باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

ياشاپتىمەن، بىلمەپتىمەن (پوۋېست)-6

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-09-18 11:22:09

‹‹ياشاپتىمەن، بىلمەپتىمەن (پوۋېست)-6›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

ياشاپتىمەن، بىلمەپتىمەن

(پوۋېست)

ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد

سولاققا چۈشمەستە قىلىدىغان ئىشلىرىم ۋە ئوينايدىغان ئويۇنلىرىمنىڭ كۆپلۈكىدىن ۋاقىت يېتىشتۈرۈپ بولالماي قالاتتىم، خوشىنو ئۆزىنىڭ ھەم مېنىڭ ۋاقتىمنى زىچ ئورۇنلاشتۇراتتى، مەدەنىيەت، ساپا دېگەن ئەمەلىيەتتە ھاياتنى قانداق ئۆتكۈزۈش، ۋاقىتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش، ۋاقىتتىن قانداق ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش مەسىلىسى ئىكەن، ئۇ ئەتىگەندە بىر سائەت بولسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بىر ئىش قىلىۋېلىشقا ئالدىرايتتى، مەن بولسام بىر سائەت بولسىمۇ ھېچنېمىنى تۇيماي ئۇخلىۋالسام دەيتتىم. كېيىن ئۇمۇ مەن بىلەن تەڭ ئۇخلايدىغان بولدى، بىر-ئىككى سائەت ئۇخلىۋالساق جاھان بىزنىڭ، بەخت بىزنىڭ، مۇۋەپپەقىيەت بىزنىڭ ئىدى، دەرسلەر خىيالىمىزغا كىرىپ چىقمايتتى، ئويۇنىمىزدىن ئازراق ئاجراپ، بىر-ئىككى سائەت تەكرار قىلىۋالساق، باشقىلارغا تەڭ يېتىشىپ كېتەلەيتتۇق. شېكەر شەنبە، يەكشەنبىلىرىمىزنى چەت ئەللەردە ئۆتكۈزۈپ، ھەپتىلەپ شۇ يەردە ئويناپ مەكتەپكە كەلمىگەن ۋاقىتلىرىمىزمۇ بولدى، دەرس قالدۇرغان سائەتلىرىم كۆپ بولغاچقا مەكتەپتىن ماڭا بىر قانچە قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەردى، شۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىدىغان بولدۇم، ئەمما خوشىنونىڭ راھىتىدىن كېچەلمەيتتىم، دەرسكە كىرىپ سائەت-سائەتلەپ ئەسنەپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن شىرىن مىنۇتلىرىمنى ئەسلەيتتىم، سىنىپتىكى باشقا خەنزۇ قىزلارغا كۆز سېلىپ، ئۇلار بىلەن مۇھەببەتلەشسە قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. كۆزەينەك تاقىۋالىدىغان تاقىر باش پروفېسسورلار دەرس ئۆتكىلى كىرسە، ئەركەكلىك كۈچىدىن كەتكەن بۇ بىچارىلەرنىڭ ئۆز ھالىدىن بىخەۋەر كاپىلداپ سۆزلەپ كېتىشلىرىدىن زېرىكەتتىم. ئۇلار تېخى بەزىدە بالىلارنىڭ بىپەرۋا، ئۇيقۇچان ھالىدىن نارازى بولۇپ، كۈچەپ، ۋاقىراپ دېگۈدەك دەرس سۆزلەيتتى، مەن ئىچىمدە، ئۆيۈڭدىكى تەتەيخانغا مۇشۇنداق زۇۋاندا سۆزلىيەلەمسەنكىن قېنى؟ دەپ مەسخىرە قىلاتتىم.

