باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (پوۋېست)-5

مەنبە :       يوللىغۇچى : ADMIN       يوللانغان ۋاقىت : 2015-09-22 12:10:21

‹‹كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (پوۋېست)-5›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى

(پوۋېست)

ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد

روزاخۇن بەزىدە شۇ قىزلارنى، نازاكەتنىڭ ئاخىرقى نىگاھىنى ئەسلەپ قالاتتى، گۈزەللىك بەك قىسقا، خوتۇن ئالمىغان بولسا بەلكى شۇ قىزلاردىن گۈزەللىك، بەخت تەمە قىلىپ يۈرگەنمۇ بولاتتى. خوتۇنى ئۇنىڭغا بۇنداق پۇرسەت بەرمەيتتى، ئىشلە، پۇل تاپ، ھاجىتىمدىن چىق، مېنى خۇشال قىل دەيتتى. كۆز ئالدىدىكى تۇرمۇش، نەق نەرسىلەر بەئەينى ئوت كەتكەن ئۆيگە ئوخشاش ئۇنى ئالدىرىتىپ تۇراتتى، بېرىپ سۇ چېچىپ ئۇ نەپسانىيەت ئوتىنى ئۆچۈرمىسە بولمايتتى.  ئەمما كۈنلەر ئۆتۈپ، ئىشلەمچىلەر ئارىسىدا خوتۇنى ھەققىدە بەزى مىش-مىش پاراڭلار كۆپىيىپ قالدى، يەۋاتقان ئىشتىھالىق غىزاسىنى ھەر قانچە قولدىن چىقىرىپ قويغۇسى بولمىسىمۇ، رىسقىغا چاڭ سېلىۋاتقان  ھاشارەتلەرنى كۆرمەي تۇرالمايتتى.

— ئاڭلىغان گەپلەر راستمۇ؟

— قايسى گەپلەر؟

— ماڭا راستىڭنى ئېيت، ئەگەر كېتىپ شۇ ئېرىڭگە تەگكۈڭ بولسا مەن ياق دېمەيمەن، لېكىن مەن تۇرۇپ ئۇنىڭغا غىلجىڭلايدىكەنسەن، كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسىتىمەن.

— ۋاي ئۆتەپ بارە نېرى، كىم ئۇنىڭغا غىلجىڭلاپتۇ!

خوتۇنىنىڭ ساراڭدەك چەكچىيىشلىرى  ئۇنىڭغا شۇنچىلىك قورقۇنچلۇق تۇيۇلۇپ كەتتىكى، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كۈلۈپ، نازلىنىپ يۈرۈيدىغان ئۇ جۇۋان نەدە قالدى، ھېچ بىلەلمىدى.

— دېمەك، خەقنىڭ گېپى راستكەن-دە! مەنغۇ ئەزەلدىن سەندەك خوتۇنلارغا ئىشەنمەيتتىم.

— خەق نېمە دېسە ئىشىنىدىغان سەندەك دۆتنى كۆرمەپتىكەنمەن، بىرى ناماز ئوقۇ دېسە ئوقۇيسەن، ھاراق ئىچ دېسىمۇ ئىچىسەن، ئەمدى خوتۇنۇڭ بۇزۇلدى، قويۇۋەت دېسە قويۇۋېتەمسەن؟ سېنىڭ بىر مۇستەقىل كاللاڭ يوقمۇ؟ 

روزاخۇن بۇ گەپتىن ئۇجۇقۇپ كەتتى، تاڭنۇر خېنىم نايناقلاپ يۈرگەن بىلەن بىر ئىشلارنى ئويلاپ تۇرىدىكەن، ئېرىنى چۈشىنىدىكەن، ھەتتا كۆڭۈل بۆلىدىكەن…

— ئەمىسە نېمىشقا چىقىدۇ بۇ گەپلەر؟

— بىز خەقنىڭ ئەسكىلىكىنى بىلمەمسەن؟ ئىككىمىزنىڭ قاملىشىپ كەتكىنىگە چىدىماي شۇنداق دەيدۇ.

روزاخۇن بۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق گەپكە قۇلاق سالماسلىق قارارىغا كەلدى، ئەمما ئەرشىدىن بىر كۈنى ئۇنى چاقىرىپ قاتتىق تەگدى:

— دېمەي دېگەن، لېكىن ئىچىمگە پاتمىدىم.  سەن ئادەم بولمايدىغان گۇيكەنسەن!

— بۇ گېپىڭنى تولا ئاڭلاپ كەتتىم، مەن ئادەم بولمىسام، سەن ئادەم بولۇۋالارسەن!

— پات يېقىندا بۇ يەردىن كېتىمەن، ساڭا شۇنى دەپ قوياي، ئۇ خوتۇننى قويۇۋەت، مەن نەچچە قېتىم كۆرۈپ قالمىغان بولسام ساڭا بۇ گەپنى دېمەيتتىم، كۆرۈپ تۇرۇپ گەپ قىلماسلىقنى ۋىجدانىم كۆتەرمىدى.   مەن سېنىڭ ئۇ خوتۇنغا ئامراقلىقىڭنى، نەپسىڭدىن كېچەلمەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن، لېكىن شۇ پاسىق خوتۇننى خەقنىڭ ئالدىدا خوتونۇم دەپ يۈرۈشتىن نومۇس قىلمامسەن؟ ھاياسىزدا ئىمان يوق دېگەننى بىلمەمسەن؟

