كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى
(پوۋېست)
ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد
شۇنداق قىلىپ، روزاخۇن تولا خىيال سۈرۈپ، چۈش كۆرۈپ ھارمىدى؛ گۆش ئالغىلىمۇ بارمىدى، چۈشكە يېقىن كاۋاپداننى ئۆتكۈزۈۋالدى. گۆشنى خۇيزۇ قاسساپلار ئۆزى ئەكىلىپ بېرىدىكەن. كۈندە تۆت-بەش قوينىڭ گۆشى تۈگەيدىكەن. دېمەك، بۇ رېستۇراننىڭ سودىسى ياخشى ئىدى، ئۇ كاۋاپ چىقىرىشنى باشلىۋەتتى. باشقا ئاشپەز ۋە كۈتكۈچىلەر بىلەنمۇ بىر-ئىككى كۈندە تونۇشۇپ كەتتى. ناۋاينىڭ ئىسمى ئەرشىدىن ئىكەن، ئۇنىڭ گېپى بىلەن سەھەردە بىر ۋاق بولسىمۇ نامازنى باشلىۋالدى. بەلكىم، يامان چۈش كۆرمەي دەپ شۇنداق قىلدى، بەلكىم جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋەرسەم ئۇنىڭ قارغىشىغا كەتمەي دەپ شۇنداق قىلدى.
كۈتكۈچى قىزلار ئىچىدە تەتىلدىن پايدىلىنىپ ئىشلەۋاتقان ئىككى قىز بولۇپ، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 لەردە كېلىپ، كەچتە 8 -9 لاردا قايتاتتى. بىرسى ياغلىق چىگەتتى، بىرسى چىگمەيتتى. بۇ قىزلار روزاخۇنغا يېڭىلىق بولۇپ تۇيۇلدى. بۇ يەردە بېقىندى بولۇپ، بۇيرۇقۋازلىق ئىچىدە ئىشلەش ئېغىر كەلگەن چاغدا، شۇ قىزلارغا قاراپ زوقلىنىپ، مەھەللىسىدە قالغان ئايگۇل، باھارگۈللەرنى ئەسلەپ ئولتۇراتتى. قىزلار ”كاۋاپتىن مانچە“ دەپ ئۇنىڭغا ئىش بۇيرۇپ، تەييار بولغان كاۋاپلارنى ئالغىلى كەلگەندە بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىۋالاتتى. تۇرقىدىن تەقۋالىقى چىقىپ تۇرغان سىتودېنت قىزنىڭ ئىسمى شاراپەت بولۇپ، روزاخۇندەك ئادەملەرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىمايتتى ھەم قەتئىي ئوشۇق گەپ قىلمايتتى. يالاڭباش قىزنىڭ ئىسمى نازاكەت بولۇپ، كۆزلىرىدىن دادىللىقى، قىلىقلىرىدىن شوخلۇقى چىقىپ تۇراتتى. ئىشلەمچىلەر بىلەن بۇ داشۆسىڭ قىزلار ئىككى دۇنيا، ئۇ قىزلارمۇ ئۆز ئىچىدىن ئىككى دۇنيا بولۇپ، بىر يەردە ياشاۋاتقان بىلەن بىر-بىرىگە سىغىشمايدىغان ئىنسانلار ئىدى. ئەمما زاكىرە خانىم ئۆزىنىڭ بۇ رېستۇرانىدا ھەممە ئادەمگە تېگىشلىك ئەركىنلىك بەرگەن بولۇپ، پەقەت پۇل ۋە ئىقتىدارنىلا تونۇيتتى. روزاخۇن ئويلايتتىكى، بۇ قىزلار ئىشلەمچىلەرنى ھۆرمەتلەيدۇ، ئەمما چۈشەنمەيدۇ، چۈشىنىشنىمۇ خالىمايدۇ. قىزلار ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان مەۋقەدىكى يىگىتلەرگە ئىنتىلىدۇكى، مەدەنىيەت ساپاسى تۆۋەن بۇنداق قارا گەدەنلەرگە ئەسلا قىزىقمايدۇ. دۇتتار چالغانلىق بىلەن ئۇنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ئۈستۈن بولۇپ كېتەتتىمۇ؟ … مانا مۇشۇنداق پىغانلىق ئويلارغا چۆككەن ۋاقتىدا ئۇ نېمىشقا لاۋبەن بولالمىغاندىمەن، ھېچ بولمىسا بۇ قىزلارنى پۇل بىلەن بولسىمۇ قىزىقتۇرغىلى بولاتتى دەپ ئويلايتتى. كاۋاپچىلىقتىن بىكار بولسىلا ياتىقىغا كىرىپ دۇتتار چالاتتى، ئۆزى بىلەن ئۆزى مۇڭدىشاتتى، ئەمما كۆپ ھاللاردا ئىشتىن قولى بوشىمايتتى. ئارىچىل ۋاقتىدا ياتىقىغا كىرسە ئەرشىدىن ناماز ئوقۇۋاتقان بولاتتى.
كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ ئەرشىدىننىڭ شاراپەتكە قىزىقىپ قالغانلىقىنى سەزدى. دېمىسىمۇ، تەقۋالىق بىلەن تەقۋالىق بىر يەرگە كېلەلەيتتى. ئەمما ئەرشىدىن ئانچە خۇشال كۆرۈنمەيتتى.
— ياغلىق ئارتقان بىلەن تېخى بەزى ئىشلارنى چۈشەنمەيدىكەن،—دېدى ئۇ بىر كۈنى ئاخشىمى،—بىر يۇرتلۇق ئىكەنمىز دەپ قالدىم. بولمىسا بۇ ئىشلارنى ئويلاشمايتتىم.
— مۇھەببەتلىشىپ باقمىغان قىزدۇ ھەقىچان.
— نېمە مۇھەببەت؟ تولا شەيتاننىڭ دېپىنى چالما. مۇھەببەتلەشتى، يۈردى دېگەن گەپ، نىكاھ قىلماي تۇرۇپ بىللە بولدى، بۇزۇلدى دېگەن گەپ. كاللاڭدا يەنە شۇ بۇزۇق ئىدىيە باردە سېنىڭ.
— دېمەك، سەن ھېلىتىن نىكاھ ئوقۇتۇۋالىلى دەپ ئۇ قىزنى قورقۇتىۋېتىپسەن-دە! مېنىڭچە، داشۆسىڭ قىزلار مۇھەببەتلەشمەي تۇرۇپ توي قىلمايدۇ.
— مۇھەببەت دەيدىغان بولسا ياغلىقىنى چۆرۈۋەتسۇن، ئىسلامغا داغ كەلتۈرمىسۇن.
— خەقنىڭ قىزىدا ئېلىشىڭ باردەك گەپ قىلىدىكەنسەن ئەرشىدىن، ھەممە ئادەمنى ئۆزەمدەك بولسۇن دېسەڭ قاملىشامدۇ؟ ئۇمۇ بىر ئادەم، يەنە كېلىپ قىز بالا-دە!
— ھەي جاھىل ، مەن ھەممە ئادەمنى مەندەك بولسۇن دېمىدىم. ئۆزىنى مۇسۇلمان دېگەن ئادەم قۇرئان، ھەدىستىكى ئۆلچەم بويىچە ئىش قىلىشى كېرەك. ئۇ قىزمۇ ياغلىق چىگىپ تەقۋالىق يولىغا ماڭغانىكەن، شۇنىڭغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.
— ئۇ قىزنىڭ ياغلىق چىگكەن گۇناھىغا شۇنداق قىلامسەن؟ چىگمىگەن بولسا قانداق قىلاتتىڭ؟ ئۇ نېمە قىلغانغا سېنىڭ گېپىڭنى ئاڭلاپ سەن دېگەندەك قىلىدىكەن؟
— ئەبۇ لەھەبتىن ئۆتە جاھىل نېمىكەنسەن،—دېدى ئەرشىدىن تېرىكىپ،—تەقۋا ئاياللار تەقۋا ئەرلەرگە خاس، مۇناپىق ئاياللار مۇناپىق ئەرلەرگە خاس. سەن بۇنى بىلمىگەندىكىن، ئاغزىڭنى يۇم.
— ئۆزەڭنى تەقۋا، تەقۋا دەيسەن، قانچىلىك تەقۋالىقىڭنى خۇدايىم بىلىدا ۋاي، ساقال قويۇپ يۈرگەنگە تەقۋا بولىدىغان ئىش بولسا، مەنمۇ قويۇۋالىمەن ئۇنداق ساقالنى!
