كاۋاپچىنىڭ ھۇجرىسى
(پوۋېست)
ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد
سىز بىر كىنو كۆرۈۋاتىسىز، ۋەقەلىكى يالغان، ئەمما كۆرۈنۈشلىرى راست. ئەگەر كىنو كۆرمەيۋاتقان بولسىڭىزمۇ مەلۇم بىر چوڭ شەھەرنىڭ ئومۇمىي مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ، بۇ شەھەردە مانجۇلار ھاكىمىيەت قۇرغان، ئىپارخان راۋاققا چىقىپ غەربكە نەزەر تاشلاپ يۇرتىنى سېغىنغان، جىگدە پۇراقلىرىغا تەشنا بولغان.
ئارىدىن يۈز نەچچە يىل ئۆتتى، زامانىۋى ئىپارخانلار بەدەنلىرىگە چىپپىدە كېلىدىغان ئۇسسۇل كىيىملىرى بىلەن سەھنىلەردە جىلۋە قىلىشقا باشلىدى، تېنىدىن چەت ئەلنىڭ داڭلىق ئەتىرلىرىنىڭ پۇرىقى تارىدى. ئۇلار ئۆزىگە ئەتىر چېچىپ، يات ئەرلەرنىڭ ئالدىدىن ئۆتسە، ئۇلار بىلەن زىنا قىلغاندەك بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. دوزاخ ئوتى ھەر بىر كۈچەيگەندە زىناخور ئەر-ئاياللارنىڭ قىيا-چىيا قىلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى.
بۇ شەھەرنىڭ داڭلىق بىر ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ. بۇ يەردىن 300 مېتىر شەرققە ماڭغاندا ھاجەتخانىلىرى پۇراپ تۇرىدىغان مەينەت ئارقا كوچا، بۇ كوچىدا بىر قېرى خەنزۇنىڭ كونا ئۆيى بار، بۇ قېرىنىڭ باشقا ئىشى يوق، تار ھويلىسىدا ئاپتاپسىنىپ ئولتۇرىدۇ. زېرىكىپ كەتسە تالاغا چىقىپ قېرى ئۈلپەتلىرى بىلەن ماجاڭ ئوينايدۇ. ئۇ بۇرۇن كۆمۈرخانا قىلغان ئۆيىنى بىر كاۋابچىغا ئىجارىگە بەرگەن. بۇ كاۋابچى پۇت سىغقۇدەك ماكانغا ئېرىشكىنىدىن خۇشال. فاڭدۇڭ قېرىنىڭ يالغۇز ئوغلى باشقا شەھەرگە پۇل تاپقىلى كەتكەن بولۇپ، دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئىشلەمچى ئايالدىن بىرنى قارىتىپ قويغانىدى. كاۋاپچىنىڭ كاتەكتەك ئۆيىدە چىرايلىق بىر دۇتاردىن بۆلەك كۆزگە چىلىققۇدەك بىساتى يوق ئىدى، ئەبجەق كارىۋىتى قاتتىقراق ئولتۇرسا سۇنۇپ چۈشىدىغاندەك قىيسىيىپ تۇراتتى، كىر يوتقانلىرىدا مايقۇرتلار ئۆمىلەپ يۈرەتتى. بىر بۇلۇڭدىكى پاكار جوزىدا گۆش پارچىلايدىغان دۇش ۋە پىچاق، پىچاق چاقلىغۇچ، داس، كورا، زىرە، لازا قۇتىلىرى قويۇلغان بولۇپ، ھەممە نەرسىسى مايلىشىپ، بىر قەۋەت توپا بېسىپ كەتكەنىدى.
كەچقۇرۇن كاۋاپچىلىقىنى تۈگىتىپ، پۇلىنى چۆنتەككە سالغان كاۋابچى چۆپقەتلىرىنى تېپىپ، پۇل تىكىشىپ قەرت ئوينايتتى. ئانچە تەلىيى كەلمەيتتى، كۆپ ئۇتتۇرىۋېتىشتىن قورقۇپ جىق پۇل تىكمەيتتى، كېچە 12 گە يېقىن ھۇجرىسىنى تېپىۋالاتتى. ئەتىسى چۈشكىچە قوپماي ياتاتتى. قاچان ئويغانسا شۇ چاغدا قوپۇپ يۈز-كۆزلىرىنى چالا-پۇلا يۇيۇپ، گۆش ئالغىلى باراتتى، بۇرۇن ياخشى گۆش قالمايدۇ دەپ سەھەردە بېرىپ ئالاتتى، كېيىن «بۇ خەقلەر پوقلۇق ئۈچەي بولسىمۇ يەۋېرىدىكەن» دەپ چۈشتە بارىدىغان بولدى، بېرىپ بىر ھازا باھا تالىشىپ ئەرزان يېرىدىن ئالاتتى، ئەمما ھۇجرىسىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ لاتىدەك گۆشلەرنى ئۇششاق پارچىلاپ زىخقا ئۆتكۈزۈپ بولالماي قىينىلاتتى، ئاچچىقىدا ئىش خوشياقمىغاندا دۇتتىرىنى قولىغا ئېلىپ، مۇڭلۇق پەدىلەرگە چېلىپ كۆڭلىنى خوش قىلاتتى:
روزىلەم دەيمۇ سېنى
قوزىلەم دەيمۇ سېنى
باغدا باققان پاقلىنىم دەپ
ئۆلتۈرۈپ يەيمۇ سېنى…
…
ناخشا ئۇنىڭغا بىر ئىشلارنى ئەسلىتەتتى، مۇڭلاندۇراتتى، يۈرىكىنى كاۋاب قىلىپ پۇچۇلايتتى، بۇنىڭدىن چىققان دەرت-ئەلەم ئىسلىرى كۆزلىرىنى ئېچىشتۇراتتى. بىر چاغلاردا ئۇ مەھەللىسىدىكى بالىلارنىڭ نوچىسى، سورۇننىڭ گۈلى ئىدى. ئەمدى مۇشۇ دۇتتىرىنى قۇچاقلاپ كۇلىچى، كاۋابچى بولۇپ قالدى. تويلاردا تۆردە ئولتۇرۇپ، شەپكىسىنى قىڭغىر كىيىپ، شوخ پەدىلەرگە چالغاندا تاپسىدا ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ئۆزىگە مەنىلىك باققان قىزلار باشقىلارنىڭ خوتۇنى بولۇپ كەتتى. تالاي كېچىلەر ئۇخلاتمىغان شۇ ئايگۇلنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرى يۇلتۇزغا ئايلىنىپ كەتتى، تەلەپ قويدى، ئېرىشەلمىدى، ئېرىشەلمىسىمۇ مەيلىدى، ياخشى گەپ ئاڭلىيالمىدى، قىزنىڭ گېپى ئاخىرقى گېپى ئېغىر كەلدى: ئۆيدىكىلەر مېنى سىزگە ھەرگىز بەرمەيدۇ…قالغىنىنى ئۆزىڭىز بىلىڭ.
ئۇ ئۆزىنى بىلدى، ئۆزىنى دەڭسىدى، نامراتلىق تۆكۈلۈپ تۇرغان، كۆپ بالىجانلىق ئۆيدىن ئايرىلدى، دۇتتىرىنى قويۇپ قويسا بالىسىدىن ئايرىلغان ئاتىسى شۇ ئاچچىقىدا بۇ «يوغان چۆمۈچ»نى پېشايۋاننىڭ تۈۋرۈكىگە ئۇرۇپ چېقىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ ھېچ بولمىسا بۇ سازنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ چېقىپ ئېلىشىغا سېتىۋىتەرمەن دەپ ئويلىغانىدى، ساتالمىدى، ئۇنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىدىغان، ئۇنىڭغا بىردىنبىر گۈزەل ئەسلىمىلەرنى، تاتلىق غايە، ئۈمىدلەرنى ئاتا قىلىدىغان نەرسە مۇشۇ ساز ئىدى، ئۇنىڭ تىلسىز مۇڭلىرى مەھەللىدىكى قىزلار ۋە ئايگۇل ھەققىدە بىر نېمىلەرنى دەيتتى، كەتكىنى كەتتى، شوخ ياشا، قولۇڭنى بەر ماڭا، مۇڭلىرىمغا مۇڭداش بول…دەپ جاراڭلايتتى.
ئۇ ئۈرۈمچىدە بىر ئاشخانىدا ئىشلەپ ئازراق پۇل تاپقاندىن كېيىن ئىچكىرىگە بېرىپ باققۇسى كەلدى، كىچىكىدە ئۆستەڭگە سۇغا چۈشكەندىمۇ ئۇ سۇنىڭ ئەڭ قاينام، ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىگە بېرىشقا ئامراق ئىدى، قاراملىقتىن ھۇزۇرلىناتتى.
كۇلىنىڭ ئەڭ چوش شەھىرىگە كېلىپ، يەنىلا ئاشخانىدا ئىشلىدى. ئىچەرمەنلەر، چېكەرمەنلەر، ھاماقەت بىلەرمەنلەر، ۋالاقتەگكۈرلەر، قارغىشتتەگكۈرلەر، نەپسى بالا پاھشىۋازلار بىلەن بىر ياتاقتا يېتىپ، كۆرمىگەننى كۆردى، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدى، قىلمىغاننى قىلدى، ئەمما جاننى سېلىپ بېرىدىغان چاتاق ئىشلارغا ئارىلىشىپ قالمىدى، بۇنىڭغىمۇ شۇ قەدىناس دۇتتىرى سەۋەب بولدى، دۇتتار ئۇنى يەنىلا ھاياتلىققا، گۈزەللىككە، ئۈمىدكە باشلاپ تۇراتتى. ئۇ دۇتتىرىنى مەستلەردىن، ئۆلگۈسى كەلگەنلەردىن قانچە ئاۋايلىغانچە، ئۆزىنىمۇ شۇنچە ئاۋايلىدى. بۇنداق قالايمىقان، ئەنسىز كۈنلەردىن ئۇ پەقەت ئۆز ئالدىغا ئوقەت قىلىش ئارقىلىق قۇتۇلالايتتى، ئاشخانىدا قۇلدەك ئىشلەۋېرىشتىنمۇ زېرىككەنىدى. شۇنداق قىلىپ ئاخىر كاۋابچىلىقنى تېپىۋالدى.
ئۇ دۇتتىرىنى تەبىئىي تالانتى، ماھارىتى بىلەن شۇندااق كەلتۈرۈپ چالاتتىكى، ئۆزىدىن ئۆزى مۇڭلىنىپ مەست بولۇپ كېتەتتى. ئەپسۇس بۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ھۇزۇرلىنىدىغان بىر ئىنسان يوق ئىدى. فاڭدۇڭ قېرىنىڭ قۇلىقى ياخشى ئاڭلىمايتتى، ئىشلەمچى ئايال ئۇ مۇزىكىنى قەتئىي چۈشەنمەيتتى.
ئۇ چېلىپ-چېلىپ ھېرىپ، دۇتتىرىنى يۆلەپ قويۇپ، يەنە كاۋاب ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. ئەمما ئىشلەش قەتئىي خوشياقمىدى. سازغا يارالغان نازۇك، چىۋەر قوللىرى زىخقا گۆش ئۆتكۈزۈش بىلەن زايە كەتسە بولمايتتى، ئىمكانىيىتى بولسا سەھنىلەردە دۇتتار چېلىپ چىقسا بولاتتى، ئەمما كۆمۈلۈپ قالدى، بۇ يەردە گۆش بىلەن ياغ پۇراپ ئولتۇرماي چارىسى يوق. ئۇ ئىشىنى تاشلاپ قويۇپ ھويلىغا چىقىپ تاماكا چەكتى. ئىشلەمچى ئايالمۇ قىلىدىغان ئىشى يوق تالاغا قاراپ بىكار ئولتۇراتتى. تۇرۇپلا ئۇنىڭ كاللىسىغا خيال كەلدى: ئاخشام تەلىيى كېلىپ ئازراق ئۇتقانىدى، قىماردا ئۇتقان پۇلنىڭ بەرىكىتى بولمايدۇ، مۇشۇ پۇلنى ئاشۇ خوتۇنغا بېرىپ ئىشلەتسە بولماسمۇ؟ ئۇنىڭغا ئالاھىدە تېخنىك كەتمەيدۇ، قارا گۆش بىلەن ماينى پاتاڭغا ئارىلاشتۇرۇپ ئۆتكۈزۈۋەرسە بولىۋېرىدۇ ئىشلەمچى ئايال پۇل بېرىدىغاننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ماقۇل دېدى، كاۋاب ئۆتكۈزۈشنى بىر دەمدە ئۆگىنىۋالدى، قولى چاققان ئىدى، بىر زىخ ئۆتكۈزسە بەش پۇڭ ئالاتتى. بۇ پۇل ئوبدان خوش يېقىپ قالدى، شۇ كۈندىن باشلاپ كاۋابچى دېمىسىمۇ ئۆزى ئىزدەپ سوراپ كىرىپ قىلىدىغان بولدى. كاۋابچى گەرچە ئازراق پۇلدىن زىيان تارتسىمۇ، راھەتكە چىقىپ قالدى، سودىسى بۇرۇنقىدىن ياخشى بولۇپ كەتتى، قىماردىمۇ پات-پات ئۇتۇۋالىدىغان بولۇپ قالدى. بۇ تەتەينىڭ ئايىغى ياراشتىمۇ نېمە دەپ ئويلاپ قالدى، ئۇ ئايالغا دىققەت قىلدى، 30 نەچچە ياشلاردىكى تولغان جۇۋان ئىدى، نامراتلىقتىن ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن بولغاچقىلا كۆرۈمسىز كۆرۈنەتتى، ياسىنىپ چىقىدىغان بولسا بەلكىم ئاشۇ فاڭدۇڭ قېرىنىڭمۇ ھەۋىسىنى قوزغىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. «گۆھەر ياتىدۇ سايدا، تونۇمىسا نېمە پايدا» دېگەندەك، نەچچە ۋاقىتتىن كۈندە كۆرۈپ تۇرسىمۇ دىققەت قىلماي يۈرگەن گەپ. ئەمدى بۇ خوتۇن قانداق بولۇپ ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالدى؟ پايدا-مەنپەئەتمۇ؟ ئاددىي كىيىملەر ئىچىدىكى بەدىنىمۇ؟ كاۋابچى ئۆزىمۇ ئۇقالمىدى، ئۇنىڭغا بارغانسېرى ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ كەتتى، كوچىغا چىقىپ كىرسە ئانچە-مۇنچە بىر نەرسىلەرنى، ھەتتا كىيىملەرنى ئالغاچ كېلىپ ئۇنى خوش قىلىۋىتەتتى. بۇ كىيىملەرنى كىيىپ كاۋابچىنىڭ ئالدىغا كۈلۈمسىرەپ چىققان ئىشلەمچى ئايال ئادەتتىن تاشقىرى خۇشاللىق بىلەن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتاتتى.
بىر كۈنى چۈشكە يېقىن ئۇخلاپ قوپقان كاۋابچى ھويلىغا چىقىشىغا قېرىنىڭ ئۆيىدىن غەلىتە ئاۋازلار چىقىپ كەتتى، ئاندىن چاچلىرى چۇۋۇلغان ئىشلەمچى ئايال ئىشىكنى ئېچىپ ھويلىغا چىقىپ، كاۋابچىنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى، ئۇ ئېلىپ بەرگەن كىيىملەرنى فاڭدۇڭ قېرى ئېچىۋەتكەن بولسا كېرەك، ئايال ئۇنى ئېتىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالدى. «ئوبدان ياساندۇرۇپ قويسام، قېرىغا ئوبدان ياراپتۇ-دە!» دەپ ئويلىدى كاۋابچى ئەلەم بىلەن، ئاندىن بۇرۇلۇپلا ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى. كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ ئاچچىق كۈلدى، ئاندىن تۇرۇپلا ئۆزىگە كايىدى: « نېمىگە تېرىكىمەن؟ مېنىڭ خوتۇنۇممىدى ئۇ؟ نېمىگە چىدىماي كېتىمەن؟».
بىر دەمدىن كېيىن ئىشلەمچى ئايال خىجىللىق ئىلكىدە ئىش سوراپ كىردى، كاۋابچى چۈپەيلىك قىلماي ئۇنىڭغا ئىش بۇيرۇپ بېرىپ، تالاغا چىقىپ كەتتى. فاڭدۇڭ قېرى ماجاڭ ئوينىغىلى تالاغا ماڭغانىدى، كاۋابچىغا قاراپ غەلىتە كۈلۈپ قويدى. ئۇ ئۆزىنى مەسخىرە قىلىنغاندەك ھېس قىلىپ ئىچى ئۆرتىنىپ كەتتى. ھۇجرىسىغا يېنىپ كىردى. ئىشىككە قاراپ ئولتۇرغان ئىشلەمچى ئايال ساغرىسىغا پاكار ئورۇندۇقنى قويۇۋېلىپ، يۇمشاق گۆش، مايلارنى مايلىشىپ كەتكەن زىخقا چاققانلىق بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. كاۋابچى ئۇنىڭ چاترىقىغا قاراپ سالدى، ئايالنىڭ ئىشتىنىنىڭ ئېغى كىچىككىنە يىرتىلىپ كەتكەنىدى. نومۇس، نومۇس… كاۋابچى كارىۋىتىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە بىر مىنۇتچە قاراپ تۇرغاندىن كېيىن نىيىتىنى بۇزدى، كەينىدىن قۇچاقلاپ كارىۋىتىغا ئەكىلىپ باستى؛ بىر ھازا تىپىرلاشتىن كېيىن كارىۋات سۇنۇپ چۈشتى، ئايال قورقۇپ كەتكەن بولسا كېرەك، جىمىپ قالدى.