بىر قېتىم بىز ياپونىيەگە بېرىپ ئۇزاقراق تۇرۇپ قالدۇق، شىرىن ساياھەتلىرىمىزنى تۈگىتىپ كەلسەم، ياتاقتا مەن توغرۇلۇق مىش-مىش پاراڭ كۆپىيىپ قاپتۇ، مەكتەپتىن مېنى قوغلاندى قىلىشنى ئويلىشىۋېتىپتۇدەك، بۇنى ئاڭلاپ بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ، تۈكلىرىم تەتۈرگە ئۆرۈلۈپ كەتتى. مەن كۆزگە ئىلمىغان بۇ مەكتەپ مېنى تاشلىۋېتىش ئالدىدا تۇراتتى، قېرىغانچە ھەسەتخورلىشىپ كەتكەن سىنىپ مەسئۇلى،  مېنىڭ ئەسلىدىنلا مۇنەۋۋۋەر ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىمنى بىلمەيدىغان مەكتەپ مۇدىرى، مېنىڭ بەك ئويناپ كەتكىنىمگە چىدىماي قالغان ئىنجىمارۇق ساۋاقداشلىرىم مېنى كۆزدىن يوقاتماقچى بولۇشقانىدى.  شۇنىڭدىن كېيىن بىردىنلا چۈشكۈنلىشىپ، كۆزۈمگە ھەممە نېمە سەت كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى. ھۇزۇرۇم قاچتى، يېگەن تاماقلىرىم، سۈرگەن لەززەتلىرىم تېتىمايدىغان بولۇپ قالدى، سىنىپ مەسئۇلىنى، فاكۇلتېت مۇدىرىنى ئىزدەپ يالۋۇردۇم، بۇنىڭدىن كېيىن قەتئىي دەرس قالدۇرمايدىغانلىقىم توغرۇلۇق ۋەدە بەردىم. ئۇلار بۇتتەك قېتىۋېلىپ،  ساڭا شۇنچە ئاگاھلاندۇرۇش بەرسەك ئاڭلىمىدىڭ، ئەمدى ئىدىيەڭدە تەييارلىق كۆرۈپ قوي دېدى. بەلكىم مەندىن بىر نەرسە تامە قىلدى. قاشتېشى بېرەي دېسەم، ھېچنېمە يوق. پۇل بېرەي دېسەم ئاز پۇلغا ئۇنىمايدۇ. ھەتتا تېخى ئىستىلىنى پەش قىلىپ مېنى تېخىمۇ ئوسال قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىنىپ مەسئۇلىغا ئۇزۇن بىر پارچە خەت يازدىم،  ئۆزەمنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەن نامرات ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىمنى، پۇل تېپىش ئۈچۈن سىرتلاردا ئىشلىگەنلىكىمنى، ماڭا بۇنداق ئوقۇش پۇرسىتىنىڭ ئاسان قولغا كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېتىۋار قىلىشى لازىملىقىنى، ئاخىرقى قېتىم پۇرسەت بەرسە ئەڭ ئاقىلانىلىق بولىدىغانلىقىنى، تەكىلماكاندىن كەلگەن بىر ياشنىڭ ئىستىقبالىنى مۇشۇنداقلا نابۇت قىلىۋەتسە بولمايدىغانلىقىنى، كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدىم. سىنىپ مۇدىرى بۇنىڭغا جاۋاب بەرمىدى، چىرايىنىمۇ ئاچمىدى، ھېچ بولمىسا مېنى چاقىرىپ «توختا تۇر، مۇزاكىرىلىشىۋاتىمىز» دېگەن گەپنىمۇ   قىلمىدى.  بارا-بارا ۋەھىمىگە چۈشتۈم، خېتىمدىكى مەزمۇنلارنى ئويلاپ، ئۆزەمنىڭ ئاجىز ئورۇندا تۇرۇپ ئۇلارغا يالۋۇرماقتا يوق، تەھدىت ئارىلاش مەسلىھەت سالغانلىقىمنى ئويلاپ، جىلە بولۇپ، دۆتلۈكۈمدىن ئاغرىنىشقا باشلىدىم.

خوشىنونى كۆرسەملا سەپرايىم ئۆرلەيتتىم، ھەتتا يۈزىدىن يۈزىگە: ھەممىگە سەن سەۋەبچى، ماڭا پاقىدەك چاپلىشىۋالمىغان بولساڭ، دەرستىن قالمايتتىم. مېنى ئۆزەڭنىڭ قىلىۋالمىغان بولساڭ، مەن ئۆزەمگە ئىگە بولالايتتىم. مېنى مەكتەپتىن قوغلىۋېتىپ قالسا، ئاتا-ئانامنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن؟ دېدىم. ئۇ ماڭا قاراپ مەسخىرىلىك كۈلدى:

— ھەي،  ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ياشايدىغان ئەخمەق، سەن بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ يۈرگەندە ئاتا-ئاناڭ نەدە قالغان؟ ماڭا ئېسىلىپ چاپلىشىپ يۈرگەندەك كاللاڭ نەگە كەتكەن؟ ھازىرمۇ كاللاڭ ئىشلىمەيۋاتىدۇ، دۆت قاپاق!

غەزەپتىن تىترەپ كەتتىم، بېرىپلا ئۇنى ئۇرىۋەتكۈم كەلدى، ئەمما قولۇم شۇنداق تەگكەن ھامان ئۇنىڭدىنمۇ قۇرۇق قالىدىغانلىقىمنى ئويلاپ توختاپ قالدىم. ئۇ سۆزلەۋەردى:

