باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

ياشاپتىمەن، بىلمەپتىمەن (پوۋېست)-8

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-09-18 11:22:36

‹‹ياشاپتىمەن، بىلمەپتىمەن (پوۋېست)-8›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

ياشاپتىمەن، بىلمەپتىمەن

(پوۋېست)

ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد

ھەرىكىتىم چەكلەنگەن بولغاچقا، روھىمنى يېڭى مەنزىللەرگە توختىماي قوزغىتىپ تۇردۇم، ئاجايىپ ئىشلارنى، ئاجايىپ نەرسىلەرنى كۈچەپ خىيال قىلىشقا تىرىشتىم، مېنى كۆرگەنلەر بۇ خىيالچانلىقىمغا، تولا چۈش كۆرۈپ ۋارقىرايدىغانلىقىمغا قاراپ، بۇ شىنجاڭلىق ئۇزاققا قالماي نېرۋىسىدىن كېتىپ قالغۇدەك دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. نېمە كارىم، ھە دېگەندە خەقنىڭ كۆزىگە قاراپ ياشىسام،  ھۆر ئىرادىگە ئىگە بولالمىسام، خىيال سۈرۈشتىمۇ ئەركىن بولالمىسام، بۇنداق ياشىغاننىڭ نېمە لەززىتى؟

قاماقخانىدىكىلەر قانۇن ئۆگىنىش ئېيى دەپ بىر شەكىلۋازلىق چىقىرىپ، بىزنى بىر ئاي ئەخمەق قىلدى، شۇنداقتىمۇ بۇنداق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش بىر بۇلۇڭدا سىقىلىپ ئولتۇرغاندىن ياخشى ئىدى، ھېچ بولمىغاندا ۋەزىيەت ۋە يېڭى قانۇن-تۈزۈم توغرۇلۇق يېڭى  گەپلەرنى ئاڭلايتتۇق. بەزىدە جىنايەتچىلەرنى تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن بىرلىكتە تاماق يېيىىشكە ئۇيۇشتۇراتتى. بۇنداق چاغدا جىنايەتچىلەرگە بايرام بولاتتى،  ھاياجانلىق ۋە پۇشايمانلىق كۆز ياشلىرىنى ئالدىدىكى تاماق بىلەن قوشۇپ يەيتتى. مەن يالغۇز تاماق يېگەچ، كۈندە مۇشۇنداق تاماق يېيىشنى ئارزۇلاپ، خوشىنونىڭ دوستى كەلگەن بولسىمۇ، بىللە تاماق يەر ئىدۇق دەپ ئاغزىمنى تاتلىق ئېتىپ ئولتۇراتتىم.

تىل-ھاقارەتلىك خېتىمدىن جاۋاب كەلمىگەندىن كېيىن خوشىنونى يادىمدىن چىقىرىۋېتىپ، چۈشۈمدە كۆرگەن ۋاتارۇنى غايىۋى سېغىنىدىغان بولۇپ قالدىم، ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىپ خەت يازاي دېگەندە، ئەقلىم:  بولدى قىل، سەن نەدە، ئۇ قىز نەدە، چۈشۈڭدە كۆرگەن قىزغا ئاشىق بولىدىغان ساراڭمۇسەن دەپ مېنى ئەيبلىدى، ئەمما ئىچىمدىكى شەيتان قىتىغۇرلۇق قىلىپ: يېزىپ باقمامسەن، بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سەن نەدىن بىلىسەن، بۇنىڭدىن باشقا قىلىدىغان ئىشىڭ بولمىغاندىكىن، ئۆزەڭگە قىلغۇدەك ئىش تېپىپ كۈنلىرىڭنى  مەنىلىك ئۆتكۈزمەمسەن؟ ئادەمنى ئۈمىد ياشارتىدۇ،  بىر نەرسىدىن ئۈمىد كۈتۈش، ھېچ نەرسىنى ئۈمىد قىلمىغاندىن ياخشى؛ ئادەم بىرەر باھانە بىلەن ئۆزىنىڭ نەپسىنى قاندۇرۇشى كېرەك» دېدى. شۇنىڭ بىلەن تەۋەككۇلنىڭ پەيزىنى سۈرۈش ئۈچۈن قولۇمغا قەلەم ئالدىم:

