| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | زاكاز | خەتكۇچ | بەشتاش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
سىزنىڭ ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش > تولۇق مەزمۇنى

ئەڭ ناچار مەخپىي شىفىرلار تىزىملىكى

ۋاقىت : 2012-12-10 00:45 | مەنبەسى : رادىئو تورى | ەمىنلىگۇچى : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

ئەڭ ناچار مەخپىي شىفىرلار تىزىملىكى


ئەڭ ناچار مەخپىي شىفىرلار تىزىملىكى

مەخپىي شىغىرنىڭ ھەرقايسى ساھالەردە ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، مەخپىي شىفىرنىڭ بىخەتەرلىكى بارغانسىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا، يېقىندا ئامېرىكىدا ئەڭ ناچار مەخپىي شېفىر تىزىملىكى ئېلان قىلىنغان، ئۇنداقتا قانداق مەخپىي شىفىرلار ئەڭ ناچار ھىساپلىنىدۇ؟ قېنى تۆۋەندىكى مەزمۇنلار ئارقىلىق ئىشلىتىۋاتقان مەخپىي شىغىرىمىز بىخەتەرمۇ ئەمەسمۇ قاراپ باقايلى:

ئالاقە تورىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا كۈندىن-كۈنگە سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، مەخپىي شېفىرنى قوغداشمۇ مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى. ئامېرىكا مەخپىي شېفىر باشقۇرۇش سېستىمىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورۇن سىپلاش دەيت يېقىندا 2012-يىلىدىكى ئەڭ ناچار مەخپىي شېفىر تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەخپىي شىفىرنىڭ ئىنگىلىزچە ئاتالغۇسى «password» بۇ تېزىملىكتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. يەنى مەخپىي شىفىرغا «password» دېگەن ئاتالغۇنى بىۋاستە ئىشلىتىدىغانلار يەنىلا ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئاسانلا ئاشكارىلىنىپ قالىدىكەن، شۇڭلاشقا ئەڭ ناھار مەخپىي شىفىر دەپ باھالانغان.

سىپلاش دەيت تور دۇنياسىدىكى خايكېرلار تەرىپىدىن تور چاپلىمىلىرى ئارقىلىق ئوغۇرلىغان مىليوندىن ئارتۇق مەخپىي شېفىر ۋە كىملىكلىرىنى رەتلەپ تىزىپ چىقىپ ھەم كونا ماتېرىياللاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ بۇ تىزىملىكنىڭ ئىلىميلىكىنى ئاشۇرغان.

بۇ تىزىملىكتىكى 25خىل مەخپىي شېفىرنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى قانۇنىيەت ئاساسىدا تىزىلغان بولۇپ، كونوپكا تاختىسىدىكى قوشنا كونوپكىلاردىن گۇرۇپپىلانغان ياكى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان سىفىلار، مەسىلەن: كونوپكا تاختىسىدىكى قوشنا ئورۇندىكى ھەرپلەردىن گۇرۇپپىلانغان qweryنىڭ ئىشلىتىلىشى بەشىنچى ئورۇندا تۇرغان. دائىم ئۇچرىتىدىغان سانلار گۇرۇپپىسى111111، 123456 ،12345678 ،123123ۋە دائىم ئىشلىتىدىغان ئىسىملاردىن، مەسىلەن: Ashley,michaelقاتارلىقلار ھەممىسى دېگۈدەك بۇ تىزىملىككە كىرگەن.

بەزى تور بەتلىرىدە مەخپىي شېفىرغا سان بىلەن ھەرپنى بىللە ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىنغاچقا، abc123 تىزىملىكتىكى ناچار شىفىلار ئىچىدە دەرىجىسى تۆتىنچى ئورۇندا تۇرغان.

سىپلاش دەيت شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سېلەيېن مۇنداق دېدى: خايكېرلارنىڭ مەخپىي شىفىرنى ئاشكارىلاش ئۇسۇلى ۋە ئىشلىتىش قۇراللىرى كۈندىن-كۈنگە ئىلغارلىشىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارئەڭ ئاۋۋال يەنىلا ئەڭ ئاددىي مەخپىي شېفىرغا قول سېلىشتىن ئىش باشلايدۇ.

ئۆتكەن يىلدىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن مەخپىي شىفىر يەنىلا password، 123456 ،12345678بولغان. ئاسان ئاشكارىلىنىپ قالىدىغان مەخپىي شېفىرلار تىزىملىكىدە ئۆزگىرىش بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭى مەخپىي شېفىرلارمۇ بۇ تېزىملىككە كىرگەن. مەسىلەن: welcome، ,ninja ,mustang password1قاتارلىقلار بۇ يىل يېڭىدىن تىزىملىككە كىرگەن.

سىپلاش دەيت شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۇرغۇن تورداشلار يەنىلا تور مۇتەخەسىسلىرىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، مەخپىي شېفىرغا سان ۋە ھەرپ قوشۇپ ئىشلىتىشكە باشلىغان. ئەمما سىپلاش دەيت شىركىتى شەخسىلەر ۋە شىركەتلەرنىڭ يەنىلا مۇشۇ تىزىملىككە كىرگەن مەخپىي شېفىرلارنى ئىشلەتمەسلىكىنى مۇراجىئەت قىلغان.

ئەمەلىيەتتە، كۆپلىگەن توربەتلىرى تورداشلارنىڭ مەخپىي شېفىرغا سان ۋە ھەرپ قوشۇپ ئىشلىتىش تەلىپىنى قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرپنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنىمۇ ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. لېكىن يەنىلا بىر قىسىم تورداشلار ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ياكى تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىگە ئاددىي بىر نەچچە ھەرپنى قوشۇپ قويۇپلا ئىشنى ئاسانلاشتۇرماقچى بولغان، لىكىن ئويلاپ بىقىڭ، سىزگە ئاسان بىلىنگەن بۇ مەخپىي شىفىرلارنى باشقىلارمۇ ئاسان قولغا چۈشۈرۈشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا مەخپىي شىفىرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن يەنىلا ناچار شىفىرلار تېزىملىكىدىكى بۇ ئاددىي شىفىلارنى ئىشلەتمىگەن ياخشىراق.

 

()

ياخشى
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>