ئۇ ھوشىدىن كەتكەندەك ياتقان ئايالنى ۋە ھۇجرىسىنى تاشلاپ قويۇپ، ھويلىغا چىقتى. بۈگۈنكى كۈننىڭ جۈمە ئىكەنلىكىنى تۇيۇقسىز ئېسىگە ئېلىپ، گۇناھىدىن ئىچى سىقىلدى. ئەمدى بېرىپ تۇڭگان مەسچىتىدە يۇيۇنۇپ، ناماز ئوقۇمىسا مەڭگۈ گۇناھكار بولۇپ قالىدىغاندەك، ئىشلىرى بەرىكەت تاپمايدىغاندەك ھېس قىلىپ، ئالدىراپ مەسچىتكە ماڭدى. مەسچىتتە ئۇنىڭدەك يۇيۇنىدىغان كاۋابچىلارنىڭ كۆپلىكىدىن، بىر ھازا ئۆچىرەت تۇرۇپ ئاران بىرسىگە كىرەلىدى، ئەمدى يۇيۇنۇپ تۇرۇشىغا مەسچىت باشقۇرىدىغان ئاقساقال« چاققان بول» دەپ توۋلاپ، ئەرۋاھىنى ئۇچۇردى. ئۇ ئالدىراپ غۇسلى قىلىپ، مۇنچىدىن چىقتى، نامازغا ئارانلا ئۈلگۈردى. نامازدىن چىقىپ ئاي-يىللاپ كۆرۈشمىگەنلەر بىلەن سالام-سائەت قىلىشتى. بىر سائەتتىن كېيىن ھۇجرىسىنى تېپىپ، ئىچىدىكى ۋەيرانە ھالەتتىن داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدى، ئۆيدىكى ھەممە نەرسە ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋېتىلگەن، ئەڭ مۇھىمى نەچچە ۋاقىتتىن كۆز قارىچۇقىدەك ئاسراپ كەلگەن دۇتتارى ئۇرۇپ- دەسسىلىپ پارچە-پارچە قىلىۋېتىلگەنىدى.
ئۇ پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەن دۇتارنىڭ سۇنۇقلىرىنى قولىغا ئېلىپ تۆت تەرىپىگە قاراپ قويدى، ئاۋۋال كارىۋات سۇندى، كەينىدىن دۇتار… مانا ئەمدى ئۆزىمۇ پۇتى سۇنغاندەك ئولتۇرۇپلا قالدى، دۇتارنىڭ پارچىلىرىنى ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۆز ئورنىغا كەلتۈرەلمەي پىقىرىتىپ چۆرۈۋەتتى، دۇتارنىڭ ئۈزۈلگەن تارىلىرى گويا شۇ تەتەينىڭ چاچلىرىدەك چىگىشلىشىپ كەتكەن، چۇل-چۇل بولۇپ كەتكەن پارچىلىرى قايتا-قايتا سۇندۇرۇلۇپ مەشكە ئوت قالايدىغان تۇترۇق ياغاچقا ئايلانغانىدى. نىمېدېگەن زور ئۆچ ئېلىش بۇ ھە… ئۇ غەزەپتىن تىترەپ كەتتى. شەھۋەتتىن ۋۇجۇدى تىتىرەپ كەتكەندە ئۆزىنى تۇتالمىغان ئادەم ئەمدى غەزەپكە كەلگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالدى، شەھۋەتتە ھاياجان بولغان بىلەن نەپرەت ۋە ئۆچ ئېلىشتا ئېغىر ئازاب، كۈتۈلمىگەن پالاكەت بار -دە…
ئۇ ئولتۇرۇپ كەتتى، ئولتۇرۇپ كەتتى، فاڭدۇڭ قېرى ۋە تەتەينىڭ يەنە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ غەمگە پاتتى، تەلتۆكۈس ۋەيران قىلىنغان ھۇجرىسىدا قولغا چىققۇدەك ھېچقانداق بىسات قالمىغانىدى، ياغلىشىپ كەتكەن دۇشتا پالتا پىچاقمۇ كۆرۈنمەيتتى. ياخشى يېرى ئۇ پۇلىنى بۇ كاتەكتە ساقلىمايتتى، خاتىرجەم بولۇپ مەيدىسىنى سىلاپ قويدى. شۇ ئەسنادا ئىشىك تۈۋىدە فاڭدۇڭ قېرى بىلەن ھېلىقى ئايال پەيدا بولدى. ئۇلار باياتىن ئۇنى پايلاپ تۇرغاندەك، ساقچى باشلاپ كېلىپ نەق مەيداندا قولغا چۈشۈرۈشنى پىلانلاۋاتقاندەك سىرلىق، تەمكىن كۆرۈنەتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كەينىدە ساقچى بولمىسىمۇ ئۇ ھازىرلا ساقچى پەيدا بولىدىغاندەك تەمتىرەپ تىپىرلاپ كەتتى.
— ھۇ ھايۋان،−دېدى فاڭدۇڭ قېرى بىگىز قولىنى ئۇنىڭ كۆزىگە تەڭلەپ،− بىزگە چېقىلغۇدەك بولدۇڭما؟
كاۋاپچى كىنولاردا كۆرگەننى دوراپ «مەن خاتا قىپتىمەن» دەپ يۈزىنى كاچاتلاپ ياكى يەرگە يۈكۈنۈپ كەچۈرۈم سوراشنى ئويلىدى، ئەمما بۇ دەرىجىدە پەسلىشىشنى خالىمىدى.
— مەن ساڭا پاناھلىق بەرسەم ئەمدى قوپۇپ جايىمنى بۇلغامسەن؟ تۈرمىگە كىرەمسەن يا تۆلەم تۆلەمسەن؟ ئىككىنىڭ بىرىگە تۇر!
ھېلىقى ئايال قېرىنىڭ ئاغزىغا قاراپ بۇتتەك قېتىپ تۇراتتى.
ئۇ تۈرمىگە كىرىشنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ”بۇلار ساقچى چاقىرىپ قويدىمۇ نېمە“ دەپ ئويلاپ قورقۇپ كەتتى.
— پۇل… تۆلىسەم تۆلەي.
— 20 مىڭ تۆلەيسەن، بولمىسا باسقۇنچىلىق جىنايىتىڭ ئۈچۈن 20 يىل تۈرمىدە ياتىسەن. ساڭا دەپ قوياي، مېنىڭ بىر ئوغلۇم ساقچى.
ئۇنىڭ بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى، بۇنچە پۇلنى بىر يىل كاۋاپچىلىك قىلسا ئاران تاپالايدۇ، بىر يىل بىكارغا ئىشلەمدۇ؟ 20 مىڭ يۈەن دېگەنگە يۇرتتىن ئايگۇلدەك چىرايلىق قىزدىن بىرسى خوتۇنلۇققا كەلمەمدۇ؟ خوتۇن ئالالمىسا شۇ پۇل بىلەن ساتراشخانىدىكى مەينەتلەردىن كۆڭۈل ئاچسىمۇ قانغۇچە ياشايتتىغۇ…
— نېمىگە چەكچىيىپ تۇرىسەن، سەن سولتەككە ئىچ ئاغرىتىپ مۇشۇنچىلىك دېدۇق، رازى بولمامسەن؟
— شىڭ… شىڭ…−دېدى ئۇ سالپىيىپ.
— پۇلنىڭ ھەممىنى بۈگۈن بېرىسەن.
— مەندە ئۇنچىلىك پۇل يوق…
— تاپالمىساڭ ئاغىنىلىرىڭگە تېلېفون قىلىسەن، شىنجاڭلىق دېگەن پۇل تاپقىلى چىقىدۇ بۇ يەرگە. ساڭا ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت بېرىمەن، پۇل تاپقىچە مەشەدىن چىقماي ياتىسەن، بولمىسا ساقچىغا تۇتۇپ بېرىمەن.