بۇ خەتنى خوشىنوغا ئەمەس، سىزگە يازدىم، ئىسمىڭىزنى بىلمەيمەن، ئەمما بىز بىر قېتىم كۆرۈشكەن؛ سىزنىڭ  ھازىرمۇ شۇ ياتاقتا ئىكەنلىكىڭىزنى ياكى دۆلىتىڭىزگە كېتىپ قالغانلىقىڭىزنى بىلمەيمەن. بەلكىم بۇ خېتىم قولىڭىزغا تەگمەسلىكىمۇ مۇمكىن، ئەمما مەن بۇ خەتنىڭ سىزگىلا تېگىشىنى، سىزنىڭ دىققىتىڭىزگە نائىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. خوشىنو ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلاردىن بەلكىم خەۋىرىڭىز بار، سىزگە مېنى تىللاپ داتلاپ بەرگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ھەر ئىككى تەرەپنىڭ گېپىنى ئاڭلغاندا ئاندىن بۇ ئىشقا لىللا باھا بەرگىلى بولىدۇ. خوشىنو ياخشى قىز، مېنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرەتتى. ئادەم بىرسىنى قانچىلىك ياخشى كۆرسە، ئاخىرقى ھېسابتا شۇنچىلىك نەپرەتلىنىدىغان ئوخشايدۇ. مۇھەببەت بىلەن نەپرەت بىر تەڭگىنىڭ ئىككى يۈزىگە ئوخشايدىكەن. بىراق مەن ھازىر بۇ قەغەزنى پۇرلاپ تاشلىۋەتتىم، كاللامدا ھېچنېمە يوق. بىراق كاللامدىن ئۆتمەيدىغىنى شۇكى، بىز ئەر-خوتۇندەك بىللە ياشاپ، ھەممە ئىشنى ئۆز رازىلىقىمىز بىلەن قىلغان تۇرۇقلۇق، ئۇ بىر قېتىملىق تاياققا چىدىمايلا، مېنى باسقۇنچىلىق، زوراۋانلىقتا ئەيبلەپ تۈرمىگە سولىتىۋەتتى. سىزنىڭچە بۇ ئادىللىق بولامدۇ؟ ئىككى ئايدىن بېرى قاماقتا يېتىۋاتىمەن، ئەگەر بۇ گۇيلار ماڭا چوڭ جىنايەتتىن بىرنى ئارتىپلا نەچچە يىل كېسىۋەتسە، جاھاندا بۇنىڭدىن ئارتۇق ناھەقچىلىك بولامدۇ؟ مېنى قانچىلىك ئېغىر كېسىۋەتسە، خوشىنو شۇنچىلىك خوش بولىدۇ. بۇ بىر ئادەمنىڭ ھاياتى، ئەركىنلىكى، جانىجان مەنپەئەتى بىلەن ئويناشقانلىق بولماي نېمە؟  مېنىڭ ھازىر ھېچقانداق يۆلەنچۈكۈم يوق،     ئاتا-ئانام بولسا نامرات، ماڭا ياردەم قىلالمايدۇ. قانداق ئەھۋالىڭ دەپ يوقلاپ كېلىدىغان بىرەر دوستۇممۇ يوق، سوتلانغاندا ھېچكىم مەن ئۈچۈن ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ مېنى ئاقلىمايدۇ،  مەن ئۈچۈن ئىككى ئېغىز گەپ قىلىدىغان ئىنسان چىقمايدۇ،  بەلكىم سوت ئۆزى ئاقلاپ، ئۆزى قارىلاپ، ئۆزى بىلگەنچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ، بۇ ئىشلارنى خوشىنو بىلمەيدۇ، بىلىشنىمۇ خالىمايدۇ. بۇ گەپلەرنى سىزگە نېمىشقا دەيدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن،  بەلكىم تۇنجى قېتىم كۆزۈمگە ئىسسىق كۆرۈنگەنلىكىڭىز، كىشىنىڭ ھالىغا يېتىدىغان، ھېسداشلىق تۇيغۇسىغا باي قىز ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشەنگەنلىكىم ئۈچۈن بۇ خەتنى يېزىپ، سىزگە دەردىمنى تۆكۈۋاتقاندىمەن. سىزدىن يوشۇرمايمەنكى، بىر قېتىم سىزنى چۈشۈمدە كۆردۈم، ئىسمىم ۋاتارۇ دېدىڭىز، راست شۇنداقمۇ-ئەمەسمۇ، بىلمەيمەن، لېكىن شۇنىڭدىن بۇيان سىزنى چۈشۈمدە داۋاملىق كۆرۈشنى تىلەيدىغان، سىز بىلەن رىئاللىقتىمۇ كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. بەلكىم بۇ مېنىڭ خام خىيالىمدۇ، ئەمما سىزدىن غايىۋانە ئۈمىد كۈتۈپ بۇ خەتنى يېزىۋاتقىنىم راست. مېنى باشقىچە چۈشىنىپ قالماسلىقىڭىزنى سورايمەن، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئادەم قىرغاقتىكى بىرەر تال ئوت-چۆپكە بولسىمۇ يامىشىپ قۇتۇلۇشنى ئويلىغاندەك، بۇنداق قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئادەم ئۆز كۆڭلىدىكى ئازغىنە ئۈمىدنىمۇ قولدىن بەرمەسلىككە تىرىشىدىكەن. كۆڭلۈمدىكى گۈزەل ئارزۇلارنى يوق قىلىۋەتمىسەم، كۆڭلۈمدە ئويلىغاننى قىلىۋالالىسام، بۇمۇ مەن ئۈچۈن بىر خۇشاللىق.  ئازغىنە ئۈمىدلىرىممۇ بولمىسا مەن بۇ دۇنيادا ياشىيالمايمەن، تام تېگىدە قالغان كىچىككىنە گىياھتەك بېشىمنى چىقىرىپ، كۈن نۇرى ۋە يامغۇر سۈيىگە تەلمۈرۈپ، بىرەر مۆجىزىنىڭ يۈز بېرىشىنى زارىقىپ كۈتىمەن.

خېتىڭىزنى كۈتۈپ...

بۇ خەتنى گۇندىپايغا تۇتقۇزغىنىمدا ھەقىقەتەن ئازغىنە ئۈمىدىمنىمۇ ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغاندەك تۇيغۇغا كەلدىم.

