ياشاپتىمەن، بىلمەپتىمەن
(پوۋېست)
ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد
قاماقخانىغا يەنە سولاندىم، مەھبۇسلار قىزىقىپ ئۇنى-بۇنى سوراشتى، ھەممىسىگە ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇردۇم، كاللامدا ئۈچ يىل، ئۈچ يىل دېگەن ئېغىر سان ئەلەڭگىيتتى، ئۈچ دېگەن سان يۈرىكىمنى ئىككى تەرەپتىن كاناردىكى گۆشتەك ئېسىپ قويغانىدى. ئاھ بىچارە يۈرىكىم، ئۈچ يىلغا قانداق چىدارسەن؟ ئىككى ئايدىن ئارتۇق قاماقخانىدا يېتىپ، چوڭقۇر ئوي-خىياللارغا پېتىپ، تەپەككۇرۇمنى جانلاندۇرغان بىلەن رىئاللىقتىن ئايرىلىپ دۆتلىشىپ كېتىپتىمەن، ھېچكىم بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرمىغاندىكىن گەپنىمۇ ئوڭلاپ قىلالمايدىغان، جىق ئادەم بار يەردە تېخىمۇ كېكەچلەيدىغان بولۇپ كېتىپتىمەن. چۈشۈمدە سەھنىگە گەپ قىلغاندىكى ناتىقلىقىم قېنى؟ ئادەم ئەمەلىيەتتە نېمىنى قىلالمىسا، چۈشىدە شۇنى كۆرىدىغان ئوخشايدۇ. ئەگەر ئاشۇ ناتىقلىقىم بولىدىغان بولسا، باش سوتچى ماڭا ئاخىرقى قېتىم سۆز قىلىش پۇرسىتى بەرگەندە كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلىپ، ئۆزەمنى ئانچە-مۇنچە ئاقلاپ، جازا مۇددىتىنى بىر نەچچە ئاي بولسىمۇ يەڭگىللىتەلىگەن بولار ئىدىم. سوتچى ئارىلىقتا ئارام ئېلىشقا قويۇپ بەرگەن، ساقچىلار مېنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ كەتكەن شۇ مىنۇتلاردىمۇ ئۆزەمنى ئوڭشىيالمىدىم، شور پېشانىلىكىمدىن، يالغۇزلۇقۇمدىن، ئاجىزلىقىمدىن ئاھ ئۇرۇپ تىترەپ ئولتۇردۇم. سوتتا جىددىيلىشىپ كەتكىنىم، مەن ئۆزەم بىر ئادەم، نېمە ئىش قىلالايتتىم دەپ چۈشكۈنلىشىپ كەتكىنىم ئېنىق، زىيادە خىيالچانلىق ئادەمگە ئارتۇقچە ۋەھىمە، پالاكەت ئېلىپ كېلىدىكەن، قورقۇنچ ۋە ھاياجان ئاجىزلىقنىڭ ئىپادىسىكەن. مەن شۇنچىلىك ئاجىز مەخلۇقمۇ؟ كۈچلۈك ئادەم بولۇشۇم شۇنچىلىك تەسمۇ؟ سوت زالىنىڭ سىرتىدا سوتتىكىلەرنىڭ نېمىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشىۋاتقانلىقىنى، قانداق ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى بىلمەي، بېشىمنى چاڭگاللاپ ئولتۇرغىنىمدا بولسۇن، ياكى قاماقخانىغا قايتا سولىنىپ ئەسكى كارىۋىتىمغا يانپاشلاپ ئۆلۈكتەك ياتقىنىمدا بولسۇن، «ياپون ئالۋاستىسى» خوشىنونى كاللامدىن پەقەت چىقىرالمىدىم، ئۇنىڭ ياپونىيەدە، پەردە ئارقىسىدا غالىبلارچە، زەھەرخەندىلەرچە ھىجىيىپ تۇرغان كۆرۈنۈشى ھامان كۆز ئالدىمدا. چۈشۈمدە ئۇنىڭ كانىيىنى سىقىپ، كاللىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىچى بىلەن چېپىۋېتىشنى تىلەۋاتىمەن.
