجنەبىچىلىك ھەركىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ غەرپنىڭ ئشلەپچىقىرش تېخنىكىسى،يېقىنىقى زامان تېخنىكىسىنى ئۈگۈنۈشنى تەشەببۇس قىلغان. ۋۇشۇي يىلدىكى قانۇن ئۆزگەرتىش :1895-يىلى كاڭ يۇۋېي،لياڭ چىچاۋ،تەن سىتۇڭ قاتارلىقلارخانغا مەكتۇپ سۇنۇپ قانۇن ئۆزگەرتىشىنى تەشەببۇس قىلدى.1898-يىلى يېڭى قانۇن يولغان قۇيۇلۇشقا باشلىدى ۋە 100كۈندىن كىيىن سىشى تەيخۇ باشچىلىقىدىكى كۈچلۈك جاھىل كۈچلەرنىڭ بېسىمىدا مەغلۇپ بولدى. ۋۇشۇي يىلدىكى قانۇن ئۆزگەرتىش نىڭ تەشەببۇسى ۋە مەقسىتى: تەشەببۇسى :ئارتۇقچە ئەمەلدارلارنى قىسقارتىش ،يېزا ئىگلىكى،سانائەت .سودا ،زاۋۇت-كانلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش ،ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ۋە پىداگوگىكامەكتىپى قۇرۇش .دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيەنى مەشىق قىلدۇرۇش ، مەقسىتى:دۆلەتنىڭ مالىيە يۈكىنى يەڭگىللىتىپ ھۇكۈمەت خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش. شىخەي ئىنقىلاۋى:1911-يىلى10-ئاينىڭ 10-كۈنى سۇن جۇڭشەن رەھبەرلىكىدىكى ئىنقىلابىي كۈچلەر ۋۇچاڭدا قۇراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۇپ غەلبىگە ئېرىشتى.ۋە بىر نەچچە ئاي ۋاقىت ئىچىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىرىك ھۇكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.ۋە1912-يىلى1-ئاينىڭ1-كۈنى قەسەم بېرىپ جۇڭخۇا مىنگۇنى قۇردى. 4-ماي ۋەتەنپەرۋەر لىك ھەركىتى:1919-يىل5-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭ ئۈنۋىرسىتى قاتارلىق 10نەچچەمەكتەپتىكى 3000دىن ئارتۇق ئۇقۇغۇچى ۋەتەننىڭ ئىگلىك ھۇقۇقىنى قوغداش مەقسىتىدە نامايىش قىلدۇ، ھازىرقى ياشلار بايىمى دەل شۇۋاقتتىكى ياشلارنىڭ ئىنقىلاۋى ھەركىتىنى ئەسلەش مەقسىتىدە داۋملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگۇكوممۇنىستىك پارتىيسى قاچان قۇرۇلغان ؟ 1921-يىلى7-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان ،بۇقېتىمقى يىغىنغا 50دىن ئارتۇق پارتىي ەئەزاسىغا ۋاكالىتەن 13ۋەكىل قاتناشى. 1921-يىلى جۇڭگۇ كوممۇنىسىتىك پارتىيىسىنىڭ 1-قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى شاڭخەيدە ئېچىلدى. ھازىر 7-ئاينىڭ 1-كۈنى قانداق پائالىيەتلە بۇلىدۇ؟ پارتىيە قۇرۇلغانلىقى تەبرىكلەش پائاليىتى ۋە يېڭىدىن قەسەم بېرىپ پارتىيەگە كىرش قاتارلىق پائالىيەتلە رئۆتكۈلىدۇ. جىڭگاڭشەندىكى كۈرەش:1928-يىلى ماۋزىدۇڭ بىلەن جۇدې ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ جىڭگاڭشەنگە بېرىپ ئىنقىلاۋى تايانچ بازىلارنى قۇردى.گومىداڭ ئارمىيىسى تايانچ بازىلارنى قاتمۇ قات قۇرشىۋالغان بولسىمۇ قىزىل ئارمىيە يەنىلا ئىنقلاۋى كۈرەشنى قەتئى داۋاملاشتۇردى. 25مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەر قاچان باشلاندى؟ گۇمىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ 5-قېتىملىق قۇرشاپ يۇقىتىشىدا ئىنقىلاۋى تايانچ بازىلار زور تالاپەتكە يۇلۇقۇپ ئۇزۇن سەپەر قىلىشقا مەجبۇر بولدى ،ئۇزۇن سەپەر 1934-يىلى10-ئايدىن كىيىن 1936-يىلى 10ئايغىچە ئىككى يىل داۋاملاشتى ،بۇجەرياندائۇلار گۇڭدۇڭ ،گۇڭشى،خۇنەن،گۈيجۇ،يۈننەننسىچەن،شەنشى،خۇينىڭ قاتارلىق جايلارنى بېسىپ 20مىڭ چاقىرمدىن كۆپرەك يول يۇردى. لودىڭچىياۋ كۆۋرۈكى:دۈشمەن ئارمىيىسى قىزىل ئارمىيىنىڭ ئىلگىرلەش يۇلىنى تۇسۇش ئۈچۈن نىڭ تاختايلىرىنى ئېلۋېتىپ كۆۋرۈك بېشىدا بازا قۇرۇپ قۇراللىق ئارمىيىنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش يۇلىنى تۇستى لېكىن قىزىل ئارمىيەنىڭ22باتۇرجەڭچىسى يامغۇرسەك يېغىۋاتقان ئوققا قارىماي قارشى قىرغاققا ئۆتۈپ كۆۋرۈكنى ئىشغال قىلدى. سىز قايسى ئىنقىلاۋى قەھرىمانلارنى بىلىسىز؟ جياڭ ھەدە،ياڭ جىڭيۈ،لاڭياشەندىكى بەش قەھرىمان،دۇڭ سۈنرۇي،قاترلىقلارنى بىلىمەن .مۇشۇنداق مۇنەۋۋەر كومپارتيە ئەزالىرى ۋە ئىنقىلاۋى كىشلىرىمىز ئۆلۈمدىن قورقماي كۈرەش قىلغانلىقى ئۈچۈن بىزنىڭ گۈزەل بۈگۈنىمىز بولغان شۇڭا ئۇلارنى مەڭگۇ ئىسىمزدە ساقلىشىمىزلازىم. تارىخى ئابىدىنىڭ قانداق رۇلى بار؟ تىيەنئەنمىن مەيدانىڭ مەركىزىدە خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى بار بۇلۇپ ،ئۇۋەتەن ئۈچۈن ھاياتىنى باتيرلارچە تەقدىم قىلغان ئىنقىلاۋى قۇربانلارنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن تىكلەنگەن بۇلۇپ كىشلەرگە ئۇلارنى داۋاملى ياد ئېتىپ تۇرۇشنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى قاچان قۇرۇلغان؟ 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى 300مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تىيەنئەنمىن مەيدانغا يىغىلىپ دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.رەئىس ماۋزىدۇڭ پۈتۈن دۇنياغاجۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيسى قۇرۇلدى دېدى.شۇنىڭدىن تارتىپ جۇڭگۇ خەلقى ئورنىدىن دەس تۇردى. دۆلتىمىزنىڭ دۆلەت شېئرى؛پىدائىلار مارشى.دۆلەت بايرىقى : بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ،دۆلەت گىربىگە بولسابەش يۇلتۇز،تىيەنئەنمىن ،بۇغداي باشقى ،چىشلىق چاقنىڭ رەسىمى چۈشۈرلگەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىتىنىڭ قۇرغۇچىلرىدىن كىملەرنى بىلىسىز؟ ماۋزىدۇڭ،لىيۇ شاۋچى،جۇئىنلەي،جۇدې قاتارلىق پىشقەدەم ئىنقىلاپچىلىرىمىز،مىللەت ۋە دۆلىتىمىز ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى بېغىشلاپ بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان ،شۇڭا ئۇلارنى ھەردائىم ئەسلەپ تۇرىشىمىز كېرەك. ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك بۇلۇشى نىمىنى چۈشەندۇرىدۇ؟ مۇۋاپىقيەتلىك بۇلۇشى جۇڭگۇنىڭ تەنتەربىيە ئەمەلىي كۈچى ۋە دۇنيادىكى تەسىر كۈچىنى ئىسپاتلاپ بېرىپلا قالماي بەلكى يەنە جۇڭگۇنىڭ ئىقتىسادى ئەمەلىي كۈچى ۋە خەلىقئارادىكى ئورنىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى بىلدۇرىدۇ ،شۇڭا نۇرغۇن كىشى خۇشال بۇلىدۇ.ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى 2008-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۇلدى . دۇنيايەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇۋاپىقيەتلىك بۇلۇشى نىمىنى چۈشەندۇرىدۇ؟ 2002-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى شاڭخەي 2010-يىللىق دۇنيا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزشنى ئىلتىماس قىلىپ مۇۋاپىقيەت قازاندى. دۇنيا يەرمەنكىسى:ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇنۋىرسال ئەمەلىي كۈچىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ھەمدە ئىقتىسادى،پەن تېخنىكىسى ۋە مەدەنيىتىنىڭ يېڭى نەتىقىلىرىنى نامايەن قىلىدىغان كاتتا يىغىن .خەلىقئارا جامائەتچىلىك ئۇمۇميۈلۈك:ئەمەلىي كۈچىۋى تەسىرى بار دۆلەتلا بۇنداق ئۇنۋىرسال يەرمەنكىنى ئۆتكۈزەلەيدۇ دەپ قارايدۇ. بوش ئۇرۇن تولدۇرۇڭ؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ۋەتىنىمىز غايەت زور ئۆزگىرشلەرنى بارلىققاكەلتۇردى.نامراتلىق ،قالاقلىقتىن قەدممۇ قەدەم گۈللىنىش ،بېيىش ۋە قۇدرەت تېپىشقا قاراپ ئىلگىرلىدى. ۋەتىمىنىزنىڭ قۇدرەت تېپىشى بىزگە نىملەرنى ئېلىپ كەلدى ؟ بىزگە شان-شەرەپ ،كىشلىك قەدىر ىممەت ۋە غۇرۇر ۋە ھورمەت ئېلىپ كەلدى ،شۇڭا بىز مۇ ۋەتىنىمىز بىلەن پەخىرلىنىپ بېشىمىزنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ماڭالايدىغان بولدۇق. بۇرۇن بىلەن ھازىرقىنى سېلىشتۇغاندا كىشلەرنىڭ تاماق ئۇستىلىدە قانداق ئۆزگىرشلەر بولغان؟ ئىلگىرى يىل بۇيى قۇناق ھور نېنى بىلەن تۈلىغان كۆكتات يەيتۇق ،قەھەتچىلىك بولغان ۋاقىتلاردا قۇرساققا يىگىلى بىر نەرسە تاپقىلى بولمايتتى.ھازرغا كەلگەندە تاماق ئۇستىلىمىزدە تاماقنىڭ تۈرى كۆپۈيىپ نىمە يىگۈمىز كەلسە شۇنى يەلەيدىغان بولدۇق .قۇرساق تويمايدىغان ئىشلار كەلمەسكە كەتتى بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگۇ كوممۇنىتىك پارتىيىسىنىڭ دانا رەھبەرلىكىدىن ھەرمىللەت خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسىدىن بولغان. يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغانداىن تارتىپ دۆلتىمىزنىڭ ئىقتىسادى قانچىلىك ياخشىلاندى؟ ئىقتىسادى ئۈچقاندەك تەرققى قىلدى.كونا جۇڭگۇ دا بىر تال سەرەڭگىنىمۇ چەتئەلدىن ئېلىپ كىرىدىغان جۇڭگۇ نىڭ تاۋرارلىرى ھازىر پۈتۈن دۇنيانى قاپلدى .ھازىر جۇڭگۇ 1952-يىلدىكى بىريىلدا ياراتقان بايلىقنى ئىككى كۈندە يارتالايدۇ.خەلق ھاللىق تۇرمۇشقاقەدەم قويدى. ھاللىق جەميەت بەرپا قىلىشتادۆلىتىمز قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردى؟ ج:خەلقىنىڭ قۇرسىقى تو كىيىمى پۈتۈن بۇلۇش مەسلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى.كىشلەتنىڭ ئىستىمال سەۋيىسى بارغانسىر يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.خەلق شاد-خۇرام مول مەزمۇنلۇق تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولدى. دۆلىتىمىزنىڭ قوشنىلىرى قايسى؟ روسيە،مۇڭغۇليە،قازىقىستان،قىرغىستان،تاجىكىستان،ئاففانىستان،پاكىستان،نىپال،ھىندىستان،بوتان،بىنگال،بىرما،ۋېتنام،لائوس،تايلاند،كامبودژا،مالايسىيە،سىنگاپور،ھىندىنوزىيە،فىلفىن،كورىيە،چاۋشەن،ياپۇنيە ..قاتارلىقلار بىز قوشنا ئەللەر بىلەن قانداق ئۆتۈشىمىز كېرەك؟ قۇشنائەللەر بىزبىلەن ئۆرپ ئادىتى ،ئىتقادى ،قىزىىشى ،تىلى ،قاتارلىق جەھەتلەردە پەرقلىنىدۇ. بىز چۇقۇم خوشنا ئەللەربىلەن بولغان ئىتتپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىپ ئۇلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغائارلىشۋالماي،ئىگلىك ھۇقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ ئۇلاربىلەن سودا ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ ئورتاق تەرەققى قىلىشمىز لازىم. دۇنيادا قانداق مەشھۇر جايلار بار؟ غەرپ مەدەنيىتىنىڭ بۈشۈكى گىرتسىيە.سەنئەت ئاستانىسى-پازىژ.مۇزىكا ئاستانىسى:ۋىنا؛خەلىقئارا چوڭ شەھەر نىيوروك.تارىخىي مۇزىي-رىم ،ئاۋستىرالىيەدىكى سىدنىي تىياتىرخانىسى،روسيەدىكى ساينىت پېتېر بۇرگ،رېمىدىكى ئۈستى ئۇچۇق ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانى قاتارلى مەشھۇر شەھەرلەربار. مەدەنىيەت خارابىلىرىدىن قايسىلارنى بىلىسىز؟ مىسردىكى ئەلئېرام،قەدىمكى مايالارنىڭ ئېھرامى ،شىئر تەنلىك ئادەم يۈزلۈك ھەيكەل ،مايا ئوردسى خارابىسى روژېستۋو بايرىمى:ھەريىلى 12-ئاينڭ 25-كۈنى نۇرغۇن غەرپ ئەللىررىنىڭ مۇھىم بايرىمى بۇلۇپ بۇ بايرامنى ناھايىتى تەنتەنلىك ئۆتكۈزىدۇ.بالىلارنىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنى بولسا روژېستۋو بوۋاينىڭ سوۋغىسىغا ئېرىش مىننەتدارلىق بايرىمى:ھەريىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرقى پەيشەمبە كۈنى ئامىركىنىڭ دەسلەپكى كۆچمەنلىرى پەيدا قىلغان قەدىمكى بايرام ئۆتكۈلىدۇ،بۇ كۈنى پۈتۈن ئائىلە جەم بۇلىدىغان كۈندۇر. رۇزا ھېيىت:دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ كاتتا بايراملىرىنىڭ بىرى،شۇنىڭدەك ئۇلار رامزان ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلەپ ئۆتكۈزىدىغان ھېيتىدۇر. شادلىق بايرىمى:دۇنيادا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ شادلىق بايرىمى بولسىمۇ لېكىن بىرازىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق بۇ يەر شادلىق بايرىمىيۈرتى دەپ تەرپلەنگەن .بۇ كۈندە ئۇلار سامبا ئۇسۇلى ئويناپ كۆڭۈل ئاچىدۇ. كۆرۈشۈشنىڭ قانداق شەكىللىرى بار؟ قول ئېلىشىپ كۈرۈشۈش،تەزىم قىلىش،قۇچاقلىشىش،ئىككى قولنى جۈپلەش،بۇنىڭ ئىچىدە قول ئېلىشىپ كۈرۈشۈش دۇنيادا ئەڭ ئۇمۇملاشقان كۈرۈشۈش شەكلىدۇر. يىمەك ئىچمەك يۈسۈنى جەھەتتە نىملەرنى بىلىسىز؟ چۇكىدا يىيىش ،قولدا يىيىش ،ۋىلكا ،پىچاق بىلەن يىيىش ،قۇشۇق بىلەن يىيىش ئۇسۇللىرى بار. بوش ئۇرۇننى تولدۇرۇڭ بىر تىل تۈرىنىڭ ئۆلۈشى ياكى يۇقىلىشى ئىنسانلارنىڭ ئىديىسىنى بىلىشىمىزۋە چۈشىنىشىمىزدە ھېچقانداق ئورننى باسالمايدىغان بىر تەركىبى قىسىمدىن مەڭگۇ ئايرىلىپ قالغانلىقىمىز بىلەن باراۋەر
بوش ئۇرننى تولدۇرۇڭ 1.پەن تېخنىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تور مەدەنيىتى تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىپ ئۈگنىش ،خىزمەت قىلىدىغان ۋە كۆڭۈل ئاچىدىغان بىر خىل ئۇسۇلىمىزغا ئايلاندى. رەڭگاڭ تور دۇنياسى بىزنى قانغۇچە شادلاندۇرۇش بىلەن بىللە يەنە كۆزىمىزنى ئالا-چەكمەن قىلۋېتىدۇ.ئەگەر بىز توردىن توغرا ساغلام پايدىلانمىساق توردىكى تۇزاققا چۇشۈپ قالىمىز. 2.ھەربىر كىشىنىڭ ئۆتمۈشى بۇگۈنى ۋە كەلگۈسى بۇلىدۇ،بىز بىر دۆلەتنىڭمۇ ھەم شۇنداق بىزدە ئۆتمۈشنى ئۈنتۇش ئاسيلىقىتىن دېرەك بېرىدۇ.دىگەن گەپ بار،بىز ئۆتمۈشنى بۇلۇپمۇ جۇڭخۇامىللتلىرىنىڭ باشتىن كەچۈرگەن خۇرلۇقلىرىنى ئۇنۇتماسلىقىمز،ئەجداتلىرىمىزنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش داۋامىدا ئارقا ئارقىدىن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى ۋەتىنىمىزنىڭ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن تىرشىپ ئىزدەنگەن ۋە كۈرەش قىلغان يۈكسەك ئىرادىلىك كىشلەر ئىكەنلىكىنى ئۈنۈتماسلىقىمزلازىم. 3.مەدەنيەتلىك ئىنسانلار ئىناق بىللە ياشاشنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى مەدەنيەتلىكىنى تەكىتلەش بۇلۇپ بۇباشقىلار ئۈچۈنلائەمەس نەپكە ئېرىشىدىغىنى يەنىلا ئۆزىمىز.مەدەنىي ئەدەپلىك بۇلۇش باشقىلارغا جەميەتكە خۇشاللىق ۋە ئىللىقلىق ئېلىپ كىلىدۇ. .1860.4-يىلى 10-ئايدا تاجاۋۇزچىلار قۇشۇنى يۇەنمىڭيۈەن باغچىسىنى غالجىرانە تالان تاراج قىلىپ سان ساناقسىز قىممەتلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ كەتتى. جۇڭگۇدىكى تۈنجلەر: ئاتۇم بومبىسى:1964-يىلى 10-ئاينىڭ 16كۈنى سۈنئى ھەمرا:1970-يىلى 4-ئايدا يەرئاستى تۈمۈر يۇلى؛1969-يىلى 10ئايدا جەنۇبىي قۇتۇبنى تەكشۇرۇش پونكىتى؛1985-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى يۇقىرى تېخنىكىلىق يېزا ئىگلىك بازىسى:1998-يىلى2-ئايدا ئادەملىك ئالەم كىمىسى:2003-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى نامى خاسىيەتلىك كىمە5-،ئۇچقۇچىسى :ياڭ لىۋېي ئالتۇن مىدال:1984-يىلى شۈخەيفىڭ يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغان دا تو پئۇقى نىمە ئۈچۈن 28قېتىم ئېتلغان ؟ جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى قۇرۇلغانغا قەدەر ئارلىقتكى 28يىل جەريانىدا باشتىن كەچۈرگەن جاپالىق28يىلىنى ئەسلەش ئۈچۈن
|