باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (پوۋېست)-2

مەنبە :       يوللىغۇچى : ADMIN       يوللانغان ۋاقىت : 2015-09-22 12:09:35

‹‹كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى (پوۋېست)-2›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى

(پوۋېست)

ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد

ئۇ ئاچچىق ۋە غەزەپتىن ھاڭۋېقىپ، تەتەينى قوغلاپ بېرىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشنى ئويلىدى، ئەمما دۇتتار بىلەن بىر ئادەمنىڭ جېنىنى تەڭلەشتۈرگىلى بولاتتىمۇ؟ بولىدىغان ئىش بولدى، ھەممىگە ئۆزى سەۋەبچى. ئۇ شەرمەندىلىك شۇنچىلىك قورقۇنچلۇق ئاقىۋەت پەيدا قىلدىكى، نىجىس بەدىنى كۆيدى، دېمى ئىس-تۈتەكتىن سىقىلدى، دۇتتارى چېقىلدى. راست بولسۇن، خىيال ياكى چۈش بولسۇن، شۇ قاباھەتلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىۋاسىتە بېشىدىن كەچۈردىغۇ؟ ئۆلمەي تۇرۇپ ئۆلگەندەك قىينالدىغۇ؟ ئىنسان ئۆز ھاياتىدا پېشكەللىككە تۇتۇلىدۇ، بىر ئامال قىلىپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلىدۇ، قۇتۇلالمىسا ئۆلىدۇ…

ئۇ قەبىھ قىلمىشى تۈپەيلىدىن يۈز بەرگەن قەستلەش ۋە دەھشەتلىك ئۆلۈمنى قايتا كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ شۈركىنىپ كەتتى ۋە ھازىرقى ھالىغا شۈكرى قىلدى.

ئۇ بۇ نەس باسقان يەردىن چاققان كېتىۋېلىش ئۈچۈن فاڭدۇڭ قېرىنىڭ ھويلىسىدىن ئالدىراپ چىقىپ كەتتى. ھۇجرىسىدا ئالغۇدەك نېمە بولسۇن؟ ھەتتا پىچاقلىرىمۇ گاللىشىپ كەتتى. ئۇنداق يوغان پىچاقنى كوچىدا كۆتۈرۈپ يۈرسە ساقچىلار بىردەمدە جايلايدۇ. فاڭدۇڭ قېرىنىڭ ھويلىسىدىن چىققاندىمۇ ئۇ تۈرمىدىن قاچقاندەك تەمتىرەپ ئىككى تەرىپىگە قاراپ قويدى، تېخىچە ئېسىگە كېلەلمەيۋاتاتتى. ساق كېتىپ بېرىپ تۇيۇقسىز پوققا تېيىلىپ ئوڭدا چۈشكەن ئادەم پۇتىدىكى نىجاسەتتىن قانداق سەسكىنگەن بولسا ئۇمۇ ھازىر شۇنداق سەسكىنىش ئىچىدە كېتىپ باراتتى، شۇ ئەسنادا تېلېفونى سايراپ كەتتى، تونۇش ناخشا، شادىيانە كۈي ئۇنىڭغا ئۆتمۈشىنى، ياق تېخى تۈنۈگۈنكى خاتىرجەم كۈنلىرىنى ئەسلىتىپ، نەچچە سائەتتىن بېرى بۆلۈنۈپ كەتكەن روھىنى قايتۇرۇپ بەردى.

— ۋەي… 

— سىز روزاخۇنما، دۇتتارچى روزاخۇن…

— ھە، مەن شۇ،- دېدى ئۇ بىر ئايالنىڭ جاراڭلىق ئاۋازىنى ئاڭلاپ سۆيۈنۈپ.

— ھە مەن سايتاخۇننىڭ خوتۇنى سارەم، تېلېفون نومۇرىڭىزنى ئېرىمنىڭ تېلېفون دەپتىرىدىن تېپىپ تېلېفون قىلىشىم. مۇنداق ئىشتى قاراڭ، كەچتە بىر چېيىمىز بار ئىدى، قاتنىشىپ بېرەلەرسىزمۇ؟

— بارسامغۇ بولاتتى، لېكىن دۇتتىرىم يوق، تۈنۈگۈن چېقىلىپ كەتتى.

— ۋاي نېمە بولاپ ئەمدى، نېمىشقا چېقىۋەتتىڭىز؟

— تامدىن چۈشۈپ يېرىلىپ كېتىپتۇ.

— ۋاي خۇدايىم، ئەمدى قانداق قىلارمىز، بىر نېمە قىلىپ ئەيۋەشكە كەلتۈرسىڭىز بولمامدۇ؟

— ئوڭشىغىلى بولمايدۇ، ئوڭشىغان بىلەنمۇ ئاۋازى چىقمايدۇ.

— بوپتۇ ئەمىسە، بىز بىر ئامالىنى قىلىپ باقايلى،_ ئايال شۇنداق دەپلا تېلېفونىنى بېسىۋەتتى، روزاخۇن دۇتتىرى بولمىسا ئۆزىنىڭمۇ ئەتىۋارى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ ئىچى سىقىلدى. سارەم دېگەن بۇ چايدىكى خوتۇنلار بېيجىڭدىكى ئاشخانا خوجايىنلىرىنىڭ ئەتىۋارلىق خوتۇنلىرى بولۇپ، گاھىدا ئەرلىرى بىلەن، گاھىدا ئۆز ئالدىغا سورۇن تۈزۈپ چاي ئوينايتتى. ئۆزلىرىنىڭ رېستۇرانىدا ئولتۇرسا چۈپەيلىك بولىدۇ دەپ ئويلامدۇ قانداق، بۆلەك رېستۇرانلارنىڭ ئايرىمخانىسىدا خالىغان تاماقلىرىنى بۇيرۇتۇپ، قىزىل ھاراقلارنى تىكلەپ، ئۈستىۋېشىدىكى زىبۇ-زىننەتلىرىنى بىر-بىرىگە كۆز-كۆز قىلىشىپ، يىغىلىپ قالغان غەيۋەت پاراڭلىرىنى سېلىشىپ، قىقاس-چۇقان بىلەن، ئانچە-مۇنچە ئېسىگە كېلىپ قالسا روزاخۇننى چاقىرىپ ناخشا-ساز بىلەن ئولتۇراتتى . بۇنداق سورۇندا ئاساسەن ئەرلەر بولاتتى ھەم ئۇنىڭ ناخشىسىنى كۆپرەك تەلەپ قىلاتتى. چۈنكى ئۇلار خوتۇن خەقلەرنىڭ تۈگىمەس پاراڭلىرىدىن بىزار بولغاندا، بىردەم يېرىم دەم ناخشا-ساز ئاڭلاپ، يۇرتىنى سېغىنىپ مۇڭلىنىشنى، ۋەتەن، مىللەت، ۋىجدان ھەققىدە ئانچە-مۇنچە ئويغا چۆكۈشنى خالاپ قالاتتى. مۇشۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ يەپ-ئىچىشتىن، ئويناشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان مەخلۇقلار ئەمەسلىكىنى، قەلبىدە ئانچە-مۇنچە ئويغاق ھېسلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولاتتى.

سارەم دېگەن خوتۇن ئۇنى پەرىشان قىلدى. ئىلگىرىمۇ ئۇلار ئۇنى كاۋاپچى دەپ ئەمەس، دۇتتارچى دەپ ئەتىۋارىنى قىلاتتى. دۇتتار چېقىلدى، دېمەك ئۇنىڭ ئابرۇيىمۇ تۆكۈلدى. بىر قېتىم ھايۋان، ئېشەك بولۇش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ئادىمىيلىكى يوقالدى، قەدىر-قىممىتى، غۇرۇرى خۇددى ئاشۇ دۇتتاردەكلا سۇنۇپ پارە-پارە بولدى. مىڭ جاپادا تاپقان جايىدىن، كاۋاپچىلىقىدىن ئايرىلدى. تاپقان پۇللىرىنى ئېلىپ كېتەي دېسە، تېخى ئويلىغىنىدەك كۆپ پۇل تاپالمىدى. مۇشۇ پېتى يۇرتىغا كەتسە بىر شەرمەندىچىلىك بىلەن بۇ شەھەردىن قوغلانغاندەك، مەغلۇب بولغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ ئازابلىنىدۇ. كەتمەي دېسە، يەنە شۇنداق جاي تېپىپ كاۋاپچىلىق قىلغىچە بىر مۇنچە جاپا تارتىدۇ.

ئۇ نەگە بېرىپ نەدە تۇرۇشنى بىلمەي كېتىۋاتقاندا تېلېفونى يەنە سايرىدى:

— روزاخۇنمۇ، ھە، دۇتتار تېپىلدى، سائەت 5 كە ئۈلگۈرۈپ كېلىۋېرىڭ.