مەن قانۇننىڭ ئادالەتلىك ئىكەنلىكىدىن بۇرۇنلا گۇمانلىناتتىم، گۇمانىم ئىسپاتلاندى. باش سوتچى گەرچە«ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئەتراپلىق ئويلىشىش، مۇزاكىرىلىشىش ئارقىلىق مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىلدى» دېگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار باشتىن ئاخىر خوشىنو ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىغا يان باستى. ئۈچ يىل، قاباھەتلىك ئۈچ يىل! باش سوتچى: «جاۋابكار، ئېنىق ئاڭلىدىڭمۇ؟» دېگەندە، كۆزۈمنى چەكچەيتىپ تۇرۇپ قالدىم، ئاڭلىماي قالىمەنمۇ؟ ئېنىق ئاڭلىدىم، ئەمما كاللام قېتىپ قالدى. «بۇ ھۆكۈمگە پىكرىڭ بارمۇ؟ قايتا ئەرز سۇنامسەن؟» دېگەندە، نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم. قىسقىسى، ئۇلارغا ئىشەنمىگەن ئىدىم، ھازىرمۇ ئۇنى سوتتىكى بىر شەكىلۋازلىق دەپ ئويلايمەن. مىڭ پاتمان دەردىم، نارازىلىقىم بولسىمۇ، ئۇلارغا دېگەننىڭ نېمە پايدىسى؟ ئەرز سۇنۇپ ئاقتۇرغىلى بولاتتىمۇ؟
قاماقخانىدا يەنە قانچىلىك ياتىمەن، بىلمەيمەن، مەھبۇسلارنىڭ دېيىشىچە، قاماقخانىدىكى كۈنلىرىممۇ جازا مۇددىتىگە ھېسابلىنىمىش. ئەگەر تۈرمىدە ئىپادەم ياخشى بولسا، باشقىلارغا ياردەم قىلسام جازايىم يېنىكلەيمىش، ھاجەتخانىدا يىقىلىپ چۈشكەن قېرى مەھبۇسلارنى، چېكەرمەن ئوغرىلارنى، ئىچىدىن تۈگىشىپ كەتكەن پاھىشۋازلارنى قۇتقۇزۇپ قالالىسام تۆھپە ياراتقان ھېسابلىنىپ، مۇددىتىم بىراقلا بىر نەچچە ئاي قىسقىرايمىش. دېمەك، ئۈچ يىل كېسىلگىنىم، چوقۇم ئۈچ يىل ياتىسەن دېگەن گەپ ئەمەسكەن. بىراق، ئۇنداق ياخشى ئىشلار ماڭا نېسىپ بولماسلىقى مۇمكىن. تۈرمە دېگەندە مەندەك ئويلايدىغان يالتىراق ئاكتىپلار تولا. ئۇلار بىلەن ئوخشاش تىرىشقىنىم بىلەنمۇ ئۇلار مەندىن بۇرۇن كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ بولىدۇ. نەگە سولانسام ئوخشاش، تاماقلىرى ناچار، گۇندىپايلىرى قوپال، مەھبۇسلىرى خەتەرلىك، كۈنلەر ئازابلىق ھەم زېرىكىشلىك. مەھبۇسلار بىر-بىرىنى كۆزىتىپ، بىر-بىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، بىر-بىرىنى چەكلەپ، -بىر-بىرىنى چېقىشتۇرۇپلا ئۆتىدۇ، يامانلىرى ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان يەر تاپالماي ئاران تۇرىدۇ، جېنىدىن تويغان بىرەر جىنايەتچى بىلەن پېتىشماي قالسام، ئۇ قەپەزدىن چىقىپ كەتكىچە كۈنلىرىم ۋەھىمە ۋە سىقىلىشتا ئۆتىدۇ، بەلكىم مەن ئۇ قەپەزدىن چىقىپ بولغىچە قەستكە ئۇچراپ، جېنىم تەن قەپىزدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىن… ئويلىغانچە تېرىكىپ، قايغۇرۇپ، يىراقتا قالغان بىچارە ئاتا-ئانامنى ئەسلەپ ئۈنسىز ياش تۆكتۈم. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندا، خەقنىڭ ئالدىدا ئاجىزلىقىمنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالغان بىلەن، قاماقخانىدا يالغۇز قالغاندا ئۆزۈمنى قويۇۋېتىپ تازا يىغلىدىم، كېچىچە يېشىم قۇرىمىدى.
بەش كۈندىن كېيىن ھۆكۈمنامە قولۇمغا تەگدى، خوشىنو ئەرزنامىسىدە قوشۇمچە ھەق-تەلەپ دەۋاسى قىلمىغانلىقى ئۈچۈن سوت مەھكىمىسى ئاتا-ئانامنى سوتقا چاقىرتماپتۇ، ھۆكۈمنامىنىمۇ قولۇمغا بېرىپتۇ. ھۆكۈمنامىدە مېنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىم، جىنايەت ئۆتكۈزگەن، جازا كۆرۈلگەن تارىخىمنىڭ بار-يوقلۇقى، ئەيبلىگۈچىنىڭ ئۇچۇرلىرى، ھۆكۈمدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن جىنايەت، سەۋەب ۋە تەتبىقلانغان قانۇنىي ئاساس تولۇق يېزىلغانىدى. ھۆكۈم نەتىجىسىنى قايتىدىن كۆردۈم، ئەگەر بۇنىڭغا قايىل بولمىسام، مەزكۇر سوت مەھكىمىسى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسام بولىدىكەن. مەن نېمىشقا قايىل بولىمەن؟ قايىل ئەمەسمەن، سۆزلە دېسەڭ سۆزلەيمەن، ياز دېسەڭ، 40، 50 بەت توشقىچە ئەرز يازىمەن، تاكى سەن گۇيلار مېنىڭ زادى قانداق ئادەملىكىمنى بىلگىچە تولۇق يازىمەن. ئەرزىمنىڭ ئاقىدىغان-ئاقمايدىغانلىقى بىلەن چاتىقىم يوق، ئىشقىلىپ، ئۆتكەن ھەممە ئىشلىرىمنى يازىمەن، خوشىنونىڭ مېنى قانداق ئەخمەق قىلغانلىقىنى، مېنى جىنسىي قۇل قىلىش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىپ، مۇھەببەت نىقابى ئاستىدا سەككىز ئاي ئەخمەق قىلغانلىقىنى، ئەڭ ئاخىردا غۇرۇرۇمغا پايلىماي ئۇنىڭدىن قانداق ئۆچ ئالغانلىقىمنى بىر-بىرلەپ يازىمەن.