— نېمىنى كۆرۈپ قالدىڭ؟ نېمە بوپتۇ؟

— بولدىلا، مەن دېسەممۇ ئىشەنمەيسەن،  ۋەلى پىجۇغا يەنە بىر قېتىم دۇتتار چېلىپ بېرىپ، ھارىقىنى ئىچىپ بەرگەن ئاخشىمى ھەممىنى بىلىسەن…

روزاخۇن ۋەلى پىجۇنىڭ قولىدىن بىر رومكا ئاچچىق ھاراقنى ئىچىۋەتكەندەك تۈرۈلۈپ، كۆزلىرى پۈرۈلۈپ كەتتى. شۇ ئوغرى كېلىپ بولغىچە ھېچنېمىنى چاندۇرماي، تاڭنۇر خېنىمنى قانغۇدەك خوتۇن قىلىپ، كۆڭلىنى خوش ئېتىپ يۈرىۋەردى. نىھايەت، ۋەلى پىجۇ ئۆز قەرەلىدە، خوتۇنىنى سېغىنىپ كەتكەن مەھەلدە رېستۇرانغا پەيدا بولۇپ، روزاخۇنغا يەنە ھاراق تەڭلەپ، مايمۇن تاماشاسىنى كۆردى. روزاخۇنمۇ ئۇلار دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتە ھاراقنى يېرىم ئىچىپ، يېرىمىنى تۆكۈۋېتىپ ياكى جاۋغىيىغا ئېقىتىۋېتىپ،  ئاخىرىدا يالغاندىن مەست  بولۇۋېلىپ، ھۇجرىسىدا پۇرسەت كۈتۈپ ياتتى. تاڭنۇر خېنىم ئۇنى يېشىندۈرۈپ، ئايىغىنى سالدۇرۇپ، يوتقاننى يېپىپ قويۇپ كىيىمىنى سالماي ئولتۇردى، تېلېفونىغا ئۇچۇر كەلگەن ھامان تالاغا ماڭدى. دېمەك، ۋەلى پىجۇ خوتۇنىنى بىر كونۇپكا بىلەنلا باشقۇرىدىغان ماشىنا ئادەمدەك قىلىۋەتكەنىدى.

… روزاخۇن ھايال ئۆتمەي كىيىنىپ، ئايىغىنى كىيىپ خوتۇنىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتى، ئارقا ھويلىدىن چىقىپ، خالاغا كىرىپ كەتكەن خوتۇنى بىر دەمدىن كېيىن قايتىپ چىقىپ، ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن چوڭ كوچىغا بۇرۇلۇپ، دەرەخلىرى قويۇق  پىيادىلەر يولىنىڭ چېتىگە توختىتىپ قويۇلغان يوغان دالا ماشىنىسىغا كىرىپ كەتتى.  روزاخۇن چەكچىيىپ تۇرۇپ قالدى، كۆپ مېڭىشنىڭ ھاجىتى قالمىغانىدى، ھەممىنى كۆرۈپ تۇراتتى؛ يەنە بىر قەدەم كېچىكسە خوتۇنى بۇرۇنقى ئېرىنىڭ، ھازىرقى پاھىشۋاز ئوغرىنىڭ نەپسىنى قاندۇراتتى. توۋا دەيتتى روزاخۇن ماشىنىغا يېقىنلاپ كېلىۋېتىپ، بۇ ئوغرى خوتۇنىنى شۇنچە يىل خوتۇن قىلىپ يەنە تويمىغانمىدۇ؟ تويمىغان بولسا نېمىشقا قويۇۋەتتى؟ ئەمدى چىدىمىغان بولسا نېمىشقا يېنىشىۋېلىپ، ئۆز ئۆيىدە خوتۇن قىلماي بۇ يەردە رەسۋالىشىپ يۈرىدۇ؟ تاڭنۇر دېگەن ئاۋۇ بۇزۇق، سېسىق، مەينەت… نېمىشقا ئەرگە تويمايدۇ؟ نېمىشقا ئۆزىنى بۇلغايدۇ؟ نېمىشقا مېنى ئالدايدۇ؟

روزاخۇن غەزەپ بىلەن ئۇلارغا يېقىنلاپ كەلدىيۇ، ماشىنىنىڭ قاپقارا دېرىزىسىدىن ھېچنېمىنى كۆرەلمىدى. ماشىنىنىڭ ئىچىدىن ئېغىر-ئېغىر تىنىشلار، پۇشۇلداشلاردىن باشقا ھېچنېمىنى ئاڭلىيالمىدى. ئۇ  ماشىنىنىڭ ئارقا ئىشىكىنى غەزەب بىلەن مۇشتلىدى، ئۇلار چۆچۈپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئۈن-تىن چىقارماي تۇرىۋېلىشتى.

— ئاچە ئىشىكىڭنى بۇزۇق شاۋچىلار، ھارامدىن بولغانلار!!!

ئىشىك يەنە ئېچىلمىدى، روزاخۇن پىيادىلەر يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بوشاپ قالغان بىر پارچە خىشنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ،  ئەينەككە ئۇردى.

— ئاچە ئوغرى، ئىشىكىڭنى!

ئەينەك خېلى پۇختا بولسا كېرەك، بىرىنچى قېتىمدا دەز كەتتى، ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرگەن ۋەلى پىجۇ ماشىنىدىن پىچىقىنى ئېلىپ سەكرەپ چۈشتى:

— ھەددىڭدىن ئاشما ھېجىقىز، ھېلى بىكار تېرەڭنى تەتۈر سويىمەن!

