ياشاپتىمەن، بىلمەپتىمەن
(پوۋېست)
ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد
مەن ئەمدى بۇ يەردىن قۇتۇلۇشتىن ئۈمىدىمنى ئۈزدۈم، بىراق ئۈمىدىمنى ئۈزۈۋاتقاندا ئۆزەمنى شۇنچىلىك سەۋرچان، مۇستەقىل، كۈچلۈك ھېس قىلدىمكى، دادام-ئاپاملارنىڭ بارلىق ئەندىشىلىرىنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى، بۇ يەردە چىرىپ كەتمەي بەلكى داۋاملىق كۆكلەپ تۇرىدىغانلىقىمنى سەزدىم. بۇنىڭ ۋاقىتلىق تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىدىم، داۋاملىق مۇشۇنداق ئېگىلمەس-سۇنماس روھتا ياشاشنىڭ كېيىنكى ھاياتىم ئۈچۈن نەقەدەر زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يەتتىم. مەندە بىلىم بار، ئۆلگىچە تۈگىمەيدىغان خەزىنە بار، بىلىمىم يەتكەن يەرگىچە ئۇزانغان تەپەككۇرۇم بار، مەنىۋى جەھەتتە توختىماي ئېچىۋاتقان بوز يەرلىرىم بار، بىكار قالغاندا كىتاب ئوقۇيمەن، قۇرئاننى تولۇق ئوقۇپ چىقىمەن، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ مەخلۇقاتلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچەمنى ئايدىڭلاشتۇرىمەن، ئاللاھنىڭ بۇ دۇنيادىكى قانۇنىيەتلىرى ۋە ئادەمگە مۇجەسسەملىگەن كارامەتلىرىنى چوڭقۇرلاپ چۈشىنىشكە تىرىشىمەن، روھىمدىكى بىر ئىلھام بىلەن ۋاللىدە ئېچىلغان ئەقلىمنى ئىشقا سېلىپ، ھەقىقەت نۇرلىرىنى بايقايمەن. روھىمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىمەن، گۈزەللىككە ئاشىق كۆڭۈل سىرلىرىمنى، ئاۋۋال ۋەسۋەسىگە سېلىپ ئاندىن ئازابلايدىغان شەيتان لەئىننى چۈشىنىشكە تىرىشىمەن، چۈشلىرىمىگە تەبىر بېرىشكە ئۇرۇنۇپ باقىمەن، ئۆزەم بىلەن بىر ئۆمۈر ھەپىلەشسەممۇ، ئۆزەمنى ئۆمۈر بويى تەتقىق قىلساممۇ سىرلىرىمنى چۈشىنىپ بولالمايمەن، ئەمما ئىزدىنىشتىن ۋاز كەچمەيمەن.
قاماقخانىدىكى كۈنلىرىم تەمەگەرلىك ۋە يوقىلاڭ ئارزۇلاردىن خالىي ھالدا خاتىرجەم ئۆتۈشكە باشلىدى. ئادەمنى قىينايدىغان نەرسە ئارزۇدىن باشقىسى ئەمەسكەن. بىراق، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ئارزۇ ۋە قىزىققانلىقتىن كەچمەيمەن. ئويلىنىمەن، ھەرىكەت قىلىمەن، ھاياتىمغا رەڭ بېرىمەن. ئەركىنلىكتىن چەكلەنگەن بولساممۇ خىيالىمنى ھېچكىم چەكلىيەلمەيدۇ، خىيال مېنىڭ بايلىقىم ھەم بارلىقىم. ئۇ نەدە بولسا مەن شۇ يەردە، روھىمنىڭ كارامەتلىرى ئەنە شۇ يەردە. مېنى بىر توپ چوشقىلار بىلەن بىر كاتەككە سولاپ قويسىمۇ، روھىم، خىيالىم ئارقىلىق ئۇلاردىن ئاجراپ چىقالايمەن، ئۆزەم خالىغان مەنزىلگە بارالايمەن. ئۇ يەردىن قايتىپ كېلىپ تۈرمىدىكى ئازابلارغا، سىقىلىشلارغا بەرداشلىق بېرىشكە تىرىشىمەن، بىللە سولاپ قويغان جىنايەتچىلەر بىلەن بىر-ئىككى ئېغىز پاراڭلىشالايمەن، ئۇنىمۇ ئاللاھ ياراتقان مەخلۇق دەپ ھۆرمەت قىلىمەن. دائىم ئۆزەم بىلەنلا سىردىشىپ يۈرەلمەيمەن، قۇلاقنى ئېتىپ، كۆزنى يۇمۇپ ئولتۇرۇۋېلىش مۇمكىن ئەمەس، بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئەتراپىمغا قارايمەن. بىر كىملەر قۇلاق تۈۋىمدە پاراڭ سالىدۇ، ۋارقىرايدۇ، سوقۇشىدۇ، پاراكەندە قىلىدۇ. ساقچىلار ھەممەيلەننى يىغىۋېلىپ تەربىيە قىلىدۇ، لېكسىيە سۆزلەيدۇ. ئىشقىلىپ، كۈندە زېرىكىش، كۈندە سىقىلىش، كۈندە نەچچە قېتىم تامغا ئۈسۈپ ئۆلىۋېلىش خىيالى… كاللامدىن كەچمەيدىغان ئىش يوق، خىيالىمنىڭ كىرمەيدىغان تۆشۈكى يوق. ھەممىنى ئويلاپ باقتىم، شۇنداقلا ھېچنېمىنى ئويلىمىدىم، چۈنكى بايا نېمىنى ئويلىغىنىمنى ئەسلىسەم ھېچنېمە يوق. ھەرىكەتكە ئايلانمىغان خىيالىم كۆپۈك-مازغاپتەك يوقايدۇ، ئەمما شۇ مىنۇتلىرىم كۆپۈكتەك يەڭگىل ئۆتىدۇ.