— سەن تەقۋالىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيسەن، شۇڭا ساقالغا ئېسىلما!
— ئۆزەڭ دەپ باقە قېنى؟
— تەقۋالىق دېگەن ئاللاھتىن قورقۇش دېگەنلىك، سەن ئاللاھتىن قورقمايسەن، شۇڭا ئۇقمايسەن.
— مۇشۇ ئەۋلىيالىقىڭدىن ئەجەپ زېرىكتىم، مېنى ئاللاھتىن قورقمايدۇ دەيدىغانغا نېمە ئىسپاتىڭ بار؟
— كۆرۈنۈپلا تۇرمامدۇ؟ نامازنى تولۇق ئوقۇمايسەن، ھاراق سورۇنىدىن تېخى قالمىدىڭ، ھاراقكەشلەرگە شەيتان نەغمىسى قىلىپ بېرىشتىن يانمىدىڭ…
— لېكىن مەن ئىچمىدىم، ھەم ئىچمەيمەن.
— زورلىسا ئىچىسەن، شۇنداقمۇ؟ دېمەك، سەن خەقنىڭ گېپىدىن قورقۇپ، ئاللاھتىن قورقمىدىڭ. ئاللاھ ھارام قىلغان شۇ نىجىسنى ئىچىشنى تېخى تاشلىمىدىڭ.
— خۇدايىم بۇيرۇغان كۈنى چوقۇم تاشلايمەن، تاشلايدىغان نىيىتىم بار.
— نىيەت بولغانلا ھېسابمۇ؟ سېنىڭ بۇ شىرشىم، سويۇق مىجەزىڭ ئۆزگەرمەيدۇ.
— سەن نېمە بىلىسەن؟ خۇدايىم بۇيرۇسا ئۆزگىرىدۇ.
— خۇدايىممۇ نىيىتىڭگە بېقىپ ئۆزگەرتىدۇ.
— ھە مەن دەۋاتىمەنغۇ، خۇدايىم شۇ نىيەتنى كۆڭلۈمگە سالغانىكەن، ھامان بىر كۈنى ھاراقنى تاشلايمەن، بەش ۋاق نامازنى باشلايمەن.
— نىيەت قىلغان بىلەن ئۇنى قىلىشقا ئالدىرىمىساڭ بىكار!
— مېنى زورلاۋەرمىگەن بولساڭ ئالدىرايتتىم.
— بولدىلا، سەن قاشاڭ گۇيغا گەپ قىلغىچە…
روزاخۇن گەپ قىلىشتىن يالتايغان ئەرشىدىننىڭ چوقۇم شاراپەتنى ئويلاۋاتقانلىقىنى پەملەپ، داۋاملىق ئۇنىڭ يېغىرىنى تاتىلىدى:
— دېمەك، شاراپەتخان ساڭىلا خاس، چوقۇم ساڭا تېگىشى كېرەك، شۇنداقما؟ ئەگەر ئۇ قىزنىڭ ساڭا كۆڭلى يوق بولسا، زورلاپ ئالامتىڭ؟
— مېنى كولدۇرلىتىمەن دېمەي ئۇيقۇڭنى ئۇخلا.
— ئىككىڭلار تېلېفوندا پاراڭلىشىۋاتامسىلەر؟
—…
— ھەي، دېمىسىمۇ، تەقۋا قىزلار بەك پاكىز، چىرايلىق كۆرۈنىدىكەن. ئۇ قىزغا ياغلىق بەك ياراشقان-دە، ئۇچىسىغا كىيۋالغاننى ئابايى دەمدۇق، كىيۋالسا بويلىرى تۈپتۈز، زىلۋا…
— خېلى ئوبدان تاماشا قىلىپسەن دېگىنە! —دېدى ئەرشىدىن ئۆندەرەپ،—سەندەك شەھۋەت كۆز گۇيلارنىڭ پىتنىسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن شۇنداق كىيىىنىدۇ ئۇلار، بۇندىن كېيىن ئۇ قىزغا كۆز تاشلاپ يۈرمە، ئارىمىزدا ھايا بولسۇن.
— نېمە دەيدۇ ماۋۇ، ئۇ قىزنى ئالماي تۇرۇپ بۇنداق دېگىلى تۇرساڭ، كېيىن خېلى ئىش بار ئوخشىمامدۇ؟ مەن ئۇ قىزغا يامان كۆز سالمىدىم، چىرايلىقكەن، قاراپ قويدۇم. خۇدايىم كۆز دېگەننى كۆرۈشكە، كۆڭۈل دېگەننى ئويلاشقا يارىتىپتىكەن. ئەمدى بۇنىمۇ چەكلىۋالساڭ، قانداق ياشىغىلى بولىدۇ بۇ جاھاندا؟!
— شۇڭا دەيمەنغۇ، بۇنداق قىز بۇ شەھەردە مەھرەمسىز يۈرسە بولمايدۇ، چوقۇم بىر ئەرنىڭ پېشىنى تۇتۇشى كېرەك. بولمىسا يامان كۆز، يامان سۆزدىن قۇتۇلالمايدۇ، ھەتتا جەمئىيەتنىڭ يامان تەسىرىگە ئۇچراپ ئىمانىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن.
— سېنىڭچە، داشۆسىڭ قىزلار ئەرگە تېگىۋالمىسا بۇزۇلۇپ كېتەرما؟
— بۇزۇلۇپ كېتىش خەۋپى كۈچلۈك، داشۆ پۈتتۈرگەندىن ساق كەلگىنى قانچىلىك؟ شۇنى ئويلىساڭلا بولىدۇ.
— بۇ گەپچە، ئۇ قىزمۇ ساڭا تەگسىلا ساق يۈرەلەيدىكەن-دە!
— ماڭا تەگمىسىمۇ، ئىشقىلىپ، بىرەر ئەرنىڭ نىكاھىغا ئۆتۈپ ئۆيدە ئولتۇرغىنى ياخشى.
— ئوقۇشىنى قانداق قىلىدۇ؟
— بۇنداق ئوقۇشنى ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ. بىز داشۆدە ئوقۇمىغان بىلەن ئۇ ئوقۇشنىڭ قانداقلىقىنى بىلىمىز. ئوقۇغان بىلەن جانغا ئەسقاتىدىغان نەرسىنى ئوقۇيالمايدۇ، ۋاقىت ئىسراپ قىلىدۇ، مۇھەببەتلىشىدۇ، ئوقۇشىنى تۈگەتسە ئىش تاپالمايدۇ، ھەتتا بىزچىلىك ئىش ھەققى ئالالمايدۇ.
— لېكىن ئۇلارنى بىزدىن جىق نەرسە بىلەمدىكىن دەيمەن.
— بىلىدۇ، قانداق ئويناپ، قانداق پۇل خەجلەشنى بىلىدۇ. خەنزۇچىدا خەت تونۇۋالساڭ، سەنمۇ ئۇلاردىن قېلىشمايدىغان بولىسەن.
— لېكىن ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش، گەپ-سۆزلىرى باشقا قىزلارغا ئوخشىمايدۇ. ئوقۇغاننىڭ پايدىسى -دە!
— ھەممىسى ئوخشاش، ئۇنىڭ ئىچىدە پەقەت شاراپەتلا بولىدۇ، نازاكەت دېگىنىڭ قاچانلا قارىسا چېچىنى شىرنىڭ كاللىسىدەك قىلىپ نايناقلاپلا يۈرىدىغان نېمىكەن.
— دېمەك، ساڭا شاراپەتلا بولىدۇ، ئۇنى خوتۇن قىلىۋالساڭ ئۆيۈڭدىن چىقارماي باقىدىكەنسەن دېگىنە!
— شۇنداق قىلاتتىم، ماڭا تەگكىنىگە چوقۇم رازى بولاتتى. مۇسۇلمان دېگەن ياخشى ئىشلاردا بىر-بىرىگە ھەمدەم بولۇشى كېرەك ، ياخشى ئىشنى ۋاقتىدا قىلمىسا شەيتان ئارىلاپ قالىدۇ. ئەمما بۇ قىز ھېچ تۈزۈك جاۋاب بېرەي دېمەيۋاتىدۇ.
— ئۆيىدىكىلىرىگە مەسلىھەت سالىدىغاندۇ؟ ئاتا-ئانىسى قوشۇلمىسا مىڭ ئالدىرىغىنىڭ بىكار.
