بوۋام ئېيىتقان ھېكمەتلەر
ماتىرىياللاردىن تەييارلىغۇچى ؛نامانجان ياسىن ئۆزھال
بوۋام ئېيىتقان ھېكمەتلەر بوۋام بىر كۈنى بىزگە تەربىيە قىلىپ شۇنداق دېدى ؛ ---ئېسىڭلاردا بولسۇنكى ،ھەرقانداق كىشى مۇنۇ 5 خىسلەتنى ئۆمۈرنىڭ سەرمايىسى ۋە يول جابدۇقى قىلسا ، قەيەرگە بارسا غەرىزى ھاسىل بولىدۇ ۋە ئۆزىگە مۇھەببەت تېپىپ ئىززەتلىك بولىدۇ ؛ ‹1› بەتقىلىقتىن يىراق بولماق ‹2› ياخشى ئىش قىلىدىغان بولماق ‹3› تۆھمەت ۋە زىيان قىلىدىغان ئىشلاردىن پەرھىز قىلماق ‹4› ياخشى خۇيلۇق بولماق ‹5› ھەممە ۋاقىتتا ئەل بىلەن ياخشى چىقىشماق ۋە ئەدەب ساقلىماق . بوۋام يەنە شۇنداق دېدى ؛ ---3 خىل كىشى ھامان ھالاك بولىدۇ ،‹1› ئۆزىنىڭ كۈچ – قۇدرىتىگە چەكسىز ئىشىنىپ كېتىدىغانلار ‹2› تائام ۋە شاراپنىڭ ئۆزىگە يېتەرلىك مىقدارىنى بىلمەيدىغانلار ‹3› ئاداۋەت ئەھلىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ ئۇلارنىڭ خۇشامەتلىرىگە ئالدانغانلار . بوۋام يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ؛ 3--- خىل كىشى مەڭگۈ غەم – ئەندىشىدىن قۇتۇلالمايدۇ ،‹1› ھەمىشە يامان ئىشنىڭ قەستىدە يۈرگەنلەر ‹2›قۇدرىتىنىڭ بارىدا ياخشى ئىش قىلمىغانلار ‹3›نادانلىق بىلەن ئويلىماي ئىش قىلىپ ئاخىرىدا ھەسرەتتە قالغان كىشلەر . بوۋام سۆزلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ نۇرلۇق ۋە ئۆتكۈر كۆزلىرىنى يىراقلارغا تىكتى .بىز بوۋامنىڭ سۆزلىرىدىكى ئۆلمەس ھەقىقەت ۋە چۇڭقۇر پاساھەتلەرگە قايىل بولۇشۇپ ، ئۆزئارا باش لىڭشىتىشتۇق . ماتىرىياللاردىن تەييارلىغۇچى ؛ نامانجان ياسىن ئۆزھال . مىلادى ؛ 2009 – يىل7 – ئاينىڭ 1 – كۈنى.