ئەڭ مەنىلىك ئىش يەنىلا كىتاب ئوقۇش بولدى. ساقچىلارغا قايتا-قايتا يېلىنىپ يۈرۈپ كىتابلىرىمنى ئەكىرىۋالدىم. قۇرئاننىڭ خەنزۇچىسىنى ئوقۇشقا باشلىدىم. تەپەككۇرۇم قايتىدىن جانلاندى، ئاللاھ ھەققىدە ئويلىغانلىرىم روشەنلەشتى. پۈتۈن دۇنيا، پۈتۈن كائىناتنى ياراتقان بۈيۈك زات نېمىشقا بىزدەك ئەرزىمەس ئادەملەرگە خىتاب قىلىدۇ؟ دېمەك، بىز تېخى ئۆزىمىزنى تونۇمىدۇق، كاللىمىزدا تېخىچە ئادەم مايمۇندىن بولغان، بىز دېگەن ھايۋان، ئەقىللىق ھايۋان… دېگەن قاراش ھۆكۈمران. ئاللاھ بىزنى ئەزىز ياراتسا، ھەتتا پەرىشتىلەرنى تازىم قىلدۇرسا، ھەتتا بىزگە قۇرئان بىلەن خىتاب قىلىۋاتسا، تېخىچە ئۆزىمىزنى پەس كۆرۈپ، ھېچنېمىنى ئويلىماي، تەپەككۇر قىلماي يۈرۈيدىكەنمىز. مەن زور ئىشتىياق بىلەن قۇرئاننى ئوقۇپ چىقتىم، تەپەككۇر قىلمامسىلەر، ئويلانمامسىلەر دېگەن يەرگە كەلگەندە تەپەككۇرنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك بايلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ھاياجانلاندىم، مېڭەمدە چاقماق چاقتى ۋە بۇنىڭ تەسىرى ئۇزاققىچە كەتمىدى. كىتابنى بېرىلىپ ئوقۇۋاتسام بىر نەچچە خەنزۇ «نېمە ئوقۇۋاتىسەن» دەپ سورىدى، ئاللاھنىڭ ئادەمنى ۋە كائىناتنى ياراتقان يەرلىرىنى ئوقۇپ چۈشەندۈرۈپ بەرسەم ھاڭۋېقىپ تۇردى، كېيىن مېنى دىن تارقاتتى دەپ چېقىشتۇرۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن گۇندىپايلار قۇرئاننى تارتىۋېلىپ، ئىككى كۈن ماڭا سىياسىي خىزمەت ئىشلىدى.
روھىم، قەلبىم، ئىمانىم، ئەقلىم ۋە تەپەككۇرۇم بىلەن يۈكسەلسەم ئالەمگە تەڭداش ئىنسانمەن، تېنىمنىڭ تەقەززالىرىنى يۈكسەك ئورۇنغا قويۇۋالسام ماھىيەتتە ئېغىلدىكى ئېشەكتىن پەرقىم يوق مەخلۇقمەن. ئادەم ئۆزىنى ھايۋانلىق مەقامىغا چۈشۈرۈش بىلەن خارلايدۇ، مانا مەن نەچچە يىلدىن بېرى نەپسىمنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپلا كەلدىم، شۇنچە ئەقلىم بىلەن ھېسسىيات ئالدىدا قۇل بولدۇم، شۇنچە ساغلام، كۈچلۈك تېنىم ئاخىرقى ھېسابتا ۋاقتى ئۆتكەن سايماندەك تاشلىۋېتىلدى. ئەقىل بىلەن تىك تۇرمىغان غۇرۇر، ۋىجدان، شان-شەرەپنىڭ ھەممىسى بىر كۈنلەردە تۈۋىدىن كېسىلگەن تېرەكتەك يىقىلىپ چۈشىدىكەن. ئەقلىمنى، جاسارىتىمنى شەھۋەتكە، ئەسەبىيلىككە، زوراۋانلىققا ئىشلەتكەننىڭ «پايدىسىنى» كۆرۈۋاتىمەن. مۇشۇ تۈرمىدە تۇرۇپمۇ ساقچىدىن تارتىپ جىنايەتچىلەرگىچە، ھەممىسىنىڭ ئەسەبىيلىك ۋە زوراۋانلىق ئىستىكىدە ئوت بولۇپ يېنىۋاتقانلىقىنى تۇيۇپ تۇرۇۋاتىمەن. چىرايلىق ئايال جىنايەتچىلەرنى سولاۋاتقان سەت ساقچىلارنىڭ كۆزلىرىدىن قوينى كۆرگەن بۆرىنىڭ كۆزلىرىدىكى ئېچىرقاشنى كۆرۈۋاتىمەن. بىر بۇلۇڭدا پۇشۇلداپ ياتقان مەھبۇسلارنىڭ ئۆتكەن كۈنلىرىدىكى ئازغىنە خۇشاللىقىنى كۆشەپ، بىر مۇنچە ئازابلىرىنى ھەر كۈنى بىر قوشۇق-بىر قوشۇقتىن يۇتۇپ تولغىنىدىغانلىقىنى، ھەر كۈنى مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن. بىر تېمىم ئازابنىڭ ئاچچىقى ئۇلارنىڭ كۆشىگەنلىرىنىمۇ زەھەرگە ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. شۇنداق، قاماقخانىنىڭ ئىشىكى شالاققىدە يېپىلغاندىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ چىرايى تېخىمۇ تاتىرىدۇ، ئاندىن كۆكىرىدۇ، ھەتتا تىلىمۇ كۆكىرىشكە باشلايدۇ. ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قېلىش ھەر كۈنى ئۈچ ۋاق زەھەر يۇتۇش دېمەكتۇر.