قېرى ئۇنى ۋەيرانە ھۇجرىسىغا سولاپ قويۇپ، ئىشىكنى قۇلۇپلاپ ئەتتى. كاۋاپچى ساقچىغا تۇتۇلماي تۇرۇپلا تۈرمىگە كىرىپ قالغاندەك ئۇجۇقۇپ كەتتى. قاراڭغۇ، ۋەيرانە، پاسكىنا، گۆش، ماي پۇراپ تۇرغان بۇ ھۇجرىدا ئۇ ئەمدى بېشىنى چاڭگاللاپ ئولتۇرۇپ ئۆز ئۆزىنى تىللاش، بۇ پالاكەتتىن قۇتۇلۇش چارىلىرىنى ئويلاشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلالمايتتى. ئۇ خېلى ئۇزاققىچە چاترىقىغا تەلمۈرۈپ بۇ گۇناھلىق ئەزايىنىڭ شۇملۇقى ھەققىدە ئاچچىق خىيال سۈردى. ”ھەۋەس قوزغالغاندا كاللا ئىشلىمەيدۇ دېگەن گەپ راستكەن، تەقدىر ماڭا قوپال چاقچاق قىلىۋاتىدۇ…ئەتىگەن تېخى دۇتار چېلىپ پەيزى قىلىۋاتاتتىم، ئامىتىممۇ كېلىۋاتاتتى، مانا ئەمدى كۆز تەگدى. بۇنى كىمدىن كۆرىمەن؟ كاۋىپىمنى سېتىپ، ناخشامنى توۋلاپ يۈرىۋەرسەم بولماسمىدى؟
مەن كۇلىغا چىققاندا
ئالتىنچى ئايدا ياز ئىدى،
نەگە بارسام دۇتتارىم،
ئايرىلماسقا يار ئىدى.
كاۋاپ ساتتىم كۇلىدا،
دوقمۇشتىكى كوچىدا.
نەدە بولسام كۆيىمەن،
سەن يارىمنىڭ ئوتىدا.
ئاتىمىز يوق بۇ يەردە،
نېمە قىلساق قىلىمىز.
قۇلدەك ئىشلەپ بەگدەك يەپ
جاننى ئوبدان باقىمىز.
فاڭدۇڭ قېرى ئوبدانتى،
بۇ تەتەيگە بۇزۇلدى.
يېتىش ئۈچۈن مەقسەتكە،
ماڭا قاپقان قۇرۇلدى.
نەس تەتەي، نىجىس تەتەي،
نەسلىكىڭنى نىم بىلەي.
قالدىم ئەمدى چاتاققا
بۇ قىسمەتكە نېمە دەي…
كاۋاپچىنىڭ ئىچى مۇڭ زارغا تولۇپ كەتتى، دۇتتىرى بولغان بولسا ۋەھشى چېلىۋەتكەن، ئىچىدىكى بارلىق دەرت ئەلەملىرىنى تۆكۈۋالغان بولاتتى. ئەپسۇس، شۇنىمۇ ئاياپ قويۇشمىدى. ئۇنىڭ دۇتتارغا نەقەدەر ئامراقلىقىنى بىلگەندەك، ئۇنى چېقىپ تاشلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدى، كۆڭۈل خوشلۇقىنىمۇ يوق قىلىشماقچى بولدى… ئۇ سۇنۇق كارىۋاتنى سىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ مىڭ تەستە ئوڭشاپ ئوڭدا ياتتى، كاللىسى غەم-ئەندىشىدىن تاشتەك قاتتى، قىيىن قىستاقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن خىيالەن تىركىشىپ باقتى، ئەمما يەنىلا غەم دەرياسىدا سۇنۇق قولۋاقتەك ئاقتى…
ئۇ شۇنداق ياتتى، قانچىلىك ياتقىنىنى بىلمەيلا ياتىۋەردى، تەتەينى سىقىرىتىپ، ئۆزى مەسچىت مۇنچىسىدا يۇيۇنۇپ كېلىپ، بۇ پالاكەتتىن بېشى ئايلىنىپ قاتتىق ھېرىپ كەتكەچكىمۇ، بىر دەمدە مەلەق ئۇيقۇغا كەتتى. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى، بىلمىدى، بىر چاغدا سىرتقا چىقىپ قالدى، بېيجىڭنىڭ ئەتىيازلىق شامىلى قاتتىق چىقاتتى، ئىشىك ئالدىدىكى كاۋاپداندىن بىر تال چوغ چۈشۈپ دۇتارنىڭ سۇنۇقلىرىغا تۇتىشىپ، ئوت كۆيگىلى تۇردى. ئوت بىلەن تەڭ كۆپكۆك ئىس پەيدا بولدى. ئوت يىلاندەك ۋىشىلداپ، ئالدىدىكى قۇرۇق، ھۆل نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يالماپ يۇتاتتى. ئۇ تەتەينىڭ ئۈستىدە ئىنجىقلاۋاتقان چاغدىمۇ پۈتۈن ھۇجرىغا ئوت تۇتىشىپ كەتكەندەك تىنالماي قالغان، ئەتراپىدىكى ھەممە نەرسە چوغ رەڭگىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مەڭزىنى قىزارتىۋەتكەنىدى. ئەمدى ئوت ئۇنىڭ ئاستىدىكى سۇنۇق كارىۋاتقا تۇتىشىپ چاراسلاپ كۆيۈشكە باشلىدى، قاسماق يوتقانلىرىنىڭ ماز پاختىلىرىدىن ئىس چىقتى، نەشە پۇراپ كەتتى، بۇ پۇراق ئۇنىڭ بۇرنىغا كىرىپ كېتىپ قايتىپ چىقمايۋاتاتتى. ئۇ پاڭ بولۇپ كەتكەن نەشخور بەڭگىدەك ھۇزۇرلىنىپ ياتتى، ئۇ ئىلگىرى كۆمۈر گازىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن كاۋاپچىلارنى ئاڭلىغان، ئەر-خوتۇن قۇچاقلىشىپ يېتىپ تەڭلا ئۆلۈپ قالاتتىكەن. چۈنكى ئۇلار ئاخشىمى بىر قەپەز يوتقان جېڭى قىلىشقاندىن كېيىن ھېرىپ كېتىپ، مەشنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئۇخلاپ قالاتتىكەن. ئەتىسى ئۇلارنى بايقىغانلار “ كۇلىدا ياشىماق تەس كېلىپ ئۆزىنى بىللە ئۆلتۈرۈۋالدىمۇ نېمە…“ دەپ ئويلاپ قالاتتىكەن. شىرىن مۇناسىۋەتنىڭ ئەجەللىك كېسەلدەك ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالغانلىقىنى كىم بىلسۇن. ئۇ خوتۇن ئالمىدى، ئايگۇلنى باشقىلار خوتۇن قىلىپ، نەچچە بالىلىق بولۇپ كەتتى. ئۇ خوتۇن ئالمىغان بىلەن كۇلىچىلار ئارىسىدا قىمار ئويناپ ئولتۇرۇپ خوتۇنلارنىڭ يامانلىقى، بېشەملىكى، قىتىغۇرلۇقى، پۇلغا، ئالتۇنغا تويماسلىقى، ۋاپاسىزلىقى، قويمچىلىقى… ھەققىدە تولا گەپلەرنى ئاڭلاپ كەتتى. بىر قىمارۋاز ھەتتا ھازىرقى خوتۇنىنىڭ باسقۇنچىلىق قىلىپ ئالغان چىرايلىق قىز ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇۋەتكەن، كاۋاپچى ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قاراپ قالغانىدى. شۇ گۇينىڭ گېپى تەسىر قىلىپ كەتتىمۇ ئەيتاۋۇر ئۇ كاللىسىنى باشقۇرالماي تەتەيگە بۇزۇلدى. قارڭغۇ زىندانغا سولاندى، ئۆلمەي تۇرۇپ تاۋۇتقا چىققاندەك ياغاچ تاختا ئۈستىدە ياتتى. تىرىكلىكىدە دوزاخ ئازابى تارتىشنىڭ بېشارىتى سۈپىتىدە مانا بۇ ئوت ئۇنىڭغا تۇتاشتى… بۇ ئوتنى كىم قويۇپ بەردى؟ فاڭدۇڭ قېرى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئوت قويۇپ بەرمەيدۇ، 20 مىڭ يۈەننى ئالىمەن دەپ بولسىمۇ ئۇنداق قىلمايدۇ. ئاچچىقى يامان تەتەيخان ھەر قانچە بولسىمۇ ئۇنداق قىلماس، لېكىن پۇلنى بۇ قېرىدىن ئالالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، بۇ ھايۋاننى ئۆزەملا بىر تەرەپ قىلىۋېتەي دەپ ئوت قويۇپ بەرگەن بولسىچۇ؟