ئادەمنى ئۈمىد ياشنىتىدۇ، غەم قاقشىتىدۇ دېگەن ھېكمەتنى قاماقخانىنىڭ تېمىغا يازغىلى بولسا، يېزىپ قوياتتىم،  ئەمما ئۇنى كۆڭلۈمگە مەھكەم پۈكۈپ قويدۇم. ئادەم ئۆزىدە ئۈمىد پەيدا قىلماقچى بولسا چوقۇم بىر ئىش قىلىشى، ئۆزىدە بار ئىمكانىيەتلەردىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىنىشى كېرەك. پۇت قولى چەمبەرچەس باغلانغان مەھبۇسمۇ جىم ياتماي تېپىچەكلەيدۇ، بوشىنىش ئۈچۈن يۇلقۇنىدۇ، دومىلايدۇ. ئاغزىنى پىلاستىر بىلەن چاپلىۋەتسە، گەپ قىلالمىسىمۇ جان ئاچچىقىدا ئىڭرايدۇ، ۋاقىرايدۇ. كۆزىنى تېڭىپ قويسا، ئالدىدىكى مەنزىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. مەھبۇسنىڭ ھالى قوتاندىكى قويغا، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغۇچىنىڭ ھالى بولسا پۇت-قولىدىن مەھكەم باغلىنىپ، قاسساپنىڭ ئالدىدا كۆزىنى پارقىرىتىپ ياتقان قويغا ئوخشايدۇ. ئۆلۈم ئالدىدا قايسى جانلىقنىڭ ۋەھىمىسى ئەڭ كۈچلۈك؟ ئەلۋەتتە، ئەقىل ۋە تەپەككۇر بېرىلگەن، ئىشنىڭ ئالدى-كەينىنى ئويلايدىغان ئىنساننىڭ ۋەھىمىسى ئەڭ كۈچلۈك. ئاللاھ ئىنسانغا ئەقىل ۋە چوڭقۇر تەپەككۇر قابىلىيىتىنى بېرىش بىلەن بىرگە، كاللىسى روشەنلەشسۇن، بىز نەگە بارىدىكەنمىز دەپ قايمۇقۇپ يۈرمىسۇن، بىز مۇشۇنداقلا يوقىلىپ كېتىمىزمۇ دەپ ئەنسىرىمىسۇن، ئۆلۈمدىن كېيىنكى زۇلمەت ۋە بىلىپ بولماس پالاكەتلەردىن قورقۇپ يۈرىكى يېرىلىپ كەتمىسۇن دەپ،  پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ ئاخىرەت توغرىلىق ئۇچۇر بەردى،  قانداق ياشاپ قانداق ئۆلۈش، ۋەھىمىنى قانداق يېڭىش، ئۆلگەندىن كېيىنكى ئاقىۋەت، ئازابتىن قانداق قۇتۇلۇش توغرۇلۇق يول كۆرسەتتى. قۇرئاننى ئوقۇغان ئادەم بۇنى ئېنىق ھېس قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئىنساننى يارىتىپ قويۇپ ئۇنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ. لوگىكىلىق تەپەككۇر بويىچە ئويلىساق،  بۇ دۇنيانى ياراتقان ئاللاھ ئۇ دۇنيانى يارىتىشقىمۇ قادىر، جەننەت بىلەن دوزاخنىمۇ ئاللىبۇرۇن يارىتىپ بولدى، ئۆلمەي تۇرۇپ ئۇ دۇنيانىڭ قانداقلىقىنى، روھىمىزنىڭ قارارگاھىنىڭ نەدە بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەيمىز. ئاخىرەت دۇنياسىنى ئىلىم-پەن تېخى ئىسپاتلىيالمىدى،  ئىلىم-پەنمۇ ئاللاھنىڭ بىلىمى ۋە قۇدرىتىنىڭ نامايەندىسى، ئاللاھ ئىنسانلارغا قانچىلىك ئىلىم بېرىشنى خالىسا شۇنچىلىك بېرىدۇ، تەبىئەتنى قانچىلىك بىلدۈرۈشنى خالىسا شۇنچىلىك بىلدۈرىدۇ، ئۆزىنىڭ سىرلىرىنى، يوشۇرۇن خەزىنىلىرىنى قانچىلىك ئاچقۇسى كەلسە، شۇنچىلىك ئاچىدۇ، ئىنسانلار توختىماي تەرەققىي قىلىپ ئالەمنى مالەم قىلىۋەتسىمۇ بەرىبىر ئاللاھنىڭ ئىلمى، ئىرادىسى ۋە  ھېكمىتىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ.

چۈش كۆرمىگەن، نەپسىمنىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن، يەنى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن بىر دەم قۇتۇلغان چاغدا  قۇرئاندا ئوقۇغان مەزمۇنلارنى تەپەككۇر قىلىپ، چوڭقۇر ئويلارغا چۆمەتتىم. مەۋجۇتلۇق مۆجىزىلىرىم، روھىمنىڭ كارامەتلىرى، ئاجايىپ-غارايىپ چۈشلىرىم، بىلىپ بولماس تەقدىرىم ھەققىدە ئۇزۇندىن ئۇزۇن خىيال سۈرەتتىم. ئىككى ئاي ئون بەش كۈنمۇ ئۆتۈپ كەتتى، شۇنچىلىك ئۇزۇندا ئۆتتىكى، ئىككى يېرىم يىلدەك بىلىنىپ كەتتى. كىمكى ئۆز ۋاقتىنىڭ ئۇچقاندەك تېز ئۆتۈۋاتقانلىقىدىن، نۇرغۇن ئىشلارغا ۋاقىت يېتىشتۈرۈپ بولالمايۋاتقانلىقىدىن قاقشىسا تۈرمىگە كىرسۇن، راھەتلىنىپ قالىدۇ. كىمكى يالغۇز قېلىشقا، كىتاب ئوقۇشقا، خىيال سۈرۈشكە، ئاجايىپ چۈشلەرنى كۆرۈشكە مۇھتاج بولسا تۈرمىگە كىرسۇن، مەقسىتىگە يېتىدۇ. كىمكى تۈرمىگە كىرمەي تۇرۇپ ئۇ بېسىم، بۇ بېسىم، ئۇ چەكلىمە، بۇ چەكلىمە، ئۇ غەشلىك، بۇ غەشلىك تۈپەيلىدىن ئىچى سىقىلىپ، ئەركىنلىك ھاۋاسىدىن قېنىپ نەپەس ئالالمىغان بولسا تۈرمىگە كىرسۇن، شۇندىلا نېمىنىڭ بەخت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. كىمكى ئەيش-ئىشرەت، ئويۇن-تاماشىغا تويماي، ھاۋايى نەپسىنى قاندۇرۇپ بولالمىغانلىقىدىن ئىچى پۇشۇپ، ھەر كۈن يېڭى غىدىق ئىزدەپ غىدىقلىنالماي ھەسرەت چېكىپ يۈرۈۋاتقان بولسا تۈرمىگە كىرسۇن،  پەسكويغا چۈشىدۇ. كىمكى كومپيۇتېر، تېلېفون، تور ۋە ئويۇنلارغا مەستانە بولۇپ، كاللىسى ۋە كۆزىدىن كېتىپ قالغان بولسا تۈرمىگە كىرسۇن، بىر ھەپتىدە ئوڭشىلىپ قالىدۇ. مەھبۇسلار ھېچقانداق مەكتەپ ياكى كۇرسلاردا ئېرىشەلمەيدىغان تەربىيەگە بۇ يەردە ئېرىشەلەيدۇ. تۈرمە ماڭا يېڭى تەجرىبە ئاتا قىلىدۇ دېگەن ئىشەنچىم ۋە  ئۆزەمگە ھەر كۈنى ئابى ھايات دورىسىدەك بېرىۋاتقان ئۈمىد، تەسەللىيلىرىم بىر كۈنلەردە ئاخىرلىشىپ قالسا، ئۇ چاغدا ئۆزەمگە قانداق يېڭى تەسەللىي تاپارمەن دەپ غەم قىلغىنىمدا ئىمانىم ياردەمگە كەلدى،  ئۇ چاغدىمۇ خۇدايىم بار دەپ ئۆزەمگە مەدەت بەردىم.