تۇپراقتىن كۈن نۇرىدىن ئوزۇق ئېلىپ، كۆكلەپ تۇرۇۋاتقان بەسەي، چامغۇرنى گەمىگە سالسا، بەزىلىرى بىخسىيدۇ، سېسىيدۇ. شۇنىڭدەك، ئادەملەر ئىچىدىمۇ تۈرمىگە كىرىپلا تۈگىشىپ كېتىدىغانلار بار، شۇڭا بۇ يەردە چىدامچانلىق ھەممىدىن مۇھىم، ئۆتكەندە قەيت قىلغىنىمدەك، مەن روھىمدىن بوشلۇق ئېچىپ تېنىمنى شۇ يەرگە سىغدۇرمىسام، خىياللىرىمدىن تۆشۈك ئېچىپ، ئۇ يەردىن قۇشقاچتەك ئۇچۇپ چىقمىسام، بۇ يەردە سىقىلىپ تۈگىشىپ كېتىمەن. ئۆزەم بۇ يەردە بولغان بىلەن خىيالىم ھەر يەردە بولۇشى، كۆڭلۈم يەنىلا ئارزۇ- ئۈمىدلەرگە لىق تولۇشى كېرەك. نېمىنى ئۈمىد قىلىمەن؟ كىمدىن ئۈمىد كۈتىمەن؟ خوشىنونى رەسۋايى ئەزىم قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن قولۇمنى يۇيۇۋەتتىم، ئۇنىڭغا باغلانغان بارلىق ھېسسىياتىم غەزەپكە، ئۆچمەنلىككە ئايلاندى. بىراق ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىدى، خورلۇق ئازابى يۈرىكىمنى غاجاپ، قېنىمغا زەھەرلىك ئۇكۇلدەك تەسىر قىلىپ، سالامەتلىكىمگە زىيان يەتكۈزدى. ئۇنىڭدىن كېلىۋاتقان زىيانلارنى ئازايتماقچى بولدۇم، ئىشنى ياخشى تەرەپكە ئويلىدىم، تەلىيىمدىن ئۈمىد ئۈزمىدىم، ئەمما بۇلار پۇشايمان ۋە مەسخىرىدىن بۆلەك نەتىجە بەرمىدى. «كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟» دەپ ئۆزەمگە نەچچە رەت كايىدىم.
قاماقخانىدا خىلمۇ خىل ئادەملەرنى كۆردۈم، قارىسام، ھەممىسى ئاساسەن ماڭا ئوخشاش قىنىغا پاتمىغانلار، جەھەننەم ئوتىدەك كۆيۈۋاتقان نەپسىگە ئۆزىنى ئۇرغانلار، ئۆزىنى قورشاپ تۇرغان قانۇن، ئەخلاق تاملىرىدىن ھالقىپ، نەپسانىي ئەركىنلىك ئۈچۈن جان پىدا قىلغانلار ئىكەن. قېنى ئۇلار يەتكەن ئەركىنلىك؟ نەپسى قاندىمۇ؟ ياكى قېنىپ بولۇپ بۇ يەرگە ئۆلگىلى كەلدىمۇ؟ بەزىلىرى تېنىدىكى زەھەرلىك خىلىتلارنى چىقىرىۋەتمەكچى بولغاندەك توختىماي يىغلىشىدۇ، مىشقىرىپ تۈكۈرىدۇ؛ بەزىلىرى ئاغزىنى يوغان ئېچىپ ئاھ-ۋاھ دەپ زارلىنىدۇ، تامغا مۇشتلايدۇ. بەزىلىرى ئۆزىنى ئالاھىدە چاغلاپ، بۇ يەرگە خاتا كىرىپ قالغاندەك جىددىيلىشىپ، تېرىكىپ، ئەسەبىيلىشىپ ساقچىلارنى، ھۆكۈمەتنى تىللايدۇ. بەزىلىرى بۇ ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى بىلىدىغاندەك، بۇ يەرگە كىرىپ قۇلىقى تىنجىپ قالغاندەك تىنچ، خاتىرجەم. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ تىنچلىقىنى كەيپ-ساپا خۇمارى بۇزىدۇ، توختىماي ئەسنەيدۇ، تۈكۈرۈكىنى يۇتىدۇ، كۆتىنى قاشلايدۇ. ھېچنېمىنى تۇيماي ئۇخلىساق دەيدۇ، ئۇخلىيالمايدۇ. كۆپ ھاللاردا كېچىسى جىنايەت ئۆتكۈزگەن بۇ مەخلۇقلارنى بىر كاتەككە سولاپ قويسا، ھەممىسى بىر-بىرىگە ئوغرىدەك قاراپ تۇرۇشسا، كىمنىڭ قاتىل، كىمنىڭ ئوغرى، كىمنىڭ ساراڭ ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمىسا، قانداق ئۇخلايدۇ؟
شۇنداقتىمۇ ئۇيقۇ، ئۆلۈمدەك ئېغىر ئۇيقۇ ھەممە ئادەمنى بويسۇندۇرالايدۇ. قاراپ باقسام، مەن تەقدىرىمنى ئاللاھقا تاپشۇرغان مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن باشقىلاردىن ياخشىراق ئۇخلىيالايدىكەنمەن. بىر كېچىسى ئېغىر ئۇخلاپ، چۈش كۆرۈپ كېتىپتىمەن. خوشىنونىڭ مەن ئاران بىر قېتىملا كۆرگەن دوستى (مېنىڭ خېتىمنى ياپونىيەگە يوللاپ بەرگەن دوستى) مېنى كۆرگىلى كېلىمىش. بۇ قىز خوشىنودىنمۇ ئېگىز ھەم چىرايلىق بولغاچقا ئەينى چاغدىلا كۆزۈم چۈشكەن، ئەمما يېقىنلىشىش نېسىپ بولمىغانىدى. ئۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ۋاللىدە يورۇپ كەتتى، ئۇ مېنى تۈرمىدىن ئېلىپ چىقىپ ياتاققا ماڭغاچ: «خوشىنو سىزگە بەك ئەلەم قىلدى، بىر قېتىم ئۇرۇپ قويغانغا ئۇنچىۋالا قىلىش كېتەمدۇ؟ بۇ دوستۇم ئۆزىنى بەك ئەقىللىق چاغلىغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۆتۈپ كەتكەن دۆت، دۆت ئادەم سىزدەك ئەقىللىق يىگىتنىڭ قەدرىگە قانداق يەتسۇن؟ بولدى ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىڭ» دېگۈدەك، مەن ھاياجانلىنىپ: «راست دەيسىز، سىزدەك ئەقىللىق، چىرايلىق قىز ئالدىدا ئۇ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، ئەسلىدە مېنىڭ سىزگە كۆزۈم چۈشكەن، ئەمما ئۇ چاغدا خوشىنو بولغاچقا، سىزگە گەپ قىلالمىغانىدىم» دېگۈدەكمەن. ئۇ شوخلۇق بىلەن:«شۇنداقمۇ، ئەگەر ئۇ ۋاقىتتا ماڭا قانات سۆرىگەن بولسىڭىز، خوشىنو ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالاتتى» دېگۈدەك. ئىككىمىز خوشىنو بىلەن بىللە ياتقان كارىۋاتقا چىقىپ ئىشنى باشلايلى دەپ تۇرغاندا، نەق شۇ يەردە، چۈشۈم بۇزۇلۇپ، ساقچىلار ياتاققا باستۇرۇپ كىرىپ، قوللىرىمنى قايرىپ ئېلىپ ماڭدى، مەن كەينىمگە بۇرۇلۇپ: «مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن يەنە كېلىمەن، ھە راست، ئىسمىڭىزنى سورىۋالماپتىمەن، ئىسمىڭىز نېمە؟» دېگۈدەكمەن، قىز كۆزلىرىدىن تارام-تارام ياش تۆكۈپ: «ئىسمىم ۋاتارۇ… سىزنى ساقلايمەن، ئۆلگىچە سىزنى سۆيىمەن» دېگۈدەك. مەنمۇ تەسىرلىنىپ، بېشىمنى قەھرىمانلارچە تىك تۇتۇپ: «جېنىم، مەنمۇ سىزنى سۆيىمەن، ئۆلسەممۇ سىزنى ئۇنتۇمايمەن!» دېگۈدەكمەن. ساقچىلار مېنى شۇ كۆتۈرگەنچە تۈرمىگە ئەمەس، بەلكى جازا مەيدانىغا ئېلىپ ماڭغۇدەك. «نېمە قىلغانغا مېنى ئاتىسىلەر؟» دەپ ۋاقىراپ سورىسام، بىر ساقچى ياپونلۇقتەك كالچىيىپ تۇرۇپ:«ياپون سامۇرايلىرىنىڭ ئىززەت-ھۇقۇقىغا چېقىلغانلىقىڭ ئۈچۈن سېنى ئۆلۈمگە بۇيرۇدۇق» دېگۈدەك. جان-پېنىم چىقىپ، ئەتراپقا ئالاقزادىلىك بىلەن قاراپ: «سەن خەنزۇ تۇرۇپ ياپونلۇق ئۈچۈن ئىشلەمسەن؟ سەن خەنزۇمۇ ياكى ياپونلۇقمۇ؟» دەپ سورىسام ئۇ كۈلۈپ قويۇپ جاۋاب بەرمىگۈدەك. مەن ئاچچىقىمدا ئۇنى تىللاپ:«سەندەك خائىنلارنىڭ دەستىدىن جۇڭگو خەلقى ياپون باسقۇنچىلىرىنىڭ تۆمۈر تاپىنىدا 8 يىل ئېزىلگەن» دېسەم، «ئاغزىڭنى يۇم، ھازىر دېگەن قايسى زامان؟ كىم پۇل بەرسە شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلەيسەن» دېگۈدەك. جازا مەيدانىغا بارسام، نىسسان ماركىلىق ئاپئاق پىكاپ تۇرۇپتۇ، ساقچى مېنى تىزلاندۇرغاندا ماشىنىدىن مودا كىيىنگەن بىر قىز چۈشۈپ ماڭا قاراپ كەلدى، ئۇ گىرىمنى بەك قېنىق قىلىۋاتقاچقا خوشىنو ئىكەنلىكىنى تەستە تونىدىم، «خوشىنو، ماڭا رەھىم قىل، تۈرمىگە سولاتساڭ مەيلى، لېكىن مېنى ئۆلتۈرۈۋەتمە!» دېسەم، ئۇ قولىنى شىلتىپ: «خەتتە مېنى شۇنچە تىللاپسەن، مەيلى دېسەم ئەمدى دوستۇم بىلەن بىرلىشىپ ماڭا خىيانەت قىلدىڭ، ئىككىمىز ياتقان كارىۋاتنى بۇلغىدىڭ، ۋۇي كۆڭلى پەس ئەبلەخ! » دېگۈدەك. مەن:« ماڭا ئۇۋال قىلما، مەن تېخى ئۇ قىز بىلەن كارىۋاتقا ئەمدى چىققان، ئىشنى باشلىماي تۇرۇپلا تۇتۇلۇپ قالدىم… » دېسەم، «شۇ ئىشنى قىلسىلا ھېساب بولامدىكەن، نىيىتىڭنىڭ ئۆزىلا خىيانەت. ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان بولساڭ، ساقچىلار ئىككىڭنى شۇ يەردىلا ئېتىپ تاشلايتتى!» دېگۈدەك. مەن: «ئىككىمىز ئادا-جۇدا بولغانغۇ، يەنە نېمە دەپ ماڭا ئېسىلىۋالىسەن؟» دېسەم، « سەن ئۆلمەي تۇرۇپ ياكى مەن ئۆلمەي تۇرۇپ، ئادا-جۇدا بولمايمىز، كىم گۇناھكار بولسا شۇ بۇرۇن ئۆلۈشى كېرەك» دەپ، ئاندىن ساقچىغا قاراپ:«بۇنى ئېتىۋەت!» دېگۈدەك. ساقچى تاپانچىسىنى چىقىرىپ: «ئالدىدىن ئاتايمۇ، كەينىدىنمۇ؟» دەپ سورىغاندا، «ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرگۈم يوق، كەينىدىن ئات» دېگۈدەك. يۈرىكىم ئاغزىمغا تىقىلىپ:«خوشىنو، خوشىنو، سەن مېنىڭ جېنىمسەن، مېنى ئۆلتۈرسەڭ ئۆزەڭنى ئۆلتۈرگەندەك بولىسەن، خۇدانىڭ ئالدىدا قارا يۈز دوزىخى بولۇپ كېتىسەن! تېنىم ئۆلگەن بىلەن روھىم ئۆلمەيدۇ، سېنى توختىماي قارغايمەن، قىساسىم تۇتىدۇ. پەيلىڭدىن يان، ساراڭلىق قىلما!…» دېگۈدەكمەن، ئۇ ئەسەبىيلەرچە قاقاھلاپ كۈلگىدەك، ھەر بىر كۈلگەندە چاچلىرى پۇلاڭلاپ، چىرايى ئالۋاستىدەك سەتلىشىپ كەتكۈدەك. «سېنى ئۆلتۈرمىگىچە پۇخادىن چىقمايمەن!-دېگۈدەك ئۇ مېنى يەۋەتكۈدەك ئەلپازدا سەت چەكچىيىپ،- سەن ئۆلسەڭ باشقا قىزلارغا سوققان قاپقارا يۈرىكىڭمۇ، سەن پەخىرلىنىدىغان ئەرلىك ئەزايىڭمۇ ئىتقا يەم بولىدۇ، ئەگەر روھىڭ ئۆلمىسە، شۇ مەنزىرىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرسەڭ، ئاندىن ئۆزەڭنىڭ قانچىلىك ئادەملىكىڭنى، مېنىڭ قانچىلىك دەرت تارتقانلىقىمنى چۈشىنىسەن». شۇ چاغدا ساقچى تاپانچىسىنى دوقامغا تىيەپ، تەپكىنى بېسىشقا تەييار تۇردى. خوشىنو بىر قول ئىشارىسى بەرسىلا مېڭەم چۇۋۇلاتتى. كەلىمە شاھادەت ئېيتىپ يىغلاشقا باشلىدىم، «پاڭ» قىلدىمۇ، «ۋاڭ» قىلدىمۇ بىلمىدىم، بېشىمغا راستىنلا ئوق تەگدىمۇ ياكى تاش تەگدىمۇ ئۇنىمۇ ئاڭقىرالمىدىم، ۋاقىراپ ئويغىنىپ كەتتىم. ئەتراپىمدىكى جىنايەتچىلەردىن بىرسى ئۇخلىمىغان بولسا كېرەك، تاماشا كۆرگەندەك ھاڭۋېقىپ، بىر نەرسە دېمەكچى بولۇپ يەنە گەپ قىلماي تۇرۇپ قالدى. يۈرىكىمنى تۇتۇپ بىر دەم خىيال سۈرۈپ ياتتىم، قاباھەتلىك چۈشۈم بۇ قاباھەتلىك تۈرمىنى گويا ئۆزەمنىڭ ئىللىق ئۆيىدەك كۆرسىتىۋەتتى، توۋا دەيمەن، ھەيرانمەن، كۆرگەنلىرىم شۇنچە روشەن، تۇيغۇلىرىم شۇنچە ئېنىق، بىر دەملىك ھاياجان بىلەن شىددەتلىك قورقۇنچلىرىمنىڭ بىر-بىرىگە ئالمىشىشى شۇ قەدەر تېز، يۈرىكىمنىڭ سوقۇشلىرى شۇ قەدەر ئوخشاش… ۋاتارۇنىڭ گۈزەل بەدىنى، خوشىنونىڭ ئالۋاستىدەك بەدبەشىرە قىياپىتى كۆز ئالدىمدا ھازىرمۇ روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ تۇرماقتا.
مەن دېمىدىممۇ، ئادەمنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە، ئۇنىڭ روھىدىكى كارامەتلەر، ۋۇجۇدىدىكى ئۆزگىرىشلەر، ھەتتا چۈشىدىكى ئالامەتلەرمۇ ئۇنىڭ ھاياتىنى ئاجايىپ-غارايىپ سەرگۈزەشتلەرگە تولدۇرۇۋېتىدۇ، چۈشۈمدە ۋاتارۇنى ئەينەن كۆردۈم، ھەتتا ئەمەلىيەتتە مەن كۆرۈپ باقمىغان ئىچ كىيىملىرىنىمۇ ئېنىق، تەپسىلىي كۆردۈم، ئەگەر ساقچىلار بىر دەم كىرمەي تۇرغان بولسا، ئۇنىڭ يالىڭاچ بەدىنىنىمۇ كۆرۈشۈم مۇمكىن ئىدى. ئۇ مەنزىرىلەرنى ئۇيقۇدا يۇمۇلغان كۆزۈم ئەمەس، ئەزەلدىن تەسەۋۋۇرغا باي روھىم كۆردى، ئۇ ئاۋازلارنى كىر قۇلىقىم ئەمەس، روھىم ئاڭلىدى. تۇيغۇلىرىمنى، سەزگۈلىرىمنى جىم ياتقان تېنىم، نېرۋىلىرىم ئەمەس، بەلكى روھىم سەزدى. ھاياجان ۋە قورقۇنچتا دۈپۈلدەپ سوققان يۈرىكىمنى يەنىلا روھىم ھەرىكەتكە كەلتۈردى. روھنىڭ سىرىنى بىلگۈچى يەنىلا ئاللاھ، بىزنىڭ بىلىدىغانلىرىمىز بەك ئاز، بەك ئاز.
كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنداق دەھشەتلىك چۈشلەرنى كۆرۈپ باقمىدىم، ئەمما چۈش كۆرۈشكە خۇمار بولۇپ قالدىم، مەيلى قورقۇنچلۇق ياكى ھاياجانلىق چۈشلەر بولسۇن، بۇنداق يەردە چۈش كۆرۈپ تۇرغانغا يەتمەيدىكەن، بىر جايىدا تۇرمايدىغان، بەدەن چۈشەكلىرىگە سىغمايدىغان، كۆز كۆرگەن ھەم كۆرمىگەننىمۇ كۆرسىتەلەيدىغان روھنىڭ كارامەتلىرىنى كىنو كۆرگەندەك كۆرۈش نېمىدېگەن ئاجايىپ ئىش-ھە! رەڭدار چۈشلەر تۈرمە ھاياتىمغا مەنە، قىززىقچىلىق ئاتا قىلمىسا، زېرىكىپ ئىت بولۇپ كېتەركەنمەن. شۇڭا مەن ھەر كۈنى ئاخشىمى چۈش كۆرۈشنى تىلەيدىغان بولۇپ قالدىم. بىر قېتىم تەييارلىقتا ئوقۇغان چاغدىكى بىر قېتىملىق نورۇز پائالىيىتىنى چۈشەپ قاپتىمەن، سەھنىدە لىق قىزلار ئۇسسۇل ئويناۋاتسا، مەن پەستە خوشىنو بىلەن ئويۇن كۆرۈۋاتقۇدەكمەن، ئۇسسۇل كۆينىكى كىيگەن، گىرىملىرى چىراغ يورۇقىدا پارقىراپ كەتكەن، ھەر بىرىنى خوتۇن قىلسا 10 يىل ياشىرىدىغان چىرايلىق قىزلارغا كۆز ئۈزمەي قاراۋاتسام، خوشىنو ئۇسسۇل مۇزىكىسىنىڭ شوخ رېتىمىدىن ئۆزىنى تۇتالماي ئۇيان-بۇيان تولغىنىپ، قوللىرىدىن قاس چىقىرىپ ئولتۇرغۇدەك. «ئەدەبسىزلىك بولىدۇ، جىم ئولتۇر، بىزدە بۇنداق ئىشلار يوق» دېسەم، «نېمە كارىم، بۇ دېگەن ئەركىنلىك، مەن خەق ئۈچۈن ياشىمايمەن!» دېگۈدەك، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قايرىپ قويۇپ، سەھنىدىكى قىزلارغا قاراپ ئولتۇرىۋەردىم. ئاندىن سەھنىگە گىتارچى بالىلار چىقىپ، «يارىگۇللا»نى بولۇشىغا ئېيتتى، بۇ بالىلار فلامىنگودىن باشقا رېتىمدا چالالمايدىغاندەك، دەۋرنىڭ تېز رېتىمىغا ئەگىشىۋاتقاندەك، ئاستا چالسا ئىچى پۇشۇپ قالىدىغاندەك، ۋاقىتنى تېجەۋاتقاندەك، پەستىكى ھەممەيلەننىڭ يۈرەك رېتىمىنى تېزلىتىشنى ھۆددىگە ئېلىۋالغاندەك، ياشلارنىڭ ھېسسىياتىنى قوزغاۋاتقاندەك تېز چالاتتى، باشلىرىنى ئەسەبىيلىك بىلەن گىلدىڭلىتاتتى، چاچلىرى ھەر يان يەلپۈنەتتى. خوشىنو ئولتۇرالماي قالدى، باشقا بالىلار بىلەن قوشۇلۇپ مايمۇندەك چىقىرىدى. بۇ قىزغىنلىق، بۇ ھاياجان مېنىمۇ ئىسكەنجىگە ئېلىۋالدى. بىر دەمدىن كېيىن ئوقۇش مۇكاپاتى ئالىدىغان بالىلار سەھنىگە چىقتى، ئىسمىمنى چاقىرغاندا پەخىرلىنىپ ئورنۇمدىن قوپتۇم، مەن بۇ مۇكاپاتقا ھەممىدىن بەك تەشنا ئىدىم، ئېرىشىشكە ھەم ھەقلىق ئىدىم، شۇنچە كۆپ ئادەم ئالدىدا سەھنىگە چىقىپ قەددىمنى كېرىپ تۇرغىنىمدا ئۆزەمنىڭ ئەسلى مۇشۇ ئورۇنغا لايىق ئىكەنلىكىمنى، شان-شەرەپ تۇيغۇسىنىڭ ئادەمنى نەقەدەر ھاياجانلاندۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. مۇكاپاتلانغان بالىلار ئىچىدە قىزلار كۆپرەك ئىدى، ئەمما تىرىشچان قىزلار سەت بولامدۇ قانداق، ھېچقايسىسىغا كۆزۈم چۈشمىدى. خوشىنو پەستە تۇرۇپ ئىككى بارمىقىنى توشقاننىڭ قۇلىقىدەك چىقىرىپ، غەلىبەمنى تەبرىكلىدى. مۇكاپات مىڭ سوم ئىدى، بۇنداق پۇلنى خوشىنو بىلەن بىر ۋاق تامىقىمىز ئۈچۈنلا خەجىلۋەتكەن ۋاقىتلىرىمىز بولغان، گەپ پۇلدا ئەمەس، شان-شەرەپتە، ئېتىراپ قىلىنىشتا. پەستىكى بالىلارنىڭ، بولۇپمۇ قىزلارنىڭ زوق-شوخ بىلەن قاراشلىرىغا بىر نەچچە سېكونت بولسىمۇ ئېرىشىۋالسام، ئازراق بولسىمۇ تونۇلۇۋالسام، قاملاشقان چىرايىم ۋە قەددى قامىتىمنى ئازراق بولسىمۇ نامايىش قىلىۋالسام، مەن ئۈچۈن زور بەخت. پەستىكى مەكتەپ مۇدىرى، قېرى ئوقۇتقۇچىلار، كۆزەينەكلىك سېكرىتارلار، ھەۋەسمەن بالىلار بىز ئۈچۈن ئالقىش ياڭراتتى. شۇ چاغدا كۈتۈلمىگەن ئىش بولدى، ئارقا سەھنىدىن قاپىقى يامان بىر ئايال چىقىپ، ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ چاۋاكنى توختاتتى ۋە: « كەچۈرۈڭلار، ئۇقۇشماسلىق بوپتۇ. بىرەيلەنگە بۇ مۇكاپاتنى بېرىشكە بولمايدىكەن» دېدى. ھەممەيلەن بىردىنلا جىمىپ، «كىمدۇ، كىمدۇ» دېيىشىپ كەتتى. بۇ خوتۇن تەييارلىق بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، مېنى بىر نەچچە قېتىم ئىشخانىسىغا چاقىرىپ:«ھەممىنى بىلىپ بولغان بولساڭمۇ، دەرسكە تولۇق قاتنىشىسەن، باشقىلارغا يامان تەسىر بەرمەيسەن» دەپ تەنبىھ بەرگەنىدى. كۆڭلۈمگە ئەنسىزلىك چۈشتى، سەھنىدە پەقەت مۇشۇ خوتۇننىڭ ئىگىز پاشنىلىق ئايىغىنىڭ توكۇلدىغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى، ئۇ ماڭا ئۇدۇل قاراپ كەلگەندە بولسا ئايىغىنىڭ پاشنىسى ئۇدۇل يۈرىكىمگە سانچىلغاندەك بولدى، پۇتۇمدا جان قالمىدى. « سەن! بۇ سەھنىدىن چۈشۈپ كەت!- دېدى ئۇ ماڭا قاراپ، – سەندەك ئەخلاقسىزغا بۇ مۇكاپات بېرىلمەيدۇ!». ئۇنىڭ ئاۋازى پۈتۈن زالدا ياڭراپ كەتتى، جان پېنىم چىقتى. «مەن نەدە ئەخلاقسىزلىق قىلدىم!» دەپ ۋارقىرىدىم ئۆلەي دېگەندە جان تالاشقان ئۆچكىدەك، جان كۈچ كەلگەندە ئادەم مۇشۇنداق باتۇرلىشىپ كېتىدىكەن، شۇنچە كۆپ ئادەم ئالدىدا بۇنداق رەسۋا بولغىچە، يا تۈزۈك رەسۋا بولاي، يا ئازراق بولسىمۇ ھېسداشلىققا ئېرىشەي دەپ ئويلىدىم.
— ئۆزەڭ بىلىسەن! پۈتۈن مەكتەپ بىلىدۇ!- دېدى ئۇ ئالدىمغا كېلىپ.
— مەن پەقەت بىر ياپونلۇق قىز بىلەن مۇھەببەتلەشتىم! بۇ دېگەن ئەركىن دۇنيا، ئەگەر مۇھەببەتلىشىش ئەخلاقسىزلىق بولسا، پەستە ئولتۇرغان مۇشۇ بالىلارنىڭ ھەممىسى ئەخلاقسىزمۇ؟ بۇ بىز ياشلار ئۈچۈن ھاقارەت ئەمەسمۇ؟- دېدىم شوئار توۋلاۋاتقاندەك، بۇ گېپىم پەستىكى بالىلارنىڭ ئازراق بولسىمۇ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم، ئەمما پەستىن ھېچ سادا چىقمىدى.
— سەن ئۆزەڭنى ئاقلىما، كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇكى، سەن مۇشۇ ئەخلاقسىزلىقىڭ بىلەن باشقا مەكتەپنىمۇ سېسىتىپ، ئۇ يەردىن قوغلاندى بولىسەن. بۇ شەرەپنى ساقلاپ قېلىش تۈگۈل، ئۇنىڭغا ئېغىر داغ كەلتۈرىسەن. شۇڭا بۇ مۇكاپاتنى ساڭا بېرىشكە بولمايدۇ.
غەزەب ۋە نومۇستىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم، پەستىكىلەردىن بىرەرسى بولسىمۇ چۇقان سېلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسا، بۇ جەددال بىلەن يەنە بىر ئىككى-ئېغىز زاكونلىشاتتىم. ئەمما ھېچكىم ماڭا ياردەم قىلمىدى، ھېچكىم ماڭا مەدەت بەرمىدى، خوشىنو ئۇيغۇرچە ئۇقمىغاچقا، نېمە بولغىنىنى بىلەلمەي ئولتۇرۇپ قالدى.
