دۆڭكۆۋرۈك
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان دۆڭكۆۋرۈك سودا بازىرىنىڭ تارىخىنى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ سۈرۈشتۈرشكە توغرا كېلىدۇ، ئەينى ۋاقىتتا دۆڭكۆۋرۈك جەنۇب شىمالى شىنجاڭلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سودا مەركىزى بولۇپ، بۇ ئىسىم 100 نەچچە يىللاردىن بېرى ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. دۆڭكۆۋرۈكنىڭ ئەسلى ئورنىدا بىر ئۇچى ھازىرقى ساي يولىغا تۇتىشىدىغان بىر ئۆستەڭنىڭ كۆۋرۈكى بولۇپ دۆڭكۆۋرۈك بۇ ئۆستەڭنىڭ باش تەرىپىدىن سانىغاندا ئىككىنچى كۆۋرۈك بولۇپ، باش تەرىپىدىكى كۆۋرۈكتىن ئورنى سەل تۆۋەن جايغا ئورۇنلاشقان بولغانلىقى ئۈچۈن يەرلىك كىشىلەر تەرىپىدىن دۆڭكۆۋرۈك دەپ ئاتالغان، خەنزۇچە ئاتىلىشى بولسا بۇ ئۆستەڭنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئىككىنچى يولنىڭ كۆۋرۈكى بولغاچقا 二道桥 دەپ ئاتالغان.