ئەگەر كۈندىلىك ھاياتىمدا بىرەر يېڭىلىق بولسىدى، تۈرمىگە ئون يىل سولاپ قويسىمۇ چىدايتتىم. خىيال سۈرىۋەرسە ئادەم ئېزىلىپ كېتىدىكەن، بىر بۇلۇڭدا سىقىلىپ كەتكەن روھىم تېنىمگە قاراپ، بىر ياققا ماڭمامسەن، ئۆلۈكتەك ياتامسەن دەپ نىدا قىلغىنىدا، جىسمانىي ئەركىنلىكىمنىڭ روھىي ئەركىنلىكىم ئۈچۈن نەقەدەر زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىمەن. مەن بۇ قەپەزدىن ئۇچۇپ چىقالمايمەن، ئۆزەڭ خالىغان مەنزىلگە بېرىپ ساياھەت قىلىپ كەل، دەيمەن، ئەمما روھىم: ئەمىسە، ئۇخلا، چۈش كۆر. تېنىڭ ئارام تاپسۇن دەيدۇ. بىراق ئۇخلىغان بىلەنلا چۈش كۆرىۋەرمەيتتىم، روھىمنىڭ نەلەرگە بېرىپ كەلگەنلىكىنى بىلمەيتتىم، ھېچقانداق مەنزىرە، ئاۋاز، كۆرۈنۈشلەرمۇ ئېسىمدە قالمايتتى. مېڭەم قوپقۇرۇق ھالدا ئۆزەمنىڭ يەنىلا بۇ قاماقخانىغا سولىنىپ ياتقانلىقىمنى كۆرەتتىم، مۇدھىش، سوغۇق بىر تۇيغۇ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى قاپلايتتى. يۈرىكىم ئەركىنلىك، ئەركىنلىك دەپ سوقاتتى، ئەركىن نەپەس ئېلىش ئۈچۈن ئۇلۇغ كىچىك تىناتتىم. كىچىك ۋاقتىمدا قىززىق توپىلارنى كېچىپ، مەھەللىمۇ مەھەللە ۋاقىراپ ئوينايدىغان، سۇغا چۆمۈلىدىغان، بىكاردىن بىكار مۇشتلىشىدىغان ۋاقىتلىرىم ئېسىمگە كېلەتتى. ئۇ چاغدا كۈندە ئويۇن، كۈندە خۇشاللىق ئىزدەيتتۇق، يېڭى نەرسىلەرگە تويماي قارايتتۇق، يېڭى ئىشلارنى سىىناپ باقاتتۇق. ئۆزىمىزگە ئەمەس، ئەتراپىمىزدىكى دۇنياغا مەستانە ئىدۇق. شۇ دەۋر بىرلا كەلدى، كەتتى، گۈزەل چۈشلەرگە ئايلاندى. ئۆستەڭدە ئېقىۋاتقان سۇغا بىرلا چۈشتۇق، چۆمۈلدۇق، ۋاقىتنىڭ، تۇيغۇلارنىڭ قوينىدا ئېقىپ كەتتۇق. بالىلىقىم ئۆلمىگەن بولسا ياشلىققا قەدەم قويالمايتتىم، تۈنۈگۈنكى كۈنۈم ئۆلمىگەن بولسا، بۈگۈنگە ئۇلىشالمايتتىم. ئۆمرۈم، ھاياتىم توختىماي يېڭىلىنىدۇ، شۇڭا ماڭا يېڭىلىق كېرەك، تۈرمىدە بۇ ئىمكانىيەت يوق دېيەرلىك. شۇڭا قاقشاۋاتىمەن، ئەركىنلىك نېمە ئۈچۈن سۆيۈملۈك؟ چۈنكى ئۇ يېڭىلىققا، يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە تولۇپ تاشقان، روھىم ھەر كۈنى يېڭىلىنىشقا مۇھتاج، بولمىسا توختام سۇدەك پۇرايدۇ، يەرگە كۆمۈلگەن ئەتىرگۈلدەك سېسىيدۇ. تۈرمىدە مەن ئۈچۈن نېمە يېڭىلىق بار؟ ھەر كۈنى تۆت تامغا، دېرىزىگە قارايمەن،  گۇندىپايغا ئۈنسىز نىدا قىلىمەن: ئەركىنلىك بەرمىسەڭمۇ مەيلى، يېڭىلىق بەر، دىققىتىمنى  جەلپ قىلغۇدەك، ئويلاندۇرغىدەك، مەنىسىز ۋاقىتلارنى مەنىلىك قىلغۇدەك يېڭىلىق بەر! مەن يەپ ئىچىپ، چىچىپلا يۈرىدىغان چوشقا ئەمەس!     