— ئال پۇلۇڭنى، چېكەڭگە تاڭ!-دېدىم كونۋېرتنى غەزەپ بىلەن ئېتىپ،- سەن ناھايىتى دۆت، قارانىيەت، ئىچىڭ ھەسەتخورلۇقتىن قارىداپ كەتكەن خوتۇن ئىكەنسەن! مەن ئەخلاقسىز بولسام، سەن نېمە؟ سەن پەرىشتىمۇ؟ ياق، سەن قېرىپ كەتكەن شەيتان!
شۇ پۇرسەتتە پەستە ئولتۇرغانلارغىمۇ ئاچچىقىم كېلىپ، قولۇمنى شىلتىپ سۆزلەپ كەتتىم:
— ئۇيغۇر دېگەن مۇشۇنداق بولامدۇ؟ ئاۋۋال كۆتۈرۈپ ئاندىن يەرگە ئاتامدۇ؟ باشقىلارنى بىر نېمە دېيىشتىن ئاۋۋال ئۆزەڭگە قاراپ بېقىشساڭ بولمامدۇ؟ خوشىنونىڭ ئالدىدا مېنى نومۇستىن ئۆلتۈرۈشتۈڭ! ئەگەر ئۇ ئۇيغۇرچە بىلگەن بولسىدى، بۇ مىللەتنىڭ نەقەدەر چېچىلاڭغۇ، بىر-بىرىنى كۆرەلمەس، بىرسىنى داڭلاپ ئارقىدىن غاجايدىغان، ئەڭ يېقىنلىرىغا زۇلۇم سالىدىغان، ئۆزىنى خارلاپ، تۈگەشتۈرۈپلا ئۆتىدىغان مىللەت ئىكەنلىكىنى كۆرگەن بولاتتى. ھەممىڭنىڭ ئىچىدە شەيتان قۇتراپ تۇرىدۇ، ماڭا ئوخشاشلا يېسەم، ئىچسەم، ئوينىسام، نەپسىمنى قاندۇرسام دېيىشسەنۇ، ساختا ئالىيجاناپلىق قىلىپ «مەن پاك، مەن ساق» دەپ يۈرۈشىسەن. مېنى ئەخلاقسىز دېگەننىڭ ھەممىسى ئەخلاقسىز، بۇ دۇنيادا بىر كىمگە بۇنداق تۆھمەت قىلىشتىنمۇ ئارتۇق ئەخلاقسىزلىق بولامدۇ؟ مەشەدە بۇقىدەك پۇشۇلداپ ئولتۇرغان گۇيلارنىڭ قايسى بىرى يېنىدىكى قىزنى كەلتۈرۈپ مۇرادىغا يېتىشنى ئويلىمايدۇ؟ مەشەدە بۇ گۇيلارغا يوشۇرۇن تەلمۈرۈپ ئولتۇرغان قىزلارنىڭ قايسى بىرى ئۆزىنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ، سىرلىق چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ بېقىشنى ئويلىمايدۇ؟ قېنى دەپ بېقىشە ھەر قايسىڭ! نېمىشقا ھەممىنى ئىچىڭدە سېسىتىپ، ئەقلىڭنى بۇلغاپ، ھېسسىياتىڭنى خارلاپ ئۆتۈشىسەن؟ مېنى بىلمەيدۇ دەپ قېلىشما، ھەممىڭ پەن دېسە پەندە يوق، دىندىن يا خەۋىرى يوق، تەپەككۇر قىلمايدىغان، ئوينىسا يا تۈزۈك ئوينىمايدىغان، ئويناپ بولۇپ تەۋبە قىلىشنى بىلمەيدىغان، ھېچنېمىگە ئىخلاسى يوق دۆت مەخلۇقلار! بىلىدىغانلىرىڭ پەقەت بىر-بىرىڭنى قىيناش، بىر-بىرىڭنى خارلاش. بولسا ئۆزئارا داۋاملىق ئېتىشىپ، بىر-بىرىڭنى چەكلەپ، بىر-بىرىڭنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشىپ، بىر-بىرىڭ بىلەن بوغۇشۇپلا ئۆت، كاللاڭ ئارام تېپىشقاندا ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىشقىن! باشقىلار تاماشاڭنى كۆرىدۇ، قىزلىرىڭنىڭ ئەمچەك، ساغرىلىرىنى باھالايدۇ…نەدىن كەلگەن جاسارەت، نەدىن كەلگەن ناتىقلىق بۇ! غەزەپنىڭ ئادەمنى بۇنچە كۈچلۈك قىلىۋېتىدىغانلىقىنى كۆرۈڭ! شۇ چاغدا پەستىن ئاللا-چۇقان كۆتۈرۈلدى، «چۈشۈپ كەت، مۇناپىق! بىزنى تىللىغىچە ئۆزەڭنى تىللا، سەندەك پاھىشۋازنى چالما-كېسەك قىلىش كېرەك!!!» دېگەن سادالار قۇلاق تۈۋۈمدە ياڭرىدى، ئوغۇللار ھۆكۈرەيتتى، قىزلار چىقىرايتتى، چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم.
ئاھ، مېنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭ مىللىتىم، مېنى سىلەر تاللىمىغان، مەنمۇ سىلەرنى تاللىمىغان، بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى. كىمكى ئۆزىنىڭ جىنسىدىن، مىللىتىدىن، ئاتا-ئانىسىدىن، بوي ئىگىزلىكىدىن، چىرايىدىن، تىلىدىن بىزار بولىدىكەن، ئۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە قارشى چىققان، ئۇنىڭ ھېكمەتلىرىنى ئىنكار قىلغان، يارالمىشىغا ئىسيان كۆتۈرۈپ گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىدۇ.
داۋامى بار...