… ئۇ چۆچۈپ ئىككى يانغا تىپىرلىدى، دومىلىدى، بىراق ئورنىدىن قوپالمىدى. ئۇنىڭ ئاستى، ئىككى تەرىپىدە تەڭلا ئوت كۆيۈۋاتاتتى، ساپسېرىق ئوت نەشتەردەك تىللىرىنى ئۇزىتىپ ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىشقا باشلىدى. ئۇ تالادا تۇرۇپ ئۆزىگە ئىچ ئاغرىتىشقا باشلىدى، ئوت ئۇنىڭ بەدىنىگە تۇتاشتى، سېمىز بەدىنى خۇددى جىن چىراغنىڭ پىلىكىدەك لاپپىدە ئوت ئالدى ۋە قاپقارا ئىس چىقىرىپ كۆيۈشكە باشلىدى. ئۇ شۈركىنىپ كەتتى، بەدىنىم ئەسلىدە ياغ قاچىلانغان تولۇم ئىكەنغۇ، مەن 25 يىلدىن بېرى بەدىنىمگە ماي يىغىپلا ياشاپتىمەنغۇ… دەپ ئويلاپ قالدى. ئۇنىڭ بەدىنىدىن ئېقىپ چۈشۈۋاتقان مايلار ئوتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى. ئۆزىنى كۈچەپ كۆيدۈرۈۋاتقان مايلىق بەدەن بىر دەمدە قاپقارا چۈچۈلىگە ئايلاندى… ئۇ بۇ مەنزىرىگە چەكچىيىپ قاراپ تۇرغاندا ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسىنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك سېگنالى ئاڭلاندى، فاڭدۇڭ قېرىنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋە ساقچىلار يېغىپ كەتتى. «ئىشىكنى ئاچ، بىز ئوتنى ئۆچۈرىمىز» دەيتتى قىزىل قالپاق كىيىۋالغان ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر، فاڭدۇڭ قېرى بىلەن ھېلىقى تەتەي ئۇلارنى توسۇپ تۇرۇۋالدى. ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر« بۇلارغا سىلەر ئامال قىلىڭلار“ دەپ ساقچىلارغا قاراپ تۇردى. ئاچچىقى يامان بىر ساقچى “ ئاناڭنى قېرى، ئۆتە ماياققا“ دەپ تاپانچىسىنى چىقىرىپ، ھويلىنىڭ قۇلپىسىنى چېقىپ ئىچىگە كىردى. ئۇ بىر چەتتە سالپىيىپ تۇرغان قېرى ۋە سەتلىشىپ كەتكەن تەتەيگە بىر ئالىيىپ قويۇپ، ساقچىلارغا ئەگىشىپ ئىچكىرىگە كىردى. ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر ئوت كەتكەن ھۇجرىغا شىددەت بىلەن سۇ چاچتى، بىراق ئوت ئۆچەي دېمەيتتى. ئوتنىڭ قىپقىزىل يالقۇنلىرى ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرنىڭ قالپىقىنى تېخىمۇ قىزارتىۋەتكەن، ساقچىلارنىڭ كۆز قارىچۇقلىرىدىمۇ ئوت يالقۇنى چاقناپ تۇراتتى. بايا ئىشىكنى ئاچقان ساقچى ئاچچىقىدا ۋاقىرىدى:
— ھەي قېرى، بۇ ئۆيۈڭدە بېنزىن تۇڭى بارمۇ نېمە؟ ئوت نېمىشقا ئۆچمەيدۇ؟
— بۇ ئۆي ئىلگىرى كۆمۈرخانا ئىدى.
— ھازىرچۇ؟
— ھازىر بىر شىنجاڭلىق تۇرۇۋاتىدۇ.
— نېمە ئىش قىلىدىغان نېمە ئۇ؟
— كاۋاپچىلىق قىلىدۇ.
— يەنىچۇ؟
— ئۇنى ئۇقمايمەن.
— ئۇ بۇ ئۆيۈڭدە تۇرغىلى قانچىلىك بولدى؟
— بىر يىلدەك بولدى.
— زەنجۇجىڭى بارمۇ؟
— يوق.
— يوق تۇرۇپ نېمىشقا ئۇنى تۇرغۇزدۇڭ؟
— مەن بار دەپ ئويلاپتىمەن، لېكىن ئۇنىڭ باشقا يامان ئىشى يوق.
— ھەر ئايدا ئىجارە ئېلىۋاتقانسەن، پۇلغا تويمايدىغان قېرىكەنسەن-دە، ھازىرچۇ؟ ئىچىدە ئادەم يوقتۇ؟
فاڭدۇڭ قېرى بىلەن ھېلىقى تەتەي بىر-بىرىگە چۆچۈپ قاراشتى.
— ھازىر ئىچىدە ئادەم بارمۇ يوقمۇ دەۋاتىمەن؟
— يوقمىكىن… ــ دېدى فاڭدۇڭ قېرى ئىنجىقلاپ،ــ باياتىن ھېچ ئاۋاز چىقمىغان.
ساقچى ئۇلارنىڭ چىرايىنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلكىنى كۆرۈپ گۇمانلىنىپ ھۇجرىنىڭ ئىشىكىگە يېقىنلاپ كەلدى، ئىشىككە قارا قۇلپا سېلىنغان بولۇپ، يۇقىرىغا يامىشىۋاتقان يوغان قوڭغۇزدەك سەت، يىرگىنچلىك كۆرۈنەتتى. ساقچى بۇنى كۆرۈپ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، تاپانچىسىنى چىقىرىپ قۇلۇپنى چەنلەپ ئاتتى، قۇلۇپ بىر پاي ئوق بىلەنلا چېقىلىشىغا، ئىشىكمۇ تەڭ ئېچىلىپ ئىچىدىن غايەت زور ئوت يالقۇنى ئىس بىلەن تەڭ ئەجدىھادەك سوزۇلۇپ چىقىپ ساقچىنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلدى. ئۇ ئۆزىنى ئەپقېچىشىغا قالغانلارمۇ سىرتقا قاچتى. ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر ئۆز ئورنىدا مىدىرلىماي ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن توختىماي سۇ چېچىپ ئوتنى ئاخىر ئۆچۈردى.
— ئەگەر بۇ ئىشىك ئېچىلمىغان بولسا ئوتنى ئۆچۈرگىلى بولماسكەن…ــ دېدى بىرسى.
— ئىچىدە يەنە كۆيۈۋاتقان نەرسە بولسا ئۆچۈرۈۋېتەيلى.
— ۋوي قاراڭلار، ئاۋۇ بىر نەرسە يەنە كۆيگىلى تۇردىغۇ؟
— نېمىكەن، ئوبدان قاراڭلار.
— ئادەمنىڭ جەسىدىدەك قىلىدۇ جۇمۇ…
— نېمە؟ راست كۆردۈڭمۇ يا، ئەمىسە ساقچىنى چاقىرايلى.
ئۇلار ئاچچىقى يامان ساقچىنى چاقىرىپ كەلدى، يۈزى كۆيۈپ ئېچىشىۋاتقان ساقچى مەڭزىنى تۇتقىنىچە كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان ھۇجرىغا كىردى. ئۇمۇ دەھشەتلىك تۇيغۇغا چۆمۈلۈپ، ساقچىغا ئەگىشىپ ھۇجرىغا كىردى، ساقچى قاپقارا چۈچۈلىگە ئايلىنىپ كەتكەن جەسەتنى كۆرۈپ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى، كاۋاپ ساتىمەن دەپ ئۆزى كاۋاپ بولۇپ كەتكەن كاۋاپچىنىڭ پۇرىقىدىن سەسكىنىپ بۇرنىنى ئېتىپ تالاغا قاچتى. ئەمما ئۇ جايىدىن مىدىرلىيالمىدى، ئۆلگۈچىنىڭ ئۈكلىنىپ كەتكەن قوينىڭ كاللىسىدەك بېشىغا، ھىڭگىيىپ تۇرغان چىشىغا ئەجەبلىنىپ قارىدى، ئۇنىڭ كۆيۈپ كۆسەيدەك قارىداپ كەتكەن قول سۆڭىكى جان يېرىگە مەھكەم چاپلىشىپ قالغان بولۇپ، ئۆلۈش ئالدىدا نەقەدەر قىينالغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ بۇنىڭدىن شۈركىنىپ تىترەپ كەتتى، توساتتىن «چاراس-چۇرۇس» ئاۋازلار ئاڭلاندى، ساقچىلار يەنە قايتىپ كىرىپ جەسەتنى سۈرەتكە تارتىۋاتاتتى. ئۇ بۇنىڭدىن ئاران ئېسىگە كېلىپ ھويلىغا چىقتى، فاڭدۇڭ قېرى بىلەن ھېلىقى تەتەي سالپىيىپ تۇرۇشاتتى. ساقچىلار قايتىپ چىقىپ فاڭدۇڭ قېرىنى سوراققا تارتىشقا باشلىدى:
— ئۆلگۈچى كىم؟ راستىڭنى ئېيت!