— مەن بۇ  مەكتەپلەرنىڭ مۇنداق تۈزۈمنى بارلىقىنى نەدىن بىلەي! ئەگەر شۇنچىلىك دەرس قالدۇرغانغا قوغلىۋېتىدىغان ئىش بولسا، بۇنداق مەكتەپتە ئوقۇمىغان تۈزۈك، بۇنداق مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت! قوغلىۋېتىدىغان ئىش بولسا، تىرىشىپ ئۆگەنمەيدىغان، سىناقتىن ئۆتەلمەيدىغان، ماقالە يازالمايدىغانلارنى قوغلىۋېتىش كېرەكقۇ؟ لېكىن بۇمۇ خاتا، ئۇلارنى يېتەكلەش كېرەك، بۇنىڭدىنمۇ مەغلۇب بولسا بۇ مەكتەپنىڭ مەسئۇلىيىتى. جۇڭگوغا كېلىپ شۇنى كۆردۈمكى، بۇ دۆلەتنىڭ مائارىپى بەك قالاقكەن، ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ سۈپىتى تۆۋەنكەن، ئوقۇغۇسى يوق ئادەم مەجبۇرىي ئوقۇيدىكەن، بۇنداق مەكتەپتە ئوقۇغۇم يوق، باشقا ئىش قىلاي دېمەيدىكەن؛ مەكتەپمۇ ئۇلارنى مەجبۇرىي ئوقۇتىدىكەن، ئوقۇتالمىسا قوغلايدىكەن. بۇ دۆلەتتىكى ئالدامچىلىق ۋە ئىسراپچىلىق ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، شۇڭا مەن بۇ يەردە ئۇزۇن تۇرمايمەن، ھەر قېتىم دۆلىتىمىگە قايتسام، بىر مۇنچە خاتا ئىشلارنى قىلىپ كۈلكىگە قالىمەن، نېمىشقا دەمسەن؟ بۇ يەرگە كۆنۈپ كەتكەنلىك بولمامدۇ؟ شۇڭا مەن  بۇ يەردىن كېتىشكە ئالدىرايمەن، ساڭا كۆپ ساقلاپ تۇرالمايمەن، توي ئىشىمىزنى كەينىگە سۈرمە، ئاتا-ئاناڭنى قايىل قىل. مەكتەپتىن قوغلاندى قىلىدىغان بولدى دەپ مەن بىلەن تاكاللاشما، ئۇنداق مەكتەپ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ، ئۆزەڭگە ئىشەن!

ئۇنىڭغا قاراپ چەكچىيىپ تۇرۇپ قالدىم، ئۇ بۇ ئىشنى قېتىغىمۇ ئېلىپ قويمىدى. دېمەك، مېنىڭ مەكتەپتىن بالدۇرراق قوغلىنىشىمنى ئۈمىد قىلىدۇ، ھەتتا مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن بۇ ئىشنى ئالدىن پىلانلىدى، جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇنداق تۈزۈمى بارلىقىنى بۇ بىلمەي قالمايدۇ، ئاغزىدا جۇڭگو مائارىپىنى تىللىغان بىلەن ئەمەلىيەتتە بۇ مائارىپنى ئېتىراپ قىلىدۇ، بولمىسا نېمىشقا بۇ يەرگە كېلىپ ئوقۇيدۇ؟

ئالىي مەكتەپتىن قوغلاندى دېگەن گەپ ئون نەچچە يىللىق ئوقۇشۇم ۋەيران بولدى دېگەن گەپ، ئاتا-ئانام ۋە دوست-دۈشمەنلىرىم ئالدىدا رەسۋا بولدۇم دېگەن گەپ. ماڭا بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر ئىش بولامدۇ؟ ئادەتتە تاپىنىمدا مىجىلىپ تۇرىدىغان بۇ مەكتەپ ئەمدى بېشىمغا يىقىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، كۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چۇماق دېگەن مانا شۇ.  خوشىنو ماڭا تەسەللىي  بەرمەكتە يوق، يارامغا تۇز سەپتى؛ دەردىمگە يەتمەكتە يوق، ئەكسىچە غەزەپ ئوتۇمنى ئۇلغايتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى باشلىۋەتتىم، ئۆزەم خۇشال بولمغاندىكىن ئۇنىمۇ خۇشال قىلمىدىم، ئۆزەم چۈشكۈنلىشىپ تۇرغاندىكىن، ئۇنىمۇ چۈشكۈنلەشتۈرۈپ ساراڭ قىلىۋەتتىم. ئۆزەم جىلە بولۇپ، ئاللىكىملەرگە غەزەبلىنىپ تۇرغاندىكىن، ئۇنىمۇ غەزەبلەندۈرۈپ، ئۆزەمگە ئۆچ قىلىۋەتتىم. سەن بىلەن ھەرگىز توي قىلمايمەن دېدىم،  بىللە بولغاندا يۈزىگە تۈكۈرۈۋەتكىلى تاس قالدىم، ئەڭ بولمىغاندا، ئۆزەم باشتا نەپسىمنى قاندۇرۇۋېلىپ، ئۇنى يېرىم قالدۇرۇپ جىلە قىلدىم، تېرىكتۈردۈم، جېنىنى چىقاردىم. شۇنداق قىلىپ، ئەڭ ئاخىردا بىر مەيدان قاتتىق جەڭ بىلەن ئىشىمىزنى ھەل قىلدۇق،  ئادا-جۇدا بولدۇق، تۈگەشتۇق.

