ياشاپتىمەن، بىلمەپتىمەن
(پوۋېست)
ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد
يېڭى جايغا يۆتكىلىپ، يېڭى ھاياتىمنى باشلىدىم، كاندىدات مەھبۇسلۇقتىن رەسمىي مەھبۇسلۇققا ئۆتتۈم. بۇ يەرمۇ قاماقخانىغا ئوخشاشلا تار قەپەز بولسىمۇ، يەنىلا ياشايدىغان، ھەرىكەتلىنىدىغان، خىيال سۈرىدىغان ماكان بولغاچقا، ئاستا-ئاستا كۆنۈپ قالدىم. بىر يېرى، بۇ يەردە قاماقخانىدىكىگە ئوخشاش «قانچىلىك جازا بېرەر» دەپ تىتىلداپ ئولتۇرىدىغان ئىش يوق ئىدى، جىنايەتچىلەرنىڭ كەيپىياتى خېلى تۇراقلىق، پائالىيىتى ئەركىنرەك ئىدى. مەن ياتقان كامېردا ئاساسەن بىر يىلدىن ئارتۇق كېسىلگەن جىنايەتچىلەر ياشايتتى، مەينەتلىكى، قوپاللىقى، تۇرۇپ-تۇرۇپ تۇتۇپ قالىدىغان ساراڭلىقىنى دېمىگەندە ئادەتتىكىدەك نورمال مەخلۇقلار ئىدى، ئۇلارغا بىر ئېغىز گەپ قىلىشتىنمۇ ھارسىناتتىم، ماڭا گەپ قىلسا بىر ئېغىز گېپىگە بىر ئېغىزلا جاۋاب بېرەتتىم. غېرىبلىق يامان ئىدى، ئاق سېتىپ، يانچۇقچىلىق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان بىرەر مىللەتدىشىم، زۇۋاندىشىم كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئانچە-مۇنچە مۇڭدىشىپ ئولتۇرارمەن دېسەم، نەچچە ئايغىچە بىرسىمۇ كىرمىدى؛ كىرگەن بولسىمۇ بەلكىم بىزنى بىر كامېرغا سولىمىدى. ئايلار ئۆتكەنچە سىقىلدىم، تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىغا كەينى-كەينىدىن ئىلتىماس يازدىم، ئۆيدىكىلەرگىمۇ «مەن شىنجاڭغا يۆتكىلىپ بولغىچە كەلمەي تۇرۇڭلار» دەپ خەۋەر قىلدىم. ئۈچ يىل كېسىلىپ كەتكەنلىكىمنى ئاڭلاپ سەۋر قىلىشقان ئاتا-ئانام بۇنىڭغىمۇ سەۋر قىلار، بۇ يەرگە كەلسىمۇ نېمە قىلىپ بېرەلەيدۇ، ئۇلارنى ھېلىمۇ نۇرغۇن دەردكە سېلىۋەتتىم، باغرىنى خۇن قىلدىم، ئەمدى ھېچ بولمىسا يول ئازابى تارتمىسۇن.
بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى مېنى ئۈرۈمچى بىرىنچى تۈرمىگە يوللاپ بەردى. پويىزدا ماڭا ئوخشاش مەھبۇسلار بىلەن بىر قاتاردا ماڭدىم، تەقدىرداشلار بىر-بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەشتۇق. چىرايىم ئۇلارنىڭكىدىن پاكىزراق، كۆزۈم ئۇلارنىڭكىدىن ئۆتكۈررەك بولسىمۇ، ئۇلاردىن قورقۇنچاق ئىدىم. بىر نەرسىنى بەك بىلىدىغانلار ئەزەلدىن توخۇ يۈرەك، چۈنكى ئۇلار جىق نەرسىنى ئويلىۋېلىپلا ئۆزىنى قورقۇتۇپ ساراڭ قىلىدۇ. قارا قورساق نادانلار قارام ۋە لۈكچەك، چۈنكى ئۇلار تۈز سىزىق بويىچە تەپەككۇر قىلىدۇ، ئوقتەك ئېتىلىدۇ، يانمايدۇ. ئۇلار مەندىن يامان بولغاچقا، مەن ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايدىغان جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر ئۇلار مەندىن «سەن نېمە ئىش قىلغان؟» دەپ سوراپ قالسا، «بىر قىزنى ئۇرغان» دېسەم، مازاق قىلىپ كۈلۈشۈپ كېتەر…
ئۈرۈمچىنىڭ تۈرمىسى دەرۋەقە بېيجىڭنىڭ تۈرمىسىگە باققاندا ناچار ئىكەن، شۇنداقتىمۇ بۇ يەردە ئىككى ئۇيغۇر جىنايەتچى بىلەن بىللە ياتتىم. بىرسى دىندار بالا ئىكەن، پاراڭلىشىپ چىقىشىپ قالدۇق. كەچمىشلىرىمنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى:
— ئىمانسىز قىز بىلەن نىكاھ قىلماي بىللە ياتتىڭما؟ قانچە قېتىم زىنا قىلدىڭ؟
تۇرۇپلا قالدىم، ئەمما نېمە دەركىن دەپ تەخمىنەن جاۋاب بەردىم:
— 300 قېتىمدىن ئاشىدۇ.