— ماقۇل، ئورنى نەدە؟

— شاھ ئۇيغۇر رېستۇرانىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتى، 2-ئايرىمخانا…

— ماقۇل، شۇ يەرگە باراي.

ئۇ ياغلىشىپ تۇتۇقلىشىپ كەتكەن زاپەر تېلېفونىغا يېقىملىق قاراپ قويدى: كىم ئىجاد قىلدىكىن بۇ ئوقەتنى، جىددىي ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق ئەسقاتىدۇ-دە… ئۇ تېلېفونىنى سىلاپ، ئويناپ كېتىۋېتىپ، ھېلىقى چاغدا ئايرىمخانىدا ئەرلىرى بىلەن قولاشماي ئولتۇرغان سېمىز، ئويناق خوتۇنلارنىڭ قىلىقلىرىنى، سېقىمە ناخشا ئېيتىلغاندا كۆتۈرۈلگەن قىقاس-چوقانلارنى ئەسلىدى.

ئۇ دېگەن ۋاقىتقا ئۈلگۈرۈپ ئايرىمخانىغا كىرگەندە 5-6 خوتۇن جوزىدىكى تاماقلارغا ئېغىز تەگكەچ پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇراتتى. ئۇ بىرەر ئەر بارمىكىن دەپ سىنچىلاپ بولغىچە 6 ئايالنىڭ كۆز نۇرىدىن شامدەك ئېرىپ كەتتى. ئاڭغىچە ساھىبخان بولغۇچى سارەم ئۇنى مەخسۇس چالىدىغان ئورۇنغا تەكلىپ قىلدى.

— قېنى، قېنى، جوزىغا بېقىڭ. ھەرگىز تارتىنماڭ.

ئۇ ھەممە ئايالغا تەكشى كۈلۈمسىرەپ، كۆز ئىشارىتى ئارقىلىق سالام يوللىغاندىن كېيىن قولىغا چوكىنى ئالدى. بىرەر ئەر كىرىپ قالار دېگەن ئۈمىدتە ئىشىككە پات-پات قاراپ قويدى. سارەم سورۇننى باشلاش ئۈچۈن قەدەھ سۆزى قىلىۋاتقاندا بولسا بۇ ئۈمىدلىرى يوققا چىقتى.

— بۈگۈن خانىملارنى ئاۋارە قىلىپ بۇ يەرگە چاقىرىشتىكى مەقسەت، ئەرلىرىمىز بولمىسىمۇ چېيىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش. سورۇنىمىز ئاددىي بولسىمۇ كۆڭۈللىرىڭلارغا ئالماي، شوخ-شوخ ئولتۇرۇپ بېرەرسىلەر. ئارىمىزغا يېڭىدىن قېتىلغان بۇ مېھماننى تونۇشتۇرسام، ئىسمى زاكىرە، مۇشۇ رېستۇراننىڭ خوجايىنى، ئېرىدىن مۇستەقىل بولغىلى بىر يىل بولدى. بۇ ياقنى تونۇيسىلەر، روزاخۇن، بۈگۈن ئاتايىتەن چاقىرىشتىكى مەقسەتمۇ بۇ سورۇننى قىززىتىش. ھېلى ئۇنىڭ قىززىق ناخشىلىرىنى ئاڭلايمىز.

زاكىرەدىن باشقا ئاياللار ئۇنى ئىلگىرى كۆرگەن بولغاچقا ئەجەبلىنىپ قاراپ كەتمىدى، بەلكى ھېلىقى ناخشىلىرىڭنى يەنە ئاڭلايدىكەنمىز-دە… دېگەندەك خۇرسەنلىك ئىچىدە كۈلۈمسىرەپ قويۇشتى.

سورۇن باشلاندى. ئاياللار ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۇنتۇپ، نازاكەت ۋە تارتىنىشلىرىنى قايرىپ قويۇپ، جوزىغا چىققان نەرسىلەرگە تېگىش قىلدى، يەپ-ئىچىپ بىر يەرگە بارغاندا ئەرلىرىنىڭ غەيۋىتىگە چۈشۈپ كېتىشتى. ھەتتا گەپلەر چىڭىغا چىقىپ شۇ دەرىجىگە باردىكى، "ئەر دېگەن ئادەم ئەمەسكەن، ئۆزلىرى ئوينىسا كارى يوق، بىز ئويناپ قويساق چىدىمايدىكەن، گۇنا ئۆزىدە تۇرسا بىز نېمىشقا يالۋۇرغىدەكمىز، ئۇنداق نېمىگە يالۋۇرغىچە ئاجرىشىپ كەتكەن ياخشى. ئەر دېگەن شۇنداق پەس، تۇزكور، يۈزسىز… بولىدىغان بولسا ئىگەكىم… " دېگەن گەپلەر خوتۇنلارنىڭ ئاغزىدىن تەڭلا چىقتى. ھەتتا زاكىرە خانىممۇ ئۇنى تەستىقلاۋاتقاندەك، ئەتراپىدىكى خوتۇنلارغا ھېسداشلىق قىلىۋاتقاندەك تەمكىن ئولتۇراتتى . روزاخۇن قىمىلداپ ئولتۇرالماي قالدى. بۇ خوتۇنلار ئەرلىرىدىن ئالالمىغان دەردىنى يىغىپ يۆگەپ ئۇنىڭدىن ئېلىش ئۈچۈن چاقىرتقانمىدۇ؟ بۇ خوتۇنلارنىڭ گەپلىرىدىن قارىغاندا، ئەرلىرى ئوتتۇرا ئاسىياغا بېرىپ بازار كۆرگەچ ساياھەت قىلىپ قايتقاندىن كېيىن، بىز يوق چاغدا بەك ئويناپ كېتىپتۇ، ئاشپەز بالىلار بىلەن چاتىقى بار ئىكەن دەپ خوتۇنلىرىدىن گۇمانلىنىپ، بىر-ئىككىسىنى قويۇۋېتىپتۇ. يەنە بىر-ئىككىسى ئاجرىشىش ئالدىدا ئىكەن.

— زاكىرە.

— ھەتتا كىمكى خوتۇنىنى قويۇۋەتمىسە شۇنى لاتاغىلاپ دەپ مەسخىرە قىلارمىش،_ دېدى سارەم.

— چىڭ تۇرۇڭلار، بولۇپمۇ بالا-چاقا،  مال-مۈلۈك مەسىلىسدە ھەرگىز يول قويماڭلار.

— قىلمايدىغانلىقىمنى بىلەتتى. گەپكە چىدىمايلا قويۇۋېتىمەن دەۋاتىدۇ،_ دېدى ھەممىدىن ياش كۆرۈنىدىغان قارا كۆز  چوكان.

— كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ،  ئەر خەق يۈز-ئابرۇي ئۈچۈن خوتۇنىنى سېتىۋېتىدۇ، ئىناۋەت ئۇنىڭ ئۈچۈن سىزدىنمۇ مۇھىم بولسا، تالاق قىلىۋېتىڭ ئۇنداق ئەرنى!!

خوتۇنلار بۇ گەپتىن كۈلۈشۈپ بىر دەم تەسكىن تېپىشقان بولسىمۇ، بىر دەمدىلا پەرىشان ھالىتىگە يېنىپ كەتتى.

— مېنىڭ ئېرىممۇ يۇۋاش، ئوبدان ئادەم ئىدى، چەت ئەلگە چىقىپلا خورىكى ئۆسۈپ باشقىچە ئادەم بولۇپ كەپتۇ. نېمە بولسا بولمامدۇ، ئۇنى ئەسلىدىلا كۆزگە ئىلمايتتىم، بۇ قېتىم خېتىڭنى بېرىمەن دېگەندىلا ماقۇل دېدىم. يۇۋاش دېگەن بىرەر قېتىم سەكرەپ باققان بىلەن يولۋاس بولالمايدۇ-دە. ئۇنداق نېمىدىن قۇتۇلغىنىمغا خوش. مال-مۈلۈكنى زاكىرە خېنىم دېگەندەك، تولۇق ئالىمەن. بالىنى باقىمەن دېسە ئۆزىگە بېرىمەن، بالا دېگەنگىمۇ تويدۇم…_ دېدى يەنە بىر سېرىق چاچ ئايال.

— نوچى ئايالكەنسىز، ئايال كىشى دېگەن مانا مۇشۇنداق مەغرۇر، ئەركىن ياشىشى كېرەك.  ئەر خەققە  خوش غوجام دەپ ئۆتىدىغان زامان كەتتى، بۇ دېگەن بېيجىڭ،   بۇ يەردە مۇستەقىل ياشايمىز، ئىش-ئوقەت قىلىپ پۇل تاپىمىز، تاپقان پۇلىمىزنى خالىغانچە خەجلەيمىز. ئەر دېگەننى خالىساق ئەر قىلىمىز، خالىمىساق يەر قىلىمىز. ئەرگە  تەگمەيمۇ گۈلدەك ياشاۋېرىمىز.