— كېلە ئوغرى، پىچىقىڭدىن قورقۇپ قالمايمەن!

— قاراپ تۇرۇپ نەچچە مىليونلۇق ماشىنامنى كاردىن چىقاردىڭ، ئەينەكنى تۆلە!!!

— ماڭاۋە ئوغرى، ئەينىكىڭنى قويۇپ تۇرۇپ ماۋۇ بۇزۇقنىڭ گېپىنى قىلە، نەچچە قېتىم بولدى، نەدە يېتىشتىڭ، ھەممىنى تاپشۇر،  سەن بىلەن بۈگۈن تۈزۈك ھېسابلىشىمەن! 

— سەن نەچچە قېتىم مەست بولغان بولساڭ، مەن شۇنچە قېتىم ئوينىدىم،  نېمە قىلسام ئۆزەمنىڭ خوتۇنى!  قاچانلا بولسا مېنىڭ خوتۇنۇم،  تولا گەپ قىلماي، ئەينەكنى تۆلە!

— تۆلەمدىمەن.

— تۆلەيسەن.

— راست تۆلەمدىمەن؟

— راست تۆلەيسەن.

— مانا ئەمىسە،-روزاخۇن قولىدىكى خىشنى دەز كەتكەن ئەينەككە كۈچەپ ئۇردى، ئەينەك چېقىلىپ، تاڭنۇر خېنىم چىقىراپ كەتتى.

— كۆزۈڭ قۇيۇلۇپ كەتسۇن رەسۋا!

ۋەلى پىجۇ غەزەپ ئاچچىقىدا  قولىدىكى پىچاقنى دىۋەيلەپ كەلدى، روزاخۇن بىر ياقتىن قولىدىكى خىشنى دىۋەيلەپ، بىر ياقتىن ماشىنىنىڭ ئەينەكلىرىنى چېقىشقا باشلىدى، تاكى ماشىنىنىڭ ھەممە ئەينىكى چېقىلىپ، قولىدىكى خىش سۇنۇپ كەتكىچە چاقتى، ئەينەكنىڭ چېقىلىشلىرى بىلەن تاڭنۇرنىڭ چىقىراشلىرى ۋە ئەينەككە قاراپ يۈرەكلىرى پارە-پارە بولغان ۋەلى پىجۇنىڭ سەت ۋاقىراشلىرى روزاخۇنغا  دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق ئاۋاز، ئەڭ ئېسىل نەغمە بولۇپ ئاڭلاندى. ماشىنىسىنىڭ ۋەيران بولغىنىنى كۆرۈپ غەزەبتىن خۇدىنى يوقاتقان ۋەلى پىجۇ روزاخۇننى بوغۇزلىۋەتسىمۇ دەردى چىقمايدىغاندەك ئەلپازدا ئېتىلىپ كېلىۋىدى، بېشىغا خىش پارچىسى تېگىپ يۈز-كۆزلىرى قانغا بويالدى .  

— نوچى بولساڭ ئەمدى كىرىپ ئوينا!

روزاخۇن ئۇنىڭ قولىدىكى پىچاقنى مەنسىتمەي، ماشىنىنىڭ ئارقا ئىشىكىنى ئېچىپلا تاڭنۇرنى سۆرەپ چۈشۈپ، يەرگە يىقىتىپ تېپىپ دەسسەشكە باشلىدى.

— نەپسى تويماس بۇزۇق، ئىپلاس قانجۇق!!!    

ھېلىقى دوكتور ”بىز تۈركلەرنىڭ ئەركەكلىكىنى ئۆگىنىپ، ئار-نومۇسنى ئاقلىشىمىز كېرەك“ دېمىگەنمىدى؟ بۇ ئىپلاسلارنى ئۆلتۈرۈۋەتكىلى بولمىسىمۇ، ئېسىدىن چىقمىغۇدەك جازالاش لازىم. روزاخۇن خوتۇنىنىڭ خىيانىتىگە غەزەبلىنىۋاتامدۇ ياكى ئۇنى ئەمدى خوتۇن قىلالماسلىق ئازابىغا چىدىمايۋاتامدۇ، ئەيتاۋۇر پۈتۈن كۈچى بىلەن تېپەتتى، دەسسەيتتى، تاڭنۇر خېنىم ئۇنىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ دات-پەرياد كۆتۈرۈپ نالە قىلاتتى. شۇ ئەسنادا ۋەلى پىجۇ پىچىقىنى كۆتۈرۈپ تۇيۇقسىز ئېتىلىپ كەلدى، روزاخۇن ئۇنىڭ بۇنچە چاققان كېلىشىنى ئويلاپ باقمىغانىدى،  ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمىدى.

— تاڭنۇر، ئۇنىڭ پۇتىنى قويۇۋەتمە!

روزاخۇننىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى،  بېقىنىغا كىرىپ كەتكەن دەھشەتلىك ئاغرىقتىن تولغىنىپ يەرگە يىقىلدى. كۆزىگە قىزىللىق تىقىلغان ۋەلى پىجۇ ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە پىچاق تىقىۋەردى… يول بىر دەمدە قىپقىزىل قانغا بويالدى.

— بولدى قىل، ئۆلۈپ قالىدۇ!

— ئۆلسۇن بۇ شاۋچى، ئاۋۋال ماشىنامنى تۆلىسۇن.

— ئۆلسە نېمىنى تۆلەيدۇ، ئاۋۋال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قۇتقۇزايلى!ــ تاڭنۇر خېنىم لاغىلداپ تىترەپ.  