ئەكىرىۋالغان كىتابلىرىمنى ئوقۇپ بولدۇم، سىياسىي گېزىتلەرنى، ھۆكۈمەتنى ماختاشتىن باشقا گەپ قىلمايدىغان مەنىسىز تېلىۋىزورلارنى زادى كۆرگۈم يوق، ھېچ يېڭى گەپ، يېڭى ئۇچۇر يوق. ۋاتارۇدىن تېخى جاۋاب يوق. گۈزەل قىزنىڭ جامالى خىيالىمدىن ھېچ كەتمەيدۇ، قول سوزسام يا يەتمەيدۇ. ھەر كۈنى كونا مەشۇقۇمدەك خىيال قىلىمەن، خىيالپەرەسلىككە شۇنچىلىك ئادەتلىنىپ كەتتىمكى، بىر جايىمدا ئولتۇرۇپ يېرىم كۈن خىيال سۈرەلەيمەن. خىيال كەپتەرلىرىم مېڭە قەپىزىمگە كىرىپ چىقىپ تۇرىدۇ، ئەمما ھېچ سايرىمايدۇ. كەپتەرۋاز  ئۆز كەپتىرىنىڭ چىرايلىق ئۇچۇشلىرىنى قاچان خالىسا شۇ چاغدا تاماشا قىلالايدۇ، ئەمما مەن خىيال كەپتەرلىرىمنى رەتلىك ئۇچۇرتۇپ، ئۆز خۇشاللىقىمغا ئۆگىتەلمەيمەن، بەزىدە ئۇلار بىردىنلا قوزغۇنغا ئايلىنىپ مېڭەمنى چوقۇيدۇ، مېنى ئازابلايدۇ… كىمكى، ئۆزىنىڭ خىيالىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باشقۇرالىسا، بەختكە بىر قەدەم يېقىنلىشالايدۇ.

مېنى جازلىغۇچىلارنىڭ مەقسىتى شۇ:  ۋاقتىمنى ئۆلتۈرۈش،  ھەرىكىتىمنى چەكلەش، ھەر كۈنى بىر گەپنىلا دېيىش، بىر خىل تاماقنىلا يېگۈزۈش، يېڭىلىقتىن مەھرۇم قىلىش، يېقىنلىرىدىن ئايرىۋېتىش، بۇرۇقتۇرما قىلىپ  ساراڭ قىلىش،  ئاجىزلىقىمنى تونۇتۇپ، ئىرادەمنى سۇندۇرۇش. بۇ مەھكۇملۇق ۋە چارىسىزلىككە ۋاقتىنچە كۆنۈپ قالدىم دېگەنبىلەن ئەسلىدە ھەرگىز كۆنمىدىم، ھەم كۆنمەيمەن. تەقدىرىمگە تەن بېرەي دېگىنىم پەقەت ئۆزەمگە بەرگەن ۋاقىتلىق تەسەللىي، تەقدىرگە تەن بېرىشمۇ، تەن بەرمەسلىكمۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى، ئاللاھ ماڭا بىر ئىشنى نىيەت قىلدۇرغانىكەن، دېمەك، ئۇ ماڭا ھۆر ئىرادە ئاتا قىلدى. ئۇنى ئورۇنلاش-ئورۇنلىماسلىق ماڭا تالىق. ئەمما مېنىڭ شۇنىڭغا نېسىپ بولۇش-بولالماسلىقىم يەنىلا ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق. ئاللاھنىڭ ماڭا شۇنداق ھۆر ئىرادە ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن. ئەگەر ئاللاھ خالىمىسا، مېنىڭ خالىغىنىم بىكار. نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزەمگە يۈكلىۋالغىنىم بىلەن، توساتتىن جېنىم چىقىپ كەتسە، ھەممىسى تاشلىنىپ قالىدۇ. ئادەم ئۆزى ئويلىغاندىنمۇ كۈچلۈك ياكى ئۆزى ئويلىغاندىنمۇ ئاجىز، بەلكىم ئۆزىنىڭ زادى قانچىلىك ئادەم  ئىكەنلىكىنى بىر ئۆمۈر بىلىپ بولالماسلىقى مۇمكىن. 

كۈچلۈكلەر ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئاجىزلىقىنى، ئەقىللىق ئادەملەر ئۆزىنىڭ قانچىلىك دۆت ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنى ئېغىر-بېسىق دېگەنلەرمۇ ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئۆپكىسى يوق ئىكەنلىكىنى، مېنىڭ ئادەم ئۇرۇشۇم ياكى ئادەم ئۆلتۈرۈشۈم مۇمكىن ئەمەس دېگەنلەرمۇ ۋاقتى كەلسە ئۆزىنىڭ مۇشتۇمزور ياكى قاتىل بولۇپ قالالايدىغانلىقىنى تۈرمىگە كىرىپ بىلىدۇ، ئۇنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن خاتا ماكان، خاتا ۋاقىت، تۇيۇقسىز بىر غەزەپ ۋە ساراڭلىق، كېلىشمەسلىك…ۋاھاكازالار سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.  تۈرمىگە كىرىپ كاللىسى سەگىدىگەن ئادەم ئۆزىنى ھەقىقەتەن قايتا تونۇيدۇ ھەم كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئەمما تۈرمىگە كىرسىمۇ ئۆزىنى تونۇمايدىغان شۇنداق مەخلۇقلار باركى، ھەممىدىن غەزەبلىنىپ، ھەممىگە نەپرەتلىنىپ،  دۈشمەنلىرىدىن ھامان ئۆچ ئېلىشنى كۈتۈپ ياشايدۇ. تۈرمىدىن چىقىپلا يەنە جىنايەت ئۆتكۈزىدۇ، بۇ قېتىم ئالدىنقىسىدىن ئېغىر بولغاچقا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ،  جەھەننەمگە يول ئالىدۇ.

