باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت مىللەت مەدىنىيەت ئىزنالىرى ئورگان شەخىسلەر شىركەتلەر سەنئەتكارلار دۆلىتىمىز قانۇنلىرى ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىز ئاتالغۇلارغا ئىزاھ شىنجاڭغا نەزەر

ئىسلام دىندىكى مەزھەپلەر

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2014-01-16 01:55:43

‹‹ئىسلام دىندىكى مەزھەپلەر›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

يېقىندىن بېرى ھەرقايسى توربەت ۋە مەتبۇئاتلاردا ئىسلام دىنىدىكى مەزھەبلەر ھەققىدە تەبىر بېرىلدى، ئەمما بۇ تەبىرلەر بىر بولسا بەك كونا مەنبەلەردىن ئېلىنغان، بىر بولسا غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ يازمىلىرىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولغاچقا ھىچقايسىسى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئىسلام مەزھەبلىرىنىڭ ئەھۋالىنى توغرا بايان قىلىپ بېرەلمىدى. تورداشلارنى بۇ ھەقتە توغرا مەلۇماتقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن مەن ئىسلامدىكى مەزھەبلەرنى ئىلمى نۇقتىدىن قايتا شەرھىلىدىم. باشقىلار تولا ئېغىزغا ئالغان بولسىمۇ ھازىر ئاللىبۇرۇن يوقالغان مۇئتەزىللەر قاتارلىق مەزھەبلەرنى تىلغا ئالماي پەقەت بۈگۈنكى دۇنيادا ئەمەلى مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئۈچ مەزھەبنىلا تونۇشتۇردۇم.

ئىسلام دىنى گەرچە مەزھەپلەرگە ئايرىلىشنى ۋە بۆلۈنۈشنى قاتتىق چەكلىگەن بولسىمۇ ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسالامدىن كېيىن تۈرلۈك مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەسىرىدە يەنىلا مەزھەپلەر پەيدا بولدى.ئىسلام دىنىدىكى مەزھەپلەر ئاساسەن خەلىپە مەسىلىسىدە تالاش تارتىش قىلىش ئارقىسىدا شەكىللىنگەن بولۇپ، ئەقىدە ئېتىقاد مەسىلىلىرىدە زىددىيەت يوق. ھازىرقى ئىسلام دۇنياسىدا بىدئەت مەزھەپلەردىن مۇرىيەھ ،مۇرتەزىل قاتارلىقلار ئاساسەن يوقالدى، ئوتتۇرا ئەسىردە تازا گۈللەنگەن سوپىۋىزىممۇ بارغانسېرى ئاجىزلىشىۋاتىدۇ. ئەلەۋى ۋە دىرۇزىدەك غەيرى مەزھەبلەرمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىماقتا. ھازىر مەۋجۇت بولغان ئاساسلىق مەزھەبلەرخاۋارىجلار، شىئەلەر ۋە سۈننىلەردىن ئىبارەت بولۇپ ،ئىسلام مەزھەپلىرىدە باشقا دىن مەزھەپلىرىدەك ئېتىقاد ياكى پەرز مەسىلىلىرىدە ئاساسەن ھىچقانداق تالاش-تارتىش يوق. مەزھەپلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلامنىڭ ئىز باسارىنى سايلاشتىكى ئىختىلاپلاردىن كېلىپ چىققان .
       1. مەزھەبلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپ پەيدا بولغىنى خاۋارىج مەزھىبىدىن ئىبارەت. (تەپسىلاتىنى ئۇلانمىدىن كۆرۈڭ)

2. شىئە مەزھىبى خاۋارىجلاردىن كېيىن پەيدا بولغان يەنە بىر مەزھەب بولۇپ نۆۋەتتە سۈننىلەردىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ مەزھەب ھىسپلىنىدۇ.