روزاخۇن زاكىرە خېنىمنىڭ خانىشلاردەك سالاپىتىگە زوقلانغان بىلەن، خوتۇنلارنى دەي-دەيگە سېلىۋاتقان ئەسەبىي گەپلىرىدىن يىرگىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئەركەكزەدەك مىجەزى ئالدىدا ئۆزىنىڭ خېنىم مىجەزلىكى چېنىپ قېلىۋاتقاندەك بىئارام بولدى.  بۇ  سورۇندىن چىقىپ كېتەي دەپ ئويلىسىمۇ ئۆزىنىڭ تېخى جۈمەنىڭ ئالدىدا قىلغان شەرمەندىچىلىكىنى ئويلاپ، مۇنچىلىك ئىززەتكە ئېرىشكىنىدىن تەسەللىي تېپىپ، بىر بۇلۇڭدىكى ساپاغا تىكلەپ قويۇلغان دۇتتارغا تەلمۈرۈپ قاراپ ئولتۇرىۋەردى.

دەرت-شىكايەت، غەلۋە-غوغىلار بىر ئاز بېسىققاندا سارەم سورۇننىڭ كەيپىياتىنى ئوڭشاشقا تۇتۇندى:

— ئەمدى خانىملار، بىز مۇشۇ سورۇن ئارقىلىق كۆڭلىمىزنى ئاچايلى دېگەن بولساقمۇ،  دەردىمىز تېشىپ چىقىپ، دېمەيدىغان گەپلەرنى دېيىشىپ قالدۇق. بۇمۇ بولدى، ئىچ-قارنىمىز بوشاپ قالدى. ئۇ گەپلەرنى يەنە دېسەك يەنە شۇ، ئۇلار قانداق بىرلەشكەن بولسا، بىزمۇ شۇنداق بىرلىشىمىز، ھەممە ئىشنى ئۆز ئارزۇيىمىز بويىچە توغرىلايمىز، ئۇنداق قىلالمىساق ئۇ دەيۈزلەر بىلەن سوتلىشىمىز، ئۇنداق ئاسان بولدى قىلمايمىز، ياقىسىنى ھەرگىز قويۇۋەتمەيمىز. ئاجراشقانغا دات-پەندىيات دېگۈزىمىز، بىزنى رەسۋا قىلىمىز دېگەنگە تويغۇزۇپ، ئۆزلىرىنى رەسۋايى ئەزىم قىلىمىز. گەپنى بۇ يەردە دەپ قويۇپ، ۋاقتى كەلگەندە ئېرىمىزنىڭ ئىككى ئېغىز يالغان گېپىگە ئىشىنىپ پوتلىمىزنى ئېقىتىپ ئولتۇرساق بولمايدۇ، بالىمىزنى ئالدىمىزغا سېلىپ، ئۇ تۆھمەتخورلارنىڭ ئېسىدىن چىقمىغۇدەك ئاجرىشىمىز. بۇ ئىشتا قانچە ئۆكتەملىك، ھازازۇللۇق قىلساق ئەرزىيدۇ…

قارىماققا خېلى مۇلايىم كۆرۈنىدىغان سارەمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ روزاخۇن سالپىيىپلا كەتتى. ئۇ تېخى ئۆيلەنمىگەن بولغاچقا خوتۇنلار ھەققىدە ئاجايىپ گۈزەل خىياللارنى قىلاتتى. مەھەللىسىدىكى ئايگۈل ۋە باھارگۈللەرنى پات-پات ئەسلەيتتى. ئۇ چوكانقىزلار ھەر قانچە يامان بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، بۇ خوتۇنلارنىڭ قولىغا سۇ قويۇپ بېرەلمىگۈدەك.

— ئېسىمىزدە بولسۇن، بۈگۈن ئۇ ئىشلارنى مەسلىھەتلەشكىلى كەلمىدۇق، بولمىسا روزاخۇننى بۇ يەرگە چاقىرمايتتۇق، بۇ  بالىنى بۇنداق خىجىل قىلمايلى، توي قىلمىغانسىز  تېخى؟

— ياق،_ دېدى روزاخۇن.  ئەسلىدە بۇ خوتۇنلار ئۇنى  توي قىلمىغاندىكىن ئەرلەر قاتارىدىن چىقىرىۋەتكەن ئىكەن-دە.  

— شۇڭا، ھازىرچە ئۇ گەپلەرنى يىغىشتۇرۇپ قويۇپ بىر دەم ناخشا ئاڭلىساق.

— بولىدۇ، ئاڭلايلى،— دېدى ئاياللار روزاخۇننى ئەمدى كۆرۈۋاتقاندەك.

— مۇشۇ سورۇنغا، مۇشۇ كەيپىياتقا ماس كېلىدىغان بىر ناخشا ئېيتىڭە،_ دېدى زاكىرە.

روزاخۇن بىر دەم ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى، سېقىمە ناخشىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئاياللار ھەزىل قىلىناتتى. ئەرلەرنى سۆكىدىغان ناخشا-قوشاقلاردا ئاساسەن بىرەر تاز، ياكى دىۋانە تىلغا ئېلىناتتى. باياتىن بېرى خوتۇنلارنىڭ ئەرلەرنى تىللىغانلىقلىرى ئاز كېلىپ، ئەمدى ئۇنى ئەرلەرنى سۆكىدىغان ناخشىلارنى ئېيتىشقا قىستىشى قاملاشمىغانلىق-تە!

ئۇ بىر دەم ئويلىنىپ، دۇتتارنى تەڭشەپ تىرىڭلىتىپ تۇرغاندا ئىچى پۇشقان بىر چوكان زۇۋانغا كەلدى:

— نېمە ئېيتسىڭىز ئېيتىڭە ئۇكام، بولمىسا بىكار يەنە ئېرىمنى تىللاپ كېتىمەن.

ھەممىسى كۈلۈشتى.

— ئۆتكەندە ئېيتقان ھېلىقى ناخشىلىرىڭىزنى ئېيتىڭە، زاكىرە خانىم تېخى ئاڭلىمىدى.

— ئۆزىڭىز قوشاق توقۇپ ئوقىۋەرسىڭىزمۇ بولىدۇ…

— مۇنداقمۇ پەيزى بار دەڭلار،_ دېدى زاكىرە.

ئۇ ئەمدى يەڭگىللەپ، دۇتتىرىنى شوخ پەدىلەرگە ئويناتتى:

قوناقلىقتىن ئوت ئالدىم،

بوينى قارا ئۆچكىگە.

مەن ساراڭ كۆيۈپ قالدىم

كۆڭلى قارا ئەسكىگە…

جىرىڭ-جىرىڭ خانلىرىم،

ئەتلەس كۆينەك كىيىپتۇ.

توپلەي كىيىپ بازارغا،

قىسىپ دەسسەپ مېڭىپتۇ.

يولدا ماڭغان خانلىرىم،

چىغىر يولدا ماڭماڭلار،

يولدا ياتقان ئېشەككە،

قېشىڭلارنى ئاتماڭلار…

ناخشىلار كەينى-كەينىدىن ئېيتىلدى، قىزىل ھاراقتىن قانلىرى ئۇرغۇپ كەتكەن خوتۇنلار كىچىككىنە سەينانى چاڭ كەلتۈرۈپ، ئۆردەكتەك يورغىلاپ، ئاپئاق بىلەكلىرىنى چىقىرىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى. خىيالىدا گويا ئەرلىرىنىڭ بېشىغا دەسسىۋېتىدىغاندەك، مۇشۇنداق قىلسا پۇخادىن چىقىدىغاندەك چىڭ-چىڭ دەسسەپ ئويناشتى، ناخشا تۈگىمىسە ھېچ توختىمايدىغاندەك، توختاپ قېلىشنىمۇ خالىمايدىغاندەك، جىم ئولتۇرۇپ قالسىلا دەرت-ئەلەم ۋە ئاچچىقتىن تۈگىشىپ كېتىدىغاندەك ئەسەبىيلىشىپ " ھە ئۇكام، ئۇلاپ-ئۇلاپ! " دەپ ۋاقىراپ قويۇشاتتى. روزاخۇنمۇ قايناۋاتقان قازانغا قوشۇلۇپ كەتتى، كەيپىيات قىزغىن پەيتلەردە ئاۋازىغا جان كىرىپ، قوللىرى پەدە ئۈستىدە موكىدەك ئوينايتتى، ناخشىغا بىر كىرىشىپ قالسا ئاخىرىغا چىقارماي قويمايتتى.

