كېتىپ قالسام ناۋادا بىر كۈن
كۆكسۇ
كېتىپ قالسام ناۋادا بىر كۈن،
كۆز يېشىڭنى تۆكمە ئەزىزىم.
شۇ قەبرەمدە تىپتىنىچ ياتاي،
ئارام تاپسۇن بۇ خەستە دىلىم.
كېتىپ قالسام ناۋادا بىر كۈن،
قەبرەمنىمۇ يوقلىما زىنھار.
روھىم تىلەر مەڭگۈ ئەمىنلىك،
سېغىنىشتا يوقلايدۇ باھار.
كېتىپ قالسام ناۋادا بىر كۈن،
ئۆزگىلەرگە تۆكمە يېشىڭنى.
مۇھاببىتتىم بولسۇن تەسەللى،
ھەسرەتلەرگە ئەگمە بېشىڭنى.
كېتىپ قالسام ناۋادا بىر كۈن،
ھىجرانىڭدا يەنە تاڭ ئاتار.
مەيۈسلەنمە خۇشال ياشىغىن،
ئارمانلىرىم ساڭا يادىكار.
2012-يىل17-يانىۋار
مەنبە:كۆكسۇ يازمىلىرى
كۆكسۇ
كېتىپ قالسام ناۋادا بىر كۈن،
كۆز يېشىڭنى تۆكمە ئەزىزىم.
شۇ قەبرەمدە تىپتىنىچ ياتاي،
ئارام تاپسۇن بۇ خەستە دىلىم.
كېتىپ قالسام ناۋادا بىر كۈن،
قەبرەمنىمۇ يوقلىما زىنھار.
روھىم تىلەر مەڭگۈ ئەمىنلىك،
سېغىنىشتا يوقلايدۇ باھار.
كېتىپ قالسام ناۋادا بىر كۈن،
ئۆزگىلەرگە تۆكمە يېشىڭنى.
مۇھاببىتتىم بولسۇن تەسەللى،
ھەسرەتلەرگە ئەگمە بېشىڭنى.
كېتىپ قالسام ناۋادا بىر كۈن،
ھىجرانىڭدا يەنە تاڭ ئاتار.
مەيۈسلەنمە خۇشال ياشىغىن،
ئارمانلىرىم ساڭا يادىكار.
2012-يىل17-يانىۋار
مەنبە:كۆكسۇ يازمىلىرى