— قوشۇلۇپ قالاتتى، ئانىسى يوقكەن، دادىسى تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئادەمكەن، ئۆيدە بالىلىرى جىقكەن. مۇشۇ قىزنىڭ ئۆزى رازى بولسا باشقا ئىشلار ئاسان ئىدى. باشتا نىكاھ ئوقۇتۇۋالاتتۇق، توينى كېيىنرەك قىلساقمۇ بولاتتى.
— بۇ قىز زادى نېمە دەيدۇ؟
— مەن بۇ ئىشنى تېخى ئويلىشىپ باقمىدىم دەپ تۇرۇۋالدى. تېلېفون قىلساممۇ گەپنى ئەپقاچىدۇ.
روزاخۇن ئەرشىدىننىڭ ھېلىقى كۈنى ئەتىگەندە چۈشىدە كۆرگەندەك مۇلايىملىشىپ، ئىچىدىكى گەپلەرنى تۆكۈشكە باشلىغانلىقىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولدى. ئەرشىدىننىڭ دېگەنلىرى قانچە توغرا بولسۇن، كۆرۈشۈپ، تونۇشۇپ بىرەر ئايچە بولمىغان قىزغا ئۆيلىنىش تەكلىپى قويسا، تېخى تۈزۈك مۇھەببەتلىشىپمۇ باقمىغان قىز (روزاخۇن شۇنداق قارايتتى) چۆچۈپ كەتمەمدۇ؟
— ئۇ قىز تېخى ئوقۇش پۈتتۈرمىگەن تۇرسا،—دېدى روزاخۇن بۇ ئىشلارغا چىن دىلىدىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقاندەك — سەن سەل ئالدىراپ قالدىڭمۇ قانداق؟
— ئالدىرىمىساق بولامدۇ، كېلەر يىلى پۈتتۈرىدىكەن ئوقۇشىنى، 22 ياشقا كىرىپتۇ، بويىغا يېتىپ ئېشىپ كەتتى دېگەن گەپ. بۇنىڭغا ۋاقتىدا ئىگە چىقمىساق بولمايدۇ.
— شۇنچە ئالدىرىغان ئادەم نەچچە ۋاقىتتىن ئۆيلەنمەي نېمە ئىش قىلغان بولغىيدىڭ؟
— بىر ئۆيلەنگەن، دىيانىتى يوقراق چىقىپ قالدى، گەپ قىلسام ياندى، ئاچچىقىمدا سۆزىنى بېرىۋەتكەن.
— شاراپەت بۇنى بىلىپ قالسا ساڭا تېخىمۇ تەگمەيدۇ -دە!
— سۇخەنچىلىك قىلاي دەمسەن؟ سەندەك گۇيغا ئىشەنگەن مەنمۇ ئەخمەق! باياتىن بېرى دېپىڭغا ئۇسسۇل ئويناپتىمەن-دە! ۋاي، ئادەم بولمايدىغان گۇي!
— يەنە تىللىغىلى تۇردۇڭغۇ،— دېدى روزاخۇن كۈلۈپ،— شۇ قىزنى ئېلىشىپ بەرسەم كۆڭلۈڭ تىنىدىغۇ سېنىڭ.
روزاخۇن ئاغزىدا ئۇنداق دېگىنى بىلەن كۆڭلىدە ئەرشىدىننىڭ ئۇ قىزغا ئېرىشەلمەسلىكىنى تىلەيتتى. قىزنىڭ ئۇنىڭغا ماقۇللۇق جاۋاب بەرمەيۋاتقانلىقىنى بىلگەنچە ئۇنىڭغا ھۆرمىتى قوزغىلاتتى. قىز ئادەتتە رېستۇراندا شۇنچىلىك ئالدىراش يۈرەتتىكى، بىر دەم بىكار بولۇپ ئولتۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرگىلى بولمايتتى، پەقەت ناماز ۋاقتىدىلا كۈتكۈچى قىزلارنىڭ ياتىقىغا كىرىپ نامىزىنى ئوقۇپ چىقاتتى. ئۇنىڭ تەسىرى بىلەن بىر قانچە قىزنىڭ نامازنى باشلىۋالغانلىقى مەلۇم بولدى، ھەتتا بىرسى بېشىغا ياغلىق ئارتتى. زاكىرە خانىم بۇنىڭغىمۇ مەيلى دېدى، بەلكى خاتىرجەم بولدى. چۈنكى قىزلار تەقۋالىققا بىر قەدەم يېقىنلاشسا، قالايمىقان ئىشلاردىن، گۇناھ، پالاكەتتىن بىر قەدەم يىراقلىشاتتى؛ جەمئىيەتتە ئېقىپ يۈرۈيدىغان ئېزىتقۇلاردىن__ ئاقچى، يانچۇقى، قويمىچىلاردىن نېرى تۇراتتى.
شاراپەت بىر قانچە كۈن ئىشقا كەلمىۋىدى، روزاخۇننىڭ ئىچى پۇشتى، ھەتتا بىر نەرسىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك بىئارام بولدى. قىزنىڭ ھايالىق، ئويچان كۆزلىرىنى، كۈندە تەكرارلانسىمۇ يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان سۆزلىرىنى ئەسلىدى:
— كاۋاپتىن ئون…
— مانا ھازىر.
قىز بىر دەمدىن كېيىن كېلىدۇ:
— تەييار بولدىمۇ؟
— بىر مىنۇت تەخىر قىلىڭ.
ئارىلىقتا قىزغا بىر قارايدۇ، ئەمما ئۇزاق قارىيالمايدۇ، ئەرشىدىننىڭ ھېلىقى گەپلىرىنى ئويلايدۇ، ئويلىغانچە قىزغا تېخىمۇ قارىغۇسى كېلىدۇ. كاۋاپ تەييار بولغاندا پەتنۇسقا ئالىدۇ.
— ئاۋايلاپ تۇتۇڭ، قولىڭىز كۆيۈپ قالمىسۇن.
— ئەنسىرىمەڭ.
قىز يېقىملىق كۈلۈپ قويۇپ ماڭىدۇ، روزاخۇن كەينىدىن قاراپ قالىدۇ.
روزاخۇن نازاكەتتىن شاراپەتنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى بىلىپ، نازاكەت ئىشتىن چۈشكەندە ئون زىخ كاۋاپنى ئىككى نانغا سېرىپ ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ قويدى، ئەتىسى نازاكەت 30 سومنى كۆتۈرۈپ كەلدى.
__ نېمە بۇ؟
__ شاراپەت بېرىپ قويۇڭ دېدى.
__ مەن كېسەل يوقلىدىم، كاۋاب ساتمىدىم __ دېدى روزاخۇن ئاچچىقلىنىپ.
__ بۇنى ئۆزىگە دەڭ.
__ نېمىشقا بۇنداق قىلىدۇ بۇ قىز؟
__ كىشىنىڭ ھەققىنى يېمەي دېگەندۇ؟
__ مېنى باشقىچە چۈشىنىپ قالدىمۇ نېمە؟
__ قانداق چۈشىنىپ قالىدۇ؟
__ مېنىمۇ ئەرشىدىن بىلەن بىللە دەپچۇ؟
__ ئەرشىدىن، ھە ھېلىقى ناۋاي ئاكاش. ئۇ نېمە بوپتۇ؟
__ بولدى سورىماڭ، ھېچ گەپ يوق.
__ ئىككىڭلار مېنىڭ ساۋاقدىشىمغا بىر قانداق گەپ قىلىپ يۈرمىگەنسىلەر-ھە؟
__ سىلەردەك داشۆسىڭ قىزلارغا بىز نېمە دېيەلەيتتۇق؟
__ ۋاي تېخى، داشۆسىڭ بولسا نېمە بوپتۇ، بەرىبىر سىلەرگە ئوخشاش ئىشلەيدىغان گەپ.
__ لېكىن سىلەر دېگەن بىلىملىك-تە.
__ قويۇڭ ئاكا بۇنداق گەپلەرنى. بىز تۆت تامغا سولىنىپ دەرس ئاڭلاپ ئۇخلاپ يۈرگەن بىلەن سىلەر جەمئىيەتتە جىق ئىشلارنى كۆرىسىلەر. جەمئىيەت دېگەنمۇ بىر داشۆ. مەن بۇ يەرگە قىيىنچىلىق تارتىپ ئەمەس، جەمئىيەت كۆرەي دەپ كەلدىم.