— ساراڭمۇ سەن، قۇتقۇزساڭ ئۆزەڭ قۇتقۇز، ئېرىڭ بولغاندىكىن…

— ئۇنداق قىلماي، دوختۇرخانىغا بولسىمۇ ئاپىرىشىپ بەرگىن…

— ئەينىكى چېقىلغان ماشىنىنى ئەمدى ھەيدىگىلى بولمايدۇ!

— ماشىناڭنى مەن رېمونت قىلدۇرۇپ بېرەي، ئۇنداق قىلما!

— ئېرىڭگە بەك ئامراق ئوخشىمامسەن، ساراڭ!

— باشقا ئادەم بولسىمۇ قۇتقۇزۇش كېرەك، قاراپ تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتسە قانداق بولىدۇ؟

— مېنىڭ ئاچچىقىم تېخى يانمىدى! 

— ئۇنداق قىلما، بۇ يەردە تۇرىۋەرسەك خەق كۆرۈپ قالىدۇ، يەنە كېچىكسەك ئۇ قانسىراپ ئۆلۈپ قالىدۇ…

— ئۆزىگە ئۆزى قىلدى بۇ قاپاق نوچى، بولمىسا ياخشى ئاغىنە ئىدۇق، ئىشىمىزنى بۇزمىغان بولسا، ماشىنامنى چاقمىغان بولسا تېخىمۇ ياخشى ئاغىنە بولۇپ قالاتتۇق. دۇتتارنى ياخشى چالاتتى-دە كاساپەت!

— ئەگەر ئۇ ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭدەك چالىدىغان ئادەم چىقمايدۇ،  ئۆتۈنۈپ قالاي!… ـــ تاڭنۇر خېنىم يىغلاپ ئېقىپ كەتتى.

— بىز ئاپىرىپ بولغىچە ئۆلۈپ قالسىچۇ؟

— ئاۋۋال ئاپىرىپ باقمامدۇق…

ۋەلى پىجۇ قانسىراپ ياتقان روزاخۇنغا ئەمدى ئىچى ئاغرىدى بولغاي،  ”ئىست سەن گۇيغا“ دەپ پىچىرلىدى، بۇرنىغا قولىنى ئاپىرىپ بېقىپ تارتىۋالدى، تومۇرىنى تۇتۇپ كۆرۈپ بېشىنى چايقىدى.— ئۆلۈپتۇ! 

— نېمە؟

— ئۆلۈپتۇ، ئىشەنمىسەڭ تىنىقىنى تىڭشاپ باق.

— ئۇنچە پىچاق يېگەندىكىن ئۆلسىمۇ ئۆلگەندۇ…

ۋەلى پىجۇ  روزاخۇنغا  خۇددى خەق ئۆلتۈرۈۋەتكەن جەسەتكە قارىغاندەك قورقۇمسىراپ قاراپ قويدى، تاڭنۇر خېنىم  مىشىلداپ يىغلاشقا باشلىدى.

— ئەمدى قانداق قىلىمىز؟

— جەسەتنى ئېلىپ كېتىپ بىر يەرگە تاشلىۋېتىمىز.

— ساقچىلار بەرىبىر تېپىۋالىدۇ…

— بىر يەرگە ئاپىرىپ كۆيدۈرۈۋەتسەك تاپالمايدۇ، بېنزىن، چاقماق، ھەممىسى تەييار…

ئۇلار روزاخۇننى  ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىغا سېلىپ، شەھەر سىرتىغا ماڭدى.

— مەنچە بىر يەرنى تېپىپ كۆمۈۋەتسەك دەيمەن، كۆيدۈرسەك ياخشى بولمايدۇ، ــ دېدى تاڭنۇر خېنىم.

— كۆيدۈرمىسەك ئامال يوق…

ئۇلار  ئۇيان مېڭىپ، بۇيان مېڭىپ، شەھەر سىرتىدىكى ئەخلەت تۆكۈش مەيدانىغا كېلىپ قالدى. غايەت زور ئەخلەت دۆۋىسى گويا كىچىك تاغقا ئوخشايتتى.

— مۇشۇ يەر تازا بولىدۇ، خەقلەر قەغەز كۆيدۈرۈۋېتىپتۇ دەپ بىلىدۇ!

ۋەلى پىجۇ ئىنجىقلاپ يۈرۈپ جەسەتنى چۈشۈردى، ماشىنىسىدىن بېنزىن ئېلىپ ئۈستىگە چاچتى، ئاندىن چاقمىقىنى ياندۇرۇپ ئۈستىگە تاشلىدى، ئاتەش يۈرەك روزاخۇن لاپپىدە ئوت ئېلىپ، يالقۇنلاپ كۆيۈشكە باشلىدى…

نومۇسسىز ۋەلى پىجۇ بىلەن ھاياسىز تاڭنۇر خېنىم ”ئۇھ“ دەپ ئېغىر تىنىپ، دېرىزىلىرى چېقىلغان يوغان ماشىنىغا چىقىپ، جەڭدىن قايتقان غالىب ئەسكەرلەردەك كېتىپ قېلىشتى.

بىر دەمدىن كېيىن قۇرۇلۇش ئەخلىتىنى توشۇيدىغان بىر ماشىنا بۇ يەرگە كېلىپ توختىدى.

— كۆيۈۋاتقان نېمە ئۇ؟ــ دەپ سورىدى شوپۇرنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان تەتەي.

— ئادەم ئوخشايدۇ!ــ دېدى شوپۇر چەكچىيىپ.