ئارزۇيۇمغا يېتەلمەي،

قىشنى ئۇلىدىم يازغا.

نېمە خوۋلۇق كۆردۈممەن،

كۆڭۈل بېرىپ سەن تازغا!

خوتۇنلار تەڭلار "ۋۇيت" دەپ قىقاس-چوقان كۆتۈردى.

قارا دەيدۇ ئاق تۇرسام،

ساراڭ دەيدۇ ساق تۇرسام.

شۇنداق دېگەن شاۋچىنىڭ،

چىشلىرىنى چاقتۇرسام.

دىۋانىگە ئاش بەرسەم،

دۇئا قىلدى بەختىمگە،

بىۋاپانى يار تۇتسام،

يەتمىدى ھېچ دەردىمگە.

ئالما بەرسە يەپتىمەن،

ئۆرۈك بەرسە يەپتىمەن.

چىرايىغا بىر قاراپ،

ئادەممىكىن دەپتىمەن.

ئادەمسىمان ھايۋاننىڭ،

قىلمىشلىرى يامانكەن.

بۇغداي دېسەم ئەسلىدە،

سېسىپ كەتكەن سامانكەن…

خوتۇنلار يەنە چۇقىرىشىپ ئالقىش ياڭراتتى. ئادەمسىمان ھايۋان دېگەن بۇ گەپ ئۇلارغا شۇنچىلىك يېقىپ كەتكەن ئىدىكى، ئەرلىرىنى سۈپەتلەپ بېرىشتە بۇنىڭدىن ئارتۇق سۆز تېپىلمايتتى. شۇنداقلا روزاخۇننىڭ جۈمەدىن بۇرۇنقى رەسۋاچىلىقىغىمۇ بۇ گەپ دەل ماس كېلەتتى. ئۇ توختاپ قالدى، يەنە قوشاق توقۇشقا كاللىسى بارمىدى، خوتۇنلارمۇ ئويناپ ھېرىپ كېتىشكەن، "ئادەمسىمان ھايۋانلار" دېگەن گەپ بىلەن مۇرادىغا يېتىشكەن بولۇپ، روزىغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ، جايىغا كېلىپ ئولتۇرۇشۇپ ئۆزلىرىنى يەلپۈگىلى تۇردى. روزاخۇن دۇتتارنى يۆلەپ قويۇپ، تەرىنى سۈرتۈپ، ئالتە خوتۇننىڭ بىلىپ بولماس كۆز ئىشارەتلىرىگە تىكىلىپ قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي، چېيىنى سۈمۈرۈپ ئولتۇردى. بىر-ئىككى خوتۇن تاماكا چېكىشكە باشلىدى، "ئادەمسىمان ھايۋان" دېگەن سۆز ئۇنىڭ كاللىسىدا تاماكا ئىسىدەك لەيلەپ تۇراتتى. باشتا ئۆزىنى ئەجەبلەندۈرگەن، ئالقىشلاردىن پەخىرلەندۈرگەن، ئارقىدىن ئويغا سېلىپ بىئارام قىلغان بۇ گەپ قانداق ئېيتىلىپ قالدى؟ قوشاقتا بۇنداق غەيرى گەپلەر ئاسان چىقمايتتىغۇ؟ بۇ بەلكى ئىلگىرى "ئادەم مايمۇندىن ئۆزگەرگەن"، "ئادەمسىمان مايمۇن" دېگەن گەپنى مەكتەپتە جىق ئاڭلىغانلىقىدىن بولسا كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇن ۋۇكۇڭ مايمۇننىڭ ئادەمسىمان قىلىقلىرىنى تېلۋىزوردىن كۆپ كۆرۈپ كەتتى. خوتۇنلارمۇ بەلكىم خوتۇنغا تويماس ئەرلىرىنى جۇ باجىغا ئوخشىتىپ، ئۇنداق نەپسى بالا مەخلۇقلار بىلەن بىر ئۆيدە ياشىماسلىقنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ بولغاندۇ.

جايىدا ئولتۇرۇپلا پەسكويغا چۈشۈپ قالغان خوتۇنلار تولا قىيغىتىپ ھېرىپ كەتتىمۇ، يا ھاراق ئەمدى ئۇخلىتىۋاتامدۇ، بوشاپ، جىمىپ، سالپىيىپ كېتىشتى. بىر نەچچىسىنىڭ چىرايىغا يەنە قايغۇ-ئەلەم، پەرىشانلىق تېپىپ چىقتى. ئاھ، خۇشاللىق نېمە دېگەن ئاز، بەخت نېمانچە قىسقا-ھە؟

روزاخۇن بۇ يەردە ئەمدى ئولتۇرىۋېرىشنىڭ ئەپسىزلىكىنى تۇيۇپ ماڭغىلى تەمشەلدى. بىراق غىپپىدە تىكىۋەتسە قاملاشمايتتى. كۆڭلىنىڭ بىر يېرىدە بۇ خوتۇنلارنىڭ يەنە ئازراق تاماشاسىنى كۆرۈش ئىستىكى بار ئىدى. بۇ خوتۇنلار ئەمدى ئەركىنلىككە چىقىپ، بويتاقلار ئائىلىسىگە قېتىلاتتى، ئەرگە تەگمىگەن قىزلاردەك ياسىنىپ تارىناتتى، كۆڭلىگە ياققان ئەرلەرنى، يىگىتلەرنى ئوۋلاشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايتتى. ھەتتا بۇ يولدا ئەسەبىيلىشەتتى، شۇ تاپتىمۇ بىر نەچچىسى روزاخۇنغا قىزىقىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن… بۇنداق ئويلاش گەرچە ھاماقەتلىك بولسىمۇ، روزاخۇن بىر دەم بولسىمۇ مۇشۇنداق خام خىياللارنىڭ قوينىدا بولۇشنى خالاپ قالدى. خىياللار گۈزەل ئىدى، ئالتە خوتۇننىڭ ئالتە خىل بەدىنى، ئالتە خىل نازى، ئالتە خىل كۆز ئىشارىتى، ئالتە خىل زوق-ھەۋىسى ۋە ئىشتىھايىغا شاھىد بولۇپ، گويا ئۇلارنىڭ قۇچىقىدا تۇرغاندەك مەستخۇش بولۇپ كەتتى، بۇ ئۇنىڭ ئۆمرىدە تۇنجى قېتىملىق ئىش بولغاچقىمۇ، شىرىن خىيال ۋە ھاياجانلىرى ھېچ بېسىلمايتتى؛ ئۆزىنى گويا چۈش كۆرۈۋاتقاندەكمۇ ھېس قىلاتتى، ھۇجرىدىكى ھېلىقى رەسۋا ئىش ۋە قاباھەتلىك چۈشلەردىن كېيىن يورۇقلۇققا چىققان بۇ شىرىن چۈش ئۇنىڭغا ھاياتنىڭ ئاجايىپ سىرلىق، رەڭگارەڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئەمما بۇ چۈش ئەمەس، بىرەر چوكاننىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ سىلاپ باقسا بىلەلىگۈدەك چىن رىئاللىق ئىدى. بۇ خوتۇنلار ئۇنىڭ جۈمەدىن بۇرۇنقى رەسۋاچىلىقىنى بىلسە قانداق بولۇپ كېتەر؟ قاقاقلاپ كۈلۈشەرمۇ ياكى سەنمۇ بىر ھايۋان ئىكەنسەن دەپ بۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرارمۇ؟

ئازراق ئىچىپ قويۇش، چېلىپ قويۇش، شەھلا كۆزلۈك خوتۇنلارنىڭ خۇلق-نازاكەتلىرىگە ئوغرىلىقچە قاراپ قويۇش، ھەتتا تېخىمۇ بەكرەك سەتچىلىك چىقارسىكەن دەپ تەلمۈرۈپ ئولتۇرۇش بىلەن ئۇنىڭ كاللىسى قېيىپ كەتتى. كېتەيمۇ كەتمەيمۇ دەپ ئويلىدى، كەتسە غۇرۇرى بىلەن كېتەتتى، ھېلىمۇ باياتىن ئەرلەرنى ئاز سۆكمىدى، ئۆزى ئەر تۇرۇپ ئەرلەرگە خىيانەت قىلدى. كەتمىسە خوتۇنلارنىڭ تاماشىسىنى كۆرەتتى، ئەمما غىلجىڭلىق بىلەن بۇنداق ئولتۇرىۋەرسە، خوتۇنلار ئۇنى كېيىنكى سورۇنلىرىغا ھەرگىز چاقىرمايتتى. ئۇ ساھىبخان بولغۇچى سارەمنى بىر نەرسە دەمدىكى دەپ ئولتۇرۇپ باقتى، ئەمما ئۇ تېلېفونىنى ئېلىپ تالاغا بىر چىقىپ كەتكەنچە قايتىپ كىرمىدى. خوتۇنلارمۇ زەردىسى قايناپ تۇرغاندا ئەرلىرىگە تېلېفون قىلغۇسى كېلىپ سومكىلىرىنى ئاختۇردى، بەزىلىرىنىڭ ئېرىنىڭ تېلېفونى ئېتىك چىقتى بولغاي، قايتا-قايتا ئۇرۇپ ئالالماي: " مانا قاراڭە، ما شاۋچى سائەت توققۇز بولمايلا تېلېفونىنى تاقىۋاپتۇ. چوقۇم بىر ئىش بار!…." دەپ سۆزلەپ كېتىشتى. تېلېفونى ئۇلانغانلىرى بولسا چىرايىدا كۈلكە، غىپپىدە تالاغا ماڭدى.