__ نېمىنى كۆردىڭىز بۇ ئاشخانىدىن؟
__ كۆپ ئىشلارنى. بۇ يەرگە خەنزۇمۇ كېلىدۇ، چەت ئەللىكمۇ كېلىدۇ. ئويلىمىغان ئىشلارنى كۆرىمىز. بۇ رېستۇراننى بۇنداق كىچىك ئاشخانا دەپ قالماڭ، رېستۇراننى قەشقەردىن ئۇستىلار كېلىپ بېزەپتىكەن، كارامەت چىرايلىق. تاماقلارمۇ شۇنداق تەملىك. بۇ يەر بىزنىڭ مەدەنىيتىمىزنى خەقلەرگە كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەينەك، خەقلەر مۇشۇ ئەينەكتىن بىزنى كۆرىدۇ، بىزنى باھالايدۇ. سىزمۇ ئۆزىڭىزنى ئاددىي كاۋاپچى دەپ قالماڭ، سىز پىشۇرغان كاۋابلاردا بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيىتىمىز بار. شۇڭا بۇ ھۈنەرنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك.
روزاخۇن بۇ ساۋاش قىزنىڭ ئىلمىي پاراڭلىرىدىن ئەيمىنىپ قالدى:
__ ئوقۇغان دېگەن يەنىلا باشقىچە-دە، بىز ئۆز قەدرىمىزنى ئۆزىمىز بىلمەي يۈرۈپتۇق.
__ بۇ دېگەنلىرىم ئالاھىدە سەۋىيە كېتىدىغان گەپ ئەمەس. ئەقلىمىزنى بىر ئاز ئىشلەتسەك، بىر ئاز ھوشيار بولساق جىق نەرسىلەرنى بايقىيالايمىز ھەم ياخشى ياشىيالايمىز. بۇ جەمئىيەتتە ياشاش ئۈچۈن چوقۇم بىلىم، سەۋىيە كېرەك؛ ئەمما تەجرىبە-ساۋاق تېخىمۇ مۇھىم، بولۇپمۇ بىز ئۈچۈن.
__ توغرا دەيسىز، مەنمۇ كۇلىغا چىقىپ جىق ئىشلارنى كۆردۈم. بىرسىنىڭ ئاق چېكىپ ئۆلگىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە چېكىدىغانلار بار ئەمەسمۇ؟ ئاق ساتماڭلار دەپ تۇرسا سېتىپ، بىر-بىرسىنى چېقىپ تۈرمىگە كىرىپ كەتكەن، ئېتىلىپ كەتكەنلەرچۇ تېخى! ئېشەك جېنىدا بىر قېتىم پۇتلاشقان يەرگە قايتا دەسسىمەيدىغۇ؟ شۇلارنى ئويلىسام، بىز زادى ئادەم بولمايدىغان خەق ئىكەنمىز دەپ ئېچىنىپ كېتىمەن، قوشاق توقۇپ ناخشىلار ئېيتىپ باقىمەن. ئەمما ناخشامنى ئاڭلاپ بىرەرسىنىڭ ئادەم بولغىنىنى كۆرمىدىم.
نازاكەت كۈلۈپ كەتتى:
— شېئىر ئوقۇپ، ناخشا ئاڭلاپ ئادەم بولىدىغان ئىش بولسا، بىز خەق ئاللىقاچان ئەڭ ئېسىل مىللەت بولغان بولاتتۇق ئاكا! بىزدە نېمە تولا پەندى-نەسىھەت، ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن قالغىنىمۇ شۇ پەندى-نەسىھەت. بىر نەرسىنى ئاڭلاۋەرسىە قۇلاققا خوش ياقمىغاندەك، ئارتۇق ۋەز-نەسىھەتمۇ بىزگە زىيان قىلىدىغان ئوخشايدۇ.
— خۇددى ئېشى ئارتىپ كەتكەن ئادەمگە ئاش زىيان قىلغاندەك دەڭا…
— بىر ئادەمنىڭ ئادەم بولۇشى گەپكە ئەمەس، ئەمەلىي نەپكىمۇ باغلىق، ئادەم دېگەن ئۆزىگە پايدىلىق نەرسىنى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ، مەسىلە شۇ نەرسىنى قوبۇل قىلدۇرىدىغان مۇھىت ۋە شارائىتتا.
— سىز بىلەن پاراڭلىشىپ كاللام خېلى ئېچىلىپ قالدى،—دېدى روزاخۇن نازاكەتكە ھۆرمەت بىلەن تىكىلىپ.
— ياخشى، كاللىڭىز خېلى ئوچۇق بولغاچقا شۇنداق. مېنىڭمۇ سىزنىڭ دۇتتىرىڭىزنى، ناخشىڭىزنى ئاڭلىسام كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالىدۇ. قوشاقلارنى ئۆزىڭىز توقۇيدىكەنسىز، ناخشىنىمۇ چاڭ كەلتۈرۈپ ئوقۇيدىكەنسىز.
— رەھمەت.
— سەھنىگە چىقسىڭىزمۇ چانمىغۇدەكسىز، ئەگەر مەكتەپتىكى پائالىيەتلەرگە تەكلىپ قىلساق قاتناشامسىز؟
روزاخۇن ھاياجانلاندى، ئوڭايسىزلاندى، تەمتىرىدى:
— قانداق بولىدۇ، مەن يا كەسپىي ئارتىس ئەمەس.
— كەسپىي ئارتىسلار، چولپانلار ئۆز خالاپ كەلسە سەھنە تەييار. پۇل دەپ قالسا ئۇنىڭ ھەققىگە مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچى بالىلار چىقىشىپ بولالمايدۇ. شۇڭا ئىشتىن سىرتقى ناخشىچى، سازەندىلەرنى تەكلىپ قىلىمىز.
— قاتنىشىپ باقسام باقاي، ئەمما ناخشىلىرىم مەكتەپكە يارىمامدىكىن دەيمەن.
— ئۇنىڭ ئىشىنى ئۆزىڭىز قىلىسىز، بىرەر خەلق ناخشىسىنى ئوقۇسىڭىزمۇ بولىدىغۇ.
چۈشتىن كېيىن ئىككىلەردىن كېيىن رېستۇراندا ئادەم ئازلاپ قالاتتى. ئەرشىدىن پېشىن نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، ناۋايخانىغا چىقىپ نان سېتىپ ئولتۇراتتى. روزاخۇن زىخقا كاۋاپ ئۆتكۈزۈش بىلەن مەشغۇل بولاتتى، بەزىدە نازاكەت كېلىپ ياردەملەشكەچ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشاتتى. نازاكەت ئۇنىڭ بىلەن خۇددى جەمئىيەت تەكشۈرۈۋاتقان ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلاردەك سۆھبەتلىشەتتى، روزاخۇنمۇ ئۆتكەن كەچمىشلىرىنى، كۇلىغا چىقىپ كۆرگەن ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى دەيتتى. شۇنداق قىلىپ ئۆزىدە بار گەپنىڭ ھەممىسىنى، بىرلا تەتەيخانغا چېقىلىپ قويغاندىن باشقا ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى نازاكەتكە سۆزلەپ بەردى. نازاكەت ئۇنىڭ گەپلىرىنى دىققەت بىلەن ئاڭلىدى، ئۇنى چۈشەندى، ھېسداشلىق قىلدى، چاقچاق قىلىپ كۆڭلىنى ياسىدى. ئىككەيلەن شۇنداق چىقىشىپ كەتتىكى، ھەتتا روزخۇن ئۇنى ياتىقىغا تەكلىپ قىلىپ دۇتتار چېلىپ بەرگۈدەك دەرىجىگە يەتتى. روزاخۇن سەھنىگە يارىغۇدەك خەلق ناخشىلىرىدىن ”گۈلمەرەم“، ”لەۋلىرىجان“، “ ئاتۇشۇڭغا بارغۇنچە“ دېگەنلەرنى ئېيتىپ بەردى. يېنىدا بىر قىز ئېڭەك يۆلەپ ئولتۇرسا قايسى دۇتتارچىنىڭ پەيزى تۇتمىسۇن، قايسى ناخشىچىنىڭ ئاۋازىغا جان كىرمىسۇن؟ قايسى شائىرنىڭ ياكى قوشاقچىنىڭ ئىلھامى تۇتمىسۇن. ئۇ ئادەتتىمۇ ماھىر سازەندە ئىدى، دۇتتار چالسا قوللىرى دۇتتارنىڭ قورسىقىغا تەگمەيتتى، تارىنى ئەۋرىشىمدەك ئوينىتاتتى، زىل بوم تارىلاردىن شوخ كۈيلەرنى جاراڭلىتىپ يۈرەكتە ھاياجان قوزغىتاتتى.