ئۇنىڭغا باغلانغان شىرىن ئەسلىمىلىرىم گۈللەر ئارىسىدا ئۇچۇپ يۈرگەن كېپىنەكتەك شۇنچە چىرايلىق، شۇنچە يەڭگىل، شۇنچە لەرزان. بىراق ئاخىرقى كۈنلەردىكى جەڭ-جېدەل ۋە ئۆچمەنلىكلىرىمىز ئۆمۈچۈكتەك تور توقۇپ ئۇ كېپىنەكنى پارچىلاپ يەۋەتتى. كۆز ئالدىمدا ھامان شۇ مەنزىرە، ئۇنىڭ نەپرەتتىن چەكچەيگەن قورقۇنچلۇق كۆزلىرى، جاۋغىيىدىن ئېقىۋاتقان قان، سېلىنىپ كەتكەن ئاياغ… بىر ئىستاكان سۈزۈك سۇغا بىر تېمىم قارا سىياھ تېمىپ كەتسە، ھەممىنى بۇلغايدۇ، ھەممىنى قارا قىلىدۇ. بىرسىنى بىر كۈن كۈلدۈرۈپ، ئاخىرىدا بىر ئېغىز گەپ بىلەن ھاقارەتلىسە، كۈلكىلىرىنى تامامەن ئۇنتۇپ، شۇ ھاقارەتنى مەڭگۈ ئەسلەيدۇ.  مېنىڭ راست-يالغان مۇھەببىتىمدىن، ئەركەكلىك كۈچۈمدىن نەچچە ئاي ھۇزۇرلانغان خوشىنومۇ بۇلارنى ئۇنتۇپ قېلىپ، مېنىڭ قاتتىق مۇشتۇمنى نەپرەت بىلەن ئەسلەيدۇ. بۇ يۈزسىزلىك، بۇ شەرمەندىلىك بارچە نائىنساپلىق ۋە ئۆچمەنلىكنىڭ مەنبەسى. ئەگەر خوشىنو ئىنسان تەبىئىتىدىكى بۇ ئاجىزلىقنى، بۇ يۈزسىزلىكنى يېڭەلىسە، خېتىمدىن تەسىرلىنىپ مېنى بۇ يەردىن قۇتۇلدۇرىدۇ. دادامنىڭ پۇل بىلەن مېنى كېپىللىككە ئېلىپ چىقىشىدىن ئانچە ئۈمىد كۈتۈپ كەتمەيمەن، چۈنكى ماڭا خېلىلا ئېغىر جىنايەت ئارتىلدى، بۇ جىنايەتنى پەقەت ئەرز قىلغۇچىلا يەڭگىللىتەلەيدۇ ياكى يوق قىلالايدۇ. ئەگەر خوشىنو مېنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان، ماڭا قىيالمايدىغان بولسا، مېنى ئۆزىنىڭ شەرتىگە كۆندۈرۈش ئارقىلىق بۇ يەردىن ئېلىپ چىقىدۇ. شەرتىگە كۆنمەي ئىلاجىم يوق، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلساممۇ بولىۋېرىدۇ، ئەگەر مۇسۇلمان قىلسام ئاتا-ئاناممۇ قوشۇلىدۇ، ساۋاب تاپىمەن…

بۇ خىيالىمدىن قانائەتلىنىپ، تەسەۋۋۇرۇمدىن قاناتلىنىپ، گۈزەل تۇرمۇشۇمنىڭ پىلانىنى سوقۇپ يۈرگىنىمدە، خوشىنودىن خەت كەلدى. بۇ جاپالىق، زېرىكىشلىك كۈنلىرىمدە سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتكەن نەرسەم ئاخىر قولۇمغا تەگدى، شۇ چاغدا يېنىمدىكى كاتەككە بىرسىنى سولىدى، ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ ئادەم سوققان بىرى ئوخشايدۇ، ئالىجوقى سۆزلەپ توۋلايتتى، « ئانا… مېنى كەچۈر» دەپ ھۆڭرەپ يىغلايتتى. بۇ يىغا-زارىنى ئاڭلىغاچ خەتنى ئوقۇشقا باشلىدىم:

تۈرمىدىكى كۈنلىرىڭ ياخشى ئۆتۈۋاتامدۇ؟ مېنى شۇ يەردە ئەسلەپ تۇرغىنىڭغا رەھمەت. مەن سەن بىلەن ئادا-جۇدا بولغاندىن كېيىن دۆلىتىمگە قايتىپ كەتتىم، خېتىڭنى ياتىقىمدىكى دوستۇم ماڭا ئەۋەتىپ بەردى. خېتىڭنى ئوقۇدۇم، يالغاننى جىق توقۇپسەن، ئوقۇپ بولۇپ يىرتىپ تاشلىۋەتتىم، سەمىمىيەتسىز ئەبلەخ! سېنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن. نېمىشقا ماڭا راستىڭنى دېمەيسەن؟ مېنى تىللاپ يازغان بولساڭ ئىشىنەتتىم، ئەمما بۇ گەپلىرىڭگە ئىشەنمىدىم، مېنى شۇنچە دۆت كۆرۈپ قالدىڭما؟ مەن بىلەن بىللە يۈرگەن چېغىڭدا نېمىشقا شۇ گەپلەرنى دېمەيسەن؟ سېنىڭ يالغانچىلىقىڭنى، مەندىن پايدىلىنىش ئۈچۈنلا مۇھەببىتىم بولۇۋالغىنىڭنى بىلسەممۇ، سېنى ياخشى كۆرگەچكە مەيلى دېدىم. مېنى ياپونلۇق دەپ ھۆرمەتلەيدىغانلىقىڭنى، ئەمما چىن دىلىڭدىن سۆيمەيدىغانلىقىڭنى ئوبدان بىلىمەن. سېنى ياخشى كۆرگەچكىلا ھەممىگە چىدىدىم، نۇرغۇن پۇل خەجلىدىم، ھەممىنى ئۆزەم خالاپ قىلغاچقا، بۇنىڭغا ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن.  سەن مېنى ئەمەس ئاتا-ئاناڭنى ياخشى كۆرىسەن،  ياق، ئاتا-ئاناڭنى ئەمەس، ئۆزەڭنى بەك ياخشى كۆرىسەن، چىرايلىق قىزلارنى كۆرسەڭ نەپسىڭ تاقىلداپ كېتىدۇ، ئەمما ئۇلارغا ئېرىشەلمەيسەن، بىچارە ئەبلەخ! سەندە مەسئۇلىيەت دېگەن نېمە يوق، نەپسىڭ قانسىلا بولدى، قالغىنى بىلەن چاتىقىڭ يوق. تۈرمىدىن ئەچىقىپ قويسام، مەن بىلەن توي قىامسەن؟ بۇمۇ ناتايىن، سەندەك مىجەزدىكى ئادەم گېپىدە تۇرمايدۇ، مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن داۋاملىق ساختىپەزلىك قىلىدۇ. جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكى، ئالدامچىلىقى، ساختىلىقى دۇنياغا مەشھۇر، سەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، ئۆزەڭنى ئاقلايمەن دەپ ئاۋارە بولما.