ساق ۋاقتىدا ئاغچا خېنىمدەك قېتىپ ئولتۇرغان زاكىرە خېنىممۇ ئىچىپ قىززىغاندا بۆلەكچە مۇلايىملىشىپ، گەپتە بىرلىككە كېلەلمەي تېلېفونلىرى بىلەن تەڭلا تارقاپ كېتىشكەن خوتۇنلارغا ھېچنېمە دېمەي، روزاخۇننىڭ يېنىغا كەلدى:

— قورۇنۇپ قالدىڭىز -ھە!

— ياقەي، بۈگۈن شۇنچىلىك خوش بولدۇم.

— بىزمۇ خوش بولدۇق، ياخشى چالدىڭىز.

— سىلەرگە ياققان بولسىلا.

— تازلارنى قوشاق قېتىشقا ئۇستىكەنسىز، كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالدى.

— ئېيتىۋېرىپ كۆنۈپ قاپتۇق.

— يۇرتىڭىز نەدىن؟

— كۇچاردىن.

— نېمە ئىش-ئوقەت قىلىسىز؟  

— كاۋاپچىلىق قىلاتتىم، تۈنۈگۈن جايىمنى ئۆتكۈزۈپ بېرىۋەتتىم. باشقا يەر ئىزدەپ باقاي دەۋاتىمەن.

— ئۇنداق قىلىپ يۈرگىچە مەشەدىلا ئىشلىسىڭىز بولمامدۇ؟ كاۋاپدان تەييار، ھەققىڭىزنى ئوبدان بېرىمەن، كاۋاپ چىقىرىشتىن باشقا ئىش قىلمايسىز.

روزاخۇن بۇ تەكەببۇر خېنىمنىڭ ئىلتىجالىق كۆزلىرىگە، ئىشەنچلىك سۆزلىرىگە مەست بولۇپ، دەرھال ماقۇل دەۋەتكۈسى بولسىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالدى:

— مەن ئايرىم ئوقەت قىلىپ ئۆگىنىپ قاپتىكەنمەن.

— ئۇغۇ ياخشى ئىش، لېكىن سىز كاۋاپچىلىق قىلىپلا ئۆتۈپ كەتسىڭىز بولمايدۇ-دە. دۇتتارنى ياخشى چالىدىكەنسىز، بۇنىڭ قەدرىنى قىلمىساق بولامدۇ؟ سىز بۇ يەردە كاۋاپچىلىق قىلىپلا ئۆتۈپ كەتمەيسىز، ئايرىمخانىدا مېھمانلارغا دۇتتار چېلىپ بېرىپ ئانچە-مۇنچە ئۆرۈم ئالىسىز. كېيىنچە مۇزىكلىق رېستۇران ئېچىپ قالسام نومۇر ئورۇنلايسىز، ئۇ چاغدا ھەققىڭىزنى ئايرىم ھېسابلايمىز. دېمەك، بۇ يەردە تۇرىدىغان ياتاق، يەيدىغان تاماق، چالىدىغان دۇتتىرىڭىز بولىدۇ. رېستۇرانغا كەلگەن خىلمۇ خىل مېھمانلار بىلەن تونۇشىسىز. ئايرىم كاۋاپ سېتىپ، ئۆزەم تاپتىم، ئۆزەم يېدىم دېگەنبىلەن، ئادەمدەك ياشىغىلى بولامدۇ؟ جىندەك مۆكۈنۈپ ياشىغىچە، ئادەمدەك ئارىلىشىپ، كۈلكە-پاراڭ بىلەن ئۆتكەن ياخشى ئەمەسمۇ؟! بۇ شەھەرگە يالغۇزلۇق ياراشمايدۇ، تېخى بويتاق ئىكەنسىز. ھالىڭىزدىن كىم خەۋەر ئالىدۇ؟ ئاغرىپ قالسىڭىز كىم دوختۇرخانىغا ئاپىرىدۇ؟ خەنزۇ قوشنىڭىزمۇ ياكى بىزمۇ؟ قاملاشمىغان ئىشتىن بىرنى قىلىپ قويۇپ تۈرمىگە كىرىپ كەتسىڭىز كىم بىلىدۇ؟ سىزنى كىم ئەچىقىدۇ؟ ئۆلۈكى 15، 20 كۈن تۇرۇپ قالغان بالىلارنى بىز پۇل چىقىرىپ، ئاپىرىپ كۆمۈپ قويمىدۇقمۇ؟…

روزاخۇن بۇ گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى تەستىقلاپ ئولتۇردى، جەمئىيەت كۆرگەن خوتۇن دېگەن باشقىچە-دە. دېمىسىمۇ، يالغۇزلۇقتا ئادەم قانداق ساراڭلىقلارنى قىلمايدۇ؟ مۇسۇلمانلىق شەنىگە ئۆمۈرلۈك داغ تەگكۈزگەن شۇ رەسۋالىقمۇ يالغۇزلۇقتىن، ئەسەبىي قىتىغۇرلۇقتىن پەيدا بولدىغۇ؟ خۇددى قورقۇنچلۇق ئەسلىمىدەك تۈس ئالغان قاباھەتلىك چۈشىمۇ يات جىنلارنىڭ ئۇۋىسىدەك ۋەيرانە ھۇجرىدا، ئېغىر گۇناھىدىن قورقۇپ تىترەپ يالغۇز ياتقاندا يۈز بەردىغۇ؟ خەيرىيەت، ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى. شۇملۇق، پېشكەللىك، پالاكەتنىڭ ئۇۋىسى بولغان ئۇ يەردىن قېچىپ كەلدى، بەلكى يالغۇزلۇقتىن، يالغۇز ئۆلۈمدىن قېچىپ كەلدى. زاكىرە خېنىمنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلىپ، يەنە يالغۇزلۇققا قايتىپ كەتسە، بۇرۇنقىدەك قاباھەتلەر تەكرارلانمايدۇ دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ شۇڭا بۇ تەكلىپنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، بۇ خېنىمنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىش كېرەك.

— دېگەنلىرىڭىز توغرا، يالغۇز ئوقەت قىلغاننىڭ جاپاسى جىق،_ دېدى ئۇ ھاياجىنىنى بېسىۋېلىپ،_ ئۆزەم بەگ، ئۆزەم خان دەپ ياشىغان بىلەن دەردىنى ئۆزىمىز بىلىمىز. يالغۇز ئۆيدە نەچچە قېتىم زۇكام بولۇپ قىززىپ كېتىپ، ھوشۇمنى بىلمەي ياتقان ۋاقىتلىرىم بولغان. شۇ چاغدا ھەتتا بىر نەچچىسىگە تېلېفوندا ۋەسىيەت قىلىشنى ئويلاپ، تېلېفونۇمغا قاراپ ئۇزاق تۇرۇپ كەتكەن. كېيىنغۇ خۇدايىم شىپالىق بېرىپ ساقىيىپ كەتتىم، ساقايغاندا ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتىدىغان گەپكەن. ھازىر ما گېپىڭىزنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ قالدىم.

— مەن ھەرگىز زىيانلىق گەپ قىلمايمەن. بويتاقلىق، يالغۇزلۇقنىڭ دەردى يامان، بولۇپمۇ بۇنداق مۇساپىرچىلىقتا. قاراڭە، مۇشۇ چىرايىڭىزدىنلا دەرتمەنلىكىڭىز چىقىپ تۇرىدۇ. كۆزىڭىز ئولتۇرۇشۇپ كېتىپتۇ، چەكمەيدىغانسىز؟

— ياقەي، بىز ئۇنداق ئىشتا يوق.

— بىر نەرسىدىن قاتتىق قورقۇپ كەتكەندەك كۆرۈنىسىز. قورقماي ياشاڭ، ناخشا ئېيتقاندا قانداق نوچى بولسىڭىز، ئادەتتىمۇ شۇنداق نوچى يۈرۈڭ. بۇ يەرگە كەلسىڭىز، بۇنداق شارائىتنى سىزگە يارىتىپ بېرىمەن.