— ئالە شەرىڭنى، سەن سېپى ئۆزىدىن پاسىق ئىكەنسەنغۇ؟
غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلدى:
— مېنى كاپىر دېمەيدىغانسەن ھەر قانچە بولسا؟
— كاپىر، مۇسۇلمانلىقىڭنى ئاللاھ بىلىدۇ. مەن ئاللاھتىن ھۇقۇق تالاشمايمەن.
— مانا ئەمدى بولدىغۇ، گەپ مەشەدە تۈگىسۇن.
— لېكىن توي قىلمىغانلار ئۈچۈن بىر قېتىملىق زىنانىڭ جازاسى نېمە، بىلەمسەن؟__ دېدى ئۇ خۇددى مېنىڭ شۇنچە ئويناپ كېتىشلىرىمگە ھەسەت قىلىۋاتقاندەك،__ چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق گۇناھىنى پاكلاش. ئەگەر بۇ دۇنيادا پاكلىنىپ كەتمىسە قىيامەتتە رەسۋا بولۇش خەۋپى بار.
— نېمە؟ نەدە ئۇنداق ئىش بار؟ بۇ دېگەن كونا زاماننىڭ پەتىۋاسى!-دېدىم ئالاقزادە بولۇپ.
— سەن قۇرئاننى ئوقۇغانمۇ؟
— ئوقۇغان، خەنزۇچىسىنى ئوقۇغان.
— قارىغاندا چۈشىنىپ ئوقۇماپسەن.
— بۇ گۇناھتىن قۇتۇلۇشنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يوقما؟ ياق، مەن ئىشەنمەيمەن،- دېدىم قەتئىيلىك بىلەن،- شۇنچە كەڭ ئىسلام دىنىدا بۇنىڭدىن باشقا قۇتۇلۇش يولى يوق دېسە مەن ئىشەنمەيمەن!
— مەن يوق دېمىدىم، ئاللاھ خالىسا پۈتۈن گۇناھلىرىڭنى كەچۈرىدۇ. خالىسا كەچۈرىدۇ، خالىمىسا كەچۈرمەيدۇ، بۇنى سەن بىلمەيسەن، بۇ پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكى ئىش. ساڭا مەنسۇپ بولغىنى، بۇ دۇنيادىن پاكلىنىپ خاتىرجەم كېتىش.
— سەن مېنى چالما-كېسەك قىلىنىپ ئۆل دېمەكچىمۇ؟ ماڭا ھازىر بېرىلىۋاتقان مۇشۇ جازالار يەتمەمدۇ؟ مەن ئاللاھقا تۆۋە قىلىش ئارقىلىق گۇناھىمنى تىلىسەم بولىدىغۇ؟
— ھۆكۈمەتنىڭ جازاسىنى ئاللاھنىڭ جازاسى دەپ ئويلىۋالما، ئىككىسىنى ھەرگىز تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدۇ.
چۈنكى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىنى بىر توپ ئادەم تۈزىدۇ. ئاللاھنىڭ قانۇنىنى كائىناتنىڭ ئىگىسى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ئاللاھ تۈزىدۇ، ئۇ ئادەتتە شەرىئەت دەپ ئاتىلىدۇ، شەرىئەتكە ئەمەل قىلمىغان ئادەم مۇسۇلمان ھېسابلانمايدۇ.