— ئاشۇ كاۋاپچى،ــ دېدى قېرى ئەمدى دۇدۇقلىماي.
— ئۇ قانداق ئۆلدى؟ ئوتنى كىم قويدى؟
— ئۇقمايمەن، ساراڭ ئادەم بولمىسا ھېچكىم ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئوت قويمايدۇ، بۇ ئۆيگە ئوت كەتسە پۈتۈن ئۆيلىرىم كۆيۈپ كەتمەمدۇ؟
— ئەمىسە كىم ئوت قويدى؟ بۇ ئۆيدە ئىككىڭدىن باشقا ئادەم بارمۇ يوق؟
— يوق، بۇ ياق مېنىڭ تۇغقىنىم، ئۇمۇ ئۇنداق ئىشنى قىلمايدۇ.
— ئەمىسە ئىشىكنى كىم قۇلۇپلىدى؟ باياتىن بىزنى نېمىشقا ئۆيۈڭگە كىرگىلى قويمايسەن؟
— ئادەم قېرىغاندا ئالجىپ قالىدىكەن، خاپا بولماڭلار.
— قۇرۇق گېپىڭنى قوي، ما ئۆينىڭ ئىشىكىنى نېمىشقا تېشىدىن ئېتىپ قويىسەن، بۇنى چۈشەندۈر
— ئۇ گۇي بىزنىڭ ما سىڭىلغا باسقۇنچىلىق قىلىپتىكەن، ساقچىغا تۇتۇپ بېرەيلى دەپ سولاپ قويغان.
— راستمۇ؟ــ دەپ سورىدى ساقچى ھېلىقى تەتەيدىن.
— راست، ئۇ ھايۋان بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ماڭا باسقۇنچىلىق قىلغان…
— سەن قارشىلىق كۆرسىتىپ ۋاقىرىمىغانمۇ؟
— ۋاقىراي دېسەم قوينىڭ يېغىنى ئاغزىمغا كەپلەپ تىقىپ قويغان…
— سەن باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن بۇ قېرىنى چاقىرىپ كەلدىڭ، شۇنداقمۇ؟
— شۇنداق…
— ئاندىن ئىككىڭ بىرلىشىپ ئۇنى سولاپ قويۇشتۇڭ.
— شۇنداق.
ئۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاۋېتىپ، تەتەينىڭ يالغانچىلىقىغا ئاچچىقى كەلدى. ئۇنىڭ شۇ ئارىلىقتا جۈمەگە بېرىپ يۇيۇنۇپ پاكلىنىپ، ناماز ئوقۇپ تۆۋە قىلىپ كەلگەنلىكىنى ساقچىلار بىلمەي قالدى-دە.
— ئاندىن ئىككىڭ مەسلىھەتلىشىپ ئۇنىڭ پۇللىرىنى بۇلاپ، ئاندىن كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈپ ئىزىنى يوقاتماقچى بولدۇڭ، شۇنداقمۇ؟
— ياق،ــ دېدى فاڭدۇڭ قېرى سەكرەپ،ــ ئۇنداق قەلەندەردە پۇل نېمە ئىش قىلسۇن؟ ئۆينىڭ ئىجارىسىنىمۇ ئاران ئاران تۆلەيدۇ ئۇ، بىز ئۇنىڭ جىنايىتىنى سىلەرگە تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولغان، كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈپ قانداق قىلاتتۇق؟ قېرىغاندا مەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قاتىل بولامدىمەن؟ ماڭا تولا تۆھمەت چاپلىماڭلار!
— ئەمىسە، ئۆزىگە ئۆزى ئوت قويۇپ بېرىپتۇ-دە؟!
— چوقۇم شۇنداق، ساقچىغا تاپشۇرۇپ بېرىمىز دېسەك قورقۇپ ئۆلۈۋالغان گەپ. ئۇ ئادەتتە تاماكا چېكىدۇ، چاقماقنى يېنىدىن ئايرىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كاۋاپدىنىنمۇ ئۆيىگە ئەكىرىۋالىدۇ، چوغىنى ئۆچۈرمەيدۇ، ئىس چىقىۋېرىدۇ، نەچچە قېتىم گەپ قىلدىم، ئاڭلىمىدى…
— شۇنداقمۇ دەيلى، ئەمما ئۇنى سولاپ قويۇشۇڭ قانۇنغا خىلاپ، سەن سولاپ قويغاچقا ئۇ قورقۇپ ئۆلۈۋالغان، شۇنداقما؟ دېمەك، بۇنىڭغا سەن سەۋەبچى. ئەگەر بىخەستەلىك قىلىپ ئوت كەتكەن بولسا، ئۇ چىقالماي ئۆلگەن بولسا، دېمەك، بۇنىڭغىمۇ سەن سەۋەبچى.
ئۇ ئۆزىنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى دەۋاتقان ساقچىنىڭ زېرەكلىكىدىن، ئادىللىقىدىن سۆيۈنۈپ كەتتى، قېرىنىڭ ئوسال ئەلپازىغا قاراپ ئىچ-ئىچىدىن كۈلدى.
— مەن ھەر قايسىڭغا ياخشى بولسۇن، ئاسان بولسۇن دەپ شۇنداق قىلدىم، يامان قىپتىمەنمۇ؟ ھەر قايسىڭ توختىماي 110 غا تېلېفون قىلىڭلار، بىز بىلەن ھەمكارلىشىڭلار… دەيسەن، ئەمدى ھەمكارلاشساق بىزنى جىنايەتچى قىلىشامسەن؟…ــ دەپ چالۋاقاپ كەتتى فاڭدۇڭ قېرى تۆمۈردەك قارىداپ.
— سەن بىزگە تېلېفون قىلدىڭما تېخى! بىزنى كېلىڭلار دېگەن بولساڭ ئىشىك ئالدىڭدا توسۇۋالامتىڭ؟
— دېدىمغۇ، قېرىغاندا ئالجىپتىمەن.
— ئالجىغان بولساڭ ئەمدى ئالجىما ، بىز مۇشۇ ياقنى چارلاۋېتىپ ئۆيۈڭدىكى ئوتنى كۆرۈپ ئاندىن كەلدۇق، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەرنى چاقىردۇق. يەنە باشقا گېپىڭ بارمۇ؟
— يوق، ئىشقىلىپ ئوتنى بىز قويمىدۇق.
— شۇنداقتىمۇ جىنايەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن،ــ دېدى ساقچى، ئاندىن تەتەيگە قاراپ قاپىقىنى تۈردى،ـــ سەنمۇ شۇ. ئىككىڭ بۇ ئىش ئايدىڭ بولغىچە تۇتۇپ تۇرۇلىسەن.
ساقچىلار ئۇ ئىككىسىنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ، ماشىنىسىغا چىقىرىپ ئېلىپ كەتتى.
ئۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالدى، ھۇجرىدا ياتقان جەسەت تۇيۇقسىز ئېسىگە كېلىپ قورقۇپ كەتتى. ساقچىلار ئۇ جەسەتنى ئېلىپ كېتىشنى ئۇنتۇپ قالغانىدى، بەلكىم كېيىن بىر تەرەپ قىلىشى مۇمكىن ئىدى. فاڭدۇڭ قېرى «مېنىڭ بىر ئوغلۇم ساقچى» دېگەنىدى، لېكىن باياتىن ساقچىلارنىڭ ئالدىدا پو ئاتالمىدى، قارىغاندا ئۇ 20 مىڭ يۈەننى ئېلىش ئۈچۈن توخۇ يۈرەك ئۆلگۈچىنى قورقۇتۇپ قويغان گەپ… ساقچىلارنىڭ ماشىنىسىمۇ غەلىتە ئىكەن، ئۈستىدە يا ۋالىلداپ تۇرىدىغان چىرىغى يوقكەن، ياكى ماڭغاندا چىقىراپ سىگنال بەرمەيدىكەن…
ئۇ قوپقۇرۇق ھويلىدا يالغۇز قالدى، ئۇ بىر تۈپ دەرەخ ئەمەس، ئادەم ئىدى، ئەمما گاھىدا ھېچ مىدىرلىيالمايتتى، لېكىن ھەممىنى كۆرۈپ تۇراتتى، ھېس قىلاتتى، بەزى تۇيغۇلىرى يىلتىزدەك چوڭقۇر، بەزى تۇيغۇلىرى دەرەخ ئۇچىدىكى ياپراقتەك يەڭگىل ئىدى. ئۇ بۇ تار ھويلىدا شۇنچىلىك ئازادە قالدىكى، قۇشلاردەك سايراپ يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتكۈسى كەلدى، دۇتارنىڭ مۇڭلىرى، ناخشىلارنىڭ پەيزى يىراقلاردىن يېتىپ كەلدى.