3. سۈننى مەزھەب . بۇ مەزھەب ئىسلام تارىخىدىكى بارلىق ئىمام ۋە خەلىپفىلەرنى ئېتراپ قىلىپ قۇرئان ۋە ھەدىسنى ئۆزىگە دىنى دەستۇر قىلغان بولۇپ خەلىپە، ئەقىدە ۋە پەرز ئەمەللەردە بىردەكلىككە ئىگە بولسىمۇ ئىبادەت ئۇسۇلى ۋە بەزى ئۇششاق شەرىئەتتىكى پەرقى تۈپەيلى، ھەنەفى مەزھەب(ئىمام ئەزەم مەزھىبىمۇ دىيىلىدۇ. مىسىر، تۇركىيە ۋە ياۋرۇپا مۇسۇلمانلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا، پاكىستان، ھىندىستان، بېنگال قاتارلىق جايلارغا تارقالغان). مالىكى مەزھەب (مەدىنە ئاھالىسى ۋە ئافرىقىدا كەڭ تارقالغان). شافىئى مەزھەب (سۇرىيە، ئىراق، شەرقى ئافرىقا، شەرقى جەنۇبى ئاسىيالارغا تارقالغان). ھەنبەلى مەزھەب (يەمەن ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا تارقالغان) قاتارلىق 4 شەرئى مەزھەبكە بۆلۈنگەن. بۇ تۆت مەزھەب بىر بىرىنى ئېتراپ قىلىدۇ ۋە نامازدا ئۆز-ئارا ئىقتىدا قىلىشىدۇ، ھەممىسىلا ئالتە سەھى ھەدىس توپلىمىغا رىئايە قىلىدۇ. سۈننى مەزھەب قۇرئان ھەدىسنى ئۆلچەم قىلغانلىغى،خەلىپىلەرنىمۇ ئادەتتىكى ئادەم دەپ قاراپ،ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىگى بولمايدۇ. ئارتۇقچىلىق كەمچىلىكلىرى بولىدۇ،  مۇسۇلمان بولسىلا خەلىپە، پادىشاھ بۇلۇش ئۈچۈن قانداشلىق تەلەپ قىلمايدىغانلىغى ئۈچۈن تارىختا خان – خەلىپىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كەڭ تارقالغان. دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ%80 دىن كۆپىرەگى سۈننى مەزھەپتە. سۈننى مەزھەب تەركىۋىدە يېڭىدىن پەيدا بولغان ۋەھابى مەزھىبى ئەمەلىيەتتە مەزھەبكە ئايرىشقا قارشى تۇرۇپ، قەبرە ئۇلۇغلاشنى چەكلەپ، قۇرئاننى ئۆز مەنىسى بىلەن چۇشىنىش، ھەدىسكە قاتتىق ئەمەل قىلىش، دەسلەپكى تۆت خەلىپە دەۋرىدىكى ئىسلام ئەقىدىسىگە قايتىشنى تەشەببۇس قىلىش يۈزىسىدىن 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ھەنبەلى مەزھىبىدىكى مەدىنىلىك ئىمام ئابدۇلۋەھھاب تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ بۇ ئىدىيە مۇسۇلمانلارنى ئويغىنىشقا ، بىدئەت ئەقىدىلەرنى تازىلاپ قەددىنى كۆتىرىشكە چاقىرىپ، پۈتۈنلەي تۆت خەلىپە دەۋرىدىكى ئىسلام ئەقىدىسىنى تەشەببۇس قىلغاچقا تېزلا دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىغا تارقالدى ۋە سەئۇدى، بەھرەين، قاتار ئەللىرىنىڭ پەيدا بولۇشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ بۇ دۆلەتتە ھۆكۈمرانلىق ئورۇننى ئىگەللىدى . ۋاھابىنىڭ تەۋھىدكە قايتىش ئەقىدىسىنىڭ دۇنيادا ئۇمۇملىشىشى بىلەن سۈننى مەزھەپتىكى تۆت مەزھەب ئارىسىدا مەزھەبلەر پەرقى بارغانسېرى يوقىلىشقا يۈزلەنمەكتە .

[admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 19:59:57]

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2