— لېكىن شۇ بىر توپ ئادەمنىمۇ ئاللاھ ياراتقان، باشقا پىلانېتتىن كېلىپ قالمىغان! دېدىم مەن رەسمى قىززىشىپ، ئۇلار تۈزگەن قانۇندىكى بەزى ئادىللىق ئاللاھنىڭ ئادىللىقىنى ئەكىس ئەتتۈرمەمدۇ؟
— توغرا، ئادەملەر تۈزگەن قانۇندا ئاللاھنىڭ ئادىللىق سۈپەتلىرى ئەكس ئېتىشى مۇمكىن. مەسىلەن، قۇرئاندا قىساسنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىنىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنىدىمۇ ئادەم ئۆلتۈرگەنلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ؛ شۇغىنىسى، ئۇ بىر توپ قانۇن تۈزگۈچىلەر ئىمانسىز بولغانلىقى، قانۇن تۈزگەندە قۇرئاننى ئاساس قىلمغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ قانۇن ئاللاھنىڭ قانۇنى، يەنى شەرىئەت ھېسابلانمايدۇ. يەنە كېلىپ، ئاللاھ قۇرئاندا ئوغرىلىق ۋە زىنانىڭ جازاسى ئۈچۈن بۇيرۇغان جازالارنى ھۆكۈمەت ئىجرا قىلمايدۇ، بۇنىڭغا نېمەدەيسەن؟
مېنىڭ دىندىن جىق خەۋىرىم يوق، لېكىن ھەممە ئىشنىڭ بېشىدا ئاللاھ بار دەپ ئويلايمەن. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى جۇپ ياراتقان، شۇنىڭدەك ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىمۇ جۇپ ياراتقان، ئاشۇ بىر توپ ئادەمنىڭ توغرا قانۇن تۈزۈشى ياكى خاتا قانۇن تۈزۈشى تېگى تەكتىدىن ئالغاندا ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بولماي نېمە؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، خۇدانىڭ ئىرادىسىسىز قىل تەۋرىمەيدۇ دېگەن گەپنى قانداق چۈشىنىمىز؟ شەرىئەت دېگىنىڭ ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ توغرا ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، لېكىن شەرىئەت دەپلا، ئاللاھنىڭ ئادىللىقىنى مۇشۇ رامكا بىلەن چەكلەپ قويساق، شەرىئەتتىن باشقىسى بىكار دېسەك بولامدۇ؟
ئۇ ماڭا چەكچىيىپ قاراپ قالدى، بۇ مەسىلىنى ئىلگىرى ئويلاپ باقمىغاندەك بىر ھازا تۇرۇپ كېتىپ مۇنداق دېدى:
— سەن شەرىئەتنى كىچىك كۆرۈپ قاپسەن، ئۇ ئۆز ئالدىغا بىر ئىلىم. چۈنكى ئۇ قۇرئان ئارقىلىق دۇنياغا جاكارلانغان، قۇرئان ئەلۋەتتە قانۇنلار توپلىمى ئەمەس، ئەمما ئىسلام قانۇنشۇناسلىرى ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، ئادەملەر تۈزگەن قانۇنلارمۇ تېگى تەكتىدىن ئاللاھنىڭ قانۇنى، ئاللاھ نۇر بىلەن قاراڭغۇلۇقنى، پەرىشتە بىلەن شەيتاننى، ياخشى بىلەن ياماننى ياراتقاندەك، بۇ قانۇنلارغىمۇ توغرىلىق بىلەن خاتالىقنى، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى سىڭدۈرگەن، ھەممىسى ئۆزىنىڭ رولىنى ئۆتەيدۇ. قاراڭغۇلۇق بولمىسا نۇر ئۆز جامالىنى كۆرسىتەلمەيدۇ، سەتلەر بولمىسا گۈزەللەرنىڭ گۈزەللىكى بىلىنمەيدۇ؛ يەنى ھەر نەرسە ئۆزىگە قارشى قويۇلغان زىتلىق ئارقىلىق بىلىنىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ھېكمىتى، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى مۇۋازىنەت، تەڭپۇڭلۇق ئىچىدە تۇتۇپ تۇرىدۇ. ئەمما شۇ نەرسە ئېسىڭدە بولسۇنكى، ئاللاھ گۈزەلدۇر، گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ئاللاھ ياخشىلىقنى ۋە يامانلىقنى تەڭ ياراتتى، لېكىن ياخشىلىققا رازى بولۇپ، يامانلىققا رازى بولمايدۇ؛ ساۋابتىن رازى بولۇپ، گۇناھتىن رازى بولمايدۇ. ئاللاھ ئۆزىنىڭ بۇ ھېكمىتى ۋە ئىرادىسىنى قۇرئاندا بىزگە بىلدۈرۈپ بولدى. شۇڭا بۇنىڭدا تالىشىدىغان ھېچنەرسە يوق. بىز پەقەت ئاللاھ بۇيرۇغاننى قىلساق، توسقانلىرىدىن يانساقلا بولىدۇ.