ئۈچ كۈن ئوبدان ئويلىنىپ، ئىككى كۈن باش قاتۇرۇپ 10 بەت ئەرزنامىنى يېزىپ، ئىككى نۇسخا كۆپەيتىپ، مېنى سوتلىغان گۇيلارغا ماڭدۇرۇۋەتتىم. ئەگەر بۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ، قايتا سوت ئېچىپ قالسا، ئۆزەمنى قايتا ئاقلاپ چىقىمەن دەپ ئويلىدىم، چىرايلىق كاتىپ قىزنىڭ ئىككىنچى قېتىم جاراڭلىق ئاۋازدا سوت تەرتىپىنى باشقۇرۇشلىرىنى، ماڭا «سەندەك بالىمۇ جىنايەت ئۆتكۈزەمدۇ؟» دېگەندەك ھېسداشلىق نەزەرىدە قاراشلىرىنى، سوتچىلارنىڭ مېنىڭ ئۇنچىلىك ئەبگا جىنايەتچى ئەمەسلىكىمنى تونۇپ، ماڭا باشقىچە نەزەردە قاراشلىرىنى، ھەتتا خوشىنونىڭ دوستى ۋاتارۇنى ئېلىپ سوت مەيدانىغا كېلىشىنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم. ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىن ئۈمىد ئىزدەپ تەقەززالىق بىلەن كۈتتۈم، ئەمما ھېچ جاۋاب بولمىدى. ماڭا ئوخشاش ئەرز سۇنغاندىن بىرى ماڭا تەسەللىي بېرىپ: ئۇلار تېخى بىر ئايدىن ئىككى ئايغىچە دېلوغا قايتا قاراپ چىقىدۇ، ئاڭغىچە مەشەدە ياتىسەن، دېدى. ئەگەر بۇ قاماقخانىدىن باشقا تۈرمىگە يۆتكىلىپ كەتسەم ئاندىن بىرىنچى ھۆكۈم رەسمىي كۈچكە ئىگە بولغان، نارازىلىق ئەرزىم رەت قىلىنغان بولىدىكەن.
بىر ھەپتىدىن كېيىن خوشىنودىن خەت كەلدى:
قانداق تۇرۇۋاتىسەن دەپ سوراشنى خالىمىساممۇ، سوراپ قوياي؛ قانداق تۇرۇۋاتىسەن؟ ھالىڭنىڭ تېخىمۇ ناچار، تېخىمۇ بەتتە بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى تۇيۇپ تۇرۇۋاتىمەن. ئاڭلىدىم، ئۈچ يىل تۈرمىدە ياتىدىكەنسەن، پۇخادىن چىقتىم، ساڭا ھەر قانچە ئىچ ئاغرىتساممۇ، بۇ ھېسسىياتىمنى ساڭا بولغان نەپرىتىم بېسىپ كېتىدۇ. دوستۇمغا خەت يازغىنىڭنى بىلدىم، شۇڭا بۇ نەپرىتىم تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. بىچارە ئەبلەخ، سەن ياپونلۇقلارنى، ياپون قىزلىرىنى قىلچە چۈشەنمەيدىكەنسەن، قاماقتا يېتىۋېرىپ تولا خىيال سۈرۈپ، كاللاڭدىن كېتىپ قالغان ئوخشايسەن. بىزدىكى ھەمكارلىق ۋە ساداقەتنى سەن مەڭگۈ چۈشىنىپ بولالمايسەن، ئويلايدىغىنىڭ، يېڭى قىز تېپىش، پەس ئارزۇ-ھەۋىسىڭىنى قاندۇرۇش، خالاس. يازغان خېتىڭنى كۆرۈپ كۈلۈپ كېتىپتىمەن، ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان بىر قىزغا خەت يازغىنىڭنى قارا، قاپاق كاللا! مۇشۇ خېتىڭ ئۈچۈن، ماڭا خىيانەت قىلغىنىڭ، ھاقارەت قىلغىنىڭ ئۈچۈن ساڭا يەنە بىر يىللىق جازا بېرىلسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ، ئەمما ئاللىقاچان ھۆكۈم قىلىنىپ بولدۇڭ. مەن باشتىلا دېگەن، سەن بۇ جازانى چوقۇم تارتىشىڭ كېرەك، ئاڭلىسام نارازىلىق ئەرزى سۇنۇپسەن، مەن بۇنىڭغا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قارشى تۇرىمەن. مەن ھېلىمۇ بىزنىڭ ئۆتمۈشتىكى مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ يۈزىنى قىلىپ، تۆلەم پۇلى ئالمىدىم. ماڭا پۇل ئەمەس، سېنىڭ ئازابىڭ، ئاچچىق كۆز ياشلىرىڭ كېرەك. سەن تۈرمىدە ياتقاندىلا مېنى ئويلايسەن، نەپرەت بىلەن تىللىساڭمۇ ، قارغىساڭمۇ، ئىشقىلىپ ئويلايسەن، ئويلاشتىن قۇتۇلالمايسەن، مەن بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىڭنى قەدىرلەيسەن، ھەسرەت بىلەن سېغىنىپ ئەسلەيسەن، تولغىنىپ ياتالمايسەن، پىت-بۈرگىلەرگە تالىنىسەن. بولسا ھەسرەت چېكىپ ئۆلۈپ كەتسەڭمۇ مەيلى. ئۆلسەڭ شەرەپ بىلەن ئۆلگەن بولىسەن. سېنى چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە ياد ئېتىمەن.
مېنى قانداق ئويلىساڭ ئويلا، ئىچىڭدە قانداق تىللىساڭ تىللا، ئەمما مېنى تىللاپ خەت يازما، جاھاندىكى ئەڭ پەس، نامەرت، چۈپرەندە ئەرلەرلا ئايال كىشىدىن ئۆچ ئالىدۇ!
خەتنى يەنە يىرتىپ تاشلىۋەتتىم، سەن شاۋچىنىڭ شۇ گېپى ئۈچۈن بولسىمۇ مەن ھەرگىز ئۆلۈۋالمايمەن، ئىمان بىلەن ياشايمەن، بەلكى خۇشال ياشايمەن! دەپ قەسەمياد قىلدىم.