— ئادەممۇ، ھايۋانمۇ كىم بىلىدۇ…

— بىرسى قاتىللىق قىلىپ ئىزىنى يوقاتماقچىدەك قىلىدۇ، ساقچىغا خەۋەر قىلامدۇق؟

— جىم ئولتۇرۇڭ، خەق بىلەن نېمە كارىمىز؟

— ئەگەر ئۇ پۈتۈنلەي كۆيۈپ كەتسە ئىز يوقۇلىدۇ.

— يوقالسا يوقالمامدۇ، ئۇنى ھېچكىم تونۇمايدۇ. بەلكىم ئۇنىڭمۇ گۇناھى باردۇر، بىرسىگە باسقۇنچىلىق قىلغاندۇ، ئوغرىلىق قىلغاندۇ، زەھەر ساتقاندۇ…

— لېكىن جىنايىتى بولسا ئۇنى ھۆكۈمەت جازالىمامدۇ؟

— ھەممىنى ھۆكۈمەت جازالاپ بولالمايدۇ، ئۆزىنى ئۆزى جازالايدۇ.

— ھۆكۈمەت دېگەنمۇ پۇلى بارلارغا يانتاياق ئىكەن، كۈچى يەتسە،  شۇنچە بىنا سېلىپ، نەچچە مىليارد پۇل تېپىپ يەنە بىزنىڭ ئىش ھەققىمىزنى بەرمەيۋاتقان خوجايىنلارنى جازالىسا بولاتتى.

— ئۇلارنىڭمۇ ھامان جاجىسىنى يەيدىغان كۈنى كېلىدۇ، شۇڭا بىز ھازىرقى كۈنىمىزگە شۈكرى قىلىپ تۇرايلى.

— مۇشۇ ۋاققىچە ئۆيىمىز يوق، نېمىگە شۈكرى قىلىمىز!؟ فاڭدۇڭ قېرى ئۆلمىگەن بولسا، ئۆيىنى ئوغلى ساتمىغان بولسا شۇ ئۆيمۇ بولۇپ قالاتتى.

— ئۇ ئۆي بولمىسا مانا يوغان ماشىنا بارغۇ، ــ دېدى تەتەي ئېرىنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ،ـــ قارا ئىشتىن قۇتۇلۇپ شوپۇر بولدىڭىز، مۇشۇ تاپتا سىز بىلەن بىللە بولۇشتىن ئارتۇق بەخت يوق ماڭا!— لېكىن سېنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭنى ئويلىسام كۆڭلۈم بەك يېرىم بولىدۇ، خەقنىڭ پۇتىنى يۇيۇشتىن باشقا ئىش تاپساڭ بولمامدۇ، مەسىلەن تازىلىق قىلىش دېگەندەك.

— ئۇۋىلاشنىڭ كىرىمى ئوبدان، يەنە كېلىپ باشقا ئىشقا زورلىمايدۇ.

— كىم بىلىدۇ، جەمئىيەت بەك بۇزۇلۇپ كەتتى.

— ماڭا ئىشىنىڭ، كىم ماڭا ئۇنى زورلايدىكەن، ئىشنى تاشلاپ يېنىپ چىقىمەن.

— بەك جاپا چېكىۋاتىسەن خوتۇن…

— ئامال يوق، پۇل تاپمىساق، بالىلارنى ئوقۇتمىساق بولمايدۇ.

كۆيۈۋاتقان ئوت ئۆچكەندە روزاخۇن چۈشىدىن ئويغىنىپ، ئۆز ھۇجرىسىدا ياتقانلىقىنى كۆردى، خوتۇنى كۆرۈنمەيتتى، ئۇ ئاۋۋال بېقىنىنى، ئاندىن پۈتۈن بەدىنىنى سىلاپ بىر دەم ياتتى، خوتۇنى يەنە كىرمىدى. ئۇنى قورقۇنچ بېسىۋالدى، ” بۇزۇق خوتۇن، مېنى ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ دېمە، ساڭا ئۆلۈپ بېرىش ئەرزىمەيدۇ، قايتىپ كىرگەندە ئەدىۋىڭنى بېرىپ قوپالماس قىلىۋېتىمەن“ دەپ ئويلىدى… چۈشىدە كۆرگەن ئىشلار، بۇلۇنغان گەپ-سۆزلەرنى خۇددى كىنو كۆرگەندەك ئەسلىدى ۋە نېمىشقا ئەڭ ئاخىرىدا ھېلىقى تەتەي بىلەن ئېرىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغىنىغا ھېچ ئەقلى يەتمىدى. ”ماڭا زادى شۇ تەتەينىڭ جىنى چاپلاشقان، بولمىسا بەدىنىم كۆيگەندە چىققان پۇراقنى قانداق تاپالايدۇ؟ مېنىڭ كۆيۈپ كۈل بولغىنىمنى كۆرۈپ كۆڭلى تىنغانمىدۇ؟ ئۇۋىلاش ئورنى نەدە؟  مېنى كۆرسە چۆچۈپ كېتەرمۇ؟ “ دەپ ئويلىدى. ئۆزىنىڭ ھاياتلىقىنى بىلىش، چۈشىدە ئەمەس، ئەقلى-ھوشى جايىدا ۋاقىتتا خىيال سۈرۈش نەقەدەر ھۇزۇر-ھە! ھېچقانداق ئادەم چۈشىدە نېمە خىيال قىلغانلىقىنى دەپ بېرەلمەيدۇ، ئەمما نېمە دېگەنلىكىنى، نېمە قىلغانلىقىنى خاتىرىلەپ بېرەلەيدۇ.  ئادەم نېمىنى تولا خىيال قىلسا شۇنى چۈشىدە كۆرىدۇ دەيدىكەن، قۇرۇق گەپ، روزاخۇن قاچان شۇ قورقۇنچلۇق ئىشلارنى خىيال قىلىپ باققان؟ بەلكىم شۇنداق پالاكەت ۋە شۇملۇقلارنى ئېھتىماللىق نۇقتىسىدىن خىيالىغا كەلتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ۋەلى پىجۇنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئەينىكىنى چېقىش، ئۇنىڭ پىچىقىدىن ئۆزىنى قاچۇرالماسلىق، دوختۇرخانىغا ئۈلگۈرەلمەسلىك، ئەخلەتخانىغا چۆرىۋېتىلىش…  دېگەنلەرنى زادى ئويلاپ باقمىغان-دە!  ئادەم ئۆزى زادى ئويلاپ باقمىغان، باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان ئىشلارنى چۈشەپ قېلىش باشقا ئادەملەردىمۇ بارمىدۇ ياكى بۇ روزاخۇنغىلا خاس غەيرى ئالامەتمىدۇ؟ روزاخۇن ئۆزىنىڭ نەقەدەر ئاجايىپ مەخلۇق ئىكەنلىكىنى مۇشۇ ۋاقىتتىكىدەك ھېس قىلىپ باقمىغانىدى، يوتقىنىدىن چىقماي تۇرۇپ ئۇشبۇ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈپ ياتىۋەردى. بىر چاغدا ئىشىك تىرىقلاپ تاڭنۇر خېنىم كىرىپ كەلدى، روزاخۇن بېشىنى كۆتۈرۈپ، كارىۋاتنىڭ بېشىغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ سوراقنى باشلىۋەتتى:

— نەگە بېرىپ كەلدىڭ؟

— خالاغا چىقىپ كىردىم.

— شۇنداق ئۇزاق يوقاپ كېتەمسەن؟

— قورسىقىم ئاغرىپ…

— چىقە كارىۋاتقا،— روزاخۇن خوتۇنىنىڭ قولىدىن تارتىپ ئەكىلىپ، يېنىغا ياتقۇزدى، ئاندىن بىردىنلا ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭ قورسىقىغا چىقىۋېلىپ سوراقنى داۋاملاشتۇردى:

— كىمنىڭ قېشىغا باردىڭ؟ راست گەپ قىل!

— ھېچ…

— يۈزۈڭگە سالىمەن بىكار، راستىڭنى ئېيت. ۋەلى پىجۇنىڭ ماشىنىسى نېمىشقا توختىماي لىڭشىيدۇ؟تاڭنۇرنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى.

— سەن پاسكىنا مېنى كۆرمىدى دەپ قالما، بارغان بولسام ھەر ئىككىڭنىڭ بوينىنى ئۈزۈپ تاشلايتتىم، خۇن داۋاسىغا قالماي دەپ ئۆزەمنى تارتتىم،  سەن شاۋچىلارنى  دەپ تۈرمىدە ياتقۇم يوق. ھازىردىن باشلاپ لاقا-لۇقاڭنى كۆتۈرۈپ بۇ ئۆيدىن يوقال!

— نېمە دەيدىغانسەن روزى؟ بىز پەقەت ماشىنىدا پاراڭلاشتۇق، باشقا ئىش قىلمىدۇق!

— يەنە قانداق ئىش قىلساڭ بولاتتى، رەسۋا!

— مېنى بىر قېتىم كەچۈرۈۋەت، ئالدىڭدا يالۋۇراي، نېمە دېسەڭ شۇنى قىلاي، قەرزىڭنى ئۆزەم تۆلەي، باشقىلارنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى قىل!

— سەندە يۈز دېگەن نېمە بارمۇ؟ خەقلەرنىڭ دەۋاتقان گېپى ئازمۇ؟  زادى نېمەڭگە نېمەڭ يەتمەي شۇنداق قىلىسەن؟

— سېنىڭ ئىش ھەققىڭ ئاز، مەن دېگەن نەرسىنى ئېلىپ بېرەلمەيسەن، مېنىڭمۇ باشقا خوتۇنلاردەك يۈرگۈم كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا چېنىپ قالسام بولمايدۇ.

— بىلىمەن، سەن پەس شاۋچى، شۇ لاقا-لۇقاڭنى دەپ نومۇسۇڭنى ساتتىڭ!

— كىم نومۇسىنى سېتىپتۇ، بۇ دېگەن ئادىل مۇناسىۋەت!

— بۇ مۇناسىۋەتنى كىملەر بىلەن قىلىۋاتىسەن؟ ۋەلى ئوغرى، يەنىچۇ؟

— باشقا ھېچكىم يوق.

— ئۇنى يەنە ئېرىم دەپ يۈرەمسەن؟ ئۇنداقتا مەن نېمەڭ؟

— سەنمۇ ئېرىم، لېكىن ئەر-خوتۇنچىلىقتىن باشقا تەلىۋىمنى قاندۇرالمىدىڭ، شۇنداق بولسىمۇ ھاجىتىڭدىن چىقىۋاتىمەن، يېنىڭدىن ئايرىلماي تۇرۇۋاتىمەن، خىزمىتىڭنى قىلىۋاتىمەن. ئەمدى سەنمۇ ماڭا بىرەر قېتىم يول قويساڭ بولمامدۇ؟

— توۋا ما  دەيۈز خوتۇننى، مېنى نېمە چاغلاپ قالدىڭ سەن؟!