— چۈشەندىم، دېمەك، ئاللاھ ھېچقانداق نەرسىنى بىكار ياراتمىغان، ھەم ھېچقانداق ئىشنى مەقسەتسىز مەيدانغا كەلتۈرمەيدۇ. سەن مېنى ئاللاھنىڭ جازاسى بىلەن قورقۇتىمەن دېمە، ئاللاھنىڭ مېنى بۇ ئازابلارغا سېلىشىدىمۇ بىر ھېكمەت بار، بىر مەقسەت بار. مەن بىر ئىمانسىز قىز بىلەن زىنا قىلدىم، بۇنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئاللاھ مېنى يەنە ئىمانسىزلارنىڭ قولىدا جازالىدى. بۇنىڭغا نېمە دەيسەن؟
— سەن شۇنداق ئويلىساڭ بولىدۇ، بۇ سېنىڭ ئەركىنلىكىڭ. ھېچكىم بىر ئادەمنىڭ ئاللاھقا بولغان ياخشى گۇمانىنى يوق قىلالمايدۇ، ھېچكىم ئاللاھنىڭ بىر كىمگە قىلىدىغان رەھمىتىنى قىزغىنالمايدۇ. لېكىن سەن ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشىڭ كېرەك. ھۆكۈمەتمۇ سېنىڭ جازا مۇددىتىڭىنى قىسقارتىش ئۈچۈن ئىپادەڭگە قارايدىغۇ، سەن بۇ داۋلىنى چۈشىنىشىڭ كېرەك. قارىسام، ئاللاھقا ئىشەنگىنىڭ بىلەن بىر ۋاق نامازمۇ ئوقۇمايدىكەنسەن. بۇنداق يۈرىۋەرسەڭ، ئىشىڭ چاتاق.
— خۇدايىم بۇيرۇسا، تۈرمىدىن چىققاندا ئوقۇيمەن،__ دېدىم ئىشەنچ بىلەن.
— تۈرمىدىن چىقىپ بولغىچە ئەتىلا ئۆلۈپ قالساڭچۇ؟
— بۇنى مەنمۇ تالاي قېتىم ئويلىغان بۇرادەر،__ دېدىم مەيۈسلۈك بىلەن،__ قارىسام، ئەتىسى يەنە تىرىك، ھېچ ئىش يوق، كۆنۈپ كەتتىم. شۇنداق كۆنۈپ كەتتىمكى، ھەتتا ھامان بىر كۈنى ئۆلىدىغانلىقىمنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىم.
— مانا بۇنى غەپلەت دەيمىز، ئىچىڭدىكى شەيتان تېخىچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ تۇرۇپتۇ.
— مەن ئۇنى ھامان يېڭەلەيمەن، دېدىم يۈرىكىمنى تىڭشاپ،-يېڭىشكە مەجبۇرمەن، چۈنكى جەھەننەمدىن قورقىمەن.
— بوپتۇ، ھازىرچە بولسىمۇ مۇشۇنداق ئىرادىگە كەلگىنىڭگە شۈكرى. ئەمما تەييارلىقىڭنى قانچە بۇرۇن قىلساڭ شۇنچە ياخشى، مەغلۇب بولۇش پۇرسىتىڭ شۇنچە ئاز بولىدۇ.