خوشىنونىڭ دوستى دۆت بولسا كېرەك، چىرايلىق قىزلارنىڭ تولىسى دۆت كېلىدۇ دېگەنگە ئىشىنىپ قالدىم، «ۋاتارۇ» دېگەن ئىسىمنى كاللامدىن سۈپۈرۈپ تاشلىدىم، ئەمدى ئۇنىمۇ خوشىنوغا ئوخشاشلا نەپرەت، يىرگىنىش بىلەن ئويلايمەن. ساداقەت، ھەمكارلىق دېگەنلىرى قۇرۇپ كەتسۇن، مەيلى ياپونلۇق ياكى باشقا يەرلىك بولۇپ كەتسۇن، قىز بالىنىڭ ھەقىقىي دوستى بولمايدۇ، ھەممىسى كۈندەش، ھەممىسى ھەسەتخور، ۋاقتى كەلسە بىر-بىرىنى سېتىۋېتىدۇ! مەن تۈرمىدە جازالانسام، مەھبۇسلۇق ئازابىغا چىدىماي ئۆلۈۋالسام ئۇ ساراڭغا نېمە پايدىسى؟ بۇنىڭ تېگىدە گەپ بار، ئۇنىڭ ساراڭلىقى تۇتسا ھەممىنى ۋايىغا يەتكۈزىدۇ، مېنى تۈرمىگە سولىتىۋېتىپ، مەن بىلەن ھەر ئاخشىمى بىللە بولالمىغان ئاچچىقىنى مەندىن ئالماقچى. ئۇ بۇرۇن مېنى رەنجىتىپ قويۇپ ئارقىدىن پۇشايمان قىلاتتى، ھىيلىگەرلىك بلەن ئەپۇ سورايتتى، ئەگەر مېنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرسە ھازىرمۇ پۇشايمان قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. مۇھەببىتىنى ئوڭدا قويۇپ، پۇشايمان قىلاي دېسە جىلە بولۇپ، بوينى قاتتىقلىق قىلىپ تۇرۇۋالىدىغان جاھىل، ھاكاۋۇر قىزلار ئازمۇ؟ ئوغۇللارنىڭ ھېسسىياتى بىلەن ئوينىشىدىغان، بىراۋنىڭ بەختسىزلىكىدىن خۇشاللىنىدىغان شۇنداق مايماقلاردىن ئۆلگىچە نەپرەتلىنىمەن.
بىر ئايدىن كېيىن ئىككىنچى قېتىملىق ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇۋالدىم، سوتنىڭ كېسىمنامىسى ئىكەن، ئۇستىرىسى ئىتتىك موللام كىچىك بالىنىڭ ئاغزىغا تۇخۇمنى كەپلەپ قويۇپ چۇچىقىنى كەسكەندەكلا كېسىۋېتىپتۇ، سوت ئاچمايلا، ئاغزىمنى ئاچۇرمايلا ئۆز ئىچىدىن كېسىۋېتىپتۇ! نارازىلىق ئەرزىمنى رەت قىلىپ، ئەسلى ھۆكۈمنى ساقلاپ قاپتۇ. باش سوتچى بۇنى «جاۋابكار بۇ شىكايەتنامىسىدە پاكىتنى ئەمەس، ئۆزىنىڭ شەخسىي ھېسسىياتىنى ئاساس قىلغان، ئۆزىنى قايتا ئاقلايدىغان يېڭى دەلىل ۋە كۈچلۈك ئىسپات كەلتۈرەلمىگەن. ۋاھالەنكى ئەرز قىلغۇچىنىڭ دەلىل-پاكىتلىرى تولۇق، يەنە كېلىپ تۆلەم تەلەپ قىلمىغان ئەھۋالدا، بۇ جازا مۇۋاپىق» دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ. دېمەك، ئۆزەمنى «بېسىمغا ئۇچرىغان جىنسىي قۇل» سۈپىتىدە بايان قىلىشىم ئۇلارنى قىلچە تەسىرلەندۈرەلمەپتۇ، ئۇلارچە بولسا، ئەرلەرلا ئاياللارنى جىنسىي قۇل قىلالايدۇ، ئەرلەرلا ئاياللارنى بوزەك قىلالايدۇ. ياپون باسقۇنچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەر، باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئايال. ياپون باسقۇنچىلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن تارىخىي جاراھەت تېخىچە شەلۋەرەپ تۇرسا، ئۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟ ئەگەر ئۇلارنىڭ كاللىسى ساق بولسىدى، بۇ مەسىلىنى باشقا نۇقتىدىن كۆزىتىپ، باشقا جەھەتتىن چۈشىنىپ باقاتتى.
