公益 سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە تەكلىپ
ئۇيغۇر سوفت تور لۇغىتىدىن كۆرۈشۈمچە، 公益 نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى «جامائەت پاراۋانلىقى، ئومومىي مەنپەئەت، جامائەت مەنپەئەتى» دەپ ئۈچ خىل قېلىپلاشتۇرۇپتۇ. ھازىر شۇ قېلىپلاشتۇرغىنى بويىچە، كۆپىنچە گېزىت- ژورنال ۋە مەتبۇئاتلاردا «جامائەت پاراۋانلىقى» دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ. لېكىن مۇشۇ 公益 ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان كۆپىنچە ئۇيغۇرلار بولسا 公益团队، 公益活动 دېگەندەك ئىبارىلەرنى ئېغىز تىلىدا «ساخاۋەت ئەترىتى»، «ساخاۋەت پائالىيەتلىرى» دەپ ئىشلىتىۋاتىدۇ، ھەتتا بەزى خەۋەرلەردىمۇ مۇشۇنداق ئېلىۋاتىدۇ.
شۇنداق بولغاندا، ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتتا قېلىپلاشقان بۇ ئاتالغۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىككى خىل ئىشلىتىلمەكتە. يەنى يېزىقتا «جامائەت پاراۋانلىقى»، ئېغىز تىلىدا «ساخاۋەت» دەپ. ئۇنىڭدىن باشقا، «جامائەت پاراۋانلىقى» نى خەنزۇچىغا قايتۇرۇپ تەرجىمە قىلساق، 公众福利 ياكى 公共福利 دېگەندەك ئىبارە چىقىدۇ. بۇ يەردە ئېنىقكى، 公益 بىلەن 福利 ئىككىسى بىر- بىرىگە بەكلا مۇناسىۋەتسىز ئىككى ساھە (ئالدىغا «جامائەت» سۆزىنى قوشىۋالغان بىلەن). بۇ ھالدا، 公益 بىلەن 公共福利 سۆزى ئوخشاشلا «جامائەت پاراۋانلىقى» دەپ ئاتىلىپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوخشىمىغان ئىككى ئىبارىنى ئوخشاش بىر سۆز بىلەن ئىپادىلەيدىغان ئاتالغۇ قالايمىقانچىلىقى كېلىپ چىقىدۇ.
پاراۋانلىق (福利) ئادەتتە دۆلەتنىڭ ياكى چوڭ كارخانىنىڭ ئاۋامغا ياكى خادىملارغا قاراتقان بەھرىمان بولۇش تۈزۈملىرىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئالىي مەكتەپتە ھەقسىز ئوقۇش، ئاغرىپ قالسا ھەقسىز داۋالىنىش، ئىشلىمىسىمۇ مۇئاش بېرىش دېگەندەك. دۆلىتىمىزدە بولسا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، يەسىلىنى ھەقسىز قىلىش دېگەندەكلار پاراۋانلىققا يېتىپ قالىدۇ. يەنە بەزى چوڭ كارخانىلار خادىملىرىغا ھەقسىز ئۆي تارقىتىدۇ، تۇغسا كۈتۈنۈش پۇلى بېرىدۇ دېگەندەك. بۇلارنىڭ ھەممىسى پاراۋانلىق تۈزۈملىرى ھېساپلىنىدۇ. لېكىن بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان 公益 بۇ خىل پاراۋانلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئايرىم مەسىلە.
公益 بولسا خەنزۇ تىلىدا يېڭى پەيدا بولغان ئاتالغۇ، تولۇقى 公共利益 دەپ يېزىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى «ئومومنىڭ مەنپەئەتى» دېگەنلىك بولۇپ، بىز بەزىدە «ئەلنەپ» ياكى «ئەلنەپچىلىك» دەپمۇ ئېلىۋاتىمىز. چۈنكى «جامائەت پاراۋانلىقى» دېگەن سۆز 公益 ئىشلىرىنى قىلىۋاتقانلارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى سەل قايمۇقتۇرغاندىن باشقا، بۇ ئىبارىنىڭ ئىشلىتىلىشىمۇ تازا توغرا ئەمەس، يەنە كېلىپ بۇ سۆز سەل ئۇزۇن بولۇپ، بەزىدە جۈملىنىڭ راۋان ئىپادىلىنىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
خەنزۇلار يەنە 慈善 ۋە 公益 دەپ ئايرىيدۇ، لېكىن ئۇلاردىن ئىككىسىنىڭ پەرقىنى سورىسا، كۆپىنچە خەنزۇلار قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلمەيدۇ، ھەتتا شۇ كەسپنى قىلۋاتقانلارمۇ بەزىدە بۇلارنىڭ پەرقىنى ئېنىق دەپ بېرەلمەيدۇ. ئۆزەمنىڭ توردا كۆرگەنلىرى ۋە ئەمەلىي ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمگە ئاساسلىنىپ، بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقىنى مەن مۇنداقراق چۈشەندىم:
慈善 نىڭ كېلىش مەنبەسى دىنغا مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا بەزى دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان دۆلەتلەردە بۇ سۆزنى ئانچە بەك ئىشلىتىپ كەتمەيدۇ، 慈善 ئادەتتە پۇل ياكى ماددى نەرسىلەرنى مۇھتاجلارغا بىۋاستە بېرىشنى كۆرسىتىدۇ، بۇنى ئەڭ ئىپتىدائىي ۋە نوقۇل ھالدىكى ياردەم بېرىش ۋە خەير- ساخاۋەت دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. بىر بىمارغا بىۋاستە 100 كوي ياكى 10 مىڭ كوي ياردەم قىلغاننى 慈善 (خەير- ساخاۋەت) دەپ چۈشەنسەك، بىر مۇنچە خاتىرە دەپتەر ياكى رەسىمنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىپ، شۇ پۇلغا مەلۇم بىمارنى داۋالىتىشنى ياكى بىر مۇنچە بالىنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ھەل قىلىشنى بولسا 公益 (ساخاۋەت)دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. يەنە مىسال ئالساق، بىر ئوقۇغۇچىغا بىر قۇر يېڭى كېيىم ئېلىپ بېرىشنى 慈善 دەپ چۈشەنسەك، بالىلارنى كېيىم بىلەن تەمىنلەيدىغان مەلۇم بىر ساخاۋەت ئورنىغا ئىلتىماس سۇنۇش ئارقىلىق، چەت ياقا يېزىدىكى 100 ئوقۇغۇچىغا 100 قۇر يېڭى كېيىمنى ئەكىلىپ بېرىشنى 公益 دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ. لېكىن بۇلارنىڭ تېگى بىر، يەنى ھەممىسى ساخاۋەتكە مۇناسىۋەتلىك، پەقەت ئۇلارنىڭ ياردەم بېرىش شەكلى، دائىرىسى ۋە ئۈنۈمى ئوخشىمايدۇ.
ھازىر 公益نىڭ دائىرىسى پۇل يىغىپ ئادەم قۇتقۇزۇشتىن تارتىپ ھايۋاناتلارنى قوغداش، مۇھىت ئاسراشلارغىچە بېرىپ تاقىلىپ، 慈善 نىڭ دائىرىسىدىن زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، 公益نى慈善نىڭ كېڭەيتىلمىسى ياكى راۋاجى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. تاماكا چەكمەسلىك، ئاپتوبۇس ياكى ۋەلىسپىتلىك ئىشقا بېرىش، سۇنى تىجەپ ئىشلىتىشلەرنىڭ ھەممىسى 公益 نىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ، شۇ ھەرىكەتلەرنى تەرغىپ قىلىشمۇ 公益 ھېساپلىنىدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش جامائەتكە ۋە ھەممىمىزگە پايدىلىق.
كۆرىنىپ تۇرۇپتىكى، 慈善 بىلەن 公益نىڭ كېلىش مەنبەسى ئوخشاش، 慈善نى دادىسى دېسەك، 公益نى ئۇنىڭدىن كېيىن تۇغۇلغان بالىسى دېيىشكە بولىدۇ. ھازىر بالىسىنىڭ دائىرىسى دادىسىنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى، لېكىن ئىككىلىسىنىڭ خاراكتېرى يەنىلا خەير- ساخاۋەتتىن ئىبارەت. شۇڭا مەن ماقالىلاردە 公益نى «ساخاۋەت»، 慈善 نى «خەير- ساخاۋەت» دەپ ئېلىپ كەلدىم، ھەم شۇنداق بولغاندا چۈشىنىشلىك بولىدىكەن دەپ بىلدىم.
يەنە كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ 公益 سى تېخى مۇھىت ئاسراش ۋە ھايۋاناتلارنى قوغداش دائىرىلىرىگە بېرىپ يەتمىدى، ھەممىسى ئاساسەن 慈善 بىلەن 公益نىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پائالىيەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ، بۇ سەۋەبتىنمۇ 公益نى «ساخاۋەت» دەپ ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
ئۇنىڭدىن باشقا، 公益نى يەنە ئەلنەپ، ئەلنەپچىلىك، ئەلنەپ ئىشلىرى دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەنمۇ ئالدىم.
يېقىلدا تىل- يېزىق كومىتېتى 公益نى «جامائەتچىللىق» دەپ قېلىپلاشتۇرماقچى بولۇۋېتىپتۇ. ئەلۋەتتە، قېلىپلاشتۇرغاننى پايدىلىق دېگەن تەغدىردىمۇ، بۇ خىل قېلىپلاشتۇرۇش يەنە بىر قېتىملىق قالايمىقانچىلىقنىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن.
بۇ قالايمىقانچىلىقنىڭ مەنبەسى ھەرگىزمۇ سۆزنى قېلىپلاشتۇرغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى بىر خەنزۇچە سۆزگە بىرلا ئۇيغۇرچە سۆزنى ئۇددۇل قىلىپ قويۇپ، باشقا تاللاش ئىمكانىيىتىنى قويمىغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.