مېنى ئۇرغان كۈنۈڭدىن باشلاپ سەن مېنىڭ قەلبىمدە يوق، بىلدىڭمۇ نامەرت ئەبلەخ! ھېچكىم ئۆزىنىڭ ياخشى ئادىمىنى ئۇرمايدۇ، ئۇرسىمۇ ئۇنداق ئۆچمەنلىك، قەھرى-غەزەپ بىلەن ئۇرمايدۇ. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، تاياق يېگۈچىنىڭ قەلبىدىكى ئۆچمەنلىكنى ئاسانلىقچە يوقىتالمايدۇ. مەن بۇ ئۆمرۈمدە ھېچكىمدىن  تاياق يېمەي سەندىن يېدىم، يېگەندىمۇ ئۆلگۈدەك يېدىم. نەپرىتىم قايناپ تاشتى، سېنى ئۆلتۈرۈۋەتكۈم كەلدى، لېكىن سەن كۈچلۈك، مەن ئاجىز بولغاچقا، باشقا ئۇسۇل بىلەن ئىنتىقامىمنى ئالدىم. مېنى ئۇرغان شۇ قولۇڭ قۇرۇپ كەتسۇن، ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان قاپاق كاللاڭ چىرىپ كەتسۇن، سەن بۇ جازاغا لايىق، تۈرمىدىن چىقىمەن دەپ خام خىيال قىلما!

سەن خىيالىڭدا ياپون ئاياللىرى ئەرلەرگە بوزەك بولىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ؟ ئەگەر بوزەك قىلىمەن دېسەڭ، سەنمۇ ياپون ئەرلىرىدەك سەمىمىي، كۆيۈمچان، ھەقىقىي ئەركەك بولۇپ كەل! يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئەينى چاغدا سېنىڭ نەرىڭنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمغا ھەيران قېلىۋاتىمەن. مېنى مەلۇم جەھەتتە رازى قىلغىنىڭ راست، لېكىن بۇ ئىقتىدارىڭغا بەك ئىشىنىپ كەتتىڭ،  ئۇنىڭدىن ئېشىپ ماڭا ھايۋانلىق قىلغۇدەك، زوراۋانلىق قىلغۇدەك دەرىجىگە يەتتىڭ. مېنى ئەقلىڭ، مىجەزىڭ، سەمىمىيلىكىڭ بىلەن ئەمەس، قارا كۈچۈڭ، تەلۋىلىكىڭ بىلەن بويسۇندۇرماقچى بولدۇڭ. ياپون ئاياللىرى قوپاللىققا، زوراۋانلىققا ئامراق دەپ ئويلىغانمىدىڭ؟ دۆتلۈكۈڭگە ھەيرانمەن. 

مەن بىلەن شۇنچە ئاي بىللە ياشاپ مېنى چۈشەنمىگەن، ھالىمغا يەتمىگەن بولساڭمۇ، ساڭا پۈتۈن سەمىمىيىتىم، راستچىللىقىم بىلەن مۇئامىلە قىلدىم، ساڭا كۆيۈندۈم، شۇنچە چەكىلىمىلەرگە قارىماي سەن بىلەن توي قىلىشنى ئويلىدىم، لېكىن سەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەندىكى ئاجىزلىق، بېقىندىلىق دەپ چۈشەندىڭ، مەن بىر ئىش قىلسام ئاخىرىنى چىقىرىشقا تىرىشىمەن، جاھاندا ئۆزگەرمەيدىغان نەرسە يوق دەپ ئۆزگەرتىپ بېقىشقا ئۇرۇنىمەن، ئەمما سەن قېتىپ كەتكەن داشقال ئىكەنسەن. سېنى ئالتۇن قىلىمەن دەپ بىكار ئاۋارە بوپتىمەن، ئۆزگەرتىمەن دېگەنچە ھەددىڭدىن ئاشتىڭ، ئاخىردا پېشانەمگە تېگىپ بېشىمنى ياردىڭ. شۇ چاغدا ئاندىن ئۆزەمنىڭ سەندىنمۇ ئۆتە دۆت ئىكەنلىكىمنى چۈشەندىم. ياخشى كۆرۈش ئادەمنى ھەقىقەتەن قارغۇ، گاس، گاچا، كالۋا قىلىپ قويىدىكەن. ئۆزەمگە ئېچىنىمەن.  ئاخىرقى ھېسابتا، نېمە ئاجىزلىقىم بارلىقىنى، نېمىنى خاتا قىلغانلىقىمنى، ئۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلۇشۇم كېرەكلىكىنى بىلىۋالدىم.