ئۇنىڭ بىلەن تولا پاراڭلاشتىم، بەزىدە قەستەن ئېغىزىنى كوچىلىدىم، گاھىدا قارىماققا دىننى چۈشۈرىدىغان سوئال قويۇپ ئۇنى تېرىكتۈردۈم، ئىسلامنىڭ شانلىق ۋە پاجىئەلىك تارىخى، سۈننىيلەر بىلەن شىئەلەر توقۇنۇشى، سەلەفىيلەر، سوپىزم، ئاپئاق خوجا ھەققىدە نۇرغۇن گەپلەرنى ئاڭلىدىم، بىر قانچە ئاي شۇنداق كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتاتتۇق، توساتتىن ئۇنى باشقا تۈرمىگە يۆتكىۋەتتى.
2009-يىل 7-ئاينىڭ بېشىدا تۈرمىدە پاتپاراقچىلىق بولۇپ كەتتى، توكمۇ نەچچە ئۆچۈپ نەچچە ياندى، ساقچىلار توختىماي ئالمىشىپ تۇردى. كېيىن بىلسەك، ئۈرۈمچىدە چوڭ ۋەقە چىقىپتۇ. بۇ ۋەقەنىڭ شىددەتلىك تەسىرى تاملاردىن، رېشاتكىلاردىن ئۆتۈپ بىزنىمۇ ساراسىمىگە سېلىۋەتتى. ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي مەن شايار تۈرمىسىگە يۆتكەلدىم. ئاتا-ئانام تېخىمۇ يېقىن يەردىن مېنى كۆرگىلى كەلدى، باش-كۆزۈمنى سىلاپ ھال-ئەھۋال سورىدى. ھازىر ئاتا-ئانىلارنىڭ تۈرمىدىكى بالىلىرىدىن ئەمەس، سىرتلاردا ئېقىپ يۈرگەن، ئۈرۈمچىگە ئويناپ بېرىپ قالغان بالىلىرىدىن ئەنسىرەپ، خەۋەر كۈتۈپ، يىغلىشىپ يۈرۈۋاتقانلىقنى سۆزلەپ بەردى. ئاتا-ئانام مېنىڭ خاتىرجەملىكىمدىن خۇشالدەك كۆرۈنەتتى.شايار تۈرمىسىدە ئىككى يىل يېتىپ چىققىچە بىر بۇلۇڭ، تۆت كۇلۇڭلۇق گەمىدە دائىم روھىمنى كەڭ قويۇۋېتىپ، تەن چەكلىمىسىنى ئۇنتۇپ، بىر دەم بولسىمۇ راھەتلەندىم، گاھىدا تەپەككۇر دەرياسىغا غەرق بولۇپ، ئالەم ، گويا كىچىكلىتىلگەن ئالەم مىسالى ئادەم، يەنى ئۆزەم ھەققىدە يېڭى كەشپۇ-كارامەتلەرنى ھېس قىلدىم. ئادەمنىڭ ھەممىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى، بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، ھەممە ئادەم پەيغەمبەرزادە. مۇئمىن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دوستى، بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا ئۇلارمۇ ئەۋلىيالاردەك ئېسىلزادە. ئاللاھ بىزلەرنى ئەنە شۇنداق ئەزىز ياراتقان، ھۆرمەتلىك قىلغان، پەرىشتىلەرنى تازىم قىلدۇرغان، مەن مەھبۇس بولساممۇ پەرشىتىلەر تازىم قىلغان ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ پۇشتىمەن، ئىمانىم بىلەن ئاللاھنىڭ دوستى بولۇشقا ئاتلانغان ئېسىلزادە بەندىمەن. ھالبۇكى، بۇ شەرەپكە قانداق جاۋاب قايتۇرىمەن، 300 قېتىملىق زىنانىڭ گۇناھىدىن قانداق پاكلىنىمەن؟ قاچان ناماز ئوقۇيمەن؟ بىلگەن، چۈشەنگەن باشقا، ئەمەل قىلغان باشقا، ھېلىقى بۇرادەرنىڭ سۆزى ھەر ۋاقىت يادىمدا.
تۈرمىدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمنى، سۈرگەن خىياللىرىمنى يېزىپ كەلسەم نەچچە توم رومان چىقىدۇ. رومان يازمىدىم، پەقەت ئانچە-مۇنچە خاتىرىلەر يېزىپ قويدۇم. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئاسمانغا قاراپ كېرىلىپ، ساپ ھاۋادىن قېنىپ نەپەس ئالدىم، ئەتراپقا تويماي قارىدىم، نەچچە ۋاقىتتىن تۈرمە رۇجەكلىرىدىن تالاغا قېچىپ تۇرىدىغان روھىم ئەمدى تېنىمگە تامامەن قايتىپ كەلگەندەك، پۇت-قولۇمغا قايتىدىن جان كىرىپ، ھاياجانلىنىپ تىترەپ كەتتىم، ئەركىنلىك ئەسلىدە مۇشۇنداق شىددەتلىك، شىرىن تۇيغۇ ئىكەن، كەڭرى يولدا ئاتا-ئانامنى، سىڭلىمنى تاشلاپ قويۇپ ۋاقىراپ يۈگۈرگۈم كېلىپ كەتتى. كەچتە كىيىم يەڭگۈشلەپ ئۆيىمىز جايلاشقان ناھىيە بازىرىنى ئىككى سائەت چۆگىلىدىم. ئاتا-ئانام ئۈچ يىلدىن بۇيان «بالىمىز ياپونىيەدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتىدۇ» دەپ ئالداپ كەلگەن ئۇرۇغ-تۇغقان، تونۇش-بىلىشلەرگە سالام بېرىپ، قىزغىن كۆرۈشتۈم. ئۆيدە بىر مەزگىل ئارام ئالغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئىش ئىزدەپ بىر شىركەتتىن ئىش تاپتىم. بىلىمىم، تىل قابىلىيىتىم ۋە ھاياتنى قەدىرلەيدىغان قىزغىنلىقىم بىلەن تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ شىركەتنىڭ غوللۇق خادىملىرىدىن بىرىگە ئايلاندىم. نامازنى باشلىۋالدىم، مەسچىتكە كىرىپ جامائەتكە قېتىلدىم، رامىزان ئايلىرىدا تەراۋىھ نامىزىغا كىرىپ، جامائەت بىلەن بىللە دۇئا قىلىپ، بىللە ياش تۆكتۈم.
دۆڭكۈۋرۈكنىڭ ئاۋات كوچىلىرىنى ئايلىنىۋاتقان چاغدا، دوقمۇش-دوقمۇشتا غۇژمەكلىشىپ تۇرۇۋالغان ئەسكەرلەرنى كۆرسەم، ئەينى چاغدا تۈرمىدە كۆرگەن چۈشۈم يادىمغا كېلىدۇ، بىراق ھازىر مەن يالىڭاچ ئەمەس، ھېچكىم مەندىن قاچمايدۇ، قىزلار ناز، ھايا بىلەن بېقىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇنداق گۈزەل قىزلارنىڭ ئارىسىدا ياشاش بىر بەخت، ياغلىق چىگكەن قىزلارنى كۆرسەملا ئۆتمۈشتىكى گۇناھلىرىم يادىمغا كېلىپ، مۇشۇنداق پاك قىزلارغا مەن لايىقمۇ؟ دەپ ئويلايمەن. گاھىدا ئىچىمدىكى شەيتان بىلەن تەڭ كونا كېسىلىم قوزغىلىدۇ، ۋەسۋەسىلەرگە چۆمىمەن. خوشىنو دوستىنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە كېلىپ قالارمۇ؟ ياكى مەن بېيجىڭغا بېرىپ ئىشلەپ باقايمۇ، ياپونىيەگىچە بېرىپ، ئۆزەمنىڭ ئۆلۈۋالمىغانلىقىمنى، بەلكى قارىغايدەك ياشىرىپ مەزمۇت تۇرغانلىقىمنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟ دېگەنلەرنى ئويلايمەن. بىراق، چىن يۈرىكىمدىن بۇلارنىڭ پەقەت ۋاقىتلىق خىيال بولۇپ قېلىشىنى تىلەيمەن.
تۈگىدى.
بۇ پوۋېست ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەدنىڭ بىلوگىدىن ئېلىندى.