ئۈمىدىم يەنە بىر قېتىم كۆپۈككە ئايلاندى. ئۈمىدسىز شەيتىنىم يەنە بىر قېتىم ۋۇجۇدۇمغا زەھەرلىك ئۇكۇل ئۇرۇۋەتتى. قەغەزنى مىجىقلاپ ئاھ ئۇرۇپ ئولتۇرسام، يېڭىدىن سولانغان سېمىز بىرى تارتتىدە يەل قويۇۋەتتى، ئەتراپقا سېسىق دوفۇنىڭ، ئېچىپ كەتكەن جاڭيۇنىڭ پۇرىقى تارالدى. بۇرنۇمنى ئېتىپ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. ئەتراپتىكى ھەممە نەرسە شۇنچە يىرگىنىشلىك، شۇنچە خۇنۈك. جازا ئىجرا قىلىنسا، بۇنىڭدىنمۇ ئېچىنىشلىق، بۇنىڭدىنمۇ ئازابلىق تۇرمۇشۇم باشلىنىدۇ، ئۈچ يىل مۇشۇ مەخلۇقلار بىلەن بىللە نەپەسلىنىپ، بىللە يەپ-ئىچىپ، پوقىنى پۇراپ، گېپىنى ئاڭلاپ ياشايدىغان گەپ. ئەمما بۇلار بولمىغان بولسا ئادەملىكىمنى، ئېتىقادىمنى، ئەخلاقىمنى، تۇرمۇش ئادەتلىرىمنى، پاكىزلىقىمنى بۈگۈنكىدەك چوڭقۇر تونۇيالمىغان، ھېس قىلالمىغان بولار ئىدىم. قارىغۇنى كۆرمەي تۇرۇپ كۆزۈمگە شۈكرى قىلالمايمەن، ئىمانسىزنى كۆرمەي تۇرۇپ ئىماننىڭ قەدرىگە يېتەلمەيمەن. مەسىلىنى باشقا نۇقتىدىن كۆزەتكەندە، چوڭقۇر ئويلانغاندىلا، ئاللاھنىڭ سىناقلىرىدىكى ھېكمەتنى چۈشەنگىلى بولىدۇ.ئۆيگە خەت يېزىشتىن ئاۋۋال، قاماقخانا مەسئۇللىرىغا ئىلتىماس يېزىپ، جازا مۇددىتىنى شىنجاڭدا، تۇرمۇش ئادىتى ماڭا ئوخشايدىغان مەھبۇسلار بىلەن بىللە ئۆتەشنى تەلەپ قىلدىم. سوت مەھكىمىسىگىمۇ بىر پارچە ئىلتىماس يازدىم. قوبۇل كۆرەمدۇ، كۆرمەمدۇ بىلمەيمەن. ھوقۇقۇم نەدىن نەگىچە، ئۇنىمۇ بىلىپ كەتمەيمەن. ئەمما ئىمكانىيىتىمنىڭ بېرىچە ھۇقۇقۇمدىن پايدىلىنىشقا، تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشتىم، قادىر ئاللاھ ئۇنى ئۆزگەرتىشنى خالىسا ئۆزگىرىدۇ، بولمىسا ئۆزگەرمەيدۇ؛ ئۇ نېسىپ قىلغان ئىرادە يەنە ئۇ نېسىپ قىلغان نەتىجە بىلەن تاماملىنىدۇ. كەلگۈسى تەقدىرىم نەدە بولسا، بولسۇن، كۆڭلۈمدىكىدەك بولسا ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىمەن، كۆڭلۈمدىكىدەك بولمىسا، سەۋر قىلىمەن، ھەرگىز ياپونلۇقلاردەك ئۆلۈۋالمايمەن.
قاماقخانىدا ئۈچ ئاي قانداق ئۆتكەن بولسا، تۈرمىدە ئۈچ يىلمۇ شۇنداق ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئادەم نېمىگە كۆنمەيدۇ، ھەممىگە كۆنىدۇ. خوشىنو بىلەن ياتقان قوش كىشلىك كارىۋاتتا قانداق ياتقان بولسام، تۈرمىنىڭ ئەسكى كارىۋاتلىرىدىمۇ شۇنداق يېتىپ كۆنۈپ كېتىمەن. بىر نەرسىنىڭ چىداملىقلىقى ئىگىز يەردىن قاتتىق چۈشكەندە بىلىنىدۇ، شۇنداقلا ئادەمنىڭ چىداملىقلىقىمۇ ئېگىزدىن پەسكە دومىلاپ چۈشكەندە__ ساغلاملىقتىن كېسەللىككە، ئەزىزلىكتىن خارلىققا، بايلىقتىن نامراتلىققا، ئەركىنلىكتىن مەھبۇسلۇققا چۈشۈپ قالغاندا بىلىنىدۇ. بۇنداق قىيىن ۋاقىتلاردا، ھەممىدىن ئۈمىد قالمىغاندا ئادەمگە بىردىنبىر ئۈمىد، ئىشەنچ بېرەلەيدىغان نەرسە يەنىلا ئېتىقاد، ئېتىقادىم بولسىلا جەسىدىم گەرچە تۈرمىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا، قاراڭغۇلۇقتا تاشلنىپ قالسىمۇ، روھىم يۈكسەكلەرگە ئۆرلىيەلەيدۇ. چىرىپ كېتىدىغان جەسىتىم خارلانسىمۇ، روھىم خارلانمايدۇ. ئۇنى خار قىلماسلىق ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇنى قۇتۇلدۇرۇشۇم كېرەك، روھىمنىڭ ئىگىسى ئاللاھ، روھىمنىڭ سىرىنى بىلگۈچىمۇ ئاللاھ، پەقەت ئاللاھقا تەسلىم بولۇش، ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئارقىلىقلا نىجاتلىققا ئېرىشەلەيمەن. تۈرمىدىن قۇتۇلۇشتىن ئاۋۋال شەھۋەت، ئازغۇنلۇق قەپىزىدىن قۇتۇلۇشۇم، تويماس نەپسىمنى باشقۇرۇشنى ئۆگىنىشىم كېرەك، تۈرمە ئەمەلىيەتتە مېنىڭ روھىمنى پاكلاش سەپىرىم بولۇپ قالسىچۇ؟