سەن ئەمدى مەن توغرۇلۇق خام خىيال قىلما، بۇ قېتىمقى خېتىڭ ئارقىلىق ئۆزەڭنىڭ نەقەدەر چاكىنا، ئەرزىمەس ئادەملىكىڭنى ئىسپاتلىدىڭ. ساڭا بولغان ئازغىنە ھېسداشلىق ۋە ساراڭدەك سېغىنىشلىرىمنىمۇ يوق قىلدىڭ. جازادىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تاپقان ئويۇنىڭنى قارا! ئويلىساملا كۈلىمەن، سەن باشتىن ئاخىر مېنى ئالداپ، مەندىن پايدىلىنىپلا كەلگەچكە، بۇ قېتىممۇ مېنىڭ ئاجىزلىقىمدىن پايدىلىنىپ مەقسىتىڭگە يەتمەكچى بولدۇڭ.  ئۆزەڭنى  قانچىلىك ئەقىللىق چاغلىساڭ، باشقىلار ئالدىدا شۇنچە دۆت كۆرۈنىسەن. بۇنى ئۇنتۇپ قالما. كاللاڭنى سىلكىۋېتىپ ياشا، ئۆتكەن قىلمىشلىرىم ئۈچۈن بۇ جازانى تارتىشقا ھەقلىقمەن، جازا ئارقىلىق گۇناھىمنى يۇيىمەن دەپ ئويلا. سېنىڭ ھەر كۈنى پۇشايمان قىلىشىڭنى، قايتىدىن ئادەم بولۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىمەن.    سەندىن قاتتىق نەپرەتلىنىدىغان دۆت ئاشىقىڭ: خوشىنو

خەتنى ئوقۇپ ئاچچىقىمدا يىرتىپ-يىرتىپ، تاكى قەغەزلىرى قولۇمغا چىقمىغۇدەك دەرىجىدە ئۇششاق تىتىۋەتتىم. دېمەك، مەن دەرىجىدىن تاشقىرى ماز ئىدىم، ئۆزەم نەچچە ئاي خوتۇن قىلغان مايماقنىڭ ئەسلىدە نېمە ئويلايدىغانلىقىنى بىلمەي يۈرگەن ھاماقەت ئىدىم، تاياق يېگەن خوتۇننىڭ نەپرىتىنىڭ بۇنچە كۈچلۈك بولىدىغانلىقىنى پەملىيەلمىگەن قاپاق ئىدىم. دېمەك، ئۇنى ئۇرۇپ توغرا قىپتىمەن، توي قىلماي توغرا قىپتىمەن، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، شاپتۇلدەك شۈمۈپ يەپ كېرىكى قالمىغاندا تاشلىۋېتىپ توغرا قىلىپتىمەن!

ئۇنى ئويلىغانچە غەزىپىم تاشتى، ۋۇي قىساسكار چايان!  ياپون خوتۇنلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق يۈزسىز، رەسۋا، ساراڭ بولامدىغاندۇ ياكى  جاھاندىكى خوتۇنلارنىڭ ھەممىسى شۇنداقمىدۇ؟ دەل مۇشۇ پەيتتە خوشىنو بىلەن بىللە ماڭغان چېغىمدا ماڭا ئەجەبلىنىپ قاراپ كەتكەن ئۇيغۇر قىزلىرى خىيالىمغا كېلىۋېلىپ ئارامىمنى بۇزدى، بىزنىمۇ ساددا، ئەخمەق دەپ ئويلاپ قالما، قىزلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش… دەپ مەسخىرىلىك كۈلۈشتى. خوشىنونى خوتۇن قىلغاندا، بۇرۇن سېھىرلىك، سىرلىق تۇيۇلىدىغان ئىشلارنىڭ قىززىقى قالمىغاندا، قىزلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش، تەلىپى ئوخشاش، قوغلىشىدىغان نەرسىلىرى ئوخشاش، ھاجىتىنى راۋا قىلساملا ئالدىمغا كېلىدۇ، ئوغۇللۇق جاسارەتكە ئېگىلمەيدىغان قىز يوق،  ئۇلارنى مەندەك چۈشىنىدىغان ئادەم يوق، ئەگەر ۋاقتىم، ئىمكانىيىتىم بولسىدى، نەچچە قىزنى ئالقىنىمدا ئوينىتاتتىم… دېگەندەك خىياللاردا بولغىنىم ئېسىمدە، بۇ خىياللار ئەسلىدىكى يوشۇرۇن ئىستەكلىرىمنى جانلاندۇرۇپ، خاراكتېرىمنى كۈچلۈك قىلىۋەتكەنىدى، ئاقسالىشىپ كەتكەنىدىم. بەزى قىزلار ھەقىقەتەن ماڭا قىزىقىپ قارىغان، بىر قاراپلا ئۇلارنى ئىككى كۈندە كەلتۈرۈۋېتەلەيمەن دەپ ئويلىغان، ئۇ مېنىڭ تازا ئۇچۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم ئىدى. گويا كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان بۈركۈت ئىدىم، مەكتەپتىكى پۈتۈن توشقانلارنى ئوۋلىيالايدىغان ئۆتكۈر كۆز، قاراملىق، جاسارەت، ماھارەت مەندە بار ئىدى، ئۇزاق مەنزىللەرگە بارالايمەن، نىشانىمغا يېتەلەيمەن دەپ ئويلايتتىم، بىراق ئۆلگۈر خوشىنو قاناتلىرىمنى ئۇرۇپ يەرگە چۈشۈرۈپ، باغرىمنى قان قىلدى. ئازغىنە ئۈمىدىمنى يوققا چىقىرىپ، غۇرۇرۇمنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى.

