باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

سەن ئۈچۈن يىغلايمەن ئۇيغۇر مىللىتىم

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2014-01-15 18:17:37

‹‹سەن ئۈچۈن يىغلايمەن ئۇيغۇر مىللىتىم›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

سەن ئۈچۈن يىغلايمەن ئۇيغۇر مىللىتىم

      


     ساق تۇرۇپ پۇت قولى،تەڭلەر قولىنى،

     ساماندەك بۇزىدۇ تاپقان پۇلىنى،

     بىلمىدىم،بىلمەمدۇ ياشاش يولىنى،

     سەن ئۈچۈن يىغلايمەن ئۇيغۇر مىللىتىم.


   

     يىل بويى كىرمەيدۇ كىتابخانىغا،

     كۈندە بىر قاترايدۇ تانسىخانىغا،

    ”  قاراشقا ۋاقىت يوق“ ئەزىز بالىغا،

     سەن ئۈچۈن يىغلايمەن ئۇيغۇر مىللىتىم.


بار ئىدى چىرايلىق نامىمىز ئۇيغۇر،

     يار بولغان  بىزلەرگە ئەخلاق ۋە غۇرۇر،

     نۇر چاچقان ئىدۇققۇ جاھانغا مەغرۇر،

     سەن ئۈچۈن يىغلايمەن ئۇيغۇر مىللىتىم.      

     


   ” ئۇرغۇي “دەيدۇ سورىسا مىللەت نامىنى،

     پۇل-پۇل دەپ قاقشىتار ئاتا-ئانىنى،

     قالاق دەپ خارلايدۇ《بىلىگ》,《دىۋان》نى،

     سەن ئۈچۈن يىغلايمەن ئۇيغۇر مىللىتىم.

      
  
   

     قىدىرخان باشلىغان ئون ئىككى مۇقام،

     بوۋىلار ئەجرىدە قىلدى ۋە داۋام،

     ئاڭلاپ ھەم قانمىغان كۈنۈ-تۈن دادام،

     سەن ئۈچۈن يىغلايمەن ئۇيغۇر مىللىتىم.


  
     
   

     مۇقام ۋە داستانلار بولدى شاتىۋار،

    چىن مىللەت ناخشىسى بولدى ئەتىۋار،

     كىمنىڭمۇ بىزلەردەك دەرت-پىغانى بار؟  

     سەن ئۈچۈن يىغلايمەن ئۇيغۇر مىللىتىم.

      

     كۆپ تىلنى بىلىشقۇ ئەسلىدە شەرەپ،

     بوپ قالدۇق ئەمدى بىز تەرجىمان مىللەت،

     قاچانمۇ يوقىلار بۇ ناچار ئىللەت،

     سەن ئۈچۈن يىغلايمەن ئۇيغۇر مىللىتىم.

   

ئىللىق ئۆي-جاي تۇرسا قارار تالاغا،


     چوڭ-كىچىك بىرىلگەن كەيىپ-ساپاغا،

     ھاراققا بىرىلىپ قالدى بالاغا،

     سەن ئۈچۈن يىغلايمەن ئۇيغۇر مىللىتىم.





قاراڭغۇ بۇلۇڭدا يىتىم نالىسى،

     پۇلى يوق ئوقۇشقا،قالدى چالىسى ،

     دورا يوق ،ساقايماس دىلنىڭ يارىسى،

     سەن ئۈچۈن يىغلايمەن ئۇيغۇر مىللىتىم.


      

     قەدەمدە پۇتلىشىپ دوقمۇش- دوقالغا،

     ئەسسالام ئايلاندى” نىرى يوقال“غا،

     ھىچ ئىمكان بولمىدى چارە -ئامالغا ،

     سەن ئۈچۈن يىغلايمەن ئۇيغۇر مىللىتىم.

            

     ئوغۇللىرى خۇمار بولدى ئاق تاماكىغا،

     قىزلىرى “گۈل” بولدى ئىشرەتخانىغا،

     غۇرۇر-ۋىجدان كەلمەيدۇ ئەسلا يادىغا،

     سەن ئۈچۈن يىغلايمەن ئۇيغۇر مىللىتىم.

      
_____________
ئىزاھلار:   
بوۋىلار  __تۇردى ئاخۇن ئاكا
شاتىۋار—خارلىنىش دىگەن مەنىدە
 
 

   

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2