— سورۇنغا تاماق توشۇپ يۈرۈپ تۈزۈك ئاڭلىماپتىكەنمەن، قېشىڭىزدا ئولتۇرۇپ ئاڭلىسا باشقىچە تۇيۇلىدىكەن جۇمۇ…
— سورۇندىكى ناخشىلارنى ئاڭلىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، مېھمانلارنى دەپ مۇنداقلا ئېيتىپ قويىمىز.
— لېكىن ئاڭلاپمۇ قالدىم.
— قايسى ناخشىنى ئاڭلىدىڭىز؟
— بۇلغانغان قىزلار دېگەن ناخشىڭىزنى.
روزاخۇن ئوڭايسىزلىنىپ كەتتى:
— سىز ئاڭلىسىڭىز بولمايدىغان ناخشىتى ئۇ…
— نېمىشقا؟ جەمئىيەتتە بۇنداق قىزلار ئازمۇ؟
— مەن ئۇنى ئۆمەرجان ئالىمنىڭ ”ئىسىت سۇلار، بۇلغانغان سۇلار“ دېگەن ناخشىسىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئېيتقان.
— ئۆمەرجان ئالىم يوشۇرۇن مەنىلىك ئېيتقان بولسا، سىز ئاشكارە ئېيتىپسىز.
— لېكىن بۇ ناخشىنى قىزلار بار يەردە ئوقۇسا ئادەم خىجىل بولۇپ قالىدىكەن.
— نېمىدىن خىجىل بولىسىز، قورسىقىڭ ئاغرىمىسا تاۋۇز يېيىشتىن قورقما دەپتىكەن.
— ئۇغۇ شۇ، لېكىن…
— ئەگەر ئوقۇپ بەرمىسىڭىز، ماڭا قاراتقان دەپ چۈشىنىپ قالىمەن.
— مەيلى ئەمىسە.
روزاخۇن شۇ ناخشىنىڭ ئاھاڭىغا كەلتۈرۈپ ناخشىسىنى باشلىدى:
قېنى قېنى سېنىڭ پاكلىقىڭ،
قېنى قېنى سېنىڭ ئاقلىقىڭ.
يىغلاشلىرىڭ نالەڭمۇ ياكى،
ئىسىت قىزلار، بۇلغانغان قىزلار.
سۆيۈپ قويسام مايلىدىڭ لەۋنى،
تۇتۇپ قويسام ئەپقاچتىڭ بەلنى.
يۇقتۇرۇپسەن ئەيدىز كېسەلنى،
ئېسىت قىزلار، بۇلغانغان قىزلار.
قېنى پاك دەپ سېنى ئويلىشىپ،
يەتكەنلىرىم سېنى قوغلىشىپ،
قالالمىدىم ئاخىر تويلىشىپ،
ئىسىت قىزلار، بۇلغانغان قىزلار.
— قايسى كۈنى ئانچە-مۇنچە ئاڭلاپ قالغان، ئەمدى تولۇق ئاڭلىدىم. مېنىڭچە بۇ ناخشىنىڭ بولمايدىغان يېرى يوق. ئەمما خەقنىڭ ناخشىسىنى ئۆزگەرتىپ ئوقۇش ياخشى ئىش ئەمەس. چۈنكى خەقنىڭ نەرسىسى دەڭا، شۇڭا بۇندىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى، قوشاقنى ئۆزىڭىز توقۇپ، ئاھاڭىنى ئۆزىڭىز كەلتۈرۈڭ. خەقنىڭكىنى دوراپ ياكى بۇزۇپ ئوقۇغاندىن، ئۆزىڭىز ئىجاد قىلسىڭىز ياخشى. شۇنداق قىلغاندا كەلگۈسىدە بىر مۇزىكانت ياكى ئىجادىيەتچى بولۇپ چىقالايسىز.
— تەلىم بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.
— تەنە قىلىۋاتمايدىغانسىز؟
— ياقەي، سىز ماڭا شۇنداق ياخشى گەپ قىلىۋاتقان تۇرسىڭىز.
— سىز ئۆمۈر بويى خەققە مۇشۇنداق دۇتتار چېلىپ بېرىپ ئۆتمەيسىز دەڭا! ئادەم دېگەن ئۆزىنى ئۆزگەرتىشى، تېخىمۇ ئېسىل ئادەم بولۇشقا تىرىشىشى كېرەكقۇ؟ سىزدە تالانت بار، بىراق مۇزىكانت بولۇشقا ئىشەنچىڭىز كەم. مۇشۇنى تۈگەتسىڭىز سىزدە ئۈمىد بار.
— رەھمەت، مەن تىرىشىپ باقاي.
شۇ ئەسنادا ياتاققا شەرىپىدىن كىرىپ ئىككەيلەنگە چەكچىيىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
— مۇشۇ ئاكاشنى كۆرسەم قورقىمەن، ئادەمنى سۈر باسىدۇ __ دېدى نازاكەت ئورنىدىن قوپۇپ،__ مەن چىقاي، ناخشىڭىزنى كېيىن ئاڭلارمەن.
روزاخۇن ئەرشىدىننىڭ قىلىقىدىن بىزار بولدى، ئەمما بۇ ياتاق يالغۇز ئۆزىنىڭ ئەمەس-تە.
— ئەمىسە كىرىپ تۇرارسىز،— دېدى ئۇ نازاكەتنى ئۇزىتىپ چىقىۋېتىپ.
بىر دەمدىن كېيىن ئەرشىدىن كىرىپ ئۇنىڭغا بايىقىدىن بەكرەك چەكچەيدى:
— ئىككىڭ بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىشىۋاتىسەن؟
— نېمە ئىش قىپتۇق؟
— ناماز ئوقۇيدىغان يەرنى بۇلغىماقچىمۇ سەن؟
— تۈزۈك گەپ قىل ئەرشىدىن،— دېدى روزاخۇن ئۇنىڭ مۇشۇنداق دەيدىغانلىقىنى پەملەپ،__ ئادەمگە تۆھمەت قىلما.
— بىر ئەر بىلەن بىر ئايال يالغۇز قالغاندا ئۈچىنچىسى شەيتان! بىلەمسەن شۇنى!
— بىلمەيدىكەنمەن.
— جاھىللىق، نادانلىق دېگەن مانا شۇ. مەن شۇ شەيتاننىڭ پوقىنى يېمەي دەپ، شاراپەتنى بىرەر قېتىممۇ بۇ ياتاققا تەكلىپ قىلمىدىم.
— لېكىن قىز بالا بىلەن يالغۇز قالغانغا بىر ئىش بولۇپ كېتەمدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز يا مۇھەببەت ئەمەس.
— مۇھەببەتلىشىپ ئاندىن زىنا قىلماقچىمىدىڭ؟
— كىم زىنا قىلىمەن دەپتۇ، ئېغىزىڭغا بېقىپ سۆزلە! — دېدى روزاخۇن ئاچچىقلىنىپ،— قىز بالا دېگەنمۇ غۇرۇرى بار نېمە، بېرىپلا باسماقداپ يۇڭۇزلاپ قويىدىغان توخۇ ئەمەس!
— لېكىن دىققەت قىل! ئېشەك مىڭ يىلدىمۇ ئادەم بولالمايدۇ. لېكىن ئادەمنىڭ ئېشەك بولمىقى بەك ئاسان.