ئاچچىقىمدا ئۇنىڭغا خەت يازدىم، ئەپسانە گەپلەر بىلەن تىللىدىم، ياخشى ئىشلىرىمنى ئىنكار قىلىپ، يامان ئىشلىرىمنى ماختىدىم. ئۇنى ئۇرۇپ پۇخادىن چىققانلىقىمنى، غۇرۇرۇمنى ئاقلىغانلىقىمنى ئېيتتىم.  ھەتتا بۇنىڭغىمۇ قانائەتلەنمەي،  ياپون ئالۋاستىلىرىدىن ئۆچ ئېلىشنىڭ نەقەدەر كۆڭۈللۈك بولىدىغانلىقىنى ئېيتماقچى بولدۇم، بىراق ئۇنداق يازمىدىم. بۇ گەپلەر ئۇنىڭغا كۈلكە بولۇپ بېرەتتى. خەتتە مەن ئۇنى ئىككى ئابزاس تىللاپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دېدىم:

راست دەيسەن، خېتىمدە دېگەن گەپلىرىمنىڭ ھەممىسىنى يالغان، سەن مېنىڭ نەزەرىمدە جىنسىي ھەۋەسنى قاندۇرۇشتىن باشقىغا يارىمايدىغان سۇلياۋ قوچاق!  سۇلياۋ قوچاقتىن پەرقىڭ شۇكى، ئازراق جېنىڭ بار، كالتە  پەمىڭ بار. ئەمەلىيەتتە سېنىڭ چىشى مايمۇنچىلىكمۇ ئەقلىڭ يوق. مايمۇن جېنىدا ئۆزىنىڭ جۇپتىغا ئاسىيلىق قىلمايدۇ، نەپسىنى قاندۇرۇۋېلىپلا قوڭىنى چۆرۈپ كەتمەيدۇ، يىراققا بېرىۋېلىپ سەندەك چىقىراپ تىللىمايدۇ. تېخى مەندىن پايدىلاندىڭ دەپسەن،  سەن باشتا مەندىن پايدىلاندىڭ، ئاندىن مەن سەندىن پايدىلاندىم. بۇ سودىنى سەن مەندىن ياخشى بىلىسەن، ھەرگىز بىكار ئىش قىلمايسەن (ئەگەر ياپونلۇقلار ئىچىدىن چىققان ئەڭ دۆت بىرسى بولساڭ بۇ باشقا)، ئاخىرقى ھېسابتا نەپسىڭنى قاندۇرۇپ، مېنى ئۆزەڭگە ئۇرغۇزۇپ، مەقسىتىڭگە يەتتىڭ!  يەنە داۋاملىق مېنىڭ غەزىپىمىنى ئۆرلىتىپ «مېنى تىللا، مېنى تىللا» دەپ تۇرىسەن ۋۇي خارلىنىش سارىڭى! سەندەك بىنورمال، ئەسەبىي مەخلۇققا ئەمدى ھەرگىز يېلىنمايمەن،  سېنى لەنەت-نەپرەت تۈۋرۈكىگە مىخلاپ، كۈندە يۈز قېتىم تۈكۈرۈپ تۇرىمەن.