ئۇنىڭ كاللىسىغا ھۇجرىدا ياتقان جەسەت يەنە كىرىۋالدى، كىچىك ۋاقتىدا دادىسى قۇربانلىق قىلغاندا ئۇنى دائىم قوينىڭ كاللا-پاچاقلىرىنى ئۈكلىگىلى سالاتتى. ئۇ ئۈچ تال كېسەكنى تىزىپ، ئوتتۇرىسىغا ئوتۇن دۆۋىلەپ، ئوت يېقىپ كاللا-پاچاقلارنى ئۆرۈپ-چۆرۈپ بىردەمدە ئۈكلەپ بولاتتى، چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ تۇرغان قوينىڭ كۆزىدە غۇۋا بىر نەپرەت ۋە ئوتنىڭ يالقۇنى تەڭلا ئەكس ئېتەتتى. قاپقارا ئىس بىلەن تەڭ ئەتراپنى بىر ئالغان قۇيقا پۇرىقى ئۇنىڭدا يەنىلا گۆش يېيىش، پاچاق غاجاش ئىشتىھاسىنى قوزغايتتى. گۆش يېسە، سۆڭەك غاجىسا، يىلىكىنى شۈمۈرسە يامان يوغان ئەر بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى، دادىسىنىڭ دېيىشىچە، كىچىكىدە ئۇنىڭغا بۆرەك بېرىپ بېقىپتىكەن، كاۋاپ يېگۈزۈپتىكەن. ئۇمۇ سەي، مېۋە-چېۋە يېمىسە يېمەيدىكەنكى، گۆش يېمىسە ئۇنىمايدىغان بالا بولۇپ چوڭ بوپتىكەن. گۆشكە بۆلەكچە ئامراقلىقىدىنمۇ ياكى شەرت-شارائىت شۇنداقمۇ ئەيتاۋۇر كىچىكىدىنلا قوي بوغۇزلاشنى، كاللا پاچاق ئۈكلەشنى، كاۋاپ پىشۇرۇشنى ئۆگەندى، ئادەتتە توي-تۆكۈن، مېھماندارچىلىق سورۇنلىرىدا گۆش يېگىلى بولغاچقا بارا-بارا سورۇنغا، داستىخانغا ئامراق بولۇپ قالدى، سازچى ياكى چاقچاقچى بولمىسا تۆردىن دائىم ئورۇن ئالالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، دۇتار چېلىشنى ئۆگەندى، ئەلۋەتتە بۇنىڭغا گۆشكە ئامراقلىقىلا ئەمەس، ناخشا-سازغا قىزىقىشى ھەم تەبىئىي تالانتىمۇ سەۋەب بولدى. دۇتار چالسا قولى تىترەيدىغان قېرى سەنئەتچىلەرنىڭ كەينىگە كىرىپ خېلى كۆپ ناخشىلارنى ئۆگەندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى ناخشىلاردىن باشقا سېرىق قوشاقلارنى ئاھاڭغا قاتقان سېقىمە ناخشىلارمۇ بار ئىدى. كېيىن شۇ ناخشىلارنى ئېيتىپ سورۇندىكىلەرنى كۈلدۈرۈپ يۈردى، ئېتىزدىكى مۇشەققەتتىن، شودۈيجاڭنىڭ سېسىق گېپىدىن جاق تويۇپ كەتكەن دەرتمەن ئەرلەر، بۇ ئەرلىرىدىن تاياق يەيدىغان قاپىقى ئۇششۇق ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى ئاچتى. شۇنچە توي، شۇنچە سورۇنلارنى قىززىتتى، ئەمما ئۆزىنىڭ تويىنى قىززىتالمىدى، قىززىتالمىدى ئەمەس، تويىنىمۇ قىلالمىدى، ئالىمەن دېگىنىنى ئالالماي داغدا قالدى. باينىڭ بالىسىغا تەگكەن ئايگۇلنىڭ چىرايىغا ھازىر سەت داغ چۈشتى. خەقلەر ناخشا ئاڭلاپ ھۇزۇرلىنىپ، كۈلۈشۈپ، ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ”يارايسەن، ياشاپ كەت“ دېگەن بىلەن سورۇندىن تارقىغاندا ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىشتى، چىرايلىق قىزلىرى بارلاردىن ھېچقايسىسى ئۇنى كۈيئوغۇللۇققا ئويلاشمىدى، بەلكى”سازچى دېگەن ھاراقكەش بىلەن ئۈلپەت، بۇنىڭغا قىز بەرسەك ئەتە-ئۆگۈن بېشىمىزغا قۇسىدۇ “ دەپ ئويلاشتى. ئايگۇلنىڭ دادىسى تېخى ئۇنى ھاراقكەش تاز دەپ ھاقارەتلىگەن بولۇشى مۇمكىن… ئۇ ساقاللىق، ئېگىز بوي، سەپرا ئادەم ئىدى؛ ئۇنىڭ كۇلىدا، ئۆز ھۇجرىسىدا كۆيۈپ ئۆلگەنلكىنى ئاڭلىسا ساقىلىنىڭ بىر تال مويىمۇ تىترەپ قويمايدۇ، ئايگۇل ئاڭلىسىچۇ؟ يىغلىمايدۇ، ئىچىگە ئېغىر تىنىپ قويىدۇ. مەھەللىسىدىكى خەقلەر ئۇنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ياغلىشىپ كەتكەن دۇتتىرىنى، ياڭراق ئاۋازىنى، قېلىن ناخشىلىرىنى ئۇنتۇپ بىر يەرگە بارغاندا ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئۇنى قايتىدىن ئەسكە ئېلىشىدۇ…
ئۇ شۇ يىگانە جەسەتكە، ئۇنىڭ ھايات چېغىدىكى كۈلكىسى ۋە ئاۋازىغا ئېچىنىپ، بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ ھۇجرىغا يېقىنلاشتى. ھۇجرىدىن يەنىلا سۇس ئىس-تۈتەك، كۆيۈك پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى. بۇ پۇراق ئۇنىڭ بەدىندىكى تەر پۇراقلىرىدەك شۇنچىلىك تونۇش ئىدىكى، كۆزلىرىگە ياش كەلدى. ھايات قالغان بولسا بىرەر قىز جۇۋان بىلەن توي قىلىپ، ئىسسىق يوتقاندا قۇچاقلىشىپ ياتار بولغىيدى… ھەم بىرەر قىز جۇۋان ئۇنىڭغا تېگىپ، ئۇنىڭ كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان ئەرلىك جىسمىدىن ھۇزۇر ئالار بولغىيدى، ئەگەر خوتۇن ئالالىغان بولسا خوتۇنى ئۇنىڭ بەدىنىدىكى پۇراقلارغا ئامراق بولۇپ قالار ئىدى، ئەگەر بويىدا قالسا ئۇنىڭ تەر پۇراقلىرىغا سېزىك بولۇپ، كۆينەكلىرىنى پۇراپ يۈرەر ئىدى … ئۇ ھاياتلىقنىڭ نەقەدەر گۈزەل، شىرىن ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايدىغان نەرسىلەرنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى ھېس قىلدى. شۇلارنىڭ ئارىسىدا گۆھەردەك چاقناپ تۇرىدىغىنى يەنىلا خوتۇن ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭغا تېخى نېسىپ بولمىغانىدى. خوتۇن ئالماي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتسە نېمە دېگەن ئېچىنىشلىق! خوتۇننىڭ بۇنچىلىك مۇھىملىقىنى بىلگەن بولسا ھايات چېغىدا ئۆيلىنىۋالماسمىدى؟ قىز ئالالمىسا جۇۋان بولسىمۇ ئالماسمىدى؟ ئۇيغۇر ئالالمىسا تەتەيدىن بولسىمۇ ئالسا بولماسمىدى؟… ئۇ ھايات چېغىدا بىكار يۈرۈپ دۆتلۈك قىلغىنىغا، بۇقىدەك قۇتراپ تۇرغان ۋاقتىدا خوتۇندىن بىرنى ئېلىۋالمىغىنىغا قاتتىق ئېچىندى، خوتۇنىدىن نەپسىنى قاندۇرۇپ يۈرگەن بولسا شۇ تەتەيگە باسقۇنچىلىق قىلمايتتى، ھېچ بولمىغاندا ئۇنداق ئىمكانىيەت، ياۋايى ئىستەكمۇ بولمايتتى. ئەگەر پۇل تىكىشىپ قەرت ئوينايدىغان ئاغىنىلىرى”تەتەيخاننى قۇشلىسا قانداق بولىدىكەن؟“ دەپ سوراپ قالسا ئۆزىمۇ ئېنىق جاۋاب بېرەلمەي ھىجىيىپ قويۇشى مۇمكىن. بۇ ھىجىيىشلىرى ئاشۇ جەسەتنىڭ ھىڭگىيىپ تۇرۇشلىرىغا شۇنچىلىك ئوخشايدۇ ، چىشلىرى قارىداپ كەتكەن، بىر مۇشت تەگسە ھەممىسى تۆكۈلۈپ چۈشىدۇ.