— رەھمەت، بۇنداق يېرىڭىز بولسا ئىشلىسەم ئىشلەي.

— ئوغال بالا ئەركەك! ئەمىسە ئەتىدىن باشلاپ ئىشلەپ كېتىڭ.

— ئىش ھەققىنى قانداق دېيىشىمىز؟

— ياتاق، تاماق مەندىن. ئىش ھەققىڭىزنى ھازىرچە 3000 يۈەن دەپ تۇرايلى. سودىمىز ئېقىپ كەتسە ئۇنىڭدىنمۇ ئۆستۈرۈپ بېرىمەن.

بۇ ھازىرقى شارائىتتا يامان ئەمەس پۇل ئىدى، ئەڭ مۇھىمى ئۇ جىن تەگكۈر يالغۇزلۇقتىن، قاباھەتلىك ئەسلىمىگە تولغان قارغىش تەگكۈر ئۆيدىن ئايرىلىپ، ئاشپەز، ناۋايلار، كۈتكۈچى قىزلار، خېرىدارلار بىلەن ھەر كۈنى قايناپ تۇرىدىغان بۇ يېڭى مۇھىتتا جۇشقۇن ھاياتىنى باشلايتتى، قورقماي ياشايتتى.

— مەن بۈگۈن ئۆزەم تۇرۇۋاتقان ئۆينى قايتۇرۇۋېتىپ ياتاق ئىزدەپ يۈرگەن، تۇيۇقسىزلا بۇ چايغا كېلىپ قالدىم. بىرەر ياتىقىڭىز بولسا بۈگۈنلا مەشەدە قونۇپ، ئەتە ئىش باشلاپ كەتسەم.

— ۋاي بولىدۇ، ياتاق دېگەن كەڭرى. ئەمىسە ھازىرلا چىقىپ سىزنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قوياي.

روزاخۇن زاكىرە خانىمغا ئەگىشىپ، ئارقا ھويلىدىكى ئاشپەز، ناۋايلارنىڭ ياتىقىغا كىردى. ياتاقلار خېلى كەڭرى بولۇپ، ئاستى-ئۈستى ئىككى قەۋەتلىك كارىۋاتلار قويۇلغانىدى. زاكىرە خانىم ئۇنى ناۋايلىق قىلىدىغان بىرسىنىڭ ياتىقىدىكى بوش كارىۋاتقا ئورۇنلاشتۇردى. خانىم چىقىپ كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئايرىمخانىدىن دېسكو مۇزىكىسى ياڭرىدى، خوتۇنلار قانداق قىلىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ، شاشلىشىپ كەتتىكىن، "ۋۇيت-ۋۇيت" قىلىپ يەنە ئويناشقا باشلىدى. روزاخۇن تولغىنىپ ئۇخلىيالمىدى، ئەرلىرىگە غەزەبلەنگەن خوتۇنلارنىڭ ئەسەبىي باشلىرى، سېرىق چاچلىرى توختىماي سىلكىنەتتى، ئەرلىرىدىن ئېشىپ قالغان يۇمشاق بەل ۋە ساغرىلىرى ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغىناتتى… ئۇلار بۇ ئەلپازىدا كېچىچە ئوينايدىغاندەك، ياستۇققا بېشىنى قويسىلا ئازابتىن ئۆلۈپ قېلىشتىن قورقىدىغاندەك ۋە مۇشۇنداق ئويناپ تاڭنى ئاتقۇزىدىغاندەك قىلاتتى.

— چېچىدىن تۇتۇپ دېرىزىدىن ئېتىۋەتكۈدەك بولدۇم بۇ پەس نېمىلەرنى!

روزاخۇن چۆچۈپ يېنىدىكى ناۋايغا قارىدى، چىراق ئۆچۈرۈلگەن بولسىمۇ دېرىزىدىن چۈشۈپ تۇرغان غۇۋا نۇردا ئۇنىڭ غەزەپلىك چىرايىنى ئوچۇق كۆردى.

— جەمئىي نەچچە خوتۇن بۇلار؟

— ئالتە،— دېدى روزاخۇن ئۇنىڭ گېپىگە تۇتۇلۇپ.

— شۇ خوتۇنلارغا دۇتتار چېلىپ بەرگەنگە نەچچە پۇل بەردى؟

— سېنىڭ نېمە ئىشىڭ؟!_ دېدى روزاخۇن غۇژژىدە كەلگەن ئاچچىقتىن تىترەپ بېشىنى كۆتۈرۈپ.

— مېنىڭ باشقا ئىشىم يوق، سوراپ قويدۇم.

— خەقنىڭ ئىشىغا ئارىلاشما.

— بۇ ياتاققا كىرمىگەن بولساڭ ئارىلاشمايتتىم، كىرگەن ئىكەنسەن چوقۇم ئارىلىشىمەن. زىتىمغا تەگسەڭ قاراپ ئولتۇرمايمەن، دەيدىغاننى دەيمەن، چىدىمىساڭ باشقا ياتاققا چىقىپ كەت.

روزاخۇن ئۇنىڭ بىر ياتاقنى يالغۇز ئىگىلەپ يېتىۋالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدى.

__ سېنىڭ دەستىڭدىن خاتىرجەم ياشىغىلى بولمايدىكەن-دە بۇ يەردە،__ دېدى روزاخۇن ئاچچىقىدىن يانماي، بۇ ئاچچىقتا ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئۇيقۇسىمۇ قېچىپ، ھەر قانداق تەھدىتكە تاقابىل تۇرىدىغان دەرىجىدە سەگەكلىشىپ كەتتى.

— بۇ ئۆزەڭگە باغلىق، ئىشقىلىپ، بىرەر ئىشىڭ كۆزۈمگە سىغماي قالسا، يۈزۈڭگە دەۋېرىمەن. باياتىن شۇ خوتۇنلار ئارىسىدا دۇتتار چالغىنىڭنى كۆردۈم. غىتمەك نېمىكەنلا دېدىمغۇ ئىچىمدە. ئەركەك بولساڭ ما گېپىمگە تېرىكمەيسەن. مەنمۇ سېنىڭ تازلارنى تىللاپ ئېيتقان ماز ناخشاڭنى ئاڭلاپ تېرىكمىدىم. دېمىسەڭمۇ مەن تاز، لېكىن مەندەكلەرنى سۆكۈپ، ئۇ خوتۇنلارغا مازلاشتۇرۇپ بەرگەن سەنمۇ بىر ماز ئىكەنسەن…

— جاھاندا سەندىن باشقا تازلار جىققۇ،— دېدى روزاخۇن ئاچچىقلاش ياكى كۈلۈشنى بىلەلمەي،—سېنىڭ تازلىقىڭنى كىم بىلدى؟

— مەيلى كىملا بولسۇن، بىرسىنى كەمسىتىپ قوشاق قېتىشىڭ خاتا. بۇ خوتۇنلارغا خوشامەت قىلىشنى ساڭا كىم قويدى؟ بۇ خوتۇنلارنىڭ قانداق نېمىلەر ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ ئەرلىرى چەت ئەلگە كېتىپ بىرەر ئاي بولمايلا ئۆزىنى بۇلغاپ رەسۋا بولدى. ئاشپەز، كاۋاپچىلار بىلەن چاتىقى بارمىش، قۇرۇق گەپ، ئۇنداق ھاكاۋۇر خوتۇنلار ئۆزى كۈندە ئىشقا بۇيرۇيدىغان قاسماقلارغا مەيدىسىنى يېقىپ بېرەمدا؟ بۇزۇلغىسى كەلگەن نېمىلەر ئۆزلكىدىنلا بۇزۇلىدۇ، خۇددى چىۋىن قونغان گۆشتەك. ئەرلىرى بۇنداق گۆشنى ئەمدى يېمەيدۇ، شۇڭا ھەممىسىنى تالاق قىپتۇ، مانا مۇنداق ئەرلەرنى ھەقىقىي ئەركەك دەيمىز. ئاڭلاپ تۇرسام، سەن شۇلارنى مەسخىرە قىلدىڭ، ۋاپاسىز دەپ تىللىدىڭ. خوتۇنلار قىن-قىنىغا سىغماي ماختاپ بەرسە ئۆزەڭنى بىلمەي چالىۋەردىڭ. سەندەك ئادەمنى دۇتتارچى، ناخشىچى دېمەيمىز، گۇپپاڭچى، غىتمەك غەزەلچى دەيمىز.

— ئەمدى بولدى قىلساڭ بولارمىكىن؟!