ئۇنتۇلغان بىر بۇلۇڭدا تاشلىنىپ قالدىم، ئاتا-ئانامدىن بۆلەك ھەممە ئادەم مېنى ئۇنتۇپ كەتتى. ھەر كۈنى سىرتتىن بىرەر خەۋەر، بىرەر يېڭىلىق، بىرەر ئۈمىد ئىزدەپ، كاتەكتىكى نىمجان خورازدەك ياتقىنىم ياتقان. خورازنىڭ ياشايدىغان ماكانى ئەسلىدە كەڭرى ھويلا، يېشىل باغلار، ئېگىز قونداق ئەمەسمىدى؟ بىرەر مىكياننىڭ قەقەسلىگەن ئاۋازى تۈگۈل، تۈكلىرىنىمۇ كۆرەلمەيۋاتىمەن. ۋاتارۇنىڭ خېتى كەلگەن بولسىمۇ، نەچچە كۈنگىچە شۇ خەتنى ئوقۇپ، كۆڭلۈمنى خوش ئېتىپ يۈرگەن بولاتتىم. تىللاپ يازغان بولسىمۇ مەيلىدى، يېڭىلىق بولاتتى، دىققىتىم چېچىلاتتى، ئوي-پىكرىم قوزغىلاتتى، ئۇنىڭغا  يەنە خەت يازاتتىم، قىلغىلى ئىش تاپاتتىم. زېرىكىشتىن ساراڭ بولاي دېدىم، ئۆلۈمتۈك، كېسەلجان جىنايەتچى بولغان  بولسىدىم، بىر چەتتە ھالسىز، دەرمانسىز، ئۈمىدسىز ياتقان بولاتتىم، ئەمما ياش، شاش، ساغلام،  يۈرىكى قىزغىن سوقۇپ تۇرىدىغان  ئادەممەن،  ياپيېشىل دەرەخكە ئوخشايمەن، ئۆزەمنى ئاسراپلا تۇرىدىكەنمەن، بۇنداق ناچار مۇھىتتىمۇ نەچچە يىل ياشىرىپ تۇرالايمەن.  ئەمما مۆجىزىلەرگە تولۇپ تاشقان بۇ ۋۇجۇدۇمنىڭ بۇنداق خارلىنىشىغا چىداپ تۇرالمايمەن، مېنى ھەقىقىي ئازابلايدىغىنى ئەنە شۇ ئىززەت نەپسىم، ئۆزلۈك غۇرۇرۇم!  ئات، ئېشەك جېنىدا  بىر قوتانغا ئايلاپ-ئايلاپ سولاپ قويسا، كىشنەپ-ھاڭراپ، ئىگىسىگە ئىسيان كۆتۈرىدۇ، تالاغا ئەچىققۇدەك بولسا، قىيغىتىپ سەكرەپ، تۇتۇق بەرمەي قاچىدۇ. مەن  ئۆزەمنى شۇ ھايۋانلارغا ئوخشىتىشتىن پەقەت قۇتۇلالمىدىم، بىرەرسى كېلىپ ئىسمىمنى توۋلاپ قاماقخانىنىڭ ئىشىكىنى ئاچمىدى. مېنى تالاغا ئەچىقىدىغانلار بىر پاتمان قەغەز دۆۋىلىرى ئىچىدىن ئىسمىمنى تاپالماي، جىنايىتىمگە تولۇق قاراپ چىقالماي، نەچچە يىل كېسىدىغانلىقىنى بېكىتىپ بولالماي يۈرۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.  ئادۋوكات كەلمىگەندىكىن مېنى ئىگىسى يوق، ئورنى يوق، پۇلى يوق كۆرۈپ، ئۆز ئىچىدىنلا مۇزاكىرىلىشىپ دەرھال بىر تەرەپ قىلىۋېتىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. نېمىلا قىلسا قىلسا، ئېنىق ھۆكۈم چىقىرىپ كۆڭلۈمنى تىنجىتسا، بۇنداق تاقەتسىز كۈتۈشلەردىن، خىلمۇ خىل ئېھتىماللىقلارنى ئويلاپ قىينىلىشتىن مېنى قۇتۇلدۇرسا بولاتتى.  بۇنداق گالۋاڭلىق، مۈجمەللىك، نائېنىق تەقدىرگە بولغان ياخشى-يامان گۇمانلاردىن قانچە بۇرۇن قۇتۇلسام شۇنچە ياخشى.  سوت ئېچىلىدىغان كۈن ئىتتىكرەك كەلسىكەن دەيمەنۇ، ئۇ كۈنى كەلسە ھۆكۈمنى ئاڭلاپ بولغىچە نېمە بولۇپ كېتەرمەن دەپ ئەنسىرەيمەن. بۇنىڭ ھەممىسى خىيالپەرەسلىكنىڭ ئاقىۋىتى. بەزىدە زىيادە بايلىق ئادەمنى يامان يولغا باشلىغاندەك، زىيادە خىيالمۇ  ئادەمگە ئارتۇق ۋەھىمە، ئازاب ئېلىپ كېلىدىكەن.

قاماقخانىدا شۇنچە ئادەم ئارىسىدا ئۆزىنى تىكەندەك يالغۇز ھېس قىلىدىغان پەقەت مەنلا ئەمەس، ئەمما مېنىڭ غېرىبلىقىم ھەممىدىن يامان. ھەر بىر مەھبۇس ئۆزىنى  بۇ يەرگە تاشلىۋېتىلگەندەك ھېس قىلىدۇ، بارلىق ئادەملەر، ھەتتا ئۆز يېقىنلىرىدىنمۇ خۇدۇكسىرەيدۇ. ئۆزىنى كەمسىتمەي دېسىمۇ كەمسىتمەي تۇرالمايدۇ، بېشىنى تىك تۇتاي دېسىمۇ، بىر سائەتتىن كېيىن بېشى چۈشۈپ كېتىدۇ. چۈنكى بۇ مېھمانخانا ئەمەس، تۈرمە!  گۇندىپايلار سۆزلەپ تۇرىدۇ: كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ قارا، سەن ئۆيۈڭدە ئەمەس، تۈرمىدە! 