بۇ گەپتىن روزاخۇن جىمىپ قالدى، دېمىسىمۇ توغرا، تەتەيخانغا قاراپ نىيىتىنى بىر بۇزىۋىدى، ئادەمدىن بىر دەمدە ھايۋانغا ئايلاندى. ھازىر ئويلىسا، بۇنىڭغا ئۆزىمۇ ھەيران. بەلكىم تەتەيخاننى ئىشلىتىۋېرىپ ئۇنى پەس كۆرىدىغان، غۇرۇرى يوق ئىنسان دەپ ئويلاپ قالغان، ھەتتا ئۇنى ئىنسان ئەمەس ، خالىغانچە مىنسە، نەپسىنى قاندۇرسا بولىدىغان بىر مەخلۇق دەپ ئويلاپ قالغاندۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمۇ ئادىمىي ھايۋانغا ئايلانغاندۇ…
بۇ قاباھەت، بۇ گۇناھنى ھەر قېتىم ئېسىگە ئالسا ئۇنىڭ تېنى شۈركىنىپ، چىرايى تاتىرىپ، دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتەتتى. ئەرشىدىن بۇنى بىلمەي، گېپىم ئۇنىڭغا بەك تەسىر قىلىپ كەتتى دەپ ئويلاپ سۆزلەۋەردى:
— يالغۇز قالغاندا نېمە ئىشلارنى قىلغۇڭ كەلمەيدۇ، بۈگۈنى ياتاققا ئەكىرسەڭ ئەتە ئۇنى پوكانغا باسقۇڭ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ياتاقنى بۇلغايسەن. بۇ ماڭا ھاقارەت ئەمەسمۇ؟ ھازىر ئىككىڭنىڭ ئۈستىدە گەپ جىق. بۇندىن كېيىن دىققەت قىل، ئىمانسىز قىز شەيتان بىلەن ئوخشاش، ئۇنى سېنى ئازدۇرۇپ ئاخىر تاشلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈۋاتىمەن دەپ خام خىيال قىلما، ئۇ سېنىڭ خىلىڭ ئەمەس، ئۇمۇ ساڭا ئاش بولمايدۇ، بەلكى گېلىڭغا تۈرۈپ قالىدىغان سۆڭەك بولىدۇ. شۇڭا ۋاقتىدا ئۇنى تاشلىۋەت…
روزاخۇن گەپ قىلماي ياتاقتىن چىقىپ كەتتى، ئەرشىدىن تاھارەت ئېلىپ ئەسىر نامىزى ئوقۇدى. ئىككەيلەن گەپ تالىشىپ قالغاندا، ئەرشىدىن ئىمان-ئىسلامدىن گەپ قىلىپ ئۇنىڭغا تەنبىھ بەرگەندە ئۇ دائىم ئاشۇ گۇناھىنى ئەسلەپ، پەسكويغا چۈشۈپ، خۇدادىن مەغپىرەت تىلەپ جىمىپ قالاتتى. بۇ قېتىم تالاغا چىقىپ مەقسەتسىز ئايلاندى. تاماكا چەككۈسى كەلدى، ئەمما تاماكىنى تاشلىغىلى ئۇزاق بولغانىدى. يىراققا بارمىدى، نەگە بارالايتتى؟ ئادەم دېگەن خۇددى ئەينەك قاچىدىكى بېلىققا ئوخشايدۇ، ئۆزى كۆنگەن كىچىك دائىرىدىن ئاسان چىقالمايدۇ. زاكىرە خانىم ئۇنى رېستۇرانغا بەنت قىلىۋەتتى. ئۇنى يەنە رېستۇران جەلپ قىلىدۇ. شاراپەت، نازاكەتلەر ئۇنىڭ مەيلىنى تارتىپ تۇرىدۇ. قىزلار چۈشلۈك تامىقىنى رېستۇراندا يەپ، بىر دەم ئارام ئېلىپ، ھازىر يەنە ئىشقا چىقتى، جوزىلارنى سۈرتۈش، ئورۇندۇقلارنى جايىغا قويۇش، ئاندا-ساندا كېلىدىغان خېرىدارلارنى كۈتۈش بىلەن ئاۋارە.
روزاخۇن كاۋاپچىلىق قىلغاندىن بېرى بۇ رېستۇران ئاۋاتلىشىپ كەتتى. مەززىلىك كاۋاپ پۇرىقى يولدىن ئۆتكۈچىلەرنىڭ ئىشتىھاسىنى داۋاملىق قوزغايتتى، ئۇلار ھە دەپ كاۋاپ يەلپۈپ، زىخلارنى ئۆرۈپ-چۆرۈۋاتقان كاۋاپچىنى كۆرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي كاۋابلىرىنى تېتىش ئۈچۈن رېستۇرانغا كىرىپ، بىر جېنىغا ئون، ھەتتا يىگىرمە زىخ كاۋاپ بۇيرۇتۇپ، ئاچ قالغان بۆرىدەك يەيتتى. رېستۇراننىڭ كۈندىلىك تاپقان پايدىسى ئىچىدە كاۋاپنىڭ پايدىسى خېلىلا يۇقىرى ئىدى. بۇنى زاكىرە خانىم ئوبدان بىلەتتى، ئەمما روزاخۇننىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بەرمىدى. روزاخۇن بۇنىڭ بىلەن بەك ھېسابلىشىپ كەتمىدى، چۈنكى كۈنلىرى داشۆسىڭ قىزلار، سورۇندىكى قىزىقچىلىقلار بىلەن خېلى مەنىلىك ئۆتۈۋاتاتتى؛ ھازىرقى دىققەت مەركىزى پۇلدا ئەمەس، يېڭى خىيال، يېڭى ئارزۇ ۋە ئاجايىپ كۆڭۈل سىرلىرىدا ئىدى.
بىر كۈنى روزاخۇن ئىشقا چىقاي دەپ تۇراتتى، بىرسى ئىشىكنى چەكتى. قارىسا نازاكەت، چىرايىدا مۇھىم ئالامەت. ئەقىللىق قىز ھەممە ئىشنى بىلىپ بولغانىدى، شۇڭا ئۇنىڭ ياتىقىغا كىرمىدى. روزاخۇنمۇ ئۇنى ياتاققا تەكلىپ قىلالمىدى.
— بۇ خەتنى ئەرشىدىنگە بېرىپ قويسىڭىز، ئۇ ئاكاشنى پەقەت كۆرگۈم يوق.
— نېمە خەت بۇ؟
— شاراپەتنىڭ خېتى. ئۆزى ئەمدى رېستۇرانغا كەلمەيدىغان بولدى. مەنمۇ بىر ھەپتىدىن كېيىن كەلمەيمەن.
— شۇنداق قىلىپ تەتىلىڭلار توشۇپ كەتتى، ئەمدى كەلمەمسىلەر؟
— كېلەرمىز تاماق يېگىلى.
نازاكەت خەتنى ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ، باشقا گەپ-سۆز قىلماي كېتىپ قالدى؛ ئۇ خەتكە قاراپ تۇرۇپ قالدى. كونۋېرت يەملەنگەن بولۇپ، ئىچىدە ئەرشىدىننى ئەرەختەن-پەرەختەن قىلىدىغان جىق گەپلەر يېزىلغاندەك تۇراتتى.
ئەرشىدىن ئۆزىنى ئوقۇغان، بىلىملىك ھېسابلىغاچقا، ئىمانىغا تولىمۇ ئىشەنگەچكە بۇ قىزغا تەلەپ قويالىغان گەپ. ئەرشىدىنگە ماقۇل دېگەنمىدۇ بۇ قىز؟ قاراپ تۇرۇپ ئۇنىڭ خوتۇنى بولۇپ كېتەرمۇ؟ بەزىلەرنىڭ خوتۇن تاپمىقى نېمانچە ئاسان؟ بىرەر تېلېفون، بىرەر ئۇچرىشىش، لاپ سېتىش، بىرەر سوۋغا، يالغان ۋەدىلەر بىلەنمۇ قىزلارنى كەلتۈرۈۋالىدىغان نوچىلار تولا…
روزاخۇننىڭ خەتنى ئەرشىدىننىڭ كارىۋىتىغا مۇنداقلا تاشلاپ قويغۇسى كەلمىدى، كۈچلۈك بىر ۋەسۋەسە ئىلكىدە تەۋرىنىپ، خەتنى ئەمەس، شۇ قىزنىڭ نازۇك قوللىرىنى تۇتۇپ تۇرغاندەك ھاياجانلاندى، خەتنى ياستۇقىنىڭ ئاستىغا تىقىپ، بىر دەم ئوڭدا يېتىپ خىيال سۈردى، ماڭا يازغان بولسىچۇ؟ بەلكىم ماڭا ئائىت گەپلەرمۇ باردۇر؟ …ئۇ خەتنى بىر دەم ئۆرۈپ-چۆرۈپ، سىلاپ ئولتۇرۇپ كەتتى، خەتنى ئېچىپ ئوقۇۋېلىش خۇددى شۇ قىزنىڭ كۆينىكىنى قايرىغاندەك نومۇس ئىش، ئەمما ئوقۇۋالمىسا مۇھىم بىر مەخپىيەتلىكتىن خەۋەرسىز قالىدۇ، ئۇ قىزنى ھەم ئەرشىدىننى چۈشەنمەي قالىدۇ، چۈشەنمىسە ياتلىشىپ كېتىدۇ.