ئۇ ھۇجرىغا كىرىپ ھەيران قالدى، ھۇجرىنىڭ ئىچى ساپمۇ ساق، بايا كۆرگەن جەسەت كۆرۈنمەيتتى. بايىقى كۆكۈش ئىس ۋە تونۇش پۇراقلار نەگە كەتتى؟ ھۇجرا كۆيمىگەن بىلەن كارىۋات يەنىلا سۇنۇق، دۇتارلار پارچە-پارچە چېچىلىپ ياتاتتى. ساق بولغاندىكىن ھەممە نېمە ساق بولسىچۇ ؟ ئۇ سەل پەرىشان بولدى. تەتەي باسقۇنچىلىق قىلىنمىغان، كارىۋات سۇنمىغان، دۇتار چېقىلمىغان بولسا قانچىلىك خۇش بولۇپ كېتەر ئىدى؟ ھېلىمۇ شۈكرى، جان تەندىلا بولسا پۇرسەت غەنىمەت. كارىۋات سۇنۇق بولسىمۇ يېتىپ ئۇخلىغىلى بولىدۇ، دۇتارنىمۇ بىر يەردىن پەيدا قىلغىلى بولىدۇ. بىراق فاڭدۇڭ قېرى ئارتىپ قويغان 20 مىڭ يۈەنچۇ؟… ھەي… ئۇنىمۇ بىر ئامال قىلىپ تۆلەپ كەتكىلى بولىدۇ، ھەتتا تۆلىمەيمۇ قۇتۇلغىلى بولىدۇ…
ئىشىك تۇيۇقسىز شاراقلاپ ئېچىلىپ، تەتەينىڭ بېشى كۆرۈندى. ئۇ ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن قاراپ قويۇپ يەنە ئىشىكنى ئەتتى، تەتەي ئۇنى كۆرمىدىمۇ ياكى كۆرسەم قورقۇپ كېتىمەن دەپ ئويلىدىمۇ، ئۇنىڭغا قارىمىدى، قارىمىسىمۇ ئۇنى بار دەپ ئويلىدى. بۇ ھۇجرىنىڭ ھويلىغا قارايدىغان كىچىككىنە دېرىزىسىگە فاڭدۇڭ قېرى ئۆتكەن يىلى قىشتا يالتىراق مىخلىۋەتكەن بولۇپ، قىش چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇنى ئېلىۋەتمىگەنىدى. ھازىر بۇ دېرىزىدىن ھېچنېمىنى كۆرگىلى بولمايتتى، كۈندۈزى ئاسمان ھەمىشە چاڭ-توزان بىلەن قاپلىنىپ كەتكەندەك تۇتۇق، سېرىق كۆرۈنەتتى. ئەگەر بۇ قەپەزگە بۇنداق سولىنىپ قالىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسا ئۇ بىر نېمىنى ئاللىبۇرۇن ئېلىپ تاشلىۋەتمەسمىدى، شۇ چاغدا فاڭدۇڭ قېرىغا رەھمەت دەپ كەتكەنلىرى تېخى… ئۇ مۇشۇ ۋاققىچە قىلغان دۆتلۈكلىرىنى بىرمۇ بىر ئويلاپ، ئاچچىققا تولۇپ كەتتى. باشلانغۇچتا ياخشى ئوقۇمىدى، خانىمنى تىللاپ تاياق يېدى، قوشنا مەھەللىدىكى تازلار بىلەن سوقۇشۇپ بۇرنى قانىدى، قىشتا چانا تېيىلغاندا بىرسىنىڭ كۆزىگە بىگىز سانچىپ بېرىپ ئۇنى قارىغۇ قىلىپ قويغىلى تاس قالدى، مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيىگە كېتىپ بارغان قىزغا چاقچاق قىلىپ ئېسىلىپ قويۇپ ماز پەينەك دەپ ھاقارەتلەندى. سورۇندا بىرسىنىڭ يېڭى ئالغان خوتۇنىغا بەك قاراپ سېلىپ ئېرىدىن مۇشت يېگىلى قىل قالدى. داستىخاندا بەزىدە نەپسىنى يىغالماي، گۆشكە چوڭدىن ئاۋۋال قول ئۇزىتىپ «دۇتارنى سىلاۋېرىپ قول ئۇزىراپ كېتىپتۇ ھە» دېگەندەك مازاق گەپلەرگە قالدى. ناخشا توۋلاپ گاھىدا قىززىپ كېتىپ، ئايگۇلنى قوشاققا قېتىپ قويۇپ قىزنىڭ ئاتىسىنى رەنجىتتى، ئاتىسىغا ئەگىشىپ قىزىمۇ ئۇنى قىلىقسىز دەپ ئويلاپ ياراتمىدى… نامراتلىقى، ساياقلىقى بىلەن قوشۇلۇپ مەھەللىدە ھېچقانداق قىز ئۇنىڭغا قىزىقمىدى. كېيىنچە خەقلەر يېڭىلىققا يۈزلەندى، پۇل تاپسا ئۈنئالغۇ، تېلېۋىزور ئالدى، توي بولسا ديەنزىچىڭ دېگەن بىر نېمىنى پۇل تۆلەپ چالدۇرىدىغان بولۇشتى، توي ئىگىلىرى جاقا – جۇمباق ئاۋازلاردىن مەغرۇرلىنىدىغان، تويغا كەلگەنلەرمۇ شۇ ئاۋازلارغا ئەگىشىپ ئەسەبىيلىشىپ، باراڭ ئاستىدىكى ئوي-دۆڭگۈل ھويلىلاردا ئۇسسۇل، تانسا دېگەنلەرنى ئالامەت ئوينىۋېتىدىغان بولۇشتى. دۇتاردىن تۈزۈك ئاۋاز چىقمىسا خەق قانداق تەنتەنە قىلىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ دەبدەبە، ھەشەمەتلىرىنى قانداق جاكارلىيالايدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر چەتتە تاشلىنىپ قالدى، بىكارغا چېلىپ بېرەي دېسىمۇ ئادەم چىقمىدى، پەقەت ياشقا چوڭراق ئادەملەرلا ئۇنى ئاندا-ساندا تەكلىپ قىلىپ چالدۇراتتى. ئۇنىڭ يۇرتىدا دۇتار چېلىپ بەرسە ئۆرۈم بېرىدىغان ئىش يوق ئىدى، بېيجىڭغا كېلىپ بىر نەچچە سورۇندا غۇلجىلىقلار ئۆرۈم بېرىۋىدى، ھەيران قالدى. ئىشقىلىپ، مەھەللىسىدىكى خەقلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىدى، يېشى چوڭايغانچە، ئۆيلىنەلمىگەنچە ئابرۇيى تېخىمۇ چۈشتى، ئۆزىدىن كىچىكلەرنىڭ تويىغا ئاساسەن بارالمايدىغان بولدى. چاپىنى تىزدىن ئاشمايدىغان بەڭگە ئاتىسى، كۆزىدىن ياش قۇرىمايدىغان كېسەلجان ئانىسى بىلەن تولا قېيدىشىپ، سوقۇشۇپ، ئۆيىدىنمۇ زېرىكتى، دېھقانچىلىققا پىششىق، كەم سۆز ئىنىسىمۇ بىر چاغدا توساتتىن « دۇتتىرىڭنى ئېلىپ بىر ياققا يوقالساڭ بولمامدۇ؟ قاچانغىچە جاپايىڭنى تارتىمىز» دەپ جاندىن ئۆتكۈدەك گەپ قىلدى. خەقلەرگە ھەم ئۆيىدىكىلەرگە سەت كۆرۈنگەنچە ئۇنىڭ ئىچى سىقىلدى، كاللىسى قايدى، كەسكىن پىلانلار تۈزۈپ باقتى، شىرىن خىياللارغا بېرىلدى. ئەمدى بۇرۇنقىدەك ياشاۋېرىدىغان ئىش يوق ئىدى، يېشىمۇ، ئەتراپىدىكى مۇھىتمۇ، ئادەملەرمۇ، مۇئامىلىلەرمۇ ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتاتتى. شۇ كۈنلەردە مەھەللىسىدىكى بىر قانچە تاز يوقاپ كەتتى، ئۈرۈمچىگە ك