— توختا، ما گېپىمنى دەۋالاي. سەن ھەزىلەك دېگەن گەپنىڭ مەنىسىنى بىلەمسەن؟ بۇرۇن ئۇيغۇرلار سەلتەنەت سۈرگەندە ئوردا قىززىقچىلىرىنى "ھەزىلكەش" دەپ ئاتايتتىكەن. بۇ گەپ كېيىن ئۆزگىرىپ ھەزىلەك بولۇپ قالغان. ئەگەر سەن مۇشۇنداق چالىۋېرىدىغان بولساڭ، شاھ ئۇيغۇر رېستۇرانىنىڭ ھەزىلىكى بولۇپ قالىسەن. بۇ گەپلىرىمنىڭ ھەممىسى ساڭا پايدىلىق. مەنمۇ ئىلگىرى چالاتتىم، سەندەك چالالمىساممۇ خېلى يامان ئەمەس چالاتتىم، ئاۋازىممۇ سەندىن قېلىشمايتتى. ناماز باشلىۋالغاندىن كېيىن چۇرت تاشلىدىم. نەغمە-ناۋا بىلەن خوشلاشتىم. يەنە پات-پات خۇمار تۇتۇپ قويىدۇ، ئەمما مۇشۇ شەيتان دېگەن نېمىگە ئىشىك ئېچىپ بەرمەي دېدىم. مېنى ھېچنېمە بىلمەيدىغان دۆت، ساۋاتسىز كۆرۈپ قالما، ئۈرۈمچىدە ئاشلىق مەكتەپنى پۈتتۈرگەنمەن، يېزىدا ئاشلىق ساڭلىرى ۋەيران بولغاندىن كېيىن ناۋايلىقنى باشلىدىم. ئۈرۈمچىدە ئىشلىدىم، ئاخىرىدا پۇلنى مەشەدە جىق تاپقىلى بولىدىكەن دەپ ئاڭلاپ بېيجىڭغا كېلىپ، بۇ خېنىمنىڭ رېستۇرانىغا كېلىپ توختىدىم. ئايرىم دۇكان، ئايرىم تونۇرۇم بار، بۇ يەرگىمۇ بەك بېقىنىپ قالمايمەن، بۇ رېستۇراننىڭ خەقلىرى ئۇنچە جىق ناننى يەپ بولالامدۇ دەيسەن، باشقا رېستۇرانلارغىمۇ نان تارقىتىمەن. سودام ياخشى، ئۆيگىمۇ ئانچە-مۇنچە پۇل سېلىپ تۇرىمەن…

ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ ياتقان روزاخۇننىڭ قورساق كۆپۈكى بىر ئاز بوشىدى:

— كۈنۈڭ ياخشى بولغاندىكىن، خەقنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماي نامىزىڭنى ئوقۇپ ئۆتىۋەرسەڭ بولمامدۇ؟

— يامان ئىشلارنى كۆرگەندە توسۇش، بولمىسا نەسىھەت قىلىش، ئۇنىمۇ قىلالمىسا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك. بۇ دېگەن مۇسۇلماننىڭ ئەقەللىي بۇرچى. سېنىڭچە بولسا، مەن سېنىڭ ئىچەرمەنلىكىڭنى، ھاياسىز خوتۇنلار بىلەن بىرلىشىپ تازلار ئۈستىدىن غەيۋەت قىلغىنىڭنى توغرا چۈشەنسەم، ماختىسام بولىدىكەن-دە! بولسا شۇ قىلىقلىرىڭغا قاراپ ھىجىيىپ قويسام، مېنى تازا كەلتۈردۈڭ-ھە دەپ دولاڭغا ئۇرۇپ قويسام، ھە ئاغىنە، مەنمۇ سەندەك چالاتتىم، ئىككىمىز تازا تېپىشىپتۇق دەپ ساڭا ئۈلپەت بولسام بولامتى؟ مەن ئۇنداق ھاماقەت ئەمەس. مۇسۇلمان دېگەن ئۆزىنىڭ قانداق ئادەملىكىنى، نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ياشىشى كېرەك.

— سەن مېنى مۇسۇلمان ئەمەس دېمەكچىمۇ؟ مەنمۇ ساڭا ئوخشاش ناماز ئوقۇيمەن، جۈمەگە بارىمەن.

— شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمان بولدۇڭ؟

— بۇرۇن بىر مەزگىل بەش ۋاق ئوقۇغان، كېيىن تاشلىۋەتتىم.

— ۋاي تېخى، سەن نامازنى ئەمەس، ناماز سېنى تاشلىۋەتكەن گەپ!

كاللىسى قېيىپ كەتكەن روزاخۇن بۇنىڭغا نېمە دېيىشنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى.

— نامازنى تاشلىۋېتىپتىمىش تېخى، مۇشۇ گېپىڭدىنلا تەكەببۇرلۇقۇڭ، ئاللاھقا ھەقىقىي تەسلىم بولمىغانلىقىڭ چىقىپ تۇرىدۇ. ناماز سېنى تاشلىۋەتتى دېگەنلىك، ئاللاھ سېنى تاشلىۋەتتى دېگەنلىك. ئاللاھنى تېخى تونىمىغانلىقىڭ ئۈچۈن ئاللاھ سېنى تەرك ئەتتى، ئاللاھنى ئۇنتۇغانلىقىڭ ئۈچۈن ئاللاھمۇ ساڭا قارىمىدى دېگەنلىك. بىراق ئاللاھ ئۆز بەندىسىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ. سەن ئۇنتۇپ قالساڭمۇ ئۇ زات ئۇنتۇمايدۇ. سېنىڭ يەنە ھەر كۈنى پەرز ئىبادەتلەرنى قىلىشىڭنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا سەن جۈمەگە بېرىۋاتىمەنغۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىش تۈگىدىغۇ دەپ ئويلىماي ، بەش ۋاق نامازنى باشلىۋال.

— ھازىرچە جۈمەگە بارغاچ تۇراي، كېيىن بىر گەپ بولار…

— قاچانغىچە ھەپتىلىك مۇسۇلمان بولۇپ يۈرۈيسەن؟

— بۇ نېمە گەپ، كۈندە بەش ۋاق ئوقۇمىسام كاپىر بولۇپ كېتەمدىم؟

— كاپىرغۇ بولۇپ كەتمەسسەن، لېكىن ھەپتىدە بىر قېتىم چېركاۋغا بارىدىغان خەنزۇلارغا ئوخشاپ قالىسەن.

— خۇدايىم ھەممە ئادەمنى سەندەك تەقۋا ياراتماپتىكەن قارا، مۇسۇلمانچىلىق ئاستا-ئاستا دەپتىكەن. كۇلىچىلىقتا ھەممە ئىشنى سەن دېگەندەك قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. سەن ئويلىغاننى مەنمۇ ئويلايمەن. لېكىن ساڭا ئوخشاش، ئۆزگىرىمەن دەپ دەرھال ئۆزگىرىپ تەقۋا بولالمايمەن.

— مۇسۇلمانچىلىق ئاستا-ئاستا دەپ بىر كۈنى پوككىدە ئۆلۈپ قالساڭچۇ؟ ئايدا نەچچە كۇلىچى كەلگۈندى بىچارىلەرنى خۇيزۇلارنىڭ ماشىنىسىغا سېلىپ ئەكىتىپ بارىمىز، بىلەمسەن؟

— ئۆلۈم دەپ قاپسەن، ئۆلمەي تۇرۇپ ئۆلگەن كەچمىشلىرىمنى ساڭا دېسەم، ئىشەنمەيسەن…__ ئۇ بۇلارنى دەۋېتىپ ئاغزىنى يىغىۋالدى، گۇناھتىن قارىيىپ كۆيۈپ كەتكەن بەدىنىنى، تەتەينىڭ يىغلامسىراپ تۇرغان ھالىتىنى ئەسلەپ شۈركىنىپ كەتتى.

— نېمە بولغانتىڭ؟

— ھە… قارا بېسىپ قالغان.

— چۈشۈڭدە ئۆزەڭنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرۈپتىكەنسەن دېگىنە، كېيىن قانداق بولدۇڭ؟ دوزاخنى كۆرۈپسەنمۇ، جەننەتنىمۇ؟

پۈتۈن ئۆينى بىر ئالغان ئوتنى، ئۆزىنىڭ كۆيۈپ چۈچۈلە بولغان جەسىتىنى كۆرگەن تۇرسا، ئەلۋەتتە دوزاخنى كۆرگەن بولىدۇ-دە، ئەمما بۇلارنى بۇ ناۋايغا ئېيتقۇسى كەلمىدى.

— ئېنىق ئەمەس، كۆرگەن چۈش پەقەت ئېسىمدە قالمايدۇ.

— سېنىڭ بۇ ئەپتىڭدە دوزاخنى كۆرۈش ئېھتىمالىڭ چوڭراق،—دېدى ناۋاي چاقچاق قىلغاندەك،— ئەگەر شۇنداق قورقۇنچلۇق مەنزىرىنى كۆرگەن بولساڭ، بۇنى بىر يامان بېشارەت دەپ ئويلاپ، گۇناھىڭغا تەۋبە قىلىپ، نامازنى باشلىۋال.