ئۇ كاللىسىغا كىرىۋالغان بۇ كۈچلۈك ئىستەكنى قاندۇرمىسا ئېلىشىپ قالىدىغاندەك ئالدىراپ، ئەرشىدىن كېلىپ بولغىچە بۇ خەتنى ئوقۇۋېلىپ ئۈچۈن كونۋېرتنىڭ ئاستىنى بېرتىۋادا پەم بىلەن كېسىپ، خەتنى سۇغۇرۇپ ئالدى. ئۇ ئۇزۇن ۋاقىت كىتاب، خەت ئوقۇمىغاچقا چالا ساۋاتتەك بولۇپ قالغانىدى. قىزنىڭ دانە، دانە، چىرايلىق خەتلىرىنى خۇددى ئېلىپبەدىكى قوليازما خەتلەرنى ئوقۇغاندەك ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇشقا باشلىدى:
ھۆرمەتلىك ئەرشىدىن ئاكا، سىزگە تېلېفوندا ياكى يۈز تۇرانە تۇرۇپ دېيەلمىگەن ھەم دېيەلمەيدىغان گەپلىرىمنى مۇشۇ خەت ئارقىلىق بىلدۈرمەكچىمەن.
سىز بىلەن تونۇشقاندىن بېرى بىر يۇرتلۇق بولغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس، ئىمانلىق بىر ئۇيغۇر يىگىتى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزنى ئاكام ئورنىدا ھۆرمەتلەپ كەلدىم. ئەمما سىز تونۇشۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كۆڭلىڭىزنى بىلدۈرۈشكە ئالدىراپ، مېنى خىجىل قىلىپ قويدىڭىز. ئەر، ئايال مۇئمىن قېرىنداشلار ئارىسىدا بۇنداق تەلەپ، ئىستەكلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال. ئەمما مەن تېخى ئۇ ئىشلارغا ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق كۆرۈپ بولالمىدىم. يەنە كېلىپ، سىزنىڭ مېنى بىلىپ، چۈشەنمەي تۇرۇپلا، ھەتتا كۆڭۈل دېگەن نەرسىنى قايرىپ قويۇپلا، نىكاھ ۋە تويغا قىستاپ قويۇشىڭىز كاللامدىن ئۆتمىدى. نىكاھ ئارقىلىق ئىمانىمىز، ئەخلاقىمىزنى قوغداپ قالايلى دېگەن نىيەتتە شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلدىم، ئەمما ئىمان، ئەخلاق دېگەن نىكاھ ئارقىلىقلا قوغدىلىپ قالىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئىلىم بىلەن تەقۋالىق بىرلەشكەندە ئاندىن مۇستەھكەم تۇرىدىغان نەرسە.
مېنى ئۆزىڭىزگە لايىق كۆرگىنىڭىزگە رەھمەت، ئەمما ئالدىراپ توي تەلىپى قويغىنىڭىزغا قاراپ، سىزنى قىزىقتۇرغان نەرسىنىڭ بەلكىم چىرايىم، چىگىۋالغان ياغلىقىم، بىر يۇرتلۇق ئىكەنلىكىم…نى ئويلاپ قالدىم. مۇشۇنىڭغا قاراپ ماڭا باھار بەرگەنسىز. ئەمما مېنى تېخى تولۇق چۈشەنمەيسىز، مەنمۇ سىزنى بىلىپ كەتمەيمەن. ئارىدا چۈشىنىش، مۇھەببەت بولماي تۇرۇپ، ئىمانىمىز بولسىلا بولدى دەپ نىكاھ قىلىۋالغان بىلەن، ئاقىۋىتى خەيرلىك بولمايدۇ. تۇرمۇشتا بەختسىز بولۇپ قالساق، بىر-بىرىمىزنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ كېتىمىز، ئىمانىمىزمۇ سۇسلىشىپ كېتىدۇ.
مېنىڭ بىر قانچە دوستلىرىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىنى تۈگەتمەيلا، ئۆزىگە دىن ئۆگەتكەن ياكى توردا تونۇشقان، ئۆزىنى تەقۋا دەۋالغان بالىلار بىلەن توي قىلىپ بىر نەچچە ئايغا قالماي ئاجرىشىپ كەتتى. ئۇلار ھازىر ئۆز ئارمانلىرىنىڭ شۇ نوچىلارنىڭ قولىدا ۋەيران بولغانلىقىنى چۈشەنگىنىدە، ئوقۇشتىن ئالدىراپ ۋاز كەچكىنىگە پۇشايمان قىلىشتى. بەزىلەر بىزدەك قىزلارنى يۇۋاش، مۇلايىم، ئارتۇق تەلىپى يوق، پەقەت بەش ۋاق ناماز ئوقۇيدىغان يىگىت بولسىلا رازى بولۇپ تېگىۋېرىدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئۇنداق ئىش يوق، بىزمۇ ئىماندىن باشقا يەنە كۆڭۈل، رازىلىق تەلەپ قىلىمىز. ئاتا-ئانىنىڭ رازىلىقىنى ئالماي، توي مەرىكە قىلمايلا نىكاھ قىلدۇق دەپ بىر ئۆيگە كىرىۋالغان ساددا قىزلارنىڭ قانداق خارلانغانلىقىنى كۆردۇق. تەقۋادار قىزلارنىڭ تويلۇق، مال-دۇنياغا بولغان تەلىپى ئەسلىدە يۇقىرى ئەمەس ئىدى، ئەمما بۇ قىزلارنى ئەرزان كۆرۈپ، خوتۇن قىلماق ۋە باشقۇرماقنى ئاسان چاغلاپ، ئۇلارغا زۇلۇم سالىدىغان بەزى نائەھلىلەرنىڭ نەپسىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، لايىق تاللاشتىن تارتىپ تويلۇق ۋە توي مەرىكىسىگە يۇقىرى تەلەپ قويۇش كېرەك. بۇ ھەرگىز سىزگىلا ئەمەس، ھازىرقى ئومۇمىي ۋەزىيەتكە قارىتا ئېيتىلىۋاتقان گەپ.
ئىمان، ئىسلام دېگەن بىر دەملىك ھېسسىيات، داۋالغۇپ تۇرىدىغان شەخسىي ئىستەكلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتسە، بۇنىڭ ئۇۋالى كىمگە؟ ئىمان دېگەن تەقۋالىق بىلەن پەرۋىش قىلىنىدىغان، ئىلىم، ئەقىل، ئىرادە بىلەن قوغدىلىدىغان نەرسە. ھەرگىز ماختىنىۋېرىدىغان، بىرەر مەقسەت ئۈچۈن دەستەك قىلىنىدىغان نەرسە ئەمەس. ئىمانىغا غەيرى نىيەتلەرنى ئارىلاشتۇرۇۋالىدىغان ئادەملەرنى ئىخلاسمەن بەندە دېگىلى بولمايدۇ، ئىخلاس قىلىش دېگەنلىك كۆڭۈلنى يامان نىيەت، ناچار ئىستەكلەردىن خالاس قىلىش دېگەنلىك. بۇ ، سىزدىمۇ شۇنداق غەيرى نىيەتلەر بار دېگەنلىكىم ئەمەس، بەلكى سىزنى شۇنداق بولۇپ قالمىسىكەن دېمەكچى، بۇنى ئۆزەمگىمۇ دەيمەن ۋە ھەر ۋاقىت ئۆزەمنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىمەن.
بىزنىڭ ئىمان-ئىسلام ھەققىدىكى بىلىمىمىز ناھايىتى كەمچىل. شۇنداق تۇرۇقلۇق بىر-بىرىمىزگە نەسىھەت قىلىشقا، بىر-بىرىمىزنى يېتەكلەشكە ئالدىراپ كېتىمىز. ئادەم ئاۋۋال ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشى كېرەك. ئۆزىنى تەقۋا مۇسۇلمان دەيدىغان، ئولتۇرغان-قوپقان يېرىدە دىن ھەققىدە سۆزلەيدىغانلار ئۆزىنىڭ دېگەنلىرىگە چىن دىلىدىن ئەمەل قىلالىسا ئىدى، نەگىلا بارساق خاتىرجەملىك، ئىشەنچ ۋە ھۇزۇر ئىچىدە ياشىغان بولاتتۇق، بىراق ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس، بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقان بۇ جەمئىيەت، پارچىلىنىپ كېتىۋاتقان ئائىلىلەر، رەزىللىشىپ كېتىۋاتقان كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر بۇنىڭ ئىسپاتى.
شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىۋاتىمەنكى، ئىلىم، تەقۋالىق، ۋىجدان، ھايا بولمىسا ئىمان گۈللىرى قۇرۇپ قالىدۇ. مەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن چەت ئەلگە چىقىپ داۋاملىق ئىلىم تەھسىل قىلماقچى. ئىلىمىمنى چوڭقۇرلاشتۇرمىسام، بىر كۈنلەردە ئىمانىم سۇسلىشىپ، بېشىمدىكى ياغلىقنى ئېلىۋېتىشىم مۇمكىن. ئوقۇشۇم تۈگىگىچە ھېچكىم بىلەن توي قىلمايمەن، ئەگەر كۆڭلۈمدىكى لايىق ئۇچراپ قالسا بۇ باشقا، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىمەن.