قانچىلىك قىسمەتلەرگە شاھىد بولسام، شۇنچىلىك كارامەتلەرنى كۆرىمەن. تۈرمىدە ياشاپ تۇرۇپ، ئۆزەمنى مەركەز قىلىپ، پۈتۈن جاھاننى تەپەككۇر ئەلگىكىمدە تاسقايمەن. دان بىلەن ساماننى ئايرىيمەن. كىتاب كۆرىمەن، خاتىرە يازىمەن، بەلكىم خوشىنو ۋە ئۇنىڭ دوستىنى تىللاپ بىر پارچە خەت يېزىشىممۇ مۇمكىن، چىدىماي ئەمەس، قىلغىلى ئىش تېپىش، بىرەر نەرسىگە دىققىتىمنى چېچىش، ئۇنىڭغا بېرىلىش ئۈچۈن. ماھىيەتتە، بۇمۇ ئىچىمدىكى شەيتاننىڭ بىر ھىيلىسى. ئاللاھنىڭ مۆجىزاتلىرى ھەققىدە ئويلىناي، ئىمانىمنى يېڭىلاي، ئاللاھ رازى بولىدىغان بىر ئىش قىلاي دېگەندە بۇ مەخلۇقلار ۋەسۋەسە قىلىپ پىچىرلايدۇ، قوغلىۋېتەي دېگەندە ئاجىزلىقىمنى تۇتۇۋالىدۇ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ، كونا يارامنى قوزغايدۇ، ياخشى ئىشلارنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، يامان ئىشلارنى دەرھال ئېسىمگە سالىدۇ. مەن ئەمدى تۈرمىدە بولسۇن ياكى تۈرمىدىن تىرىك چىقىپ جەمئىيەتتە ئەركىن يۈرەلىگەن چاغدا بولسۇن تا ئۆلگىچە شەيتان بىلەن كۈرەش قىلىمەن، خوشىنوغا قانداق نەپرەتلەنگەن بولسام شەيتانغىمۇ شۇنداق نەپرەتلىنىمەن، خوشىنودىن قانداق ساۋاق ئالغان بولسام، شەيتاندىنمۇ شۇنداق ساۋاق ئېلىپ، ئۆزەمنى ئاگاھلاندۇرۇپ يۈرىمەن. شۇغىنىسى، خوشىنونى ئۇنتۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ شەيتاننى ئۇنتۇپ كېتەلمەيمەن، ئۇ ھامان مەن بىلەن بىللە، چۈنكى نەپسىمدە ئۇنى قوللايدىغان بىر تۈركۈم كۈچلەر بار. ھەر قېتىم خوشىنونى تىللىغان چېغىمدا بۇ رەزىل كۈچلەر مېنى مەسخىرە قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن شىرىن كېچىلەرنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ قىزلارنى ئوينىساڭ بولىدۇ، ياپونلۇقنى تاپمىساڭ ئۆزەڭنىڭ قىزلىرىنى تاپ دەپ تۇرىدۇ. مېنىڭچە، ئەڭ يامان سىناق مۇشۇ، چۈنكى تۈرمىدىن چىقىپلا تۈرمىدىكى ساپ قەلبىمنى، ئۆزەمگە بەرگەن ۋەدە، قەسەملىرىمنى ئۇنتۇپ كېتىشىم، كوچىدا يۈرگەن چىرايلىق قىزلارنى كۆرۈپ شۆلگەيلىرىمنى ئېقىتىپ، «ئاھ ئەركىنلىك، ئاھ قىزلار، ئاھ شىرىن لەززەتلىرىم…ئالدىمغا كېلىڭلار، تۈرمىدە پىچىۋېتىلگەن بۇقىدەك كۆزۈمنى پارقىرىتىپ ياتقانىدىم، ئەمدى شۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرىدىغان ۋاقىت كەلدى» دەپ، ھەممىنى ئۇنتۇپ نەپسىمنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىشىم مۇمكىن. بۇنى مۇمكىن ئەمەس دېيەلمەيمەن، قىزلار يېقىن كەلسە، نېرى تۇر، سەنمۇ خوشىنۇدەك ئالدامچى، ھەممىڭ شەيتان… دېيەلمەيمەن. قىزلارنى ئويلىغان ھامان بۇ يۈرىكىم ئويناپ كېتىۋاتسا، جازا مۇددىتىمنى توشقۇزماي تۇرۇپلا بىر قىز بىلەن بىللە تاماق يەپ، بىللە ئايلىنىپ، بىللە يېتىشنى تەسەۋۋۇر قىلىپ ھاياجانلىنىۋاتسام، تۈرمىدىن چىقسام نېمە ئىش بولۇپ كېتەر؟ سۈت بىلەن كىرگەي خۇي جان بىلەن چىقىدۇ، دېگەن گەپ راست بولسا، ئۇنداقتا شەيتان بىلەن ھەر قانچە ئېتىشقىنىم بىكارمۇ؟ ئۇ مېنى ھامان مەغلۇب قىلىپ، جەھەننەمگە تاشلامدۇ؟ ئىگەم ئاللاھ شۇنى ئىرادە قىلامدۇ؟ ئەگەر ئاللاھ بۇنى ئىرادە قىلسا، ئۇ ھالدا ماڭا بېرىلگەن بۇ ئەقىل ۋە تاللاش ئەركىنلىكى نەدە قالىدۇ؟ ماڭا بېرىلگەن بۇ ئۆمۈر ۋە پۇرسەتنىڭ قىممىتى نەدە قالىدۇ؟ ئەتىلا كىچىككىنە بىرەر سەۋەب بىلەن ئۆلۈم كېتىشىم تامامەن مۇمكىنغۇ؟ قىزلارنىڭ ۋىسالىغا يەتمەي تۇرۇپلا تەسەۋۋۇرۇم ئۇجۇقۇپ، ئۇ دۇنيادا بۇ دۇنيالىق قىلمىشلىرىمدىن ھېساب بېرىشىم مۇمكىنغۇ؟ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەسمەن، ئەمما دىندىن تېخى يېتەرلىك ساۋادىم بولمىغاچقا، قانچىلىك گۇناھ قىلغانلىقىمنى بىلمەيمەن، بۇ خۇددى قانۇندىن ساۋاتسىز مەھبۇس ئۆزىنىڭ قانچىلىك جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلمىگەندەكلا بىر ئىش. ئەمما شۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىمەنكى، ئاللاھنىڭ ئۇ دۇنيادىكى ئادالەت سوتى بۇ دۇنيادىكى ئادالەتسىز مەھكىمىلەرنى سوتقا تارتىدۇ. خەقتىن پارا يېگەن، كىشىلەرنى ناھەق سوتلىغان سوتچىلار جەھەننەمگە تاشلىنىدۇ.