شۇڭا بۇ يەردە بىخۇتلاشقىلى بولمايدۇ، تۈرمىنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ئويلاپ، ئۇنىڭ يەنىلا زىندان ئىكەنلىكىگە كۆزيۇمغىلى بولمايدۇ،  يالغاندىن بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈپ ناخشا ئېيتقىلى بولمايدۇ،  كاللىسىدىن كەتكەن ساراڭ بولسا، بۇ باشقا. بىر كۈنى چۈشتە دېرىزىگە قاراپ ئولتۇرۇپ ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن، چۈشۈمدە توختىماي شېئىر ئوقۇپتىمەن:

چوشقىلار ھەي چوشقىلار

ئاسماندا ئۇچقان چوشقىلار

ئۇچۇشنى بىلمەي چىقىراپ

يەرگە چۈشكەن چوشقىلار…

بىر زامان بۆرە ئىدىم،

تاغ-داۋان ئاتلايدىغان.

كىيىك، توشقانلار ئىزدەپ

كېچىچە قاترايدىغان.

بىر توشقاننى يەپ بولۇپ،

چۈشتۈم بۈگۈن قاپقانغا،  

كەلمەيدىكەن تەلەيمۇ

ئۆلۈكتەك جىم ياتقانغا.

خوشىنو، ئەي خوشىنو

سەن مېنىڭ كۆڭۈل خوشۇم،

سەن مېنىڭ ئويۇنچۇقۇم

ئەسكى تامنىڭ كەينىدىن،

تېرىۋالغان قوچىقىم.

 بىر كۆرۈپلا دوستۇڭنى

 تاشلىۋەتتىم ئەخلەتكە،

قانداق ئاشىق بولىمەن،

ساڭا ئوخشاش مەينەتكە.

ۋاتارۇ، ئەي ۋاتارۇ

سېنى سالدىم يۈرەككە،

سەندەك گۈزەل قىزچاقلار

لايىق مەندەك يىگىتكە.

مەن بۇ يەردە دەپ تۇرسام

قارىمايلا كەتتىڭمۇ؟

ياكى باشقا ئەركەكتىن،

مۇرادىڭغا يەتتىڭمۇ؟

ئادەمنىڭ ئۈمىدسىزلىنىشى،  ئۆزىدىن ھەم باشقىلاردىن زېرىكىشى پاجىئەنىڭ باشلىنىشىدۇر. چۈشكۈنلۈك ئۆلۈمنىڭ باشلىنىشى، چۈشكۈنلۈك ئەۋجىگە يەتسە ئادەم ياپونلۇقلارغا ئوخشاش ئۆلۈۋالىدۇ. ياپونلۇقلارنىڭ ئۆلىۋېلىش نىسبىتى دۇنيا بويىچە بىرىنچى. مەن بۇنداق بولۇپ قېلىشتىن قورقىمەن، ھەر كۈنى بىر يېڭى ھاياتلىق باشلىنىدۇ دەپ ئۈمىدۋار، جەڭگىۋار ھالەتتە تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.

ئىككى ئاي يىگىرمە بەش كۈن بولغاندا مەن كۈتكەن يېڭىلىق، يېڭى خەۋەر يېتىپ كەلدى، بىر ھەپتىدىن كېيىن سوتقا چىقىدىكەنمەن. يەتتە كۈندىن كېيىن گۇندىپاي ئىسمىمنى چاقىرىپ مېنى قاماقخانىدىن ئېلىپ چىقتى، ماشىنىغا سېلىپ سوت مەھكىمىسىگە ئېلىپ باردى. جاۋابكارنىڭ ئورنىدا ئولتۇرۇپ، سوتچىلار سەھنىسىگە قىزىقىش بىلەن نەزەر سالدىم. باش سوتچى، سوتچى، ئەيبلىگۈچى، كاتىپلار جىددىي ھالەتتە ماڭا قاراپ تۇراتتى. بۇ مەيداندا يېقىنلىرىمدىن بىرسىمۇ يوق، ھەتتا ئەرز قىلغۇچى بولغان خوشىنومۇ كەلمىگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن ياپونىيە ئەلچىخانىسىدىن بىر نەچچە ئادەم ۋە تەرجىمان كەلگەنىدى. دېمەك، خوشىنو ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ مېنى كۆرۈشنى خالىمىغانىدى. سوت بىر سائەت داۋاملاشتى، مەندىن گەپ سورىدى، باسقۇنچىلىق جىنايىتىنى ھەرگىز ئۈستۈمگە ئالمىدىم، ئىشەنمىسەڭلار مېھمانخانىدىن سوراڭلار، ياتاقنىڭ ھۆججىتى تولۇق، ئالتە ئايدىن ئارتۇق بىللە تۇرغان قىزغا باسقۇنچىلىق قىلىدىغان مەن ساراڭمۇ؟ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۆزى رازىلىقى بىلەن بولغان، بولمىسا ئۆزى كېلىپ گۇۋاھلىق بەرسۇن، دەپ تۇرۇۋالدىم. سوتتىكى ئەيبلىگۈچىنى ياپون تەرەپ ياللىۋالغان ئوخشايدۇ، ماڭا قاراپ ھۆمىيىپ تۇرۇپ : «مەزكۇر جاۋابكار ئۇ قىزنى كۆپ قېتىم ئالدىغان، ئاخىرقى قېتىم قىزنىڭ رازىلىقى بولماي تۇرۇپ  بىللە بولۇشقا زورلىغان، ئۇنىمىسا ئۇرۇپ ئىككى چىشىنى سۇندۇرۇۋەتكەن…»دەپ بىر مۇنچە كاپىلدىدى، غەزەپتىن تىترەپ: «يالغان، مەن بۇلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن» دېدىم. باش سوتچى بولقىسىنى جوزىغا ئۇرۇپ ماڭا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى. ئەيبلىگۈچى سۆزلەۋەردى: « ئەرز قىلغۇچى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان، تا ھازىرغىچە ئەسلىگە كېلەلمەي ياپونىيەدە داۋالىنىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ داۋالىنىش چىقىملىرى ۋە روھىي زەربە ھەققىنى جاۋابكار ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ئىدى، ئەمما ئەرز قىلغۇچىنىڭ دەۋاسىدا تۆلەم پۇلى تىلغا ئېلىنمىغان، بەلكى جىنايى قىلمىشى ئۈچۈن كۆپرەك تۈرمىدە يېتىشى تەلەپ قىلىنغان».