كۆڭلىڭىزدىكىدەك جاۋاب بېرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن مەندىن رەنجىمەسلىكىڭىزنى سورايمەن ۋە سىز بىلەن يەنىلا قېرىنداشلارچە، ئاكا-سىڭىللارچە ئۆتۈپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىمەن.
سالامەت بولۇڭ، ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا ياردەمچى بولسۇن. ھۆرمەت بىلەن: شاراپەت
روزاخۇن خەتنى ئوقۇپ راھەتلىنىپ كېرىلدى، قىز ئۆزىنىڭ ھوشيارلىقى، ئەرشىدىندىن ئېشىپ چۈشىدىغان بىلىمى بىلەن ھەممە ئىشنى خۇلاسىلەپ، ھۆكۈم، قارارىنى بېرىپ بولغانىدى. خەتتە دېيىلگەن گەپلەر شۇنچىلىك توغرا ئىدىكى، ئەرشىدىننىڭ ئۆزىنى ئوبدان تونۇشى، كەمچىلىكىنى ئوبدان كۆرۈۋېلىشى ئۈچۈن ئەينەك بولالايتتى. يامان قىزكەن، كۆڭلۈمدىكى گەپنى دەپتۇ دەپ ئويلىدى روزاخۇن، دېمىسىمۇ، ئىمان دېگەن ماختىنىۋېرىدىغان نەرسە ئەمەس-تە. ”تازنىڭ نېمىسى بار، تۆمۈر تارغىقى“ دېگەندەك، ئەتىدىن كەچكىچە لاپ سېتىپ، مەن مۇسۇلمان، سەن پاسىق، مەن بەك تەقۋا، سەن لەقۋا… دەپ باشقىلارنى چۈشۈرۈپ يۈرسە، كىشىنى بىزار قىلىدۇ، ئۆزى بىلەن قوشۇپ ھەممىنى سەت كۆرسىتىدۇ.
ئۇ كونۋېرتنىڭ ئاستىنى پەم بىلەن يەملاپ ئەرشىدىننىڭ كارىۋىتىغا تاشلاپ قويۇپ، تالاغا چىقىپ كەتتى. كەچتە ئەرشىدىننىڭ تاماشىسىنى كۆردى. ئەرشىدىن ئۇ خەتنى روزاخۇندىن تېز ئوقۇپ بولدى، قوشۇمىسى تۈرۈلدى، خىيالغا پاتتى، ئېغىر تىنىپ ياتتى.
— نېمە دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئۇ قىز؟
— بولدى سورىما.
— دېمىسەڭمۇ بىلدىم، چوقۇم ياق دەپتۇ. داشۆسىڭ قىزلار بىزدەك كۇلىچىلارنى ياراتمايدۇ.
— مەن كۇلىچى ئەمەس، تەۋەككۇلچى،— دېدى ئەرشىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ،—ھەر ئىشقا تەۋەككۇل قىلىپلا ياشاۋاتىمەن. بولسا بولدى، بولمىسا ئەلەكمۇللا دەيمەن.
— ئەمدى قانداق قىلىسەن؟ مۇشۇنداقلا بولدى قىلامسەن؟
— ئۇقمايمەن،ــ دېدى ئەرشىدىن ۋە تۇرۇپلا ھاياجانلىنىپ سۆزلەپ كەتتى،ــ ھەي سەنمۇ بىر ئويلاپ باقە، ئىمان، ئىسلامدىنمۇ كاتتا نېمە بار؟ مەن ئىمانىمنى ۋەدە قىلىۋاتسام ئىشەنمىسە، ئەمدى نېمىگە ئىشىنىدۇ؟ كۆڭۈل، كۆڭۈل دەيدىكەن، كۆڭۈل دېگەن ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان نەرسە، ئېتىقادتا بىرلىككە كېلىپ، بىر ئائىلە قۇرۇپ ياشىساق، كۆڭۈل دېگەن ئۆزلۈكىدىن باغلانمامدۇ؟ چوڭلارمۇ شۇنداق توي قىلىپ، قىرىق-ئەللىك يىل ئۆي تۇتۇپ كەپتىكەنغۇ؟ مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغانلار قانچىلىك بىللە ياشىيالىدى؟ بۇ قىز تېخى ھېچنېمىنى بىلمەيدىكەن، تەقۋالىق يولىغا كىردىم دېگەن بىلەن كاللىسى يەنە بىر ئاز چۆگىلەيدىكەن. شەرىئەتكە تولۇق ئەمەل قىلماي، ھەممىنى ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىغا بويسۇندۇرۇپلا ياشايدىكەن. خېتىدە بىر خىل ھالى يوغانلىق، ئۆزىدىن ماختىنىش، مېنى ياراتماسلىق چىقىپ تۇرىدۇ. ئادەتتە مۇلايىم كۆرۈنەتتى، بۇنىڭ ھەممىسى يالغانىكەن. مىجەزى تولا ئۆزگىرىدىغان خوتۇنلاردىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتۇپ قالساممۇ بېشىم ساقايمىغۇدەك، ئۇششاق گەپ تۈگىمىگۈدەك.
— شۇڭا بولدى قىلاي دەۋاتامسەن؟
— ئەلۋەتتە، خېتىنى ئوقۇپلا نىيىتىمدىن ۋاز كەچتىم.
— ئالدىراپ بەل قويۇۋەتمە، قانداق قىلىدىكىن دەپ نازلىنىپ بېقىۋاتقان بولسىچۇ؟
— ئەگەر نازلانغان بولسا كۆزۈمگە تېخىمۇ سەت كۆرۈنىدۇ. چىرايىغا ئىككىنچى قارىمايمەن.
— مېنىڭچە ئۇ نازلىنىدىغان قىز ئەمەس، بەلكىم خىيالى باشقىدۇ…
— نېمىلا بولسۇن، ئەمدى قولۇمنى يۇۋەتتىم.
روزاخۇن ئەرشىدىننىڭ ئۆزىنى ئۈستۈن كۆرىدىغان مىجەزىنى تولۇق ھېس قىلدى. ھەممىنى ئۆزىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇتۇشنى ئىزدەيدىغان ئادەمدىنمۇ ھاماقەت ئىنسان بولامدۇ جاھاندا؟ ئىشلارنى ئېقىشىغا قويۇپ بېرىش كېرەك، مۇھەببەت دېگەنلەرنى تېخىمۇ شۇنداق.
— سەنمۇ بىر پارچە خەت ياز، ئاپىرىپ بېرەي،— دېدى روزاخۇن،—نوچى بولساڭ ئۇنى قايىل قىلىپ كەلتۈرۈۋالىسەن.
— ماڭ، ماڭ، مەن ئۇنداق ئاقمايدىغان ئىشلارنى قىلمايمەن.
ئۇ خەت بەلكىم يىرتىلىپ بىر ياققا ئېتىلدى. بىر ئايدىن كۆپرەك ئىشلىگەن قىزلارنىڭ بۇ رېستۇرانغا قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسلىمىلىرىمۇ ئاستا-ئاستا ئۇنتۇلۇشقا باشلىدى. نازاكەت ” كېلەرمىز تاماق يېگىلى“ دېگەن، كەلمىدى. بەلكىم ئوقۇشى ئالدىراش بولۇپ كەتكەندۇ. روزاخۇن ئۇلارنى گەرچە پات-پات ئەسلەپ قالسىمۇ، كېچىلىرى شىرىن تەسەۋۋۇرىغا ئۇلارنى تارتىپ ئەكەلسىمۇ، ئۇنىڭ نەتىجىسى ھامان ئۆزىنى كەمسىتىش، خۇرسىنىش بولاتتى، ھەممە ئىش خىيالىدا گاھ ئۈمىد، گاھ ئازاب بىلەن تۈگەيتتى. كاۋاپتىن كۆتۈرۈلگەن قۇيۇق ئىس-تۇمان ئۇنىڭ كەلگۈسىنى ھامان خىرەلەشتۈرۈپ كۆرسىتەتتى. يېتەلمەس ئارمان ۋە ئىچ پۇشۇغىدا مۇشۇنداق كۆيۈپ، پۇچۇلىنىپ يۈرەرمەنمۇ؟ نېمىشقا مەنمۇ بەختنىڭ قولىنى تۇتالمايمەن، نېمىشقا مەنمۇ ئ