— مېنى خوتۇن قىلغاندىكىن تەلىۋىمنى ئورۇنلايسەن-دە؟!

— شۇ  ئۆتمەس ماتا، تۆمۈر-تېسەكلىرڭنى ئېلىپ بېرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن مېنى نومۇستىن ئۆلتۈرەمسەن، پاسكىنا؟

— ئاغزىڭنى چايقىۋېتىپ گەپ قىل قاراگەدەن!

روزاخۇن ئۇنىڭ قېلىن كاچاتلىرىغا ئۇرۇپ ۋاقىرىدى:

— تاقىتىڭ توشتى سەن بۇزۇقنىڭ، كىمگە بۇزۇلغان بولساڭ بېرىپ شۇنى تاپ! خېتىڭنى بەردىم، ئۈچ تالاق!

— ۋاي تېخى، مەنمۇ سەن قەلەندەردىن قۇتۇلغانغا خوش!

— سەن بۇزۇق ئەمدى ماڭا چوشقىدەك ھارام! كۆزۈمدىن يوقال!

— نەگە يوقىلىمەن، سەن يوقال!  بۇ ئۆينى زاكىرە خېنىم مېنى دەپ بەرگەن.

— يوقالمىساڭ كۆتۈڭگە تېپىپ قوغلايمەن.

تاڭنۇر ئۇنىڭغا ئۈمىدسىزلىك، ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ قويۇپ، ۋەلى پىجۇغا تېلېفون قىلدى:

— ۋەي، ۋەلىما، ئادەملىرىڭنى ئېلىپ يېنىمغا چاققان كېلە! ماۋۇ بىر نېمە مېنى ئۆيدىن قوغلاۋاتىدۇ!

ۋەلى پىجۇ دەرھال ماقۇل بولغان بولسا كېرەك، تاڭنۇر ”چاققانراق بولارسەن“ دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

روزاخۇن ۋەلى پىجۇنىڭ پىچاق كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ شۈركىنىپ كەتتى.— دېمىڭ ئىچىڭگە چۈشۈپ كەتتىغۇ؟ چىرايلىق گەپ قىلسام نوچىلىق قىلغاندىكىن، ئەمدى توي! ساڭا دېسەم، بىزدەك خوتۇنلارنىڭ بۇ يەردە ئىككى نەرسىسى بار، بىرى يۆلەنچۈك، بىرى ئويۇنچۇق. ۋەلى پىجۇ ھازىر مېنىڭ داگېرىم، ئۇ بولسا بۇ شەھەردە ھېچكىم مېنى بوزەك قىلالمايدۇ. سەن بولساڭ، ئويۇنچۇقۇم. خالىسام ئوينايمەن، خالىسام تاشلايمەن. ئەمما سېنىڭ مېنى تاشلىۋېتىشىڭگە يول قويمايمەن. ئەگەر شۇنداق قىلىدىغان بولساڭ، ۋەلى پىجۇنىڭ ئادەملىرى ھازىرلا كېلىپ پېيىڭنى قىرقىيدۇ…

روزاخۇن ساراسىمىگە چۈشۈپ، تامدىكى دۇتتارىغا قاراپ قويدى. تاڭنۇر خېنىم بەئەينى نەپسانى ئارزۇ بولۇپ، كىرمەك ئاسان بولغان بىلەن چىقماق تەس ھاڭ ئىدى.  روزاخۇن بۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى تاپالمىدى، غۇرۇر، ۋىجدان دېگەن تىك قىيا، ئېگىز چوققا بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇشەققەت، بۈركۈتتەك جاسارەت لازىم ئىدى. ئاسانلىق، راھەت-پاراغەت خۇددى مۇشۇ ئىپلاس خوتۇننىڭ بەدىنىدەك يۇمشاق، لەززەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭغا پارازىت قۇرتتەك ئۆمىلەپلا چىققىلى بولاتتى.

روزاخۇن ئىككى خىيال ئارىسىدا بوغۇلدى، ھەر قانچە قىلىپمۇ  ئەركەكلىك غۇرۇرىنى دەپ بۇ ئۆينى تاشلاپ كېتىشكە، خوتۇن لەززىتىدىن، دۇتتار نەغمىسىدىن، سورۇن قىزىقچىلىقىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا چىدىمىدى. چۈشىدىكى ئىشلارنى ئەسلىدى:  قورقۇنچ خۇددى پارقىراپ تۇرغان پىچاقتەك يېقىنلاپ كېلىۋاتاتتى، نەپسانىيەت خۇددى مۇشۇ خوتۇنىدەك، مۇشۇ ئاق يىلاندەك چىرمىشىپ،  پاچاقلىرىنى مىدىرلىغۇسىز قىلىۋەتكەنىدى.