روزاخۇن ئېغىر ئۇھ تارتىپ، تامغا قاراپ ياتتى. ناۋاي يامان گەپ قىلمىدى، ئەقلى بار ئادەم بۇنى بىلىدۇ. ھازىرمۇ كۆزىنى يۇمسىلا شۇ تەتەي، شۇ ۋەيرانە ھۇجرا… ئويغاق بولسۇن ياكى چۈش كۆرۈۋاتقان بولسۇن، پاسىقلىقنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرى ئېڭىدا روشەن زاھىر بولدى. زىنادىن كېيىن جۈمەگە بېرىش بىلەنمۇ پاكلىنالمىدى، خاتىرجەم بولالمىدى، ھەتتا قارا بېسىپ ئۆلگىلى تاس قالدى. قېچىپ بۇ يەرگە كېلىپ پاناھلانغان بىلەن شۇ پاسىقلىق ۋە شۇ يامان چۈشنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمىدى. ئەمدى ئۇنىڭدىن كۈندە ناماز ئوقۇش، ئاللاھقا تەۋبە قىلىش بىلەنلا قۇتۇلۇشى مۇمكىن. بۇنى قىلالامدۇ؟ ناۋايدەك تەقۋا بولالامدۇ؟ دۇتتىرىنى كۈندە ۋاڭشىتىپ چالالامدۇ؟…

ئۇ تولا ئىككىلەندى، بىر ياقتا ئويۇن-تاماشا، بىر ياقتا ناماز؛ بىر ياقتا راھەت ۋە مەيلىخۇشلۇق. بىر ياقتا مۇشەققەت ۋە ئىنتىزام…

كاللا دېگەنمۇ ئاجايىپ نەرسە-ھە؟ بۇ ناۋاي پاراڭ سالمىغان بولسا روزاخۇن شۇ ئالتە خوتۇننى بىر-بىرلەپ ئەسلەپ، سېغىنىپ، شىرىن خىيال سۈرۈپ ئۇخلاپ قالغان بولاتتى. ئىشرەت سورۇنىغا چىلىنىپ چىققان مەست كاللىسىنى، خۇشاللىق ۋە خام خىيالنى لىق قاچىلىۋالغان قاپاق كاللىسىنى بۇ ناۋاي ئۆز ئىدىيىسى، رايى بويىچە خېمىردەك ئەيلەپ بىر نەرسە قىلىۋەتتى، ئەمدى ئەتىدىن باشلاپ زۇۋۇلىنى ئۆزى راستلايدۇ، شۇنداق قىلمىغىچە بولدى قىلمايدۇ…

ناۋاي ئۇنى ئۆزىدەك قىلالمىسىمۇ، ئۆلچەملىك بىر مۇسۇلمان قىلماقچى. ئۇنىڭغا قارشى چىقسا ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ. چۈنكى چۈشىدە بولسىمۇ دوزاخنى بىر قېتىم كۆردى…

ناۋاي ئاخىر خورەك تارتىپ ئۇيقۇغا چۈشتى. "ئويغاق چاغدىمۇ، ئۇخلىغاندىمۇ ئارام بەرمەيدىغان ئاداشكەن بۇ،- دەپ ئويلىدى ئۇ ئۇ ئۇ ياق-بۇياققا تولغىنىپ،- بەش ناماز دېگەننى مەھەللەمگە قايتىپ قېرىغاندا ئوقۇساممۇ بولاتتىغۇ؟ بۇ يەردە ئىشنىڭ تولالىقىدا كۈندە بەش ۋاق ئوقۇپ بولالايمەنمۇ؟ زاكىرە خانىم تولا چاقىرىپ ئاۋارە قىلسا نامازنى تاشلاپ ماڭغىلى بولامدۇ؟ ناماز بىلەن نەغمە-ناۋا، تەقۋالىق بىلەن ئويۇن-تاماشا بىر يەرگە كېلەلمىسە، ئىچىم پۇشۇپ ساراڭ بولۇپ قالمايمەنغۇ؟…"

ئەتىسى ئەتىگەندە ناۋاي ئۇنى بامداتقا ئويغاتتى، ئۇ قوپماي يېتىۋالدى.

— ئاخشام مەن نېمە دېگەن؟

— نېمە دېگەن؟ ھېچ گەپ ئېسىمدە يوق.

— ئۆزەڭنى مەست دەۋالماقچىما؟ خۇپسەنلىك قىلماي قوپۇپ تاھارەت ئال. سۇ تەييارلاپ قويدۇم.

— مەن تېخى بەش نامازنىڭ قائىدىلىرىنى ئۇقمايمەن. ئالدىرىماي ئۆگىنىمەن…

— جۈمەگە بېرىپ نېمە ئوقۇدۇڭ؟ مۇشۇ نامازنىمۇ جۈمە ئوقۇغاندەك ئوقۇيسەن. ئىككى رەكەت سۈننەت، ئىككى رەكئەت پەرز. ھازىرچە بىلىدىغان سۈرىلىرىڭنى تەكرارلاپ ئوقۇۋەرسەڭ بولىدۇ.

— بۈگۈنچە ئوقۇماي تۇراي.

— نېمىشقا؟

— مىجەزىم يوق، ئۇيقۇمنى ئاچالمايۋاتىمەن.

— ناماز ئوقۇمايدىغان بولساڭ ئاۋۇ تەركى سالاتلارنىڭ ياتىقىغا چىقىپ كەت. كۈن قىزىل بولغىچە ياتىدىغان سەندەك گۇيلارنى كۆرەر كۆزۈم يوق!

ئۇنىڭ يەنە ئاچچىقى كەلدى، كۆزىنى ئوبدان ئېچىپ ناۋايغا قارىدى، كېچىدىن ئۇنىڭ غەزەبلەنگەن چىرايىنى غۇۋا كۆرگەن، ساقىلى باردەك قىلمايتتى.

— ماڭا بۇنداق بۇيرۇق قىلما! — دېدى ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ،— كىمۇ سەن؟ ئەتىگەندە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دېمەستىن نېمە زوتالىق قىلىسەن؟

— ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دېگەن گەپنى نامازدىن كېيىن دېيىشىمىز. قوپ ئورنىڭدىن!

— ئوقۇمايمەن قانداق قىلىسەن؟ ناماز دېگەننى زورلاپ ئوقۇتامتىڭ؟

— ئوقۇمىساڭ ئا ياتاققا چىقىپ كەت، مەن ساڭا قاراپ ناماز ئوقۇمايمەن.

— بۇ ياتاق، بۇ كارىۋات مېنىڭ، گېپىڭ بولسا زاكىرە خانىمغا دە…

— خاناچاڭغا دېمىسەكمۇ بۇ ئىشنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. شۇنچە گەپ قىلسام تەسىر قىلماپتۇ-دە ساڭا، خۇدادىن قورقمىغان ئادەمگە گەپمۇ ئۆتمەيدىكەن. بوپتۇ، پەيغەمبىرىمىزمۇ دەپتىكەن، ھايا قىلمىساڭ، خالىغىنىڭنى قىل. ئۇلۇغلىرىمىزمۇ دەپتىكەن، پەرۋەردىگارىنى تونۇمىغان ئىنساندىن ئۆز ئىگىسىنى تونۇيدىغان ئىت ياخشى…

روزاخۇن غەزەبتىن تىترەپ كەتتى:

— جاھاندا مەنلا تەقۋا، مەنلا مۇسۇلمان دەپ قالما. خۇدايىم بۇيرۇغان كۈنى، قانداق ئادەملىكىمنى ساڭا كۆرسىتىپ قويىمەن!

— كۆرسەتسەڭ ماڭا كۆرسەتمەيمەن، ئاللاھقا كۆرسىتىسەن، ئاللاھ ئىنساۋىڭنى بەرسۇن.

— سەن ئۆزەڭنى تەقۋا دېگەن بىلەن بەك ھاكاۋۇر نېمىكەنسەن.

— ۋاي تېخى، ئاللاھقا كەمتەرلىك بىلەن بويسۇنمىغان، ناماز ئوقۇمىغان سەندەك ئادەمدىنمۇ ئۆتە تەكەببۇر، چوڭچى بولامدۇ؟ بەلكىم بىز ئۆز غۇرۇرىمىز بىلەن ياشىغاچقا شۇنداق كۆرۈنۈپ قالىدىغاندىمىز، يەنە دىنغا دالالەت قىلغۇچىلارمۇ شۇنداق كۆرۈنۈپ قالىدۇ، نادانلار ئۇلارنى چۈشەنمەي ھاكاۋ

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2