ئىمانىم ماڭا مەدەتكار، ئىمانىم مېنى بۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلارنىڭ ھامان ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ماڭا تەسەللىي بېرىدۇ. ئىمانىم بۇ ۋاقىتلىق سىناقتىن قەتئىي ئۆتۈپ كېتىشىمنى تەلەپ قىلىپ: بەلكىم بۇ جازالار سېنىڭ گۇناھىڭنى يۇيىدۇ، ئاللاھ شۇنى ئىرادە قىلغان بولسا، يىغلاپ-قاقشاشلىرىڭنىڭ ئورنى يوق، سېنى كۈلدۈرگەنمۇ ئاللاھ، يىغلاتقانمۇ ئاللاھ، سەن پەقەت ئىمانىڭنى چىڭ ساقلا ۋە ئۆلگىچە قوغدا… دەپ تۇرىدۇ. ئىمانىم شۇ تاپتا مېنى چېقىۋاتقان پاشا، چىۋىنلارغا قاراپ تەپەككۇر قىلىشىمنى، شۇنداقلا ئۇلاردىن پەرقلىق ئىكەنلىكىمنى، ئۈمىدۋار ياشىشىم كېرەكلىكىنى ھەر ۋاقىت ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. شۇنى كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇكى، ۋەسۋەسىلەرگە چۆمۈلگەن، يامان خىياللارنى قىلغان چېغىمدا بۇ يەرنىڭ ئازابىدىن قانچىلىك قىينالسام، ئىمانىم غالىب كەلگەن چاغدا شۇنچىلىك سەۋر قىلالايمەن ۋە ئۈچ يىلنى چىداپ توشقۇزالايمەن.
ئىلتىماسىمدىن ئۈمىد كۈتۈپ، نەچچە ھەپتە ساقلىدىم. تېخىچە بىرەر شەپە يوق. ئالدىرىمىدىم، نەگىلا ماڭسام بىر يەرگە ماڭىمەن. قاقشاپ يۈرمىدىم، بولىدىغان ئىش بولدى ياكى ھامان بولىدۇ. دەردىم ئېغىر تۇيۇلغان چاغدا مەندىنمۇ ئېغىر دەردى بارلارغا قاراپ تەسەللىي تاپتىم. ماڭا كېسىلگەن جازا بەزى مەھبۇسلار ئۈچۈن ئۈچ كۈن ئەسكى ياتاقتا يېتىپ قالغاندەك كىچىككىنە ئىش. جىنايەتچىلەرنىڭ چىرايى روشەن ئەينەك، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن بولغانلىرىنىڭ چىرايى ھېلىتىن ئۆلۈكنىڭكىدەك تاتىرىپ كەتكەن، گەپ قىلىشمۇ، تاماق يېيىشمۇ، ھەتتا تەرەت قىلىشمۇ خوشياقمايدۇ، ئىسسىق جېنىدىن ئايرىلىشنى ئويلىسا ئېتىلىشتىن بۇرۇن ئۆلىۋېلىشنى، ئۆز جېنىنى ئۆز ئېلىشنى خىيال قىلىدۇ. ئۇزۇن يىللىق كېسىلىش ئېھتىمالى بولغانلىرىنىڭ چىرايى ھالسىز، كۆزلىرى بىر نۇقتىغا تىكىلىپ قېتىپ قالغان، ئېغىر يىللارنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلمەي بېشى قېتىپ ئولتۇرغان، ئۆلۈۋالاي دېسە جان تاتلىق، ئامالسىز ھالدا كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرۈشنى تىلەپ، دېرىزىگە قاراپ تۇرغىنى تۇرغان. ماڭا ئوخشاش قىسقا مۇددەت كېسىلىدىغانلىرى ياكى كېسىلىپ بولغانلىرىنىڭ كەيپىياتى بىر قەدەر ياخشى. ئومۇمەن، بۇ يەرگە سولانغاننىڭ ھەممىسى بۇ يەرگە كىرىپ قېلىشنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان ياكى شۇ ۋەقەنى سادىر قىلغاندا ئەسلا ئويلاپ باقمىغان، قەستەن كىرگەنلىرى يوق دېيەرلىك. شۇنداق ئويلايمەن، ھېچكىم گۇناھ قىلمايمەن دېيەلمەيدۇ، ھېچكىم جىنايەت ئۆتكۈزمەيمەن دېيەلمەيدۇ، ھېچكىم تۈرمىگە كىرمەيمەن دېيەلمەيدۇ. نەس باسقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئويلىمىغان بىر پەيتتە، كۈتۈلمىگەن غەيرىي نىيەت ياكى ئەسەبىي ساراڭلىقتا، بولمايدۇ دېگەن ئىشلار بولىدۇ. شۇڭا ھەر ۋاقىت ئاگاھ ۋە دانا بولۇش لازىم، ئاللاھتىن ياخشىلىق تىلەش لازىم.