ۋاھ، بۇ ياپونلۇقنىڭ ئىككى چىشى ۋە روھى ساغلاملىقى پالانى پۇل بولسا،  ئەگەر تۆلە دەپ قالسا نەدىن تۆلەيمەن، بىچارە ئاتا-ئانام بىر ئۆمۈر جاپا تارتمامدۇ؟ ئۇنىڭدىن كۆرە تۈرمىدە ياتساممۇ ياتاي دەپ ئويلىدىم. سوتلاش ئاساسەن مېنى ئەيبلەش، قارىلاش بىلەن ئۆتتى،  پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ دېگەن مۇشۇكەن. ۋەزىيەت ماڭا پايدىسىز ئورۇنغا ئۆتتى، ئەسلىدىمۇ پايدىسىز، چاتاق ۋەزىيەتتە ئىدىم، شۇڭا بەك ئاھ ئۇرۇپ كەتمىدىم، بۇ ئىشنىڭ نەدە توختايدىغانلىقىغا قىزىقىپ، ئاخىرقى ھۆكۈمنى كۈتۈپ تۇردۇم.  سوتچىلارنىڭ خوشىنو يالغاندىن ئويدۇرۇپ تەمىنلىگەن ۋە تەپتىش ئورۇنلىرى تۈزۈك تەكشۈرمەيلا دەلىللىگەن ئىسپاتلارغا ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇراتتى. ھۆكۈم قىلىنىدىغان چاغدا ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇردى، مەنمۇ ئىختىيارسىز جىددىيلىشىپ،  تەقەززالىق ھەم قورقۇنچ ئىچىدە ئورنۇمدىن تۇردۇم. سوتچى پالانى قانۇننىڭ مانچىنچى ماددىسىغا ئاساسەن…دەپ، ئاندىن ئالدىرماي، ئۈنلۈك ئاۋازدا: ئۈچ يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى! دەپ ئېلان قىلىۋىدى، بېشىمغا تاغ يىقىلدى، لاغىلداپ تىترەپ كەتتىم. ھۆكۈم قىلماق نېمىدېگەن ئاسان،  بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىنى  بىر  ئېغىز گەپ بىلەن ئۆزگەرتمەك، بىر ئادەمنىڭ ئەركىنلىكىنى ئېغىزدىكى شۆپۈكتەك تۈكۈرۈپ تاشلىماق نېمانچە ئوڭاي!!  ئەركىنلىككە تەشنا روھىم بۇ ئۈچ يىلغا چىدامدۇ؟  مۇھەببەتكە تەشنا بۇ قەلبىم ئۈچ يىل قاغجىراپ كەتكەن چۆلدەك تاشلىنىپ ياتامدۇ؟ كۆكلەۋاتقان ھاياتلىق دەرىخىم ئۈچ يىل خازان بولامدۇ؟ باشقىسىنى قويۇپ تۇراي، خوشىنوغا بولغان ئۆچمەنلىكىم ۋە نەپرىتىممۇ بۇ ئۈچ يىلدا يۈرىكىمنى غاجاپ يەپ بولمامدۇ؟ ئاللاھقا نالە قىلدىم. قاقشاش، زارلاش بىلەن ھېچ ئىشنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقىنى بىلسەممۇ، زارلاندىم، سەھنىدە سەمرىپ ئولتۇرغان سوتچىلارغا، ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلمەيدىغان ئاقلىغۇچى-قارىلىغۇچىلارغا غەزەب بىلەن ھۇمايدىم، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر دېگەن گەپنى ئوسۇرۇققا تەڭ قىلدىم.

بۇ جەڭدە ياپونلۇقلار غەلىبە قىلىپ، جۇڭگولۇقلار مەغلۇب بولدى. مېنىڭ روھىم بۇ چۈشەكلەردىن خالاس بولدى، ساقچىلار  قولۇمغا كويزا سېلىپ قايتۇرۇپ ماڭغاندا، قاتتىق ئاغرىقى قويۇپ بەرگەن بىماردەك يەڭگىللەپ قالدىم، تەقدىرىمگەن تەن بەردىم، مەنلا مۇشۇنداق تەلەيسىزمۇ؟ دېگەن نارازىلىقىم پەسكويغا چۈشتى، ئاللاھنىڭ يەنە ماڭا قانداق ئىشلارنى كۆرسىتىدىغانلىقى نامەلۇم، ئۇنى پەقەت داۋاملىق ياشىغاندىلا بىلگىلى بولىدۇ. شۇ تاپتا مېنىڭ ئاللاھتىن بۆلەك يۆلەنچۈكۈم يوق، ئەگەر بۇ يۆلەنچۈكۈم بولمايدىغان بولسا،  تۈرمىگە كىرىپ بولغىچە يولدىلا يىقىلىپ قالىمەن.

داۋامى بار...

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2