مەسىلەن: 社会 دېگەن سۆزگە «جەمئىيەت»، «ئىجتىمائىي» دەپ تاللاش ئىمكانىيىتى بار، تەرجىمانلار مۇشۇ تاللاشلار ئارقىلىق ئۆز ئەسەرلىرىنى راۋان ۋە چۈشىنىشلىك تەرجىمە قىلىپ كېتەلەيدۇ. لېكىن 汽车 دېگەن سۆزگە «ئاپتوموبىل»دىن باشقا تاللاش ئىمكانىيىتى يوق، شۇڭا ئېغىز تىلىدا «ماشىنا»، يېزىق تىلىدا «ئاپتوموبىل» دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ. لېكىن ھېچكىممۇ ئېغىز تىلىدا «ئاپتوموبىل» دېمەيدۇ، ھەممىسى «ماشىنا ھەيدىدىم»، «ماشىنىغا ماي قاچىلىدىم» دەيدۇ، ئەپسۇس، تەرجىمان ۋە يازغۇچىلار «ماشىنا» دەپ يېزىشقا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، لۇغەتتىكى 汽车 دېگەن سۆزگە «ئاپتوموبىل»، «ماشىنا» دەپ تاللاش ئىمكانىيىتىنى قويسا بولغان بولسا، بارلىق مەسىلىلەر ھەل بولاتتى. تەرجىمانلارمۇ ئەھۋالغا قاراپ ئىشلىتىپ، سۆز- جۈملىلەرنىڭ راۋان ۋە چۈشىنىشلىك بولىشىغا كاپالەتلىك قىلالايتتى.
دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، 公益 سۆزىگىمۇ ئاۋام ئىشلىتىۋاتقان ۋە مۇتەخەسىسلەر بېكىتكەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى نامزات قىلىپ بەرگەندە، تەرجىمان ۋە يازغۇچىلارغىمۇ نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولاتتى. مېنىڭچە بولغاندا، 公益سۆزىگە مۇنداق نامزاتلارنى بېرىش مۇمكىن:
公益- جامائەت پاراۋانلىقى؛ ساخاۋەت؛ جامائەتچىللىق؛ ئەلنەپ؛ ئەلنەپچىلىك؛
慈善- خەيرى- ساخاۋەت؛ خەيرى- ئېھسان؛ خەيرىيەت.
公益人- جامائەتچى، ئەلنەپچى
公益广告- جامائەت ئېلانى؛ ساخاۋەت ئېلانى؛ ئەلنەپ ئېلانى؛ جامائەتچىللىق ئېلانى.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يېرى شۇكى، 慈善گە خەيرى- ساخاۋەت سۆزى، 公益 گە ساخاۋەت سۆزى نامزات قىلىپ بېرىلدى، بۇنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. ھېلىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى 公益活动 دېگەننى ساخاۋەت پائالىيىتى دەپ ئېيتىۋاتىدۇ ھەم يېزىۋاتىدۇ. تەجرىبىلەردىن شۇنىسى ئېنىقكى، ئاۋامدىن ئارىلىپ بېكىتىلگەن ئاتالغۇ ھامان مەغلۇب بولىدۇ ياكى قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەلۋەتتە، بۇنىڭ بىلەنلا ئىش تۈگىمەيدۇ. تەرجىمان ۋە يازغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاۋام خەلق بۇ نامزات سۆزلەرنى مەلۇم مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن، بۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر ياكى بىر قانچىسى ئوموملىشىدۇ ياكى ئۇتۇپ چىقىدۇ. شۇنداق بولغاندا، تىلشۇناس ئۇستازلارغا كېلەر قېتىملىق ئاتالغۇ بېكىتىش ئىشلىرى تېخىمۇ قۇلايلىق ۋە ئاسان بولىدۇ.
يۇقارقى بايانلىرىم خەير- ساخاۋەت ھەققىدىكى ماقالىلەرنى تەرجىمە قىلغان ۋە بۇ ئىشلارغا ئەمەلىي قاتناشقان مۇشۇ 5 يىل جەريانىدا، 60 نەچچەدەك ساخاۋەت ھەققىدىكى ئاتالغۇلارنى يىغىش ۋە ئۇلار ھەققىدە كۆپ ئويلىش، ئىزدىنىش ئاساسىدا بارلىققا كەلدى. تىلشۇناس ئۇستازلارنىڭ، ئىلىمدار دوستلارنىڭ ۋە كەسىپداشلارنىڭ بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىشىنى سورايمەن!
تۆۋەندىكىلەر، رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەردە 公益 سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئاۋامنىڭ ئىشلىتىشىنى كۆرۈپ باققايسىزلەر!
ھۆرمەت بىلەن:
يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى تەرجىمە- تەشۋىقات مەسئۇلى ئىسكەندەر جېلىل
2015-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى قومۇل تارانچى