بىر كۈنى ئاخشىمى غەلىتە چۈش كۆرۈپتىمەن، دۆڭكۆۋرۈكتە، ئادەملەر مىغ-مىغ قايناپ تۇرغان بازاردا، ئەتراپقا تويماي قاراپ كېتىۋاتقۇدەكمەن، ئەمما باشقىلار ماڭا تەتۈر قاراپ، تىللاپ كېتىۋاتقۇدەك. قىزلار، ئاياللار مېنى كۆرۈپ قېچىشىۋاتقۇدەك. مەن «شۇنچە يىراقتىن بۇ قېرىنداشلىرىمنى كۆرەي دەپ كەلسەم، نېمىشقا مەندىن ھەممىسى قاچىدۇ» دەپ ھەيران قالغۇدەكمەن. بىر دەمدىن كېيىن ئارقامدىن ئۇششاق بالىلار ئەگەشتى، ئۇلارنىڭ كۈلگەن ئاۋازلىرى ئېلېكترونلۇق قوچاقنىڭ بىر خىل رېتىمدا كۈلۈشلىرىگە ئوخشايتتى. يولدا غۇژمەكلىشىپ تۇرۇۋالغان ئەسكەرلەر ماڭا قاراپ ئەجەبلىنىپ، بىرى يەنە بىرىگە: «قاندااق قىلىمىز، يېنىدا ھېچنېمىسى يوقكەن» دېسە، يەنە بىرى: «ساراڭكەن، خەقنى توپلاپ ئىش چىقارمىسىلا مەيلى» دېگۈدەك. مەن شۇ ماڭغانچە ئۆزەم چۈشكەن مېھمانخانىغا كىرىپ، لېفىتقا چىقاي دەۋاتسام مۇلازىمەتچى قىز ئاغزىنى تۇتۇپ ماڭا قاراپلا تۇرغۇدەك، «نېمە بولدى؟ بىر يېرىم ئوچۇق قاپتۇمۇ؟» دېسەم، يەرگە قاراپ تۇرغۇدەك. لىفىتقا چىقىپ ئۆزەمگە قاراپ داڭقېتىپ قاپتىمەن، ئەينەكتە مايمۇندەك قىپيالىڭاچ بىر ئىنسان ماڭا ئوخشاش ھەيرانلىقتا قاراپ تۇرغۇدەك… ياتاققا ئۇچقاندەك كىرىپ، كىيىم ئىزدەشكە باشلىدىم، كىيىملىرىمنىڭ بىرسىمۇ يوق، تازىلىق ئۆيىگە كىرسەم، پۈتۈن كىيىملىرىم داسقا، ئاپئاق مەنىيگە چىلاقلىق تۇرغۇدەك، توختىماي كىر يۇيۇپتىمەن، بىرىنى تازىلاپ بولغىچە يەنە بىرى داسقا چۈشۈپ كەتكۈدەك، كېچىچە كىر يۇيۇپ ھېرىپ-چارچاپ، جىلە بولۇپ ئويغىنىپ كەتتىم.
بۇ چۈشۈمگە تەبىر بېرىپ باقتىم، گۇناھلىرىم كۆڭلۈمنى غەش قىلدى، يەنە بىر جەھەتتىن، جازا مۇددىتىمنى ئۆتەش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بېرىپ قالىمەنمۇ نېمە دېگەنلەرنى ئويلىدىم. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، ئۆز تائىپەمدىكى ئادەملەر بىلەن بىللە ياشايتتىم، تاماقنى خاتىرجەم يېيەلەيتتىم، ئاتا-ئاناممۇ پات-پات مېنى كۆرگىلى كېلەلەيتتى. بىر تۇرۇپ، ئۇ يەردىكى تۈرمىلەرنىڭ شارائىتى بۇ يەردىكىدىن ناچار، تۈزۈملىرى بۇ يەردىكىدىكىن قاتتىق بولسا، تېخىمۇ ئېغىر كۈنلەرگە قالارمەنمۇ دەپ ئويلايتتىم.
بىر ھەپتىدىن كېيىن مېنى بېيجىڭ سىرتىدىكى بىر تۈرمىگە سولىدى، قاماقخانىدىن چىقىش ئالدىدا تۈرمىدىن يۆتكىلىش ئىلتىماسىمنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇم، «سەن ئالدىراپ كېتىپسەن،-دېدى چىرايىدىن خېلى تۈزۈك كۆرۈنىدىغان بىر ساقچى،- سېنىڭ ئۆزەڭ خالىغان تۈرمىدە يېتىش ھوقۇقۇڭ يوق، ئەمما ئالاھىدە ئەھۋالدا شۇنداق قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن قاماقخانىغا ئىلتىماس سۇنساڭ ئاۋارىچىلىق، بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە، ج خ ئىدارىسىگە، تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىغا قاترايمىز، ئۇنىڭدىن كۆرە تۈرمىگە كىرىپ، تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىغا ئىلتىماس سۇنساڭ ئىشىڭ ئاسان بولىدۇ ، يۆتكىلىدىغان تۈرمە سېنى قوبۇل قىلىشقا قوشۇلسىلا ئىشىڭ پۈتىدۇ» دېدى. ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتىم، بۇ قاماقخانىدا ماڭا بىر قەدەر ياخشى تەسىر قالدۇرغان ئىش مۇشۇ بولدى.
داۋامى بار...