خەتنى يېزىپ بولۇپ پۇخادىن چىققاندەك بولدۇم، ئۇنىڭ يۈزسىزلىكى، رەسۋالىقىغا مۇشۇنداق قاتتىق تەگمىسەم ئۇنى رازى قىلالمايتتىم. ئۇنىڭ تەبىئىتىدىن ياپونلۇقلارنىڭ تەلۋىلىكىنى، زوراۋانلىق بىلەن جىنسىي ھاياجاننى، تىل-ھاقارەت بىلەن مۇھەببەتنى بىرلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلاتتىم. ئۇنىڭ ساراڭلىقى مېنى دەھشەت تېرىكتۈرگەن بىلەن ئىچىمدە يەنە بىر خىل ئەسەبىيلىك ۋە ياۋايى ئىستەك قوزغايتتى. ئۆتكەنكى قېتىمدا ئەگەر ئۆز تەپەككۇرۇم بىلەن ئەمەس، ئۇ ساراڭنىڭ تەپەككۇرى بويىچە خەت يازغان بولسام، ئۈنۈمى باشقىچە بولاتتىكەن. «مەن سەندىن ھەر كۈنى نەپرەتلىنىمەن، ئەگەر تۈرمىدىن قۇتۇلسام بىرىنچى بولۇپ سېنى ئىزدەپ تېپىپ، گېلىڭدىن بوغۇپ، نەپسىڭنى قاندۇرۇپ بولۇپ ئاندىن سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن»دېگەن بولسام، ئۇ بۇنى راست دەپ چۈشىنىپ، نېرۋىسىنى ئاداشتۇرىدىغان غىدىق ئىزدەپ، ئالدىمغا كېلەرمىدى؟  بۇنىڭدىنمۇ گۇمانلىنىمەن، ئەگەر ئۇ راستىنلا خارلىنىش سارىڭى بولغان بولسا، تاياق يېگەنگە ئۇنچە سەكرەپ، مېنى سولىتىۋەتمەس بولغىيدى، تايىقىنى يەپ بولۇپ  مەن بىلەن ئەسەبىيلەرچە ياشاۋەرگەن بولار ئىدى.  ئىشقىلىپ، بۇ مەخلۇقنى يەنىلا چۈشەنمەيدىكەنمەن.  تىل-ھاقارەتكە توشقان بۇ خېتىمنى كۆرسە مېنى سېغىنىشى مۇمكىن، يا بولمىسا ئاۋۋالقىدەك نەپرەتلىنىشى مۇمكىن، ئۇنىمۇ بىلمەيمەن.

ئىككى ھەپتىدىن كېيىن دادام، ئاپاملار بېيجىڭغا كېلىپ، مەن بىلەن كۆرۈشەلمەي خەت كىرگۈزۈپتۇ: بالام، سېنىڭ ئەنزەڭ تەپتىش ئورۇنلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغىچە كۆرۈشەلمەيدىكەنمىز، ئادۋوكات ئىزدەپ باقساق، 100 مىڭ كويدىن چۈشمەيۋاتىدۇ. ئۆزەڭ بىلىسەن، بىز مائاشقا تايىنىپ ئاران ياشاۋاتقان ئادەملەر، ئۇنچىلىك جىق پۇلنى نەدىن تاپىمىز. بۇ يەردە بىر كۈنلۈك ياتاقنىڭ ھەققى پالانى پۇلكەن، جىق تۇرالمىغۇدەكمىز، سىڭلىڭ قوشنىلارنىڭكىدە قالغان، ئۇنىڭ تېنى بەك ئاجىزلاپ كەتتى، كېسىلىنى داۋالاتمىساق تېخى بولمايدۇ، ئۇنىڭغىمۇ پۇل كېرەك. مۇھتاجلىق يامانكەن بالام، سېنى ئاللاھقا تاپشۇرۇشتىن باشقا چارىمىز قالمىدى، ئاپاڭغىمۇ جىق تەسەللىي بەردىم، بىزنى بۇ كۈنگە قويمىغان بولساڭ ياخشى بولار ئىدى، بولغۇلۇق بولدى، ئاللاھ تائالا ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلار، بىزنىڭ ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ يۆلەنچۈكىمىز يوق، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىدىن باشقا ھېچ ئۈمىدىمىز يوق. نەرسە-كېرەكلىرىڭنى ساقچىلار قولىمىزغا تاپشۇرۇپ بەردى، ئۆزەڭگە لازىملىق نەرسىلەرنى، كىتابلىرىڭنى ساقچىلارغا بېرىپ قويدۇق، قۇرئانمۇ باردەك قىلىدۇ، بىكار قالغاندا ئوقارسەن. 

كۆزىمىز كەينىدە قالدى، شۇنداقتىمۇ سەۋر قىلدۇق ئوغلۇم، سېنى ئاللاھقا تاپشۇردۇق،  بىزدەك سەۋرچان بول، ئۆزگىرىپ ياخشى ئادەم بول، تۆمۈر ئوتتا تاۋلانغاندەك، ئادەممۇ قىيىن كۈنلەردە تاۋلىنىدۇ. ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا، ئۈمىدىڭنى ھەرگىز يوقاتما. سوت ئاچقاندا كېلىشىمىز مۇمكىن، ئاڭغىچە ئۆزەڭنى كۆپ ئاسرا.

داداڭ ۋە ئاناڭ

خەتنى ئوقۇپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى، ئەمما ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەن بولسام كۆڭلۈم تېخىمۇ بۇزۇلۇپ، نەچچە كۈنگىچە ئۇلارنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدىن كەتمىگەن بولاتتى. كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان بەزى ئىشلار ئەمەلىيەتتە بىزگە پايدىلىق. بىر ئىشنى ئادەتلەنگەن تەپەككۇر بويىچە ئەمەس، ھالقىما تەپەككۇر، تەتۈر تەپەككۇر بىلەنمۇ ئويلاپ بېقىش كېرەك. شۇ چاغدا كۆڭۈل راھەتلىنىدۇ، بىرلا ئىدىيە، بىرلا كەيپىياتنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، يېڭى-يېڭى بايقاشلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

داۋامى بار...

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2