روزاخۇننىڭ سالپىيىپ كەتكەنلىكىنى، تەلتۆكۈس مەغلۇب بولغانلىقىنى كۆرۈپ تاڭنۇر ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ كۆكسىنى ياقتى:

— نېمانچە قىلىپ كېتىسەن دەيمەن، قاچان دېسەڭ يېنىڭدا تۇرۇپتىمەن. بىر-بىرىمىزنى چۈشىنىپ چىرايلىق ئۆتۈپ كەتسەك بولمامدۇ؟ شۇنچە خەق ئارىسىدىن كۆڭلۈم ساڭا چۈشۈپتىكەن ساڭا تەگدىم. مۇشۇ ۋاققىچە ئازار بەرمەي كەلدىڭ، كۆڭلۈمنى ئالدىڭ. مەنمۇ سەندىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالدىم. سەندە بار ئاۋاز، سەندە بار ساز كىمدە بار؟ نېمە ئارزۇيۇڭ بولسا قاندۇرىمەن، دەي چىقىرىمەن دېسەڭ پۇل تەييار. مەندە بولمىسا ۋەلىدە بار، ئۇ ساڭا ياردەم قىلالايدۇ، بۇ يەر يۇرتقا ئوخشىمايدۇ، مۇشۇنداق بىر-بىرىمىزنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ ياشىمىساق بولمايدۇ. ئۇرۇش-تالاش قىلىپ، قان چېچىشقۇدەك نېمە بار؟

— توغرا دەيسەن، تالاشقۇدەك نېمە بار…

— سەندىن ئايرىلىشنى خالىمايمەن.

روزاخۇن جاۋاب بەرمەي ئۇنىڭ ئىچ كىيىملىرىنى تارتىپ يىرتىۋەتتى. 

— مەن ئۇلارغا تېلېفون قىلىۋېتەي، ئەمدى كەلمىسۇن،  پەيزىمىزنى قاچۇرۇپ!

روزاخۇن خۇددى جەلق قىلمايمەن دەپ تۇرۇپ يەنە قىلىۋەرگەن كېسەلخۇمار ئادەمدەك ئۆزىنى يوقاتتى، پۇشايمان قىلىشنىڭ ئورنىغا، ھەممىنى ئۇنتۇپ ئۇيقۇغا كەتتى.

***     ***     ***

مەن خېلى تەلەيلىك ئىنسان، ــ دەيدۇ روزاخۇن كۇلىدا ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەپ،ــ ئىككى قېتىم ئۆلۈپ كېتىپ چۈش كۆرگىنىم راست، شۇ چاغدىكى ھالىتىمنى ئەسلىسەم،  ھازىرمۇ قورقىمەن؛ شۇ قارا باسقانچە قوپالماي ئۆلۈپ كېتەر بولغىيمىدىم دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن. بۇنى شۇ تەتەيگە چېقىلىپ قويغاننىڭ كاساپىتى دەپ بىلىمەن. بۇ گۇناھىمنى ھەر قېتىم ئەسلىسەم قورقىمەن، ئۈچىنچى قېتىم جىن چاپلىشىپ ئۆلەرمەنمۇ دەپ  ئەنسىرەيمەن. خۇداغا شېرىك كەلتۈرمەي ئۆلۈپ كەتسەم، خۇدا مېنىڭ شۇ گۇناھىمنى كەچۈرىۋېتەر دەپ ئۈمىد قىلىمەن.

رېستۇراندا تونۇشقان شاراپەت، نازاكەتلەر ئېسىمدىن چىقمايدۇ، ئېسىل قىزلار ئىدى، شاراپەت مىسىرغا چىقىپ كەتتى، نازاكەت ئۈرۈمچىدە ئىشلەۋاتىدۇ. 

كېيىن زاكىرە خېنىم رېستۇرانىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ كىيىم سودىسىغا چۈشۈپ كەتتى، تاڭنۇر خېنىم مەن بىلەن شىنجاڭغا كېتىشكە ئۇنىماي،  ئېرىنىڭ قونچاق مالىيى بولۇپ قالدى.

كورلىلىق بۇرادىرىم ئەرشىدىن رېستۇراننى تاشلاپ شۇ كەتكەنچە ئىز-دېرەكسىز يوقالدى. 

مەن زاكىردە خېنىمدىن قالغان دۇتتارنى ئېلىپ، يۇرتۇمغا قايتىپ، بار پۇلنى دەسمىي سېلىپ ئاشخانا ئېچىۋالدىم. ئايگۇل ئېرىدىن ئاجرىشىپ ئولتۇرۇپتىكەن، ئەلچى قويۇپ ئەمرىمگە ئېلىۋالدىم. ئىككى ئوغلۇم بار، بىر-بىرىدىن يامان، كېيىن بۇلارمۇ كۇلىچى بولۇپ قالامدىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن.

ھازىرمۇ ئانچە-مۇنچە چېلىپ تۇرىمەن، مەسچىتكىمۇ بېرىپ تۇرىمەن. ئىلگىرى مۇساپىرلىقتا كۈندە دېگۈدەك چالغان بىلەن، بۇ يەردە ئەل-ئاغىنىلەر ئارا مۇڭداشقاندا چالىدىغان گەپكەن. ئىلگىرى دۇتتار چالسام يۇرتۇمنى ئەسلەيتتىم، ھازىر كۇلىنى ئەسلەيدىغان بولۇپ قالدىم، چۈنكى بىر يىلدا بىر نەچچە يىلغا تەڭ كەلگۈدەك ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈپتىمەن، خىلمۇ خىل كىشىلەرنى كۆرۈپتىمەن، گۈزەل ئارزۇ-خىياللار بىلەنمۇ ياشاپتىمەن، ياشلىقتا كاۋاپچىلىق قىلساقمۇ، ساز چالساقمۇ، قىزلارغا چاقچاق قىلساقمۇ، نېمىلا قىلساق يارىشىدىكەن،  مەن ئىجاد قىلغان «ياشلىق» دېگەن ناخشىنى شۇ قىزلار ھازىرمۇ ئاڭلامدىكىن؟!

(تۈگىدى)

بۇ ئەسەر ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەدنىڭ بلوگىدىن ئېلىندى.

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2